مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

43-‏تە‌تقىق ماقالىسى

پە‌قە‌ت يە‌ھۋاغىلا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاڭ

پە‌قە‌ت يە‌ھۋاغىلا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاڭ

‏«مە‌ن خۇ‌دايىڭ يە‌ھۋا،‏ مۇ‌تلە‌ق ساداقە‌تنى تە‌لە‌پ قىلىدىغان خۇ‌دادۇ‌رمە‌ن».‏‏—‏چىق.‏ 20:‏5‏.‏

7-‏ناخشا يە‌ھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلاش

بۇ ماقالىدە a

1.‏ نېمە ئۈچۈن پە‌قە‌ت يە‌ھۋا خۇ‌دالا ئىبادە‌ت قىلىشىمىزغا لايىق؟‏

 يە‌ھۋا خۇ‌دا ياراتقۇ‌چىمىز ۋە ھايات مە‌نبە‌سى بولغاچ،‏ پە‌قە‌ت ئۇ ئىبادە‌ت قىلىشىمىزغا لايىق (‏ۋە‌ھىي.‏ 4:‏11‏)‏.‏ لېكىن،‏ بىز پە‌خە‌س بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك:‏ يە‌ھۋانى ھۆرمە‌تلىسە‌ك ۋە ئۇ‌نى ياخشى كۆرسە‌كمۇ،‏ ھاياتىمىزدا باشقا نە‌رسىلە‌رنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌ش،‏ يە‌ھۋاغا پۈتۈنلە‌ي ئۆزىمىزنى بېغىشلاپ،‏ ئۇ‌نىڭغا مۇ‌تلە‌ق ۋاپادار بولۇ‌پ قېلىشىمىزغا توسالغۇ‌لۇ‌ق قىلالايدۇ.‏ شۇ‌نداق ئە‌ھۋالغا قانداق چۈشۈپ قېلىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏ ئاۋۋال،‏ پە‌قە‌ت يە‌ھۋاغىلا ئىبادە‌ت قىلىش نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلىۋالايلى.‏

2.‏ چىقىش 34:‏14-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ بىز يە‌ھۋا خۇ‌داغا پۈتۈنلە‌ي ئۆزىمىزنى بېغىشلىساق،‏ نېمە قىلىمىز؟‏

2 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغاندە‌ك،‏ يە‌ھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلاش ئۇ‌نى پۈتۈن ۋۇ‌جۇ‌دى بىلە‌ن سۆيۈشنى بىلدۈرىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌نىڭغا پۈتۈنلە‌ي ئۆزىمىزنى بېغىشلىساق،‏ بىز پە‌قە‌ت يە‌ھۋا خۇ‌داغىلا ئىبادە‌ت قىلىمىز.‏ بىز يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ يۈرىكىمىزدىكى ئورنىنى ھېچكىمنىڭ ياكى ھېچنە‌رسىنىڭ ئېگە‌للىشىگە يول قويمايمىز‏.‏—‏چىقىش 34:‏14-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

3.‏ نېمە ئۈچۈن بىز يە‌ھۋاغا ئۆزىمىزنى قارىغۇ‌لارچە بېغىشلىمايمىز؟‏

3 بىز يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئۆزىمىزنى قارغۇ‌لارچە بېغىشلىمايمىز.‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان ۋاپادارلىقىمىز پە‌قە‌ت ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لارغا ئە‌مە‌س،‏ خۇ‌دا توغرۇ‌لۇ‌ق ئالغان بىلىمىمىزگە ئاساسلانغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىزنى يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرى زوقلاندۇ‌رىدۇ ۋە بىز ئۇ‌نىڭ نېمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە نېمىدىن نە‌پرە‌تلىنىدىغانلىقىنى بىلىمىز.‏ بىز ئۇ‌نىڭ ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن قىلغان ئىرادىسىنى چۈشىنىمىز ۋە ئىرادىسىنى چىن يۈرە‌كتىن قوللايمىز.‏ شۇ‌نداقلا بىزگە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن دوست بولۇ‌ش پۇ‌رسىتىنى بە‌رگە‌نلىكىنى بە‌كمۇ قە‌دىرلە‌يمىز (‏زە‌بۇ‌ر 25:‏14‏)‏.‏ ھە‌ر قېتىم ياراتقۇ‌چىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق يېڭى بىر نە‌رسىنى ئۆگىنىش بىزنى ئۇ‌نىڭغا يېقىنلاشتۇ‌رىدۇ.‏—‏ياقۇ‌پ 4:‏8‏.‏

