23-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋا يېنىڭىزدا، سىز ھەرگىز يالغۇز ئەمەس
«يەھۋا ئۇنى چاقىرىۋاتقانلارنىڭ يېنىدا».—زەبۇر 145:18.
27-ناخشا يەھۋا تەرەپتە تۇرۇڭلار!
بۇ ماقالىدە a
1. نېمە ئۈچۈن بەزىدە يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلىشى مۇمكىن؟
كۆپىنچىمىز بەزىدە ئۆزۈمىزنى يالغۇز ھېس قىلىمىز. بەزىلەر ئۈچۈن شۇنداق ھېس-تۇيغۇلار ۋاقىتلىق بولسا، باشقىلار ئۈچۈن بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ. بىز كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدا بولساقمۇ، ئۆزۈمىزنى يالغۇز ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن. بەزىلەرگە يېڭى جامائەتكە كۆنۈش قىيىن بولىدۇ. باشقىلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولغاچ، تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ، يىراق بىر جايغا بارسا، يالغۇزلۇقتىن قىينىلىدۇ. بەزىلەرنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىلىرى ئۆلۈپ كەتكەچ، ئۇلار بىلەن ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلارنى بەكمۇ سېغىنىدۇ. يەنە بەزى ئېتىقادچىلار، بولۇپمۇ يېقىندا ھەقىقەتنى تونۇغانلار ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئىلگىرىكى دوستلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنىشقا ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، ئۆزلىرىنى يالغۇز قالغاندەك ھېس قىلىدۇ.
2. قايسى سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز؟
2 بىز ھەققىدىكى ھەممە نەرسە يەھۋا خۇداغا بەش قولدەك ئايان. بىز ئۆزۈمىزنى يالغۇز ھېس قىلغاندا، ئۇ شۇنى بىلىدۇ ۋە شۇنداق ھېس-تۇيغۇلارنى يېڭىشىمىزغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. يەھۋا بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ ئۆز-ئۆزۈمىزگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ جامائىتىمىزدە ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلغانلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟ كېلىڭلار، مۇشۇ سوئاللارنىڭ جاۋابلىرى كۆرۈپ چىقايلى.
يەھۋا بىزگە غەمخورلۇق قىلىدۇ
3. يەھۋا ئىلياس پەيغەمبەرگە غەمخورلۇق قىلغىنىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
3 يەھۋا ئۆزىنىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرىنىڭ خۇشال-خۇرام ياشىشىنى خالايدۇ. ئۇ ھەربىرىمىزگە يېقىندۇر. بىز ئۈمىدسىزلىنىپ، روھىمىز چۈشكەندە، ئۇ بۇنى بايقايدۇ (زەبۇر 145:18، 19). يەھۋا ئىلياس پەيغەمبەرنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنىڭغا قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرەيلى. بۇ ساداقەتمەن كىشى، ئىسرائىللار تارىخىدا ئەڭ قىيىن بىر زاماننى باشتىن كەچۈرگەندە ياشىغان ئىدى. يەھۋاغا ئىبادەت قىلغۇچىلار قاتتىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ۋە ئىلياس خۇداغا قارشى چىققان كۈچلۈك دۈشمەنلەرنىڭ ئالاھىدە نىشانىغا ئايلانغان (1-پادىشاھ. 19:1، 2). ئىلياسنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلغان يەنە بىر ئىش بولسا، ئۇ مەنلا يالغۇز يەھۋاغا خىزمەت قىلىۋاتىمەن، دەپ ئويلىغان (1-پادىشاھ. 19:10). يەھۋا ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، بىر پەرىشتىسىنى ئەۋەتكەن ئىدى. شۇ پەرىشتە ئۇنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ۋە خۇدادىن ئەيمىنىدىغان باشقا ئىسرائىللارنىڭمۇ بارلىقىغا، ئۇنى ئىشەندۈرگەن.—1-پادىشاھ. 19:5، 18.
