مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

ھە‌قىقە‌تنى سۆزلە‌ڭلار

ھە‌قىقە‌تنى سۆزلە‌ڭلار

‏«بىر-‏بىرىڭلارغا راست گە‌پ قىلىڭلار».‏‏—‏زە‌كە‌رىيا 8:‏16‏.‏

ناخشىلار:‏ 34،‏ 18

1،‏ 2.‏ شە‌يتان ئىنسانىيە‌تكە زىيانكە‌شلىك قىلىش ئۈچۈن نېمىنى ئىشلە‌تكە‌ن؟‏

 ئادە‌ملە‌ر ئويلاپ چىقارغان تېلېفون،‏ ماشىنا،‏ لامپۇ‌چكا ۋە توڭلاتقۇ‌غا ئوخشاش نە‌رسىلە‌ر تۇ‌رمۇ‌شىمىزنى ياخشىلايدۇ.‏ بىراق،‏ يە‌نە باشقا تاپانچا،‏ مىنا،‏ ئاتوم بومبىسى ۋە تاماكا دېگە‌نگە ئوخشاش نە‌رسىلە‌ر تۇ‌رمۇ‌شىمىزغا خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌ر تۇ‌غدۇ‌رىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ بۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسىدىن بۇ‌رۇ‌ن پە‌يدا بولغان،‏ ئىنسانىيە‌تكە چوڭ زىيان كە‌لتۈرىدىغان بىر نە‌رسە بار.‏ ئۇ بولسىمۇ يالغانچىلىق!‏ يالغانچىلىق —‏ بىرسىنى ھىيلىگە‌رلىك بىلە‌ن ئالداش مە‌قسىتىدە ئېيتىلغان ھە‌قىقە‌تكە زىت سۆزلە‌ر.‏ يالغاننى ئە‌ڭ بىرىنچى بولۇ‌پ ئىبلىس ئېيتقان.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۇ‌نى «يالغانچىلىقنىڭ ئاتىسىدۇ‌ر» دېگە‌ن ‏(‏يۇ‌ھاننا 8:‏44-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئىبلىس دە‌سلە‌پكى يالغاننى قاچان ئېيتقان؟‏

2 شە‌يتان بىرىنچى يالغاننى نە‌چچە مىڭ يىللار ئىلگىرى ئېرە‌م بېغىدا ئېيتقان.‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌لار ئۈچۈن ياراتقان ئاجايىپ جە‌ننە‌تتىكى ھاياتتىدىن ھۇ‌زۇ‌رلانغان.‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارغا «ياخشى بىلە‌ن ياماننى بىلدۈرىدىغان دە‌رە‌خنىڭ مېۋىسىدىن» يېمە‌سلىكنى بۇ‌يرىغان،‏ ئە‌گە‌ر يېسە ئۇ‌لار ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ شە‌يتان بۇ‌نى بىلىپ تۇ‌رۇ‌پ،‏ ھاۋا-‏ئانىغا:‏ «سىلە‌ر ھە‌رگىز ئۆلمە‌يسىلە‌ر»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان.‏ بۇ تۇ‌نجى يالغان سۆز بولغان.‏ شە‌يتان يە‌نە:‏ «سىلە‌ر ئۇ دە‌رە‌خنىڭ مېۋىسىدىن يېگە‌ن كۈندە كۆزۈڭلار ئېچىلىدۇ،‏ ياخشى بىلە‌ن ياماننى بىلىپ،‏ خۇ‌دادە‌ك بولىسىلە‌ر»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان.‏—‏يارىتىلىش 2:‏15—‏17؛‏ 3:‏1—‏5‏.‏

3.‏ شە‌يتاننىڭ يالغان سۆزلىرى نېمە ئۈچۈن قە‌ستە‌ن بولغان ۋە بۇ قانداق ئاقىۋە‌تنى ئېلىپ كە‌لگە‌ن؟‏

