مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىڭلار

ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىڭلار

‏«ئە‌ي يە‌ھۋا،‏ … سۆزۈڭنىڭ ئۇ‌ل ئاساسى ھە‌قىقە‌ت».‏—‏زە‌بۇ‌ر 119:‏159،‏ 160‏.‏

ناخشىلار:‏ 34،‏ 145

1،‏ 2.‏ (‏1)‏ ئە‌يسانىڭ ھاياتىدا نېمىنى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئورۇ‌نغا قويغان ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏ (‏2)‏ خۇ‌دا بىلە‌ن خىزمە‌تداش بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

 ئە‌يسا مە‌سىھ ئاۋۋال ياغاچچى،‏ كېيىن ئۇ‌ستاز بولغان (‏ماركۇ‌س 6:‏3؛‏ يۇ‌ھاننا 13:‏13‏)‏.‏ ئۇ ھە‌ر ئىككى ئىشنى ماھىرلىق بىلە‌ن قىلغان.‏ ياغاچچى سۈپىتىدە ئۇ ياغاچتىن ھە‌ر تۈرلۈك پايدىلىق بۇ‌يۇ‌ملارنى قىلىشنى ئۆگە‌نگە‌ن.‏ ئۇ‌ستاز سۈپىتىدە بولسا،‏ ئۇ يازمىلارنى پىششىق بىلگە‌ن،‏ شۇ‌ڭا ئادە‌ملە‌رنىڭ خۇ‌دا سۆزىدىكى ھە‌قىقە‌تنى چۈشىنىشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏مە‌تتا 7:‏28؛‏ لۇ‌قا 24:‏32،‏ 45‏)‏.‏ ئە‌يسا 30 ياشقا كىرگە‌ندە،‏ ياغاچچىلىق ئىشىنى تاشلاپ،‏ ئۇ‌ستاز بولۇ‌شنى ياھاتىدىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئورۇ‌نغا قويغان.‏ ئۇ ئېيتقاندە‌ك،‏ ئۇ‌نىڭ يە‌رگە كېلىش سە‌ۋە‌بلىرىنىڭ بىرى —‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى جاكارلاش ئىدى (‏مە‌تتا 20:‏28؛‏ لۇ‌قا 3:‏23؛‏ 4:‏43‏)‏.‏ ئە‌يسا ۋە‌ز ئىشىنى ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويغان ۋە باشقىلارنىڭمۇ شۇ‌نداق قىلىشىنى خالىغان.‏—‏مە‌تتا 9:‏35—‏38‏.‏

2 كۆپىنچىمىز ياغاچچى ئە‌مە‌س،‏ لېكىن ھە‌ممىمىز ئادە‌ملە‌رگە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزىمىز.‏ بۇ ئىش بە‌كمۇ مۇ‌ھىمكى،‏ خۇ‌دانىڭ ئۆزى بۇ ئىشقا قاتنىشىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغان:‏ «بىز خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تداشلىرىمىز» (‏1-‏كورىنتلىقلار 3:‏9؛‏ 2-‏كورىنتلىقلار 6:‏4‏)‏.‏ بىز زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسىنىڭ مۇ‌نۇ سۆزلىرىگە قوشۇ‌لىمىز:‏ «سۆزۈڭنىڭ ئۇ‌ل ئاساسى ھە‌قىقە‌ت» (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏159،‏ 160‏)‏.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ بىز ۋە‌ز قىلغاندا ‏«ھە‌قىقە‌ت سۆزىنى توغرا ئۇ‌سۇ‌لدا» يە‌تكۈزۈشنى خالايمىز ‏(‏2-‏تىموتىي 2:‏15-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئىشلىتىش ماھارىتىمىزنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب —‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ۋە پادىشاھلىق ھە‌ققىدە تە‌لىم بېرىشنىڭ ئاساسىي قورالى.‏ ۋە‌ز قىلىش ئىشىنى ياخشى ئورۇ‌نداش ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى بىزنى باشقىمۇ ئۈنۈملۈك قوراللار بىلە‌ن تە‌مىنلە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى تە‌لىم بېرىش قوراللىرىغا كىرىدۇ.‏

3.‏ ۋە‌ز خىزمە‌تتە دىققىتمىزنى نېمىگە قارىتىشىمىز كېرە‌ك ۋە ئە‌لچىلە‌ر 13:‏48-‏ئايە‌تكە ماس بىرىنچى نۆۋە‌تتە كىملە‌رنى ئىزدىشىمىز كېرە‌ك؟‏