4. ئۇرۇق-تۇغقان ياكى دوستلىرىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلىپ قالغان خىزمەتچىلىرىگە يەھۋانىڭ غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقى، ماركۇس 10:29، 30-ئايەتلەردە قانداق كۆرسىتىلگەن؟
4 بىز يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى تاللىغاندا، ئۇ بەزىلىرىمىزنىڭ نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. يەھۋاغا خىزمەت قىلمايدىغان ئائىلە ئەزالىرىمىز ياكى دوستلىرىمىزنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. بەلكىم، پېترۇس غەم-ئەندىشە قىلغاچ، بىر قېتىم ئەيسادىن شۇنداق سورىغان: «مانا، بىز ھەممە نەرسىلىرىمىزنى تاشلاپ، ساڭا ئەگەشتۇق. بىز نېمىگە ئېرىشىمىز؟» (مەتتا 19:27). ئەيسا مېھرىبانلىق بىلەن ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ چوڭ بىر روھىي ئائىلىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان (ماركۇس 10:29، 30-نى ئوقۇڭ). يەھۋا روھىي ئائىلىمىزنىڭ بېشى، ئۇ ئۆزىگە خىزمەت قىلىشنى خالىغانلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ (زەبۇر 9:10). يالغۇزلۇق ھېس-تۇيغۇلىرىنى يېڭىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقىنىڭىزدا، يەھۋانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلسىڭىز بولىدۇ؟ بىرقانچە يوللىرىنى كۆرەيلى.
ئۆزىڭىزنى يالغۇز ھېس قىلغاندا نېمە قىلالايسىز؟
5. دىققىتىڭىزنى يەھۋانىڭ سىزگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا قارىتىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
5 يەھۋانىڭ سىزگە قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىغا دىققىتىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ (زەبۇر 55:22). بۇ دىققىتىڭىزنى ھەددىدىن زىيادە ئۆزىڭىزگە قاراتماسلىققا ياردەم بېرىدۇ. ئائىلىسىدىكىلەر يەھۋا گۇۋاھچىسى بولمىغان قېرىندىشىمىز كارول b مۇنداق دەيدۇ: «ئۆتمۈشنى ئەسلىسەم ۋە يەھۋانىڭ سىناقلاردا ماڭا قانداق ياردەم بەرگەنلىكى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانسام، يالغۇز ئەمەسلىكىمنى ھېس قىلىمەن. بۇ مېنى. يەھۋانىڭ ھەرقاچان يېنىمدا بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ».
6. 1-پېترۇس 5:9، 10-ئايەتلەر، يالغۇزلۇق ھېس-تۇيغۇلىرى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقانلارغا قانداق ئىلھام بېرىدۇ؟
6 ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلغان قېرىنداشلارغا يەھۋانىڭ قانداق ياردەم بەرگەنلىكى ھەققىدە ئويلىنىڭ (1-پېترۇس 5:9، 10-نى ئوقۇڭ). ئۇزۇن يىللار ئائىلىسىدە يالغۇز گۇۋاھچى بولغان بۇرادىرىمىز خىروشى مۇنداق دەيدۇ: «جامائەتتە، ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە يارىشا قىيىنچىلىقلىرى بارلىقىنى كۆردۈم. ئەمما، ھەممىمىز قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشىپ يەھۋاغا خىزمەت قىلىۋاتىمىز. بۇنى كۆرۈش ئائىلىدە يالغۇز گۇۋاھچى بولغانلارغا ئىلھام بېرىدۇ».
7. دۇئا سىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
7 دۇئا قىلىڭ، مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇڭ ۋە يىغىلىشلارغا قاتنىشىڭ. چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى يەھۋاغا ئوچۇق ئېيتىپ بېرىڭ (1-پېتر. 5:7). يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى تاللاپ، ئۆزىنى ئائىلىسىدىكىلەردىن ئايرىلىپ قالغاندەك ھېس قىلغان قېرىندىشىمىز ماسسېل شۇنداق دەيدۇ: «يەھۋاغا داۋاملىق دۇئا قىلىش يالغۇزلۇقۇمنى يېڭىشكە ياردەم بەرگەن. ئۇ مەن ئۈچۈن ھەقىقىي ئاتا ئىدى. مەن ھەر كۈنى دۇئا قىلىپ، ئىچ-باغرىمنى ئۇنىڭغا تۆكۈپ بېرەتتىم».