3 شە‌يتان قە‌ستە‌ن يالغان سۆزلىگە‌ن.‏ چۈنكى ھاۋا-‏ئانا شۇ يالغان سۆزلە‌رگە ئىشىنىپ،‏ مېۋىنى يېگىنىدە،‏ ئۇ‌نىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئىبلىس ياخشى بىلگە‌ن.‏ شە‌يتاننىڭ نىيىتى ئە‌مە‌لگە ئاشتى.‏ ھاۋا-‏ئانىمۇ،‏ كېيىن ئادە‌م-‏ئاتىمۇ خۇ‌دانىڭ بۇ‌يرۇ‌غىغا قۇ‌لاق سالماي،‏ ئاخىرىدا ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن (‏يارىتىلىش 3:‏6؛‏ 5:‏5‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسى بويىچە،‏ ئادە‌ملە‌ر مە‌ڭگۈ ياشاش كېرە‌ك ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ ئادە‌م-‏ئاتا گۇ‌ناھ قىلغاچقا،‏ «ئۆلۈم ھە‌ممە ئىنسانلار ئارىسىغا تارقالدى».‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ «ئۆلۈم ھە‌تتا ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ گۇ‌ناھىغا ئوخشاش بىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزمىگە‌نلە‌رنڭ ئۈستىگە خۇ‌ددى پادىشاھ ئوخشاش ھۆكۈمرانلىق قىلدى» (‏رىملىقلار 5:‏12،‏ 14‏)‏.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ھازىر بىز مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌مە‌س ۋە مە‌ڭگۈ ياشىمايمىز.‏ ئە‌كسىچە،‏ «ئۆمرىمىز 70 يىلچە بولار،‏ كۈچ ماغدۇ‌رى بارلار 80 ياشقا ئۇ‌لىشار» ۋە ھاياتىمىز قايغۇ-‏ھە‌سرە‌تكە تولغان (‏زە‌بۇ‌ر 90:‏10‏)‏.‏ بۇ‌نىڭ ھە‌ممىسى شە‌يتاننىڭ يالغان سۆزلىرى پە‌يدا قىلغان ئاقىۋە‌ت!‏

4.‏ (‏1)‏ قانداق سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏2)‏ زە‌بۇ‌ر 15:‏2،‏1-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ كىملە‌ر يە‌ھۋانىڭ دوستلىرى بولالايدۇ؟‏

4 يۇ‌ھاننا 8:‏44-‏ئايە‌تتە‏،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا شە‌يتان ھە‌ققىدە:‏ «ئۇ ھە‌قىقە‌تتە چىڭ تۇ‌رمىغان،‏ چۈنكى ئۇ‌نىڭدا ھە‌قىقە‌ت يوق»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ شە‌يتان ئۆزگە‌رمىگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌شۇ كۈنگىچە «پۈتۈن دۇ‌نيانى» ئازدۇ‌رىۋاتىدۇ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 12:‏9‏)‏.‏ لېكىن،‏ بىز شە‌يتانغا ئالدىنىپ قېلىشنى خالىمايمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ تۆۋە‌ندىكى ئۈچ سوئالنىڭ جاۋابىنى بىلىشىمىز كېرە‌ك:‏ بۈگۈنكى كۈندە شە‌يتان ئادە‌ملە‌رنى قانداق ئالدايدۇ؟‏ ئادە‌ملە‌ر نېمە ئۈچۈن يالغان سۆزلە‌يدۇ؟‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىغا ئوخشاش خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌قتىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن،‏ قانداق قىلىپ ھە‌ردائىم ھە‌قىقە‌تنى سۆزلە‌لە‌يمىز؟‏‏—‏زە‌بۇ‌ر 15:‏2،‏1-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

