مۇقەددەس كىتابتىكى بىر چۈشەنچە
سىزدە ئىمان-ئېتىقادىڭىز بارمۇ؟
يەھۋانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئىمان-ئېتىقادىمىز بولۇشى كېرەك. ئەمما، مۇقەددەس كىتابتا «ھەممىلا ئادەمدە ئىمان بولمايدۇ»،— دەپ يېزىلغان (2-سالونىكا. 3:2). ئەلچى پاۋلۇس مۇشۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندا ئۇنىڭغا قارشى چىققانلارنى «رەزىل ۋە يامان» ئادەملەر دەپ ئاتىغان. لېكىن، ئەمەلىيەتتە خۇداغا ئىشەنمەيدىغانلار پەقەت قارشى چىققۇچىلارلا ئەمەس. بەزىلەر خۇدانىڭ بارچە مەۋجۇداتلارنى ياراتقانلىقى توغرىسىدىكى دەلىل-ئىسپاتلارغا كۆز يۇمۇپ، ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيدۇ (رىملىقلار 1:20). يەنە بەزىلەر خۇدانىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ، ئەمما ئۇلار ياراتقۇچىنى خۇرسەن قىلمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ھەقىقىي ئىمانلىق كىشىلەر ئەمەس.
بىز ياراتقۇچى يەھۋانىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتلىغا ۋە ئۇ ھەقىقىي ئىمانلىق كىشىلەرنى «مۇكاپاتلايدىغانلىقىغا» ئىشىنىشىمىز كېرەك (ئىبرانىي. 11:6). ئىمان مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسىدىن بىرى. بىز مۇقەددەس روھقا ئېرىشىش ئۈچۈن دۇئادا يەھۋادىن سورىشىمىز كېرەك (لۇقا 11:9، 10، 13). خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا ئېرىشىشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى — شۇ روھنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ئاستىدا يېزىلغان مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش. شۇنداق بولغاندا، ئوقۇغانلىرىمىز ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھاياتىمىزدا ئەمەلىي قوللىنىشقا تىرىشىمىز. شۇ چاغدىلا، يەھۋانىڭ روھى ھاياتىمىزغا تەسىر قىلىپ، ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقادنى يېتىلدۈرەلەيمىز ۋە ياراتقۇچىمىزنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلالايمىز.