مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

26-‏تە‌تقىق ماقالىسى

49-‏ناخشا يە‌ھۋا بىزنىڭ پاناھگاھىمىز

يە‌ھۋا قورام تېشىڭىز بولسۇ‌ن!‏

يە‌ھۋا قورام تېشىڭىز بولسۇ‌ن!‏

‏«خۇ‌دايىمزدە‌ك مە‌زمۇ‌ت قورام تاش يوقتۇ‌ر»‏‏.‏—‏1-‏سام.‏ 2:‏2‏.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا قورام تاش دە‌پ ئاتالغانلىقىنى ۋە ئۇ‌نىڭ قورام تاش كە‌بى ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرىنى قانداق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىش.‏

1.‏ زە‌بۇ‌ر 18:‏46-‏ئايە‌تتە يېزىلغاندە‌ك،‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ يە‌ھۋا خۇ‌دانى نېمىگە ئوخشاتقان؟‏

 بۇ دۇ‌نيادا بە‌زىدە تۇ‌يۇ‌قسىز دۇ‌چ كە‌لگە‌ن قىيىنچىلىقلار تۇ‌رمۇ‌شىمىزنى ئاستىن-‏ئۈستىن قىلىپ،‏ ھاياتىمىزنى پۈتۈنلە‌ي ئۆزگە‌رتىۋېتە‌لە‌يدۇ.‏ ئە‌مما،‏ بىز يە‌ھۋا خۇ‌دادىن ياردە‌م سورىيالايمىز ۋە بۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئۇ‌نىڭغا ئىنتايىن مىننە‌تدارمىز!‏ ئالدىنقى ماقالىدە،‏ يە‌ھۋانىڭ «تىرىك خۇ‌دا» ئىكە‌نلىكىنى ۋە ئۇ بىزگە ياردە‌م قىلىشقا ھە‌ردائىم تە‌ييار تۇ‌رىدىغانلىقىنى ئۆگە‌ندۇ‌ق.‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمىگە ئېرىشكە‌ندە،‏ بىزمۇ ئىشە‌نچ بىلە‌ن داۋۇ‌تقا ئوخشاش مۇ‌نداق دە‌يمىز:‏ «يە‌ھۋا تىرىك خۇ‌دا!‏» ‏(‏زە‌بۇ‌ر 18:‏46-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ بۇ سۆزلە‌رنى قىلىپ،‏ ئارقىدىنلا يە‌ھۋانى «قورام تېشىم» دە‌پ ئاتىغان.‏ داۋۇ‌ت نېمە ئۈچۈن تىرىك خۇ‌دا يە‌ھۋانى جانسىز تاشقا ئوخشاتقان؟‏

2.‏ پادىشاھ داۋۇ‌ت يە‌ھۋانى «قورام تېشىم‏» دە‌پ ئاتىغان،‏ بىز بۇ سۆزلە‌ردىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنىمىز؟‏

2 بۇ ماقالىدە،‏ يە‌ھۋا نېمە ئۈچۈن قورام تاش دە‌پ ئاتالغان ۋە بۇ ئوخشىتىشتىن خۇ‌دا ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانى بىزنىڭ قورام تېشىمىز دە‌پ ئىشە‌نچ باغلاش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ ئاخىرىدا،‏ يە‌ھۋانىڭ قۇ‌رام تاش كە‌بى پە‌زىلە‌تلىرىنى قانداق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا قورام تاش دە‌پ ئاتالغان؟‏

3.‏ نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا دائىم «قورام تاش» دېگە‌ن سۆز ئىشلىتىلگە‌ن؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

