تەرجىمىھال
يەھۋا خۇدا قارارىمنى مول بەرىكەتلىدى
1939-يىل. بىز تۈن يېرىمىدا تۇرۇپ، ئامىرىكىنىڭ مىسسۇرى شتاتىنىڭ غەربىي-جەنۇبىدىكى جوپلىن، دېگەن كىچىك شەھەرگە ئاتلاندۇق. ئۇ يەردە بىز ھەربىر ئۆينىڭ ئىشىكى ئاستىغا ۋاراقچىلارنى قالدۇرۇپ كەتتۇق. ۋاراقچىلارنى تارقىتىپ بولغاندىن كېيىن، دەرھال ماشىنىمىزغا ئولتۇرۇپ، باشقا توپلاردىكى قېرىنداشلار بىلەن ئۇچراشتۇق. تاڭ سەھەر ۋاقتى بولغان ئىدى. شۇ كۈنى كۈن چىقىشتىن بۇرۇن ۋەز خىزمىتىگە چىقىپ، شەھەردىن چاپسان كېتىشىمىزگە نېمە سەۋەب بولغان؟ بۇنى كېيىنرەك ئېيتىپ بېرىمەن.
مەن 1934-يىلى دۇنياغا كەلدىم. مېنىڭ ئاتا-ئانام فرېد بىلەن يدنا مەن توغۇلۇشتىن 20 يىل بۇرۇن مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرى (يەھۋا گۇۋاھچىلىرى) بولغان ئىدى. ئۇلارنىڭ قەلبىمىدە يەھۋاغا بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى ئويغاتقانلىقى ئۈچۈن مىننەتدارمەن. بىز كانزاس شتاتىدىكى پارسونس دېگەن كىچىك شەھەردە ياشىدۇق. جامائەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئىدى. بىز ھەرقاچان جامائەت يىغىلىشلىرىغا ھەم ۋەز خىزمىتىگە قاتنىشاتتۇق. ھەر شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن كوچىدا ۋەز قىلاتتۇق. بۈگۈنكى كۈندە ۋەز خىزمەتنىڭ بۇ تۈرى ئاممىۋى سورونلاردا ۋەز قىلىش دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا ھېرىپ قالاتتۇق، شۇڭا دادام خىزمەتتىن كېيىن ھەردائىم بىزگە ماروژنا ئېلىپ بېرەتتى.
بىزنىڭ كىچىك جامائىتىمىزنىڭ ۋەز قىلىش رايونى بەك چوڭ ئىدى. بۇ رايونغا بىرنەچچە كىچىك شەھەرلەر ۋە كۆپلىگەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرى كىرەتتى. دېھقانلارنىڭ بەزىلىرى ماتېرىياللىرىمىز ئۈچۈن پۇلنىڭ ئورنىغا كۆكتاتلارنى، توخۇ يېڭىلا تۇققان تۇخۇملارنى ياكى تىرىك توخۇلارنى بېرەتتى. پۇلىمىز كۆپ بولمىغانلىقتىن ۋە دادام شۇ ماتېرىياللار ئۈچۈن پۇلنى ئالدىن-ئالا تاپشۇرۇپ بولغانلىقتىن، بىز ئادەملەر بەرگەن ئوزۇق-تۈلۈكنى يەتتۇق.
گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتلىرى
ئاتا-ئانام ۋەز خىزمىتىدە پاتېفوننى ئىشلىتەتتى. مەن كىچىك بولغانلىقتىن ئۇنى ئىشلىتەلمەيتتىم، بىراق قايتا يولۇقۇشتا ۋە مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشكە بارغاندا، رۇتېرفوردنىڭ نۇتۇقلىرىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن پاتېفوننى قويۇشىغا ئاتا-ئانامغا ياردەم بېرەتتىم. مەن بۇنى بەك ياخشى كۆرەتتىم.
دادام ماشىنىسىنىڭ ئۈستىگە يوغان ئاۋاز كۈچەيتكۈچنى ئورنىتىپ قويغان. بۇ ۋەز خىزمىتىمىزنى ئۈنۈمىنى يوقىرى كۆتەردى. ئادەملەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن ئاۋۋال ناخشا قويۇپ، كېيىن مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان نۇتۇقنى قوياتتۇق. ئاندىن قىزىققان ئادەملەرگە ماتېرىياللارنى بېرەتتۇق.
دادام ئاۋاز كۈچەيتكۈچى بار ماشىنىسىنى، كانزاستىكى چېررىۋېيل دېگەن كىچىك شەھەردە ئادەملەر يەكشەنبە كۈنى دەم ئالىدىغان باغچىغا توختاتقانىدى. شۇ چاغدا ساقچىلار كېلىپ ئۇنىڭغا ماشىنىسىنى پەقەت باغچىنىڭ تېشىغا توختىتىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. دادام ماشىنىنى باغچىنىڭ قېشىدىكى كوچىغا توختاتتى. ئادەملەر ئۇ يەردىنمۇ نۇتۇقنى ياخشى ئاڭلىيالايتتى. مەن دادام ۋە ئاكام جېررى بىلەن بۇنداق ۋەز قىلىشنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتىم.
شۇ يىللاردا، ۋەز خىزمەتكە ئادەملەر قارشىلىق كۆرسىتىدىغان رايونلاردا، ئالاھىدە «تۇيۇقسىز ھەرىكەت»، يەنى ماقالىنىڭ بېشىدا تىلغا ئالغاندەك، ماتېرىياللارنى تۈن يېرىمىدا ھەربىر ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىغا قالدۇرۇپ كېتىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇق. كېيىن، ھەممىمىز شەھەر سىرىتىدا بىر جايغا جەم بولۇپ، بىرەرىنى ساقچىلار تۇتۇۋالغان ياكى تۇتۇۋالمىغانلىقىغا قاراپ چىقاتتۇق.
خىزمىتىمىزنىڭ يەنە بىر ئىلھام بېرىدىغان تۈرى — تەشۋىقات ئۈچۈن كوچا ئارىلاپ مېڭىش ئىدى. خەت يېزىلغان تاختايلارنى ئېسىۋېلىپ، شەھەرنى ئارىلاپ چىقاتتۇق. بىر قېتىم قېرىنداشلار بىزنىڭ شەھەرگە كېلىپ، «دىن — تۇزاق ۋە ئالدامچىلىق» دېگەن يېزىغى بار لوزۇنكىلار بىلەن ماڭغانىدى. ئۇلار بىزنىڭ ئۆيدىن باشلاپ، تەخمىنەن 6.1 كىلومېتر مېڭىپ شەھەرنى بىر ئايلىنىپ ئۆيۈمىزگە قايتىپ كەلگەن. بەختكە يارىشا، ئۇلارغا ھېچكىم قارشىلىق قىلمىغان، ئەكسىچە كۆپ ئادەم قىزىقىش كۆرسەتكەنىدى.
كىچىك چېغىمدىكى چوڭ يىغىلىشلار
بىز تېكساستا ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ يىغىلىشلارغا پات-پات باراتتۇق. دادام تۆمۈر يول شىركىتىدە ئىشلىگەنلىكتىن، بىز چوڭ يىغىلىشلارغا ۋە تۇغقانلىرىمىزنى يوقلاشقا ھەقسىز بارالايتۇق. ئاپامنىڭ ئاكىسى فرېد ۋىسمار ۋە ئۇنىڭ ئايالى يۇلېيلى تېكساسنىڭ تېمپىل شەھىرىدە ياشىغان. فرېد تاغام ھەقىقەتنى 1900-يىللارنىڭ بېشىدا بىلىپ، چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەن. ئۇ ئاپامغا ۋە باشقا قېرىنداشلىرىغا ئۆگەنگەنلىرى ھەققىدە ئېيتىپ بەرگەن. مەركىزىي تېكساستىكى ئېتىقادچىلار فرېد تاغامنى ياخشى بىلگەن، چۈنكى بۇرۇن ئۇ رايون خىزمەتچىسى (رايونغا مەسئۇل ئاقساقال دەپ ئاتىلىدۇ) بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئۇ بەك مېھرىبان، قىزغىن ۋە خۇشخۇي بولغان. ئۇ مەن ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە ئىدى.
