25-تەتقىق ماقالىسى
سەبىي كىچىكلەرنى پۇتلاپ يىقىتماڭ!
«بۇ سەبىي كىچىكلەرنىڭ ھېچبىرىگە سەل قارىماڭلار».—مەتتا 18:10.
39-ناخشا تىنچ-ئامانلىقتىن بەھرىمەن بول!
بۇ ماقالىدە a
1. يەھۋا ھەربىرىمىز ئۈچۈن نېمە قىلىدۇ؟
يەھۋا خۇدا ھەربىرىمىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان (يۇھاننا 6:44). بۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ ئويلاپ كۆرۈڭ. يەھۋا مۇشۇ دۇنيادىكى مىلياردلىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىگە كۆڭۈل قويۇپ نەزەر سالغاندا، ئۇ سىزدە ئۇنى سۆيۈشكە تەييار، سەمىمىي يۈرەكنىڭ بارلىقىنى كۆرگەن (1-تارىخ. 28:9). ئۇ سىزنى بىلىدۇ، چۈشىنىدۇ ۋە سۆيىدۇ. بۇنى بىلىش بىزگە كۆپ ئىلھام بېرىدۇ.
2. ئەيسا قانداق مىسال ئارقىلىق يەھۋا ھەر بىر قويى ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن؟
2 يەھۋا سىزگىمۇ ھەم بارلىق ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭىزغىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەيسا بۇنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، يەھۋانى بىر پادىچىغا سېلىشتۇرغان. ئەگەر پادىدا يۈز قوي بولسا، بىرى ئادىشىپ يوقاپ كەتسە، پادىچى نېمە قىلىدۇ؟ «ئۇ 99 نى تاغدا قالدۇرۇپ، ئادىشىپ قالغاننى ئىزدەپ» كېتىپ قالىدۇ. پادىچى قويىنى تېپىۋالغاندا، ئۇنى ئادىشىپ قالغىنى ئۈچۈن ئاچچىقلىنىپ تىللىمايدۇ، بەلكى خۇشال بولىدۇ. بۇ مىسالدىن نېمىنى چۈشەندۇق؟ يەھۋا ئۈچۈن ھەر بىر قويى قەدىر-قىممەتلىكتۇر. ئەيسا مۇنداق دېگەن: «ئاسماندىكى ئاتاممۇ بۇ سەبىي كىچىكلەرنىڭ ھېچبىرىنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىمايدۇ».—مەتتا 18:12—14.
3. ھازىر نېمىلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
3 بىز ئەلۋەتتە ھېچبىر قېرىندىشىمىزنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ، ئۇلارغا پۇتلىكاشاڭ بولۇپ قېلىشنى ھەرگىزمۇ خالىمايمىز. بىز باشقىلارغا پۇتلىكاشاڭ بولۇشتىن ئۆزۈمىزنى قانداق ساقلالايمىز؟ باشقىلار بىزنى رەنجىتكەندە، نېمە قىلالايمىز؟ ھازىر بۇ ئىككى سوئالغا جاۋاب تاپىمىز. بىراق، ئاۋۋال مەتتا 18-بابتا تىلغا ئېلىنغان سەبىي كىچىكلەر كىملەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
سەبىي كىچىكلەر كىملەر؟
4. سەبىي كىچىكلەر كىملەر؟
4 بۇ سەبىي كىچىكلەر ئەيسانىڭ چوڭ-كىچىك ياشتىكى شاگىرتلىرى. ئۇلارنىڭ يېشى قانداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇلار خۇددى كىچىك بالىلارغا ئوخشاش، سەۋەبى ئۇلار ئەيسانىڭ تەلىم-تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىشقا تەييار (مەتتا 18:3). ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، مەدەنىيىتى، كۆزقارىشى ۋە مىجەز-خۇلقى ئوخشىمىسىمۇ، ھەممىسى ئەيساغا ئىشەنچ باغلىغان. ئەيسانىڭمۇ ئۇلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى بەك چوڭقۇر.—مەتتا 18:6؛ يۇھاننا 1:12.