3 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌ھۋا «قۇ‌رام تاش» دە‌پ تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ بۇ ئوخشىتىش ئۇ‌نىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ گۈزە‌ل پە‌زىلە‌تلىرىنى مە‌دھىيىلىگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ خىزمە‌تچىلىرى نۇ‌رغۇ‌ن قېتىم ئۇ‌نى «قورام تاش» دە‌پ تە‌سۋىرلىگە‌ن.‏ تە‌كرار قانۇ‌ن 32:‏4-‏ئايە‌تتە‏،‏ بىرىنچى قېتىم «قورام تاش» دە‌پ تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ھاننا ئىسىملىك ئايال دۇ‌ئادا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «خۇ‌دايىمىزدە‌ك مە‌زمۇ‌ت قورام تاش يوقتۇ‌ر» (‏1-‏سام.‏ 2:‏2‏)‏.‏ ھاباققۇ‌ق پە‌يغە‌مبە‌ر يە‌ھۋانى «قورام تېشىم» دە‌پ ئاتىغان (‏ھاباق.‏ 1:‏12‏)‏.‏ زە‌بۇ‌ر 73-‏بابنىڭ يازغۇ‌چىسى خۇ‌دانى «قە‌لبىمدىكى قۇ‌رام تېشىم» دېگە‌ن (‏زە‌بۇ‌ر 73:‏26‏)‏.‏ ھە‌تتا يە‌ھۋا ئۆز-‏ئۆزىنى قورام تاش دە‌پ ئاتىغان (‏يە‌شايا 44:‏8‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ھازىر يە‌ھۋانىڭ قورام تاش كە‌بى قايسى ئۈچ پە‌زىلىتى بارلىقى ۋە ئۇ‌نى «قورام تېشىمىز‏» دە‌پ ئىشە‌نچ باغلاش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقايلى.‏—‏تە‌كرار.‏ قا 32:‏31‏.‏

خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى يە‌ھۋانى بىخە‌تە‌ر قورام تاش دە‌پ قارايدۇ (‏3-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


4.‏ يە‌ھۋا پاناھگاھتۇ‌ر دېگە‌ن ئىبارە نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 94:‏22‏)‏

4 يە‌ھۋا پاناھگاھتۇ‌ر.‏ خە‌تە‌رلىك بوران-‏چاپقۇ‌ندا يوغان قورام تاش بىر كىشى ئۈچۈن پاناھلىنىدىغان جاي بولغاندە‌ك،‏ ھاياتىمىزدا قىيىنچىلىقلار دۇ‌چ كە‌لگە‌ن چاغلاردا يە‌ھۋا خۇ‌دامۇ بىز ئۈچۈن پاناھگاھ بولىدۇ ‏(‏زە‌بۇ‌ر 94:‏22-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ بىزنىڭ ئۆزى بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌قىمىزنى قوغدايدۇ ۋە ھېچقانداق نە‌رسىنىڭ بىزگە مە‌ڭگۈ زىيان يە‌تكۈزۈشىگە يول قويمايدۇ.‏ يە‌نە شۇ‌نداق ۋە‌دە قىلىدۇ‌كى،‏ كېلە‌چە‌كتە ئۇ بىزنى غە‌م-‏تە‌شۋىشلە‌ر ۋە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە سېلىۋاتقان بارچە يامانلىقلارنى يىلتىزىدىن قومۇ‌رۇ‌پ تاشلايدۇ.‏—‏ھە‌زە‌ك.‏ 34:‏25،‏ 26‏.‏

5.‏ يە‌ھۋا قورام تېشىمىز بولۇ‌شى ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

5 يە‌ھۋانى قورام تاش كە‌بى پاناھگاھىمىز قىلىشنىڭ بىر يولى —‏ ئۇ‌نىڭغا دۇ‌ئا قىلىش.‏ دۇ‌ئا قىلغاندىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا بىزگە قە‌لبىمىزنى ۋە ئوي-‏پىكرىمىزنى قوغدايدىغان تىنچلىقنى بېرىدۇ (‏فىلىپى.‏ 4:‏6،‏ 7‏)‏.‏ ھازىر ئارتيوم ئىسىملىك بۇ‌رادە‌رنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئۇ ئىمان-‏ئېتىقادى سە‌ۋە‌بلىك تۈرمىگە تاشلانغان.‏ تۈرمىدە بىر رە‌ھىمسىز سوراقچى نۇ‌رغۇ‌ن قېتىم ئۇ‌نى سوراققا تارتىپ،‏ بوزە‌ك قىلىپ خورلىغان ۋە قورقۇ‌تۇ‌پ بېسىم قىلغان.‏ ئارتيوم مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «سوراقچى ھە‌ر قېتىم سوراققا تارتقاندا،‏ ئېغىر بېسىم ھېس قىلاتتىم،‏ … ھە‌ردائىم يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن كۆڭلۈمگە تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك ۋە دانالىقنى بېرىشنى سورايتتىم.‏ سوراقچىنىڭ زىيانكە‌شلىككە قارىماي،‏ تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاپ قالاتتىم.‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن،‏ ئۆزۈمنى مە‌زمۇ‌ت قورام تاش ئارقىسىدا تۇ‌رغاندە‌ك ھېس قىلدىم».‏

