ۋەزىيىتىڭىز ئۆزگەرسىمۇ، كۆڭۈل خاتىرجەملىكىنى ساقلاڭ
«مەن ئۆزۈمنى تىنىچلاندۇردۇم».—زەبۇر 131:2.
ناخشىلار: 24، 154
1، 2. (1) ھاياتتىكى كۈتۈلمىگەن ئۆزگۈرۈشلەر بىزگە قانداق تەسىر قىلىشى مۇمكىن؟ (2) زەبۇر 131-بابقا ئاساسەن، كۆڭۈل خاتىرجەملىكىنى ساقلاشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
بەيتەلدە 25 يىلدىن كۆپرەك خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، لويىد بىلەن ئالېكساندىرا پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار سۈپىتىدە تەيىنلەنگەن. دەسلەپتە ئۇلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغان. لويىد مۇنداق دەيدۇ: «مەن بەيتەلدىكى خىزمىتىمنى ياخشى كۆرەتتىمكى، ئۆزۈمنى باشقا ھېچ يەردە تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىم. بۇ ئۆزگۈرۈشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنسەممۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۆزۈمنى پات-پات كېرەكسىز بولۇپ تاشلانغاندەك ھېس قىلاتتىم». لويىد بەزىدە ئۆزىنى ياخشى ھېس قىلسا، بەزىدە چۈشكۈنلۈككە چۈشەتتى.
2 بەزىدە ھاياتىمىزدا كۈتۈلمىگەن ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ. شۇ چاغلاردا بىز غەم-ئەندىشىگە چۈشۈپ، قايغۇغا پېتىشىمىز مۇمكىن (پەندى-نەسىھەت 12:25). ئۆزگۈرۈشلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇلارغا ئۆگىنىش قىيىن بولغاندا، كۆڭۈل خاتىرجەملىكىنى ساقلاشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ (زەبۇر 131:1—3-نى ئوقۇڭ). كېلىڭلار، يەھۋانىڭ بەزى قەدىمقى ۋە بۈگۈنكى خىزمەتچىلىرىنىڭ ھاياتى تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەنلىكىگە قارىماستىن، ئۇلار كۆڭۈل خاتىرجەملىكىنى قانداق ساقلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى.
«خۇدانىڭ تىنچلىقى» قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
3. يۈسۈپنىڭ ھاياتى قانداق تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەن؟
3 يۈسۈپنىڭ مىسالىنى ئالايلى. ئۇ ياقۇپنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ئوغلى بولغان. شۇ سەۋەبتىن ئاكىلىرى ئۇنىڭغا كۆرەلمەسلىك قىلىپ، 17 يېشىدا ئۇنى قۇللۇققا سېتىۋەتكەن (يارىتىلىش 37:2—4، 23—28). يۈسۈپ تەخمىنەن 13 يىل مىسىردا جاپا چەككەن. ئاۋۋال ئۇ قۇل بولغان، كېيىن بولسا زىنداندا ياتقان. ئۇ ئىنتايىن ياخشى كۆرگەن ئاتىسىدىن يىراق يەردە ئىدى. ئەمما، ئۇ قىيىنچىلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئۈمىدسىزلەنمىگەن ۋە تاش يۈرەك بولۇپ كەتمىگەن. ئۇنىڭغا نېمە ياردەم بەرگەن؟
4. (1) يۈسۈپ زىنداندا ياتقاندا، نېمە قىلغان؟ (2) يەھۋا يۈسۈپنىڭ دۇئاسىغا قانداق جاۋاب بەرگەن؟
4 يۈسۈپ زىنداندا بولغاندا، بەلكىم يەھۋانىڭ ئۇنىڭغا قانداق ياردەم بەرگەنلىكىگە دىققىتىنى قاراتقان (يارىتىلىش 39:21؛ زەبۇر 105:17—19). ئېھتىمال، ئۇ ياش چېغىدا كۆرگەن بېشارەتلىك مەنىگە ئىگە چۈشلەر ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانغاندۇ. شۇڭا، يۈسۈپ يەھۋانىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغانلىقىنى چۈشەنگەندە، كۆڭلى خاتىرجەملىك تاپقان (يارىتىلىش 37:5—11). ئۇ ھەردائىم يەھۋاغا ئىچ-باغرىنى تۆكۈپ دۇئا قىلغان بولۇشى مۇمكىن (زەبۇر 145:18). يەھۋا ئۇنىڭ دۇئاسىغا جاۋاب بېرىپ، ۋەزىيەتنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، «ئۇنىڭ بىلەن» بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرگەن (ئەلچىلەر 7:9، 10) a (ئىزاھاتقا قاراڭ).
