مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

41-‏تە‌تقىق ماقالىسى

دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تتە ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاڭ

دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تتە ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاڭ

‏«يە‌ھۋانى سۆيۈڭلار،‏ ئە‌ي ۋاپادارلار!‏ يە‌ھۋا ساداقە‌تمە‌ن كىشىلە‌رنى قوغدار».‏‏—‏زە‌بۇ‌ر 31:‏23‏.‏

154-‏ناخشا ئاخىرغىچە بە‌رداشلىق بېرىمىز

بۇ ماقالىدە a

1،‏ 2.‏ (‏1)‏ يېقىن ئارىدا دۆلە‌ت رە‌ھبە‌رلىرى نېمىنى ئېلان قىلىدۇ؟‏ (‏2)‏ بىز قايسى سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىشىمىز كېرە‌ك؟‏

 دۆلە‌ت رە‌ھبە‌رلىرى «تىنچلىق ۋە بىخە‌تە‌رلىك» دە‌پ ئېلان قىلغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىڭ.‏ ئۇ‌لار دۇ‌نيا ھېچقاچان مۇ‌نداق بىخە‌تە‌ر بولۇ‌پ باقمىغان دە‌پ ماختىنىشىدۇ.‏ ھۆكۈمرانلار بىزنىڭ دۇ‌نيادىكى ھە‌ممە قىيىنچىلىقلارنى ئۇ‌لار ھە‌ل قىلىشقا قادىر دە‌پ ئويلىشىمىزنى خالايدۇ.‏ لېكىن،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە ئۇ‌لار شۇ‌نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن،‏ يۈز بېرىدىغان ئىشلارغا ھېچقانداق تە‌سىر قىلالمايدۇ.‏ چۈنكى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلىرىگە ئاساسلانغاندا،‏ «ھالاكە‌ت تۇ‌يۇ‌قسىز ئۇ‌لارنىڭ ئۈستىگە كېلىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئە‌سلا قېچىپ قۇ‌تۇ‌لالمايدۇ».‏—‏1-‏سالونىكا.‏ 5:‏3‏.‏

2 بىز بۇ مۇ‌ھىم سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىشىمىز كېرە‌ك:‏ «دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت» مە‌زگىلىدە نېمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟‏ شۇ چاغدا يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزنىڭ نېمە قىلىشىمىزنى كۈتىدۇ؟‏ «دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت»تە ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن،‏ ھازىر قانداق تە‌ييارلىق قىلالايمىز؟‏—‏مە‌تتا 24:‏21‏.‏

‏«دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت» پە‌يتىدە نېمىلە‌ر يۈز بېرىدۇ؟‏

3.‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 17:‏5،‏ 15—‏18-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ خۇ‌دا «كاتتا بابىلنى» قانداق يوق قىلىدۇ؟‏

3 ۋە‌ھىيلە‌ر 17:‏5،‏ 15—‏18-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ «كاتتا بابىل» چوقۇ‌م ۋە‌يران قىلىنىدۇ!‏ يۇ‌قىرىدا ئېيتىلغاندە‌ك،‏ دۆلە‌ت رە‌ھبە‌رلىرى شۇ ۋاقىتتا ھېچنە‌رسە قىلالمايدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ «خۇ‌دا ئۆز مە‌قسىتىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ئون مۈڭگۈزنىڭ دىلىغا بىر ئوي-‏پىكىرنى سالىدۇ».‏ بۇ ئوي-‏پىكىر —‏ بۇ دۇ‌نيادىكى بارچە ساختا دىنلارنى،‏ يە‌نى خرىستىئان دۇ‌نياسىنى b يوق قىلىشنى ھە‌م ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ خۇ‌دا «توق قىزىل ھايۋاننىڭ» «ئون مۈڭگۈزىنىڭ» ئوي-‏خىيالىغا ئۆز پىكرىنى سالىدۇ.‏ ئون مۈڭگۈز ھە‌ممە ھۆكۈمە‌تلە‌رنى،‏ «ھايۋان» بولسا بىرلە‌شكە‌ن دۆلە‌تلە‌ر تە‌شكىلاتىنى بىلدۈرىدۇ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 17:‏3،‏ 11—‏13؛‏ 18:‏8‏)‏.‏ ھۆكۈمە‌ت رە‌ھبە‌رلىرى يالغان دىنلارغا قارشى چىققاندا،‏ «دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت» باشلىنىدۇ.‏ «دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت» يە‌ردىكى ھە‌ر بىر ئىنسانغا تە‌سىر قىلىدىغان ۋە‌ھشىي ۋە تاسادىپىي ۋە‌قە بولىدۇ.‏

