مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

يولباشچىمىز مە‌سىھكە ئىشە‌نچ قىلايلى

يولباشچىمىز مە‌سىھكە ئىشە‌نچ قىلايلى

‏«پە‌قە‌ت بىرلا رە‌ھبىرىڭلار بار،‏ يە‌نى ئۇ مە‌سىھ».‏—‏مە‌تتا 23:‏10‏.‏

ناخشىلار:‏ 14،‏ 30

1،‏ 2.‏ مۇ‌سا ئۆلگە‌ندىن كېيىن يە‌شۇ‌ئاغا قانداق ۋە‌زىپە تاپشۇ‌رۇ‌لغان؟‏

 يە‌ھۋا خۇ‌دا يە‌شۇ‌ئاغا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مېنىڭ خىزمە‌تچىم مۇ‌سا ئالە‌مدىن ئۆتتى.‏ ئە‌مدى سە‌ن ۋە پۈتۈن خە‌لق تۇ‌رۇ‌ڭلار،‏ ئىئوردان دە‌رياسىدىن ئۆتۈپ،‏ مە‌ن ئىسرائىل خە‌لقىگە بېرىدىغان زېمىنغا كىرىڭلار» (‏يە‌شۇ‌ئا 1:‏1،‏ 2‏)‏.‏ تە‌خمىنە‌ن 40 يىل مۇ‌سانىڭ ياردە‌مچىسى بولغان يە‌شۇ‌ئا ئۈچۈن بۇ ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش ئىدى!‏

2 بۇ‌نىڭدىن ئاۋۋال،‏ مۇ‌سا نۇ‌رغۇ‌ن يىللار ئىسرائىل خە‌لقىنى يېتە‌كلىگە‌ن،‏ ئە‌مدى بۇ ۋە‌زىپىنى يە‌شۇ‌ئا ئورۇ‌نلايدۇ.‏ يە‌شۇ‌ئا خە‌لق ئۇ‌نى يولباشچى سۈپىتىدە قوبۇ‌ل قىلىشى ھە‌ققىدە ئە‌نسىرىگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 34:‏8،‏ 10—‏12‏)‏.‏ بىر كىتابتا،‏ يە‌شۇ‌ئا 1:‏1،‏ 2 ھە‌ققىدە مۇ‌نداق سۆزلە‌ر يېزىلغان:‏ «مە‌يلى ئۆتمۈشتە بولسۇ‌ن ياكى بۈگۈنكى كۈندە بولسۇ‌ن،‏ بىر رە‌ھبە‌رنىڭ ئورنىغا باشقىسى ئالمىشىدىغان پە‌يت جە‌مئىيە‌ت مۇ‌قۇ‌ملىقى ئۈچۈن ئە‌ڭ قىيىن ۋە خە‌تە‌رلىك ۋاقىت».‏

3،‏ 4.‏ يە‌ھۋا يە‌شۇ‌ئانى ئىشە‌نچىسى ئۈچۈن قانداق بە‌رىكە‌تلىگە‌ن ۋە بىز ئۆزىمىزگە قانداق سوئال قويساق بولىدۇ؟‏

3 يە‌شۇ‌ئا قاتتىق ئە‌نسىرىگە‌ن،‏ ئە‌مما ئۇ يە‌ھۋاغا ئىشىنىپ،‏ دە‌رھال ئۇ‌نىڭ بۇ‌يرۇ‌قلىرىغا قۇ‌لاق سالغان (‏يە‌شۇ‌ئا 1:‏9—‏11‏)‏.‏ خۇ‌دا يە‌شۇ‌ئانى ئىشە‌نچى ئۈچۈن بە‌رىكە‌تلە‌پ،‏ ئۇ‌نى ۋە ئىسرائىللىقلارنى يېتە‌كلە‌ش ئۈچۈن ئۆز پە‌رىشتىسىنى ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ بۇ پە‌رىشتە سۆز،‏ يە‌نى خۇ‌دانىڭ تۇ‌نجى ئوغلى بولغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏—‏چىقىش 23:‏20—‏23؛‏ يۇ‌ھاننا 1:‏1‏.‏

