ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى
پاۋلۇسنىڭ: «قانۇن ئارقىلىق، قانۇنغا نىسبەتەن ئۆلدۈم»، دېگەن سۆزلىرى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟—گالاتىيا. 2:19.
پاۋلۇس مۇنداق دەپ يازغان: «خۇدانىڭ ئالدىدا ياشاش ئۈچۈن قانۇن ئارقىلىق، قانۇنغا نىسبەتەن ئۆلدۈم».—گالاتىيا. 2:19.
پاۋلۇسنىڭ يازغان مۇشۇ سۆزلىرى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ گالاتىيا ئۆلكىسىدىكى جامائەتلەرگە يازغان خېتىدىكى ئاساسىي مەقسىتىگە ماس كەلگەن. شۇ يەردىكى ئەيسانىڭ بەزى شاگىرتلىرى ساختا يېتەكچىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئاشۇ كىشىلەر قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشىش ئۈچۈن بىر كىشى تەۋرات قانۇنىغا بويسۇنۇشى بولۇپمۇ، خەتنە قىلىنىشى كېرەك، دەپ تەلىم بەرگەن. بىراق، ئەمدى پاۋلۇس خۇدانىڭ ئۆز خىزمەتچىلىرىدىن خەتنە قىلىشنى تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلگەن. پاۋلۇس قايىل قىلارلىق ئۇسۇلدا، ئاشۇ يالغان تەلىملەرنى رەت قىلغان ۋە قېرىنداشلارنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتكەن.—گالاتىيا. 2:4؛ 5:2.
مۇقەددەس كىتابتا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ، بىر ئادەم ئۆلگەندە، ھېس-تۇيغۇلىرى بولمايدۇ ۋە ئەتراپتىكى ھېچنەرسە ئۇنىڭغا تەسىر قىلالمايدۇ، دەپ ئۆگىتىدۇ (ۋەز 9:5). پاۋلۇس «قانۇنغا نىسبەتەن ئۆلدۈم»، دېيىش ئارقىلىق ئەمدى ئۇ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ئەمەسلىكىنى ئېيتماقچى بولغان. «خۇدانىڭ ئالدىدا ياشاش ئۈچۈن»، پاۋلۇس تۆلەم قۇربانلىقىغا ئىشىنىشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتكەن.
قانۇن ئارقىلىق پاۋلۇسنىڭ ۋەزىيىتى ئۆزگەرگەن. قانداق؟ ئۇ بۇنى چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلار تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئىشىنىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدۇ» (گالاتىيا. 2:16). دېمەك، قانۇن مۇھىم بىر رولنى ئوينىغان. پاۋلۇس گالاتىيالىقلارغا: «ئۇ بولسىمۇ خۇدا ئەۋەتىشكە ۋەدە قىلغان ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى، يەنى ئەيسا مەسىھ كەلگۈچە گۇناھنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشتۇر»،— دەپ چۈشەندۈرگەن (گالاتىيا. 3:19). نامۇكەممەل، گۇناھكار ئىنسانلار قانۇنغا مۇكەممەل ھالدا بويسۇنالمايدۇ. شۇڭا، قانۇن ئۇلار ئاخىرىدا بىر مۇكەممەل قۇربانلىققا مۇھتاج بولىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتكەن. دېمەك، قانۇن كىشىلەرگە ۋەدە قىلىنغان ئەۋلاد، بۇ مەسىھ ئەيسا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىگە ياردەم بەرگەن. ئەگەر كىشىلەر ئەيسا مەسىھكە ئىشەنسە، ئۇلار خۇدا ئالدىدا ھەققانىي، دەپ جاكارلىناتتى (گالاتىيا. 3:24). پاۋلۇس تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق ئەيسانى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىشەنگەن. شۇڭا، پاۋلۇس ھەققانىي، دەپ جاكارلاندى. دېمەك، پاۋلۇس «قانۇنغا نىسبەتەن» ئۆلگەن ۋە «خۇدانىڭ ئالدىدا» ياشىيالىغان. ئەمدى قانۇن ئەمەس، بەلكى خۇدا ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان.
پاۋلۇس رىملىقلارغا يازغان خېتىدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئوي-پىكىرنى ئىپادىلىگەن: «تەۋرات قانۇنى كېيىن قوشۇلغان بولۇپ، مەقسىتى ۋەدە قىلىنغان ئەۋلاد كەلگۈچە جىنايەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئاشكارا قىلىشتۇر» (رىملىقلار 7:4، 6). مۇشۇ ئايەتلەردە ۋە گالاتىيالىقلار 2:19-ئايەتتە، شۇ ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، پاۋلۇس قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىنغان گۇناھكار سۈپىتىدە ئۆلۈش توغرىسىدا ئەمەس، ئەكسىنچە شۇ قانۇندىن ئازاد بولۇش توغرۇلۇق ئېيتقان. ئەمدى تەۋرات قانۇنى پاۋلۇسنى ۋە باشقا خۇدا خىزمەتچىلىرىنى ئۆز كۈچى ئاستىغا ئالالمايدۇ. ئۇلار مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقىغا ئىشىنىش ئارقىلىق ئازادلىققا ئېرىشكەن.