5. بىر كىشى يەھۋانىڭ خەلقىدىن بىرىگە پۇتلىكاشاڭ بولسا ياكى ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتسا، ئۇ قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدۇ؟
5 يەھۋا ئۈچۈن شۇ سەبىي كىچىكلەرنىڭ ھەممىسى قەدىر-قىممەتلىكتۇر. ئۇنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، بىزنىڭ كىچىك بالىلارغا قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدىغانلىقىمىزنى ئويلاپ باقايلى. بىز بالىلارنى ھىمايە قىلىمىز ۋە قەدىرلەيمىز، سەۋەبى ئۇلارنىڭ كۈچى ۋە تەجرىبىسى كەمچىل ۋە چوڭلاردەك ئەقىلگە توشمىغان. ئادەتتە، بىز بىر كىشىنىڭ باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتقىنىنى كۆرۈشنى خالىمايمىز. بىرى كىچىك بالىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرسە، چىداپ تۇرالماي ئاچچىقلىنىمىز. خۇددى شۇنىڭدەك، يەھۋامۇ بىزنى ھىمايە قىلىشنى خالايدۇ. بىرى ئۇنىڭ خەلقىدىن بىرسىگە پۇتلىكاشاڭ بولسا ياكى ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتسا، يەھۋانىڭ كۆڭلى ئاغرىيدۇ، ھەتتا ئۇ ئاچچىقلىنىدۇ.—يەشايا 63:9؛ ماركۇس 9:42.
6. 1-كورىنتلىقلار 1:26—29 ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ دۇنيا ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا قانداق كۆزقاراشتا؟
6 ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى يەنە باشقا بىر جەھەتتىن سەبىي كىچىكلەرگە ئوخشايدۇ. بۇ دۇنيا باي، نام-ئاتاق قازانغان ۋە ھوقۇقى بار كىشىلەرنى مۇھىم، دەپ قارايدۇ. ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى بولسا ئۇنداق ئەمەس. شۇڭا، بۇ دۇنيا ئاشۇ سەبىي كىچىكلەرنى ئەرزىمەس ياكى مۇھىم ئەمەس، دەپ قارايدۇ (1-كورىنتلىقلار 1:26—29-نى ئوقۇڭ). بىراق، يەھۋا ئۇلارغا باشقىچە قارايدۇ.
7. يەھۋا ئېتىقادداشلىرىمىزغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇشىمىزنى خالايدۇ؟
7 مەيلى ئۇزۇن يىللار خىزمەت قىلسۇن ياكى يېڭىدىن ھەقىقەتنى تونۇغان بولسۇن، يەھۋا ھەممە خىزمەتچىلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ ئۈچۈن بارلىق قېرىنداشلىرىمىز قەدىر-قىممەتلىكتۇر. شۇڭا، ئۇلار بىزمۇ قەدىرلىشىمىز كېرەك. بىز پەقەت بەزىلىرىنى ئەمەس، بارلىق ئېتىقادداشلىرىمىزنى سۆيۈشىمىز كېرەك (1-پېتر. 2:17). ئۇلارنى قوغداش ۋە كۆڭۈل بۆلۈش ئۈچۈن، قولىمىزدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلىشقا تەييار بولۇشىمىز لازىم. ئەگەر بىرىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويساق، ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرمەسلىكىمىز ياكى ئۇ بەكمۇ نازۇك، بوپتۇ كېيىن ئۇنى ئۇنتۇپ كېتەر، دەپ ئويلىماسلىقىمىز كېرەك. نېمە ئۈچۈن بەزىلەر رەنجىشى مۇمكىن؟ بەلكىم، ئۆز كېلىپ چىقىشى سەۋەبلىك ئۆز-ئۆزىنى بەكمۇ تۆۋەن كۆرىدۇ. باشقىلىرى ھەقىقەتنى يېڭىدىن تونۇغان ۋە باشقىلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، چوقۇم كەچۈرۈۋېتىشنى تېخى ئۆگەنمىگەن. مەيلى قانداق ئەھۋالدا بولايلى، يەنى ئۆزۈمىزنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ كۆڭلى ئاغرىغاندا، تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر كىشى باشقىلاردىن ئاسانلا رەنجىسە، ئۇ ئۆزىنىڭ مىجەز-خۇلقىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى تونۇپ-يېتىشى زۆرۈر. ئۇ ئۆزىنىڭ كۆڭۈل-خاتىرجەملىكى ۋە باشقىلارنىڭمۇ خۇشاللىقى ئۈچۈن شۇنداق ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشى كېرەك.
