مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

ئادە‌ملە‌ر خۇ‌دانىڭ «بوران-‏چاپقۇ‌نى» توغرۇ‌لۇ‌ق ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شنى ئاڭلىشى مۇ‌ھىم

خۇ‌دانىڭ ھۆكۈملىرى.‏ ئۇ كىشىلە‌رنى ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌پ يېتە‌رلىك ۋاقىت بېرە‌مدۇ؟‏

خۇ‌دانىڭ ھۆكۈملىرى.‏ ئۇ كىشىلە‌رنى ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌پ يېتە‌رلىك ۋاقىت بېرە‌مدۇ؟‏

ھاۋا رايىدىكى ئۆزگىرىشلە‌رنى كۈزىتىدىغان مۇ‌تە‌خە‌سسىس شىددە‌تلىك يامغۇ‌رلۇ‌ق قارا بوراننىڭ ئادە‌ملە‌ر زىچ ئولتۇ‌راقلاشقان رايونغا تېز يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى دە‌يلى.‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ ھاياتى خە‌تە‌ر ئاستىدا بولغانلىقتىن،‏ ئۇ تېخى ۋاقىت بار چاغدا،‏ پۈتۈن كۈچى بىلە‌ن خە‌ۋە‌ر قىلىپ،‏ كىشىلە‌رنى ئاگاھلاندۇ‌رىدۇ.‏

بۈگۈنكى كۈندە،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئىنسانلارنى ھە‌رقانداق بوراندىنمۇ بە‌كرە‌ك خە‌تە‌رلىك بىر «بوران-‏چاپقۇ‌ن» ھە‌ققىدە ئاگاھلاندۇ‌رماقتا.‏ ئۇ قانداق ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ۋاتىدۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن بىز يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئادە‌ملە‌رنىڭ ئامان قېلىشى ئۈچۈن يېتە‌رلىك ۋاقىت بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلالايمىز؟‏ بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن،‏ كېلىڭلار،‏ ئاۋۋال خۇ‌دانىڭ ئادە‌ملە‌رنى ئۆتمۈشتە قانداق ئاگاھلاندۇ‌رغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

خۇ‌دا ئالدىن-‏ئالا ئاگاھلاندۇ‌رىدۇ

قە‌دىمدە يە‌ھۋا خۇ‌دا ھە‌رقانداق «بوران-‏چاپقۇ‌نلار»،‏ باشقىچە ئېيتقاندا،‏ ئۇ‌نىڭ ئە‌مىرلىرىگە ئە‌تە‌ي بويسۇ‌نمىغانلارغا قارشى چىقارغان سوت ھۆكۈملىرى ھە‌ققىدە ئاگاھلاندۇ‌رغان (‏پە‌ند.‏ نە 10:‏25؛‏ يە‌رە‌م.‏ 30:‏23‏)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ھە‌رقاچان ئۇ‌لارغا نېمە قىلىش كېرە‌كلىكىنى ئالدىن-‏ئالا ئېيتىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىگە لايىق ئۆزگىرىشلە‌رنى قىلىشقا ۋاقىت بە‌رگە‌نىدى (‏2-‏پادىشاھ.‏ 17:‏12—‏15؛‏ نە‌ھە‌م.‏ 9:‏29،‏ 30‏)‏.‏ ئادە‌ملە‌رگە كېرە‌كلىك ئۆزگىرىشلە‌رنى قىلىشقا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن يە‌ھۋا خۇ‌دا سادىق خىزمە‌تچىلىرىنى ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ ھۆكۈملىرىنى ئېلان قىلغان ۋە ئادە‌ملە‌رنى جىددىي ھە‌رىكە‌ت قىلىشقا ئۈندىگە‌ن.‏—‏ئاموس 3:‏7‏.‏

خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرىنىڭ بىرى نۇ‌ھ پە‌يغە‌مبە‌ر.‏ ئۇ ئە‌خلاقسىز ۋە زوراۋان زامانداشلىرىنى كېلىدىغان توپان سۈيى توغرۇ‌لۇ‌ق قورقماي نۇ‌رغۇ‌ن يىل ئاگاھلاندۇ‌رغانىدى (‏يارىت.‏ 6:‏9—‏13،‏ 17‏)‏.‏ شۇ‌نداقلا قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرە‌كلىكىنىمۇ ئېيتقان.‏ نۇ‌ھ پە‌يغە‌مبە‌ر بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق بە‌ك كۆپ ئېيتقانكى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئۇ‌نى ھە‌ققانىي يولغا دە‌ۋە‌ت قىلغۇ‌چى دە‌پ يېزىلغان.‏—‏2-‏پېتر.‏ 2:‏5‏.‏

