42-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋا خۇدا سىزنى كىم بولغۇزالايدۇ؟
«خۇدا … سىلەردە ئارزۇ-ئىستەكنى كۈچەيتىپ، كۈچ-قۇۋۋەت بېرىدۇ».—فىلىپى. 2:13.
38-ناخشا يۈكۈڭنى يەھۋاغا تاشلا!
بۇ ماقالىدە a
1. يەھۋا ئۆز ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟
ئۆز ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەھۋا خۇدا كىم بولۇشقا توغرا كەلسە، شۇ بولالايدۇ. مەسىلەن، ئۇ ئۇستاز، تەسەللىي بەرگۈچى ۋە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگۈچىگە ئايلىنالايدۇ (يەشايا 48:17؛ 2-كورىنت. 7:6؛ گالاتىيا. 3:8). لېكىن، ئادەتتە ئۇ ئۆز مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئادەملەردىن پايدىلىنىدۇ (مەتتا 24:14؛ 28:19، 20؛ 2-كورىنت. 1:3، 4). يەھۋا بىزگە يەنە ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن زۆرۈر بولىدىغان دانالىق بىلەن كۈچ-قۇدرەتنى بېرەلەيدۇ. بەزى مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ يەھۋانىڭ ئىسىمىنىڭ مەنىسىنىڭ تولۇق ئىپادىلىنىشى ئىكەن.
2. (1) بەزىدە يەھۋا بىزدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىغا نېمە سەۋەبتىن گۇمان قىلىشىمىز مۇمكىن؟ (2) بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
2 يەھۋا ئۆز ئىرادىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىشىدا بىزدىن پايدىلىنىشىنى ھەممىمىز خالايمىز. ئەمما، بەزىلەر يەھۋا ئۈچۈن ھېچ پايدام يوق، دەپ ئويلىشى مۇمكىن. نېمە سەۋەبتىن؟ چۈنكى، ئۇلار يېشى، ھال-ئەھۋالى ياكى قابىلىيىتى تۈپەيلى، يەھۋاغا تولۇق مۆلچەردە ياكى ئۆزلىرى خالىغاندەك كۆپ خىزمەت قىلالماسلىقى مۇمكىن. يەنە باشقىلار قىلغان خىزمىتىگە مەمنۇن بولۇپ، بۇنىڭدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىشنىڭ كېرىكى يوق دەپ ئويلايدۇ. بۇ ماقالىدە، يەھۋانىڭ ھەربىرىمىزگە ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن، كىم بولۇشقا توغرا كەلسە، شۇ بولۇشقا ياردەم بېرىدىغان ئۇسۇللىرىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. ئاندىن كېيىن، خۇدا قەدىمدە ئەر ھەم ئايال خىزمەتچىلىرىگە ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئارزۇ-ئىستەك ۋە كۈچ-قۇدرەت بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز. ئاخىرىدا، خۇدانىڭ بىزدىن پايدىلىنىشىغا يول قويۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنىمۇ بىلىۋالىمىز.
