مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

25-‏تە‌تقىق ماقالىسى

23-‏ناخشا يە‌ھۋا بىزنىڭ كۈچىمىز

يە‌ھۋانىڭ «تىرىك خۇ‌دا» ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ

يە‌ھۋانىڭ «تىرىك خۇ‌دا» ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ

‏«يە‌ھۋا تىرىك خۇ‌دا!‏»‏‏.‏—‏زە‌بۇ‌ر 18:‏46‏.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

بىز ئىبادە‌ت قىلىدىغان يە‌ھۋا «تىرىك خۇ‌دا!‏» بۇ‌نى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌ش ئارقىلىق زور بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىمىز.‏

1.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلارغا قارىماي،‏ داۋاملىق خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىشىغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىز ياشاۋاتقان بۇ زاماندا ئىنتايىن تە‌س ۋاقىتلار كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏1‏)‏.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بۇ دۇ‌نيادا ھە‌ربىر ئىنساننىڭ بېشىغا كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىپ قالماي،‏ يە‌نە باشقا قارشىلىقلار ۋە زىيانكە‌شلىكلە‌رگە ئۇ‌چرايدۇ.‏ بۇ‌نداق قىيىنچىلىقلارغا قارىماي،‏ يە‌ھۋاغا داۋاملىق ئىبادە‌ت قىلالايمىز؟‏ بۇ‌نىڭ مۇ‌ھىم بىر يولى،‏ يە‌ھۋا «تىرىك خۇ‌دا» ئىكە‌نلىكىنى ھە‌ردائىم ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌شتۇ‌ر.‏—‏يە‌رە‌م.‏ 10:‏10؛‏ 2-‏تىموت.‏ 1:‏12‏.‏

2.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانى تىرىك خۇ‌دا دە‌يمىز؟‏

2 يە‌ھۋا ھە‌قىقىي مە‌ۋجۇ‌ت شە‌خس.‏ ئۇ بىز دۇ‌چ كېلىۋاتقان بارلىق قىيىنچىلىقلارنى كۆرىدۇ ۋە بىزگە ھە‌ردائىم ياردە‌م قولىنى سۇ‌نىدۇ (‏2-‏تارىخ.‏ 16:‏9؛‏ زە‌بۇ‌ر 23:‏4‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ «تىرىك خۇ‌دا» ئىكە‌نلىكىنى ئە‌ستە تۇ‌تساق،‏ بارلىق قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرە‌لە‌يمىز.‏ پادىشاھ داۋۇ‌ت شۇ‌نداق قىلغانلىقى توغرىسىدىكى مىسالنى كۆرۈپ باقايلى.‏

3.‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ «يە‌ھۋا تىرىك خۇ‌دا!‏» دېگە‌ندە،‏ زادى نېمە دېمە‌كچى بولغان؟‏

3 داۋۇ‌ت پادىشاھ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانى تونۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نچ باغلىغان.‏ پادىشاھ سائۇ‌ل ۋە باشقىلار داۋۇ‌تنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قوغلاپ يۈرگە‌ندە،‏ داۋۇ‌ت دۇ‌ئادا يە‌ھۋادىن ياردە‌م سورىغان (‏زە‌بۇ‌ر 18:‏6‏)‏.‏ خۇ‌دا داۋۇ‌تنىڭ دۇ‌ئاسىغا جاۋاب بېرىپ،‏ ئۇ‌نى قۇ‌تقۇ‌زغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ داۋۇ‌ت يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌پ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «يە‌ھۋا تىرىك خۇ‌دا!‏» (‏زە‌بۇ‌ر 18:‏46‏)‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ نېمە دېمە‌كچى بولغان؟‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ ئۆز خىزمە‌تچىلىرىگە ھە‌ردائىم ياردە‌م قىلىدىغان مە‌ڭگۈ تىرىك خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىنى تە‌كىتلىگە‌ن.‏ دە‌رھە‌قىقە‌ت،‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ ئۆزى باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن ئىشلاردىن يە‌ھۋانىڭ «تىرىك خۇ‌دا» ياكى ھە‌قىقىي مە‌ۋجۇ‌ت شە‌خس ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن ۋە ئۇ يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشقا قە‌تئىي بە‌ل باغلاشقا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏—‏زە‌بۇ‌ر 18:‏28،‏ 29،‏ 49‏.‏

