تەرجىمىھال
يەھۋا دۇئالىرىمغا قۇلاق سالدى
ئون ياش ۋاقتىمدا، بىر كۈنى كېچىدە ئاسماندا چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا قاراپ، ئىختىيارسىزلا يەرگە تىزلىنىپ دۇئا قىلىشقا باشلىدىم. شۇ چاغدا، ئەمدىلا يەھۋا توغرىسىدا ئۆگەنگەن ئىدىم، شۇنداقتىمۇ دۇئادا ئىچ-باغرىمنى تۆكۈپ، ئۇنىڭغا غەم-ئەندىشىلىرىمنى ئېيتتىم. بۇ دۇئا «دۇئانى ئاڭلىغۇچى» يەھۋا بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ باشلىنىشى بولغانىدى (زەبۇر 65:2). ھازىر نېمە ئۈچۈن ئەمدىلا تونۇغان خۇداغا دۇئا قىلغانلىقىمنى ئېيتىپ بېرەي.
ھاياتىمنى ئۆزگەرتكەن ۋەقە
مەن 1929-يىلى 22-دېكابىر كۈنى نوۋېل دېگەن كىچىك يېزىدا تۇغۇلغان. بۇ يېزا بېلگىيىنىڭ ئاردېننىس رايونىدىكى باستونغا يېقىن جايلاشقان. شۇ يېزىدا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاتا-ئانام بىلەن بالىلىق چاغلىرىم خۇشال-خۇرام ئۆتكەنىدى. ئىنىم رېيموند ئىككىمىز ھەر كۈنى كالىلارنى ساغاتتۇق ۋە ھوسۇل يىغىشقا ياردەم بېرەتتۇق. كىچىك يېزىمىزدا كۆپچىلىك بىرى-بىرى بىلەن ئىجىل-ئىناق ئۆتەتتى ۋە دائىم ئۆزئارا ياردەم بېرەتتى.
ئاتا-ئانام ئەمىل بىلەن ئېيلىس دىندار كاتولىكلار ئىدى. ئۇلار ھەر يەكشەنبە كۈنى چېركاۋغا باراتتى. تەخمىنەن 1939-يىلى، يېزىمىزغا ئەنگىلىيەدىن كەلگەن پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار دادامغا «تەسەللى» (ھازىر «ئويغىنىش!») دەپ ئاتالغان ژۇرنالغا مۇشتىرى بولۇشنى تەۋسىيە قىلغان. دادام شۇ ژۇرنالدا يېزىلغانلارنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى دەررۇ چۈشىنىپ يېتىپ، ئۆزى مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشقا باشلىغان. چېركاۋغا بېرىشنى توختاتقاندا، بۇرۇن دوستانە مۇئامىلە قىلغان خولۇم-قوشنىلىرىمىز ئۇنىڭغا كۈچلۈك قارشىلىق قىلىشقا باشلىغانىدى. ئۇلار ئۇنى كاتولىك بولۇپ قېلىشقا مەجبۇرلاپ، ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن قېتىم كەسكىن بەس-مۇنازىرە ۋە تالاش-تارتىشلارنى قىلىشقان.
دادامنىڭ شۇنداق ئېغىر بېسىم ئاستىدا بولغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈم بەك يېرىم بولغان. مۇشۇ ماقالىنىڭ بېشىدا ئېيتىلغاندەك، مەن خۇدادىن دادامغا ياردەم بېرىشنى سوراپ، ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلدىم. كېيىنچە، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى قوشنىلار قارشىلىق قىلىشنى توختاتتى، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. مەن يەھۋانىڭ ھەقىقەتەن «دۇئانى ئاڭلىغۇچى» خۇدا ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم.
ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ھايات
ناتسىست گېرمانىيە قوشۇنى 1940-يىلى 10-مايدا بېلگىيىگە تاجاۋۇز قىلغاچ، پۇقرالارنىڭ كۆپىنچىسى دۆلەتنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشتى. بىزنىڭ ئائىلىمىز فرانسىيەنىڭ جەنۇبىغا قاچتۇق. سەپىرىمىز ئىنتايىن خەتەرلىك بولدى، چۈنكى بەزىدە گېرمانىيە قوشۇنى بىلەن فرانسىيە قوشۇنى جەڭ قىلىۋاتقان خەتەرلىك ئۇرۇش رايونىغا كىرىپ قالاتتۇق.
بىز يېزىمىزغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مال-مۈلكىلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى بۇلاپ كېتىلگەنلىكىنى بايقىدۇق. پەقەت بوببى
ئىسىملىك ئىتىمىز بىزنى قارشى ئالدى. بۇنداق ئىشلارنىڭ كەچۈرمىشلەر: «نېمە ئۈچۈن ئۇرۇش ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ» دېگەن سوئال ئۈستىدە ئويلاندۇردى.شۇ مەزگىلدە، ئەمىل شرانتېز a ئىسىملىك پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلدىغان ئاقساقال بىزنى يوقلاپ كېلىپ، بىزنى كۆپ ئىلھاملاندۇرۇپ تۇردى. ئۇ مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلىنىپ، نېمە ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەتلەر يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بەردى. ئۇ يەنە ھاياتلىق توغرىسىدىكى باشقا سوئاللىرىمغا جاۋاب بەردى. مېنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىم تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئۇنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببەتكە تولغان خۇدا ئىكەنلىكىگە ئىشەندىم.
ئۇرۇش ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى ئائىلىمىز ئېتىقادداشلار بىلەن دائىم ئالاقىدە بولۇپ ئارىلىشىپ يۈردۇق. 1943-يىلى ئاۋغۇستتا جوسى نىكولاس مىنېت ئىسىملىك بۇرادەر يېزىمىزغا كېلىپ، نۇتۇق ئېيتتى. ئۇ تىڭشىغۇچىلاردىن: «كىم سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى خالايدۇ؟»،— دەپ سورىدى. دادام ئىككىمىز قولىمىزنى كۆتەردۇق. شۇنىڭ بىلەن، بىز يېزىمىزغا يېقىن بىر دەريادا سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتۇق.
1944-يىلى دېكابىردا، گېرمانىيە قوشۇنى غەربىي ياۋروپادا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئاردېن دەپ ئاتالغان ئاخىرقى چوڭ بىر ھۇجۇمنى باشلىدى. بىز جەڭ بولغان جايدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە ياشايتتۇق ۋە تەخمىنەن بىر ئاي يەر ئاستى گەمىدە مۆكۈنۈپ تۇدۇق. بىر كۈنى مال-مارۋىلارغا يەم بېرىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىشىمغا، زەمبىرەك ئوقلىرى دېھقانچىلىق مەيدانىغا چۈشۈپ، پارتىلاپ ئامبارنىڭ ئۆگزىسىنى ئۇچۇرتىۋەتتى. يېقىن ئېغىلدا تۇرغان بىر ئامېرىكىلىق جەڭچى ماڭا: «يەرگە يات»،— دەپ ۋارقىرىدى. مەن يۈگرەپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ياتتىم، ئۇ مېنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بېشىدىكى قالپاقنى ماڭا كىيدۈردى.
روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىش
ئۇرۇش ئاياقلاشقاندىن كېيىن، بىز دائىم لېژ دېگەن بىر جامائەت بىلەن باردى-كەلدى قىلىپ يۈردۇق. بۇ جامائەت شىمالدا، يەنى يېزىمىزدىن 90 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقانىدى. ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي، باستوندا كىچىك بىر گۇرۇپپا قۇردۇق. مەن باج-سېلىق يىغىدىغان ئىدارىدە ئىش تاپتىم. شۇ يەردە قانۇنلارنى ئۆگىنىش پۇرسىتىم بولدى. كېيىنرەك، يەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلدىم. 1951-يىلى بىز باستوندا كىچىك بىر رايونلۇق چوڭ يىغىلىش ئۆتكۈزدۇق. بۇ يىغىلىشقا تەخمىنەن 100 ئادەم قاتناشتى. ئېيلى رويتېر ئىسىملىك ياش پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بۇ چوڭ يىغىلىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن ۋېلىسىپىتتا 50 كىلومېتىر يول يۈرگەنىدى. كېيىنرەك، بىز بىر-بىرىمىزنى ياقتۇرۇپ قالدۇق ۋە توي قىلىشقا
ۋەدىلەشتتۇق. شۇ چاغدا، ئېيلى ئامېرىكىدىكى گىلىئاد مەكتىپىدە ئوقۇشقا تەكلىپ قىلىندى. ئۇ باش ئىدارىدىكى بۇرادەرلەرگە خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ نېمىشقا تەكلىپىنى رەت قىلماقچى بولغانلىقىنى چۈشەندۈردى. شۇ مەزگىلدە يەھۋانىڭ خەلقى ئارىسىدا يېتەكچىلىك قىلغان نېيتان نورر ئىسىملىك بۇرادەر جاۋاب خەت يېزىپ قايتۇردى، خەتتە بەلكىم بىر كۈنى ئۇ يولدىشى بىلەن بىرلىكتە گىلىئاد مەكتىپىدە ئوقۇپ قالار دېگەن يېقىملىق سۆزلەر يېزىلغانىدى. بىز 1953-يىلى فېۋرالدا توي قىلدۇق.شۇ يىلى ئېيلى ئىككىمىز نيۇ-يورك شەھىرىنىڭ يانكى تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن «يېڭى دۇنيا جەمئىيىتى» دەپ ئاتالغان چوڭ يىغىلىشقا قاتناشتۇق. شۇ يەردە، مەن بىر بۇرادەرنى ئۇچراتتىم. ئۇ ماڭا ياخشى بىر ئىشنى تونۇشتۇردى ۋە مېنى ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېلىشكە ئىلھاملاندۇردى. ئېيلى ئىككىمىز بۇ توغرۇلۇق يەھۋا خۇداغا دۇئا قىلىپ، ئۇ بۇرادەرنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىشنى قارار قىلدۇق ۋە باستوندىكى ئون نەچچە كىشىلىك كىچىك گۇرۇپپىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن بېلگىيىگە قايتىشنى قارار قىلدۇق. كېيىنكى يىلى ئوغلىمىز سېرج تۇغۇلدى. ئېچىنارلىقى، يەتتە ئايدىن كېيىن سۆيۈملۈك ئوغلىمىز قاتتىق ئاغرىپ، ئۆلۈپ كەتتى. بىز قايغۇ-ھەسرەتلىرىمىزنى ئېيتىپ يەھۋاغا دۇئا قىلدۇق ۋە تىرىلىشكە بولغان ئۈمىد ئىمانىمىزنى كۈچەيتىپ، كۆڭلىمىز تەسەللى تاپتى.
تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت
1961-يىلى ئۆكتەبىردە، مەن پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشىمغا قولايلىق بىر ئىشنى تاپتىم. دەل شۇ كۈنى، بېلگىيەدىكى يەرلىك بەيتەلدىن بىر بۇرادەر ماڭا تېلېفون قىلدى. ئۇ مېنىڭدىن: «سىز رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ، خىزمەت قىلىشقا تەييارمۇسىز؟— دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭدىن: ‹مۇشۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىشتىن ئاۋۋال، بىر مەزگىل پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلساق بولامدۇ؟›— دەپ سورىدىم». بەيتەل ماقۇل بولدى. 8 ئاي پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، 1962-يىلى بىز جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىشنى باشلىدۇق.
ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، بىزنى بېريۇسسېل شەھىرىدىكى بەيتەلدە خىزمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. 1964-يىلى ئۆكتەبىردە بەيتەلدە خىزمەت قىلىشنى باشلىدۇق. مۇشۇ يېڭى ۋەزىپە ئارقىلىق نۇرغۇن بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۇق. 1965-يىلى بۇرادەر نورر بەيتىلىمىزنى زىيارەت قىلىپ كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي، بەيتەل خىزمەتچىسى بولۇپ تەيىنلەندىم. بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران قالدىم. ئارقىدىنلا، ئېيلى ئىككىمىزنى گىلىئاد مەكتىپىنىڭ 41-قارارلىق سىنىپىغا ئوقۇشقا تەكلىپ قىلدى. بۇرادەر نوررنىڭ 13 يىل ئىلگىرى ئېيتقان سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشتى. ئوقۇش تاماملىغاندىن كېيىن، بىز بېلگىيەدىكى بەيتەلگە قايتىپ كەلدۇق.
قانۇنىي ھوقۇقلىرىمىزنى قوغداش
نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان، ئۆگەنگەن قانۇن بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ، ياۋرۇپا ۋە باشقا دۆلەتلەردە يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىبادەت قىلىش ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا ياردەم بېرىش شان-شەرىپىگە ئىگە بولغانلىقىمدىن خۇشالمەن (فىلىپى. 1:7). بۇ قانۇنىي ھوقۇقنى قوغداش خىزمىتىنى قىلىش جەريانىدا، ئىش-پائالىيىتىمىز چەكلەنگەن ياكى مەنئىي قىلىنغان 55 دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن تونۇشتۇم. ئۇلارغا ئۆزۈمنى تونۇشتۇرغاندا، قانۇن ساھەسىدە تەجرىبەم بارلىقىنى ئېيتىشنىڭ ئورنىغا، ئۆزۈمنى خۇدانىڭ خىزمەتچىسى دەيتتىم. مەن مۇقەددەس كىتابتىكى: «پادىشاھنىڭ كۆڭلى خۇددى يەھۋانىڭ قولىدىكى ئېقىن سۇغا ئوخشاشتۇر، ئۇ ئۆزى خالىغان تەرەپكە ئۇنى باشلار» دېگەن سۆزلەرنى ئېتىراپ قىلاتتىم ۋە دائىم خۇداغا دۇئا قىلىپ، يول-يورۇق سورايتتىم.—پەند. نە 21:1.
رىملىقلار 13:4-ئايەتنى كۆرسەتتىم. ئۇ بىر خرىستىئان بولغاچقا، مۇقەددەس كىتابتىكى بۇ ئايەت ئۇنى جەلپ قىلدى. نەتىجىدە، يېرىم سائەت ياخشى سۆھبەتلەشتۇق. ھەتتا ئۇ يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئىش-پائالىيىتىنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ياۋرۇپا پارلامېنتى ئەزاسى بىلەن بولغان بىر سۆھبەت ماڭا ئالاھىدە تەسىرات قالدۇردى. ئىلگىرى نۇرغۇن قېتىم ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان ئىدىم، ئاخىرى كۆرۈشۈشكە ماقۇل بولدى. ئۇ ماڭا: «بەش مىنۇتلا ۋاقتىم بار، ئارتۇق ۋاقتىم يوق»،— دېدى. مەن بېشىمنى ئېگىپ، دۇئا قىلىشقا باشلىدىم. ئۇ تېرىكىپ، مېنىڭدىن: «نېمە قىلىۋاتىسىز؟»— دەپ سورىدى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا: «خۇداغا شۈكرى، چۈنكى سىز ئۇنىڭ خىزمەتچىسى»،— دېدىم. ئۇ مېنىڭدىن: «نېمە دېمەكچىسىز؟»— دەپ سورىدى. مەننۇرغۇن يىللاردىن بېرى، ياۋرۇپادا يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىتەرەپلىكنى ساقلاش، بالا بېقىش، باج-سېلىق ۋە باشقا ئىشلاردا دەۋالىشىپ، سوت مەھكىملىرىگە نۇرغۇن قېتىم ئەرز سۇنۇپ كەلمەكتە. شۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپلىگەن دەۋا ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە دەۋالاردا يېڭىشقا يەھۋانىڭ ياردەم قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈش مەن ئۈچۈن چوڭ شان-شەرەپ بولدى. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ياۋرۇپا كىشىلىك ھوقۇق سوتىدا 140تىن ئارتۇق دەۋا ئىشىدا غەلىبە قازاندى.