نۇ‌ھ پە‌يغە‌مبە‌ر بار كۈچىنى چىقىرىپ ۋە‌ز قىلغان بولسىمۇ،‏ ئادە‌ملە‌ر توپان سۈيى ھە‌ققىدە خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خە‌ۋە‌رنى قوبۇ‌ل قىلمىغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى بولمىغانلىقتىن،‏ ھە‌ممىسى توپان سۈيىدە ھالاك بولغانىدى (‏مە‌تتا 24:‏39؛‏ ئىبرانىي.‏ 11:‏7‏)‏.‏ شۇ ئىتائە‌تسىز كىشىلە‌ر خۇ‌دا بىزنى ئاگاھلاندۇ‌رمىدى،‏ دە‌پ ئېيتالمىغان.‏

بە‌زى ۋاقىتلاردا يە‌ھۋا خۇ‌دا ھۆكۈم چىقىرىشقا ئاز ۋاقىت قالغاندا ئاگاھلاندۇ‌رغان.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئۇ ئادە‌ملە‌رگە ئۆزگىرىش ئۈچۈن يېتە‌رلىك ۋاقىت بە‌رگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ قە‌دىمدە مىسىرغا ئون جازانى ئە‌ۋە‌تىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ ئۇ مىسىرلىقلارنى ئاگاھلاندۇ‌رغان.‏ يە‌تتىنچى جازانى ئە‌ۋە‌تىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا مۇ‌سا بىلە‌ن ھارۇ‌ننى فىرئە‌ۋن ۋە ئۇ‌نىڭ قۇ‌للىرىنىڭ ئالدىغا ئە‌ۋە‌تىپ،‏ قاتتىق مۆلدۈر ياغدۇ‌رىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئاگاھلاندۇ‌رغان.‏ ئە‌تىسى مۆلدۈردىن ئامان قېلىش ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئادە‌ملە‌رگە يېتە‌رلىك ۋاقىت بە‌رگە‌نمۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا فىرئە‌ۋننىڭ يە‌ھۋانىڭ سۆزلىرىدىن قورققان خىزمە‌تكارلىرى ئۆز چاكارلىرىنى ھە‌م مېلىنى ئۆيلىرىدە باشپانا قىلىپ،‏ يە‌ھۋا سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىشقا يۈرىكىنى ئۈندىمىگە‌ن خىزمە‌تكارلىرى بولسا،‏ ئۆز چاكارلىرى بىلە‌ن مېلىنى ئېتىزدا قويۇ‌پ قويغانلىقى يېزىلغان (‏چىق.‏ 9:‏18—‏21‏)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئادە‌ملە‌رگە ئامان قېلىش ئۈچۈن يېتە‌رلىك ۋاقىت بە‌رگە‌نلىكى ئېنىق.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شقا دە‌رھال قۇ‌لاق سالغانلار جازادىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌پ قالغان.‏

خۇ‌دا ئونىنچى جازانى ئە‌ۋە‌تىشتىن ئىلگىرى،‏ فىرئە‌ۋن بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ قۇ‌للىرىنىمۇ ئاگاھلاندۇ‌رغانلىقى سۆزسىز،‏ ئە‌مما ئۇ‌لار بۇ ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شقا پە‌رۋا قىلمىغان (‏چىق.‏ 4:‏22،‏ 23‏)‏.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممە تۇ‌نجى ئوغۇ‌للىرى ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن (‏چىق.‏ 11:‏4—‏10؛‏ 12:‏29‏)‏.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌لار ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شقا قۇ‌لاق سېلىپ،‏ تۇ‌نجى ئوغۇ‌للىرىنى قۇ‌تقۇ‌زالاتتىمۇ؟‏ ھە‌ئە!‏ مۇ‌سا ئىسرائىللىقلارنى ئونىنچى جازا توغرۇ‌لۇ‌ق ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌پ،‏ ئامان قېلىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرە‌كلىكىنى ئالدىن ئېيتقان (‏چىق.‏ 12:‏21—‏28‏)‏.‏ بۇ ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شقا قانچە ئادە‌م قۇ‌لاق سالغان؟‏ بە‌زى مە‌لۇ‌ماتلارغا ئاساسە‌ن،‏ مىسىردىن ئۈچ مىليون ئادە‌م،‏ شۇ جۈملىدىن ئىسرائىللىقلار،‏ ھە‌رخىل خە‌لقلە‌ردىن بولغان كۆپچىلىك ۋە مىسىرلىقلار چىقىپ،‏ خۇ‌دانىڭ جازاسىدىن ئامان قالغان.‏—‏چىق.‏ 12:‏38‏.‏

