مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

24-‏تە‌تقىق ماقالىسى

شە‌يتاننىڭ تۇ‌زاقلىرىدىن قېچىپ قۇ‌تۇ‌لالايسىز!‏

شە‌يتاننىڭ تۇ‌زاقلىرىدىن قېچىپ قۇ‌تۇ‌لالايسىز!‏

‏«ئىبلىسنىڭ تۇ‌زۇ‌قىدىن قېچىپ قۇ‌تۇ‌لالايدۇ».‏—‏2-‏تىموت.‏ 2:‏26‏.‏

52-‏ناخشا قە‌لبىڭنى چىڭ قوغدا!‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ نېمە ئۈچۈن شە‌يتاننى بىر ئوۋچىغا سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا بولىدۇ؟‏

 ئوۋچىنىڭ پە‌قە‌ت بىرلا مە‌قسىتى بار.‏ ئۇ ئولجىسىنى تۇ‌تىدۇ ياكى ئۆلتۈرىدۇ.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ تۈرلۈك تۇ‌زاق ياكى قاپقانلاردىن پايدىلىنىدۇ.‏ ھە‌تتا،‏ بۇ ھە‌ققىدە ئايۇ‌پقا تە‌سە‌للى بە‌رگىلى كە‌لگە‌ن ساختا دوستلىرى تىلغا ئالغان (‏ئايۇ‌پ 18:‏8—‏10‏)‏.‏ ئوۋچى جانىۋارنى ئالداپ،‏ ئۆز قىلتىقىغا قانداق دە‌سسىتىدۇ؟‏ ئۇ شۇ جانىۋارنى كۈزىتىپ تە‌تقىق قىلىدۇ.‏ ئۇ نە‌گە بارىدۇ؟‏ نېمىگە قىزىقىدۇ؟‏ نېمە بىلە‌ن ئۇ‌نى تۇ‌تۇ‌ش ئاسان بولىدۇ؟‏ شە‌يتان دە‌ل شۇ‌نداق ئوۋچى ئوخشاش.‏ ئۇ بىزنى كۈزىتىپ تە‌تقىق قىلىدۇ.‏ نە‌گە بارىدىغانلىقىمىزنى،‏ نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىمىزنى كۈزىتىپ تۇ‌رىدۇ.‏ ئاندىن كېيىن،‏ بىزنى ئويلىمىغان يە‌ردىن ئۆز قاپقىنىغا دە‌سسىشىمىزنى ئۈمىد قىلغاچ،‏ بىزگە بىر تۇ‌زاق قۇ‌رىدۇ.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئە‌گە‌ر شە‌يتان بىزنى تۇ‌تۇ‌ۋالسا،‏ ئۇ‌نىڭدىن قېچىپ قۇ‌تۇ‌لالايدىغانلىقىمىزنى ئېيتىدۇ ۋە ئاشۇ تۇ‌زاقلاردىن قانداق قۇ‌تۇ‌لۇ‌شنى ئۆگىتىدۇ.‏

تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌ق ۋە ئاچكۆزلۈك شە‌يتاننىڭ ئە‌ڭ ئۈنۈملۈك تۇ‌زاقلىرى ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلانغان (‏2-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ c

2.‏ شە‌يتاننىڭ ئە‌ڭ ئۈنۈملۈك تۇ‌زاقلىرىدىن ئىككىسى قايسى؟‏

2 شە‌يتاننىڭ ئە‌ڭ ئۈنۈملۈك تۇ‌زاقلىرى تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌ق ۋە ئاچكۆزلۈك b‏.‏ نە‌چچە مىڭ يىللاردىن بۇ‌يان،‏ شە‌يتان ئاشۇ تۇ‌زاقلارنى قوللىنىپ،‏ مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تكە ئېرىشىپ كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ خۇ‌ددى بىر قۇ‌ش تۇ‌تقۇ‌چىغا ئوخشاش،‏ ئۆزى كۆزلىگە‌ن ئوۋنى تورغا چۈشۈرۈشكە ئۇ‌رۇ‌نىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 91:‏3‏)‏.‏ بىراق،‏ بىز شە‌يتاننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالماسلىقىمىز كېرە‌ك،‏ سە‌ۋە‌بى يە‌ھۋا ئاللىقاچان شە‌يتاننىڭ ئىشلىتىدىغان ھىيلە-‏مىكىرلىرىنى بىزگە ئاشكارە قىلغان.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 2:‏11‏.‏

بىز ئاگاھلاندۇ‌رىدىغان مىساللاردىن ساۋاق ئالالايمىز ۋە شە‌يتاننىڭ تۇ‌زاقلىرىدىن قېچىپ قۇ‌تۇ‌لالايمىز ياكى يىراق تۇ‌رالايمىز (‏3-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ d