3 بە‌لكىم،‏ سىز بۇ قوراللار نېمە ئۈچۈن «ۋە‌ز قىلىش قوراللىرى» ئە‌مە‌س،‏ «تە‌لىم بېرىش قوراللىرى» دە‌پ ئاتىلىدىغانلىقىغا ھە‌يران بولىدىغانسىز.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ «ۋە‌ز قىلىش» خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى جاكارلاشنى بىلدۈرىدۇ.‏ «تە‌لىم بېرىش» بولسا،‏ شۇ خە‌ۋە‌رنى چۈشە‌ندۈرۈشنى بىلدۈرىدۇ.‏ ئادە‌م ئاڭلىغان خە‌ۋە‌رنى چۈشە‌نسە،‏ بۇ ئۇ‌نى بىلىمىگە ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرى يېقىنلىشىۋاتىدۇ،‏ شۇ‌ڭا ئاز قالغان ۋاقىتنى ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ،‏ ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىشكە سە‌رپ قىلىشىمىز لازىم.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ بىز مە‌ڭگۈ ھاياتنى قوبۇ‌ل قىلىشقا مايىل ئادە‌ملە‌رنى قىزغىنلىق بىلە‌ن ئىزدە‌پ،‏ ئۇ‌لارغا خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىسى بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىشىمىز كېرە‌ك.‏—‏ئە‌لچىلە‌ر 13:‏44—‏48-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

4.‏ مە‌ڭگۈ ھاياتنى قوبۇ‌ل قىلىشقا مايىل ئادە‌ملە‌رنى قانداق تاپالايمىز؟‏

4 بىز مە‌ڭگۈ ھاياتنى قوبۇ‌ل قىلىشقا مايىل ئادە‌ملە‌رنى قانداق تاپالايمىز؟‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى ئېتىقادچىلار مۇ‌نداق كىشىلە‌رنى پە‌قە‌ت ۋە‌ز قىلىش ئارقىلىق تاپالىغان.‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرىغا:‏ «قايسى شە‌ھە‌ر ياكى يېزىغا كىرسە‌ڭلار،‏ بۇ خە‌ۋە‌رگە لايىق كىشىنى ئىزدە‌پ تېپىڭلار ۋە كە‌تكۈچە ئۇ‌نىڭكىدە تۇ‌رۇ‌ڭلار»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏مە‌تتا 10:‏11‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە بىزمۇ شۇ‌نداق قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئە‌گە‌ر ئادە‌م سە‌مىمىي بولمىسا،‏ خۇ‌دا ھە‌ققىدە بىلىشنى تامامە‌ن خالىمىسا ياكى تە‌كە‌ببۇ‌ر بولسا،‏ ئۇ‌نىڭ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رگە قۇ‌لاق سېلىشىنى ئۈمىد بىلە‌ن كۈتمە‌يمىز.‏ بىز سە‌مىمىي،‏ كە‌متە‌ر ۋە ھە‌قىقە‌تنى بىلىشنى خالايدىغان ئادە‌ملە‌رنى ئىزدە‌يمىز.‏ ۋە‌ز ئىشىنى ئە‌يسانىڭ ياغاچچىلىق ئىشى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا بولىدۇ.‏ ئە‌يسا ئۆي جاھازلىرى،‏ ئىشىك،‏ بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌ق ياكى باشقا بۇ‌يۇ‌منى ياساشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ ياخشى ياغاچنى تېپىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ كېيىن،‏ ئۇ كېرە‌كلىك ئە‌سۋابلارنى ۋە قابىلىيىتىنى ئىشلىتىپ،‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئالغان نە‌رسىلە‌رنى ياسالىغان.‏ دە‌ل شۇ‌نداق،‏ بىزمۇ ئاۋۋال سە‌مىمىي ئادە‌ملە‌رنى تېپىپ،‏ ئاندىن ئۇ‌لارغا شاگىرت بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ قوراللىرىمىز ۋە قابىلىيە‌تلىرىمىزنى ئىشلىتىشىمىز لازىم.‏—‏مە‌تتا 28:‏19،‏ 20‏.‏

5.‏ تە‌لىم بېرىش قوراللىرىمىز ھە‌ققىدە نېمە بىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىملە‌رگە قاراڭ)‏

