مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

سىز بىلە‌مسىز؟‏

سىز بىلە‌مسىز؟‏

ئە‌يسانىڭ زامانىدا ئادە‌ملە‌ر قانداق باجلارنى تۆلىشى كېرە‌ك بولغان؟‏

قە‌دىمقى زاماندىن تارتىپ،‏ ئىسرائىللار پاك ئىبادە‌تنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش ئۈچۈن پۇ‌ل بېرىشنى ئادە‌تكە ئايلاندۇ‌رغان ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ ئە‌يسانىڭ زامانىدا يە‌ھۇ‌دىيلار نۇ‌رغۇ‌ن باج-‏سېلىقلارنى تۆلە‌شكە مە‌جبۇ‌ر بولغان ئىدى.‏ بۇ ئۇ‌لارنىڭ ھاياتىنى قىيىنلاشتۇ‌رغان.‏

دە‌سلە‌پتە ئىبادە‌ت چېدىرىدا،‏ كېيىنرە‌ك ئىبادە‌تخانىدا خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىش ئۈچۈن قورامىغا يە‌تكە‌ن،‏ يە‌نى يىگىرمە ياكى ئۇ‌نىڭدىن يۇ‌قىرى ياشتىكى يە‌ھۇ‌دىي ئە‌رلە‌ر يېرىم شە‌كە‌ل (‏2 دراخما)‏ تۆلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ بىرىنچى ئە‌سىردە،‏ شۇ پۇ‌للار ھىرود ياساتقان ئىبادە‌تخانىنى ئاسراپ تۇ‌تۇ‌ش ۋە قۇ‌ربانلىقلارنى سۇ‌نۇ‌ش ئۈچۈن ئىشلىتىلگە‌ن.‏ بە‌زى يە‌ھۇ‌دىيلار پېترۇ‌ستىن ئە‌يسانىڭ سېلىق تۆلە‌شكە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغان.‏ ئە‌يسا باج تۆلە‌شنىڭ خاتا ئە‌مە‌سلىكىنى ئېيتقان.‏ ھە‌تتا،‏ ئە‌يسا باج تۆلە‌ش ئۈچۈن بېرىدىغان بىر تە‌ڭگىنى،‏ پېترۇ‌سنىڭ نە‌دىن تاپالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏—‏مە‌تتا 17:‏24—‏27‏.‏

شۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقى ئالغان ھوسۇ‌لىنىڭ ياكى ئىش ھە‌ققىنىڭ ئوندىن بىر قىسمىنى بېرىشى كېرە‌ك ئىدى (‏لاۋى.‏ 27:‏30—‏32؛‏ سانلار 18:‏26—‏28‏)‏.‏ دىنىي يېتە‌كچىلە‌ر ھە‌ر تۈرلۈك كۆكتات،‏ ھە‌تتا يالپۇ‌ز،‏ ئارپا بە‌دىيان ۋە زىرىگە ئوخشاش خۇ‌شپۇ‌راقلارنىڭمۇ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى چوقۇ‌م بېرىشى كېرە‌كلىكىنى ئېيتقان.‏ ئە‌يسا ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى بېرىشنى خاتا دېمىگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ تە‌ۋرات ئۇ‌ستازلىرى بىلە‌ن پە‌رىسىيلە‌رنىڭ ساختىپە‌زلىكىنى ئاشكارىلىغان.‏—‏مە‌تتا 23:‏23‏.‏

شۇ زاماندا ئىسرائىللار رىم ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولغاچ،‏ رىملىقلارغا تۈرلۈك سېلىقلارنى تۆلە‌شكە مە‌جبۇ‌ر بولغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ر ئىگىلىرى پۇ‌لىنىڭ ياكى ھوسۇ‌لىنىڭ 20-‏25 پىرسە‌نتىنى ھۆكۈمە‌تكە باج سۈپىتىدە بېرىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ شۇ‌نداقلا ھە‌ر بىر يە‌ھۇ‌دىي ئادە‌م بېشىغىمۇ پۇ‌قرالىق بېجى تۆلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ پە‌رىسىيلە‌ر ئە‌يسادىن مۇ‌شۇ باج ھە‌ققىدە سورىغان.‏ ئە‌يسا باج تۆلە‌شكە قانداق كۆز قاراشتا بولۇ‌شىمىز كېرە‌كلىكىنى كۆرسىتىپ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ « قە‌يسە‌رنىڭكىنى قە‌يسە‌رگە،‏ خۇ‌دانىڭكىنى بولسا خۇ‌داغا تاپشۇ‌رۇ‌ڭلار».‏—‏مە‌تتا 22:‏15—‏22‏.‏

سودىگە‌رلە‌ر بىر رايوندىن ئىككىنچى رايونغا ماللارنى ئېلىپ كىرگە‌ندە ياكى چىققاندا،‏ باج تۆلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ پورتلار،‏ كۆۋرۈكلە‌ر،‏ يولنىڭ ئۆتۈشمە ئېغىزلىرى،‏ شە‌ھە‌رلە‌ر ياكى بازارلارغا كىرىش ئېغىزلىرىدا،‏ شۇ باجلار يىغىلاتتى.‏

رىم ھۆكۈمىتىنىڭ ئاستىدا ئادە‌ملە‌رگە مۇ‌شۇ ھە‌ممە باج-‏سېلىقلارنى تۆلە‌ش بە‌ك ئېغىر بولغان.‏ رىملىق تارىخشۇ‌ناس تاسىتۇ‌سنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسلانغاندا،‏ ئە‌يسانىڭ زامانىدا،‏ يە‌نى تىبېرىيۇ‌س ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مە‌زگىلدە،‏ سۈرىيە ۋە يە‌ھۇ‌دىيە خە‌لقى باج-‏سېلىقنىڭ كۆپلۈكى تۈپە‌يلىدىن،‏ ئۇ‌لارنى ئازايتىشنى ئۆتۈنگە‌ن.‏

ئاشۇ باج-‏سېلىقنى يىغىشنىڭ ئۇ‌سۇ‌لىمۇ ئادە‌ملە‌رنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇ‌رغان.‏ كىم كۆپ پۇ‌ل بە‌رسە،‏ شۇ كىشى باج-‏سېلىق يىغقۇ‌چى بولالايتتى.‏ ئە‌ڭ يۇ‌قىرى ھوقۇ‌ققا ئىگە بولغان باجگىر،‏ باشقىلارغا باج يىغىش ھوقۇ‌قىنى ساتقان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ باشقىلاردىن كۆپرە‌ك پايدا ئالالايتى.‏ ئاشۇ ھوقۇ‌قنى سېتىۋالغانلار بولسا ئادە‌ملە‌ردىن ئە‌سلىدىكى باجدىن كۆپرە‌ك باجلارنى يىغقان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ زاكاي شۇ‌نداق باش باج يىققۇ‌چى بولغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏لۇ‌قا 19:‏1،‏ 2‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ خە‌لق باشقىلارغا ھوقۇ‌ق بېرىپ باج يىغقان باجگىرنى ئىنتايىن ئۆچ كۆرگە‌نلىكىنى چۈشىنە‌لە‌يمىز.‏