3.‏ يە‌ھۋا نېمە ئۈچۈن تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌ق ۋە ئاچكۆزلۈكنىڭ تۇ‌زىقىغا چۈشۈپ قالغانلارنىڭ مىساللىرىنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا يازدۇ‌رغان؟‏

3 يە‌ھۋا بىزنى ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنىڭ كە‌چۈرمىشلىرى ھە‌ققىدە ئۆگىنىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىش ئارقىلىق تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌ق ۋە ئاچكۆزلۈكتىن ئاگاھلاندۇ‌رىدۇ.‏ ھە‌تتا بە‌زى يە‌ھۋاغا ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت خىزمە‌ت قىلغانلارمۇ شە‌يتاننىڭ تۇ‌زىقىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈمىز.‏ بۇ تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌ق ۋە ئاچكۆزلۈكتىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌شىمىزغا ئىمكان يوق،‏ دېگە‌ننى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏ ياق.‏ يە‌ھۋا بىز ئۈچۈن ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش سۈپىتىدە ئاشۇ مىساللارنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا يازدۇ‌رغان (‏1-‏كورىنت.‏ 10:‏11‏)‏.‏ خۇ‌دا شۇ‌نى بىلىدۇ‌كى،‏ شۇ مىساللاردىن ساۋاق ئالساق،‏ شە‌يتاننىڭ تۇ‌زاقلىرىدىن قېچىپ قۇ‌تۇ‌لالايمىز ياكى يىراق تۇ‌رالايمىز.‏

تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌ق تۇ‌زىقى

‏(‏4-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

4.‏ ئە‌گە‌ر بىز تە‌كە‌ببۇ‌ر بولۇ‌پ كە‌تسە‌ك،‏ نە‌تىجىسى قانداق بولىدۇ؟‏

4 شە‌يتان بىزنىڭ تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌قنى يېتىلدۈرۈشىمىزنى خالايدۇ.‏ ئۇ شۇ‌نى بىلىدۇ‌كى،‏ بىزدە تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌ق كۈچىيىپ كە‌تسە،‏ ئۇ‌نىڭغا ئوخشاش بولۇ‌پ،‏ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشتىن مە‌ھرۇ‌م قالىمىز (‏پە‌ند.‏ نە 16:‏18‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بىر كىشى تە‌كە‌ببۇ‌رلىشىپ،‏ ئىبلىسقا چىقىرىلغان ھۆكۈمگە ئۇ‌چرايدۇ،‏ دە‌پ ئاگاھلاندۇ‌رغان (‏1-‏تىموت.‏ 3:‏6،‏ 7‏)‏.‏ بىز ھە‌قىقە‌تنى يېڭىدىن تونۇ‌يلى ياكى ئۇ‌زۇ‌ن يىللار يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغان بولايلى،‏ ھە‌ربىرىمىز تە‌كە‌ببۇ‌رلىشىپ كېتىشىمىز مۇ‌مكىن.‏

5.‏ ۋە‌ز 7:‏16،‏ 20-‏ئايە‌تتە كۆرسىتىلگە‌ندە‌ك،‏ بىر كىشى تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌قنى قانداق كۆرسىتىشى مۇ‌مكىن؟‏

5 تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌ق شە‌خسىيە‌تچىلىكنىڭ بىر شە‌كلى.‏ بولۇ‌پمۇ قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ شە‌يتان دىققىتىمىزنى يە‌ھۋاغا ئە‌مە‌س،‏ ئۆزۈمىزگە قارىتىپ،‏ بىزنى شە‌خسىيە‌تچى بولۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئىلگىرى سىز خاتا ئە‌يىبلىگە‌نمۇ ياكى ئادالە‌تسىز مۇ‌ئامىلىگە ئوچرىغانمۇ؟‏ شە‌يتان سىزنىڭ خۇ‌دانى ۋە قېرىنداشلىرىڭىزنى ئە‌يىبلىگىنىڭىزنى كۆرۈشنى بە‌كمۇ خالايدۇ.‏ ئىبلىس يە‌نە قىيىنچىلىقلاردا،‏ سىزنىڭ يە‌ھۋا بە‌رگە‌ن كۆرسە‌تمىلە‌رگە تايانماي،‏ ئۆزىڭىزگە تايىنىشىڭىزنى خالايدۇ.‏—‏ۋە‌ز 7:‏16،‏ 20-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