6.‏ نېمە ئۈچۈن بىز دائىم يە‌ھۋاغا ئىشە‌نچ باغلىيالايمىز؟‏ (‏يە‌شايا 26:‏3،‏ 4‏)‏

6 يە‌ھۋا ئىشە‌نچىلىكتۇ‌ر.‏ مە‌زمۇ‌ت قورام تاشقا ئوخشاش يە‌ھۋا ھە‌ردائىم بىزگە ياردە‌م بېرىشكە تە‌ييار.‏ بىز ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نچ باغلىيالايمىز،‏ چۈنكى يە‌ھۋا «مە‌ڭگۈلۈك قورام تاشتۇ‌ر» ‏(‏يە‌شايا 26:‏3،‏ 4-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏‏.‏ ئۇ مە‌ڭگۈ مە‌ۋجۇ‌ت ۋە ئۆز ۋە‌دىلىرىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌پ كە‌لمە‌كتە.‏ ئۇ دۇ‌ئالىرىمىزغا قۇ‌لاق سېلىپ،‏ مۇ‌ھتاجلىقتا قالغان چاغلىرىمىزدا بىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ.‏ بىزمۇ يە‌ھۋاغا تايىنالايمىز،‏ چۈنكى ئۇ ئۆزىگە خىزمە‌ت قىلغۇ‌چىلارغا سادىقتۇ‌ر (‏2-‏سام.‏ 22:‏26‏)‏.‏ ئۇ ھە‌رگىزمۇ قىلغان ئىشلىرىمىزنى ئۇ‌نتۇ‌مايدۇ ۋە دائىم بىزنى مۇ‌كاپاتلايدۇ.‏—‏ئىبرانىي.‏ 6:‏10؛‏ 11:‏6‏.‏

7.‏ يە‌ھۋاغا ئىشە‌نچ باغلىساق،‏ بىز نېمىلە‌رنى ھېس قىلىمىز؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

7 يە‌ھۋا قورام تېشىمىز بولۇ‌شى ئۈچۈن ئۇ‌نىڭغا پۈتۈنلە‌ي ئىشە‌نچ باغلىشىمىز كېرە‌ك.‏ ھە‌تتا قىيىن ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نساق،‏ چوقۇ‌م پايدىسىنى كۆرە‌لە‌يمىز (‏يە‌شايا 48:‏17،‏ 18‏)‏.‏ ھە‌ر قېتىم يە‌ھۋا بىزگە ياردە‌م بە‌رگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان ئىشە‌نچىمىز بارغانسېرى كۈچىيىدۇ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ مە‌يلى قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلە‌يلى،‏ ئۇ‌لارغا بە‌رداشلىق بېرە‌لىشىمىزگە ياردە‌م بېرىش يالغۇ‌ز يە‌ھۋانىڭ قولىدىن كېلىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل بولىدۇ.‏ ئادە‌تتە بىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغان ھېچكىم بولمىغان ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە،‏ بىز ھە‌ردائىم يە‌ھۋاغا تايىنالايدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلىپ يېتىمىز.‏ ۋېلادىمىر ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن تۈرمىدە ياتقاندا،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن ئىنتايىن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولغانلىقىمنى ھېس قىلدىم.‏ شۇ چاغدا مە‌ن يالغۇ‌ز بولغاچ،‏ ھېچنېمە قىلالمىدىم،‏ شۇ‌ڭا كۆپرە‌ك يە‌ھۋاغا تايىنىشنى ئۆگە‌ندىم».‏