4.‏ يە‌ھۋانىڭ تىرىك خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌ش بىزنى قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتۈرىدۇ؟‏

4 يە‌ھۋا تىرىك خۇ‌دادۇ‌ر.‏ بۇ‌نىڭغا ئىشىنىش قىزغىنلىق بىلە‌ن خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بىز دۇ‌چ كېلىدىغان سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرە‌لە‌يمىز ۋە خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى چىقىرىمىز.‏ يە‌نە يە‌ھۋا خۇ‌دانى دوست تۇ‌تۇ‌شقا بە‌ل باغلايمىز.‏

تىرىك خۇ‌دا سىزنى كۈچلە‌ندۈرىدۇ

5.‏ سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ خۇ‌داغا ئىشە‌نچ باغلاشقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏13‏)‏

5 يە‌ھۋانىڭ «تىرىك خۇ‌دا» ۋە بىزگە ھە‌ردائىم ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى ئە‌ستە تۇ‌تساق،‏ چوڭ-‏كىچىك بارلىق سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرە‌لە‌يمىز.‏ ئۇ ھە‌رقانداق قىيىنچىلىقلاردا بىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ قولدىن كە‌لمە‌يدىغان ئىش يوقتۇ‌ر،‏ چۈنكى ئۇ ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌دادۇ‌ر ‏(‏فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏13-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ بىز ياراتقۇ‌چىمىزغا پۈتۈنلە‌ي ئىشە‌نچ باغلىيالايمىز.‏ يە‌ھۋانىڭ كىچىك سىناقلاردا بىزگە ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى باشتىن ئۆتكۈزگە‌ندە،‏ چوڭ سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە ھە‌م ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا قە‌تئىي ئىشە‌نچ باغلىيالايمىز.‏

6.‏ داۋۇ‌ت ياش چاغلىرىدا باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن قايسى ۋە‌قە‌لە‌ر ئۇ‌نىڭ خۇ‌داغا بولغان ئىشە‌نچىسىنى كۈچە‌يتكە‌ن؟‏

6 داۋۇ‌ت پادىشاھ باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن ئىككى ۋە‌قە ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىسىنى قانداق كۈچە‌يتكە‌نلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ياش داۋۇ‌ت پادىچىلىق قىلىپ يۈرگە‌ندە،‏ بىر قېتىم شىر،‏ يە‌نە بىر قېتىم ئېيىق ئاتىسىنىڭ پادىلىرىدىن قويلىرىنى ئېلىپ كە‌تكە‌ن.‏ ھە‌ربىر ۋە‌زىيە‌تتە داۋۇ‌ت ئۇ‌لارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ،‏ قويلارنى ئۇ‌لارنىڭ ئېغىزىدىن تارتىپ قايتۇ‌رۇ‌پ كە‌لگە‌ن.‏ بىراق،‏ داۋۇ‌ت بۇ‌نى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ قىلغانلىقىنى ئېيتمىغان.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ ئۆزىگە كۈچ بە‌رگە‌نلىكىنى چۈشە‌نگە‌ن (‏1-‏سام.‏ 17:‏34–‏37‏)‏.‏ داۋۇ‌ت بېشىدىن ئۆتكە‌ن ئىشلارنى ئە‌ستىن چىقارمىغان.‏ ئۇ شۇ‌لار ھە‌ققىدە داۋاملىق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىپ،‏ كېلە‌چە‌كتە خۇ‌دا چوقۇ‌م ئۆزىگە يار-‏يۆلە‌ك بولىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىسى كۈچە‌يگە‌ن.‏