يەھۋا بىزگە ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
3. فىلىپىلىكلەر 2:13-ئايەتكە ئاساسەن، يەھۋا خۇدا ھەرىكەت قىلىشىمىز ئۈچۈن ئارزۇنى بىزگە قانداق بېرەلەيدۇ؟
3 فىلىپىلىكلەر 2:13-نى ئوقۇڭ. يەھۋا خۇدا بىزنىڭ ھەرىكەتكە ئاتلىنىشىمىز ئۈچۈن ئارزۇ-ئىستەك بېرەلەيدۇ. ئۇ بۇنى قانداق قىلالايدۇ؟ مەسىلەن، سىز جامائەتتىكى بىرسى ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ياكى قانداقتۇ بىر ئىشنى قىلىشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ياكى بولمىسا، جامائەت يىغىلىشىدا باشقا بىر يەرگە ياردەم قىلىش كېرەكلىكى توغرۇلۇق بەيتەلدىن كەلگەن خەت ئوقۇلۇشى مۇمكىن. شۇ چاغدا، بىز ئۆزۈمىزدىن: «مەن بۇ ئىشتا قانداق ياردەم بېرەلەيمەن؟»— دەپ سورىساق بولىدۇ. بەلكىم، سىزگە قىيىن بىر ۋەزىپە تاپشۇرۇلسا، سىز بۇ تاپشۇرۇقنى ئورۇنلاش قولۇڭىزدىن كەلمەيدۇ، دەپ ئەنسىرەيدىغانسىز. ياكى مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇپ، «مەن باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بۇ ئايەتلەردىن قانداق پايدىلىنالايمەن؟» دەپ ئويلايدىغانسىز. يەھۋا بىزنى بىر نەرسىنى قىلىشقا مەجبۇرلىمايدۇ، لېكىن، ئۇ «نېمە قىلسام بولار؟» دەپ ئويلاپ يۈرگىنىمىزنى بايقاپ، بىزنىڭ ئوي-خىيالىرىمىزغا ماس ھەرىكەت قىلىشىمىزغا ئارزۇ-ئىستەك بېرەلەيدۇ. b
4. يەھۋا بىزگە ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن كۈچ-قۇۋۋەتنى قانداق بېرەلەيدۇ؟
4 بۇنىڭدىن باشقا، يەھۋا خۇدا بىزگە ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن كۈچ-قۇۋۋەت بېرەلەيدۇ (يەشايا 40:29). ئۇ مۇقەددەس روھى ئارقىلىق بىزنىڭ قابىلىيەتلىرىمىزنى ئاشۇرالايدۇ (چىق. 35:30—35). تەشكىلاتى ئارقىلىق يەھۋا بىزنى ۋەزىپىلىرىمىزنى ئورۇنلاشقا ئۆگىتەلەيدۇ. بىرەر تاپشۇرۇقنى قانداق ئورۇنلاشنى بىلمىسىڭىز، ياردەم سوراڭ. شۇنداقلا ئاسماندىكى ئاتىڭىزدىن «ئادەتتىكى كۈچتىن ئېشىپ چۈشىدىغان كۈچ» سوراشتىن تارتىنماڭ (2-كورىنت. 4:7؛ لۇقا 11:13). مۇقەددەس كىتابتا يەھۋانىڭ ئەر ۋە ئايال خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەرىكەتكە ئاتلىنىشى ئۈچۈن ئارزۇ-ئىستەك ھەم كۈچ-قۇدرەت بەرگەنلىكىنىڭ كۆپ مىساللىرى بار. شۇلارنىڭ بىرنەچچىسىنى كۆرۈپ چىققاچ: «يەھۋا ئۇلارنى قانداق ئىشلەتكەن بولسا، مېنى شۇلاردەك ئىشلىتىدۇ»،— دەپ ئويلاپ كۆرۈڭ.
يەھۋا ئەر كىشىلەرگە ياردەم بەرگەن
5. يەھۋانىڭ ئۆز خەلقىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مۇسانى قاچان ۋە قانداق قوللانغانلىقىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
5 يەھۋا خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە ئىسرائىل خەلقىنى قۇتقۇزۇشقا ياردەم بەرگەن. بىراق، يەھۋا ئۇنى قاچان ئىشلىتىشكە باشلىغان؟ مۇسا مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق دانالىقلىرىنى ئۆگەنگەندىن كېيىنمۇ؟ (ئەلچى. 7:22—25). ياق، خۇدا ئۇنىڭ كەمتەر ۋە ئېغىر-بېسىق ئادەم بولۇشىغا ياردەم بەرگەندىن كېيىن (ئەلچى. 7:30، 34—36). خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە مىسىرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ھۆكۈمرانى ئالدىدا سۆزلەش ئۈچۈن جاسارەت بەرگەن (چىق. 9:13—19). بىز يەھۋانىڭ مۇسانى قاچان ۋە قانداق قوللانغانلىقىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟ يەھۋا ئۆزىنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشكە ۋە ئۇنىڭغا تايىنىشقا كۈچ چىقىرىدىغان كىشىلەرنى ئىشلىتىدۇ.—فىلىپى. 4:13.