باشقىلارنى يوقىرى ئورۇنغا قويۇڭ
8. ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا كەڭ تارقالغان قانداق كۆزقاراش تەسىر قىلغان؟
8 ئەيسا نېمە ئۈچۈن سەبىي كىچىكلەر ھەققىدە سۆز قىلغان؟ ئۇنىڭ شاگىرتلىرى مۇنداق سورىغان: «ئاسمان پادىشاھلىقىدا كىم ئۇلۇغراق؟» (مەتتا 18:1). شۇ زامانلاردا، نۇرغۇن يەھۇدىيلار ھوقۇق ۋە يۇقىرى مەرتىۋىنى بەكمۇ مۇھىم كۆرگەن. بىر تەتقىقاتچى مۇنداق دەيدۇ: «ئادەملەر باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ياشىغان ۋە ئۆلگەن».
9. ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى نېمە قىلىشى كېرەك ئىدى؟
9 يەھۇدىيلارنىڭ مەدەنىيىتىدە بەسلىشىش روھى كىشىلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن ئىدى. ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىنىڭ شۇنى قومۇرۇپ تاشلىشى كېرەكلىكىنى بىلگەن. شۇڭا، ئەيسا ئۇلارغا: «ئاراڭلاردا ئەڭ بۈيۈك بولغان ئەڭ كىچىك بولسۇن ۋە باشچى بولغان خىزمەتچى بولسۇن»،— دېگەن (لۇقا 22:26). بىز باشقىلارنى ئۆزۈمىزدىن يۇقىرى كۆرگەندە، ئۆزۈمىزنى سەبىي كىچىكلەردەك تۇتىمىز (فىلىپى. 2:3). شۇنداق كۆزقاراشنى يېتىلدۈرگەنسېرى، بىز باشقىلارغا ئازراق پۇتلىكاشاڭ بولۇشىمىز مۇمكىن.
10. پاۋلۇسنىڭ قايسى نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىشىمىز كېرەك؟
10 بىزنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرىمىز بىزدىن ئۇ ياكى بۇ جەھەتتىن يۇقىرى تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ياخشى پەزىلەتلىرىگە دىققىتىمىزنى ئاغدۇرساق، بۇنى كۆرۈپ يېتىش قىيىن ئەمەس. ئەلچى پاۋلۇسنىڭ كورىنتلىقلاردىكى ئېتىقادچىلارغا بەرگەن نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىشىمىز كېرەك. ئۇ مۇنداق يازغان: «كىم سېنى باشقىلاردىن پەرقلىق قىلىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، سەن خۇدادىن ئالمىغان بىر نەرسە بارمۇ؟ ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئۆزلىكىڭدىن شۇلارغا ئېرىشىپ قالغاندەك كۆرەڭلەپ گەر ئالغان بولساڭ، ئۇ چاغدا نېمىشكە خۇدادىن ئالمىغاندەك ماختىنىپ كۆرەڭلەيسەن؟» (1-كورىنت. 4:7) ئۆز-ئۆزۈمىزگىلا كۆڭۈل بۆلىدىغان ياكى ئۆزۈمىزنى باشقىلاردىن يۇقىرى كۆرىدىغان ھەرقانداق ئازدۇرۇلۇشلاردىن ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر بىر بۇرادەر تەسىرلىك نۇتۇقلارنى ئېيتسا ياكى ئايال قېرىنداش مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشلىرىنى باشلاشقا ماھىر بولسا، ئۇلار شان-شەرەپنى يەھۋاغا بېرىشكە تەييار تۇرۇشى كېرەك.