7.‏ داۋۇ‌ت دىققىتىنى نېمىگە قاراتقان ۋە بۇ غولىياتنى يېڭىشىغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

7 بە‌لكىم،‏ داۋۇ‌ت ئىسرائىللار قوشۇ‌نىنىڭ بارگاھىنى زىيارە‌ت قىلغاندا،‏ ئۇ تېخى 20 ياشلاردا بولغان.‏ ئۇ غولىيات ئىسىملىك فىلىستىيە‌لىكلە‌رنىڭ پالۋانى ئىسرائىل قوشۇ‌نىنى ھاقارە‌تلىگە‌چ،‏ جە‌ڭچىلە‌رنىڭ بە‌ك قورقۇ‌پ كە‌تكە‌نلىكىنى كۆرگە‌ن (‏1-‏سام.‏ 17:‏10،‏ 11‏)‏.‏ ئىسرائىل جە‌ڭچىلە‌ر ئۆز دىققىتىنى جە‌ڭ مە‌يدانىدا تۇ‌رغان غولىياتنىڭ بوي بە‌ستى ۋە ھاقارە‌تلىرىگە قاراتقاچ،‏ ئۇ‌لار قورقۇ‌پ كە‌تكە‌نىدى (‏1-‏سام.‏ 17:‏24،‏ 25‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ داۋۇ‌ت مۇ‌شۇ ۋە‌زىيە‌تكە باشقىچە قارىغان.‏ داۋۇ‌ت غولىيات ئىسرائىل قوشۇ‌نىنى ھاقارە‌تلىگە‌ندە،‏ داۋۇ‌ت بۇ‌نى «تىرىك خۇ‌دا» يە‌ھۋانى ھاقارە‌تلىگە‌نلىك دە‌پ قارىغان (‏1-‏سام.‏ 17:‏26‏)‏.‏ ئۇ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلانغان.‏ قويلارنى بېقىپ يۈرگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا داۋۇ‌تقا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ داۋۇ‌ت بۇ ۋە‌زىيە‌تتە ھە‌م خۇ‌دانىڭ ئۆزىگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلغان.‏ خۇ‌دانىڭ قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشىگە ئىشە‌نگە‌چ،‏ داۋۇ‌ت غولىياتقا قارشى جە‌ڭگە چىقىپ،‏ ئۇ‌نى يە‌ڭگە‌ن.‏—‏1-‏سام.‏ 17:‏45–‏51‏.‏

8.‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى نېمە كۈچە‌يتە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