ئە‌گە‌ر يە‌ھۋا خۇ‌داغا پۈتۈن ۋۇ‌جۇ‌دىمىز بىلە‌ن ئىشە‌نچ باغلىساق،‏ ئۇ بىز ئۈچۈن قورام تاش بولىدۇ (‏7-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


8.‏ (‏1)‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا ھېچقاچان ئۆزگە‌رمە‌يدۇ دە‌يمىز؟‏ (‏2)‏ يە‌ھۋا قورام تېشىمىز بولسا،‏ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 62:‏6،‏ 7‏)‏

8 يە‌ھۋا ئۆزگە‌رمە‌س خۇ‌دادۇ‌ر.‏ يوغان قورام تاش ئىنتايىن مە‌زمۇ‌ت،‏ يە‌ھۋا خۇ‌ددى شۇ‌نداق قورام تاشتە‌ك قە‌تئىي تە‌ۋرە‌نمە‌س.‏ ئۇ‌نىڭ پە‌زىلە‌تلىرى باشتىن-‏ئاخىرى بىردە‌ك ۋە ئىرادىسى قە‌تئىي ئۆزگە‌رمە‌س (‏مالاك.‏ 3:‏6‏)‏.‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا ئېرە‌م بېغىدا يە‌ھۋاغا قارشى ئىسىيان كۆتە‌رگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن قىلغان ئىرادىسى ئۆزگە‌رمىگە‌ن.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س يازغاندە‌ك،‏ خۇ‌دا «ئۆز-‏ئۆزىنى ئىنكار قىلالمايدۇ» (‏2-‏تىموت.‏ 2:‏13‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ قانداق ئىشلار يۈز بېرىشى ياكى باشقىلار نېمە قىلىشىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ ئىش قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىنى ئۆزگە‌رتمە‌يدۇ ۋە ئۆز ئىرادىسى ۋە ئۆلچە‌م-‏قائىدىلىرىدىن ۋاز كە‌چمە‌يدۇ.‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋا مە‌زمۇ‌ت تە‌ۋرە‌نمە‌س بولغاچ،‏ بىز ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نچ باغلىيالايمىزكى،‏ قىيىنچىلىقلاردا ئۇ چوقۇ‌م بىزگە ياردە‌م قولىنى سۇ‌نىدۇ ۋە كېلە‌چە‌كتە ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن قىلغان ئىرادىسىنى پۈتۈنلە‌ي ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 62:‏6،‏ 7-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

9.‏ تاتيانا ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

9 ئە‌گە‌ر يە‌ھۋانىڭ پە‌زىلە‌تلىرى،‏ ئۇ‌نىڭ يە‌رشارى ۋە ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن قىلغان ئىرادىسى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانساق،‏ بۇ خۇ‌داغا ۋە ئۇ‌نىڭ قورام تېشىمىز بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ قىيىن ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ۋە ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاپ قالالايمىز (‏زە‌بۇ‌ر 16:‏8‏)‏.‏ تاتيانا ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ ئىمان-‏ئېتىقادى سە‌ۋە‌بلىك،‏ ئۆيىدە نە‌زە‌ربە‌ند ئاستىدا بولغانىدى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن تىكە‌ندە‌ك يالغۇ‌ز بولۇ‌پ قالدىم،‏ دە‌سلە‌پتە ئىنتايىن قىيىن ھېس قىلىپ،‏ دائىم ئۈمىدسىزلە‌ندىم».‏ لېكىن،‏ ئۇ دۇ‌چ كە‌لگە‌ن سىناقلار بىلە‌ن يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئۇ‌نىڭ ئىرادىسى ئارىسىدا باغلىنىش بارلىقىنى ۋە ساداقە‌تمە‌نلىكنىڭ ساقلاپ قېلىشنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىملىقىنى كۆرۈپ يە‌تكە‌ن.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ قايتا كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌تكە ئېرىشىپ،‏ ئىشە‌نچىسى كۈچلە‌نگە‌ن ۋە داۋاملىق قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ يە‌نە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق ئىشلار يۈز بېرىپ،‏ بۇ ۋە‌زىيە‌تكە چۈشۈپ قالغانلىقىمنى چۈشىنىش يە‌ھۋانى سۆيىدىغانلىقىم ۋە ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىۋاتقىنىمنى ئېسىمگە سالدى.‏ بۇ ئۆزۈمنى يالغۇ‌ز ھېس قىلماسلىققا ياردە‌م بە‌ردى».‏