8. خۇدا سۆزىنى ئوقۇش ۋە ئۇلار ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىش، سىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
8 دائىم خۇدا سۆزىنى ئوقۇش، مەلۇم بىر ۋەقە ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىش، يەھۋانىڭ سىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئائىلىسىنىڭ كۆڭۈلگە ئازار بېرىدىغان سۆزلىرىگە بەرداشلىق بېرىۋاتقان قېرىندىشىمىز بىيانكا مۇنداق دەيدۇ: «مۇقەددەس كىتابتىكى ۋەقەلەرنى، ماڭا ئوخشاش ۋەزىيەتلەرگە دۇچ كەلگەن خۇدا خىزمەتچىلىرىنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇش ۋە ئۇلار ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىش، ھەقىقەتەن ماڭا ياردەم بېرىدۇ». بەزى قېرىنداشلار مەسىلەن، زەبۇر 27:10 ۋە يەشايا 41:10غا ئوخشاش ئۆزلىرىگە تەسەللى بېرىدىغان ئايەتلەرنى يادلىۋالىدۇ. بەزىلەر يىغىلىشلارغا تەييارلىق قىلغاندا ياكى مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇغاندا، ئاۋازلىق نەشرى ماتېرىياللىرىمىزنى تىڭشايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلماسلىقىغا ياردەم بېرىدۇ.
9. جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش، سىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
9 جامائەت يىغىلىشلىرىنى قالدۇرماي، داۋاملىق قاتنىشىڭ. يىغىلىشنىڭ مەزمۇنلىرى سىزگە ئىلھام بېرىدۇ ۋە ئېتىقادچىلار بىلەن يېقىن تونۇشالايسىز (ئىبرانىي. 10:24، 25). يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ماسسېل مۇنداق دەيدۇ: «گەرچە مەن بەك تارتىنچاق بولساممۇ، ھەر بىر يىغىلىشقا قاتنىشىشنى ۋە تەييارلىغان جاۋابلارنى بېرىشنى قارار قىلدىم. بۇ جامائەتتە ئۆزۈمنىڭ بىر كىشىلىك ئورنۇم بارلىقىنى ھېس قىلىشىمغا ياردەم بەردى».
10. نېمە ئۈچۈن ساداقەتمەن قېرىنداشلار بىلەن دوست بولۇش بەك مۇھىم؟
10 ساداقەتمەن قېرىنداشلار بىلەن دوست بولۇڭ. كېلىپ چىقىشى ۋە يېشى سىزدىن پەرقلىنىدىغان قېرىنداشلارنى دوست تۇتۇشقا تىرىشىڭ. ئۇلاردىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيسىز. مۇقەددەس كىتاب «ياشانغانلاردا دانالىق» بار، دەپ ئېسىمىزگە سالىدۇ (ئايۇپ 12:12). ياشانغانلارمۇ سادىق ياشلاردىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيدۇ. داۋۇت يوناتاندىن ياش ئىدى، ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ دوست بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلمىغان (1-سام. 18:1). داۋۇت بىلەن يوناتان تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، بىر-بىرىنىڭ يەھۋاغا خىزمەت قىلىشىغا ياردەم بەرگەن (1-سام. 23:16—18). ھازىر ئائىلىسىدە يالغۇز گۇۋاھچى بولغان قېرىندىشىمىز ئىرىنا مۇنداق دەيدۇ: «ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ھەقىقەتەن بىز ئۈچۈن روھىي ئاتا-ئانا، ئاكا-ئۇكا ۋە ھەدە-سىڭىللار بولالايدۇ. يەھۋا ئۇلارنى ئىشلىتىپ، روھىي ئېھتىياجلىرىمىزنى قانائەتلەندۈرىدۇ».