5. «خۇدانىڭ تىنچلىقى» يەھۋاغا داۋاملىق خىزمەت قىلىشىمىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
5 ۋەزىيىتىمىز مەيلى قانچىلىك قىيىن بولسۇن، «خۇدانىڭ تىنچلىقى» ئارقىلىق، ئوي-پىكىرىمىز ۋە كۆڭلىمىزنى تىنچ-خاتىرجەملىكتە ساقلىيالايمىز (فىلىپىلىكلەر 4:6، 7-نى ئوقۇڭ). بىز غەم-ئەندىشىگە پاتقاندا ياكى بېسىم ھېس قىلغاندا، «خۇدانىڭ تىنچلىقى» يەھۋاغا داۋاملىق خىزمەت قىلىشىمىزغا كۈچ بېرەلەيدۇ. كېلىڭلار، ھازىر مۇنداق ۋەزىيەتنى باشتىن كەچۈرگەن بىرنەچچە قېرىنداشلارنىڭ مىساللىرىنى كۆرۈپ چىقايلى.
يەھۋادىن ياردەم سوراڭ
6، 7. دۇئا قىلىش كۆڭۈل خاتىرجەملىكىگە ئېرىشىشكە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
6 رايان بىلەن جۇلېتتا ئەمدى مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولمايدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، كۆڭلى يېرىم بولغانىدى. رايان مۇنداق دەيدۇ: «بىز دەرھال يەھۋاغا دۇئا قىلدۇق. بۇ ۋەزىيەتنى يەھۋاغا ئىشەنچ باغلىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشنىڭ پۇرسىتى دەپ كۆردۇق. جامائىتىمىزدىكى كۆپ قېرىنداشلار ھەقىقەتنى يېڭى تونۇغانلىقتىن، ئىشەنچنى كۆرسىتىشنىڭ ئۈلگىسى بولۇش ئۈچۈن دۇئا قىلدۇق».
7 يەھۋا ئۇلارنىڭ دۇئاسىغا قانداق جاۋاب بەرگەن؟ رايان مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: «دۇئا قىلغاندىن كېيىن بىز يامان ھېس-تۇيغۇلاردىن ۋە غەم-تەشۋىشتىن دەرھال قۇتۇلدۇق. يەھۋادىن كەلگەن تىنچلىق يۈرىكىمىز بىلەن ئەقلىمىزنى ھىمايە قىلغان. بىز يەھۋاغا پۈتۈنلەي تايانساق، ئۇنىڭغا داۋاملىق خىزمەت قىلالايدىغانلىقىمىزنى چۈشەندۇق».
8—10. (1) بىز غەم-ئەندىشىگە بېرىلگەندە، مۇقەددەس روھ بىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ (2) يەھۋاغا بولغان خىزمەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويساق، ئۇ بىزگە قانداق ياردەم بېرىشى مۇمكىن؟
8 مۇقەددەس روھ بىزنى كۆڭۈل خاتىرجەملىكىگە ئېرىشتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ھاياتىمىزدا نېمە ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدىغان ئايەتلەرنى ئېسىمىزگە سالىدۇ (يۇھاننا 14:26، 27-نى ئوقۇڭ). بەيتەلدە تەخمىنەن 25 يىل خىزمەت قىلغان فىلىپ بىلەن مارىنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. تۆت ئاينىڭ ئىچىدە ھەر ئىككىلىسى ئانىلىرىدىن ئايرىلغان ۋە فىلىپنىڭ يەنە بىر تۇغقىنى ۋاپات بولغان. بۇنىڭدىن باشقا، مارىنىڭ ئاتىسى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقتىن، ئۇلار ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلىشى كېرەك ئىدى.
9 فىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىر قېتىم مەن «كۈزىتىش مۇنارى» تەتقىق نۇسخىسىدىكى بىر ماقالىدە كەلتۈرۈلگەن كولوسىلىقلار 1:11-نى ئوقۇدۇم. مەن قىيىنچىلىقلارغا قارشى كۈرەش قىلساممۇ، ماڭا بىر نەرسە يەتمەيۋاتقانلىقىنى چۈشەندىم. مەن قىيىنچىلىقلارغا خۇرسەنلىك ۋە سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بېرىشىم كېرەك ئىدى. بۇ ئايەت ماڭا خۇشاللىقىم ۋەزىيەتلىرىمگە ئەمەس، مۇقەددەس روھنىڭ ھاياتىمغا قانداق تەسىر قىلغانلىقىغا باغلىق بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېسىمگە سالغان».