5 ھە‌ربىر قورال-‏سايماننىڭ ئۆزىنىڭ ئىشلىتىش ئورنى بار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌يسا ئىشلە‌تكە‌ن ئە‌سۋابلارنى ئالايلى a (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏ ئۇ‌نىڭغا ياغاچنى ئۆلچە‌ش،‏ بە‌لگىلە‌ش،‏ كېسىش،‏ تېشىش،‏ سىلىقلاش ھە‌م ياغاچلارنى ئۆزئارا بىرىكتۈرۈش ئۈچۈن ھە‌رخىل ئە‌سۋابلار كېرە‌ك بولغان.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ھە‌ربىر تە‌لىم بېرىش قورالىنىڭ ئۆز ئىشلىتىلىش ئورنى بار.‏ كېلىڭلار،‏ شۇ قوراللارنى ئىشلىتىش ئۇ‌سۇ‌للىرىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

كىملىكىمىزنى كۆرسىتىدىغان قوراللار

6،‏ 7.‏ (‏1)‏ ئالاقىلىشىش كارتىلىرى قايسى مە‌قسە‌تتە چىقىرىلغان؟‏ (‏2)‏ تە‌كلىپنامىلە‌رنى نېمە ئۈچۈن ئىشلىتىمىز؟‏

6 ئالاقىلىشىش كارتىلىرى.‏ بۇ قوراللار كىچىك بولسىمۇ،‏ ناھايىتى ئۈنۈملۈك.‏ ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌لاردىن بىزنىڭ كىم ئىكە‌نلىكىمىزنى بىلە‌لە‌يدۇ ۋە دىققىتىنى تېزلا jw.org تور بېكىتىگە قارىتالايدۇ.‏ بۇ توربە‌تتە ئادە‌ملە‌ر بىز ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىپ،‏ ھە‌تتا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشنى ئىلتىماس قىلالايدۇ.‏ ھازىرغىچە jw.org تور بېكىتى ئارقىلىق 400000دىن كۆپرە‌ك ئادە‌م مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنى ئىلتىماس قىلغان ۋە شۇ ئىلتىماسنى كۈندە نە‌چچە يۈزلىگە‌ن ئادە‌ملە‌ر تولدۇ‌رىدۇ.‏ ئالاقىلىشىش كارتىسىدىن بىرنە‌چچىنى يېنىڭىزغا سېلىۋېلىپ،‏ ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن سۆزلە‌شكە‌ندە،‏ شۇ‌لارنى ئىشلىتىپ گۇ‌ۋاھلىق بە‌رسىڭىز بولىدۇ.‏

7 تە‌كلىپنامە‏.‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا چاقىرىش تە‌كلىپنامىسىدە مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «بىز سىزنى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشقا تە‌كلىپ قىلىمىز».‏ بۇ تە‌كلىپنامىدە،‏ «ئاممىۋىي يىغىلىشلىرىمىزغا» قاتنىشىشقا تە‌كىلىپ قىلىنغان ياكى «ئايرىم ئۆزى بىلە‌ن شە‌خسە‌ن» ئۆگىنىشكە بولىدىغانلىقى يېزىلغان.‏ ئۇ‌نىڭدا،‏ كىم ئىكە‌نلىكىمىزنى كۆرسىتىلگە‌ن،‏ «ئۆزىنىڭ خۇ‌داغا بولغان مۇ‌ھتاجلىقىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌نلە‌ر» بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلغان (‏مە‌تتا 5:‏3‏)‏.‏ بىر كىشى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌نسۇ‌ن ياكى ئۆگە‌نمىسۇ‌ن،‏ ئۇ ئوخشاشلا جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشالايدۇ.‏ ئۇ يىغىلىشقا كە‌لگە‌ندە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە كۆپ بىلىم ئېلىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرىدۇ b (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏

8.‏ بىر قېتىم بولسىمۇ يىغىلىشقا قاتنىشىش ئادە‌ملە‌رگە قانداق زور تە‌سىر قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