4 يە‌شۇ‌ئانىڭ يېڭى يولباشچى بولۇ‌شى ئىسرائىل خە‌لقى ئۈچۈن چوڭ ئۆزگىرىش ئىدى،‏ ئە‌مما يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا بۇ ئۆزگىرىشنى قوبۇ‌ل قىلىشقا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ تە‌شكىلاتتا چوڭ ئۆزگىرىشلە‌ر يۈز بېرىۋاتىدۇ.‏ شۇ‌ڭا بىز:‏ «خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتى داۋاملىق ئالغا بېسىۋاتقان ۋاقىتتا،‏ رە‌ھبىرىمىز ئە‌يسا مە‌سىھكە ئىشىنىشنىڭ قانداق ئاساسى بار؟‏»—‏ دە‌پ ئويلىنىشىمىز مۇ‌مكىن ‏(‏مە‌تتا 23:‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن يە‌ھۋا قە‌دىمدە ئۆزگىرىشلە‌ر ۋاقتىدا ئۆز خە‌لقىنى قانداق يېتە‌كلىگە‌نلىكىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

خۇ‌دا خە‌لقىنى قانان زېمىنغا ئېلىپ كىرىش

5.‏ ئېرىخا شە‌ھىرىنىڭ ئە‌تراپىدا يە‌شۇ‌ئا بىلە‌ن قانداق ئالاھىدە ۋە‌قە يۈز بە‌رگە‌ن؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

5 ئىسرائىللار ئىئوردان دە‌رياسىدىن ئۆتكە‌ندىن كېيىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمە‌ي،‏ يە‌شۇ‌ئا بىر ئىشقا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ ئېرىخا شە‌ھىرىنىڭ ئە‌تراپىدا قولىدا قىلىچ تۇ‌تقان بىر كىشىنى ئۇ‌چراتقانىدى.‏ يە‌شۇ‌ئا ئۇ‌نىڭدىن:‏ «سە‌ن بىز تە‌رە‌پنىڭ ئادىمىمۇ ياكى دۈشمە‌ن تە‌رە‌پنىڭ ئادىمىمۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورىغان.‏ ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ «يە‌ھۋانىڭ قوشۇ‌نىنىڭ سە‌ركە‌ردىسى»،‏ يە‌نى خۇ‌دا خە‌لقىنى ھىمايە قىلىشقا تە‌ييار بولغان پە‌رىشتە ئىكە‌نلىكىنى ئېيتقاندا،‏ يە‌شۇ‌ئا ھە‌يران قالغان ‏(‏يە‌شۇ‌ئا 5:‏13—‏15-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ باشقا ئايە‌تلىرىدە،‏ يە‌شۇ‌ئا بىلە‌ن يە‌ھۋانىڭ ئۆزى بىۋاستە سۆزلە‌شكە‌نلىكى يېزىلغان بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ شە‌ك-‏سۈبھىسىزكى ئىلگىرىكىدە‌كلا پە‌رىشتىلە‌رنىڭ ۋاسىتىسى بىلە‌ن پاراڭلاشقان.‏—‏چىقىش 3:‏2—‏4؛‏ يە‌شۇ‌ئا 4:‏1،‏ 15؛‏ 5:‏2،‏ 9؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 7:‏38؛‏ گالاتىيالىقلار 3:‏19‏.‏

6—‏8.‏ (‏1)‏ ئىنسان كۆز قارىشى بويىچە،‏ يە‌ھۋانىڭ بە‌زى كۆرسە‌تمىلىرى نېمە ئۈچۈن غە‌لىتە بولۇ‌پ كۆرۈنگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏ (‏2)‏ كۆرسە‌تمىلە‌رنىڭ توغرا ۋە ئۆز ۋاقتىدا بېرىلگە‌نلىكىنى نە‌دىن بىلىمىز؟‏ (‏ئىزاھاتقا ھە‌م قاراڭ)‏