چىن يۈرەكتىن كەچۈرۈڭ
11. ئەيسا بىر تەمسىل ئارقىلىق بىزگە نېمىنى ئۆگەتكەن؟
11 ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىنى باشقىلارغا پۇتلىكاشاڭ بولۇشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ بىر پادىشاھ بىلەن ئۇنىڭ قۇلى ھەققىدە تەمسىل ئېيتىپ بەرگەن. پادىشاھ ئۆز قۇلى ھېچقاچان تۆلىيەلمەيدىغان قەرزنى كۆتۈرۈۋەتكەن. كېيىن، شۇ قۇل ئۆزىگە ئوخشاش باشقا بىر قۇلنىڭ ئازراق قەرزىنى كۆتۈرۈۋېتىشنى خالىمىغان. نەتىجىدە، پادىشاھ شۇ مېھىر-شەپقەتسىز قۇلنى زىندانغا تاشلاتقان. بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ ئەيسا شۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر قايسى بىرىڭلار قېرىندىشىڭلارنى چىن كۆڭلۈڭلاردىن كەچۈرمىسەڭلار، ئاسماندىكى ئاتاممۇ سىلەرگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ».—مەتتا 18:21—35.
12. ئەگەر بىز كەچۈرۈشنى رەت قىلساق، باشقىلارغا قانداق زىيان كەلتۈرىمىز؟
12 شۇ قۇلنىڭ قىلغانلىرى پەقەت ئۆزىگىلا ئەمەس، باشقىلارغىمۇ زىيان كەلتۈرگەن. بىرىنچىدىن، ئۇ شەپقەتسىزلىك قىلىپ ئۆزىگە ئوخشاش قۇلنى زىندانغا تاشلاتقان. ئىككىنچىدىن، ئۇ نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرغان باشقا قۇللارغىمۇ زىيان يەتكۈزگەن. شۇنىڭدەك، بىزنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز باشقىلارغا تەسىر قىلىدۇ. ئەگەر باشقىلار بىزنى رەنجىتىپ قويسا ۋە بىز ئۇلارنى كەچۈرۈشنى رەت قىلساق، نەتىجىدە نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟ بىرىنچىدىن، بىز ئۇنى كەچۈرۈش، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈش ياكى ئىچى ئاغرىتىشنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىمىز. ئىككىنچىدىن، جامائەتتىكىلەر بىزنىڭ شۇ قېرىنداش بىلەن ئىناق ئەمەسلىكىمىزنى كۆرگىنىدە، ئۆزلىرىنى بىئارام ھېس قىلىدۇ.
13. بىر قېرىندىشىمىزنى مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
13 بىز قېرىنداشلىرىمىزنى كەچۈرگەندە، ئۆزۈمىز ۋە باشقىلارنىڭمۇ كۆڭلى خاتىرجەملىك تاپىدۇ. كرىستال ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. بىر قېرىنداش ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتقان. ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ زەھەردەك سۆزلىرى بەزىدە قەلبىمنى ئاغرىتقان. ئۇنىڭ بىلەن خىزمەتكە چىقىشنى خالىمىدىم. ۋەز خىزمەتتە قىزغىنلىقىمنى ۋە خۇشاللىقىمنى يوقىتىشقا باشلىدىم». كرىستال ئۆزىنىڭ رەنجىپ يۈرۈشىگە يېتەرلىك سەۋەبى بار، دەپ ئويلىغان. بىراق، ئۇ قەلبىدە ئاداۋەت ساقلىمىغان ياكى ئۆزىنى بىچارىدەك ھېس قىلمىغان. ئۇ «كۈزىتىش مۇنارىنىڭ» 1999-يىل، 25-ئۆكتەبىر سانىدىكى «چىن قەلبىڭىزدىن كەچۈرۈڭ»، دېگەن ماقالىدىكى مەسلىھەتلەرگە كەمتەرلىك بىلەن قۇلاق سېلىپ، شۇ قېرىندىشىنى كەچۈرگەن. «مەن ھازىر يېڭى مىجەز-خۇلۇقنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ھەممىمىزنىڭ تىرىشىۋاتقانلىقىمىزنى ۋە يەھۋانىڭ بىزنى ھەر كۈنى كەچۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. مەن خۇددى يەلكەمدىن ئېغىر بىر تاشنى تاشلىۋەتكەندەك ھېس قىلدىم. مەن قايتىدىن خۇشاللىققا ئېرىشتىم»،— دەيدۇ كرىستال.