6. يەھۋانىڭ داۋۇتقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بارزىللايدىن پايدىلانغانلىقىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
6 ئەسىرلەر ئۆتۈپ، يەھۋا خۇدا داۋۇت پادىشاھقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بارزىللاينى ئىشلەتكەن. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى ئابشالومدىن قېچىۋاتقاندا، «قورساقلىرى ئېچىپ، ھېرىپ قالغان ۋە ئۇسساپ چاڭقاپ» كەتكەنىدى. شۇ چاغدا، ياشىنىپ قالغان بارزىللايمۇ داۋۇت بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن باشقىلارغا ئوخشاش ھاياتىنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان. بارزىللاي: «مەن ياشىنىپ قالدىمغۇ، ئەمدى يەھۋاغا نېمە پايدام بار»،— دەپ ئويلىمىغان ئىدى. ئەكسىچە، ئۇ يەھۋا خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن قولىدا بارىنى موھتاجلىقتا قالغانلار بىلەن بۆلۈشۈشكە تەييار بولغان (2-سام. 17:27—29). بىز بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟ يېشىمىزغا قارىماستىن، يەھۋا بىز ئارقىلىق موھتاجلىقتا قالغان يىراق-يېقىندىكى ئېتىقادداشلارغا ياردەم بېرەلەيدۇ (پەند. نە 3:27، 28؛ 19:17). بىز ئۇلارغا ئۇدۇل ياردەم بېرەلمىسەكمۇ، دۇنياۋىي ئىش-پائالىيىتىمىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىئانە قىلساق، بۇ ئىقتىسادى ياردەمگە موھتاج قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.—2-كورىنت. 8:14، 15؛ 9:11.
7. يەھۋا خۇدا شىموندىن قانداق پايدىلانغان ۋە بۇ نېمە ئۈچۈن بىزگە تەسەللىي بېرىدۇ؟
7 يەھۋا خۇدا يېرۇسالىمدىكى ياشىنىپ قالغان سادىق خىزمەتچىسى شىمونغا مەسىھنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىگىچە ئۆلمەيدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. مەسىھنىڭ كېلىشىنى كۆپ يىللار كۈتكەنلىكتىن، بۇ ۋەدە شىمونغا زور تەسەللىي بەرگەنلىكى سۆزسىز. يەھۋا شىموننى ئېتىقادى ۋە سەۋر-تاقىتى ئۈچۈن مۇكاپاتلىغان ئىدى. بىر كۈنى مۇقەددەس روھ ئۇنى مەركىزىي ئىبادەتخانىغا باشلاپ بارغان، شىمون بوۋاق ئەيسانى كۆرگەن ۋە مەسىھ بولىدىغان شۇ كىچىك بالا توغرۇلۇق پەيغەمبەرلىك سۆزلەرنى ئېيتقانىدى (لۇقا 2:25—35). شىمون ئەيسانىڭ يەردىكى خىزمىتىنى كۆرگىدەك ئۇزاق ياشىمىغان بولسىمۇ، ئۇ مەسىھنى كۆرۈش شان-شەرىپى ئۈچۈن چەكسىز مىننەتدار بولغان ئىدى. كەلگۈسىدە ئۇنى تېخىمۇ كۆپ بەرىكەتلەر كۈتمەكتە! يېڭى دۇنيادا خۇدانىڭ بۇ سادىق خىزمەتچىسى ئەيسانىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، يەر يۈزىدىكى ھەممە ئادەملەرنىڭ ئۈستىگە بەرىكەت تۆككەنلىكىگە گۇۋاھچى بولىدۇ (يارىت. 22:18). بىزمۇ شىمونغا ئوخشاش، يەھۋا خۇدا بىزگە تاپشۇرغان ھەربىر ۋەزىپىنى قەدىرلەيمىز.