4.‏ (‏1)‏ دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌ر يالغان دىنغا ھۇ‌جۇ‌م قىلىشىنىڭ يوللۇ‌ق ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قانداق سە‌ۋە‌بلە‌رنى كۆرسىتىشىدۇ؟‏ (‏2)‏ دىنىي تە‌شكىلاتلارنىڭ بۇ‌رۇ‌نقى ئە‌زالىرى نېمە قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

4 بىز دۆلە‌ت رە‌ھبە‌رلىرىنىڭ قانداق باھانە تېپىپ،‏ يالغان دىنلارغا قارشى چىقىدىغانلىقىنى بىلمە‌يمىز.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لار دىنلارنى دائىم سىياسە‌تكە ئارىلىشىپ،‏ دۇ‌نيانىڭ تىنچ-‏خاتىرجە‌م بولۇ‌شىغا توسالغۇ بولۇ‌ۋاتىدۇ دە‌پ ئە‌يىبلە‌يدۇ.‏ ياكى بولمىسا،‏ دىنىي تە‌شكىلاتلار ئىنتايىن كۆپ پۇ‌ل ۋە مال-‏دۇ‌نيا توپلاۋالدى دېيىشى مۇ‌مكىن (‏ۋە‌ھىي.‏ 18:‏3،‏ 7‏)‏.‏ دۆلە‌ت رە‌ھبە‌رلىرى يالغان دىنغا ھۇ‌جۇ‌م قىلغاندا،‏ ئېھتىمال بۇ دىنلارنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغان ھە‌ممە ئادە‌ملە‌رنى ئە‌مە‌س،‏ دىنىي تە‌شكىلاتلارنى يوق قىلىدۇ.‏ شۇ تە‌شكىلاتلار ۋە‌يران قىلىنغاندا،‏ بۇ‌رۇ‌ن ئۇ‌لارنىڭ ئە‌زالىرى بولغان ئادە‌ملە‌ر،‏ دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌رگە ئالدىنىپ قالغانلىقىنى چۈشىنىپ،‏ بۇ دىن بىلە‌ن مېنىڭ ھېچ ئالاقە‌م يوق دېيىشى مۇ‌مكىن.‏

5.‏ يە‌ھۋا «دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت» ھە‌ققىدە قانداق ۋە‌دە بە‌رگە‌ن ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

5 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا كاتتا بابىلنىڭ ۋە‌يران قىلىنىشى قانچە ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىتقا سوزۇ‌لىدىغانلىقى يېزىلمىغان،‏ بىراق ئۇ قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە يوق قىلىنىدىغانلىقى ئېنىق (‏ۋە‌ھىي.‏ 18:‏10،‏ 21‏)‏.‏ يە‌ھۋا «ئۆزى تاللىغانلار»نى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش ۋە ھە‌قىقىي دىننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ‹ئۇ كۈنلە‌رنى قىسقارتىدىغانلىقىنى› ۋە‌دە قىلغان (‏ماركۇ‌س 13:‏19،‏ 20‏)‏.‏ «دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت» باشلىنىپ،‏ تېخى ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شى باشلانماي تۇ‌رغان شۇ مە‌زگىلدە،‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ نېمە قىلىشىمىزنى كۈتىدۇ؟‏

ھە‌قىقىي دىننى داۋاملىق چىڭ تۇ‌تۇ‌ڭ

6.‏ يالغان دىن بىلە‌ن بولغان ھە‌رقانداق ئالاقىنى ئۈزۈش نېمە ئۈچۈن يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س؟‏

6 ئالدىنقى ماقالىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىنغاندە‌ك،‏ يە‌ھۋا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىدىن كاتتا بابىلدىن چىقىشنى كۈتىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن يالغان دىن بىلە‌ن بولغان ھە‌رقانداق ئالاقىنى ئۈزۈش يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س،‏ بىز يە‌ھۋا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشقا بە‌ل باغلىشىمىز كېرە‌ك.‏ كېلىڭلار،‏ بۇ‌نىڭ ئىككى ئۇ‌سۇ‌لىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

ھە‌تتا قىيىن بولغاندىمۇ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىنى ھە‌رگىز قالدۇ‌رمايلى (‏7-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ g

7.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئە‌خلاق ئۆلە‌ملىرىنى قانداق چىڭ تۇ‌تالايمىز؟‏ (‏2)‏ ئىبرانىيلار 10:‏24،‏ 25-‏ئايە‌تلە‌ر‏،‏ بولۇ‌پمۇ ھازىر ئىبادە‌ت قىلىش ئۈچۈن جە‌م بولۇ‌شنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى قانداق تە‌كىتلە‌يدۇ؟‏