8 ئادە‌ملە‌رنى جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا بىر قېتىم بولسىمۇ،‏ تە‌كلىپ قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى يىغىلىشقا كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ‌لار بىزنىڭ يالغان دىنلاردىن پە‌رق قىلىدىغانلىقىمىزنى،‏ يە‌نى خۇ‌دانى تونۇ‌پ بىلىشكە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىمىزنى كۆرىدۇ (‏يە‌شايا 65:‏13‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ قوشما شتاتلاردا ياشايدىغان رېي ۋە لىندا ئىسىملىك بىر ئە‌ر-‏ئايال بۇ پە‌رقنى بىرنە‌چچە يىل بۇ‌رۇ‌ن ئۆز كۆزى بىلە‌ن كۆرگە‌ن.‏ ئۇ‌لار خۇ‌داغا ئىشە‌نگە‌ن ۋە ئۇ‌نى ياخشىراق بىلىشنى خالىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار ئۆز شە‌ھىرىدىكى ھە‌ممە چېركاۋلارغا بېرىپ كۆرۈشنى قارار قىلغان.‏ ئۇ‌لار بىرە‌ر چېركاۋنىڭ ئە‌زاسى بولۇ‌شتىن بۇ‌رۇ‌ن ئىككى نە‌رسىگە دىققە‌ت قىلماقچى بولغان.‏ بىرىنچىدىن،‏ ئۇ‌لار چېركاۋدا بىلىم ئېلىشى لازىم.‏ ئىككىنچىدىن،‏ چېركاۋ ئە‌زالىرىنىڭ كىيىمى خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىدىغان كىشىلە‌رگە خاس بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ ھە‌ممە چېركاۋلارنى تە‌كشۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن بىرنە‌چچە يىل كە‌تكە‌ن،‏ چۈنكى شۇ شە‌ھە‌ردە چېركاۋلار بە‌ك كۆپ ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لار ئىزدىگىنىنى تاپالمىغان ئىدى.‏ سە‌ۋە‌بى ئۇ‌لار ھېچنە‌رسە ئۆگىنە‌لمىگە‌ن ۋە چېركاۋنىڭ ئە‌زالىرى ئە‌دە‌بسىز كىيىنگە‌ن.‏ ئۇ‌لار ئۆز تىزىملىكىدىكى ئە‌ڭ ئاخىرىقى چېركاۋلارغا بېرىپ بولغاندىن كېيىن،‏ لىندا ئىشىغا كە‌تكە‌ن ۋە رېي ئۆيگە قايتىپ ماڭغان.‏ رېي يولدا كېلىۋېتىپ،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يىغىلىش زالىنى كۆرۈپ:‏ «بۇ يە‌رنىمۇ كۆرۈپ چىقاي»،‏—‏ دە‌پ ئويلىغانىدى.‏ ئىچىگە كىرگە‌ندە،‏ ئۇ دە‌ل ئىزدىگىنىنى تاپقان!‏ ئۇ يە‌ردىكىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى ئۇ‌نىڭغا مېھرىبانلىق بىلە‌ن،‏ دوستانە مۇ‌ئامىلە قىلغان.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ‌لار پاكىز ۋە چىرايلىق كىيىنگە‌ن.‏ رېي بىرىنچى قاتارغا ئولتۇ‌رغان ۋە ئۆگە‌نگە‌نلىرىنى ئىنتايىن ياقتۇ‌رغان!‏ بۇ ۋە‌زىيە‌ت ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ سۆزلىرىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ.‏ يىغىلىشقا بىرىنچى قېتىم كە‌لگە‌ن ئادە‌م:‏ « خۇ‌دا ھە‌قىقە‌تە‌ن سىلە‌رنىڭ ئاراڭلاردا»—‏ دېيىشى مۇ‌مكىن (‏1-‏كورىنتلىقلار 14:‏23—‏25‏)‏.‏ شۇ‌نىڭدىن كېيىن،‏ رېي يىغىلىشلارغا ھە‌ر يە‌كشە‌نبە كۈنى كېلىدىغان بولغانىدى.‏ ئۇ يە‌نە باشقا يىغىلىشلارغىمۇ لىندا بىلە‌ن كېلىشكە باشلىغان.‏ گە‌رچە ئۇ‌لارنىڭ يېشى 70تىن ئاشقان بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتكە‌ن.‏

سۆھبە‌ت باشلاشقا ياردە‌م بېرىدىغان قوراللار

9،‏ 10.‏ (‏1)‏ ۋاراقچىلارنى ئىشلىتىش نېمە ئۈچۈن ئاسان؟‏ (‏2)‏ «خۇ‌دا پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏» ناملىق ۋاراقچىنى قانداق ئىشلىتىشكە بولىدۇ؟‏

9 ۋاراقچىلار.‏ تە‌لىم بېرىش قوراللىرىنىڭ ئارىسىدا سە‌ككىز ۋاراقچە بار.‏ ئۇ‌لارنى ئىشلىتىپ،‏ سۆھبە‌ت باشلاش ئاسان.‏ دە‌سلە‌پكى ۋاراقچىلار 2013-‏يىلى نە‌شىر قىلىنىپ،‏ تە‌خمىنە‌ن بە‌ش مىليارد ۋاراقچە بېسىپ تارقىتىلغان.‏ بۇ ۋاراقچىلارنىڭ ھە‌ممىسى ئوخشاش،‏ شۇ‌ڭا بىرىنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋالسىڭىز،‏ باشقىلارنىمۇ ئىشلىتە‌لە‌يسىز.‏ ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن سۆھبە‌تنى باشلاش ئۈچۈن ۋاراقچىنى قانداق ئىشلە‌تسىڭىز بولىدۇ؟‏