8 ئە‌گە‌ر «تىرىك خۇ‌دا» بىزگە ياردە‌م بېرىشكە تە‌ييار ئىكە‌نلىكىنى ئېسىمىزدە تۇ‌تساق،‏ بىزمۇ سىناقلارغا مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تلىك تاقابىل تۇ‌رالايمىز (‏زە‌بۇ‌ر 118:‏6‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆتمۈشتە قىلغان ئىشلىرى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانساق،‏ ئۇ‌نىڭ بىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتە‌لە‌يمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن يە‌ھۋانىڭ ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنى قانداق قۇ‌تقۇ‌زغانلىقىنى ئوقۇ‌پ بېقىڭ (‏يە‌شايا 37:‏17،‏ 33–‏37‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ jw.org تور بېكىتىدىكى خە‌ۋە‌رلە‌ردىن بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋانىڭ ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنى قانداق قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئوقۇ‌پ بېقىڭ.‏ يە‌ھۋانىڭ ھاياتىڭىزدا شە‌خسە‌ن سىزگە قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى ئېسىڭىزگە ئېلىڭ.‏ ھاياتىڭىزدا خۇ‌ددى داۋۇ‌ت ئېيىق ياكى شىر بىلە‌ن ئېلىشقاندە‌ك كىشىنى ھاياجانلاندۇ‌رىدىغان ئىشنى باشتىن ئۆتكۈزمىگە‌ن بولسىڭىز،‏ بۇ ھە‌رگىزمۇ يە‌ھۋانىڭ سىزگە ياردە‌م بە‌رمىگە‌نلىكىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ھاياتىڭىزدا يە‌ھۋانىڭ سىز ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرى نۇ‌رغۇ‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ سىزنى دوستى بولۇ‌شقا تە‌كلىپ قىلدى (‏يۇ‌ھاننا 6:‏44‏)‏.‏ پە‌قە‌ت ئۇ‌نىڭ ياردىمى بىلە‌ن،‏ بۈگۈنكى كۈنگىچە ھە‌قىقە‌ت يولىدا يۈرە‌لىدىڭىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋانىڭ دۇ‌ئالىرىڭىزغا قانداق جاۋاب بە‌رگە‌نلىكى ۋە ئېھتىياجلىرىڭىزنى ئۆز ۋاقىتىدا قانداق تە‌مىنلە‌پ كېلىۋاتقانلىقى ياكى قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە سىزنى قانداق قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌نلىكىنى ئېسىڭىزگە سېلىشى ئۈچۈن ياردە‌م سوراڭ.‏ شۇ باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن ئىشلار ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانسىڭىز،‏ يە‌ھۋانىڭ سىزگە داۋاملىق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا بولغان ئىشە‌نچىڭىز كۈچىيىدۇ.‏

بىز دۇ‌چ كە‌لگە‌ن سىناقلار —‏ كائىناتتا ئوتتۇ‌رىغا قويۇ‌لغان ئە‌ڭ مۇ‌ھىم مە‌سىلىنىڭ بىر قىسىمى (‏8،‏ 9-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏


9.‏ سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگىنىمىزدە،‏ نېمىنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 27:‏11‏)‏

9 يە‌ھۋانى «تىرىك خۇ‌دا» دە‌پ قاراش دۇ‌چ كە‌لگە‌ن سىناقلارغا توغرا كۆز قاراشتا بولۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بىز سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگىنىمىزدە،‏ دىققىتىمىزنى مۇ‌ھىم مە‌سىلىگە قاراتساق،‏ يە‌ھۋانى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌پ،‏ شە‌يتاننىڭ گۇ‌مانىغا جاۋاب بېرىمىز.‏ شە‌يتان بىزنى قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ چوقۇ‌م يە‌ھۋانى تاشلاپ كېتىدۇ دە‌پ جار سالغان (‏ئايۇ‌پ 1:‏10،‏ 11؛‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 27:‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىراق،‏ سىناقلاردا يە‌ھۋاغا ساداقە‌تمە‌نلىكىمىزنى ساقلاپ قالساق،‏ بىز ياراتقۇ‌چىمىزنى سۆيىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ،‏ شە‌يتاننىڭ بىر يالغانچى ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلايمىز.‏ بە‌لكىم،‏ سىز ھازىر ھۆكۈمە‌تنىڭ قارشىلىقىغا ياكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رگە بولغان پە‌رۋاسىزلىقىغا ياكى باشقا قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىۋاتقانسىز.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ۋە‌زىيە‌ت خۇ‌دانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌ش قىلىشىڭىز ئۈچۈن پۇ‌رسە‌ت يارىتىپ بېرىدۇ.‏ يە‌نە شۇ‌نى ئە‌ستىن چىقارماڭكى،‏ خۇ‌دا سىزنىڭ بە‌رداشلىق بېرە‌لمە‌يدىغان سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىشىڭىزگە يول قويمايدۇ (‏1-‏كورىنت.‏ 10:‏13‏)‏.‏ ئۇ چوقۇ‌م بە‌رداشلىق بېرە‌لىشىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌ت بېرىدۇ.‏