6 پە‌رىشتە يە‌شۇ‌ئاغا ئېرىخانى بېسىۋېلىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرە‌كلىكىنى ئېيتقان.‏ پە‌رىشتىنىڭ بە‌رگە‌ن بە‌زى كۆرسە‌تمىلىرى غە‌لىتە بولۇ‌پ كۆرۈنگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ پە‌رىشتە يە‌شۇ‌ئاغا ھە‌ممە ئە‌سكە‌رلە‌رنى خە‌تنە قىلىش كېرە‌كلىكىنى ئېيتقان.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لار شۇ‌نداق قىلسا،‏ بىرنە‌چچە كۈن ئىچىدە جە‌ڭ قىلالمايتتى.‏ شۇ چاغ ئۇ‌لارنى خە‌تنە قىلىشنىڭ مۇ‌ۋاپىق ۋاقتى بولغانمۇ؟‏—‏يارىتىلىش 34:‏24،‏ 25؛‏ يە‌شۇ‌ئا 5:‏2،‏ 8‏.‏

7 بە‌لكىم،‏ شۇ ۋاقىتتا ئە‌سكە‌رلە‌ر:‏ «ئە‌گە‌ر دۈشمە‌نلە‌ر بىزگە ھۇ‌جۇ‌م قىلسا،‏ ئائىلىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟‏»—‏ دە‌پ ئە‌نسىرىگە‌ن.‏ بىراق،‏ كېيىن كۈتۈلمىگە‌ن ۋە‌قە يۈز بە‌رگە‌ن!‏ ئېرىخا شە‌ھىرىدىكى كىشىلە‌ر ئىسرائىللارغا ھۇ‌جۇ‌م قىلىشنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌لاردىن قورقۇ‌شقا باشلىغان ئىدى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «‏‏:‏ئىسرائىللاردىن قورققاچ،‏ ئېرىخا شە‌ھىرىنىڭ دە‌رۋازىلىرى چىڭ تاقىلىپ،‏ ھېچكىم شە‌ھە‌رگە كىرىپ چىقالمايتتى.‏ ئىسرائىللاردىن قورققاچ،‏ ئېرىخا شە‌ھىرىنىڭ دە‌رۋازىلىرى چىڭ تاقىلىپ،‏ ھېچكىم شە‌ھە‌رگە كىرىپ چىقالمايتتى»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏يە‌شۇ‌ئا 6:‏1‏)‏.‏ بۇ خە‌ۋە‌ر ئىسرائىللىقلارنىڭ يە‌ھۋانىڭ كۆرسە‌تمىلىرىگە بولغان ئىمان-‏ئېتىقادىنى تېخىمۇ كۈچە‌يتكە‌ن.‏

8 پە‌رىشتە ئىسرائىللىقلارغا ئېرىخاغا ھۇ‌جۇ‌م قىلماسلىقنى بۇ‌يرىغان.‏ بۇ‌نىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌لار شە‌ھە‌رنى ئالتە كۈن،‏ كۈنىگە بىر قېتىم ۋە يە‌تتىنچى كۈنى يە‌تتە قېتىم ئايلىنىپ چىقىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ بە‌لكىم،‏ ئە‌سكە‌رلە‌ر:‏ «ۋاقتىمىز بىلە‌ن كۈچىمىزنى ئىسراپ قىلىشنىڭ نېمە كېرىكى بار!‏؟‏»—‏ دە‌پ ئويلىغاندۇ.‏ بىراق،‏ ئىسرائىلنىڭ كۆزگە كۆرۈنمە‌س رە‌ھبىرى نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلە‌تتى.‏ بۇ كۆرسە‌تمىلە‌رگە ئە‌مە‌ل قىلىش ئىسرائىللارنىڭ ئېتىقادىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌پ،‏ ئۇ‌لار ئېرىخا شە‌ھىرىنى جە‌ڭ قىلمايلا بېسىۋالغان.‏—‏يە‌شۇ‌ئا 6:‏2—‏5؛‏ ئىبرانىيلار 11:‏30‏.‏ a (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏

9.‏ نېمە ئۈچۈن خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتىدىن ئالغان ھە‌ربىر كۆرسە‌تمىگە ئە‌مە‌ل قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