10.‏ يە‌ھۋا ھازىرنىڭ ئۆزىدە قورام تېشىمىز بولۇ‌شى ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

10 پات يېقىندا،‏ بېشىمىزغا ناھايىتى ئېغىر قىيىنچىلىقلار كېلىدۇ.‏ شۇ چاغدا،‏ ھە‌رقانداق ۋاقىتقا قارىغاندا تېخىمۇ بە‌ك يە‌ھۋاغا تايىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌ڭا،‏ كېلە‌چە‌كتىكى سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرە‌لىشىمىز ئۈچۈن،‏ ھازىرنىڭ ئۆزىدە يە‌ھۋانىڭ ھە‌رقانداق ۋە‌زىيە‌تتە سادىق بولۇ‌پ قېلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن بىزنى ئېھتىياجلىق نە‌رسىلە‌ر بىلە‌ن تە‌مىنلە‌يدىغانلىقىغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ‌نى قانداق قىلالايمىز؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تىلغا ئېلىنغان خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرى ۋە بۈگۈنكى كۈندىكى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ھە‌ققىدە ئوقۇ‌پ چىقىڭ.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا قورام تاش كە‌بى ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌نلىكى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭ.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ قورام تېشىڭىز بولۇ‌شىغا يول قويىسىز.‏

يە‌ھۋانىڭ قورام تاش كە‌بى پە‌زىلە‌تلىرىنى ئۈلگە قىلىڭ

11.‏ نېمە ئۈچۈن قورام تېشىمىز يە‌ھۋانى ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرىدىن ئۈلگە ئېلىشنى خالايمىز؟‏ (‏«‏ ياش بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئۈچۈن بىر مە‌قسە‌ت‏» دېگە‌ن رامكىغا ھە‌م قاراڭ)‏

11 بىز قايسى پە‌زىلە‌تلىرى ئۈچۈن يە‌ھۋا قورام تاش دە‌پ ئاتالغانلىقىنى كۆرۈپ چىقتۇ‌ق.‏ ھازىر يە‌ھۋانىڭ قورام تاشقا وشاش پە‌زىلە‌تلىرىنى قانداق ۈلگە قىلالايدىغانلىغڭمڭزنڭ كۆرۈپ چىقىمىز.‏ بىز تىرىشىپ ئاشۇ پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرسە‌ك،‏ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن قورام تاش بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شكە ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا سىمۇ‌ننى كىفاس (‏گرېكچە «پېترۇ‌س»)‏ دە‌پ ئاتىغان.‏ بۇ ئىسىم «بىر تال قورام تاش» دېگە‌ننى بىلدۈرىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 1:‏42‏)‏.‏ پېترۇ‌سنىڭ ئىسىمى ئۇ‌نىڭ جامائە‌تتە تە‌سە‌للىينىڭ مە‌نبە‌سى بولۇ‌پ،‏ قېرىنداشلارنىڭ ئىمانىنى كۈچە‌يتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب جامائە‌ت ئاقساقاللىرىنى «چوڭ قورام تاشنىڭ سايىسىگە ئوخشاش» دە‌يدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ ئاقساقاللار جامائە‌تنىڭ ئە‌زالىرىنى قوغدايدىغان كىشىلە‌ردۇ‌ر (‏يە‌شايا 32:‏2‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر،‏ پۈتۈن ئېتىقادچىلار يە‌ھۋانىڭ قورام تاش كە‌بى پە‌زىلە‌تلىرىنى ئۈلگە قىلسا،‏ جامائە‌ت بە‌رىكە‌ت تېپىپ گۈللىنىدۇ.‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏1‏.‏