14. مەتتا 18:21، 22-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، پېترۇس قانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن؟ ئەيسانىڭ قايتۇرغان جاۋابىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
14 بىز چوقۇم باشقىلارنى كەچۈرسەك، توغرا ئىش قىلغان بولىمىز. بىراق، شۇنداق قىلىش ئاسان ئەمەس. ئەلچى پېترۇس بەزىدە ئۆزىنى شۇنداق ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن (مەتتا 18:21، 22-نى ئوقۇڭ). كەچۈرۈمچان بولۇشقا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ بىرىنچى، يەھۋانىڭ بىزگە قانچىلىك كەچۈرۈمچان بولغانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش (مەتتا 18:32، 33). بىز يەھۋانىڭ كەچۈرۈشىگە لايىق بولمىساقمۇ، بىراق ئۇ ھەرقاچان كەچۈرۈشكە تەييار (زەبۇر 103:8—10). يەنە بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. شۇڭا، كەچۈرۈمچان بولۇشىمىز شەرت ۋە قېرىنداشلىرىمىزنى كەچۈرۈشكە قەرزدارمىز (1-يۇھاننا 4:11). ئىككىنچى، بىز كەچۈرسەك، نەتىجىسى قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش. بەلكىم بىزنى رەنجىتكەن كىشىگە، جامائەتنىڭ ئىناق بولۇشىغا، يەھۋا بىلەن بولغان دوستلىقىمىزنى قوغداشقا ۋە يەلكىمىزدىكى ئېغىر يۈكنى تاشلىۋېتىشكە ياردەم بېرەلەيمىز (2-كورىنت. 2:7؛ كولوسى. 3:14). ئۈچىنچى، بىزدىن كەچۈرۈمچان بولۇشنى تەلەپ قىلغان يەھۋاغا دۇئا قىلىڭ. شەيتاننىڭ ئېتىقادداشلىرىڭىز بىلەن بولغان تىنچ-خاتىرجەملىكىڭىزنى بۇزۇپ، خۇشاللىقتىن مەھرۇم قىلىشىغا يول بەرمەڭ (ئەفەس. 4:26، 27). بىز شەيتاننىڭ تۇزىقىدىن يىراق بولۇشنى خالىساق، يەھۋانىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىمىز.
ئۆزىڭىز پۇتلىشىپ يىقىلىپ كەتمەڭ
15. كولوسىلىقلار 3:13-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى بىزنى رەنجىتسە، نېمە قىلالايمىز؟
15 ئەگەر قېرىندىشىڭىز سىزنى رەنجىتىپ قويسىچۇ؟ نېمە قىلىشىڭىز كېرەك؟ كۈچىڭىزنىڭ بارىچە تىنچ-خاتىرجەملىكنى ساقلاشقا تىرىشىڭ. يەھۋاغا چىڭ قەلبىڭىزدىن ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى ئېيتىپ بېرىڭ. كۆڭلۈڭىزنى رەنجىتكەن كىشى ئۈچۈن خۇدادىن بەرىكەت تىلەڭ ۋە ئۇنىڭ يەھۋا ياقتۇرىدىغان مىجەز-خۇلقىنى، سىزنىڭمۇ كۆرۈپ يېتەلىشىڭىز ئۈچۈن ياردەم سوراڭ (لۇقا 6:28). ئەگەر قېرىندىشىڭىزنىڭ قىلغانلىرىنى ئۇنتۇيالمىسىڭىزچۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن قانداق پاراڭلىشىشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىڭ. ھەمىشە قېرىندىشىڭىزنىڭ سىزنى ھەرگىزمۇ قەستەن رەنجىتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئويلىسىڭىز ياخشى بولىدۇ (مەتتا 5:23، 24؛ 1-كورىنت. 13:7). ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئۇنىڭ نىيىتىدىن گۇمانلانماڭ. ئەگەر ئۇ يارىشىۋېلىشنى خالىمىسىچۇ؟ ئۇنى چىن دىلىڭىزدىن كەچۈرۈڭ. داۋاملىق ئۇنىڭغا سەۋرچانلىق كۆرسىتىڭ (كولوسىلىقلار 3:13-نى ئوقۇڭ). ئەڭ مۇھىمى، قەلبىڭىزدە ئاداۋەت ساقلىماڭ، چۈنكى شۇنداق قىلىش سىزنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان دوستلىقىڭىزغا زىيان يەتكۈزىدۇ. ھەرگىزمۇ ھېچنەرسىنىڭ سىزگە پۇتلىكاشاڭ بولۇشىغا يول بەرمەڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، يەھۋانى ھەرقانداق نەرسىدىن بەكرەك سۆيىدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتەلەيسىز.—زەبۇر 119:165.