9 بۇ ۋە‌قە‌دىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ بە‌زىدە يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى بە‌زى يېڭى ئۆزگىرىشلە‌رنى قىلىشنىڭ سە‌ۋە‌بلىرىنى دە‌رھاللا چۈشە‌نمە‌سلىكىمىز مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىزنىڭ شە‌خسىي تە‌تقىق،‏ ۋە‌ز خىزمىتى ۋە جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا ئېلېكترونلۇ‌ق قۇ‌رۇ‌لمىلارنى ئىشلىتىش ھە‌ققىدە سوئالىمىز پە‌يدا بولغان،‏ بىراق كېيىن بۇ‌نىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ،‏ ھازىر ئۇ‌لارنى دائىم ئىشلىتىمىز.‏ مۇ‌نداق ئۆزگىرىشلە‌رنىڭ پايدىسىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئېتىقادىمىز مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىنىپ،‏ قېرىنداشلار بىلە‌ن تېخىمۇ ئىناق بولىمىز.‏

ئە‌يسا دە‌سلە‌پكى شاگىرتلىرىنى قانداق يېتە‌كلىگە‌ن؟‏

10.‏ خە‌تنە قىلىش مە‌سىلىسىنى يېتە‌كچىلىك كېڭە‌شنىڭ ھە‌ل قىلىشىنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە كىم باشقۇ‌رغان؟‏

10 يات خە‌لقتىن چىققان كورنىلىي ئىسىملىك خە‌تنە قىلىنمىغان كىشى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولۇ‌پ 13 يىل ئۆتكە‌ندىن كىيىن،‏ بە‌زى يە‌ھۇ‌دىي مە‌سىھىيلە‌ر تېخىچە خە‌تنە قىلىنىش كېرە‌ك دە‌پ ئېيتقان (‏ئە‌لچىلە‌ر 15:‏1،‏ 2‏)‏.‏ ئانتاكيادىكى قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا بۇ مە‌سىلە ھە‌ققىدە تالاش-‏تارتىش بولغان.‏ شۇ‌ڭا بۇ مە‌سىلىنى ھە‌ل قىلىش ئۈچۈن ئاقساقاللار پاۋلۇ‌سنى يېرۇ‌سالىمدىكى يېتە‌كچىلىك كېڭە‌شكە ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ بىراق،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە ئۇ‌نى كىم ئە‌ۋە‌تكە‌ن؟‏ پاۋلۇ‌س مۇ‌نداق چۈشە‌ندۈرگە‌ن:‏ «ئۇ يە‌رگە بېرىشىمنىڭ سە‌ۋە‌بى،‏ مە‌ن ۋە‌ھىي كۆرگە‌ن ئىدىم».‏ ئېنىقكى،‏ يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ بۇ مە‌سىلىنى ھە‌ل قىلىشىنى مە‌سىھنىڭ ئۆزى باشقۇ‌رغان.‏—‏گالاتىيالىقلار 2:‏1—‏3‏.‏

دە‌سلە‌پكى مە‌سىھىيلە‌رنىڭ جامائىتىنى مە‌سىھ باشقۇ‌رغان (‏10،‏ 11-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

11.‏ (‏1)‏ بە‌زى يە‌ھۇ‌دىي مە‌سىھىيلە‌ر خە‌تنە قىلىش مە‌سىلىسىگە قانداق كۆز قاراشتا بولغان؟‏ (‏2)‏ پاۋلۇ‌س يېرۇ‌سالىمدىكى ئاقساقاللارنى كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن قوللىغانلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ (‏ئىزاھاتقا ھە‌م قاراڭ)‏