تىرىك خۇ‌دا سىزنى مۇ‌كاپاتلايدۇ

10.‏ يە‌ھۋا ئۆزىگە ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلار ئۈچۈن نېمە قىلىدۇ؟‏

10 يە‌ھۋا دائىم ئۆزىگە ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلارنى مۇ‌كاپاتلايدۇ (‏ئىبرانىي.‏ 11:‏6‏)‏.‏ ئۇ بۈگۈنكى كۈندە كۆڭلىمىزگە تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك بېرىپ قالماي،‏ كېلە‌چە‌كتە بىزگە مە‌ڭگۈلۈك ھاياتنى بېرىدۇ.‏ بىز يە‌ھۋاغا ئۈمىد باغلىيالايمىزكى،‏ ئۇ بىزنى مۇ‌كاپاتلاشقا تە‌شنا ۋە شۇ‌نداق قىلىشقا قادىر.‏ بىزنىڭ بۇ‌نىڭغا ئىشە‌نچىمىز كامىل.‏ شۇ‌ڭا،‏ خۇ‌دانىڭ ئۆتمۈشتە ياشىغان خىزمە‌تچىلىرىگە ئوخشاش،‏ بىزمۇ پۈتۈن كۈچىمىز بىلە‌ن قىزغىن ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىمىز.‏ بىرىنچى ئە‌سىردە ياشىغان تىموتىيمۇ شۇ‌نداق قىلغانىدى.‏—‏ئىبرانىي.‏ 6:‏10–‏12‏.‏

11.‏ جامائە‌تتە تىموتىينى پۈتۈن كۈچى بىلە‌ن جاپالىق خىزمە‌ت قىلىشقا نېمە دە‌ۋە‌ت قىلغان؟‏ (‏1-‏تىموتىي 4:‏10‏)‏

11 1-‏تىموتىي 4:‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ تىموتىي خۇ‌دانىڭ چوقۇ‌م ئۆزىنى مۇ‌كاپاتلايدىغانلىقىغا كۈچلۈك ئىشە‌نچ باغلىغان.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلە‌ن يە‌ھۋا ۋە باشقىلار ئۈچۈن جاپالىق خىزمە‌ت قىلغان.‏ ئۇ نېمە ئىش قىلغان؟‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئۇ‌نى ۋە‌ز خىزمىتىدە ۋە جامائە‌تتە تە‌لىم بېرىش ماھارە‌تلىرىنى ئاشۇ‌رۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئۇ‌نى ھە‌م ياشلارغا،‏ ھە‌م ياشانغانلارغا ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىشكە ئۈندىگە‌ن.‏ يە‌نە بە‌زى قىيىن ۋە‌زىپىلە‌ر تاپشۇ‌رغان،‏ يە‌نى تىموتىيغا نە‌سىھە‌ت قىلىش كېرە‌ك بولغان ئېتىقادچىلارغا ناھايىتى كە‌سكىن،‏ ئە‌مما سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن نە‌سىھە‌ت بېرىشنى تاپىلىغان (‏1-‏تىموت.‏ 4:‏11–‏16؛‏ 2-‏تىموت.‏ 4:‏1–‏5‏)‏.‏ گە‌رچە باشقىلار تىموتىينىڭ ئىشلىرىنى كۆرمىگە‌ن ياكى قە‌دىرلىمىگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ چوقۇ‌م ئۆزىنى مۇ‌كاپاتلايدىغانلىقىغا ئىشىنە‌لىگە‌ن.‏—‏رىملىقلار 2:‏6،‏ 7‏.‏

12.‏ نېمە ئۈچۈن جامائە‌تتە ئاقساقاللار پۈتۈن كۈچى بىلە‌ن جاپالىق خىزمە‌ت قىلىدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