10 بە‌لكىم،‏ سىز «خۇ‌دا پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏» دېگە‌ن ۋاراقچىنى ئىشلە‌تمە‌كچى بولدىڭىز دە‌يلى.‏ بىر كىشىگە مۇ‌قاۋىدىكى سوئالنى كۆرسىتىپ،‏ ئۈچ جاۋابنىڭ بىرىنى تاللاشقا پۇ‌رسە‌ت بېرىڭ.‏ ئۇ‌نىڭ توغرا ياكى ناتوغرا جاۋاب بە‌رگە‌نلىكىنى ئېيتىشنىڭ ئورنىغا،‏ ۋاراقچىنىڭ ئىچىدىكى «‏مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌نداق دە‌يدۇ‏» دېگە‌ن يە‌رگە دىققىتىنى قارىتىپ،‏ دانىيال 2:‏44 ۋە 7:‏14-‏نى ئوقۇ‌پ بېرىڭ.‏ سۆھبە‌تنىڭ ئاخىرىدا ۋاراقچىنىڭ ئاخىرقى بېتىدىكى «ئويلاپ كۆرۈڭ» دېگە‌ن رامكىدىكى «‏خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ باشقۇ‌رۇ‌شى ئاستىدا قانداق تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرە‌رمىز؟‏‏» دېگە‌ن سوئالنى سوراڭ.‏ بۇ سوئالغا كېيىنكى قېتىم كە‌لگە‌ندە جاۋاب بە‌رسىڭىز بولىدۇ.‏ شۇ كىشىگە قايتا يولۇ‌ققاندا «خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر» كىتابچىسىدىكى 7-‏دە‌رسنى كۆرسە‌تسىڭىز بولىدۇ.‏ بۇ كىتابچە تە‌تقىق قىلىش دە‌رسىنى باشلاشقا ياردە‌م بېرىدىغان قوراللارنىڭ بىرى.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا قىزىقىش ئويغىتىدىغان قوراللار

11.‏ ژۇ‌رناللىرىمىز قانداق مە‌قسە‌تتە لاھىيىلە‌نگە‌ن ۋە ئۇ‌لار ھە‌ققىدە نېمىنى بىلىۋېلىشىمىز لازىم؟‏

11 ژۇ‌رناللار.‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى» ۋە «ئويغىنىش!‏» ژۇ‌رناللىرى دۇ‌نيادا ئە‌ڭ كە‌ڭ تارقالغان ۋە ئە‌ڭ كۆپ تىلغا تە‌رجىمە قىلىنغان.‏ ئۇ‌لارنى ھە‌ر تۈرلۈك دۆلە‌تلە‌ردىكى كىشىلە‌ر ئوقۇ‌غاچقا،‏ ژۇ‌رنالنىڭ مۇ‌قاۋىسىدىكى تېمىلار ھە‌ممىسىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش ئۈچۈن لاھىيىلە‌نگە‌ن.‏ بىز مۇ‌شۇ ژۇ‌رناللارنى ئىشلىتىپ،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ ھاياتىدا نېمە ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئورۇ‌ندا ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىشىگە ياردە‌م بېرىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ئاۋۋال قايسى ژۇ‌رنالنىڭ قانداق ئادە‌ملە‌ر ئۈچۈن يېزىلغانلىقىنى بىلىۋېلىشىمىز لازىم.‏

