22-تەتقىق ماقالىسى
مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىڭ
«ھەر بىرىڭلار … سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈڭلار».—ئەلچى. 2:38.
10-ناخشا «مانا مەن، ئەۋەت مېنى!»
بۇ ماقالىدە a
1. بىرىنچى ئەسىردە، ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى يېرۇسالىمغا كەلگەن تۈرلۈك مەملىكەت كىشىلىرىگە نېمە دېگەن؟
نۇرغۇن دۆلەتلەردىن كەلگەن، ھەرخىل تىللاردا سۆزلەيدىغان ئادەملەر يېرۇسالىمدا توپلانغان ئىدى. شۇ كۈنى ھەيران قالارلىق ئىش يۈز بەرگەن. بىر توپ ئاددىي يەھۇدىيلار يېرۇسالىمغا كەلگەن تۈرلۈك مەملىكەت كىشىلىرىنىڭ تىللىرىدا سۆزلەشكە باشلىغان ئىدى. يەھۇدىيلارنىڭ سۆزلىرى شۇ ئادەملەرنى ھەيران قالدۇرغان، ئەمما پېترۇسنىڭ سۆزلىرى تېخىمۇ ھەيران قالارلىق ئىدى. ئۇلار ئەيسا مەسىھكە ئىشەنچ باغلاش ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئاڭلىغان. پېترۇس ئېيتقان شۇ سۆزلەر ئۇلارغا قاتتىق تەسىر قىلغاچ، ئۇلار ھاياجانلىنىپ مۇنداق سورىغان: «بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟». پېترۇس ئۇلارغا: «ھەر بىرىڭلار … سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈڭلار»،— دېگەن.—ئەلچى. 2:37، 38.
2. بۇ ماقالىدە، نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
2 تېخىمۇ ھەيران قالارلىق بىر ئىش يۈز بېرىپ، تەخمىنەن 3000 چە كىشى شۇ كۈنى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈپ، ئەيسانىڭ شاگىرتى بولغان. بۇ ئەيسانىڭ ئۆز شاگىرتلىرىغا بۇيرۇغان شاگىرت تەييارلاش ئىشىنىڭ ئەڭ چوڭ باشلىنىشى بولغان. شۇ ئىش 21-ئەسىر، يەنى بىزنىڭ كۈنىمىزگىمۇ يېتىپ كەلدى. بىز كىشىگە بىرقانچە سائەت سۆزلەپلا، ئۇنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تەييار قىلالمايمىز. بىر كىشىگە چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن بىرنەچچە ئاي، ھەتتا بىر يىل ياكى كۆپرەك ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. شاگىرتلارنى تەييارلاش ئىشى كۆپ تىرىشچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر ھازىر سىز بىرسى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان بولسىڭىز، بۇنى ياخشى بىلىسىز. بۇ ماقالىدە، سىز بىلەن ئۆگىنىۋاتقان كىشىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.
ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىي قوللىنىشىغا ياردەم بېرىڭ
3. مەتتا 28:19، 20-ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەندەك، ئۆگەنگۈچى چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن چوقۇم نېمە قىلىشى كېرەك؟
3 سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئاۋۋال، ئۆگەنگۈچى ئۆزى ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى ھاياتىدا ئەمەلىي قوللىنىشى كېرەك (مەتتا 28:19، 20-نى ئوقۇڭ). كىشى ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىي قوللانسا، ئەيسانىڭ تەمسىلىدىكى ئۇلىنى چوڭقۇر قېزىپ، تاش ئۈستىگە ئۆي سالغان ئەقىللىق كىشىگە ئوخشايدۇ (مەتتا 7:24، 25؛ لۇقا 6:47، 48). بىز ئۆگىنىۋاتقان كىشىنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنى ھاياتىدا ئەمەلىي قوللىنىشىغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟ تۆۋەندىكى ئۈچ مەسلىھەتنى كۆرۈپ چىقايلى.
4. ئۆگەنگۈچىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟ (« ئۆگەنگۈچىنىڭ مەقسەتلەرنى قويۇشىغا ۋە ئۇلارغا يېتىشىگە ياردەم بېرىڭ»، دېگەن رامكىغا قاراڭ)
4 ئۆگەنگۈچىنىڭ مەقسەتلەرنى قويۇشىغا ياردەم بېرىڭ. نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىشىڭىز كېرەك؟ مۇنداق بىر مىسالنى كەلتۈرەيلى. ئەگەر سىز ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانسىڭىز، بىرقانچە يەردە توختاپ، چىرايلىق جايلارغا نەزەر سېلىشىڭىز مۇمكىن. شۇ چاغدا، شۇ ئۇزۇن سەپىرىڭىزدە ھارغىنلىقنى ھېس قىلمايسىز. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۆگەنگۈچى قىسقا ۋاقىتتا يېتەلەيدىغان مەقسەتلەرنى قويسا، چۆمۈلدۈرۈلۈش مەقسىتىگە يېتەلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. ئۆگەنگۈچىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈش مەقسىتىگە يېتىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، «مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!»، دېگەن كىتابنىڭ، «يەتمەكچى بولغان مەقسەت» دېگەن رامكىسىنى ئىشلىتىڭ. ھەر بىر دەرسنىڭ ئاخىرىدا ئۆگىنىۋاتقان كىشى بىلەن ئۆگەنگەنلىرىنىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسەتلىرى بىلەن قانداق باغلىنىشى بارلىقى ھەققىدە پاراڭلىشىڭ. ئەگەر سىز ئۆگەنگۈچى ئۈچۈن باشقا بىر مەقسەتنى كۆڭلىڭىزگە پۈككەن بولسىڭىز، «يەنە باشقىلار»، دېگەن بوش ئورۇنغا يېزىپ قويۇڭ. ئۆگەنگۈچى بىلەن ئۇنىڭ قىسقا ياكى ئۇزۇنراق ۋاقىتتا يەتمەكچى بولغان مەقسەتلىرى ھەققىدە پاراڭلىشىش ئۈچۈن دائىم شۇ رامكىنى ئىشلىتىڭ.
5. ماركۇس 10:17—22-ئايەتلەردە يېزىلغاندەك، ئەيسا باي بىر كىشىگە نېمە قىلىشنى ئېيتقان ۋە نېمە ئۈچۈن؟
5 ئۆگەنگۈچىنىڭ ھاياتىدا ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىشىغا ياردەم بېرىڭ (ماركۇس 10:17—22-نى ئوقۇڭ). ئەيسا باي كىشىنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان ھەممە بايلىقلىرىنى سېتىۋېتىشى قىيىن بولىدىغانلىقىنى بىلگەن (ماركۇس 10:23). ئەمما، ئەيسا ئاشۇ كىشىگە ھاياتىدا بىر چوڭ ئۆزگۈرۈش قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. نېمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى، ئەيسا ئۇنى ياخشى كۆرگەن. بەزىدە بىز ئۆگەنگۈچىلەرنى ئالغان بىلىملىرىنى ئەمەلىي قوللىنىشقا دەۋەت قىلىشقا ئالدىرىمايمىز. سەۋەبى، ئۇلارنىڭ ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىشقا تېخى تەييار ئەمەسلىكىنى كۆرۈمىز. كىشىلەرنىڭ كۆنگەن ئادەتلىرىنى تاشلاپ، يېڭى مىجەز-خۇلۇقنى يېتىلدۈرۈشىگە ۋاقىت كېتىدۇ (كولوسى. 3:9، 10). بىراق، ئۆزگەرتىشلەر ھەققىدە قانچە بالدۇر ئۇنىڭ بىلەن ئوچۇق پاراڭلاشسىڭىز، ئۆگەنگۈچى ئۆزگۈرۈشلەرنى شۇنچە بالدۇر باشلىشى مۇمكىن. شۇنداق سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرسىتەلەيسىز.—زەبۇر 141:5؛ پەند. نە 27:17.