1941-يىلى بىز پويىز بىلەن مىسسۇرى شتاتىدىكى سېينت-لۇئىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىلىشقا باردۇق. ياشلارنىڭ ھەممىسى «پادىشانىڭ بالىلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان رۇتېرفورد بۇرادەرنىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلاش ئۈچۈن سەھنىنىڭ ئالدىدىكى ئورۇنلارغا ئولتۇرۇشقا چاقىرىلدى. نۇتۇقنىڭ ئاخىرىدا 15000 بالىنىڭ ھەممىسى ئالاھىدە بىر سوۋغات ئالغان. رۇتېرفورد بۇرادەر ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى ھەربىرىمىزگە «بالىلار» ناملىق يېڭى كىتابنى بەردى.
1943-يىلنىڭ ئاپرېل ئېيىدا بىز كانزاستىكى كوففىۋېل شەھىرىدە ئۆتكەن «ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق» دەپ ئاتالغان چوڭ يىغىلىشقا باردۇق. شۇ يىغىلىشتا جامائەتلەرنىڭ ھەممىسىگە «ۋەز ئېتقۇچىلار مەكتىپى» دېگەن يېڭى ئۇچرىشىش ھەققىدە ئېلان قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ يېڭى مەكتەپ ئۈچۈن 52 دەرستىن تۈزۈلگەن بىر كىتابچە تارقىتىلدى. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، مەن بۇ مەكتەپتە تۇنجى نۇتۇقنى ئېيتتىم. مەزكۇر بۇ چوڭ يىغىلىش مەن ئۈچۈن بەكمۇ ئالاھىدە بىر كۈن بولغان. سەۋەبى، مەن دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى بىر كۆلچەكتە چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتتۈم.
بەيتەلدە خىزمەت قىلىشنى خالىدىم
1951-يىلى مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، مەن كېلەچىكىم ھەققىدە ئويلاشنى باشلىدىم. ئاكام جېررى بەيتەلدە خىزمەت قىلغانىدى. مەنمۇ بەيتەلدە خىزمەت قىلىشنى بەكمۇ خالايتتىم، شۇڭا ئىلتىماس خېتىنى تولدۇرۇپ ئەۋەتتىم. ئۇزۇن ئۆتمەي، مەن بەيتەلگە چاقىرىلىپ، 1952-يىلى 10-مارتتىن تارتىپ، شۇ يەردە خىزمەت قىلىشنى باشلىدىم. بۇ خۇداغا تېخىمۇ كۆپرەك خىزمەت قىلىشىمغا ياردەم بەرگەن دانا قارار بولغان.
مەن بەيتەل باسمىخانىسدا خىزمەت قىلىپ، ژۇرناللار ۋە باشقا ماتېرىياللارنى بېسىپ چىقىرىشقا ياردەم بېرىىشنى ئۈمىد قىلغان ئىدىم. لېكىن، بۇ ئۈمىدىم ئەمەلگە ئاشمىدى. مەن كۈتكۈچى بولدۇم ۋە كېيىنرەك ئاشخانىدا خىزمەت قىلدىم. بۇ ئىشتىن خۇشاللىق تاپتىم ۋە شۇ يەردە كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. بىز نۆۋەت بىلەن ئىشلەتتۇق، شۇڭا مەن كۈندۈزى دەم ئالاتتىم. مەن پات-پات بەيتەلنىڭ كىتابخانىسىغا بېرىپ، شۇ يەردىكى كىتابلارنى ئوقۇپ شەخسىي ئۆگىنىش ئۆتكۈزەتتىم. بۇ مېنىڭ ئېتىقادىمنى ۋە يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمنى كۈچەيتكەنىدى. شۇ چاغدا بەيتەلدە مۇمكىنقەدەر كۆپ ۋاقىت خىزمەت قىلىشقا بەل باغلىدىم. جېررى 1949-يىلى بەيتەلدىن كېتىپ، پاترىشىياغا ئۆيلەندى. بىراق، ئۇلار برۇكلىندا تۇرغانلىقتىن، بەيتەلدە يېڭىدىن خىزمەت قىلغان ۋاقتىمدا مېنى قوللىغان ۋە ماڭا ياردەم بەرگەن.