12.‏ «ئويغىنىش!‏» ژۇ‌رنىلى كىم ئۈچۈن نە‌شىر قىلىنغان ۋە ئۇ‌نىڭ مە‌قسىتى نېمە؟‏

12 ‏«ئويغىنىش!‏»‏ ژۇ‌رنىلى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە ئاز بىلىدىغان ياكى ھېچنېمە بىلمە‌يدىغان ئادە‌ملە‌ر ئۈچۈن نە‌شىر قىلىنغان.‏ مۇ‌نداق ئادە‌ملە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌لىملىرىنى تامامە‌ن بىلمە‌سلىكى،‏ دىنغا ئىشە‌نمە‌سلىكى ياكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ھاياتى ئۈچۈن پايدىسى يوق دە‌پ ئويلىشى مۇ‌مكىن.‏ بۇ ژۇ‌رنالنىڭ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم مە‌قسىتى —‏ ئادە‌ملە‌رنى خۇ‌دانىڭ بار ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌ندۈرۈش (‏رىملىقلار 1:‏20؛‏ ئىبرانىيلار 11:‏6‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن تاشقىرى،‏ بۇ ژۇ‌رنال ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب «خۇ‌دانىڭ سۆزى» ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌نچىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شكە ياردە‌م بېرىدۇ (‏1-‏سالونىكالىقلار 2:‏13‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ 2018-‏يىلىنىڭ «ئويغىنىش!‏» ژۇ‌رناللىرىدا (‏باشقا تىلدا)‏ مۇ‌نداق ئۈچ ماۋزۇ بار:‏ «بە‌خت-‏سائادە‌تنىڭ ئاچقۇ‌چى»،‏ «بە‌ختلىك ئائىلە قۇ‌رۇ‌شنىڭ 12 سىرى» ۋە «دە‌ردكە دە‌رمان بولۇ‌ش».‏

13.‏ (‏1)‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى» ئاممىۋىي نە‌شرى كىم ئۈچۈن يېزىلغان؟‏ (‏2)‏ بۇ قورالنى ئىشلە‌تكە‌ندە،‏ قانداق قىزىقارلىق ۋە‌قە‌لە‌رنى باشتىن ئۆتكۈزدىڭىز؟‏

13 ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»‏ ئاممىۋىي نە‌شرى خۇ‌داغا ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ھۆرمە‌ت بىلە‌ن قارايدىغان ئادە‌ملە‌رگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى تە‌لىملە‌رنى چۈشە‌ندۈرۈش مە‌قسىتىدە نە‌شىر قىلىنغان.‏ شۇ‌نداق كىشىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بە‌زى تە‌لىملىرىنى بىلسىمۇ،‏ بىراق ئۇ‌لارنى ئېنىق چۈشە‌نمە‌سلىكى مۇ‌مكىن (‏رىملىقلار 10:‏2؛‏ 1-‏تىموتىي 2:‏3،‏ 4‏)‏.‏ 2018-‏يىلى نە‌شىر قىلىنغان ژۇ‌رناللار بۇ ئۈچ سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئە‌ھمىيىتى بارمۇ؟‏»،‏ «كېلە‌چىكىمىز قانداق بولىدۇ؟‏» ۋە «خۇ‌دا بىزگە كۆڭۈل بۆلە‌مدۇ؟‏»‏

ئىش-‏ھە‌رىكە‌تكە دە‌ۋە‌ت قىلىدىغان قوراللار

14.‏ (‏1)‏ تە‌لىم بېرىش قوراللىرىغا كىرىدىغان فىلىملە‌ر نېمە ئۈچۈن چىقىرىلغان؟‏ (‏2)‏ بۇ فىلىملە‌رنى كۆرسە‌تكە‌ندە،‏ قانداق قىزىقارلىق ۋە‌قە‌لە‌رنى باشتىن كە‌چۈردىڭىز؟‏

14 فىلىملە‌ر.‏ ئە‌يسانىڭ كۈنلىرىدە ياغاچچىلار پە‌قە‌ت قول بىلە‌ن ئىشلە‌يدىغان ئە‌سۋابلارنى ئىشلە‌تكە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ بۈگۈنكى كۈندە ياغاچچىلار ئېلېكتر كۈچى بىلە‌ن ئىشلە‌يدىغان قورال-‏سايمانلارنى،‏ مە‌سىلە‌ن،‏ توك ھە‌رە،‏ ئۈشكە،‏ رە‌ندە ۋە باشقىلارنى ئىشلىتىدۇ.‏ بۈگۈنكى كۈندە بېسىپ چىقىرىلغان ماتېرىياللاردىن باشقا،‏ ئادە‌ملە‌رگە ۋە‌ز قىلىش ئۈچۈن ئاجايىپ فىلىملىرىمىز ھە‌م بار.‏ ئۇ‌لارنىڭ تۆتى تە‌لىم بېرىش قوراللىرىغا كىرىدۇ:‏ ‏«‏نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىش كېرە‌ك؟‏‏»،‏ «‏مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشى قانداق ئۆتكۈزىلىدۇ؟‏‏»،‏ «‏نېمە ئۈچۈن ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىمىز؟‏‏»‏ ۋە ‏«‏يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى دېگە‌ن كىملە‌ر؟‏‏»‏ بە‌زى فىلىملە‌رنى دە‌سلە‌پكى يولۇ‌قۇ‌شتا،‏ باشقىلىرىنى بولسا،‏ قايتا يولۇ‌قۇ‌شتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.‏ بۇ فىلىملە‌ر تە‌لىم بېرىشتە ئىشلىتىلىدىغان ئاجايىپ قوراللار،‏ سە‌ۋە‌بى ئۇ‌لار ئادە‌ملە‌رنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشكە ۋە يىغىلىشلىرىمىزغا كېلىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏

15.‏ ئادە‌مگە ئۆز ئانا تىلىدىكى فىلىم قانداق تە‌سىر قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏ مىساللارنى كە‌لتۈرۈڭ.‏

15 مە‌سىلە‌ن،‏ بىر قېرىندىشىمىز ماكرونېزىيىدىن كۆچۈپ كە‌لگە‌ن ئايالغا ئۇ‌نىڭ ئانا تىلى بولغان ياپ تىلىدا «‏نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىش كېرە‌ك؟‏‏» ناملىق فىلىمنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ فىلىم باشلانغاندا،‏ ھېلىقى ئايال:‏ «بۇ مېنىڭ ئانا تىلىمغۇ!‏ ئىشە‌نمە‌يۋاتىمە‌ن،‏ بۇ كىشى مېنىڭ تىلىمدا سۆزلە‌ۋاتىدۇ.‏ تە‌لە‌پپۇ‌زىغا قارىغاندا،‏ ئۇ بىزنىڭ ئارالدىن چىققان»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ كېيىن،‏ ئۇ jw.org تور بېكىتىدىن ئانا تىلىدىكى ھە‌ممە نە‌شىرلە‌رنى ئوقۇ‌پ،‏ فىلىملە‌رنى كۆرۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏ئە‌لچىلە‌ر 2:‏8،‏ 11-‏نى سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ)‏.‏ باشقا بىر مىسال ئامېرىكىدىكى قېرىندىشىمىز باشقا قۇ‌رۇ‌قلۇ‌قتا ياشايدىغان جىيە‌نىگە دە‌ل شۇ فىلىمنىڭ ئۇ‌لانمىسىنى ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ ئۇ فىلىمنى كۆرۈپ،‏ مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «بۇ دۇ‌نيا شە‌يتاننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولۇ‌ۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىم قە‌لبىمگە قاتتىق تە‌سىر قىلدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنى سورىدىم».‏ بۇ ۋە‌قە ئالاھىدە قىزىقارلىق،‏ چۈنكى قېرىندىشىمىزنىڭ جىيە‌نى پائالىيىتىمىز چە‌كلە‌نگە‌ن دۆلە‌تتە ياشايدۇ.‏

ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىدىغان قوراللار

16.‏ مۇ‌شۇ كىتابچىلارنىڭ مە‌قسىتىنى چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ:‏ (‏1)‏ «خۇ‌دانىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىپ مە‌ڭگۈ ياشاڭ!‏» (‏2)‏ «خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏» (‏3)‏ «بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى كىم ئورۇ‌نلاۋاتىدۇ؟‏»‏

16 كىتابچىلار.‏ ياخشى ئوقۇ‌يالمايدىغان ياكى ئانا تىلىدا ماتېرىياللار يوق دېيە‌رلىك ئادە‌ملە‌رگە ھە‌قىقە‌تنى قانداق يە‌تكۈزە‌لە‌يمىز؟‏ بىز ‏«خۇ‌دانىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىپ مە‌ڭگۈ ياشاڭ!‏»‏ دېگە‌ن كىتابچىنى ئىشلىتە‌لە‌يمىز.‏ ‏«خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏»‏ —‏ ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلاش ئۈچۈن ئاجايىپ قورال.‏ ئادە‌مگە كىتابچىنىڭ ئاخىرقى بېتىدىكى ئون تۆت ساۋاقنى كۆرسىتىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ قايسىسى كۆپرە‌ك قىزىقتۇ‌رىدىغانلىقىنى سورىسىڭىز بولىدۇ.‏ كېيىن ئۇ تاللىغان ساۋاقنى ئېچىپ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئۆگىنىشنى باشلىيالايسىز.‏ بۇ‌نى قايتا يولۇ‌قۇ‌شتا ئىشلىتىپ كۆردىڭىزمۇ؟‏ بىزنىڭ تە‌لىم بېرىش قوراللىرىمىزنىڭ ئىچىگە ‏«بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى كىم ئورۇ‌نلاۋاتىدۇ؟‏»‏ دېگە‌ن كىتابچە كىرىدۇ.‏ بۇ كىتابچىنىڭ مە‌قسىتى —‏ ئادە‌ملە‌رگە تە‌شكىلاتىمىزنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش.‏ ئۇ‌نى تە‌تقىق دە‌رسىدە ئىشلىتىشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن،‏ 2017-‏يىلنىڭ «مە‌سىھىي ھاياتىمىز ۋە خىزمىتىمىزنىڭ» مارت ئېيىدىكى سانىغا قاراڭ.‏