7 بىرىنچى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ھە‌ققانىي ئە‌خلاق ئۆلچە‌ملىرىنى چىڭ تۇ‌تۇ‌ش.‏ بىز بۇ دۇ‌نيانىڭ ئە‌خلاق ئۆلچە‌ملىرىنى قوبۇ‌ل قىلمايمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىقنىڭ ھېچقانداق تۈرىنى،‏ شۇ‌نىڭ ئىچىدە ئوخشاش جىنىسلىق ئادە‌ملە‌رنىڭ مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىشى ياكى توي قىلىشىنى قوللىمايمىز (‏مە‌تتا 19:‏4،‏ 5؛‏ رىملىقلار 1:‏26،‏ 27‏)‏.‏ ئىككىنچى،‏ بىز ئېتىقادداشلىرىمىز بىلە‌ن بىللە ئىبادە‌ت قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رىمىز.‏ مە‌يلى ئىبادە‌ت زاللىرىدا ياكى قېرىنداشلارنىڭ ئۆيلىرىدە ۋە ياكى باشقا يە‌رلە‌ردە يوشۇ‌رۇ‌ن بولسۇ‌ن،‏ ۋە‌زىيىتىمىز قانداق ئۆزگە‌رمىسۇ‌ن،‏ يىغىلىشىلارغا داۋاملىق بېرىشنى ھېچقاچان توختاتمايمىز.‏ «شۇ كۈننىڭ يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگە‌ن ئىكە‌نمىز،‏ تېخىمۇ كۆپرە‌ك شۇ‌نداق قىلايلى»‏‏.‏—‏ئىبرانىيلار 10:‏24،‏ 25-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

8.‏ كېلە‌چە‌كتە ئېيتىدىغان خە‌ۋىرىمىز قانداق ئۆزگۈرۈشى مۇ‌مكىن؟‏

8 دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت مە‌زگىلىدە بە‌لكىم،‏ بىز ئېيتىدىغان خە‌ۋە‌رمۇ ئۆزگىرىدۇ.‏ ھازىر بىز پادىشاھلىق توغرۇ‌لۇ‌ق خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى جاكارلاپ،‏ شاگىرت تە‌ييارلاشقا كۈچ چىقىرىمىز،‏ لېكىن،‏ شۇ چاغدا مۆلدۈردە‌ك قاتتىق تېگىدىغان خە‌ۋە‌رنى ئېيتىشىمىز مۇ‌مكىن (‏ۋە‌ھىي.‏ 16:‏21‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ شە‌يتانىڭ دۇ‌نياسى پات-‏ئارىدا يە‌ر بىلە‌ن يە‌كسە‌ن بولىدىغانلىقىنى جاكارلايمىز.‏ ۋاقتى-‏سائىتى كە‌لگە‌ندە،‏ قانداق خە‌ۋە‌رنى ۋە ئۇ‌نى قانداق جاكارلايدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز.‏ يۈز يىل جە‌ريانىدا خىزمە‌تتە قوللىنىپ كە‌لگە‌ن ئۇ‌سۇ‌للارنى ئىشلىتىمىزمۇ ياكى قانداقتۇ بىر يېڭى ئۇ‌سۇ‌للار بىلە‌ن ۋە‌ز قىلىمىزمۇ؟‏ بىز بۇ‌نى تېخى بىلمە‌يمىز.‏ مە‌يلى قانداق ۋە‌ز قىلمايلى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ھۆكۈم خە‌ۋىرىنى يە‌تكۈزۈش شان-‏شە‌رىپىگە ئىگە بولىمىز.‏—‏ھە‌زە‌ك.‏ 2:‏3—‏5‏.‏

9.‏ ھۆكۈمە‌تلە‌ر خە‌ۋىرىمىزنى ئاڭلىغاندا،‏ ئېھتىمال نېمە قىلىشى مۇ‌مكىن،‏ بىراق بىزنىڭ نېمىگە ئىشە‌نچىمىز كامىل؟‏

9 خە‌ۋىرىمىزنى ئاڭلىغاندا،‏ ھۆكۈمە‌تلە‌ر ئېھتىمال بىزنىڭ ئاغزىمىزنى ئۈزۈل-‏كېسىل يېپىپ تاشلاشقا ئۇ‌رۇ‌نۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ھازىر خىزمە‌تتە يە‌ھۋا خۇ‌داغا تايانغاندە‌ك،‏ شۇ چاغدىمۇ دە‌ل شۇ‌نداق تايىنىشىمىز بە‌كمۇ مۇ‌ھىم.‏ خۇ‌دايىمىز بىزگە ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن كۈچ بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل.‏—‏مىكاھ 3:‏8‏.‏