12 بۈگۈنكى كۈندە ئاقساقاللار ئۆزلىرىنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ كۆرىدىغانلىقىغا ۋە قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلالايدۇ.‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئاقساقاللار قېرىنداشلارنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌ش،‏ تە‌لىم بېرىش ۋە ۋە‌ز قىلىشتە‌ك ۋە‌زىپىلە‌ردىن باشقا يە‌نە قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرىغا قاتنىشىدۇ ۋە تە‌بىئىي ئاپە‌تلە‌رگە ئۇ‌چرىغانلارغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ باشقا ئاقساقاللار دوختۇ‌رخانىلار بىلە‌ن ئالاقىلىشىش كومىتېتلىرىدا خىزمە‌ت قىلىدۇ ياكى كېسە‌ل ئېتىقادچىلارنى يوقلايدۇ.‏ بۇ خىزمە‌تلە‌رنى قىلىۋاتقان ئاقساقاللار جامائە‌تنىڭ مە‌لۇ‌م بىر ئىنسانغا ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا تە‌ۋە ئىكە‌نلىكىنى بىلىدۇ.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ‌لار پۈتۈن جېنى بىلە‌ن ئۆز ۋە‌زىپىلىرىنى ئورۇ‌نلايدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا مۇ‌كاپاتلايدىغانلىقىغا پۈتۈنلە‌ي ئىشىنىدۇ.‏—‏كولوسى.‏ 3:‏23،‏ 24‏.‏

جامائە‌ت ئۈچۈن قىلغان جاپالىق خىزمىتىڭىزنى تىرىك خۇ‌دا چوقۇ‌م مۇ‌كاپاتلايدۇ (‏12،‏ 13-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏


13.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىش ئۈچۈن كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقلىرىمىزغا قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىدۇ؟‏

13 گە‌رچە جامائە‌تتە ھە‌ممە ئادە‌م ئاقساقال بولالمىسىمۇ،‏ بىراق ھە‌ربىر كىشى قولىدىن كېلىشىچە يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلالايدۇ.‏ ياراتقۇ‌چىمىز بىزنىڭ ۇ‌نىڭغا چىن ژۈرە‌كتىن ىزمە‌تتە قىلغان ىشلىرىمىزنى بە‌ك قە‌دىرلە‌يدۇ.‏ گە‌رچە ئۆزىمىز خالىغاندە‌ك كۆپ ئىشلارنى قىلىش قولىمىزدىن كە‌لمىسىمۇ،‏ دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جاي-‏جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋە‌ز خىزمىتى ئۈچۈن چىن قە‌لبىمىزدىن خۇ‌شاللىق بىلە‌ن بە‌رگە‌ن ئازغىنە ئىئانە پۇ‌لىمىزنى خۇ‌دا ئىنتايىن قە‌دىرلە‌يدۇ.‏ خىجىلچانلىق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى يېڭىپ،‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن قولىمىزنى كۆتۈرۈشكە تىرىشقانلىقىمىزنى ۋە بىزنى رە‌نجىتىپ قويغان قېرىنداشنى كە‌چۈرگە‌نلىكىمىزنى كۆرگە‌ندە،‏ خۇ‌دا ئىنتايىن خۇ‌شال بولىدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ ئۆزىڭىز خالىغان كۆپ ئىشلارنى قىلىش قولىڭىزدىن كە‌لمە‌يدىغاندە‌ك ھېس قىلىدىغانسىز،‏ شۇ‌نداقتىمۇ سىز قىلالايدىغان ئىشلارنى يە‌ھۋانىڭ ناھايىتى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ.‏ ئۇ سىزنى بە‌ك ياخشى كۆرىدۇ ۋە چوقۇ‌م مۇ‌كاپاتلايدۇ.‏—‏لۇ‌قا 21:‏1–‏4‏.‏

تىرىك خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌قنى ساقلاڭ

14.‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن دوست بولۇ‌ش ساداقە‌تمە‌نلىكىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