8. يەھۋا خۇدا بارناباسنى ئىشلەتكەندەك، بىزنىمۇ قانداق ئىشلىتىشى مۇمكىن؟
8 مىلادىي بىرىنچى ئەسىردە يۈسۈپ ئىسىملىك بىر مەرد كىشى يەھۋا خۇدانىڭ ئۆزىنى ئىشلىتىشىگە يول بەرگەن (ئەلچى. 4:36، 37). بەلكىم، يۈسۈپ باشقىلارغا تەسەللىي بېرىشتە ئىنتايىن قىزغىن بولغاچ، ئەلچىلەر ئۇنىڭغا «تەسەللىي ئوغلى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بارناباس، دەپ ئىسىم قويغان. مەسىلەن، سائۇل مەسىھىي بولغاندا، نۇرغۇن قېرىنداشلار ئۇنىڭ بۇرۇن ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن قورققان. ئەمما بارنابا سائۇلغا تەسەللىي ۋە ياردەم بەرگەن. سائۇل ئۇنىڭ ياردىمى ئۈچۈن بەك مىننەتدار بولغانلىقى سۆزسىز (ئەلچى. 9:21، 26—28). كېيىنرەك يېرۇسالىمدىكى ئاقساقاللار يىراق سۈرىيىدىكى ئانتاكيادا ياشىغان ئېتىقادداشلارغا تەسەللىي بېرىش كېرەكلىكىنى چۈشەنگەن. ئۇلار شۇ يەرگە كىمنى ئەۋەتكەن؟ بارناباسنى! بۇ ياخشى قارار بولغان، چۈنكى بارناباس ئۇلارنى جان-دىلى بىلەن ھەزرىتىمىز ئەيساغا سادىق بولۇشقا ئىلھاملاندۇرغان (ئەلچى. 11:22—24). بۈگۈنكى كۈندە بىزمۇ ئېتىقادداشلار ئۈچۈن تەسەللىينىڭ مەنبەسى بولالايمىز. مەسىلەن، يەھۋا خۇدا بىزنى يېقىنلىرىدىن ئايرىلغانلارغا تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتەلەيدۇ. ياكى بولمىسا، ئۇ بىزنى ئاغرىپ قالغان ياكى روھى چۈشكەن قېرىنداشقا تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىشقا ياكى ئۇنى يوقلاشقا دەۋەت قىلىشى مۇمكىن. يەھۋا خۇدا ئۆز ۋاقتىدا بارناباسنى ئىشلەتكەندەك، سىزنىمۇ ئىشلىتىشىگە يول قويامسىز؟—1-سالونىكا. 5:14.
9. يەھۋا خۇدانىڭ ۋاسىلىي بۇرادەرگە ياخشى ئاقساقال بولۇشقا ياردەم بەرگەنلىكىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟
9 يەھۋا خۇدا ۋاسىلىي ئىسىملىك بۇرادەرگە ياخشى ئاقساقال بولۇشقا ياردەم بەرگەن. ۋاسىلىي 26 ياشتا ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلىشنى باشلىغاندا، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان ئېتىقادداشلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن تەجرىبەم يەتمەيدۇ، دەپ قورققان. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭغا باشقا تەجرىبىلىك ئاقساقاللارنىڭ ياخشى مەسلىھەتلىرى ۋە پادىشاھلىق خىزمەت مەكتىپىدە ئالغان بىلىمى كۆپ ياردەم بەرگەن. ۋاسىلىي ياخشىلىنىش ئۈچۈن بار كۈچىنى سالغانىدى. مەسىلەن، ئۇ ئالدىغا كىچىك مەقسەتلەرنى قويۇپ، ئۇلارنى يېزىپ قويغان. شۇ مەقسەتلىرىگە يەتكەنسېرى، ئۇ ئاستا-ئاستا قورقۇنچلىرىدىن ئازاد بولغان. ھازىر ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇرۇن مەن قورققان نەرسىلەر، بۈگۈن ماڭا خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ. يەھۋا خۇدا ماڭا قېرىنداشلارغا تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابتىن كېرەكلىك سۆزلەرنى تېپىشقا ياردەم بەرگەندە، خۇشاللىقىم ئىچ-ئىچىمگە پاتمايدۇ». ئەزىز بۇرادەرلەر، ۋاسىلىيدىن ئۈلگە ئېلىپ سىلەرمۇ يەھۋانىڭ قورالى بولۇشقا تەييار بولساڭلار، ئۇ سىلەرگە جامائەتتە كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك قابىلىيەتنى بېرەلەيدۇ.