ھۇ‌جۇ‌مغا تە‌ييار بولۇ‌ڭ

10.‏ لۇ‌قا 21:‏25—‏28-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆپىنچىسى دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت مە‌زگىلىدە بولىدىغان ۋە‌قە‌لە‌رنى كۆرۈپ نېمە قىلىدۇ؟‏

10 لۇ‌قا 21:‏25—‏28-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت مە‌زگىلىدە،‏ ئادە‌ملە‌ر كۆز ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋە‌قە‌لە‌رنى كۆرۈپ،‏ ھودۇ‌قۇ‌پ كېتىدۇ.‏ ئۇ‌لار تايانغان سىياسە‌ت،‏ سودا-‏سېتىق ۋە بۇ دۇ‌نيانىڭ باشقا تۈزۈلمىلىرىنىڭ يوق قىلىنىشىنى ئۆز كۆزى بىلە‌ن كۆرىدۇ.‏ ئۇ‌لار «دە‌رد-‏ئە‌لە‌م» چېكىدۇ ۋە ئادە‌مزاتنىڭ تارىخىدىكى ئە‌ڭ ئېغىر كۈنلە‌ر باشلانغاندا ئۆلۈپ كېتىمىز،‏ دە‌پ قورقىدۇ (‏سە‌فنىيا 1:‏14،‏ 15‏)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ ھە‌تتا خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىنىڭمۇ ھاياتى قىيىنلىشىپ كېتىشى مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغاچ،‏ بە‌زى قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىمىز.‏ بىزدە ھايات كە‌چۈرۈش ئۈچۈن كېرە‌كلىك نە‌رسىلە‌ر بولماي قېلىشى مۇ‌مكىن.‏

11.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى نېمە ئۈچۈن دۆلە‌ت رە‌ھبە‌رلىرىنىڭ نىشانىغا ئايلىنىدۇ؟‏ (‏2)‏ بىز نېمە سە‌ۋە‌بتىن دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تتىن قورقماسلىقىمىز كېرە‌ك؟‏

11 شۇ چاغلاردا دىنلىرى ۋە‌يران بولغان ئادە‌ملە‌ر يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ تېخىغىچە ئۆز دىنى بىلە‌ن ئىبادە‌ت قىلىۋاتقانلىقىدىن غە‌زە‌پلىنىدۇ.‏ ئۇ‌لار بۇ‌نىڭغا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ،‏ سۈرە‌ن-‏چوقان قىلىشىدۇ ۋە خە‌ۋە‌رلە‌ر ئىنتېرنېت،‏ تېلېۋىزور ياكى رادىئو ئارقىلىق كۆرسىتىلىدۇ.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى يە‌ردە قالغان بىردىن-‏بىر دىن بولىدۇ،‏ شۇ‌ڭا دۆلە‌ت رە‌ھبە‌رلىرى ۋە ئۇ‌لارنىڭ ھۆكۈمرانى شە‌يتان بىزنى ئۆچ كۆرىدۇ.‏ ئۇ‌لار يە‌ر يۈزىدىكى دىنلارنىڭ ھە‌ممىسىنى يوق قىلىش مە‌قسىتىگە تېخى قول يە‌تكۈزە‌لمىگە‌چ،‏ بىز ئۇ‌لارنىڭ نىشانى بولىمىز.‏ شۇ چاغدا،‏ دۆلە‌ت رە‌ھبە‌رلىرى گوگ بىلە‌ن ماگوگنىڭ c رولىنى ئوينايدۇ.‏ ھۆكۈمە‌تلە‌ر بىرلىشىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ خە‌لقىگە بار كۈچى بىلە‌ن رە‌ھىمسىزلارچە ھۇ‌جۇ‌م قىلىدۇ (‏ھە‌زە‌ك.‏ 38:‏2،‏ 14—‏16‏)‏.‏ دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت مە‌زگىلىدە،‏ نېمە ئىشلار يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئۇ‌ششاق-‏چۈششە‌ك تە‌پسىلاتلىرىغىچە بىلمىگە‌چ،‏ قاتتىق ئە‌نسىرىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ ئە‌نسىرە‌شنىڭ ھاجىتى يوق.‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋا ھاياتىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىزگە تە‌پسىلىي كۆرسە‌تمىلە‌رنى بېرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 34:‏19‏)‏ شۇ ۋاقىتتا،‏ بىز «قە‌ددىڭلارنى رۇ‌سلاپ،‏ باشلىرىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار،‏ چۈنكى سىلە‌رنىڭ قۇ‌تۇ‌لۇ‌شىڭلار يېقىنلىشىۋاتىدۇ»‏ d دېگە‌ن سۆزلە‌رگە قۇ‌لاق سالالايمىز.‏