6. نېمە ئۈچۈن ئۆگەنگۈچىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى بىلىش ئۈچۈن سوئاللارنى سورىشىمىز كېرەك؟
6 ئۆگىنىۋاتقان ماۋزۇ ھەققىدە ئۆگەنگۈچىنىڭ ئوي-پىكىرى ياكى كۆزقارىشىنى بىلىش ئۈچۈن سوئاللارنى سوراش بەك مۇھىم. شۇنداق سوئاللار ئارقىلىق ئۆگەنگۈچىنىڭ نېمىنى چۈشەنگەنلىكىنى ۋە نېمىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى كۆرەلەيسىز. ئەگەر دائىم شۇنداق قىلسىڭىز، كەلگۈسىدە ئۇنىڭ بىلەن قوبۇل قىلىش قىيىن بولغان ماۋزۇلار ھەققىدە پاراڭلىشىش ئوڭايراق بولىدۇ. «مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!»، دېگەن كىتابتا شۇنداق كۆزقاراشلارنى بىلىشكە ياردەم بېرىدىغان نۇرغۇن سوئاللار بار. مەسىلەن، 04-دەرستە: «سىز يەھۋانىڭ شەخسىي ئىسىمىنى ئىشلەتسىڭىز، ئۇ ئۆزىنى قانداق ھېس قىلىدۇ؟» 09-دەرستە بولسا: «سىز نېمىلەر ھەققىدە دۇئا قىلىشنى خالايسىز؟»، دېگەن سوئاللار بار. دەسلەپتە ئۆگەنگۈچىنىڭ شۇ سوئاللارغا قانداق جاۋاب بېرىش ھەققىدە ئويلىنىشىغا ۋاقىت كېتىدۇ. سىز شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كەلتۈرۈلگەن ئايەتلەر ۋە رەسىملەرنى قوللىنىپ، ئۇنىڭ قانداق ئويلىنىشنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرەلەيسىز.
7. بىز باشقىلارنىڭ ھايات تەجرىبىلىرىنى قانداق ئۈنۈملۈك ئىشلىتەلەيمىز؟
7 ئۆگىنىۋاتقان كىشى ئۆزىنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى چۈشەنگەندە، باشقىلارنىڭ باشتىن ئۆتكۈزگەن تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىشقا دەۋەت قىلىڭ. مەسىلەن، ئۇنىڭ يىغىلىشلارغا قاتنىشىشى قىيىن بولسا، 14-دەرستىكى «ئىزدىنىپ كۆرۈڭ»، دېگەن سەھىپىدىكى «يەھۋا ماڭا كۆڭۈل بۆلدى» دېگەن فىلىمنى ئۇنىڭغا كۆرسىتەلەيسىز. «مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!»، دېگەن كىتابتىكى نۇرغۇن دەرسلەردە «چوڭقۇرراق قېزىڭ» ياكى «ئىزدىنىپ كۆرۈڭ»، دېگەن سەھىپىلەردىن شۇنداق تەجرىبە-ساۋاقلارنى تاپالايسىز b. ئۆگەنگۈچىگە «ئۇ قىلالىسا، سىزمۇ قىلالايسىز»، دەپ ئۇنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن پەخەس بولۇڭ. ئۇ ئۆزى شۇنداق خۇلاسىگە كەلسۇن. شۇڭا، سىز فىلىمدىكى كىشىنىڭ مۇقەددەس كىتابتىكى تەلىملەرنى ھاياتىدا قوللىنىشىغا نېمە ياردەم بەرگەنلىكى ھەققىدە ئۆگەنگۈچى بىلەن پاراڭلىشىڭ. بەلكىم، سىز فىلىمدىكى كىشىنىڭ توغرا قارار چىقىرىشىغا ياردەم بەرگەن پايدىلىق نەرسە ياكى مۇھىم ئايەتلەرنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ بېرەلەيسىز. پۇرسەتلا تېپىلسا، يەھۋانىڭ ئاشۇ كىشىگە قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ تۇرۇڭ.