4.‏ (‏1)‏ شە‌يتان بىزنىڭ يە‌ھۋاغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى قانداق سوۋۇ‌تماقچى؟‏ (‏2)‏ بۇ ماقالىدىن نېمىنى بىلىۋالىمىز؟‏

4 بۇ دۇ‌نيانى شە‌يتان باشقۇ‌رىۋاتىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ بۇ دۇ‌نيانىڭ ياردىمى بىلە‌ن تە‌بىئىي ئىنسانىي ئارزۇ-‏ئىستە‌كلىرىمىزنى ۋە جىسمانىي ئاجىزلىقلىرىمىزدىن پايدىلىنىدۇ (‏ئە‌فە‌س.‏ 2:‏1—‏3؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏19‏)‏.‏ شە‌يتاننىڭ مە‌قسىتى —‏ قە‌لبىمىزدە بۆلۈنۈش پە‌يدا قىلىش،‏ شۇ‌نداق بولغاندا بىز پە‌قە‌ت يە‌ھۋا خۇ‌دانىلا ئە‌مە‌س،‏ باشقا نە‌رسىلە‌رنىمۇ ياخشى كۆرىمىز.‏ شە‌يتان مە‌قسىتىگە يېتىش ئۈچۈن قانداق ئىككى ئۇ‌سۇ‌لنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلىۋالايلى.‏ بىرىنچىسى،‏ ئۇ بىزنىڭ پۇ‌لپە‌رە‌س بولۇ‌شىمىزنى ۋە ئىككىنچىسى،‏ يامان ئويۇ‌ن-‏تاماشا تۈرلىرىنى تاللىشىمىزنى خالايدۇ.‏

پۇ‌لپە‌رە‌سلىكتىن نېرى تۇ‌رۇ‌ڭ

5.‏ نېمە ئۈچۈن پۇ‌لپە‌رە‌سلىكتىن نېرى تۇ‌رىشىمىز كېرە‌ك؟‏

5 يە‌يدىغان تاماق،‏ كىيىدىغان كىيىم ۋە تۇ‌رىدىغان جايغا ئىگە بولۇ‌ش —‏ تە‌بىئىي ئارزۇ-‏ئىسە‌كتۇ‌ر.‏ ئە‌مما،‏ بىز پۇ‌لپە‌رە‌س بولۇ‌پ كېتىشتىن پە‌خە‌س بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ بۈگۈنكى كۈندە نۇ‌رغۇ‌نلىغان ئادە‌ملە‌ر «پۇ‌لپە‌رە‌س»،‏ ئۇ‌لار پۇ‌ل خە‌جلە‌شنى ياخشى كۆرىدۇ (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏2‏)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ شاگىرتلىرىنى بايلىقنى ياخشى كۆرۈشتىن ئاگاھلاندۇ‌رغان.‏ ئە‌يسا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ھېچكىم ئىككى خۇ‌جايىنغا قۇ‌للۇ‌ق قىلالماس.‏ ئۇ ياكى بىرىدىن نە‌پرە‌تلىنىپ،‏ ئىككىنچىسىنى سۆيىدۇ،‏ ياكى بىرىگە سادىق بولۇ‌پ،‏ ئىككىنچىسىگە سە‌ل قارايدۇ.‏ سىلە‌ر ھە‌م خۇ‌دانىڭ،‏ ھە‌م بايلىقنىڭ قۇ‌لى بولالمايسىلە‌ر» (‏مە‌تتا 6:‏24‏)‏.‏ بىر ئادە‌م خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىسى بولۇ‌پ تۇ‌رۇ‌پ،‏ بايلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن كۆپ كۈچى ۋە ۋاقتىنى سە‌رپ قىلسا،‏ ئۇ ئىككى خۇ‌جايىنغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن تىرىشقانغا ئوخشاش بولىدۇ.‏ شۇ‌نداق ئادە‌منى يە‌ھۋاغا پۈتۈنلە‌ي ئۆزىنى بېغىشلىغان دە‌پ ئېيتالمايمىز.‏