12.‏ «سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل» بىزنى كە‌لگۈسىدىكى ۋە‌قە‌لە‌رگە قانداق تە‌ييارلاپ كە‌لمە‌كتە؟‏

12 «سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل» دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تتە ساداقە‌تمە‌نلىكىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىز ئۈچۈن بىزنى تە‌ييارلاپ كە‌لمە‌كتە (‏مە‌تتا 24:‏45‏)‏.‏ بۇ‌نى كۆپلىگە‌ن ئۇ‌سۇ‌للاردا قىلىۋاتىدۇ،‏ لېكىن بىز پە‌قە‌ت بىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ بۇ 2016—‏2018-‏يىللىرى ئۆتكۈزۈلگە‌ن چوڭ يىغىلىشلار.‏ بۇ چوڭ يىغىلىشلاردا ئالغان تە‌لىملە‌ر بىزنى يە‌ھۋانىڭ كۈنى كە‌لگە‌ندە سادىق بولۇ‌پ قېلىش ئۈچۈن كېرە‌كلىك پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلدى.‏ بۇ پە‌زىلە‌تلە‌رنىڭ بىرنە‌چچىسىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

ساداقە‌تمە‌نلىك،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت ۋە جاسارىتىڭىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ڭ

‏«دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت»تىن ئامان قېلىش ئۈچۈن،‏ ھازىرنىڭ ئۆزىدە تە‌ييارلىق قىلىڭ (‏13—‏16-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ h

13.‏ ساداقە‌تمە‌نلىكىمىزنى قانداق مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىسە‌ك بولىدۇ ۋە بۇ‌نى ھازىرنىڭ ئۆزىدە قىلىش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

13 ساداقە‌تمە‌نلىك.‏ 2016-‏يىلنىڭ ئۈچ كۈنلۈك چوڭ يىغىلىشنىڭ نامى «يە‌ھۋا خۇ‌داغا ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاڭ!‏» دە‌پ ئاتالغان.‏ بۇ چوڭ يىغىلىشتا بىلىۋالغىنىمىزدە‌ك،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولساق،‏ ئۇ‌نىڭغا سادىق بولۇ‌پ قالالايمىز.‏ چوڭ يىغىلىشىدا پروگراممىسى چىن يۈرە‌كتىن دۇ‌ئا قىلىش ۋە خۇ‌دا سۆزىنى پۇ‌ختا تە‌تقىق قىلىش ئارقىلىق،‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولالايدىغانلىقىمىزنى ئېسىمىزگە سالغان.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ ھە‌تتا ئە‌ڭ ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرە‌لە‌يمىز.‏ شە‌يتاننىڭ دۇ‌نياسىنىڭ ئاخىرى يېقىنلاشقانسېرى،‏ خۇ‌داغا ۋە ئۇ‌نىڭ پادىشاھلىقىغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكىمىز تېخىمۇ كۆپ سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىدۇ.‏ ئادە‌ملە‌ر شۇ چاغدىمۇ بىزنى داۋاملىق مە‌سخىرە قىلىشى مۇ‌مكىن (‏2-‏پېتر.‏ 3:‏3،‏ 4‏)‏.‏ بۇ‌نىڭ بىر سە‌ۋە‌بى —‏ بىزنىڭ بىتە‌رە‌پلىكنى ساقلاپ،‏ شە‌يتانىڭ دۇ‌نياسىنى قوللىمىغانلىقىمىزدۇ‌ر.‏ دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تتە سادىق بولۇ‌پ قېلىش ئۈچۈن،‏ ساداقە‌تمە‌نلىكىمىزنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ش ناھايىتى مۇ‌ھىم.‏

14.‏ (‏1)‏ يە‌ردە رە‌ھبە‌رلىك قىلىشتا قانداق بىر ئۆزگىرىش بولىدۇ؟‏ (‏2)‏ شۇ چاغدا بىز نېمە سە‌ۋە‌بتىن سادىق بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