كۇبادا تېخىمۇ كۆپرەك دىنىي ئەركىنلىككە ئېرىشتۇق
1990-يىللىرىدا، كۇبادا ئىش-پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنغاچ، شۇ يەردىكى ئېتىقادداشلىرىمنىڭ يەھۋاغا تېخىمۇ ئەركىن-ئازادە ئىبادەت قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بىز ئۈچ بۇرادەر بىرلىكتە خىزمەت قىلدۇق. ئۇلاردىن بىرى باش ئىدارىدە خىزمەت قىلغان فىلىپ براملى، يەنە بىرى ئىتالىيەدىن ۋولتېر فارنېتى ئىدى. مەن بېلگىيەدىكى كۇبا ئەلچىخانىسىغا ئىلتىماس يازدىم. كېيىن، ئىلتىماسقا قاراپ چىقىشقا تەيىنلەنگەن بىر ئەمەلدار بىلەن كۆرۈشتۈم. دەسلەپكى بىرقانچە قېتىملىق كۆرۈشىشلەردە كۇبادىكى ئىش-پائالىيىتىمىزنىڭ مەنئىي قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان چۈشەنمەسلىكلەرنى ھەل قىلالمىدۇق.
دۇئادا يەھۋادىن يېتەكچىلىك سوراپ، كۇبا ھۆكۈمىتىدىن بۇ دۆلەتكە 5000 پارچە مۇقەددەس كىتابنى ئەۋەتىشىمىزگە رۇخسەت بېرىشنى سورىدۇق. نەتىجىدە، مۇقەددەس كىتابلار كۇبادىكى ئېتىقادداشلىرىمىزنىڭ قولىغا يېتىپ باردى. بۇنىڭدىن، خۇدانىڭ تىرىشچانلىقلىرىمىزنى بەرىكەتلىگەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتۇق. كېيىن، يەنە 27 500 پارچە مۇقەددەس كىتابنى ئەۋەتىش ئۈچۈن رۇخسەت سورىدۇق. بۇنىڭغىمۇ رۇخسەت بېرىلدى. مەن كۇبادىكى قەدىرلىك ئېتىقادداشلارنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي مۇقەددەس كىتابى بولۇشىغا ياردەم بېرەلىگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.
مەن كۇبادىكى ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئەركىن بولۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كۇباغا نۇرغۇن قېتىم باردىم. بۇ مەزگىلدە نۇرغۇن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتتىم.
رۋاندادىكى ئېتىقادداشلارغا ياردەم بېرىش
1994-يىلى رۋاندا دۆلىتىدە يۈز بەرگەن قانلىق ئىرقى
قىرغىنچىلىقتا 1 000 000 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلتۈرۈلگەنىدى. ئېچىنىشلىق بىر يېرى، بەزى ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئۆلتۈرۈلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، بىر توپ بۇرادەرلەر ئېتىقادداشلىرىمىزغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى يەتكۈزۈشكە تەيىنلەنگەنىدى.بىز بىرقانچە بۇرادەرلەر پايتەخت شەھەر كىگالىغا كەلگەندە، تەرجىمە ئىشخانىسى ۋە نەشىر ماتېرىياللىرىمىز ئوققا تۇتۇلۇپ، ئۆتمە تۆشۈك قىلىنغانلىقىنى كۆردۇق. ئېتىقادداشلىرىمىزنىڭ يوغان پىچاقلار چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرۇلۇق نۇرغۇن ئېچىنىشلىق بايانلارنى ئاڭلىدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر-بىرىگە ھەقىقىي سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسەتكەن ئېتىقادداشلىرىمىز ھەققىدە ئاڭلىدۇق. مەسىلەن، تۇتسى قەبىلىسىدىن بولغان بىر بۇرادەرنى ئۇچراتتۇق. ئۇ 28 كۈن يەر ئاستىغا يوشۇرۇنۇۋالغان بولۇپ، خۇتۇ قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئائىلە يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئۇنى ھىمايە قىلغان. كىگالى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىلىشتا، 900دىن كۆپرەك ئېتىقادداشلار بىلەن كۆرۈشتۇق. پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئۇلارغا ئىلھام-مەدەت ۋە تەسەللى بېرىشكە تىرىشتۇق.