10 فىلىپ بىلەن مارى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇنغا قويغانلىقتىن، مول بەرىكەتلەرگە ئېرىشكەن. فىلىپ بىلەن مارى بەيتەلدىن كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ھەر ئىككىلىسى ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى تاپقان ۋە ئۇلار مۇقەددەس كىتابنى قىزىقىش بىلەن ئۆگىنىپ، روھىي جەھەتتىن تېز ئۆسكەن. مارى مۇنداق دېگەن: «ئوقۇغۇچىلىرىمىز بىز ئۈچۈن زور بەرىكەت بولغان. يەھۋا بىزگە ئۇلار ئارقىلىق «ھەممە نەرسە ياخشى بولىدۇ»، دەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم».
يەھۋانىڭ بەرىكىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىڭ
11، 12. (1) يەھۋانىڭ بەرىكىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن يۈسۈپ نېمە قىلغان؟ (2) يەھۋا يۈسۈپكە قانداق بەرىكەت بەرگەن؟
11 ھاياتىمىز تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەندە، بىز غەم-قايغۇغا پېتىپ، پەقەت ئۆز قىيىنچىلىقلىرىمىز ھەققىدە ئويلىشىمىز مۇمكىن. يۈسۈپ بىلەنمۇ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما، ئۇ ئۆز ۋەزىيىتىدە قولىدىن كەلگىنىنىڭ ھەممىسىنى قىلغان. ئۇ پوتىپارنىڭ ئۆيىدە تەر تۆكۈپ ئىشلىگەن. كېيىنرەك، زىندان باشقۇرغۇچىسى بەرگەن ھەرقانداق ئىشنى تىرىشچانلىق بىلەن ئورۇنلىغان.—يارىتىلىش 39:21—23.
12 بىر كۈنى يۈسۈپكە فىرئەۋننىڭ ئىككى خىزمەتچىسىدىن خەۋەر ئېلىش تاپشۇرۇلغان. يۈسۈپ ئۇلارغا مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغاچقا، ئۇلار ئۇنىڭغا غەم-ئەندىشىلىرى ۋە كۆرگەن چۈشىنىكسىز چۈشلىرى ھەققىدە ئەركىن ئېيتالىغان (يارىتىلىش 40:5—8). شۇ چاغدا يۈسۈپ بۇ سۆھبەتنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمىگەن، لېكىن ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇ زىنداندىن ئازاد قىلىنىپ، مىسىرنىڭ كۈچلۈك ھۆكۈمرانى بولغان. پەقەت پىرئەۋنلا يۈسۈپتىن يۇقىرى ئورۇندا تۇراتتى.—يارىتىلىش 41:1، 14—16، 39—41.
13. ۋەزىيىتىمىز مەيلى قانداق بولسۇن، يەھۋانىڭ بەرىكىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
13 يۈسۈپكە ئوخشاش، بىزمۇ ئۆزىمىز ئۆزگەرتەلمەيدىغان ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن. لېكىن، شۇ ۋەزىيەتتە بىز سەۋر-تاقەت كۆرسىتىپ، قولىمىزدىن كەلگىنىنىڭ ھەممىسىنى قىلساق، يەھۋا بىزگە بەرىكەت بېرىدۇ (زەبۇر 37:5). ھەتتا بىز نېمە قىلىشىمىزنى بىلمەي، غەم-ئەندىشىگە پاتقاندىمۇ ‹ئۈمىدسىز› بولمايمىز (2-كورىنتلىقلار 4:8). بىز بولۇپمۇ ئۇنىڭغا بار كۈچىمىز بىلەن خىزمەت قىلساق، يەھۋا ھەرقاچان بىز بىلەن بىرگە بولىدۇ.