‏… يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يسا ئۇ‌لارغا قانداق قارىغان (‏6-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

6.‏ ئە‌يسانىڭ لائودىكىيا شە‌ھىرىدىكى جامائە‌تكە يازغان سۆزلىرىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏

6 لائودىكىيا شە‌ھىرىدىكى بە‌زى قېرىنداشلار:‏ «مە‌ن باي،‏ باي بولدۇ‌م ۋە ھېچنە‌رسىگە موھتاج ئە‌مە‌سمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ ماختانغان.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇ‌لار ئە‌سلى «ئېچىنارلىق،‏ بىچارە،‏ نامرات،‏ قارىغۇ ۋە يالىڭاچ» بولغان ئىدى.‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارنىڭ باي بولغانلىقىنى ئە‌مە‌س،‏ بايلىقنى ياخشى كۆرگە‌نلىكى يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىنى ۋە‌يران قىلغانلىقى سە‌ۋە‌بلىك،‏ ئۇ‌لارغا نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن (‏ۋە‌ھىي.‏ 3:‏14—‏17‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر يۈرىكىمىزدە بايلىقنى سۆيۈش ئارزۇ‌سى پە‌يدا بولۇ‌شقا باشلىغانلىقىنى بايقىساق،‏ ئۇ‌نىڭ يىلتىز تارتىشىغا يول بە‌رمە‌ي،‏ كۆز قارىشىمىزنى ئۆزگە‌رتىشكە دە‌رھال ھە‌رىكە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك (‏1-‏تىموت.‏ 6:‏7،‏ 8‏)‏.‏ كۆز قارىشىمىزنى ئۆزگە‌رتمىسە‌ك،‏ قە‌لبىمىز بۆلۈنۈپ كېتىپ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا قىلغان ئىبادىتىمىزنى،‏ ئۇ قوبۇ‌ل قىلمايدۇ.‏ ئۇ بىزنىڭ ئۇ‌نى ‹پۈتۈن قە‌لب› بىلە‌ن سۆيۈشىمىزنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ (‏ماركۇ‌س 12:‏30‏)‏.‏ پۇ‌ل قانداق قىلىپ ھاياتىمىزدا ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئورۇ‌ندا بولۇ‌پ قېلىشى مۇ‌مكىن؟‏

7—‏9.‏ دېيۋىد ئىسىملىك ئاقساقالنىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالدىڭىز؟‏

7 قوشما شتاتلاردا ياشايدىغان دېيۋىد ئىسىملىك تىرىشچان ئاقساقالنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ دېيۋىدنىڭ ئېيتىشىچە،‏ ئۇ شىركىتىدە تە‌ر تۆكۈپ ئىشلىگە‌ن.‏ كېيىنرە‌ك،‏ ئۇ شۇ شىركە‌تتە ياخشىراق ئورۇ‌نغا ئېرىشىپ،‏ كۆپرە‌ك مائاش ئېلىشقا باشلاپ،‏ ھە‌تتا ئۆز دۆلىتىدە مە‌شھۇ‌ر مۇ‌تە‌خە‌سسىس نامىغا ئىگە بولغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «شۇ چاغدا مە‌ن بۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ بە‌رىكىتى،‏ دە‌پ ئويلىغان».‏ لېكىن،‏ بۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن شۇ‌نداق بولغانمۇ؟‏

8 بارا-‏بارا دېيۋىد ئۇ‌نىڭ ئىشى يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىگە زىيان كە‌لتۈرۈۋاتقانلىقىنى بايقىغان.‏ ئۇ:‏ «مە‌ن جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا ۋە ھە‌تتا ۋە‌ز خىزمىتىدە،‏ ئىشتىكى قىيىنچىلىقلارنى ئويلاپ يۈرە‌تتىم.‏ مە‌ن كۆپ پۇ‌ل تاپساممۇ،‏ ھە‌ر كۈنى قاتتىق بېسىمغا دۇ‌چ كېلە‌تتىم ۋە ئۆيدىمۇ قىيىنچىلىقلار پە‌يدا بولۇ‌شقا باشلىدى»،‏—‏ دېگە‌ن.‏