بەيتەلگە كەلگىنىمدىن كۆپ ئۆتمەي، قېرىنداشلار نۇتۇق ئېيتقۇچىلارنى ئىزدەشكە باشلىدى. بەيتەل تىزىملىكىدىكى نۇتۇق ئېيتقۇچىلارنى برۇكلىندىن 320 كىلومېتر يىراقلىقتىكى جامائەتلەرگە بىرىپ نۇتۇق ئېيتىش ۋە قېرىنداشلار بىلەن ۋەز قىلىشقا بەلگىلىگەنىدى. مەنمۇ بۇ تىزىمغا كىرگۈزۈلگەن ئىدىم. جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىشنى باشلىغاندا، ئازىراق ھودۇقتۇم. شۇ يىللاردا ئاممىۋىي نۇتۇقلار بىر سائەت داۋام قىلالاتتى. ئادەتتە مەن جامائەتلەرگە پويىز بىلەن باراتتىم. 1954-يىلدىكى قىش پەسلىنىڭ بىر يەكشەنبە كۈنى
چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىت ھازىرمۇ ئېسىمدە بار. مەن نيۇ-يوركقا پويىزدا قايتىۋاتقان ئىدىم ۋە قاراڭغۇ چۈشۈشتىن بۇرۇن بەيتەلگە يېتىپ بېرىۋېلىشىم كېرەك ئىدى. ئەمما، قاتتىق بوران باشلىنىپ، قار يېغىپ كەتتى. شۇڭا پويىزنىڭ ماتورى ئىشلىمەي قالدى ۋە مەن نيۇ-يوركقا پەقەت دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشتە ئارانلا يېتىپ كەلدىم. كېيىن برۇكلىنغا مېترو بىلەن بېرىپ، دەرھال ئاشخانىدىكى ئىشىمغا كىرىشتىم. مەن ئىشقا ئازىراق كېچىكتىم ۋە ئۇخلىمىغانلىقتىن، ناھايىتى ھېرىپ قالدىم. بىراق، جامائەتلەرگە خىزمەت قىلىشتىن ۋە كۆپلىگەن يېڭى قېرىنداشلار بىلەن تونۇشۇشتىن ئالغان خۇشاللىقىم ھەممە قىيىنچىلىقلىرىمدىن ئېشىپ چۈشكەنىدى.بەيتەلدىكى خىزمىتىمنىڭ دەسلەپكى يىللىرى رادىئو ئىستانسىمىزدا (WBBR) ھەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىش پروگراممىسىغا قاتناشتىم. بۇ رادىئو ئىستانىسى كولۇمبىيا-خايتىس كوچىسى 124-بىنا ئىككىنچى قەۋەتكە جايلاشقانىدى. بەيتەلدە نۇرغۇن يىللار خىزمەت قىلغان ئالېكساندىر خ. ماكمىللانمۇ شۇ پروگراممىنى ئۆتكۈزۈشكە قاتنىشىپ تۇرغان. بىز ئۇنى ماك بۇرادەر دەپ ئاتاتتۇق. ئۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرسىمۇ، سادىق بولۇپ قالغان ۋە بىزگە ئوخشاش ياش بۇرادەرلەرگە ئاجايىپ ئۈلگە بولغان.
1958-يىلى باشقا خىزمەتكە تەيىنلىنىپ، گىلىئاد مەكتىپىنى تاماملىغان ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيقۇچىلار (مىسسىئونېرلار) بىلەن خىزمەت قىلىشقا باشلىدىم. قىزغىنلىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان شۇ قېرىنداشلارغا ۋىزىلارنى ئېلىپ، تەيىنلەنگەن دۆلەتلەرگە يېتىۋېلىشقا ياردەم بېرەتتىم. شۇ ۋاقىتلاردا ئايروپىلان بىلەن ئۇچۇش بەك قىممەت ئىدى، شۇنىڭ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئافرىقا ۋە ئاسىياغا يۈك كېمىسى بىلەن باراتتى. كېيىن يىللار ئۆتۈپ، ئايروپىلان بىلەتلىرىنىڭ باھاسى چۈشكەندە، ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى تەيىنلەنگەن دۆلەتلەرگە ئايروپىلان بىلەن بارىدىغان بولدى.