8. ئۆگەنگۈچىنىڭ يەھۋانى سۆيۈشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
8 ئۆگەنگۈچىنىڭ يەھۋانى سۆيۈشىگە ياردەم بېرىڭ. بۇنى قانداق قىلالايسىز؟ ئۆگىنىۋاتقان كىشىنىڭ يەھۋا خۇدانىڭ پەزىلەتلىرى ھەققىدە كۆپرەك بىلىم ئېلىشىغا ياردەم بېرىدىغان پۇرسەتلەرنى ئىزدەڭ. يەھۋا ئۆزىنى سۆيگەنلەرنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغان خۇشال خۇدا ئىكەنلىكىنى شۇ كىشىنىڭ تونۇپ يېتىشىگە ياردەم بېرىڭ (1-تىموت. 1:11؛ ئىبرانىي. 11:6). ئۇنىڭغا ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىي ئىشلىتىشنىڭ پايدىسىنى كۆرسىتىڭ ۋە يەھۋانىڭ ئۇنى سۆيىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈڭ (يەشايا 48:17، 18). ئۇنىڭ يەھۋاغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى چوڭقۇرلاشقانسېرى، ئۇ كېرەكلىك ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىشنى خالايدۇ.—1-يۇھاننا 5:3.
جامائەتتىكى قېرىنداشلار بىلەن تونۇشتۇرۇڭ
9. كىشىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن ئېتىقادچى بولۇشى ئۈچۈن، قۇربانلىقلارنى بېرىشىگە ماركۇس 10:29، 30-ئايەتلەر قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
9 ئۆگىنىۋاتقان كىشى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن بەزى قۇربانلىقلارنى بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەيسانىڭ تەمسىلىدىكى باي كىشىگە ئوخشاش، بەزى ئۆگەنگۈچىلەر بەلكىم، ماددىي نەرسىلەرنى قۇربان قىلىشى كېرەك. ئەگەر قىلىۋاتقان ئىشى مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىغا ماس كەلمىسە، باشقا ئىش تېپىشقا توغرا كېلىدۇ. نۇرغۇنلىرى بەلكىم، يەھۋانى سۆيمەيدىغان دوستلىرىدىن ئايرىلىدۇ. يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئائىلە ئەزالىرى بەزىلەردىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن. ئەيسا بەزى ئادەملەرگە شۇنداق قۇربانلىقلارنى بېرىش قىيىن كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بىراق، ئۇ ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرنىڭ نائۈمىد قالمايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ئۇلار مۇكاپاتلىنىپ، مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان روھىي ئائىلىگە ئېرىشەلەيدۇ (ماركۇس 10:29، 30-نى ئوقۇڭ). ئۆگەنگۈچىگە مۇشۇ ئاجايىپ روھىي ئائىلىگە ئېرىشەلىشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيسىز؟
10. مانۇئىلنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدىن نېمىنى ئۆگەندىڭىز؟
10 ئۆگەنگۈچى بىلەن دوستلۇقنى كۈچەيتىڭ. ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىش بەك مۇھىم. نېمە ئۈچۈن؟ مېكسىكىلىق بۇرادەر مانۇئىل ئۆزىنىڭ مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەنگەن چاغلىرىنى ئەسلەپ، مۇنداق دەيدۇ: «ھەر قېتىم ئۆگىنىشتىن ئاۋۋال، مەن بىلەن ئۆگىنىدىغان قېرىنداش ھال-ئەھۋالىمنى سوراتتى. بۇ ئۆزۈمنى ئەركىن-ئازادە ھېس قىلىشىمغا ياردەم بېرەتتى. شۇڭا، ئۇنىڭ بىلەن ھەرقانداق ماۋزۇدا ئوچۇق پاراڭلىشاتتىم. ئۇنىڭ ماڭا ھەقىقەتەن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالىغان ئىدىم».