خىزمەتكە قىزغىن قاتنىشىڭ
14—16. فىلىپ ھاياتىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرگە قارىماستىن، قانداق قىلىپ ۋەز خىزمىتىگە قىزغىن قاتناشقان؟
14 ۋەز ئېيتقۇچى فىلىپ كۆپلىگەن ئۆزگۈرۈشلەرنى باشتىن كەچۈرسىمۇ، بار دىققىتىنى ۋەز قىلىش خىزمىتىگە قاراتقان. بۇ جەھەتتىن ئۇ بىزگە ئاجايىپ ئۈلگە قالدۇرغان. يېرۇسالىمدا ئۇ يېڭى ۋەزىپىنى ئالغان (ئەلچىلەر 6:1—6). لېكىن، كېيىن تۇيۇقسىز ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بەرگەن. ئىستىپان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى دەھشەتلىك زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، يېرۇسالىمدىن تەرەپ-تەرەپكە تارقىلىپ كەتكەن. فىلىپ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالىغانلىقتىن، سامارىيە شەھىرىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاڭلاشقا تەشنا بولغان ئادەملەرگە بارغان.—مەتتا 10:5؛ ئەلچىلەر 8:1، 5.
15 فىلىپ مۇقەددەس روھ ئۇنى قەيەرگە يېتەكلىسە، شۇ يەرگە بېرىشقا تەييار بولغان. شۇ سەۋەبتىن، يەھۋا ئۇنى خۇش خەۋەرنى تېخى ئاڭلىمىغان ئادەملەرگە ۋەز قىلىشقا ئەۋەتكەن. كۆپلىگەن يەھۇدىيلار سامارىيىلىكلەرنى تۆۋەن كۆرۈپ كەمسىتەتتى. ئەمما، فىلىپ ھەممە ئادەملەرنى تەڭ كۆرگەن ۋە ئۇلارغا قىزغىنلىق بىلەن خۇش خەۋەرنى جاكارلىغان. كۆپلىگەن سامارىيىلىكلەر فىلىپنىڭ ئېيتقانلىرىنى قوبۇل قىلغان.—ئەلچىلەر 8:6—8.
16 كېيىن، مۇقەددەس روھ فىلىپنى يات خەلقلەر ياشىغان ئاشدود بىلەن قەيسەرىيە شەھەرلىرىدە ۋەز قىلىشقا دەۋەت قىلغان (ئەلچىلەر 8:39، 40). ئاندىن فىلىپنىڭ ھاياتىدا يەنە بىر ئۆزگۈرۈش يۈز بەرگەن. ئۇ ئائىلە قۇرۇپ، ئۆي-ئوچاقلىق بولغان. ھاياتىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرگە قارىماستىن، ئۇ دائىم ۋەز خىزمىتىگە قىزغىن قاتناشقان. يەھۋا فىلىپ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى مول بەرىكەتلىگەنىدى.—ئەلچىلەر 21:8، 9.
17، 18. ھاياتىمىزدا ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەندە، ۋەز قىلىشقا قىزغىن قاتنىشىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
17 ۋەزىيىتىمىز ئۆزگەرگەندە، ۋەز خىزمىتىدە قىزغىن بولۇپ، خۇشاللىقنى يوقاتماي، ئىجابىي كۆز قاراشنى ساقلاپ قېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. كۆپلىگەن تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتچىلەر بۇنىڭغا كۆز يەتكۈزگەن. مەسىلەن، جەنۇبىي ئافرىقىدا ياشايدىغان ئاسبورن ۋە پولايت ئىسىملىك ئەر-ئايال بەيتەلدىن كەتكەندە، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشقا پۇرسەت يارىتىدىغان ئىشنى ۋە تۇرىدىغان جاينى تېپىش ئاسان بولىدۇ دەپ ئويلىغان. بىراق، ئاسبورن مۇنداق دەيدۇ: «ئەپسۇسكى، ئىش بىز ئويلىغاندەك تېز تېپىلمىدى». پولايت بولسا: «بىز ئۈچ ئاي جەريانىدا ئىش تاپالمىدۇق ۋە يىغقان پۇلۇمىز يوق ئىدى. راستىنلا قىينىلىپ كەتتۇق»، دېدى.
18 مۇنداق قىيىن ئەھۋالدا، ئاسبورن بىلەن پولايتقا نېمە ياردەم بەرگەن؟ ئاسبورن مۇنداق دەيدۇ: «جامائەت بىلەن ۋەز قىلىش غەم-ئەندىشىگە بېرىلمەي، ئىجابىي كۆز قاراشنى ساقلاشقا ياردەم بەردى». ئۇلار غەم-قايغۇ قىلىشنىڭ ئورنىغا كۆپرەك ۋەز قىلغان. بۇ ئۇلارغا زور خۇشاللىق ئەكەلگەن! ئاسبورن ئېيتقاندەك، ئۇلار ئىش تېپىش ئۈچۈن بار كۈچىنى سالغان ۋە ئاخىرىدا ئىش تاپقان.