بىز گوما دېگەن شەھەرگە يېقىن جايلاشقان مۇساپىر لاگېرىغا قېچىپ كەتكەن رۋاندالىق يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنى تېپىش ئۈچۈن زايىر دۆلىتى (ھازىر كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتىلىدۇ) چېگرىسىدىن ئۆتۈپ كەتتۇق. بىز ئۇلارنى تاپالمىدۇق، شۇڭا، ئۇلارنى تېپىش ئۈچۈن يەھۋادىن يول-يورۇق سوراپ دۇئا قىلدۇق. ئاندىن، بىرىنىڭ بىزگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، ئۇنىڭدىن بىرەر يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنى تونۇيدىغان-تونۇمايدىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ: «ئەلۋەتتە، مەن يەھۋا گۇۋاھچىسى»،— دەپ جاۋاب بەردى. «سىلەرنى تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش كومىتېتى بىلەن كۆرۈشۈشكە باشلاپ باراي. مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشالمەن»،— دېدى ئۇ. بىز بۇ كومىتېتتىكى بۇرادەرلەر بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، تەخمىنەن 1600 مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن قېرىنداشلارنى كۆرۈپ، ئۇلارغا تەسەللى ۋە ئىلھام-مەدەت بەردۇق. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلارغا يېتەكچى كېڭەش ئەۋەتكەن خەتنى ئوقۇپ بەردۇق. بۇ خەتتىكى: «بىز دائىم سىلەر توغرۇلۇق دۇئا قىلىمىز ۋە يەھۋانىڭ سىلەرنى ھېچقاچان تاشلاپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلىمىز»،— دېگەن سۆزلەر ئېتىقادداشلىرىمىزنىڭ قەلبىگە قاتتىق تەسىر قىلدى. يېتەكچى كېڭەشنىڭ سۆزلىرى راست، يەھۋا ئۇلارنى تاشلىمىدى! بۈگۈنكى كۈندە، رۋاندادا 30 000دىن كۆپرەك يەھۋا گۇۋاھچىسى خۇشاللىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ قېلىشقا بەل باغلاش
توي قىلىپ 58 يىلدىن كېيىن، 2011-يىلى سۆيۈملۈك ئايالىم ئېيلى ئۆلۈپ كەتتى. قەلبىمدىكى قايغۇ-ھەسرەتلىرىمنى يەھۋاغا ئېيتىپ دۇئا قىلغىنىمدا، ئۇ ماڭا تەسەللى بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا، خولۇم-قوشنىلىرىمغا پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى ۋەز قىلىش ماڭا كۈچ-قۇۋۋەت بەردى.
مەن 90 ياشتىن ئاشقان بولساممۇ، ھەر ھەپتە ۋەز خىزمىتىگە قاتنىشىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بېلگىيەدىكى بەيتەلنىڭ قانۇن بۆلۈمىگە ياردەم بېرىش، تەجرىبىلىرىمنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش ۋە بەيتەلدىكى ياشلارغا ئىلھام-مەدەت بېرىش ماڭا زور خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ.
تەخمىنەن 84 يىل بۇرۇن، يەھۋاغا بىرىنچى قېتىم دۇئا قىلغان ئىدىم. بۇ دۇئا يەھۋا خۇدا بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ باشلىنىشى بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن، داۋاملىق يەھۋا خۇداغا تېخىمۇ يېقىنلاشتىم. بىر ئۆمۈر يەھۋانىڭ دۇئالىرىمغا قۇلاق سېلىپ كەلگەنلىكىگە ئىنتايىن مىننەتدارمەن.—زەبۇر 66:19 b.