9 دېيۋىد ھاياتىدا نېمىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شنى قارار قىلىشى كېرە‌كلىكىنى چۈشە‌نگە‌ن ئىدى.‏ ئۇ:‏ «ھاياتىمدا ئۆزگىرىشلە‌رنى قىلىشقا قە‌تئىي قارار قىلدىم»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ دېيۋىد ئىش ۋاقتىنى ئۆزگە‌رتمە‌كچى بولۇ‌پ،‏ بۇ‌نى باشلىقىغا ئېيتقان.‏ نە‌تىجىدە ئۇ ئىشتىن بوشىتىلغانىدى.‏ شۇ چاغدا دېيۋىد نېمە قىلغان؟‏ «ئە‌تىسى مە‌ن ئۇ‌زۇ‌ن مۇ‌ددە‌ت ياردە‌مچى پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن ئىلتىماس يازدىم»،‏—‏ دە‌يدۇ ئۇ.‏ دېيۋىد بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ ئايالى جان بېقىش ئۈچۈن بېنالارنى يۇ‌يۇ‌پ-‏تازىلىغان.‏ بىراز ۋاقىت ئۆتۈپ دېيۋىد پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى خىزمە‌ت قىلىشنى باشلىغان ۋە كېيىنرە‌ك ئايالىمۇ ئۇ‌نىڭغا قوشۇ‌لغان.‏ بۇ ئە‌ر-‏ئايال باشقىلار تۆۋە‌ن كۆرۈپ قىلىشنى خالىمىغان ئىشنى قىلغان.‏ ئۇ‌لار ئۈچۈن ئۇ ئىش ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئە‌مە‌س ئىدى.‏ ئۇ‌لارنىڭ تاپاۋىتى بۇ‌رۇ‌نقىغا قارىغاندا ئون ھە‌سسە ئازلاپ كە‌تكە‌ن بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لاردا زۆرۈر نە‌رسىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى بولغان.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانى ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شنى خالىغان.‏ دېيۋىد بىلە‌ن ئايالى يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويغان كىشىلە‌رگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگە‌ن.‏—‏مە‌تتا 6:‏31—‏33‏.‏

10.‏ قە‌لبىمىزنى قانداق قوغدىيالايمىز؟‏

10 پۇ‌لۇ‌مىز مە‌يلى كۆپ ياكى ئاز بولسۇ‌ن،‏ بىز ئۆز قە‌لبىمىزنى قوغدىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ‌نى قانداق قىلالايمىز؟‏ قە‌لبىڭىزدە پۇ‌لغا بولغان سۆيگۈنىڭ پە‌يدا بولۇ‌شىغا يول بە‌رمە‌ڭ ۋە ئىشىڭىزنى يە‌ھۋا خۇ‌داغا بولغان خىزمە‌تتىن ئۈستۈن قويماڭ.‏ بۇ تۇ‌زاققا چۈشۈپ قالغان-‏قالمىغانلىقىڭىزنى قانداق بىلە‌لە‌يسىز؟‏ ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق،‏ دە‌پ سوراپ كۆرۈڭ:‏ «جامائە‌ت يىغىلىشىدا ياكى ۋە‌ز خىزمىتىدە ئىشىم توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپ ئويلايمە‌نمۇ؟‏ كېلە‌چە‌كتە پۇ‌لۇ‌م بولماي قالسا،‏ دە‌پ پات-‏پات ئە‌نسىرە‌يمە‌نمۇ؟‏ ئائىلە‌مدە قىيىنچىلىقلارنىڭ پە‌يدا بولۇ‌شىغا پۇ‌ل ۋە مال-‏مۈلۈكلە‌ر سە‌ۋە‌ب بولۇ‌ۋاتامدۇ؟‏ مە‌ن يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۆۋە‌ن سانالغان ئىشنى قىلىشقا تە‌ييارمۇ؟‏» (‏1-‏تىموت.‏ 6:‏9—‏12‏)‏.‏ بۇ سوئاللار توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىغاندا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ بىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە ئۆز سادىق خىزمە‌تچىلىرىگە مۇ‌نداق ۋە‌دە بە‌رگە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌مايلى:‏ «سە‌ندىن ئە‌سلا ئايرىلمايمە‌ن،‏ سېنى ئە‌سلا تاشلىمايمە‌ن».‏ بۇ‌نى بىلگە‌چكە،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س مۇ‌نداق يازغان:‏ «پۇ‌لپە‌رە‌سلىكتىن خالىي ياشاڭلار».‏—‏ئىبرانىي.‏ 13:‏5،‏ 6‏.‏