شە‌يتان ئىنسانلارنى قانداق ئالدىماقتا؟‏

5.‏ شە‌يتان بۈگۈنكى كۈندە ئادە‌ملە‌رنى قانداق ئالدايدۇ؟‏

5 شە‌يتانغا ئالدىنىپ قالماسلىق بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدۇ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س:‏ «بىز ئۇ‌نىڭ ھىيىلە-‏مىكىرلىردىن بىخە‌ۋە‌ر ئە‌مە‌سمىز»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏2-‏كورىنتلىقلار 2:‏11‏)‏.‏ پۈتكۈل دۇ‌نيا،‏ جۈملىدىن يالغان دىنلار،‏ پارىخور ھۆكۈمە‌تلە‌ر ۋە ئاچكۆز تىجارە‌تچىلە‌ر،‏ شە‌يتاننىڭ قولى ئاستىدا ئىكە‌نلىكىنى بىلىمىز (‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏19‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ جىنلىرى ھوقۇ‌ققا ئىگە ئادە‌ملە‌رنى يالغان ئېيتىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدىغانلىقىغا ھە‌يران بولمايمىز (‏1-‏تىموتىي 4:‏1،‏ 2‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بە‌زى تىجارە‌تچىلە‌ر زىيانلىق مە‌ھسۇ‌لاتلارنى سېتىش ياكى كۆپ پۇ‌ل تېپىش ئۈچۈن يالغان ئېلانلارنى بېرىدۇ.‏

6،‏ 7.‏ (‏1)‏ دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌رنىڭ يالغان تە‌لىماتلارنى تارقىتىۋاتقانلىقى نېمە ئۈچۈن يىرگىنىچلىك؟‏ (‏2)‏ سىز دىن رە‌ھبە‌رلىرىدىن قانداق يالغانلارنى ئاڭلىغان؟‏

6 دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌رنىڭ يالغان تە‌لىماتلارنى تارقىتىۋاتقانلىقى نېمە ئۈچۈن بە‌ك يىرگىنىچلىك؟‏ چۈنكى بە‌زى ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌لارنىڭ يالغان تە‌لىماتلىرىغا ئىشە‌نسە ۋە خۇ‌دا ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلسا،‏ مە‌ڭگۈ ھاياتتىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇ‌مكىن (‏ھوشىيا 4:‏9‏)‏.‏ ئە‌يسا ئۆز زامانىدىكى دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌رنىڭ ئادە‌ملە‌رنى ئالدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ ئۇ باتۇ‌رلۇ‌ق بىلە‌ن مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئە‌ي تە‌ۋرات ئۇ‌ستازلىرى ۋە پە‌رىسىيلە‌ر،‏ سىلە‌ر ساختىپە‌زلە‌رنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي!‏ چۈنكى سىلە‌ر بىر كىشىنى دىنىڭلارغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن،‏ دە‌ريا-‏دېڭىزلاردىن ئۆتۈپ،‏ يە‌ر-‏جاھاننى كېزىپ چىقىسىلە‌ر.‏ ئۇ كىشى دىنىڭلارغا كىرسە،‏ سىلە‌ر ئۇ‌نى ئۆزۈڭلاردىن ئىككى ھە‌سسە ئارتۇ‌ق گۇ‌ناھكار قىلىپ،‏ ئۇ‌نى گە‌ھانناغا تاشلىنىشقا لايىق بىرى قىلىپ يېتىشتۈرىسىلە‌ر».‏ بۇ سۆزلە‌ر مە‌ڭگۈ يوق قىلىنىشنى بىلدۈرىدۇ (‏مە‌تتا 23:‏15‏)‏.‏ ئە‌يسا ساختا دىن رە‌ھبە‌رلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاتىسىغا،‏ يە‌نى «قاتىل» بولغان شە‌يتانغا ئوخشايدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏—‏يۇ‌ھاننا 8:‏44‏.‏

7 ھازىرمۇ دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌ر ناھايىتى كۆپ.‏ ئۇ‌لار پاستېر،‏ پوپ،‏ روھانىي،‏ دىنىي ئۆلىما ياكى ئۇ‌ستاز ۋە باشقا نام-‏ئۇ‌نۋانلار بىلە‌ن ئاتىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار پە‌رىسىيلە‌رگە ئوخشاش خۇ‌دانىڭ سۆزىدىكى ھە‌قىقە‌تنى ئۆگە‌تمە‌ي،‏ «خۇ‌دا توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌تنى يالغانچىلىققا» ئالماشتۇ‌رغان (‏رىملىقلار 1:‏18،‏ 25‏)‏.‏ ئۇ‌لار دوزاخ ئوتى ۋە ئۆلمە‌س روھ بار ھە‌مدە خۇ‌دا ئوخشاش جىنىستىكى كىشىلە‌رنىڭ مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىشى ۋە توي قىلىشىنى قوبۇ‌ل قىلىدۇ دە‌پ ئۆگىتىدۇ.‏ بۇ ئۇ‌لارنىڭ يالغان تە‌لىملىرىنىڭ بىرنە‌چچىسلا خالاس.‏