14 دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت مە‌زگىلىدە،‏ يە‌ردە يېتە‌كچىلىك قىلىدىغانلاردا بىر ئۆزگىرىش بولىدۇ.‏ بە‌لگە‌نگە‌ن ۋاقىت كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ر يۈزىدىكى بارلىق مە‌سىھ قىلىنغان ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدۇ (‏مە‌تتا 24:‏31؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 2:‏26،‏ 27‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ شۇ چاغدا يە‌ر يۈزىدە يېتە‌كچى كېڭە‌ش بولمايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ زور بىر توپ خالايىقنىڭ ئارىسىدا تە‌رتىپ ھۆكۈم سۈرىدۇ.‏ باشقا قويلاردىن چىققان لايە‌قە‌تلىك بۇ‌رادە‌رلە‌ر يېتە‌كچىلىكنى ئۆز قولىغا ئالىدۇ.‏ بۇ بۇ‌رادە‌رلە‌رنى قوللاش ۋە خۇ‌دا ئۇ‌لار ئارقىلىق بېرىدىغان يول-‏يورۇ‌ققا بويسۇ‌نۇ‌ش ئارقىلىق ساداقە‌تمە‌نلىكىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏ بىزنىڭ ئامان قېلىشىمىز ئىتائە‌تچان بولۇ‌پ قېلىشىمىزغا باغلىق!‏

15.‏ ساداقە‌تمە‌نلىكىمىزنى قانداق مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىيە‌لە‌يمىز ۋە بۇ نېمە ئۈچۈن ھازىرنىڭ ئۆزىدە مۇ‌ھىم؟‏

15 سە‌ۋر-‏تاقە‌ت.‏ 2017-‏يىلدىكى ئۈچ كۈنلۈك چوڭ يىغىلىشنىڭ نامى «ھە‌رگىز ۋاز كە‌چمە‌يلى!‏» دە‌پ ئاتالغان.‏ بۇ يىغىلىشنىڭ پروگراممىسى سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشنى ئۆگىنىشىمىزگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ مە‌يلى بىز قانداق ۋە‌زىيە‌تتە بولايلى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا تايىنىش ئارقىلىق سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولالايدىغانلىقىمىزنى بىلىۋالغان ئىدۇ‌ق (‏رىملىقلار 12:‏12‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ ‏«ئاخىرغىچە بە‌رداشلىق بە‌رگە‌نلە‌ر قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لىدۇ» دېگە‌ن ۋە‌دىسىنى ھېچقاچان ئۇ‌نتۇ‌مايلى (‏مە‌تتا 24:‏13‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشىمىزدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ساداقە‌تمە‌ن بولۇ‌پ قېلىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر بۇ قىيىنچىلىقلارغا ھازىر بە‌رداشلىق بە‌رسە‌ك،‏ دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت باشلانغىچە،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچە‌يتە‌لە‌يمىز.‏

16.‏ جاسارە‌تلىك بولۇ‌شىمىز نېمىگە باغلىق؟‏ جاسارىتىمىزنى ھازىر قانداق مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىيە‌لە‌يمىز؟‏

16 جاسارە‌ت.‏ 2018-‏يىلدىكى ئۈچ كۈنلۈك چوڭ يىغىلىشىنىڭ نامى «جاسارە‌تلىك بول!‏» دە‌پ ئاتالغان.‏ بۇ يىغىلىشتىكى نۇ‌تۇ‌قلار جاسارە‌تلىك بولۇ‌ش قابىلىيىتىمىزگە ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا تايىنىشىمىزغا باغلىق ئىكە‌نلىكىنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌شقا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ھە‌ر كۈنى ئوقۇ‌ش ۋە خۇ‌دانىڭ ئۆز خە‌لقىنى ئۆتمۈشتە قانداق قۇ‌تقۇ‌زغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش ئارقىلىق ئۇ‌نىڭغا كۆپرە‌ك تايىنىشنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز (‏زە‌بۇ‌ر 68:‏20؛‏ 2-‏پېتر.‏ 2:‏9‏)‏.‏ دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت پە‌يتىدە،‏ دۆلە‌ت رە‌ھبە‌رلىرى بىزگە ھۇ‌جۇ‌م قىلغاندا،‏ بىز جاسارە‌تلىك بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۋاغا ھە‌رقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بە‌كرە‌ك ئىشە‌نچىمىز كامىل بولۇ‌شى كېرە‌ك (‏زە‌بۇ‌ر 112:‏7،‏ 8؛‏ ئىبرانىي.‏ 13:‏6‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋاغا ھازىرنىڭ ئۆزىدە تايانساق،‏ دۆلە‌ت رە‌ھبە‌رلىرى بىزگە قارشى چىققاندا،‏ جاسارە‌تلىك بولالايمىز.‏ e

قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌ش ۋاقتىنى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتۈڭ!‏

ئە‌يسا مە‌سىھ بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ ئاسماندىكى قوشۇ‌نلىرى ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىدا خۇ‌دانىڭ دۈشمە‌نلىرىنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئاق ئاتلارنى چاپتۇ‌رۇ‌پ كېلىۋاتىدۇ (‏17-‏ئابزاسىغا قاراڭ)‏

17.‏ بىز نېمە ئۈچۈن ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىدىن قورقماسلىقىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

17 ئالدىنقى ماقالىدە ئېيتىلغاندە‌ك،‏ نۇ‌رغۇ‌نلىرىمىز ئاخىر زامان كۈنلىرىدە ھايات كە‌چۈرۈۋاتىمىز.‏ ئە‌مما،‏ بىزنىڭ دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تتىن ئامان قېلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.‏ بىز بۇ دۇ‌نيا تۈزۈمىنىڭ ئاخىرى ئە‌ۋجىگە چىقاندا بولىدىغان ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىنىمۇ ئۆز كۆزۈمىز بىلە‌ن كۆرىمىز.‏ لېكىن،‏ بۇ ئۇ‌رۇ‌شتا بىز ئە‌مە‌س،‏ خۇ‌دانىڭ ئۆزى جە‌ڭ قىلىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ قورقۇ‌شىمىزنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق (‏پە‌ند.‏ نە 1:‏33؛‏ ھە‌زە‌ك.‏ 38:‏18—‏20؛‏ زە‌كە‌رىيا 14:‏3‏)‏.‏ يە‌ھۋا بۇ‌يرۇ‌ق بە‌رگە‌ندە،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ تىرىلىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگە‌ن مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار بىلە‌ن مىليونلىغان پە‌رىشتىلە‌ردىن تە‌شكىللە‌نگە‌ن خۇ‌دانىڭ قوشۇ‌نلىرىنى جە‌ڭگە باشلايدۇ.‏ ئۇ‌لار بىرلىكتە شە‌يتان،‏ ئۇ‌نىڭ جىنلىرى ۋە يە‌ردىكى قوشۇ‌نلىرىغا قارشى جە‌ڭ قىلىدۇ.‏—‏دانىيال 12:‏1؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 6:‏2؛‏ 17:‏14‏.‏

18.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا نېمىنى ۋە‌دە قىلغان؟‏ (‏2)‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 7:‏9،‏ 13—‏17-‏ئايە‌تلە‌ردىكى سۆزلە‌ر سىزنى كېلە‌چە‌ك ھە‌ققىدە نېمىگە ئىشە‌ندۈرىدۇ؟‏

18 يە‌ھۋا مۇ‌نداق ۋە‌دە بە‌رگە‌ن:‏ «ساڭا ھۇ‌جۇ‌م قىلىش ئۈچۈن ياسالغان ھە‌رقانداق قورال غە‌لبە قىلالمايدۇ» (‏يە‌شايا 54:‏17‏)‏.‏ خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىدىغان «زور بىر توپ خالايىق» «دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تتىن» ئامان قېلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رىدۇ ‏(‏ۋە‌ھىيلە‌ر 7:‏9،‏ 13—‏17-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب خۇ‌دانىڭ ئۆزىگە سادىق بولغانلارنى قوغدايدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 31:‏23‏)‏.‏ يە‌ھۋانى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۇ‌نىڭغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرۈشنى خالايدىغانلارنىڭ ھە‌ممىسى ئۇ‌نىڭ ئۆز مۇ‌قە‌ددە‌س ئىسىمىنى ئۇ‌لۇ‌غلىغانلىقىنى كۆرۈپ،‏ ناھايىتى خۇ‌شال بولىدۇ.‏—‏ھە‌زە‌ك.‏ 38:‏23‏.‏