يەھۋاغا پۈتۈن قەلبىڭىز بىلەن ئىشەنچ باغلاڭ
19—21. (1) كۆڭۈل خاتىرجەملىكىمىزنى ساقلاشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ (2) تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئۆزگۈرۈشلەرگە كۆنۈشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
ئۆزگۈرۈشلەرگە كۆنۈش بىزنى يەھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشى مۇمكىن
19 بىز قولىمىزدىن كەلگىنىنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ، يەھۋاغا پۈتۈنلەي ئىشەنچ باغلىساق، مەيلى قانداق ۋەزىيەت بولسۇن، كۆڭۈل خاتىرجەمىلىكىنى ساقلاپ قالالايمىز (مىكاھ 7:7-نى ئوقۇڭ). بەزىدە، يېڭى ئۆزگۈرۈشلەر كۆنۈشكە ھەرىكەت قىلغانسېرى، ئۆزىمىزنىڭ يەھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىشىمىز مۇمكىن. پولايت بەيتەلدىن ئايرىلىپ، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغاندا، قىيىن ۋەزىيەتلەردە يەھۋاغا ھەقىقىي تايىنىشنى ئۆگەنگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇ: «مەن يەھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلاشتىم»،— دەيدۇ.
20 يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مارى ھازىرغىچە ياشانغان ئاتىسىغا غەمخورلۇق قىلىپ، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلماقتا. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن غەم-ئەندىشىگە پاتقاندا، توختىۋېلىپ، دۇئا قىلىپ، سەۋر-تاقەتلىك بولۇشۇم كېرەكلىكىنى چۈشەندىم. ئەڭ مۇھىمى، مەن غەم-ئەندىشىلىرىمنى يەھۋاغا تاپشۇرۇشنى ئۆگەندىم. بۇ ماڭا كېلەچەكتە تېخىمۇ كۆپ پايدا ئەكېلىدۇ».
21 لويىد بىلەن ئالېكساندىرا ھاياتىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ، ئۇلار ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن سىناق بولغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن، ئۇلار: «سىناقلار ئىشەنچىمىزنىڭ كۈچلۈك ياكى ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلىدى ۋە كۈچلۈك ئىشەنچ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، بىزنى كۈچ-مەدەت ۋە تەسەللىيگە ئىگە قىلدى، ھازىر ئىشەنچىمىز تېخىمۇ مۇستەھكەم بولدى»، دەيدۇ.
22. ئۆز ۋەزىيىتىمىزدە قولىمىزدىن كەلگىنىنىڭ ھەممىسىنى قىلساق، نېمىگە قەتئىي ئىشىنىمىز؟
22 بۇ دۇنيادا ھاياتىمىز تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى مۇمكىن. مەسىلەن، بىز باشقا يەردە خىزمەت قىلىشقا تەيىنلىنىشىمىز، سالامەتلىكىمىز ناچارلىشىشى ياكى ئائىلىمىزدە يېڭى ۋەزىپىلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ۋەزىيەت قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يەھۋا سىزگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىغا ۋە كېرەك ۋاقىتتا ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ (ئىبرانىيلار 4:16؛ 1-پېترۇس 5:6، 7). ھازىر بولسا، ئۆز ۋەزىيىتىڭىزدە قولۇڭىزدىن كەلگەن ھەممە نەرسىنى قىلىڭ. ئەرشتىكى ئاتىڭىز يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي تايىنىشنى ئۆگىنىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ۋەزىيىتىڭىز قانداق ئۆزگەرمىسۇن، يەھۋادىن كېلىدىغان كۆڭۈل خاتىرجەملىكىگە ئېرىشىسىز.
a بىرقانچە يىللاردىن كېيىن يۈسۈپ: «خۇدا پۈتكۈل جاپا-مۇشەققەتلىرىمنى … ئۇنتۇلدۇردى»،— دەپ، تۇنجى ئوغلىغا ماناسسە [«ئۇنتۇلدۇرغان» دېگەننى بىلدۈرىدۇ] دېگەن ئىسىمنى قويغان. يۈسۈپ ئوغلىنى يەھۋادىن كەلگەن تەسەللىي دەپ كۆرگەن.—يارىتىلىش 41:51.