8.‏ يېقىندا سىياسىي رە‌ھبە‌رلە‌ر قانداق يالغاننى ئېيتىدۇ؟‏

8 سىياسىيونلارمۇ ئادە‌ملە‌رنى ئالدايدۇ.‏ ئە‌ڭ چوڭ يالغاننىڭ بىرى —‏ ئۇ‌لار يېقىندا دۇ‌نيادا «تىنچلىق ۋە بىخە‌تە‌رلىك» ئورنىتىمىز دە‌پ ئېيتىدۇ.‏ لېكىن،‏ «ھالاكە‌ت ئۇ‌لارنىڭ ئۈستىگە تۇ‌يۇ‌قسىز كېلىدۇ».‏ شۇ‌ڭا،‏ سىياسىي رە‌ھبە‌رلە‌رنىڭ دۇ‌نيانىڭ ئىشلىرى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى جاكارلاپ ئېيتقان سۆزلىرىگە ئىشە‌نمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك.‏ بىز «يە‌ھۋانىڭ كۈنى خۇ‌ددى كېچىدىكى ئوغرىدە‌ك» كېلىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىمىز.‏—‏1-‏سالونىكالىقلار 5:‏1—‏4‏.‏

ئادە‌ملە‌ر نېمە ئۈچۈن يالغان سۆزلە‌يدۇ؟‏

9،‏ 10.‏ (‏1)‏ ئادە‌ملە‌ر نېمە سە‌ۋە‌بتىن يالغان سۆزلە‌يدۇ ۋە بۇ‌نىڭ ئاقىۋىتى قانداق؟‏ (‏2)‏ يە‌ھۋا ھە‌ققىدە نېمىنى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقىمىز كېرە‌ك؟‏

9 بۈگۈن پە‌قە‌ت ھوقۇ‌قى بار ئادە‌ملە‌رلا ئە‌مە‌س،‏ ھە‌ممىسى يالغان ئېيتىدۇ.‏ بىر ژۇ‌رنالدىكى «بىز نېمە ئۈچۈن يالغان ئېيتىمىز؟‏» ناملىق ماقالىدە:‏ «يالغانچىلىق ئادە‌ملە‌رنىڭ يۈرىكىگە سىڭىپ كە‌تكە‌ن ئالاھىدىلىككە ئايلىنىپ كە‌تكە‌ن»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏«National Geographic»)‏.‏ باشقا سۆز بىلە‌ن ئېيتقاندا،‏ ئادە‌ملە‌ر ئالداشنى تە‌بىئىي ۋە نورمال نە‌رسە دە‌پ ھېسابلايدۇ.‏ ئادە‌ملە‌ر ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن،‏ مە‌سىلە‌ن ئۆتكۈزگە‌ن خاتالىقىنى ياكى جىنايىتىنى يوشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ئالدايدۇ.‏ يە‌نە ئۇ‌لار باشقىلارنىڭ پۇ‌للىرىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ياكى ئۆزلىرىگە پايدا تېپىش ئۈچۈنمۇ ئالدايدۇ.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان ماقالىدە،‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر ناتونۇ‌ش كىشىلە‌رگە،‏ ئۆز خىزمە‌تداشلىرى،‏ دوستلىرى ۋە ھە‌تتا يېقىن كىشىلىرىگە خىجىل بولماي يالغان ئېيتىدىغانلىقى يېزىلغان.‏

ئادە‌ملە‌ر باشقىلارنى ئالدىيالايدۇ،‏ ئە‌مما ئۇ‌لارنىڭ يە‌ھۋانى ئالدىيالمايدىغانلىقىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ

10 يالغان ئېيتىشنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟‏ ئادە‌ملە‌ر بىر-‏بىرىگە ئىشە‌نمە‌يدۇ ۋە ئۇ‌لارنىڭ مۇ‌ناسىۋىتى بۇ‌زۇ‌لىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يولدىشى ئايالىنىڭ ۋاپاسىزلىق قىلىپ،‏ بۇ‌نى يوشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ئۇ‌نىڭغا يالغان ئېيتقانلىقىنى بىلگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلى قانچىلىك ئاغرىيدىغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىڭ.‏ ياكى بولمىسا،‏ ئە‌ر كىشى باشقىلارنىڭ ئالدىدا كۆيۈمچان ۋە ھېسداش بولۇ‌پ كۆرۈنۈپ،‏ ئە‌مما ئۆيىدە ئايالى بىلە‌ن بالىلىرىنى خورلىسا،‏ بۇ قانچىلىك ئېچىنىشلىق ئە‌ھۋال ئىكە‌نلىكىنى كۆز ئالدىڭىزغا كە‌لتۈرۈڭ.‏ شۇ‌نداق ئادە‌ملە‌ر باشقىلارنى ئالدىيالايدۇ،‏ ئە‌مما ئۇ‌لارنىڭ يە‌ھۋانى ئالدالمايدىغانلىقىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «خۇ‌دانىڭ كۆز ئالدىدا ھە‌ممە نە‌رسە ئوچۇ‌ق-‏ئاشكارىدۇ‌ر»،‏ دە‌پ يېزىلغان.‏—‏ئىبرانىيلار 4:‏13‏.‏

11.‏ ھانانىيا بىلە‌ن سە‌پىرە‌نىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

11 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ھانانىيا بىلە‌ن سە‌پىرە‌نىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ بۇ ئە‌ر-‏ئايال شە‌يتاننىڭ تە‌سىرىگە بېرىلىپ،‏ خۇ‌دانى ئالدىماقچى بولغان.‏ ئۇ‌لار مە‌سلىھە‌تلىشىپ،‏ ئە‌لچىلە‌رنى ئالداشقا ھە‌رىكە‌ت قىلغان.‏ ھانانىيا بىلە‌ن سە‌پىرە مال-‏دۇ‌نياسىنى سېتىپ،‏ پۇ‌لنىڭ ھە‌ممىسىنى بە‌ردۇ‌ق،‏ دە‌پ ئە‌لچىلە‌رنى ئالدىغان.‏ ئۇ‌لار جامائە‌تتىكىلە‌رنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنى ياخشى كۆرسە‌تكۈسى كە‌لگە‌نلىكتىن شۇ‌نداق قىلغان.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىنى بىلىپ،‏ ئۇ‌لارنى جازالىغان.‏—‏ئە‌لچىلە‌ر 5:‏1—‏10‏.‏

12.‏ توۋا قىلمايدىغان يالغانچىلارغا نېمە بولىدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

12 يە‌ھۋا خۇ‌دا يالغان سۆزلە‌يدىغان ئادە‌ملە‌رگە قانداق قارايدۇ؟‏ قە‌ستە‌ن يالغان سۆزلە‌يدىغان ۋە توۋا قىلمايدىغان كىشىلە‌ر شە‌يتان بىلە‌ن بىرگە سىمۋوللۇ‌ق «كۆيۈۋاتقان ئوت ۋە گۈڭگۈرت كۆلگە تاشلىنىدۇ».‏ باشقا سۆز بىلە‌ن ئېيتقاندا،‏ ئۇ‌لار مە‌ڭگۈگە ھالاك قىلىنىدۇ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 20:‏10؛‏ 21:‏8؛‏ زە‌بۇ‌ر 5:‏6‏)‏.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ نە‌زىردە شۇ‌نداق يالغانچىلار بىلە‌ن يىرگىنىچلىك ئىشلارنى قىلىدىغان ئادە‌ملە‌ر ئوخشاش.‏—‏ۋە‌ھىيلە‌ر 22:‏15‏.‏