جاي-جايلاردىكى چوڭ يىغىلىشلار
1961-يىلى ياۋرۇپادا خەلقئارا چوڭ يىغىلىشلار ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، 1960-يىلى، شۇ چوڭ يىغىلىشقا بارىدىغان قېرىنداشلار ئۈچۈن ئايروپىلاننى ئىجارىگە ئېلىش ئىشى بىلەن ئالدىراش ئۆتتۈم. مەن گېرمانىيىدىكى ھامبۇرگ شەھىرىدە ئۆتىدىغان چوڭ يىغىلىشقا باردىم. چوڭ يىغىلىشتىن كېيىن، بەيتەلدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۈچ قېرىنداش بىلەن ماشىنىنى ئىجارىگە ئېلىپ، گېرمانىيىدىن ئىتالىيىگە بېرىپ، رىمدىكى بەيتەلنى زىيارەت قىلدۇق. كېيىن بىز فرانسىيىگە باردۇق ۋە پېرېنېي تاغلىرى ئارقىلىق ئىسپانىيىگە ئۆتتۇق. شۇ ۋاقىتتا ئىسپانىيىدە پائالىيەتلىرىمىز مەنئىي قىلىنغانىدى. بىز بارسېلونادىكى قېرىنداشلىرىمىزغا سوۋغاتغا ئوخشىتىپ چىرايلىق قەغەز بىلەن ئورالغان ماتېرىياللىرىمىزنى بەردۇق. ئۇ بىر ئاجايىپ ئۇچرىشىش بولغانىدى! ئاندىن كېيىن ئامىستېردامغا بېرىپ، شۇ يەردىن نيۇ-يوركقا قايتتۇق.
1963-يىلى دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان خۇش خەۋەر» ناملىق خەلقئارا چوڭ يىغىلىشلارغا 583 قېرىنداش بېرىشى كېرەك ئىدى. 1962-يىلى، ماڭا شۇ قېرىنداشلارنىڭ بېرىپ-كېلىشىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئىشى تاپشۇرۇلدى. ئۇلار ياۋرۇپا، ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكياننىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرگە، كېيىن ھاۋايدىكى ھونولۇلۇ شەھىرىگە ۋە ئاخىرىدا كالىفورنىيەدىكى پاسادىنا شەھىرىگە بېرىشى كېرەك ئىدى. شۇنداقلا ئۇلار مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغان ۋەقەلەر يۈز بەرگەن جايلارغا — لىۋان ۋە ئىئوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلماقچى بولغان. بىزنىڭ بۆلۈم
چوڭ يىغىلىشلارغا بارىدىغان-كېلىدىغان مېھمانلارغا ئايروپلان بىلەتلىرىنى سېتىۋېلىش، ۋىزىلارنى ئېلىش ۋە مېھمانخانىغا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرەتتى.سەپەرلەردىكى يېڭى ھەمراھىم
مەن ئۈچۈن 1963-يىل ئالاھىدە يىل بولغانلىقىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بار ئىدى. شۇ يىلى 29-ئىيۇن كۈنى. مەن لايلا رودژېرس بىلەن توي قىلدىم. ئۇمۇ مىسسۇرى شتاتىدىن بولۇپ، 1960-يىلدىن باشلاپ بەيتەلدە خىزمەت قىلغان. توي قىلغىنىمىزغا بىر ھەپتە بولغاندا، لايلا ئىككىمىز دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى چوڭ يىغىلىشلارغا قاتناشماقچى بولۇپ، گرېتسىيە، مىسىر ۋە لىۋانغا باردۇق. بۇ دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بىز ئىئوردانىيىگە ئاتلاندۇق. بۇ يەردە پائالىيەتلىرىمىز مەنئىي قىلىنغانلىقتىن، ھۆكۈمەت يەھۋا گۇۋاھچىلىرىغا ۋىزا بەرمەيتتى. شۇڭا، ئىئوردانىيىدە بىزنى نېمە كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلمىدۇق. بىراق، ئايروپورتتا «قېرىنداشلار، خۇش كەپسىلەر!» دېگەن يېزىقنى تۇتۇپ تۇرغان بىر توپ ئېتىقادشلارنى كۆرگەندە، بىز ھاڭ-تاڭ بولۇپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇق! شۇنىڭ بىلەن، ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپ پەيغەمبەرلەر ھايات كەچۈرگەن ھەم ئەيسا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىلىرى ۋەز قىلغان جايلارنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇق. مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى يەر يۈزىنىڭ ئۇ چېتىگىچە دەل مۇشۇ يەرلەردىن تارقالغان ئىدى.—ئەلچىلەر 13:47.