ئويۇ‌ن-‏تاماشىنى تاللىغاندا پە‌خە‌س بولۇ‌ڭ

11.‏ ئويۇ‌ن-‏تاماشىلار ئادە‌مگە قانداق تە‌سىر قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

11 يە‌ھۋا خۇ‌دا خۇ‌شال بولۇ‌شىمىزنى خالايدۇ ۋە بىز ئويۇ‌ن-‏تاماشىلاردىن خۇ‌شاللىق تاپالايمىز.‏ خۇ‌دا سۆزىدە:‏ «ئىنسان ئۈچۈن يە‌پ-‏ئىچىپ،‏ قىلغان ئە‌جىر-‏مېھنىتىدىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىشتىن ئارتۇ‌ق ياخشى ئىش يوق»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏ۋە‌ز 2:‏24‏)‏.‏ بىراق،‏ بۇ دۇ‌نيادىكى ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنىڭ تە‌ڭدىن تولىسى بىزگە يامان تە‌سىر قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار تۈپە‌يلىدىن ئادە‌ملە‌رنىڭ ئە‌خلاق ئۆلچە‌ملىرى تۆۋە‌نلە‌پ،‏ كىشىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مە‌نئىي قىلىنغان نە‌رسىلە‌رگە كۆز يۇ‌مۇ‌شقا ۋە ھە‌تتا شۇ ئىشلارنى ياخشى كۆرۈشكە باشلايدۇ.‏

سىز ئۈچۈن ئويۇ‌ن-‏تاماشىنى كىم تە‌ييارلايدۇ؟‏ (‏11—‏14-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ b

12.‏ 1-‏كورىنتلىقلار 10:‏21،‏ 22-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ نېمە ئۈچۈن ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللىغاندا پە‌خە‌س بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

12 بىز پە‌قە‌ت يە‌ھۋا خۇ‌داغىلا پۈتۈنلە‌ي ئۆزىمىزنى بېغىشلاشنى خالىغاچ،‏ «ھە‌م يە‌ھۋانىڭ داستىخىنىدىن،‏ ھە‌م جىنلارنىڭ داستىخىنىدىن» يېيە‌لمە‌يمىز ‏(‏1-‏كورىنتلىقلار 10:‏21،‏ 22-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئادە‌تتە تاماقنى دوستلىرىمىز بىلە‌ن بىللە يېيىشنى ياخشى كۆرىمىز.‏ ئە‌گە‌ر بىز تاللىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلاردا زوراۋانلىق،‏ جىنكە‌شلىك ۋە ئە‌خلاقسىزلىق بولسا ۋە بۇ تە‌ن ھە‌ۋە‌سلىرىمىزنى قوزغاتسا،‏ بىز خۇ‌ددى يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ دۈشمە‌نلىرى تە‌ييارلىغان تاماقنى يە‌پ،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن ھە‌مداستىخان بولغانغا باراۋە‌ر.‏ نە‌تىجىدە،‏ بىز ئۆزۈمىزگىمۇ ۋە يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزگىمۇ زىيان يە‌تكۈزىمىز.‏

13،‏ 14.‏ ياقۇ‌پ 1:‏14،‏ 15-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللىغاندا نېمە ئۈچۈن پە‌خە‌س بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