يەھۋا ئايال كىشىلەرگە ياردەم بەرگەن
10. ئابىگائىل قانداق يول تۇتقان ۋە بىز ئۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
10 داۋۇت ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى سائۇل پادىشاھدىن قېچىپ كېتىۋاتقاندا ياردەمگە موھتاج بولغان. داۋۇتنىڭ خىزمەتچىلىرى نابال ئىسىملىك كىشىدىن ئۇلارغا تاماق بېرىشنى سورىغان. ئۇلار نابالنىڭ پادىلىرىنى قوغداپ كەلگەن، شۇڭا ئۇنىڭدىن ئەركىن-ئازادە ياردەم سورىيالايمىز، دەپ ئويلىغان. لېكىن، شەخسىيەتچى نابال ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇشتىن باش تارتقان. شۇ چاغدا، داۋۇت ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ، نابال ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكى ھەممە ئەركەكلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان (1-سام. 25:3—13، 22). ئەمما، نابالنىڭ چىرايلىق ئايالى ئابىگائىل بەك زېرەك، پەم-پاراسەتلىك بولغان. ئۇ جاسارەت بىلەن داۋۇتنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ، ئۆچ ئېلىشنى دەپ بىگۇناھ قان تۆكمەي، بەلكى ئۆچ ئېلىشنى يەھۋاغا قويۇپ قويۇشقا ئۈندىگەن. ئابىگائىلنىڭ كەمتەرلىك بىلەن ئېيتىلغان سۆزلىرى ۋە تۇتقان يوللىرى داۋۇتنىڭ يۈرىكىگە تەسىر قىلىپ، داۋۇت ئابىگائىلنى ئۆزىنىڭ ئالدىغا يەھۋا خۇدانىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان (1-سام. 25:23—28، 32—34). يەھۋا خۇدا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئابىگائىل كېرەكلىك پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرگەنىدى. دەل شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلىق-سىپايىلىك بىلەن مەسلىھەت بېرىشنى ۋە پەم-پاراسەت بىلەن ئىش تۇتۇشنى ئۆگىنىدىغان ئايال قېرىنداشلار ئائىلىسىنى ۋە جامائەتنى مۇستەھكەملەلەيدۇ.—پەند. نە 24:3؛ تىتۇس 2:3—5.