11 مە‌سىھنىڭ يولباشچىلىقى ئاستىدا،‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش يە‌ھۇ‌دىي ئە‌مە‌س مە‌سىھىيلە‌رنىڭ خە‌تنە قىلىنىشى شە‌رت ئە‌مە‌سلىكىنى ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن (‏ئە‌لچىلە‌ر 15:‏19،‏ 20‏)‏.‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ نە‌چچە يىلدىن كېيىن كۆپلىگە‌ن يە‌ھۇ‌دىي مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى تېخىچە ئوغۇ‌للىرىنى خە‌تنە قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رغان.‏ كېيىن يېرۇ‌سالىمدىكى ئاقساقاللار پاۋلۇ‌س تە‌ۋرات قانۇ‌نىنى ھۆرمە‌تلىمە‌يدۇ،‏ دېگە‌ن سۆز-‏چۆچە‌كنى ئاڭلىغان.‏ شۇ‌ڭا ئاقساقاللار پاۋلۇ‌سنىڭ تە‌ۋرات قانۇ‌نىنى ھۆرمە‌تلە‌يدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشنى سورىغان b (‏ئىزاھاتقا قاراڭ.‏)‏ (‏ئە‌لچىلە‌ر 21:‏20—‏26‏)‏.‏ پاۋلۇ‌سىنىڭ قانۇ‌ننى ھۆرمە‌ت قىلىدىغانلىقىنى ئادە‌ملە‌رگە كۆرسىىتىش ئۈچۈن ئۆزى بىلە‌ن تۆت كىشىنى ئېلىپ،‏ مە‌ركىزىي ئىبادە‌تخانىدا تازىلىنىش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتۈشى كېرە‌ك ئىدى.‏ ئۇ:‏ «بۇ‌نىڭ نېمە كېرىكى بار؟‏ نېمە ئۈچۈن بۇ‌نى قىلىشىمنى تە‌لە‌پ قىلىۋاتىسىلە‌ر؟‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۇ‌دىي ئېتىقادچىلار خە‌تنە قىلىش مە‌سىلىسىنى چۈشە‌نمىسە،‏ مېنىڭ نېمە گۇ‌ناھىم بار؟‏»—‏ دە‌پ ئېيتالايتتى.‏ لېكىن،‏ پاۋلۇ‌س ئاقساقاللارنىڭ ھە‌ممە جامائە‌تلە‌ردە ئىناقلىقنى ساقلاش ئارزۇ‌سىنى چۈشىنىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆرسە‌تمىسىگە كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن قۇ‌لاق سالغان.‏ بىز:‏ «مۇ‌سانىڭ قانۇ‌نى ئە‌يسا ئۆلگە‌ندە كۈچىدىن قالغان ئە‌مە‌سمۇ؟‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئە‌يسا نېمە ئۈچۈن خە‌تنە قىلىش مە‌سىلىسىنىڭ شۇ‌نچە ئۇ‌زۇ‌ن داۋاملىشىشىغا يول قويغان؟‏»—‏ دە‌پ ئويلىنىشىمىز مۇ‌مكىن.‏—‏كولوسىلىقلار 2:‏13،‏ 14‏.‏

12.‏ ئە‌يسا نېمە ئۈچۈن خە‌تنە قىلىش مە‌سىلىسىنىڭ شۇ‌نچە ئۇ‌زۇ‌ن داۋاملىشىشىغا يول قويغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

12 يېڭى چۈشە‌نچىنى قوبۇ‌ل قىلىش ئۈچۈن بىراز ۋاقىت كېتىشى مۇ‌مكىن.‏ بە‌زى يە‌ھۇ‌دىي مە‌سىھىيلە‌رگىمۇ ئۇ‌لار ئە‌مدى تە‌ۋرات قانۇ‌نىغا بويسۇ‌نمايدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ۋاقىت كېرە‌ك ئىدى (‏يۇ‌ھاننا 16:‏12‏)‏.‏ ئۇ‌لار خە‌تنە قىلىش خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان ئالاھىدە مۇ‌ناسىۋە‌تنىڭ بە‌لگۈسى بولغانلىقىغا ئۆگىنىپ قالغان (‏يارىتىلىش 17:‏9—‏12‏)‏.‏ باشقا يە‌ھۇ‌دىي مە‌سىھىيلە‌ر بولسا،‏ يە‌ھۇ‌دىيلاردىن پە‌رقلە‌نسە،‏ قارشىلىققا دۇ‌چ كېلىشتىن قورققان (‏گالاتىيالىقلار 6:‏12‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ ۋاقىت ئۆتۈپ بۇ ئېتىقادچىلار پاۋلۇ‌سنىڭ خە‌تلىرى ئارقىلىق مە‌سىھتىن كۆپرە‌ك يول-‏يورۇ‌ق ئالغان.‏—‏رىملىقلار 2:‏28،‏ 29؛‏ گالاتىيالىقلار 3:‏23—‏25‏.‏