6.‏ بىر قېرىنداشنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يسىز؟‏

6 باشقىلارنىڭ نامۇ‌كە‌ممە‌للىكىدىن زېرىككە‌ن بىر قېرىندىشىمىزنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ ئۆزىگە:‏ «ئە‌مدى مە‌ن بۇ‌نىڭغا چىداپ تۇ‌رالمايمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن ئىدى.‏ ئۇ ئۆزىنى يالغۇ‌ز قالغاندە‌ك ھېس قىلغان ۋە قېرىنداشلىرىنى كە‌چۈرۈلمىگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ يولدىشىغا:‏ «بىز باشقا جامائە‌تكە كېتە‌يلى»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ كېيىن،‏ ئۇ 2016-‏يىلى مارت ئېيىدىكى «JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسىنى»‏ كۆرگە‌ن.‏ شۇ پروگراممىدا باشقىلارنىڭ نامۇ‌كە‌ممە‌للىكىگە قانداق كۆزقاراشتا بولۇ‌ش ھە‌ققىدە مە‌سلىھە‌تلە‌ر بېرىلگە‌ن.‏ ئۇ:‏ «مە‌ن جامائە‌تتىكى قېرىنداشلارنى ئۆزگە‌رتىشكە ئۇ‌رۇ‌نۇ‌شنىڭ ئورنىغا،‏ ئۆز خاتالىقلىرىمنى كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن تونۇ‌پ يېتىشىم كېرە‌كلىكىنى چۈشە‌ندىم.‏ بۇ پروگرامما دىققىتىمنى يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇ‌قىغا قارىتىشىمغا ياردە‌م بە‌ردى»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ نېمە دېمە‌كچى بولغاننى چۈشە‌ندىڭىزمۇ؟‏ سىناققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ دىققىتىڭىزنى يە‌ھۋاغا قارىتىڭ.‏ ئۇ‌نىڭدىن دۇ‌ئادا،‏ باشقىلارغا ئۇ‌نىڭغا ئوخشاش كۆزقاراشتا بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىشنى ئۆتۈنۈڭ.‏ ئاسماندىكى ئاتىمىز ئۇ‌لارنىڭ خاتالىقلىرىنى كۆرسىمۇ،‏ ئۇ‌لارنى كە‌چۈرۈشكە تە‌ييار.‏ ئۇ سىزنىڭ شۇ‌نداق قىلىشىڭىزنى خالايدۇ.‏—‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏20‏.‏

‏(‏7-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

7.‏ پادىشاھ ئۇ‌ززىياغا نېمە ئىش بولغان؟‏

7 تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌ق يە‌ھۇ‌دا پادىشاھى ئۇ‌ززىيانى نە‌سىھە‌تنى رە‌ت قىلىپ،‏ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ ئۇ‌ززىيا نۇ‌رغۇ‌ن جە‌ڭلە‌ردە غە‌لبە قازانغان،‏ كۆپلىگە‌ن شە‌ھە‌رلە‌رنى بىنا قىلغان ۋە دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى كېڭە‌يتكە‌ن.‏ خۇ‌دا ئۇ‌نىڭ ئىشلىرىنى راۋان قىلغان (‏2-‏تارىخ.‏ 26:‏3—‏7،‏ 10‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «لېكىن،‏ ئۇ كۈچە‌يگە‌ندىن كېيىن،‏ مە‌غرۇ‌رلىنىپ كە‌تتى ۋە بۇ ئىش ئۇ‌نى ھالاكە‌تكە ئېلىپ باردى».‏ يە‌ھۋا پە‌قە‌ت روھانىيلارغا ئىبادە‌تخانىدا ئىسرىقلارنى تە‌غدىم قىلىشقا رۇ‌خسە‌ت قىلغان بولسىمۇ،‏ بىراق ئۇ‌ززىيا ئىسرىق تە‌غدىم قىلىپ ئۆز بېشىمچىلىق قىلغان.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭدىن خۇ‌رسە‌ن بولمىغاچ،‏ ئۇ‌نى ماخاۋ كېسىلى بىلە‌ن جازالىغان.‏ ئۇ‌ززىيا ئۆلگىچە ماخاۋ كېسىلى بىلە‌ن ياشىغان.‏—‏2-‏تارىخ.‏ 26:‏16—‏21‏.‏

8.‏ 1-‏كورىنتلىقلار 4:‏6،‏ 7-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ بىز تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌قتىن ئۆزۈمىزنى قانداق نېرى تۇ‌تالايمىز؟‏