14 ئە‌گە‌ر يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىمىز مۇ‌ستە‌ھكە‌م بولسا،‏ ئۇ‌نىڭغا ساداقە‌تمە‌نلىكىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئاسانراق بولىدۇ.‏ بۇ‌نى يۈسۈپ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ئۈلگىسىدىن كۆرە‌لە‌يمىز.‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نىڭغا ئىنتايىن غە‌مخورلۇ‌ق قىلدىغانلىقىنى بىلگە‌ن ۋە ياراتقۇ‌چىسىنىڭ كۆڭلىنى رە‌نجىتىپ قويۇ‌شنى خالىمىغان،‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌رقانداق ئە‌خلاقسىز ئىشنى قىلىشنى قە‌تئىي رە‌ت قىلغان (‏يارىت.‏ 39:‏9‏)‏.‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋە‌تنى تېخىمۇ مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ش ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىش ۋە ئۇ‌نىڭ سۆزىنى تە‌تقىق قىلىپ ئوقۇ‌ش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغان دوستلىقىمىز بارغانسېرى كۈچىيىدۇ.‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن دوست بولساق،‏ يۈسۈپكە ئوخشاش بىزمۇ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى رە‌نجىتىدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن ئۆزىمىزنى ئېلىپ قاچىمىز.‏—‏ياقۇ‌پ 4:‏8‏.‏

يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى كۈچە‌يتىش ئۇ‌نىڭغا ساداقە‌تمە‌نلىكىڭىزنى ساقلاپ قېلىشقا ياردە‌م بېرىدۇ (‏14،‏ 15-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏


15.‏ ئىسرائىللار چۆل-‏باياۋاندا يۈرگە‌ندە،‏ يۈز بە‌رگە‌ن ئىشلاردىن قانداق ساۋاقلارنى ئالساق بولىدۇ؟‏ (‏ئىبرانىيلار 3:‏12‏)‏

15 يە‌ھۋانىڭ تىرىك خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌غان كىشى خۇ‌داغا ساداقە‌تسىزلىك قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئىسرائىللار چۆل-‏باياۋاندا يۈرگە‌ندە نېمە بولغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ مە‌ۋجۇ‌تلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن بولسىمۇ،‏ لېكىن خۇ‌دانىڭ ئۇ‌لارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى تە‌مىنلە‌پ بېرىشىدىن گۇ‌مانلىنىشقا باشلىغان.‏ ئۇ‌لار ھە‌تتا:‏ «يە‌ھۋا ئارىمىزدا زادى بارمۇ-‏يوقمۇ؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىغان (‏چىق.‏ 17:‏2،‏ 7‏)‏.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ‌لار خۇ‌داغا قارشى ئىسىيان كۆتە‌رگە‌ن.‏ بىز ئاشۇ ئىسرائىللاردىن ساۋاق ئېلىپ،‏ ئۇ‌لاردە‌ك ئىتائە‌تسىزلىك قىلمايلىئ.‏—‏ئىبرانىيلار 3:‏12-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

16.‏ نېمە ئۈچۈن ئىمان-‏ئېتىقادىمىز تە‌ۋرىنىپ قېلىشى مۇ‌مكىن؟‏

16 بۇ رە‌زىل دۇ‌نيا يە‌ھۋاغا ساداقە‌تمە‌نلىكىمىزنى ساقلاپ ياشىشىمىزغا كۆپ توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىدۇ.‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر خۇ‌دانىڭ مە‌ۋجۇ‌تلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.‏ ھە‌مىشە خۇ‌دانىڭ ئۆلچە‌م-‏قائىدىلىرىگە سە‌ل قارىغان كىشىلە‌ر باياشات تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈۋاتقاندە‌ك كۆرىنىدۇ.‏ بە‌لكىم بۇ‌نى كۆرگىنىمىزدە،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىز تە‌ۋرىنىپ قالىدۇ.‏ گە‌رچە خۇ‌دانىڭ بارلىقىغا ئىشە‌نسە‌كمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ بىزگە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىدىن گۇ‌مانلىنىشقا باشلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ زە‌بۇ‌ر 73-‏بابنى يازغان كىشى دە‌ل شۇ‌نداق ھېس قىلغان.‏ ئۇ ئە‌تراپىدىكى خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نلىرىغا پە‌رۋا قىلماي يۈرگە‌نلە‌رنىڭ ھۇ‌زۇ‌ر-‏ھالاۋە‌تلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىشقا ئە‌رزىيدىغان-‏ئە‌رزىمە‌يدىغانلىقىنى سوراپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن گۇ‌مانلىنىشقا باشلىغان.‏—‏زە‌بۇ‌ر 73:‏11–‏13‏.‏