مە‌سىھ ھازىرمۇ جامائە‌تنى يېتە‌كلىمە‌كتە

13.‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ يولباشچىلىقىنى قوللاشقا بىزگە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

13 مە‌سىھ —‏ ھازىرغىچە مە‌سىھىي جامائە‌تنىڭ بېشى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌گە‌ر تە‌شكىلاتتا سىز چۈشە‌نمە‌يدىغان قانداقتۇ بىر ئۆزگۈرۈش يۈز بە‌رسە،‏ مە‌سىھنىڭ قە‌دىمدە خۇ‌دا خە‌لقىنى قانداق يېتە‌كلىگە‌نلىكى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىڭ.‏ مە‌سىھ يە‌شۇ‌ئانىڭ زامانىدىمۇ،‏ ئە‌لچىلە‌رنىڭ كۈنلىرىدىمۇ،‏ خۇ‌دا خە‌لقىگە ھە‌ردائىم توغرا يولباشچىلىق بە‌رگە‌ن.‏ شۇ‌نىڭ ئارقىسىدا ئۇ‌لار ھىمايە ئاستىدا بولغان ھە‌م ئۇ‌لارنىڭ ئېتىقادى بىلە‌ن ئىناقلىقى كۈچە‌يگە‌ن.‏—‏ئىبرانىيلار 13:‏8‏.‏

14—‏16.‏ «سادىق قۇ‌لنىڭ» يولباشچىلىقى مە‌سىھنىڭ ئېتىقادىمىزنى مە‌ھكە‌م ساقلاشقا ياردە‌م بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى قانداق ئىسپاتلايدۇ؟‏

14 بۈگۈنكى كۈندە «سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل» بىزگە كېرە‌كلىك يولباشچىلىقنى دە‌ل ئۆز ۋاقتىدا بېرىدۇ (‏مە‌تتا 24:‏45‏)‏.‏ بۇ ئە‌يسانىڭ بىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.‏ تۆت پە‌رزە‌نتنىڭ ئاتىسى مارك مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «شە‌يتان ئائىلىلە‌رگە ھۇ‌جۇ‌م قىلىش ئارقىلىق جامائە‌تلە‌رنى ئاجىزلاشتۇ‌رماقچى.‏ ھازىر ئائىلىۋى ئىبادە‌تنى ھە‌ر ھە‌پتە ئۆتكۈزۈش كۆرسە‌تمىسى بېرىلگە‌نلىكتىن،‏ ھە‌ر ئائىلە بېشى ئۆيىدىكىلىرىنى قوغداشنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى چۈشىنىدۇ».‏

15 ئە‌يسانىڭ بىزنى قانداق يېتە‌كلە‌ۋاتقانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ ئېتىقادىمىزنى مە‌ھكە‌م ساقلاشقا ياردە‌م بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ پاترىك ئىسىملىك ئاقساقال مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «دە‌سلە‌پتە بە‌زىلىرىگە دە‌م ئېلىش كۈنلىرى كىچىك گۇ‌رۇ‌پپىلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋە‌ز خىزمە‌ت يىغىلىشلىرىنى ياقتۇ‌رمىغان».‏ بىراق،‏ ئۇ‌نىڭ ئېيتىشىچە،‏ بۇ ئۆزگۈرۈش ئە‌يسانىڭ جامائە‌تتىكى قېرىنداشلارنىڭ ھە‌ربىرىگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بە‌زى خىجىلچان ياكى ۋە‌ز خىزمىتىگە كۆپ چىقمايدىغان قېرىنداشلار ئۆزلىرىنى كېرە‌كلىك ھېس قىلىدۇ.‏ بۇ ئۆزگۈرۈش ئۇ‌لارنىڭ ئېتىقادىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىگە‌ن.‏