11. بىز ئۆگەنگۈچىلەر بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزسەك، ئۇلارغا قانداق پايدىسى تېگىشى مۇمكىن؟
11 ئەيسا مەسىھ ئۆز شاگىرتلىرى بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزگەندەك، سىزمۇ ئۆگىنىۋاتقان كىشى بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈڭ (يۇھاننا 3:22). ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسىڭىز، ئۇ روھىي ئۆسكەن بولسا، ئۇنى ئۆيىڭىزگە چايغا ياكى تاماققا، يا بولمىسا JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسىدىكى ئايلىق پروگراممىنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىڭ. بەلكىم، ئۇ ھېيت-بايرام مەزگىللىرىدە يالغۇز قالغاندا، شۇنداق تەكلىپىڭىز ئۈچۈن بەك مىننەتدار بولۇشى مۇمكىن. ئۇگاندادىكى قېرىندىشىمىز كازېبۋې مۇنداق دەيدۇ: «مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغان ۋاقىتتىلا ئەمەس، مەن بىلەن ئۆگىنىش قىلغان قېرىنداش بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزگەن چاغلاردىمۇ يەھۋا توغرۇلۇق كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم. خۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە قانچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ قانچىلىك خۇشال ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. مەنمۇ شۇنداق شاد-خۇرام ياشاشنى خالىغان ئىدىم».
12. نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىگە ھەرتۈرلۈك قېرىنداشلارنى تەكلىپ قىلىشىمىز كېرەك؟
12 ئۆگىنىشكە ھەر تۈرلۈك قېرىنداشلارنى تەكلىپ قىلىڭ. بەزىدە، يالغۇز بارسام ياكى ئۆتكەن قېتىم بارغان قېرىنداش بىلەن بارسام، ئاسانراق بولىدۇ، دەپ ئويلىشىمىز مۇمكىن. گەرچە بۇ ئاسانراق بولسىمۇ، ئەگەر ئوخشىمايدىغان قېرىنداشلار بىلەن بارىدىغان بولساق، ئۆگەنگۈچىگە كۆپرەك پايدىسى تېگىدۇ. مولداۋىيىدە ياشايدىغان قېرىندىشىمىز دمېترىي مۇنداق دەيدۇ: «تەتقىق ئۆگنىشىمگە قاتنىشىشقا كەلگەن ھەر بىر قېرىنداش ئۆزىچە ئۇسۇلدا بىر چۈشەنچىنى يورۇتۇپ بېرەتتى. بۇ ماڭا ئۆگەنگەنلىرىم ئۈستىدە ئوخشىمايدىغان يوللار بىلەن مۇلاھىزە قىلىشقا ياردەم بەردى. مەن ئاللىقاچان كۆپلىگەن قېرىنداشلارنى كۆرگەچ، تۇنجى قېتىم جامائەت يىغىلىشىغا قاتناشقاندا، ئۆزۈمنى ئەركىن ھېس قىلىپ، خىجىل بولمىدىم».