11. يېقىن دوستلارنى تېپىش ئۈچۈن چوقۇم نېمە قىلىش كېرەك؟
11 بولۇپمۇ، تارتىنچاق بولسىڭىز، دوست تېپىش ئاسانغا چۈشمەيدۇ. قارشىلىقلارغا قارىماي، ھەقىقەتنى ئۆگەنگەن تارتىنچاق قېرىندىشىمىز راتنا شۇنداق دەيدۇ: «مەن روھىي ئائىلەمنىڭ ياردىمى ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە مۇھتاجلىقىمنى ئېتىراپ قىلىشىم كېرەك ئىدى». باشقىلارغا ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى ئېيتىش ئاسان بولماسلىقى مۇمكىن. بىراق، شۇنداق قىلش يېقىن دوستلارنى تېپىشقا يول ئاچىدۇ. دوستلىرىڭىز سىزگە ئىلھام بېرىپ، قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنى خالايدۇ. بىراق، ئۇلارنىڭ سىزگە شۇنداق ياردەم كۆرسىتەلىشى ئۈچۈن، ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىڭ.
12. ۋەز خىزمەت ياخشى دوستلارنى تېپىشىڭىزغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
12 دوست تېپىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى — جامائەتتىكى قېرىنداشلار بىلەن ۋەز خىزمەتكە چىقىش. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كارول مۇنداق دەيدۇ: «مەن ۋەز خىزمەت ۋە باشقا روھىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، قېرىنداشلار بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، نۇرغۇن ياخشى دوستلارغا ئېرىشتىم. يەھۋا شۇ دوستلىرىم ئارقىلىق، كۆپ يىللار داۋامىدا مېنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كەلدى». يەھۋانىڭ سادىق خىزمەتچىلىرى بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش ئۈچۈن، ھەقىقەتەن كۈچ چىقىرىشقا ئەزىيىدۇ. يەھۋا دوستلارنى ئىشلىتىپ، سىزنىڭ يالغۇزلۇق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش سەلبىي ھېس-تۇيغۇلار بىلەن كۈرەش قىلشقا ياردەم بېرەلەيدۇ.—پەند. نە 17:17.
باشقىلارغا ئائىلىمىزنىڭ ئەزاسىدەك ھېس قىلىشىغا ياردەم بېرىڭ
13. جامائەتتىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ قانداق مەجبۇرىيىتى بار؟
13 جامائىتىمىزدە مېھىر-مۇھەببەت ۋە تىنچ-ئامانلىق بولۇشى ئۈچۈن ئۆز ھەسسىمىزنى قوشۇش مەجبۇرىيىتى بار. شۇندىلا ھېچكىم ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلمايدۇ (يۇھاننا 13:35). بىزنىڭ گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز باشقىلارغا كۆپ ئىلھام بېرەلەيدۇ. بىر قېرىندىشىمىز مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەقىقەتنى تونۇغاندا، جامائەت مېنىڭ ئائىلەمگە ئايلانغان. ئۇلارنىڭ ياردىمىسىز مەن يەھۋا گۇۋاھچىسى بولالمايتتىم». ئائىلىسىدە يالغۇز گۇۋاھچى بولغان بىرىنىڭ ئۆزىنى جامائەتتە يالغۇز ھېس قىلماسلىققا قانداق ياردەم بېرەلەيسىز؟
14. يېڭى كەلگەنلەر بىلەن دوست بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
14 يېڭى دوستلارنى تېپىش ئۈچۈن تەشەببۇسكار بولۇڭ. بۇنى جامائەتكە يېڭى كەلگەنلەرنى ئىللىق قارشى ئېلىش بىلەن باشلىساق بولىدۇ (رىملىقلار 15:7). بىراق، بىز پەقەت دوستانە سالاملىشىپلا قويماي، بەلكى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار بىلەن يېقىن دوست بولۇشنى خالايمىز. شۇڭا، يېڭى كەلگەنلەرگە قىزغىن ۋە سەمىمىي كۆڭۈل بۆلۈڭ. ئۇلارنى خىجالەتكە قىلىدىغان سوئاللارنى سوراشتىن ساقلىنىپ، قانداق قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى چۈشىنىشكە ھەرىكەت قىلىڭ. بەزىلەر ئۈچۈن ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ئۇلارنى سۆزلەشكە مەجبۇرلاشتىن پەخەس بولۇڭ. ئەكسىنچە، پەم-پاراسەت ۋە مېھرىبانلىق بىلەن سوئال سوراڭ ۋە ئۇلار ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئېيتىپ بەرگەندە، سەۋرچانلىق بىلەن زەن قويۇپ تىڭشاڭ. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى قانداق تونۇغانلىقىنى سورىسىڭىز بولىدۇ.