8 بىزمۇ پادىشاھ ئۇ‌ززىياغا ئوخشاش تە‌كە‌ببۇ‌رلىشىپ،‏ گۇ‌ناھقا قول ئۇ‌رۇ‌شىمىز مۇ‌مكىنمۇ؟‏ جوسى ئىسىملىك بۇ‌رادە‌رنىڭ مىسالىنى كۆرە‌يلى.‏ ئۇ مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌ت قازانغان بىر سودىگە‌ر بولغان ۋە جامائە‌تتە ھۆرمە‌تكە ئېرىشكە‌ن ئاقساقال ئىدى.‏ ئۇ چوڭ يىغىلىشلاردا نۇ‌تۇ‌قلارنى ئېيتقان.‏ رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللار ئۇ‌نىڭدىن مە‌سلىھە‌تلە‌رنى سورىغان.‏ ئۇ:‏ «مە‌ن ئۆزۈمنىڭ قابىلىيىتى ۋە تە‌جرىبىلىرىگە ئىشىنىپ كە‌تكە‌چ،‏ مە‌ن يە‌ھۋاغا تايانمىغان.‏ مە‌ن ئۆزۈمنى كۈچلۈك دە‌پ ئويلىغاچ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شى ۋە نە‌سىھە‌تلىرىنى ئاڭلىمىغان»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ جوسى ئېغىر بىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈپ،‏ جامائە‌تتىن چىقىرىۋېتىلگە‌ن.‏ بىرقانچە يىل ئىلگىرى،‏ ئۇ قايتا جامائە‌تكە قوبۇ‌ل قىلىنغان.‏ ئۇ يە‌نە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «يە‌ھۋا ماڭا بىرنە‌رسىنى ئۆگە‌تتى.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى نام-‏ئاتاق ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۇ‌نىڭ تە‌لە‌پ قىلغىنىنى قىلىش ئىكە‌ن».‏ شۇ‌نى ئە‌ستىن چىقارمايلى،‏ بىزدىكى ھە‌رقانداق تالانت،‏ جامائە‌تتە ئېرىشكە‌ن ئىمتىيازلار يە‌ھۋادىن كېلىدۇ ‏(‏1-‏كورىنتلىقلار 4:‏6،‏ 7-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىز تە‌كە‌ببۇ‌ر بولساق،‏ يە‌ھۋا بىزنى ئىشلە‌تمە‌يدۇ.‏

ئاچكۆزلۈك تۇ‌زىقى

‏(‏9-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

9.‏ ئاچكۆزلۈك شە‌يتان ۋە ھاۋا-‏ئانىنى نېمە قىلىشقا ھە‌رىكە‌ت قىلدۇ‌رغان؟‏

9 ئاچكۆزلۈك ھە‌ققىدە ئويلانغىنىمىزدا،‏ شە‌يتان ئىبلىس دە‌رھاللا ئېسىمىزگە كېلىدۇ.‏ ئۇ ئىلگىرى يە‌ھۋانىڭ بىر پە‌رىشتىسى سۈپىتىدە،‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئىمتىيازلارغا ئىگە بولغان.‏ بىراق،‏ ئۇ تېخىمۇ كۆپرە‌ك نە‌رسىنى خالىغاچ،‏ پە‌قە‌ت يە‌ھۋاغىلا مە‌نسۇ‌پ ئىبادە‌تكە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان.‏ ئۇ بىزنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش بولۇ‌شىمىزنى خالايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىزنى بارىغا قانائە‌ت قىلماي،‏ كۆپرە‌ك نە‌رسىگە ئېرىشىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ ئۇ ھاۋا-‏ئانىغا سۆز قىلغاندا،‏ تۇ‌نجى قېتىم شۇ‌نداق قىلىشقا ئۇ‌رۇ‌نغان.‏ خۇ‌دا ھاۋا-‏ئانىغا ۋە ئۇ‌نىڭ ئېرىگە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىپ،‏ باغدىكى بىر دە‌رە‌ختىن باشقا،‏ بارلىق دە‌رە‌خلە‌رنىڭ مېۋىلىرىدىن تويغىچە يېيىشنى رۇ‌خسە‌ت قىلغان (‏يارىت.‏ 2:‏16‏)‏.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ شە‌يتان ھاۋا-‏ئانىنى ئازدۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌نى مە‌نئىي قىلىنغان دە‌رە‌خنىڭ مېۋىسىدىن يېيىشىم كېرە‌ك،‏ دېگە‌ن ئويغا كە‌لتۈرگە‌ن.‏ ھاۋا ئۆزىدە بارىغا قانائە‌ت قىلماي،‏ تېخىمۇ كۆپرە‌ك نە‌رسىلە‌رنى خالىغان.‏ كېيىن،‏ ئۇ گۇ‌ناھ قىلىپ،‏ ئاخىرىدا ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن.‏—‏يارىت.‏ 3:‏6،‏ 19‏.‏