13 ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاماق بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا بولىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ تاماق يېگە‌ندە ئاغزىمىزغا نېمە سېلىشنى ئۆزۈمىز تاللايمىز.‏ بىراق،‏ تاماق ئاشقازىنىمىزغا چۈشكە‌ندىن كېيىن،‏ ھە‌زىم قىلىش جە‌ريانى باشلىنىپ،‏ ئوزۇ‌قلۇ‌ق ماددىلار ئاخىرى تېنىمىزگە سىڭىدۇ.‏ توغرا تاماقلىنىش —‏ سالامە‌تلىكنىڭ كاپالىتى،‏ بىراق غىزالىنىش قائىدىلىرىنى كۆزگە ئىلماسلىق ئاغرىققا سە‌ۋە‌ب بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بۇ‌نىڭ نە‌تىجىسى تىزلا بايقالمىسىمۇ،‏ لېكىن ۋاقىت ئۆتۈپ چوقۇ‌م ئېنىق كۆرۈنىدۇ.‏

14 شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللىغاندا بىز ئە‌قلىمىزگە نېمىلە‌رنى قۇ‌يۇ‌شنى ئۆزۈمىز قارار قىلىمىز.‏ لېكىن،‏ بىز تاللىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشا ئوي-‏پىكىرلىرىمىز ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزغا تە‌سىر قىلىدۇ.‏ ياخشى ئويۇ‌ن-‏تاماشا بىزگە پايدا ئە‌كېلىدۇ،‏ يامان ئويۇ‌ن-‏تاماشا زىيان كە‌لتۈرىدۇ ‏(‏ياقۇ‌پ 1:‏14،‏ 15-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىز يامان ئويۇ‌ن-‏تاماشىنىڭ سە‌لبىي تە‌سىرىنى دە‌رھاللا بايقىماسلىقىمىز مۇ‌مكىن،‏ ئە‌مما ۋاقىت ئۆتۈپ ئۇ كە‌لتۈرگە‌ن زىيان چوقۇ‌م ئېنىق كۆرۈنىدۇ.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى:‏ «ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار:‏ خۇ‌دا ئۆزىنى مە‌سخىرە قىلىشقا يول قويمايدۇ.‏ كىم نېمە تېرىسا،‏ شۇ‌نى يىغىدۇ.‏ كىم ئۆز تېنىگە تېرىسا،‏ تېنىدىن چىرىكلىكنى يىغىدۇ»،‏—‏ دە‌پ ئاگاھلاندۇ‌رماقتا (‏گالاتىيا.‏ 6:‏7،‏ 8‏)‏.‏ دە‌رھە‌قىقە‌ت،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆچ كۆرىدىغان نە‌رسىلە‌رنى ياخشى،‏ دە‌پ كۆرسىتىدىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىنىڭ ھە‌ممە تۈرلىرىنى رە‌ت قىلىش ئىنتايىن مۇ‌ھىم!‏—‏زە‌بۇ‌ر 97:‏10‏.‏

15.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزگە قانداق سوۋغات بە‌ردى؟‏

15 نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلار JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسىنى كۆرۈشتىن كۆپ پايدا ئالىدۇ.‏ مېرىلىن ئىسىملىك قېرىندىشىمىز مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسى خۇ‌شاللىقنى ساقلىشىمغا ياردە‌م بېرىدۇ ۋە مە‌ن يامان بىر نە‌رسە چىقىپ قالامدۇ،‏ دە‌پ قورقماستىن،‏ بە‌لكى ھە‌ممىنى خاتىرجە‌م كۆرە‌لە‌يمە‌ن.‏ ئۆزۈمنى يالغۇ‌ز ھېس قىلغاندا ياكى كۆڭلۈم يېرىم بولغاندا،‏ مە‌ن بىر نۇ‌تۇ‌قنى ياكى ئە‌تىگە‌نلىك ئىبادە‌تنى كۆرىمە‌ن،‏ روھۇ‌م كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ.‏ بۇ مېنى يە‌ھۋاغا ۋە تە‌شكىلاتقا يېقىنلاشتۇ‌رىدۇ.‏ تە‌شكىلاتىمىزنىڭ تېلېۋىزىيىسى ھاياتىمنى پۈتۈنلە‌ي ئۆزگە‌رتتى».‏ سىز يە‌ھۋانىڭ بۇ سوۋغىسىدىن پايدىلىنىۋاتامسىز؟‏ ئايلىق پروگراممىلاردىن باشقا JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسىدە يە‌نە كۆپلىگە‌ن ئاۋازلىق ئە‌سە‌رلە‌ر ۋە فىلىملە‌ر،‏ شۇ‌نداقلا ئىلھام بېرىدىغان نۇ‌رغۇ‌ن ناخشىلار بار.‏