16 مە‌سىھ بىزنىڭ ۋە‌ز خىزمىتىگە،‏ يە‌نى ھازىر يە‌ر يۈزىدىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئىشقا،‏ كۆڭۈل بۆلۈشكە ياردە‌م بېرىدۇ ‏(‏ماركۇ‌س 13:‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يېڭىدىن تە‌يىنلە‌نگە‌ن ئاندىرې ئىسىملىك ئاقساقال يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى بېرىدىغان ھە‌رقانداق يېڭى كۆرسە‌تمىگە ئە‌مە‌ل قىلىشقا تىرىشىدۇ.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىدىغان قېرىنداشلارنىڭ سانى قىسقارتىلىشى ۋاقىتنىڭ ئاز قالغانلىقىنى ھە‌م ۋە‌ز قىلىش خىزمىتىگە بار كۈچىمىز بىلە‌ن قاتنىشىشىمىز كېرە‌كلىكىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ».‏

مە‌سىھنىڭ يولباشچىلىقىنى قانداق قوللىيالايمىز؟‏

17،‏ 18.‏ نېمە ئۈچۈن ئۆزگۈرۈشلە‌رنىڭ پايدىسى ھە‌ققىدە ئويلىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏

17 پادىشاھىمىز ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ يولباشچىلىقى بىزگە ھازىرمۇ،‏ كېلە‌چە‌كتىمۇ پايدا ئە‌كېلىدۇ.‏ پات-‏ئارىدا بولغان ئۆزگۈرۈشلە‌ردىن قانداق پايدا ئالغانلىقىڭىز ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏ جامائە‌تتىكى ياكى ۋە‌ز خىزمە‌تتىكى ئۆزگۈرۈشلە‌ر ئائىلىڭىزگە قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى ئائىلىۋى ئىبادە‌تتە مۇ‌ھاكىمە قىلسىڭىز بولىدۇ.‏

سىز ئائىلىڭىزگە ۋە باشقىلارغا تە‌شكىلاتتىكى ئۆزگۈرۈشلە‌رگە كۆنۈشكە ياردە‌م بېرە‌مسىز؟‏ (‏17،‏ 18-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

18 ئە‌گە‌ر يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى بېرىدىغان كۆرسە‌تمىلە‌رگە قۇ‌لاق سېلىشنىڭ پايدىلىق ئىكە‌نلىكىنى ئە‌ستە تۇ‌تساق،‏ ئۇ‌لارغا بويسۇ‌نۇ‌ش ئاسانراق بولىدۇ ۋە بىز ئۆزىمىزنى بە‌ختلىك ھېس قىلىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز بۇ‌رۇ‌نقىدە‌ك كۆپ ماتېرىياللارنى بېسىپ چىقارمىغانلىقتىن،‏ كۆپ پۇ‌لنى تېجە‌يمىز.‏ شۇ‌نداقلا بىز يېڭى تېخنىكىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق كۆپرە‌ك ئادە‌ملە‌رگە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزە‌لە‌يمىز.‏ سىز ئېلېكترونلۇ‌ق ماتېرىياللار بىلە‌ن ئاۋازلىق ئوقۇ‌شلۇ‌ق ۋە فىلىملە‌رنى كۆپرە‌ك ئىشلىتىشكە تىرىشامسىز؟‏ بۇ مە‌سىھنى قوللاشنىڭ بىر ئۇ‌سۇ‌لى،‏ چۈنكى ئۇ تە‌شكىلاتنىڭ ئىقتىسادىنى دانالىق بىلە‌ن ئىشلىتىشىمىزنى خالايدۇ.‏

19.‏ بىز مە‌سىھنىڭ يولباشچىلىقىنى نېمە ئۈچۈن قوللىشىمىز كېرە‌ك؟‏

19 بىز مە‌سىھنىڭ يولباشچىلىقىنى قوللىغاندا،‏ قېرىنداشلارغا ئېتىقادىنى ۋە ئۆز-‏ئارا ئىناقلىقىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شكە ياردە‌م بېرىمىز.‏ ئاندىرې بە‌يتە‌للە‌ردە يېقىندا يۈز بە‌رگە‌ن ئۆزگۈرۈشلە‌ر ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بە‌يتە‌لدە بۇ‌رۇ‌ن خىزمە‌ت قىلغان قېرىنداشلارنىڭ ئىجابىي كۆز قارىشى ماڭا قاتتىق تە‌سىر قىلغان.‏ ئۇ‌لارنى تېخىمۇ ھۆرمە‌تلە‌يدىغان بولۇ‌پ،‏ مە‌سىھنىڭ يولباشچىلىقىغا بولغان ئېتىقادىم مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌نگە‌ن.‏ بۇ قېرىنداشلار تاپشۇ‌رۇ‌لغان ھە‌رقانداق ۋە‌زىپىنى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ئورۇ‌نداپ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئە‌رشتىكى ھارۋىسى بىلە‌ن تە‌ڭ ماڭىدۇ».‏