13.‏ يە‌ھۋا ھە‌ققىدە نېمىنى بىلىمىز ۋە بۇ بىزنى نېمىگە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏

13 بىز شۇ‌نى بىلىمىزكى،‏ يە‌ھۋا «خۇ‌دا يالغان ئېيتالمايدۇ» ۋە ئۇ «يالغان ئېيتىدىغان ئىنسان ئە‌مە‌س» (‏سانلار 23:‏19؛‏ ئىبرانىيلار 6:‏18‏)‏.‏ يە‌ھۋا «يالغانچى تىل»دىن نە‌پرە‌تلىنىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 6:‏16،‏ 17‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىز ئۇ‌نىڭ يۈرىكىنى خۇ‌شال قىلىشنى خالىساق،‏ ھە‌قىقە‌تنى سۆزلە‌يمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز بىر-‏بىرىمىزگە يالغان سۆزلىمە‌يمىز.‏—‏كولوسىلىقلار 3:‏9‏.‏

بىز «راست گە‌پ» قىلىمىز

14.‏ (‏1)‏ ھە‌قىقىي مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ساختا دىندىكى ئادە‌ملە‌ردىن قانداق پە‌رقلىنىدۇ؟‏ (‏2)‏ لۇ‌قا 6:‏45-‏ئايە‌تتىكى پرىنسىپنى چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

14 ھە‌قىقىي مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ساختا دىندىكى ئادە‌ملە‌ردىن قانداق پە‌رقلىنىدۇ؟‏ بىز «راست گە‌پ» قىلىمىز ‏(‏زە‌كە‌رىيا 8:‏16،‏ 17-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س:‏ «ئۆزىمىزنىڭ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى ئىكە‌نىنى كۆرسىتىمىز.‏ … ھە‌قىقە‌ت سۆزىدە»،‏—‏ دېگە‌ن (‏2-‏كورىنتلىقلار 6:‏4،‏ 7‏)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «كۆڭۈلدە نېمە بولسا،‏ ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ» (‏لۇ‌قا 6:‏45‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ راستچىل ئادە‌م دائىم ھە‌قىقە‌تنى سۆزلە‌يدۇ.‏ شۇ‌نداق ئادە‌م ناتونۇ‌ش كىشىلە‌رگە،‏ خىزمە‌تداشلىرىغا،‏ دوستلىرىغا ۋە يېقىنلىرىغا ھېچقاچان يالغان ئېيتمايدۇ.‏ ھە‌ممە ئىشلاردا راست گە‌پ قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىدىغان بىرنە‌چچە ۋە‌زىيە‌تنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

بۇ قېرىنداشنى راستچىل دېيىشكە بولامدۇ؟‏ (‏15،‏ 16-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

15.‏ (‏1)‏ ئىككى يۈزلىمىلىك ھە‌رىكە‌ت قىلىش نېمە ئۈچۈن ناتوغرا؟‏ (‏2)‏ ياشلارغا تە‌ڭداشتۇ‌شلىرىنىڭ بېسىمىغا قارشى تۇ‌رۇ‌شقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏

15 ياشلار تە‌ڭتۇ‌شلىرىنىڭ ئۇ‌لارنى قوبۇ‌ل قىلىشىنى خالايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار ھە‌تتا ئىككى يۈزلىمىلىك ھە‌رىكە‌ت قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌لار ئائىلىسى ۋە ئېتىقادداشلىرى بىلە‌ن بولغاندا،‏ ئە‌خلاقىي جە‌ھە‌تتىن پاك كۆرۈنىدۇ.‏ ئە‌مما ئۇ‌لار ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى ئىشلە‌تكە‌ندە ياكى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلمايدىغان ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن بولغاندا،‏ تامامە‌ن باشقىچە ھە‌رىكە‌ت قىلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار ئېغىزىنى يامان قىلىشى،‏ ئە‌دە‌بسىز كىيىنىشى،‏ مە‌زمۇ‌نى ئە‌خلاقسىز ناخشىلارنى تىڭشىشى،‏ مە‌س بولغىچە ھاراق ئىچىشى،‏ زە‌ھە‌ر چېكىشى،‏ يوشۇ‌رۇ‌ن مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىشى ياكى باشقا ئە‌سكى ئىشلارنى قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق ياشلار ئاتا-‏ئانىسىنى،‏ ئېتىقادداشلىرىنى ۋە يە‌ھۋانى ئالدايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 26:‏4،‏ 5‏)‏.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى پە‌قە‌ت ئېغىزىدىلا مە‌دھىيىلە‌پ،‏ ئۇ ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىدىغان ئادە‌ملە‌رنى كۆرىدۇ (‏ماركۇ‌س 7:‏6‏)‏.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن:‏ «كۆڭلۈڭدە گۇ‌ناھكارلارغا ھە‌سە‌ت قىلمىغىن،‏ بىراق ھە‌ردائىم يە‌ھۋادىن ئە‌يمىنىپ قورققىن»،‏—‏ دېگە‌ن سۆزلە‌رگە قۇ‌لاق سېلىشىمىز نە‌قە‌دە‌ر ياخشى.‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 23:‏17‏.‏ a (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏

16.‏ تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن ئىلتىماس خېتىدە بېرىلگە‌ن سوئاللارغا قانداق جاۋاب بېرىشىمىز كېرە‌ك؟‏

16 ئە‌گە‌ر سىز پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى ياكى مە‌خسۇ‌س تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌تنى،‏ مە‌سىلە‌ن بە‌يتە‌ل خىزمىتىنى،‏ باشلىماقچى بولسىڭىز،‏ ئىلتىماس خېتىنى تولدۇ‌رۇ‌شىڭىز كېرە‌ك.‏ بۇ خە‌تتىكى سوئاللارغا ھېچنە‌رسىنى يوشۇ‌رماي،‏ راست جاۋاب بېرىشىڭىز ناھايىتى مۇ‌ھىم.‏ شۇ يە‌ردە سالامە‌تلىكىڭىز،‏ تاللايدىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىڭىز ۋە ئە‌خلاقىي ئۆلچە‌ملىرىڭىز ھە‌ققىدە سوئاللار بار (‏ئىبرانىيلار 13:‏18‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر سىز يە‌ھۋا ئۆچ كۆرىدىغان بىر نە‌رسىنى قىلىپ قويسىڭىز ۋە ھازىر سىزنى ۋىجدانىڭىز ئازابلىسىىچۇ؟‏ ئاقساقاللار بىلە‌ن بۇ توغرىسىدا سۆزلە‌شمىگە‌ن بولسىڭىز،‏ ئۇ‌لارغا بېرىپ ياردە‌م سوراڭ.‏ شۇ چاغدا سىز يە‌ھۋاغا پاك ۋىجدان بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلالايسىز.‏—‏رىملىقلار 9:‏1؛‏ گالاتىيالىقلار 6:‏1‏.‏

17.‏ بىزنى سوراق قىلغاندا قېرىنداشلىرىمىز ھە‌ققىدە سورىسا،‏ بىز نېمىنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌شىمىز لازىم؟‏

17 ئە‌گە‌ر سىز ياشايدىغان يە‌ردە پائالىيە‌تلىرىمىز مە‌نئىي قىلىنغان بولسا ۋە سىزنى سوراققا تارتسا،‏ سىز قېرىنداشلار ھە‌ققىدە بىلىدىغان ھە‌ممە نە‌رسىنى ئېيتىپ بېرە‌مسىز؟‏ ئە‌يسا ئۇ‌نى رىم ھۆكۈمرانى سوراققا تارتقاندا،‏ قانداق ھە‌رىكە‌ت قىلغان؟‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى «سۈكۈتتە تۇ‌رۇ‌شنىڭ ئۆز ۋاقتى بار،‏ سۆزلە‌شنىڭ ئۆز ۋاقتى بار» دېگە‌ن پرىنسىپنى ئىشلىتىپ،‏ بە‌زىدە ھە‌تتا ئۈن چىقارمىغان!‏ (‏ۋە‌ز 3:‏1،‏ 7؛‏ مە‌تتا 27:‏11—‏14‏)‏.‏ بىز ئوخشاش ۋە‌زىيە‌تتە بولساق،‏ قېرىنداشلىرىمىزنى خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌رگە ئۇ‌چراتماسلىق ئۈچۈن پە‌م-‏پاراسە‌تلىك ۋە ئېھتىياتچان بولۇ‌شىمىز لازىم.‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 10:‏19؛‏ 11:‏12‏.‏