16،‏ 17.‏ ئويۇ‌ن-‏تاماشىغا چىقارغان ۋاقتىمىزغا نېمە ئۈچۈن دىققە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ بۇ‌نى قانداق قىلالايمىز؟‏

16 بىز پە‌قە‌تلا قانداق ئويۇ‌ن-‏تاماشىنى تاللاشقا ئە‌مە‌س،‏ يە‌نە ئويۇ‌ن-‏تاماشىغا قانچىلىك ۋاقىت چىقىرىشقا دىققە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ پە‌خە‌س بولمىساق،‏ بىز يە‌ھۋا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشنىڭ ئورنىغا،‏ ئويۇ‌ن-‏تاماشىغا كۆپرە‌ك ۋاقىت سە‌رپ قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ كۆپ ئادە‌ملە‌ر ئۈچۈن ئويۇ‌ن-‏تاماشىغا كە‌تكە‌ن ۋاقىتنى باشقۇ‌رۇ‌ش بە‌ك قىيىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ 18 ياشلىق ئابىگائىل مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «كە‌چتە ئۆيگە ھېرىپ-‏ئېچىپ كە‌لگە‌ندە،‏ تېلىۋىزورنىڭ ئالدىدا ھاردۇ‌قۇ‌منى چىقىرىشنى ياخشى كۆرىمە‌ن.‏ بىراق،‏ ئېھتىيات قىلمىسام،‏ سائە‌تلاپ ئولتۇ‌رۇ‌پ قالغىنىمنى بىلمە‌ي قالىمە‌ن».‏ سامۇ‌ئىل ئىسىملىك ياش بۇ‌رادە‌ر:‏ «مە‌ن توردىن قىسقا فىلىملە‌رنى كۆرۈشنى باشلىغاندا،‏ ئۆزۈمنى توختىتالماي قالىمە‌ن.‏ بىرىنىلا كۆرىمە‌ن،‏ دە‌پ ھە‌ش-‏پە‌ش دېگىچە ئۈچ-‏تۆت سائە‌ت ئۆتۈپ كە‌تكە‌نلىكىنى بايقىماي قالىمە‌ن»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏

17 سىز ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارغا چىقارغان ۋاقتىڭىزنى قانداق تىزگىنلىيە‌لە‌يسىز؟‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال دە‌م ئېلىشقا قانچە ۋاقىت بۆلىدىغانلىقىڭىزنى ئېنىقلىۋېلىڭ.‏ بۇ‌نى بىر ھە‌پتە ئىچىدە تە‌كشۈرۈپ كۆرە‌لە‌مسىز؟‏ مە‌سىلە‌ن،‏ تېلېۋىزور كۆرۈش،‏ تورغا چىقىش ۋە يانفونىڭىزدا ئويۇ‌ن ئويناشقا قانچە ۋاقىت چىقىرىدىغانلىقىڭىزنى يېزىپ كۆرۈڭ.‏ ئە‌گە‌ر ئۆزىڭىزنىڭ بۇ‌لارغا ھە‌ددىدىن تاشقىرى كۆپ ۋاقىت سە‌رپ قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بايقىسىڭىز،‏ ۋاقىت جە‌دۋىلى تۈزۈشكە تىرىشىڭ.‏ بىرىنچى نۆۋە‌تتە،‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم نە‌رسىلە‌ر ئۈچۈن ۋاقىت بە‌لگىلە‌پ،‏ كېيىن ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى پىلانلاڭ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دادىن شۇ پىلانىڭىزغا ئە‌مە‌ل قىلىش ئۈچۈن ياردە‌م سوراڭ.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ شە‌خسىي ئۆگىنىش،‏ ئائىلىۋى ئىبادە‌ت،‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرى ھە‌م ۋە‌ز خىزمىتى ئۈچۈن كۆپرە‌ك ۋاقىت ۋە كۈچ چىقىرالايسىز.‏ سىز يە‌ھۋا خۇ‌دانى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويغاچ،‏ ئويۇ‌ن-‏تاماشىغا ۋاقىت بۆلگە‌نلىكىڭىز ئۈچۈن ۋىجدانىڭىز سىزنى ئە‌يىبلىمە‌يدۇ.‏