11. شاللۇمنىڭ قىزلىرى نېمە قىلغان ۋە بۈگۈنكى كۈندە ئۇلاردىن كىملەر ئۈلگە ئالماقتا؟
11 كۆپ ئەسىرلەردىن كېيىن، شاللۇمنىڭ قىزلىرى يېرۇسالىمنىڭ تاملىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشىغا قاتنىشىش شان-شەرىپىگە ئىگە بولغان (نەھەم. 2:20؛ 3:12). ئۇلارنىڭ دادىسى شاھزادە بولسىمۇ، شاللۇمنىڭ قىزلىرى بۇ قىيىن ۋە بەك خەتەرلىك ئىشنى قىلىشقا تەييار بولغان (نەھەم. 4:15—18). ئۇلارنىڭ ۋە بويسۇنۇشنى خالىمىغان تىقوۋالىق يۇرت باشلىرىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق يەر بىلەن ئاسماندەك ئىدى (نەھەم. 3:5). قۇرۇلۇش 52 كۈن ئىچىدىلا پۈتكەندە، شاللۇمنىڭ قىزلىرى قانچىلىك خۇشال بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭە! (نەھەم. 6:15). بىزنىڭ كۈنلىرىمىزدە كۆپلىگەن ئايال قېرىنداشلار يەھۋا خۇداغا بېغىشلانغان ئىمارەتلەرنىڭ قۇرۇلۇش ۋە ئۇلارنى ياخشى ھالەتتە ساقلاش ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، مۇقەددەس خىزمەتنىڭ بۇ ئالاھىدە تۈرلىرىگە خۇشاللىق بىلەن قاتنىشىدۇ. شۇ قېرىنداشلار قابىلىيەتلىرىنى ئىشلىتىپ، قىزغىن ۋە ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىپ، پادىشاھلىق خۇدا ئىشىنىڭ ئالغا بېسىشىغا ھەسسىسىنى قوشماقتا.
12. يەھۋا خۇدا تابىتانى ئىشلەتكەندەك، بىزنى قانداق ئىشلىتەلەيدۇ؟
12 يەھۋا خۇدا تابىتا ئىسىملىك قېرىنداشنى بولۇپمۇ تۇل ئاياللارغا كۆپلىگەن ياخشى ۋە خەيرىخاھلىق ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندىگەن (ئەلچى. 9:36). تابىتا بەك مەرد ۋە مېھرىبان بولغان، شۇڭا ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندە نۇرغۇن ئېتىقادداشلار قايغۇرغان. بىراق، ئەلچى پېترۇس ئۇنى تىرىلدۈرگەندە، ئۇلار ئىنتايىن خۇرسەن بولغان ئىدى (ئەلچى. 9:39—41). تابىتانىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟ ياش ياكى ياشىنىپ قالغان ئەر ياكى ئايال بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ھەممىمىز قېرىنداشلارغا ئەمەلىي ياردەم بېرەلەيمىز.—ئىبرانىي. 13:16.
13. يەھۋا خۇدا رۇت ئىسىملىك تارتىنچاق قېرىنداشنى قانداق ئىشلەتكەن ۋە ئۇ نېمە دېگەن؟
13 رۇت ئىسىملىك تارتىنچاق قېرىنداشنىڭ ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېتيقۇچى [مىسسىئونېر] بولۇپ خىزمەت قىلىش ئارمىنى بولغان. ياش چېغىدا ئۇ قىزغىنلىق بىلەن ئۆيمۇ-ئۆي ۋەز قىلىپ، ئادەملەرگە ۋاراقچىلارنى تارقاتقان. رۇت ۋەز قىلىشنى بەك ياخشى كۆرسىمۇ، ئادەملەر بىلەن خۇدا پادىشاھلىقى توغرۇلۇق يۈزمۇ-يۈز سۆزلىشىش ئۇنىڭ ئۈچۈن قىيىن بولغان ئىدى. تارتىنچاق بولغىنىغا قارىماستىن، رۇت 18 ياشقا كىرگەندە پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى باشلىغان. 1946-يىلى ئۇ گىلىئاد مەكتىپىدە ئوقۇپ، كېيىن ھاۋاي ئارىلى ۋە ياپونىيەدە خىزمەت قىلغان. يەھۋا خۇدا شۇ يەرلەردە خۇش خەۋەرنى تارقىتىش ئۈچۈن رۇت قېرىنداشنى ئىشلەتكەن. تەخمىنەن 80 يىل خىزمەت قىلغان رۇت مۇنداق دېگەن: «يەھۋا خۇدا ماڭا دائىم كۈچ بېرەتتى. ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن مەن تارتىنچاقلىقنى يەڭدىم. يەھۋا خۇداغا تايانسىڭىز، ئۇ سىزنى چوقۇم ئىشلىتىدۇ».