‏(‏10-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

10.‏ ئاچكۆزلۈك داۋۇ‌ت پادىشاھقا قانداق تۇ‌زاق بولغان؟‏

10 ئاچكۆزلۈك سە‌ۋە‌بلىك،‏ داۋۇ‌ت يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نىڭغا بە‌رگە‌ن مال-‏دۇ‌نيا،‏ نام-‏ئاتاق ۋە دۈشمە‌نلىرى ئۈستىدىن ئېرىشتۈرگە‌ن غە‌لبىلىرىنى ئۇ‌نتۇ‌غان.‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ ساناپ تۈگە‌تكۈسىز سوۋغاتلىرىغا ئېرىشكە‌چ،‏ ئۆز مىننە‌تدارلىقىنى بىلدۈرگە‌ن ئىدى (‏زە‌بۇ‌ر 40:‏5‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ داۋۇ‌ت يە‌ھۋانىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلغانلىرىنى ئۇ‌نتۇ‌پ،‏ بارىغا قانائە‌ت قىلماي،‏ كۆپرە‌ك نە‌رسىگە ئېرىشىشنى خالىغان.‏ گە‌رچە داۋۇ‌تنىڭ بىرقانچە ئايالى بولسىمۇ،‏ ئۇ قە‌لبىدە باشقا بىرىنىڭ ئايالىغا ئېرىشىش ئارزۇ‌سىنىڭ كۈچىيىشىگە يول قويغان.‏ ئۇ ئايالنىڭ ئىسىمى باتشە‌با ۋە يولدىشى ئۇ‌رىيا ئىدى.‏ داۋۇ‌ت شە‌خسىيە‌تچىلىك قىلىپ،‏ شۇ ئايال بىلە‌ن جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولغان ۋە ئۇ ئايال ھامىلدار بولۇ‌پ قالغان.‏ زىناخورلۇ‌ق گۇ‌ناھى ئازدە‌ك،‏ داۋۇ‌ت ئۇ‌رىيانى ئۆلتۈرۈشنىمۇ ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان (‏2-‏سام.‏ 11:‏2—‏15‏)‏.‏ شۇ ۋاقىتتا،‏ داۋۇ‌ت يە‌ھۋانى كۆرمە‌يدۇ،‏ دە‌پ ئويلىغانمۇ؟‏ ئۇ يە‌ھۋاغا شۇ‌نچە ئۇ‌زۇ‌ن يىللار خىزمە‌ت قىلغان بولسىمۇ،‏ ئاچكۆز بولۇ‌پ كە‌تكە‌چ،‏ ئاخىرىدا كۆپلىگە‌ن ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە دۇ‌چار بولغان.‏ خۇ‌شاللىنارلىقى،‏ داۋۇ‌ت توۋا قىلىپ،‏ قايتا يە‌ھۋانىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشە‌لىگىنىگە قانچىلىك مىننە‌تدار بولغان-‏ھە!‏—‏2-‏سام.‏ 12:‏7—‏13‏.‏

11.‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏3،‏ 4-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ ئاچكۆزلۈك بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىشىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

11 داۋۇ‌تنىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋا بە‌رگە‌ن بارلىق نە‌رسىلە‌ر ئۈچۈن مىننە‌تدار بولساق،‏ بىز ئاچكۆزلۈككە قارشى تۇ‌رالايمىز ‏(‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏3،‏ 4-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ چوقۇ‌م ئۆزۈمىزدە بارىغا قانائە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ بىز بىر كىشى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلىغاندا،‏ خۇ‌دا ئۇ‌نىڭغا بە‌رگە‌ن نە‌رسىلە‌ردىن بىرى ھە‌ققىدە ئويلاپ،‏ مىننە‌تدارلىقىنى بىلدۈرۈشنى ئۆگىتىمىز.‏ ئە‌گە‌ر بىر كىشى ھە‌ر كۈنى شۇ‌نداق قىلسا،‏ بىر ھە‌پتە ئۆتكە‌ندە،‏ ئۇ يە‌تتە نە‌رسە ھە‌ققىدە دۇ‌ئا قىلغان بولىدۇ (‏1-‏سالونىكا.‏ 5:‏18‏)‏.‏ سىزمۇ شۇ‌نداق قىلامسىز؟‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋانىڭ سىز ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشلىرى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانسىڭىز،‏ مىننە‌تدار بولىسىز.‏ ھە‌مدە مىننە‌تدار بولسىڭىز،‏ قانائە‌تچان بولالايسىز.‏ قانائە‌تچان بولغىنىڭىزدا،‏ ئاچكۆزلۈك تۇ‌زۇ‌قىدىن يىراق تۇ‌رالايسىز.‏