12.‏ باشقىلارغا پاناھگاھ بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلساق بولىدۇ؟‏

12 باشقىلار ئۈچۈن پاناھگاھ بولۇ‌ڭ.‏ «ئاخىرقى زاماندا» دۇ‌نيانىڭ ۋە‌زىيىتى كۈندىن-‏كۈنگە يامانلىشىدۇ (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏1‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا ئە‌مە‌لىي ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن نۇ‌رغۇ‌ن پۇ‌رسە‌تلە‌ر بولىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ تە‌بىئىي ئاپە‌تلە‌ر،‏ ئىچكى سىياسىي توقۇ‌نۇ‌شلار ياكى ئۇ‌رۇ‌شلار تۈپە‌يلى،‏ ئېتىقادداشلار پاناھلىنىدىغان تۇ‌رالغۇ جايغا مۇ‌ھتاج بولغاندا،‏ ئۇ‌لارنى پاناھگاھ جاي بىلە‌ن تە‌مىنلە‌شكە توغرا كېلىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ‌لارغا تە‌سە‌للى ۋە ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىپ،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ بۇ‌نداق قىلىشنىڭ بىر يولى —‏ ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىغا كە‌لگە‌نلە‌رنى قىزغىن قارشى ئېلىش ۋە جامائىتىمىزدە ئىللىق كە‌يپىياتنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىگە ئۆز ھە‌سسىمىزنى قوشۇ‌ش.‏ ھازىر بىز رە‌ھىمسىز،‏ بىر-‏بىرىگە سوغۇ‌ق مۇ‌ئامىلە قىلىدىغان،‏ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا تولغان دۇ‌نيادا ياشاۋاتىمىز.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا كە‌لگە‌ن قېرىنداشلىرىمىزغا ئۇ‌لارنى سۆيىدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلدۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنى تىنچ-‏خاتىرجە‌م ۋە بىخە‌تە‌ر ھېس قىلىشىغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردە‌م بېرىشنى خالايمىز.‏

13.‏ ئاقساقاللار باشقىلار ئۈچۈن قانداق پاناھگاھ بولالايدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

13 ئېتىقادداشلارنىڭ بېشىغا بوران-‏چاپقۇ‌نلارغا ئوخشاش ئېغىر كۈنلە‌ر چۈشكە‌ندە،‏ جامائە‌تتىكى ئاقساقاللار ئۇ‌لارغا ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىدۇ.‏ ئاقساقاللار تە‌بىئىي ئاپە‌تلە‌رگە ئۇ‌چرىغان ياكى تىببىي ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج بولغان ئېتىقادداشلىرىمىزغا دە‌رھال ياردە‌م قولىنى سۇ‌نۇ‌شقا تىرىشىدۇ.‏ ئاقساقاللار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسە‌ن ئۇ‌لارغا ئىلھام-‏مە‌دە‌ت ۋە كۆرسە‌تمىلە‌رنى بېرىدۇ.‏ ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج ئېتىقادداشلار ئاقساقالنىڭ مېھرىبان،‏ باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى قۇ‌لاق سېلىپ تىڭشايدىغان ۋە ئۇ‌لارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىدىغان كىشى ئىكە‌نلىكىنى بىلسە،‏ ئۇ‌نىڭدىن ئە‌ركىن-‏ئازادە ياردە‌م سورايدۇ.‏ ئاقساقاللارنىڭ شۇ‌نداق ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرى قېرىنداشلارنىڭ ئۆزلىرىنى سۆيۈلگە‌ندە‌ك ھېس قىلىشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ شۇ‌نداق پە‌زىلە‌تلە‌رنى كۆرسىتىدىغان ئاقساقاللار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسە‌ن ھە‌رقانداق مە‌سلىھە‌تلە‌رنى بە‌رسە،‏ قېرىنداشلار ئاسانراق قوبۇ‌ل قىلىدۇ.‏—‏1-‏سالونىكا.‏ 2:‏7،‏ 8،‏ 11‏.‏