55 يىلدىن بۇيان، لايلا مېنىڭ ۋەزىپىلىرىمنى ئورۇنلاشقا ياردەم بېرىپ كەلمەكتە. ئىسپانىيە بىلەن پورتۇگالىيەدە پائالىيەتلىرىمىز مەنئىي قىلىنغان چاغدا، شۇ يەردىكى جامائەتلەرنى بىرنەچچە قېتىم زىيارەت قىلدۇق. شۇ يەردىكى قېرىنداشلارغا ماتېرىياللار ۋە باشقا كېرەكلىك نەرسىلەرنى يەتكۈزۈپ، ئۇلارغا تەسەللىي بېرەتتۇق. ھەتتا ئىسپانىيىنىڭ كادىس شەھىرىدىكى تۈرمىدە ئولتۇرغان قېرىنداشلىرىمىزنى يوقلاشقا پۇرسىتىمىز بولغانىدى. شۇ قېرىنداشلارغا نۇتۇق ئېيتىپ، ئۇلارغا ئىلھام بېرەلىگەنلىكىمگە بەكمۇ خۇشال بولدۇم.
1963-يىلدىن تارتىپ، مەن ئافرىقا، ئاۋىستىرالىيە، جەنۇبىي ۋە ئوتتورا ئامېرىكا، ياۋرۇپا، ئاسىيا، ھاۋاي، يېڭى زېللاندىيە بىلەن پورت-رىكودىكى خەلقئارا چوڭ يىغىلىشلارغا بارىدىغان ئېتىقادداشلارنىڭ سەپەرلىرىنى ئۇيۇشتۇردۇم. لايلا ئىككىمىز ئېسىمىزدىن مەڭگۈ ئۆچمەس چوڭ يىغىلىشلارغا قاتناشتۇق. شۇ چوڭ يىغىلىشلارنىڭ بىرى 1989-يىلى پولشانىڭ ۋارشاۋا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. شۇ يىغىلىشقا روسىيەدىن كۆپلىگەن قېرىنداشلار كەلگەن. بۇ ئۇلار قاتناشقان تۇنجى چوڭ يىغىلىش ئىدى! شۇ يەردە بىز سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېتىقادى ئۈچۈن ئۇزۇن يىللار تۈرمىدە ئولتۇرغان ئېتىقادداشلىرىمىز بىلەن ئۇچراشتۇق.
مېنىڭ يەنە بىر ۋەزىپەم، دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى بەيتەل ئائىلىلىرىنى ۋە ياتئەل خەلقى ئارىسىدىكى ۋەز ئېيتقۇچىلارنى زىيارەت قىلىش بولغان ئىدى. ئاخىرقى قېتىم بىز جەنۇبىي كورېيىگە سەپەر قىلىپ، سۇۋون شەھىرىدە تۈرمىدە ئولتۇرغان 50 قېرىنداشنى كۆرۈپ قايتتۇق. بۇ قېرىنداشلار ئىجابىي كۆز قاراشنى ساقلاپ، يەھۋاغا ئەركىن خىزمەت قىلالايدىغان ۋاقىتنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈپ يۈرگەنىدى. ئۇلارنى كۆرۈپ، بىز كۆپ ئىلھاملاندۇق.—رىملىقلار 1:11، 12.