13. نېمە ئۈچۈن ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىشىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك؟
13 ئۆگەنگۈچىنىڭ جامائەت يىغىلىشىغا قاتنىشىشىغا ياردەم بېرىڭ. نېمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى، يەھۋا ئۆزىگە ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ جەم بولۇشنى بۇيرىغان. بۇ ئىبادىتىمىزنىڭ بىر قىسمى (ئىبرانىي. 10:24، 25). ئۇنىڭدىن باشقا، بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز روھىي ئائىلىمىزنىڭ ئەزالىرى. ئۇلار بىلەن جەم بولغىنىمىزدا، خۇددى تەملىك تاماقلاردىن بىرلىكتە بەھرىمەن بولغانغا ئوخشاش بولىمىز. مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشىنىڭ يىغىلىشلارغا قاتنىشىشىغا ياردەم بەرگىنىڭىزدە، ئۇنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم قەدەملەرنى بېسىشىغا ياردەم بېرىسىز. بىراق، يىغىلىشقا قاتنىشىش ئۆگەنگۈچى ئۈچۈن قىيىن بولۇشى مۇمكىن. ئۇ دۇچ كەلگەن ھەرقانداق قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە، «مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!»، دېگەن كىتاب قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
14. ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىشىغا قانداق ياردەم بېرەلەيسىز؟
14 «مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!»، دېگەن كىتابنىڭ 10-دەرسىنى ئىشلىتىش ئۆگەنگۈچىگە ئىلھام بېرىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ. مۇشۇ كىتاب نەشىر قىلىنىشتىن ئاۋۋال، بەزى تەجرىبىلىك ۋەز ئېيتقۇچىلار بۇ دەرسنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆز ئۆگەنگۈچىلىرىنىڭ جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىشىغا ئۈنۈملۈك ياردەم بېرەلىگەن. ئەلۋەتتە 10-دەرسكىچە كۈتۈشنىڭ ھاجىتى يوق. مۇمكىن بولسا، بالدۇرراق جامائەت يىغىلىشلىرىغا تەكلىپ قىلىڭ. ئوخشىمىغان كىشىلەر ئوخشىمىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا دىققەت قىلىپ، ئۇلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىڭىزغا كۆز يەتكۈزۈڭ. ئۇ دەرھاللا كەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا، ئۈمىدسىزلەنمەي، سەۋرچانلىق بىلەن ئۇنى داۋاملىق تەكلىپ قىلىڭ.
ئۇلارنىڭ قورقۇنچنى يېڭىشىغا ياردەم بېرىڭ
15. ئۆگەنگۈچىلەر نېمىدىن قورقۇشى مۇمكىن؟
15 سىز ئۆز ۋاقتىدا يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇشتىن قورققانمۇ؟ بەلكىم سىز، مەن ھەرگىزمۇ ۋەز ئېيتالمايمەن، دەپ ئويلىغان بولغۇيتىڭىز. بەلكىم، ئائىلەمدىكىلەر ياكى دوستلىرىم ماڭا قارشى چىقىدۇ، دەپ قورققانسىز. ئەگەر شۇنداق بولسا، سىز ئۆگىنىۋاتقان كىشىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشىنەلەيسىز. ئەيسا بەزى ئادەملەرنىڭ شۇنداق قورقۇنچتا بولىدىغانلىقىنى بىلگەن. بىراق، ئۇ ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ قورقۇنچقا چۈشۈپ، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختاتماسلىققا دەۋەت قىلغان (مەتتا 10:16، 17، 27، 28). ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ قورقۇنچنى يېڭىشىگە قانداق ياردەم بەرگەن ۋە بىز ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئالالايمىز؟
16. ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئۆز ئېتىقادىنى باشقىلار بىلەن بۆلۈشۈشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيسىز؟
16 ئۆگەنگۈچىلەرگە ئۆز ئېتىقادىنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈشنى ئۆگىتىڭ. ئەيسا شاگىرتلىرىنى ۋەز قىلىشقا ئەۋەتكەندە، بەلكىم ئۇلار جىددىيلەشكەن. ئەيسا قەيەردە ۋەز قىلىشنى ۋە قانداق خەۋەرنى يەتكۈزۈشنى ئۇلارغا ئۆگىتىپ ياردەم بەرگەن (مەتتا 10:5—7). ئەيسانى قانداق ئۈلگە قىلالايسىز؟ ئۇلارنىڭ قەيەردە ۋەز قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىڭ. مەسىلەن، ئۇنىڭدىن مۇنداق دەپ سورىسىڭىز بولىدۇ: «مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەت سىز تونۇيدىغان بىرسىگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟» ئۇنىڭ باشقىلارغا ئاددىي بىر ئۇسۇلدا ۋەز قىلىشنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىڭ. مۇمكىن بولسا، «مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!»، دېگەن كىتابتىكى «بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ» ۋە «بەزىلەر شۇنداق سورايدۇ»، دېگەن رامكىلارنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. شۇنداق قىلغاندا، دىققىتىڭىزنى ئۇنىڭ مۇقەددەس كىتابنى ئىشلىتىپ، باشقىلارغا ئاددىي ۋە چۈشىنىشلىك جاۋابلارنى بېرىشنى ئۆگىنىشىگە قارىتىڭ.