ئېتىقادداشلارنىڭ بېشىغا بوران-‏چاپقۇ‌نلارغا ئوخشاش قىيىنچىلىقلار چۈشكە‌ندە،‏ ئاقساقاللار ئۇ‌لار ئۈچۈن پاناھگاھ بولىدۇ (‏13-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ a


14.‏ ئىشە‌نچىلىك ئادە‌م ئىكە‌نلىكىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

14 ئىشە‌نچىلىك بولۇ‌ڭ.‏ بىز باشقىلار قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن چاغلاردا،‏ بىزگە ئىشە‌نچ قىلىپ،‏ ئۆزلىرىنىڭ ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج بولغانلىقىنى ئېيتىشىنى خالايمىز (‏پە‌ند.‏ نە 17:‏17‏)‏.‏ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئىشە‌نچىلىك ئادە‌م دېگە‌ن نامغا قانداق ئېرىشە‌لە‌يمىز؟‏ ھە‌ر كۈنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلە‌ن يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلساق،‏ شۇ‌نداق نامغا ئېرىشە‌لە‌يمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۆز ۋە‌دىلىرىمىزدە چىڭ تۇ‌رۇ‌ش ۋە ۋاقىتقا ئە‌مە‌ل قىلىش ئارقىلىق ئىشە‌نچىلىك ئادە‌م بولالايمىز (‏مە‌تتا 5:‏37‏)‏.‏ بىز يە‌نە ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج بولغانلارغا ياردە‌م قولىمىزنى سۇ‌نالايمىز.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئە‌گە‌ر جامائە‌تتە بىزگە بىر ۋە‌زىپە تاپشۇ‌رۇ‌لغان بولسا،‏ ئۇ‌نى يول-‏يورۇ‌ق بويىچە ئورۇ‌نلىساق،‏ ئىشە‌نچىلىك بولالايمىز.‏

15.‏ ئاقساقاللار ئىشە‌نچىلىك بولسا،‏ جامائە‌ت ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏

15 ئىشە‌نچىلىك ئاقساقاللار جامائە‌ت ئۈچۈن چوڭ بىر بە‌رىكە‌ت.‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق دە‌يمىز؟‏ چۈنكى،‏ ئېتىقادداشلار ھە‌رقانداق ۋاقىتتا گۇ‌رۇ‌پپىغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال ياكى باشقا ئاقساقاللار بىلە‌ن ئالاقە قىلالىسا،‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆڭلى تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ھېس قىلىدۇ.‏ ئېتىقادداشلار ئاقساقاللارنىڭ ياردە‌م بېرىشكە تە‌ييار تۇ‌رغانلىقىنى بىلسە،‏ ئۆزلىرىنى سۆيۈلگە‌ندە‌ك ھېس قىلىدۇ.‏ يە‌نە شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ ئاقساقاللار ئۆز ئوي-‏پىكرىگە ئە‌مە‌س،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ياكى ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل تە‌مىنلىگە‌ن نە‌شىرى ماتېرىياللارغا ئاساسلىنىپ مە‌سلىھە‌ت بە‌رسە،‏ ئېتىقادداشلار ئۇ‌لارغا تېخىمۇ ئىشىنىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئاقساقاللار مە‌خپىيە‌تلىكنى ساقلىسا ۋە ئۆز ۋە‌دىلىرىنى ئورۇ‌نلىسا،‏ قېرىنداشلارنىڭ ئۇ‌لارغا بولغان ئىشە‌نچىسى تېخىمۇ ئاشىدۇ.‏

16.‏ ھە‌قىقە‌تتە چىڭ تۇ‌رۇ‌شنىڭ ئۆزىڭىز ۋە باشقىلار ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏

16 ھە‌قىقە‌تتە تە‌ۋرە‌نمە‌ي چىڭ تۇ‌رۇ‌ڭ.‏ ئە‌گە‌ر ھاياتىمىزنىڭ ھە‌ممە ساھە‌لىرىدە يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نساق ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلىنىپ قارارلارنى چىقارساق،‏ بىز باشقىلارغا ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى تە‌تقىق قىلىپ،‏ ئىمان-‏ئېتىقادتا ئۆسكە‌نسېرى،‏ ھە‌قىقە‌تتە تە‌ۋرە‌نمە‌ي تېخىمۇ چىڭ تۇ‌رىمىز.‏ خۇ‌دانىڭ ئوي-‏پىكرىگە ماس كە‌لمە‌يدىغان ساختا تە‌لىملە‌ر ۋە كۆز قاراشلارنى تونۇ‌پ يېتىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ تە‌سىرىگە ئۇ‌چرىمايمىز (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏14؛‏ ياقۇ‌پ 1:‏6–‏8‏)‏.‏ شۇ‌م خە‌ۋە‌رلە‌رنى ئاڭلىغىنىمىزدا،‏ يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ ۋە‌دىلىرىگە بولغان ئىشە‌نچىمىز تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 112:‏7،‏ 8‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن قېرىنداشلارغىمۇ ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز.‏—‏1-‏سالونىكا.‏ 3:‏2،‏ 3‏.‏

17.‏ ئاقساقاللار جامائە‌تنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادتا مە‌ھكە‌م تۇ‌رۇ‌شىغا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

17 ئاقساقاللار ھە‌ر ئىشتا چە‌ك-‏چېگرانى بىلىدىغان،‏ ساغلام ئوي-‏پىكىرلىك،‏ تە‌رتىپلىك ۋە غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان بولۇ‌شى لازىم.‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىدە چىڭ تۇ‌رىدىغان ئاقساقاللار جامائە‌تتىكىلە‌رنىڭ تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلىشىغا ۋە يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىسىنى كۈچە‌يتىشىگە ياردە‌م بېرىدۇ (‏تىتۇ‌س 1:‏9؛‏ 1-‏تىموت.‏ 3:‏1–‏3‏)‏.‏ ئۇ‌لار ئۆز ئۈلگىسى ۋە پادىچىلىق خىزمىتى ئارقىلىق ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارنىڭ ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىغا دائىم قاتنىشىشىغا،‏ ۋە‌ز قىلىشىغا ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشىغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئېتىقادداشلار غە‌م-‏تە‌شۋىشكە سالىدىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ئاقساقاللار ئۇ‌لارنىڭ دىققىتىنى يە‌ھۋاغا ۋە ئۇ‌نىڭ ۋە‌دىلىرىگە قارىتىشقا ئىلھاملاندۇ‌رىدۇ.‏

18.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌پ،‏ داۋاملىق ئۇ‌نىڭغا يېقىنلىشىشنى خالايمىز؟‏ (‏«‏ يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىشنىڭ بىر يولى‏» دېگە‌ن رامكىغا ھە‌م قاراڭ)‏

18 يە‌ھۋانىڭ ئاجايىپ پە‌زىلە‌تلىرىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن،‏ بىزمۇ پادىشاھ داۋۇ‌تقا ئوخشاش ئېيتماي تۇ‌رالمايمىز:‏ « قورام تېشىم يە‌ھۋاغا مە‌دھىيە ئوقۇ‌لسۇ‌ن» (‏زە‌بۇ‌ر 144:‏1‏)‏.‏ بىز ھە‌ردائىم يە‌ھۋاغا ئىشە‌نچ باغلاپ،‏ ئۆمۈر بويى ئۇ‌نىڭغا تايىنىپ ياشىيالايمىز.‏ ھە‌تتا قېرىغان چاغلىرىمىزدا ھە‌م ئۇ‌نىڭغا يېقىنلىشىشىمىزغا داۋاملىق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلىپ،‏ يە‌ھۋانى «ئۇ مېنىڭ قورام تېشىم» دە‌پ ئېيتالايمىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 92:‏14،‏ 15‏.‏

22-‏ناخشا يە‌ھۋا مېنىڭ پادىچىمدۇ‌ر

a سۈرە‌ت.‏ يىغىلىش زالىدا بىر قېرىنداش ئىككى ئاقساقالنىڭ ئالدىغا ئە‌ركىن-‏ئازادە كېلىۋاتىدۇ‏.‏