بۇ مىساللاردىن كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئادە‌ملە‌رنىڭ ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شقا قۇ‌لاق سېلىشى ئۈچۈن يېتە‌رلىك ۋاقىت بېرىدۇ (‏تە‌كرار.‏ قا 32:‏4‏)‏.‏ خۇ‌دا نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق قىلىدۇ؟‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س چۈشە‌ندۈرگە‌ندە‌ك،‏ يە‌ھۋا «ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇ‌شىنى خالىمايدۇ،‏ ئە‌كسىچە ھە‌ممە ئىنسانلارنىڭ توۋا قىلىشىنى خالايدۇ» (‏2-‏پېتر.‏ 3:‏9‏)‏.‏ ھە‌ئە،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئادە‌ملە‌رگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلغان ۋە ئۇ‌لارنىڭ توۋا قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ھۆكۈم كۈنىگە تېخى ۋاقىت بار چاغدا كېرە‌كلىك ئۆزگىرىشلە‌رنى قىلىشىنى خالىغان.‏—‏يە‌شايا 48:‏17،‏ 18؛‏ رىملىقلار 2:‏4‏.‏

خۇ‌دانىڭ ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شىغا قۇ‌لاق سېلىڭ

بۈگۈنكى كۈندىمۇ دۇ‌نيانىڭ جاي جايلىرىدا جىددىي ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش بېرىۋاتىدۇ،‏ ھە‌ممە كىشى بۇ‌نىڭغا چوقۇ‌م قۇ‌لاق سېلىشى زۆرۈر.‏ ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدە ۋە‌ز قىلغان چاغدا،‏ ئادە‌ملە‌رنى بۇ دۇ‌نيا تۈزۈمى دە‌ھشە‌تلىك بالايىئاپە‌تتە يوق قىلىنىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئە‌سكە‌رتكە‌ن (‏مە‌تتا 24:‏21‏)‏.‏ ئۇ كېلە‌چە‌كتىكى ھۆكۈم ئالدىدا قانداق ۋە‌قە‌لە‌ر يۈز بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئە‌گە‌شكۈچىلىرى نېمىلە‌رنى باشتىن كە‌چۈرىدىغانلىقىنى تە‌پسىلىي تە‌سۋىرلىگە‌ن.‏ ئە‌يسا ئالدىن ئالا ئېيتقان مۇ‌ھىم ۋە‌قە‌لە‌رنىڭ ھە‌ممىسى ئورۇ‌نلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈمىز بىلە‌ن كۆرۈۋاتىمىز.‏—‏مە‌تتا 24:‏3—‏12؛‏ لۇ‌قا 21:‏10—‏13‏.‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا ھە‌ممە ئادە‌ملە‌رنى ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشقا ۋە بويسۇ‌نۇ‌شقا ئۈندە‌يدۇ.‏ ئۇ ئىتائە‌تچان ئىنسانلارنىڭ ھازىرمۇ بە‌ختلىك ھايات كە‌چۈرۈشىنى ۋە كېلە‌چە‌كتىكى جە‌ننە‌تتىمۇ مول بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىشىنى خالايدۇ (‏2-‏پېتر.‏ 3:‏13‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئادە‌ملە‌رگە ئۇ‌نىڭ ۋە‌دىلىرىگە ئىشىنىشكە ياردە‌م بېرىشنى خالايدۇ.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ئۇ ئۇ‌لارنىڭ ھاياتنى قۇ‌تقۇ‌زىدىغان خە‌ۋە‌رنى بە‌رگە‌ن.‏ بۇ «بارچە مىللە‌تلە‌رگە يە‌تكۈزۈلۈشى ئۈچۈن» ۋە‌ز قىلىنىدىغان «پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرى» (‏مە‌تتا 24:‏14‏)‏.‏ خۇ‌دا بۇ خە‌ۋە‌رنى جاكارلاشنى خىزمە‌تچىلىرىگە تاپشۇ‌رغان،‏ ئۇ‌لار 240قا يېقىن دۆلە‌ت ۋە رايونلاردا ۋە‌ز قىلماقتا.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا كۆپرە‌ك ئادە‌ملە‌رنىڭ ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شقا قۇ‌لاق سېلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئادىل سوراق كۈنىدىكى جازا ھۆكۈمىدىن ئامان قېلىشىنى خالايدۇ.‏—‏سە‌فنىيا 1:‏14،‏ 15؛‏ 2:‏2،‏ 3‏.‏

تارىختىن بۇ‌يان كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شقا قۇ‌لاق سېلىش ئۈچۈن ئادە‌ملە‌رگە دائىم يېتە‌رلىك ۋاقىت بېرىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌سىلە خۇ‌دانىڭ ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش بېرىشىدە ئە‌مە‌س،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ شۇ ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شقا قۇ‌لاق سېلىشىدا.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ كېلىڭلار،‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى سۈپىتىدە ئىمكانىيە‌تنىڭ بارىچە،‏ بۇ رە‌زىل دۇ‌نيانىڭ ئاخىرى يېتىپ كە‌لگىچە كۆپرە‌ك ئادە‌ملە‌رنىڭ ئامان قېلىشى ئۈچۈن تىنماي ياردە‌م بېرە‌يلى.‏