17.‏ (‏1)‏ بۇ ئىككى كىتابنى تە‌تقىق قىلىشتىكى مە‌قسە‌ت نېمە؟‏ (‏2)‏ ئادە‌م چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتكە‌ن بولسىمۇ،‏ نېمە قىلىش كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

17 كىتابلار.‏ كىتابچىنى تە‌تقىق قىلىشنى باشلىغاندىن كېيىن،‏ خالىغان ۋاقىتتا ‏«مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏»‏ دېگە‌ن كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.‏ بۇ قورال ئادە‌مگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئاساسىي تە‌لىملىرىنى ياخشىراق چۈشىنىشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئۆگە‌نگۈچى روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشكە باشلىسا،‏ بۇ كىتابنى تۈگە‌تكە‌ندىن كېيىن،‏ ‏«خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاڭلار»‏ دېگە‌ن كىتابنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.‏ بۇ كىتابتىن ئۆگە‌نگۈچى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىنى ئۆز كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شىدا ئىشلىتىشنى ئۆگىنىدۇ.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌ن،‏ ئادە‌م چۈمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتكە‌ن بولسىمۇ،‏ بۇ ئىككى كىتابنى ئاخىرىغىچە تە‌تقىق قىلىشى كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق قىلىش ئۆگە‌نگۈچىنىڭ يە‌ھۋاغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىشىگە ۋە ئۇ‌نىڭغا سادىق بولۇ‌پ قېلىشىغا ياردە‌م بېرىدۇ‏.‏—‏كولوسىلىقلار 2:‏6،‏ 7-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

18.‏ (‏1)‏ 1-‏تىموتىي 4:‏16-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك ۋە بۇ‌نىڭ نە‌تىجىسى قانداق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏ (‏2)‏ تە‌لىم بېرىش قوراللىرىنى ئىشلە‌تكە‌ندە،‏ مە‌قسىتىمىز قانداق بولۇ‌شى كېرە‌ك؟‏

18 يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى سۈپىتىدە،‏ بىز ئادە‌ملە‌رنى مە‌ڭگۈ ھاياتقا يېتە‌كلە‌يدىغان «خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنىڭ ھە‌قىقە‌ت سۆزلىرىنى» ئۆگىتىشىمىز كېرە‌ك (‏كولوسىلىقلار 1:‏5؛‏ 1-‏تىموتىي 4:‏16-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ‌نى قىلىشقا ياردە‌م بېرىدىغان تە‌لىم بېرىش قوراللىرىمىز بار (‏«‏ تە‌لىم بېرىش قوراللىرى‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ)‏.‏ بۇ قوراللارنى ماھىرلىق بىلە‌ن ئىشلىتە‌يلى.‏ ھە‌ربىرىمىز قايسى ۋاقىتتا،‏ قايسى قورالنى ئىشلىتىشنى ئۆزىمىز قارار قىلالايمىز.‏ لېكىن،‏ مە‌قسىتىمىز —‏ «مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا يېتە‌كلە‌يدىغان ھە‌قىقە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىشقا مايىل» سە‌مىمىي ۋە كە‌متە‌ر ئادە‌ملە‌رگە ئە‌يسانىڭ شاگىرتى بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىش.‏—‏ئە‌لچىلە‌ر 13:‏48؛‏ مە‌تتا 28:‏19،‏ 20‏.‏

a ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» 2010-‏يىل،‏ 1-‏ئاۋغۇ‌ست سانىدىكى «‏ياغاچچى‏» ناملىق ماقالە ۋە «‏ياغاچچىنىڭ ئە‌سۋابلىرى‏» دېگە‌ن رامكىغا قاراڭ.‏

b ئالاقىلىشىش كارتىلىرىنى ۋە تە‌كلىپنامىلە‌رنى ئىشلىتىشكە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك يە‌رلىك قانۇ‌نلارنى نە‌زە‌ردە تۇ‌تۇ‌ڭ.‏ بۇ ھە‌ققىدە ئاقساقاللاردىن سورىسىڭىز بولىدۇ.‏