16. ھەربىرىمىزنىڭ قانداق مەجبۇرىيىتى بار؟
16 بىز بىر پادىچىنىڭ قول ئاستىدا بىر پادا سۈپىتىدە ئىناقلىق بىلەن يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ئىمتىيازىنى قەدىرلەيمىز (يۇھاننا 10:16). «يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلايدىغان تەشكىلات» ناملىق كىتابنىڭ 165-بېتىدە: «ئىناق-ئىتتىپاقلىقتىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن ئۇنى ساقلاشقا ئۆز ھەسسىڭىزنى قوشۇش مەجبۇرىيىتىڭىز بار»،— دېيىلگەن. شۇڭا، ئېتىقادداشلىرىمىزغا يەھۋاغا ئوخشاش كۆزقاراشتا قاراشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. خۇدا ھەممىمىزنى قەدىر-قىممەتلىك سەبىي كىچىكلەر كەبى كۆرىدۇ. سىز ئېتىقادداشلىرىڭىزغا دەل شۇنداق قارامسىز؟ ئۇلارغا كۆرسەتكەن غەمخورلۇقىڭىز ۋە ياردەم بېرىش ئۈچۈن قىلغان ھەرقانداق ئىشلىرىڭىزغا يەھۋا نەزەر سالىدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.—مەتتا 10:42.
17. بىز نېمە قىلىشنى قارار قىلىشىمىز كېرەك؟
17 بىز ئېتىقادداشلىرىمىزنى سۆيىمىز. شۇڭا، «قېرىندىشىمىزنىڭ ئالدىغا پۇتلىكاشاڭ تاش ياكى توساق قويماسلىقنى قارار قىلايلى» (رىملىقلار 14:13). قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆزۈمىزدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، ۋە چىن قەلبىمىزدىن كەچۈرۈشكە تىرىشايلى. ئۆزىڭىزنىڭ پۇتلىشىپ يىقىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنايلى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە بىر-بىرىمىزنى مۇستەھكەملەشكە ياردەم بېرىدىغان ئىشلارنى قوغلىشايلى».—رىملىقلار 14:19.
35-ناخشا رەھمەت خۇدا سەۋرچانلىقىڭغا
a بىز نامۇكەممەل بولغاچ، بەلكىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان ئىشلارنى ياكى گەپ-سۆزلەرنى قىلىمىز. شۇنداق ۋاقىتلاردا نېمە قىلساق بولىدۇ؟ مۇناسىۋىتىمىزنى ياخشىلاشقا قولىمىزدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلىمىزمۇ؟ دەرھال كەچۈرۈم سورايمىزمۇ؟ ئۇلار رەنجىگەن بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشى، مەن قىلاي ئەمدى، دەپ ئويلايمىزمۇ ياكى باشقىلارنىڭ ئىشى ۋە گەپ-سۆزلىرىدىن ئاسانلا رەنجىيمىزمۇ؟ ياكى بولمىسا، ئۆزۈمىزنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇپ، مىجەز-خۇلقۇم شۇنداق، دەيمىزمۇ ياكى بۇ بىر ئاجىزلىقىم دەپ قاراپ، ئۆزگۈرۈش كېرەكلىكىنى ئېتىراپ قىلىمىزمۇ؟
b سۈرەتتە: جامائەتتە بىر قېرىنداش يەنە بىر قېرىنداشنى رەنجىتىپ قويغان. ئۇلار يۈزمۇ-يۈز پاراڭلىشىپ، ئارىسىدىكى كېلىشمەسلىكلەرنى ھەل قىلغان. بىر-بىرىنى كەچۈرۈپ بىرلىكتە خۇشال-خۇرام خىزمەتكە چىققان.