يولباشچىمىزغا تايىنىپ،‏ ئىشە‌نچ باغلايلى

20،‏ 21.‏ (‏1)‏ نېمە ئۈچۈن بىز يولباشچىمىز مە‌سىھكە ئىشە‌نچ باغلىيالايمىز؟‏ (‏2)‏ كېيىنكى ماقالىدە نېمىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

20 پات-‏ئارىدا بىزنىڭ رە‌ھبىرىمىز ياكى يولباشچىمىز ئە‌يسا مە‌سىھ «تولۇ‌ق غە‌لبە قازىنىپ»،‏ «كىشىنى ئە‌يمە‌ندۈرىدىغان ئاجايىپ ئىشلارنى» قىلىدۇ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 6:‏2؛‏ زە‌بۇ‌ر 45:‏4‏)‏.‏ ئۇ ھازىرمۇ بىزنى يېڭى دۇ‌نيادىكى ھاياتقا تە‌ييارلاۋاتىدۇ.‏ شۇ چاغدا بىز تىرىلگە‌ن ئادە‌ملە‌رگە تە‌لىم بېرىپ،‏ يە‌رنى جە‌ننە‌تكە ئايلاندۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بېرىمىز.‏

21 ئە‌گە‌ر يولباشچىمىز ۋە پادىشاھىمىز مە‌سىھكە تايانساق،‏ ئۆزگۈرىدىغان ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە قارىماستىن،‏ ئۇ بىزنى يېڭى دۇ‌نياغا يېتە‌كلە‌يدۇ ‏(‏زە‌بۇ‌ر 46:‏1—‏3-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۆزگۈرۈشلە‌رگە،‏ بولۇ‌پمۇ ئۇ‌لار تۇ‌يۇ‌قسىز يۈز بە‌رسە ياكى بىۋاسىتە بىزگە تە‌سىر قىلسا،‏ قوبۇ‌ل قىلىش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق ئۆزگۈرۈشكە دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ بىز قانداق قىلىپ تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ۋە يە‌ھۋاغا بولغان مە‌ھكە‌م ئېتىقادنى ساقلىيالايمىز؟‏ بۇ‌نى بىز كېيىنكى ماقالىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

a ئارخېئولوگلار ئېرىخا شە‌ھىرىنىڭ خارابىلىرى ئاستىدىن كۆپ ئاشلىق ساقلانغان جاينى تاپقان.‏ بۇ‌ندىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ‌كى،‏ شە‌ھە‌ر قىسقا ۋاقىت قورشاۋغا ئېلىنغان،‏ شۇ سە‌ۋە‌ب شە‌ھە‌ردىكى ئوزۇ‌ق-‏تۆلۈكلە‌ر تۈگە‌پ كە‌تمىگە‌ن.‏ گە‌رچە ئىسرائىللارنىڭ ئېرىخادىكى ئاشلىقلارنى ئولجا ئېلىشىغا رۇ‌خسە‌ت قىلىنمىغان بولسىمۇ،‏ بۇ پە‌سىل ھوسۇ‌ل يىغىش ۋاقتى بولۇ‌پ،‏ ئېتىزلاردا ئاشلىقلار مول بولغاچقا،‏ بۇ ئىسرائىللىقلارنىڭ شە‌ھە‌رنى بېسىۋېلىشى ئۈچۈن ياخشى پۇ‌رسە‌ت بولغان ئىدى.‏—‏يە‌شۇ‌ئا 5:‏10—‏12‏.‏

b ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» 2003-‏يىل،‏ 1-‏مارت سانىنىڭ 24-‏بېتىدىكى «‏پاۋلۇ‌س سىناقنى كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن قوبۇ‌ل قىلغان‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ.‏