19.‏ بىزدە قانداق ئاجايىپ ئۈمىد بار؟‏

19 قانداق ئويلايسىز،‏ ئە‌گە‌ر 2-‏تىموتىي 3:‏2—‏5-‏ئايە‌تلە‌ردە تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن ئادە‌ملە‌ر يېڭى دۇ‌نيادا يە‌نە قايتا شە‌يتاننىڭ تە‌سىرىگە ئۇ‌چرىمىسا،‏ ئايە‌تلە‌ر باشقىچە قانداق يېزىلاتتى؟‏ (‏«‏ يېڭى دۇ‌نيادىكى ئادە‌ملە‌ر‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ)‏.‏ يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ ئە‌زاسى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغان جورج گانگاس f بۇ‌رادە‌ر بۇ‌نى شۇ‌نداق تە‌سۋىرلىگە‌ن:‏ «ئادە‌ملە‌رنىڭ ھە‌ممىسى ئۆز-‏ئارا قېرىنداش بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلغاندا،‏ دۇ‌نيانىڭ ئاجايىپ بىر گۈزە‌ل جاي بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭە!‏ پات-‏ئارىدا سىز يېڭى دۇ‌نيادا ياشاش پۇ‌رسىتىگە ئىگە بولىسىز.‏ ھاياتىڭىز يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ھاياتىدە‌ك ئۇ‌زاق بولىدۇ.‏ شۇ‌نداق،‏ بىز مە‌ڭگۈ ياشىيالايمىز».‏ بۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن ئاجايىپ ئۈمىدتۇ‌ر!‏

32-‏ناخشا تە‌ۋرە‌نمە‌ي چىڭ تۇ‌رايلى!‏

a يېقىن-‏ئارىدا ئىنسانىيە‌ت «دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تكە» دۇ‌چ كېلىدۇ.‏ شۇ چاغدا،‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى قانداق ئە‌ھۋالدا بولىدۇ ۋە ئۇ بىزنىڭ نېمە قىلىشىمىزنى كۈتىدۇ؟‏ شۇ بالايىئاپە‌ت پە‌يتىدە ساداقە‌تمە‌نلىكىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھازىرنىڭ ئۆزىدە قانداق پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرە‌ك؟‏ بۇ سوئاللارغا بىرلىكتە جاۋاب تاپايلى.‏

b سۆز-‏ئىبارە مە‌نىسى:‏ خرىستىئان دۇ‌نياسى —‏ ئۆزىنى ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى،‏ دە‌پ ئاتىۋالغان،‏ لېكىن باشقىلارغا يە‌ھۋانىڭ تە‌لە‌پ-‏ئۆلچە‌ملىرى بويىچە ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىشنى ئۆگە‌تمە‌يدىغان دىنلاردۇ‌ر.‏

c سۆز-‏ئىبارە مە‌نىسى:‏ «‏ماگوگ زېمىنىدىن بولغان گوگ» دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تتە يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرىگە قارشى چىقىدىغان دۆلە‌تلە‌ر ئىتتىپاقىنى بىلدۈرىدۇ.‏

d ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىنىڭ ئالدىدا بولىدىغان ۋە‌قە‌لە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك بىلىش ئۈچۈن «خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا» (‏باشقا تىل)‏ كىتابىنىڭ 21-‏بابىغا قاراڭ.‏ يە‌جۈج بىلە‌ن مە‌جۈجنىڭ ھۇ‌جۇ‌مى ۋە يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئۆز خە‌لقىنى قانداق ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى تە‌پسىلىيرە‌ك بىلىش ئۈچۈن «كۈزىتىش مۇ‌نارى» (‏باشقا تىل)‏ 2015-‏يىل،‏ 15-‏ئىيۇ‌ل سانى 14—‏19-‏بە‌تلىرىگە قاراڭ.‏

e ‏2019-‏يىلدىكى ئۈچ كۈنلۈك چوڭ يىغىلىشىنىڭ نامى «مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت مە‌ڭگۈ داۋاملىشىدۇ» دە‌پ ئاتالغان.‏ بۇ يىغىلىشنىڭ پروگراممىسى بىزنى يە‌ھۋانىڭ قانىتى ئاستىدا بىخە‌تە‌ر ئىكە‌نلىكىمىزگە ئىشە‌ندۈرگە‌نىدى.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 13:‏8‏.‏

f ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» 1994-‏يىل،‏ 1-‏دېكابىر سانىدىكى «‏ئۇ‌نىڭ ئىشلىرى ئۇ‌نىڭ بىللە ماڭىدۇ‏» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.‏

g سۈرە‌تلە‌ردە:‏ دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت مە‌زگىلىدە،‏ گۇ‌ۋاھچىلارنىڭ كىچىك بىر توپى جاسارە‌تلىك بولۇ‌پ،‏ جامائە‌ت يىغىلىشىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئورمانلىقتا جە‌م بولدى.‏

h سۈرە‌تلە‌ردە:‏ خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىدىن تە‌ركىپ تاپقان زور بىر توپ خالايىق دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تتىن ئامان قېلىپ،‏ خۇ‌شال بولۇ‌ۋاتىدۇ.‏