17.‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن تېخىمۇ يېقىن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌شىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

17 زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسىنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئۆزگە‌رتىشكە نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ ئۇ يە‌ھۋانى ئۇ‌نتۇ‌پ قالغان كىشىلە‌رنىڭ ئاقىۋىتى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانغان (‏زە‌بۇ‌ر 73:‏18،‏ 19،‏ 27‏)‏.‏ ئۇ يە‌نە خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىپ،‏ قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىدىغانلىقى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانغان (‏زە‌بۇ‌ر 73:‏24‏)‏.‏ بىزمۇ يە‌ھۋانىڭ بىزگە بە‌رگە‌ن بە‌رىكە‌تلىرى ھە‌ققىدە ئويلانساق بولىدۇ.‏ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلمىغان بولساق،‏ ھاياتىمىز قانداق بولىدىغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرە‌يلى.‏ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشنىڭ پايدىسىنى ئۇ‌نتۇ‌مىساق،‏ بۇ ئۇ‌نىڭغا ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاپ قېلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىزمۇ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسىغا ئوخشاش مۇ‌نۇ سۆزلە‌رنى قىلالايمىز:‏ «مە‌ن ئۈچۈن خۇ‌داغا يېقىنلىشىش ياخشىدۇ‌ر!‏»—‏زە‌بۇ‌ر 73:‏28‏.‏

18.‏ نېمە ئۈچۈن كېلە‌چە‌ككە ئىشە‌نچ بىلە‌ن يۈزلىنە‌لە‌يمىز؟‏

18 بۇ ئاخىر زامان مە‌زگىلىدە،‏ مە‌يلى قانداق سىناقلارغا دۇ‌چ كېلە‌يلى،‏ بىز ئۇ‌لارغا بە‌رداشلىق بېرە‌لە‌يمىز.‏ چۈنكى،‏ بىز «تىرىك ۋە ھە‌ق خۇ‌دانىڭ قۇ‌لى» (‏1-‏سالونىكا.‏ 1:‏9‏)‏.‏ ئۇ بىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىپ ھە‌ردائىم ياردە‌م قىلىشقا تە‌ييار.‏ ئۇ ئۆتمۈشتە ياشىغان خىزمە‌تچىلىرىگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلغان ۋە بۈگۈنكى كۈندە ھە‌م داۋاملىق بىز بىلە‌ن بىللىدۇ‌ر.‏ پات-‏يېقىندا ئىلگىرىكى ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تكە دۇ‌چ كېلىمىز.‏ بىراق،‏بىز ھە‌رگىزمۇ يالغۇ‌ز قالمايمىز،‏چۈنكى يە‌ھۋا بىز بىلە‌ن بىللە بولىدۇ (‏يە‌شايا 41:‏10‏)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىز بىلە‌ن بىللە بولىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌ممىمىز جاسارە‌تكە تولۇ‌پ:‏ «يە‌ھۋا مېنىڭ ياردە‌مچىمدۇ‌ر،‏ مە‌ن قورقمايمە‌ن»،‏—‏ دە‌يلى.‏—‏ئىبرانىي.‏ 13:‏5،‏ 6‏.‏

152-‏ناخشا كۈچىمىز،‏ ئۈمىدىمىز ۋە يار-‏يۆلىگىمىز