ئۆسۈمنى كۆرۈپ خۇشال بولىمەن
مەن يەھۋانىڭ يىللار داۋامىدا ئۆز خەلقىگە مول بەرىكەت تۆككەنلىكىگە گۇۋاھچى بولدۇم. 1943-يىلى چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكىنىمدە، پەقەت 100000 ۋەز ئېيتقۇچى بار ئىدى. ھازىر بولسا 240 دۆلەتتە 8000000دىن ئارتۇق يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بار. مۇنداق نەتىجىنىڭ بولۇشىغا گىلىئاد
مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ياتئەل خەلقى ئارىسىدىكى ۋەز ئېيتقۇچىلارنى قوشقان ھەسسىسى چوڭ بولدى. شۇ ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچىلار بىلەن خىزمەتداش بولغىنىمغا ۋە ئۇلارنىڭ تەيىنلەنگەن يەرلەرگە يېتىپ بېرىشىغا ياردەم بېرەلىگىنىمگە ئىنتايىن خۇشالمەن.ياش چېغىمدا ھاياتىمنى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا بېغىشلاپ، بەيتەلگە ئىلتىماس خېتىنى ئەۋەتكىنىمگە شۇنچىلىك خۇرسەنمەن. يەھۋا شۇ يىللارنىڭ ھەممىسىدە مېنى مول بەرىكەتلەپ كەلگەن. بەيتەلدىكى خىزمىتىمنى ھېسابلىمىغاندا، لايلا ئىككىمىز 50 يىلدىن ئارتۇق برۇكلىندا بىرنەچچە جامائەت بىلەن ۋەز ئىشىغا قاتنىشىپ، كۆپلىگەن ھەقىقىي دوستلارنى تاپتۇق. بۇ بىزگە زور خۇشاللىق ئاتا قىلغان.
ئايالىم لايلانىڭ ياردىمى بىلەن بەيتەلدە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمەن. مەن خەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قىلىمەن. ھەتتا يېشىم 84تىن ئاشقان بولسىمۇ، بۇ يەردە داۋاملىق ياردەم بېرىۋاتقىنىم ئۈچۈن بەك خۇشالمەن.
يەھۋانىڭ ئاجايىپ تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇش نېمە دېگەن شان-شەرەپ! شۇنداقلا مالاكى 3:18دىكى سۆزلەرنىڭ راستلىقىنى ئۆز كۆزۈمىز بىلەن كۆرۈش بىزنى خۇشال قىلىدۇ. بۇ ئايەتتە مۇنداق يېزىلغان: «سىلەر… ھەققانىيلار بىلەن رەزىللەرنى، خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولغانلار بىلەن بولمىغانلارنى پەرق ئېتەلەيسىلەر». راستىنلا، شەيتاننىڭ دۇنياسى بارغانسېرى رەزىللىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئادەملەردە ھېچ ئۈمىد يوق ۋە ئۇلار مەنىسىز ھايات كەچۈرۈۋاتىدۇ. بىراق، يەھۋانى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەر ئالاھىدە قىيىن ۋاقىتلاردا ياشاۋاتسىمۇ، بەختلىك ھايات كەچۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ كېلەچەككە بولغان مەھكەم ئۈمىدى بار ھەم ئۇلار باشقىلارغا خۇش خەۋەرنى جاكارلاش ئىمتىيازىغا ئىگە! (مەتتا 24:14). پات-ئارىدا خۇدا پادىشاھلىقى رەزىل دۇنيانى يوق قىلىپ، يەردە جەننەتنى ئورنىتىدۇ. بىز شۇ ۋاقىتنىڭ كېلىشىگە تەشنا! شۇ چاغدا يەر يۈزىدىكى ھەربىر كىشىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولۇپ، ئادەملەر مەڭگۈ بەختلىك ھايات كەچۈرىدۇ.