15. روھىي يېتىلگەن قېرىنداشلار جامائەتتىكى باشقا قېرىنداشلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
15 روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن ئېتىقادچىلار، بولۇپمۇ ئاقساقاللار جامائەت ئەزالىرىغا كۆڭۈل بۆلسە، پۈتكۈل جامائەت روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. ئانىسى ھەقىقەتتە چوڭ قىلغان مېلىسسا مۇنداق دەيدۇ: «ۋاقىت چىقىرىپ، ماڭا ئاتامدەك غەمخورلۇق قىلىپ، كۆڭۈل بۆلگەن بۇرادەرلەرگە چەكسىز مىننەتدارمەن. قاچانلا بىرى بىلەن پاراڭلىشىشقا مۇھتاج بولغاندا، كىمگە بېرىشنى بىلەتتىم». ئۆزىگە مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەتكەن بۇرادەر ھەقىقەتنى تاشلاپ كەتكەندە، مائۇرىسىئو ئىسىملىك ياش بۇرادەر ئۆزىنى تاشلىۋېتىلگەندەك ھېس قىلغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاقساقاللار ماڭا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆپ ياردەم بەردى. ئۇلار پات-پات مەن بىلەن مۇڭدىشاتتى، ۋەز خىزمەتكە بىللە چىقاتتى، مۇقەددەس كىتابتىن تاپقان قىزىق ئويلارنى مەن بىلەن بۆلۈشەتتى ۋە ھەتتا بىللە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتۇق». ھازىر مېلىسسا ۋە مائۇرىسىئو ھەر ئىككىسى بەيتەلدە تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
16، 17. باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن يەنە نېمىلەرنى قىلالايمىز؟
16 ئەمەلىي ياردەم بېرىڭ (گالاتىيا. 6:10). ئۆز ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، يىراق بىر مەملىكەتتە مىسسىئونېر بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان لېئو شۇنداق دەيدۇ: «كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئاددىي بىر ئىش-ھەرىكەت بىلەن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز. بىر ۋەقە تېخىغىچە ئېسىمدە. بىر كۈنى مەن قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان ئىدىم. ئۆيگە يېتىپ كەلگەندە، كۆڭلۈم تېخى ئورنىغا چۈشمىگەن ئىدى. بىراق، بىر ئەر-ئايال مېنى ئۆيىگە تاماققا تەكلىپ قىلدى. شۇ كۈنى نېمە يېگىنىم يادىمدا يوق، ئەمما ئۇلارنىڭ سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشىغانلىقى ئېسىمدە. ئاخىرىدا ئۆزۈمنى ياخشىراق ھېس قىلغان ئىدىم».
17 بىز ھەممىمىز قېرىنداشلار بىلەن روھىي ئىش-پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى ياخشى كۆرۈمىز. جامائەت يىغىلىشلىرى ۋە رايونلۇق چوڭ يىغىشلارغا قاتنىشىپ، ئاڭلىغان نۇتۇقلاردىن ئالغان تەسىراتلار ھەققىدە پاراڭلىشىش، بىزگە زور خۇشاللىق بېغىشلايدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كارول مۇنداق دەيدۇ: «مەن چوڭ يىغىلىشلاردا ئۆزۈمنى بەك يالغۇز ھېس قىلىمەن. ئەتراپىمدا يۈزلىگەن، ھەتتا مىڭلىغان ئادەملەر بولسىمۇ، ھەردائىم ئۇلار ئۆز ئائىلىسى بىلەن بولغاچ، بولۇپمۇ شۇ ۋاقىتلاردا مەن ئۆزۈمنى تېخىمۇ يالغۇز ھېس قىلىمەن». باشقىلار ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم چوڭ يىغىلىشقا يالغۇز بېرىشنى قىيىن كۆرگەن. شۇنداق قىيىنچىلىقى بارلارنى تونۇمسىز؟ كېيىنكى قېتىم شۇنداق كىشىلەرنى ئائىلىڭىز بىلەن بىرلىكتە چوڭ يىغىلىشقا بېرىشقا تەكلىپ قىلىڭ.