قايسى چاغدا ئۈن چىقماي،‏ قايسى چاغدا ھە‌قىقە‌تنى ئېيتىش كېرە‌كلىكىنى قانداق قارار قىلالايسىز؟‏ (‏17،‏ 18-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

18.‏ ئاقساقاللار بىزدىن قېرىنداشلىرىمىز ھە‌ققىدە سورىسا،‏ نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

18 سىز جامائە‌تتىكى بىر قېرىنداش ئېغىر گۇ‌ناھ قىلغانلىقى ھە‌ققىدە بىلىسىز دە‌يلى.‏ ئاقساقاللارنىڭ ۋە‌زىپىسى —‏ جامائە‌تنى ئە‌خلاقىي جە‌ھە‌تتىن پاك ساقلاش،‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌لار سىزدىن نېمە بىلىدىغانلىقىڭىز توغرىسىدا سورىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر گۇ‌ناھ قىلغان كىشى يېقىن دوستىڭىز ياكى تۇ‌ققىنىڭىز بولسا،‏ نېمە قىلىسىز؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «ساداقە‌تمە‌نلىكىنى نامايان قىلغان كىشى راست گە‌پ قىلار»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 12:‏17؛‏ 21:‏28‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ سىز ئاقساقاللاردىن ھېچنە‌رسىنى يوشۇ‌رماي،‏ ھە‌ممىنى تولۇ‌ق ئېيتىپ بېرىشىڭىز لازىم.‏ شۇ ئادە‌مگە يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىنى قايتا تىكلە‌شكە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ ئاقساقاللارنىڭ ھە‌ممە نە‌رسىنى بىلىش ھوقۇ‌قى بار.‏—‏ياقۇ‌پ 5:‏14،‏ 15‏.‏

19.‏ كېيىنكى ماقالىدە نېمىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

19 داۋۇ‌ت يە‌ھۋاغا:‏ «سە‌ن سە‌مىمىي ئادە‌منىڭ راستچىللىقىدىن مە‌منۇ‌ن بولىسە‌ن»،‏—‏ دە‌پ دۇ‌ئا قىلغان (‏زە‌بۇ‌ر 51:‏6‏)‏.‏ داۋۇ‌ت قە‌لبىمىزدە نېمە بار ئىكە‌نلىكىنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ ھە‌قىقىي مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ھېچقاچان بىر-‏بىرىگە يالغان سۆزلىمە‌يدۇ.‏ ساختا دىندىكىلە‌ردىن پە‌رق قىلىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشنىڭ يە‌نە بىر ئۇ‌سۇ‌لى —‏ خۇ‌دا سۆزىدىكى ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىش.‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ بۇ‌نى ۋە‌ز خىزمىتىدە قانداق قىلالايدىغانلىقىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

a تۆۋە‌ندىكى مە‌لۇ‌مات مە‌نبە‌لىرىگە قاراڭ:‏ «ياشلارنى قىزىقتۇ‌رىدىغان 10 سوئال» ناملىق كىتابچىنىڭ «تە‌ڭتۇ‌شلارنىڭ بېسىمىغا قانداق قارشى تۇ‌رالايمە‌ن» دېگە‌ن 6-‏سوئالى ۋە «ياشلارنىڭ سوئاللىرى.‏ ئە‌مە‌لىي مە‌سلىھە‌تلە‌ر» (‏ئىنگىلىزچە)‏ كىتابىنىڭ 2-‏تومى،‏ 16-‏بابى.‏