‏(‏12-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

12.‏ ئاچكۆزلۈك سە‌ۋە‌بلىك ئىشقارىيوت يە‌ھۇ‌دا نېمە ئىش قىلغان؟‏

12 ئاچكۆزلۈك ئىشقارىيوت يە‌ھۇ‌دانى خائىن بىر كىشىگە ئايلاندۇ‌رغان.‏ ئە‌مما،‏ دە‌سلە‌پتە ئۇ ئۇ‌نداق يامان ئادە‌م بولمىغان (‏لۇ‌قا 6:‏13،‏ 16‏)‏.‏ ئە‌يسا ئۇ‌نى بىر ئە‌لچى سۈپىتىدە تاللىغان.‏ يە‌ھۇ‌دا قارىماققا قابىلىيە‌تلىك،‏ ئىشە‌نچىلىك بولغاچقا،‏ پۇ‌لنى ساقلاشقا تە‌يىنلە‌نگە‌ن.‏ ئە‌يسا ۋە ئە‌لچىلە‌ر ۋە‌ز خىزمىتىدە بولغاندا،‏ ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن شۇ پۇ‌لنى ئىشلە‌تكە‌ن.‏ ئاشۇ پۇ‌للار خۇ‌ددى بۈگۈنكى كۈندە دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدا بولۇ‌ۋاتقان ئىش-‏پائالىيە‌تلە‌ر ئۈچۈن قىلىنغان ئىئانىلە‌رگە ئوخشاش بولغان.‏ كېيىنرە‌ك،‏ يە‌ھۇ‌دا ئە‌يسانىڭ قايتا-‏قايتا ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شلىرىغا پە‌رۋا قىلماي،‏ ئوغۇ‌رلۇ‌ق قىلىشقا باشلىغانىدى (‏ماركۇ‌س 7:‏22،‏ 23؛‏ لۇ‌قا 11:‏39؛‏ 12:‏15‏)‏.‏ يە‌ھۇ‌دا ئاشۇ ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شلارغا پە‌رۋا قىلمىغان.‏

13.‏ يە‌ھۇ‌دانىڭ ئاچكۆزلۈكى قاچان ئاشكارە بولغان؟‏

13 ئە‌يسا ئۆلتۈرۈلۈشتىن بۇ‌رۇ‌ن بىر ۋە‌قە‌دە يە‌ھۇ‌دانىڭ ئاچكۆزلۈكى ئاشكارە بولغان.‏ ئە‌يسا،‏ ئۇ‌نىڭ شاگىرتلىرى،‏ مە‌ريە‌م ۋە ئۇ‌نىڭ ھە‌دىسى مارتا ئىلگىرى ماخاۋ كېسىلى بولغان سىموننىڭ ئۆيىدە مېھمان بولغان.‏ تاماق ئۈستىدە مە‌ريە‌م ئورنىدىن تۇ‌رۇ‌پ،‏ ئە‌يسانىڭ بېشىغا قىممە‌تباھا ئە‌تىرنى قۇ‌يغان.‏ يە‌ھۇ‌دا ۋە باشقا شاگىرتلار بۇ‌نىڭدىن نارازى بولغان.‏ باشقا شاگىرتلار بە‌لكىم پۇ‌للارنى ۋە‌ز خىزمە‌تتە ئىشلە‌تسە‌ك ياخشىراق بولىدۇ،‏ دە‌پ ئويلىغان.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۇ‌دانىڭ نىيىتى باشقىچە ئىدى.‏ ئۇ ئوغرى بولغاچ،‏ ھە‌مياندىن پۇ‌ل ئوغرىلاشنى خالىغان ئىدى.‏ كېيىن،‏ يە‌ھۇ‌دا ئاچكۆزلۈك تۈپە‌يلى ئە‌يسانى بىر قۇ‌لنىڭ باھاسىغا سېتىۋە‌تكە‌ن.‏—‏يۇ‌ھاننا 12:‏2—‏6؛‏ مە‌تتا 26:‏6—‏16؛‏ لۇ‌قا 22:‏3—‏6‏.‏

14.‏ بىر ئە‌ر-‏ئايال،‏ لۇ‌قا 16:‏13-‏ئايە‌تتىكى ساۋاقنى ئۆزىنىڭ ھاياتىدا قانداق قوللانغان؟‏