18. مېھماندوستلۇق كۆرسەتكەندە، 2-كورىنتلىقلار 6:11—13-ئايەتلەردىن قانداق پايدىلىنالايمىز؟
18 بىللە ۋاقىت ئۆتكۈزۈڭ. ئوخشىمىغان قېرىنداشلار بىلەن، بولۇپمۇ ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلغانلار بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىڭ. بىز ئۇلارغا باغرىمىزنى كەڭ ئېچىشنى خالايمىز (2-كورىنتلىقلار 6:11—13-نى ئوقۇڭ). يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مېلىسسا مۇنداق دەيدۇ: «قېرىنداشلار ئۆز ئۆيىگە بىللە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە ۋە بىرلىكتە ساياھەت قىلىشقا تەكلىپ قىلسا، بىز دائىم خۇشال بولىمىز». جامائىتىڭىزدە كىمگە مېھماندوستلۇقنى كۆرسىتەلەيسىز؟
19. بولۇپمۇ قاچان قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزسەك، خۇشاللىق تاپالايمىز؟
19 بىز ئېتىقادچىلار بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزسەك، خۇشاللىق تاپالايمىز. بولۇپمۇ بەزى قېرىنداشلارغا ھېيت-بايرام مەزگىللىرىدە گۇۋاھچى ئەمەس ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىللە بولۇش بەك قىيىن بولۇشى مۇمكىن. باشقىلار بولسا يېقىن كىشىسى ئۆلۈپ كەتكەن كۈنى، بەك ئازابلىنىپ، قىينىلىشى مۇمكىن. شۇنداق قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزىۋاتقان قېرىنداشلارنى ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلساق، ئۇلارغا بولغان غەمخورلۇقىمىزنى كۆرسىتىمىز.—فىلىپى. 2:20.
20. مەتتا 12:48—50-ئايەتلەر، بىزگە قانداق ئىلھام بېرەلەيدۇ؟
20 بەزىدە خۇدا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى يالغۇز ھېس قىلىشىغا نۇرغۇن نەرسىلەر سەۋەب بولىدۇ. ئەمما، بىز شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، يەھۋا شۇنداق ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى تولۇق چۈشىنىدۇ. ئۇ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ئارقىلىق، ھەمىشە ئېھتىياجلىرىمىزنى قانائەتلەندۈرىدۇ (مەتتا 12:48—50-نى ئوقۇڭ). يەھۋانىڭ شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمىزنى كۆرسىتىپ، قولىمىزدىن كەلگىنىچە داۋاملىق روھىي ئائىلىمىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيلى! مەيلى ئۆزۈمىزنى بەزىدە قانچىلىك يالغۇز ھېس قىلايلى، ھەرقاچان يەھۋا خۇدانىڭ يېنىمىزدا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇمايلى!
2-ناخشا تەشەككۈر، يەھۋا!
a بەزىدە ئۆزىڭىزنى يالغۇز ھېس قىلىپ، كۆڭلىڭىز يېرىم بولامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، خۇدانىڭ شۇنداق ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىدىغانلىقىغا ۋە سىز مۇھتاج بولغان ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ. ھازىر يالغۇزلۇق ھېس-تۇيغۇلىرىدىن قانداق قۇتۇلالايدىغانلىقىمىزنى ۋە شۇنداق ھېس-تۇيغۇدا بولۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا قانداق ئىلھام بېرەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.