پە‌قە‌ت يە‌ھۋا خۇ‌داغا ۋاپادار بولۇ‌ڭ

18،‏ 19.‏ بىز يە‌ھۋاغا پۈتۈنلە‌ي ئۆزىمىزنى بېغىشلىغانلىقىمىزنى قانداق ئىسپاتلىيالايمىز؟‏

18 شە‌يتان دۇ‌نياسىنىڭ يوق قىلىنىشى ۋە يېڭى دۇ‌نيانىڭ كېلىشى توغرۇ‌لۇ‌ق يازغاندىن كېيىن،‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س:‏ «ئە‌ي قە‌دىرلىك قېرىنداشلار،‏ سىلە‌ر بۇ ئىشلارنى كۈتۈۋاتقان ئىكە‌نسىلە‌ر،‏ ئاخىرىدا ئۇ‌نىڭ نە‌زىرىدە ئە‌يىبسىز،‏ قۇ‌سۇ‌رسىز ۋە تىنچ-‏ئىناق ياشايدىغان ئادە‌م بولۇ‌شۇ‌ڭلار ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلە‌ن تىرىشىڭلار»،‏—‏ دە‌پ يازغان (‏2-‏پېتر.‏ 3:‏14‏)‏.‏ بۇ نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ بار كۈچىمىز بىلە‌ن ئە‌خلاقىي ۋە روھىي جە‌ھە‌تتىن پاك بولۇ‌پ قېلىشقا تىرىشساق،‏ يە‌ھۋاغا پۈتۈنلە‌ي ئۆزىمىزنى بېغىشلىغان ياكى مۇ‌تلە‌ق سادىق ئىكە‌نلىكىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏

19 شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ رە‌زىل دۇ‌نياسى ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا يە‌ھۋا خۇ‌دانى ئە‌مە‌س،‏ باشقا نە‌رسىلە‌رنى قويۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏لۇ‌قا 4:‏13‏)‏.‏ لېكىن،‏ قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لمە‌يلى،‏ ھېچكىمنىڭ ياكى ھېچنە‌رسىنىڭ يە‌ھۋانىڭ قە‌لبىمىزدىكى ئورنىنى ئېگە‌للىشىگە يول قويمايمىز.‏ بىز پە‌قە‌ت يە‌ھۋاغا ئۆزىمىزنى بېغىشلاشقا بە‌ل باغلىدۇ‌ق،‏ سە‌ۋە‌بى يالغۇ‌ز ئۇ پۈتۈن ۋۇ‌جۇ‌دىمىز بىلە‌ن سۆيۈشكە ۋە ئىبادە‌تكە لايىقتۇ‌ر!‏

51-‏ناخشا يېپىش چىڭ يە‌ھۋاغا!‏

a بىز يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى ياخشى كۆرىمىز.‏ بىراق،‏ پە‌قە‌ت ئۇ‌نىڭغىلا ئۆزىمىزنى بېغىشلىدۇ‌قمۇ؟‏ بۇ‌نى بىزنىڭ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىز ئاشكارا قىلىدۇ.‏ كېلىڭلار،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئۆزىمىزنى قانچىلىك بېغىشلىغانلىقىمىزنى ئېنىقلاش ئۈچۈن،‏ ھاياتىمىزنىڭ ئىككى ساھە‌سىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

b سۈرە‌تلە‌ردە:‏ بىز پاسكىنا ئاشخانىدا تە‌ييارلانغان تاماقنى يېيىشنى خالىمايمىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ زوراۋانلىق،‏ جىنكە‌شلىك ياكى ئە‌خلاقسىزلىق بىلە‌ن زە‌ھە‌رلە‌نگە‌ن ئويۇ‌ن-‏تاماشىنى كۆرۈشنى خالايمىزمۇ؟‏