14 ئە‌يسا:‏ «ھە‌م خۇ‌دانىڭ،‏ ھە‌م مال-‏دۇ‌نيانىڭ قۇ‌للىرى بولالمايسىلە‌ر»،‏—‏ دە‌پ ئۆز شاگىرتلىرىنى ئاگاھلاندۇ‌رغان ‏(‏لۇ‌قا 16:‏13-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ سۆزلە‌ر تېخىغىچە ئۆزگە‌رمىدى.‏ ئە‌يسانىڭ مۇ‌شۇ سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سالغان رومىنىيىدىكى بىر جۈپنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ‌لار بە‌كرە‌ك تە‌رە‌ققىي قىلغان دۆلە‌تتە ۋاقىتلىق ئىشلە‌ش پۇ‌رسىتىگە ئېرىشكە‌ن.‏ ئۇ‌لار:‏ «بىزنىڭ بانكىغا تۆلە‌يدىغان كۆپ قە‌رزىمىز بار ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ دە‌سلە‌پتە بۇ خىزمە‌تنى يە‌ھۋادىن كە‌لگە‌ن بىر بە‌رىكە‌ت،‏ دە‌پ ئويلىدۇ‌ق»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ بىراق،‏ بىر تۇ‌زاق بار ئىدى.‏ بۇ ئىش ئۇ‌لارنىڭ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشىغا تە‌سىر كۆرسىتە‌تتى.‏ ئۇ‌لار «كۈزىتىش مۇ‌نارى» 2008-‏يىل،‏ 15-‏ئاۋغۇ‌ست سانىدىكى «‏پۈتۈن قە‌لب بىلە‌ن ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاڭ‏»،‏ دېگە‌ن ماقالىنى ئوقۇ‌غاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ قارارىنى چىقارغان.‏ ئۇ‌لار:‏ «بىز پۇ‌ل تېپىش ئۈچۈن باشقا دۆلە‌تكە بارساق،‏ خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزنى ئىككىنچى ئورۇ‌نغا قويغان بولىدىكە‌نمىز.‏ خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىز يامانلىشىپ كېتىدىغانلىقىغا كۆز يە‌تكۈزە‌لىدۇ‌ق»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار شۇ پۇ‌رسە‌تنى رە‌ت قىلغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ بۇ‌رادە‌ر ئۆز دۆلىتىدە خىزمە‌ت تاپقان.‏ ئۇ‌نىڭ ئايالى شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋا ھە‌رقاچان ياردە‌م قولىنى سۇ‌نىدۇ».‏ ئۇ‌لار پۇ‌لنى ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋانى ئۆزىنىڭ خوجايىنى بولۇ‌شقا تاللىغىنىدىن بە‌كمۇ خۇ‌شال.‏

شە‌يتاننىڭ تۇ‌زاقلىرىدىن يىراق تۇ‌رۇ‌ڭ

15.‏ شە‌يتاننىڭ تۇ‌زاقلىرىدىن قېچىپ قۇ‌تۇ‌لالىشىمىزغا نېمە ئۈچۈن ئىشىنە‌لە‌يمىز؟‏

15 ئۆزۈمىزنىڭ تە‌كە‌ببۇ‌ر ياكى ئاچكۆز بولۇ‌پ كېتىۋاتقانلىقىمىزنى بايقىساقچۇ؟‏ ئۆزۈمىزنى ئۆزگە‌رتە‌لە‌يمىز!‏ پاۋلۇ‌س شە‌يتاننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلار ئۇ‌نىڭ تۇ‌زىقىدىن قېچىپ قۇ‌تۇ‌لالايدۇ،‏ دە‌پ ئېيتقان (‏2-‏تىموت.‏ 2:‏26‏)‏.‏ ئاخىرىدا،‏ داۋۇ‌ت ناتاننىڭ نە‌سىھىتىگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىنى قايتا ياخشىلىغان.‏ ھە‌رگىز ئۇ‌نتۇ‌مايلىكى،‏ يە‌ھۋا شە‌يتاندىن كۈچلۈكرە‌ك.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمىنى قوبۇ‌ل قىلساق،‏ شە‌يتاننىڭ قۇ‌رغان ھە‌رقانداق تۇ‌زاقلىرىدىن قېچىپ قۇ‌تۇ‌لالايمىز.‏

16.‏ شە‌يتاننىڭ تۇ‌زاقلىرىدىن يىراق تۇ‌رۇ‌شىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

16 ئە‌لۋە‌تتە،‏ شە‌يتاننىڭ تۇ‌زاقلىرىدىن قېچىپ قۇ‌تۇ‌لالايمىز،‏ ئە‌مما ئە‌ڭ ياخشىسى ئۇ قۇ‌رغان تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌ق ۋە ئاچكۆزلۈك توزىقىغا يېقىن يولىمايلى .‏ بۇ‌نى پە‌قە‌ت خۇ‌دانىڭ ياردىمى بىلە‌ن قىلالايمىز.‏ «مېنىڭ ئىمانىم كۈچلۈك،‏ ھە‌رگىزمۇ تە‌كە‌ببۇ‌ر ياكى ئاچكۆز بولۇ‌پ قالمايمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ ئويلىماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ ھە‌تتا،‏ يە‌ھۋاغا ئۇ‌زۇ‌ن يىل خىزمە‌ت قىلغانلارمۇ تە‌كە‌ببۇ‌ر ياكى ئاچكۆز بولۇ‌پ قالىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئوي-‏پىكىر ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىڭىزگە شۇ‌نداق ناچار ئىللە‌تلە‌رنىڭ تە‌سىر قىلىشقا باشلىغان-‏باشلىمىغانلىقىنى تونۇ‌پ يېتە‌لىشىڭىز ئۈچۈن،‏ ھە‌ر كۈنى يە‌ھۋادىن ياردە‌م سوراپ دۇ‌ئا قىلىڭ.‏ (‏زە‌بۇ‌ر 139:‏23،‏ 24‏)‏.‏ ھە‌رگىزمۇ تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌ق ۋە ئاچكۆزلۈكنى ئۆزىڭىزگە يوقتۇ‌رۇ‌ۋالماڭ.‏