17. ئۆگەنگۈچىنىڭ يەھۋاغا ئىشەنچ باغلىشىغا ياردەم بەرگەندە، مەتتا 10:19، 20، 29—31-ئايەتلەردىن قانداق پايدىلىنالايمىز؟
17 ئۆگەنگۈچىنىڭ يەھۋاغا ئىشەنچ باغلىشىغا ياردەم بېرىڭ. ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىنى يەھۋانىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلگەچ، ئۇنىڭ ئۇلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان (مەتتا 10:19، 20، 29—31-نى ئوقۇڭ). سىزمۇ يەھۋانىڭ ئۆگەنگۈچىڭىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئېسىگە سېلىڭ. يەتمەكچى بولغان مەقسەتلىرى ھەققىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە دۇئا قىلىپ، يەھۋاغا تايىنىشىغا ياردەم بېرىڭ. پولشادىكى قېرىندىشىمىز فرانسىزېك شۇنداق دەيدۇ: «مەن بىلەن ئۆگەنگەن قېرىنداش، مېنىڭ مەقسەتلىرىمنى تىلغا ئېلىپ، دۇئا قىلاتتى. يەھۋانىڭ ئۇنىڭ دۇئالىرىغا جاۋاب بەرگىنىنى كۆرگەندە، مەنمۇ دەرھال دۇئا قىلىشقا باشلىدىم. مەن يېڭى خىزمىتىمدىن رۇخسەت سوراپ، جامائەت يىغىلىشلىرىغا ۋە چوڭ يىغىلىشىلارغا قاتنىشىشقا توغرا كەلگەندە، يەھۋانىڭ ياردەم بەرگەنلىكىنى ھېس قىلدىم».
18. يەھۋا باشقىلارغا مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىتىۋاتقان ئۆز خىزمەتچىلىرىگە قانداق قارايدۇ؟
18 يەھۋا مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشىلەرگە بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، باشقىلارغا ئۆزىگە يېقىنلىشىش ئۈچۈن تىرىشىپ ياردەم بېرىۋاتقان خىزمەتچىلىرىنى بىلىدۇ ھەم ياخشى كۆرىدۇ (يەشايا 52:7). ئەگەر ھازىرچە سىز بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىدىغان بىرى بولمىسىمۇ، باشقا قېرىنداشلارنىڭ ئۆگىنىشىگە قاتنىشىش ئارقىلىق ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرەلەيسىز.
144-ناخشا ھايات بېرىدىغان خەۋەر
a بىز ئەيسانىڭ ئادەملەرگە ئۆز ئەگەشكۈچىسى بولۇشقا قانداق ياردەم بەرگەنلىكى ۋە ئۇنى قانداق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز. «مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!»، دېگەن يېڭى كىتابنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز. بۇ كىتاب، مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە يېزىلغان.
b باشقىلارنىڭ ھايات تەجرىبىلىرىنى «®JW Library» پروگراممىسىدىكى «زىيارەت ۋە ۋەقەلەر» دېگەن سەھىپىدىن تاپالايسىز.
c سۈرەتتە: بىر ياش يىگىت بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان ئەر-ئايال. باشقا ۋاقىتلاردا ئوخشىمايدىغان بۇرادەر شۇ ئۆگىنىشكە قاتنىشىۋاتىدۇ.