17.‏ پات-‏ئارىدا دۈشمىنىمىز ئىبلىسقا نېمە بولىدۇ؟‏

17 نە‌چچە مىڭ يىللاردىن بۇ‌يان،‏ شە‌يتان ئوۋچىلىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.‏ بىراق،‏ پات-‏ئارىدا ئۇ ئۆزى كىشە‌نلىنىپ،‏ ئاخىرىدا ۋە‌يران قىلىنىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 20:‏1—‏3،‏ 10‏)‏.‏ بىز شۇ كۈننى تە‌قە‌ززالىق بىلە‌ن كۈتۈپ،‏ شە‌يتاننىڭ تۇ‌زاقلىرىدىن ھوشيار تۇ‌رايلى.‏ تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌ق ۋە ئاچكۆزلۈكنىڭ سىزنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تىرىشىڭ.‏ شە‌يتانغا قارشى تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن قە‌تئىي بولۇ‌ڭ،‏ شۇ‌ندىلا ئۇ سىزدىن قاچىدۇ.‏—‏ياقۇ‌پ 4:‏7‏.‏

29-‏ناخشا ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاپ يۈرۈش

a شە‌يتان ماھىر بىر ئوۋچىغا ئوخشاش.‏ مە‌يلى قانچە ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغان بولۇ‌شىمىزغا قارىماي،‏ ئۇ ئۆزى قۇ‌رغان قىلتاققا بىزنى دە‌سسىتىش ئۈچۈن ھە‌رىكە‌ت قىلىدۇ.‏ ھازىر شە‌يتاننىڭ تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌ق ۋە ئاچكۆزلۈكنى قوللىنىپ،‏ بىزنىڭ خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزنى ۋە‌يران قىلىشقا قانداق ئۇ‌رۇ‌نىدىغانلىقىنى كۆرۈمىز.‏ بىز يە‌نە تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌ق ۋە ئاچكۆزلۈك تۇ‌زىقىغا چۈشكە‌ن بە‌زىلە‌رنىڭ مىسالىنى ۋە شۇ‌نداق تۇ‌زاقلاردىن ئۆزۈمىزنى قانداق ساقلاپ قالالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

b سۆز-‏ئىبارە مە‌نىسى:‏ بۇ ماقالىدىكى تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌ق سۆزى ئۆزىنى باشقىلاردىن ياخشىراق،‏ دە‌پ ھېس قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.‏ ئاچكۆزلۈك سۆزى كۆپرە‌ك پۇ‌ل،‏ ھوقۇ‌ق،‏ جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌ت ياكى شۇ‌نىڭغا ئوخشاش باشقا ئىشلارنى ھە‌ددىدىن زىيادە ئارزۇ قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.‏

c سۈرە‌تلە‌ردە:‏ بىر بۇ‌رادە‌ر تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌ق بىلە‌ن دانا كۆرسە‌تمىنى رە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏ بىر قېرىندىشىمىز شۇ‌نچە كۆپ نە‌رسىلىرى بولسىمۇ،‏ يە‌نە كۆپرە‌ك نە‌رسىگە ئېرىشىشنى خالايدۇ.‏

d سۈرە‌تلە‌ردە:‏ خۇ‌دانىڭ بىر روھىي ئوغلى ۋە پادىشاھ ئۇ‌ززىيا تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌قنىڭ تە‌سىرىگە ئۇ‌چرىغان.‏ ھاۋا-‏ئانىنىڭ مە‌نئىي قىلىنغان دە‌رە‌خنىڭ مېۋىسىدىن يېيىشى،‏ داۋۇ‌تنىڭ باتشە‌با بىلە‌ن زىنا ئۆتكۈزۈشى ۋە يە‌ھۇ‌دانىڭ پۇ‌للارنى ئوغۇ‌رلىشىنىڭ ئارقىسىغا ئاچكۆزلۈك يۇ‌شۇ‌رۇ‌نغان.‏