يەھۋا سىزگىمۇ ياردەم بېرىدۇ
14. كولوسىلىقلار 1:29-ئايەتلەرگە ئاساسەن، يەھۋانىڭ بىزنى ئىشلىتىشىنى خالىساق، نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
14 قەدىمدىن تاكى بۈگۈنگە قەدەر يەھۋا خۇدا ئۆز خىزمەتچىلىرىنى ھەرخىل ئۇسۇللاردا ئىشلىتىپ كەلگەن. يەھۋا خۇدا سىزنى كىم بولغۇزالايدۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابى سىزنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن كۈچ چىقىرىشقا تەييار بولغان-بولمىغانلىقىڭىزغا باغلىق (كولوسىلىقلار 1:29-نى ئوقۇڭ). يەھۋانىڭ ئۆزىڭىزنى ئىشلىتىشىگە يول قويسىڭىز، ئۇ سىزنى قىزغىن ۋەز ئېيتقۇچى، ماھىر ئۇستاز، مېھرىبان تەسەللىي بەرگۈچى، قابىلىيەتلىك خىزمەتچى، ياخشى دوست ياكى ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن يەنە كىم بولۇش زۆرۈر بولسا، شۇ بولغۇزالايدۇ.
15. 1-تىموتىي 4:12، 15-ئايەتلەرگە ئاساسەن، ياش بۇرادەرلەر يەھۋادىن نېمىنى سورىشى كېرەك؟
15 ياش بۇرادەرلەر سىلەرچۇ؟ جامائەتلەر خىزمەت ياردەمچىسى بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا ئىنتىلىدىغان كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان ياش يىگىتلەرگە موھتاج. چۈنكى، نۇرغۇن جامائەتلەردە خىزمەت ياردەمچىلىرىگە قارىغاندا ئاقساقاللار كۆپ. سىز جامائەتتە كۆپرەك ۋەزىپىلەرنى بوينىڭىزغا ئېلىش ئارزۇسىنى يېتىلدۈرۈۋاتامىسىز؟ بەزى بۇرادەرلەر: «ئادەتتىكىدەك ۋەز ئېيتقۇچى بولسام، شۇنىڭدىن خۇرسەنمەن»،— دەيدۇ. سىزمۇ شۇنداق ئويلىسىڭىز، يەھۋا خۇدادىن خىزمەت ياردەمچىسى بولۇش ئارزۇ-ئىستىكىنى يېتىلدۈرۈشىڭىزگە ياردەم ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قولۇڭىزدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلىشىڭىزغا كۈچ-قۇدرەتنى سوراڭ (ۋەز 12:1). بىز سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە ئىنتايىن موھتاج!—1-تىموتىي 4:12، 15-نى ئوقۇڭ.
16. بىز يەھۋادىن نېمىنى سورىشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
16 يەھۋا خۇدا سىزنى ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن كىم بولۇشقا توغرا كەلسە، شۇ بولغۇزالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئارزۇ-ئىستكىنى ھەم سىزگە كېرەكلىك كۈچ-قۇدرەتنى سوراڭ. مەيلى ياش ياكى ياشانغان بولايلى، ۋاقتىمىز، كۈچىمىز، قابىلىيەتلىرىمىز ۋە قولىمىزدا بار نەرسىلىرىمىزنى يەھۋا خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتەيلى (ۋەز 9:10). يەھۋا خۇداغا كۆپرەك خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولسىڭىز، قولۇمدىن كەلمەيدۇ، دەپ قورقۇپ، بۇ شان-شەرەپتىن دەرھال باش تارتماڭ. كۆيۈمچان ئاتىمىز يەھۋاغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈشكە ئۆز ھەسسىمىزنى قوشۇش پۇرسىتىنى قەدىرلەيلى!
29-ناخشا ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ يۈرۈش
a سىز ئۆزىڭىزنى يەھۋاغا پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن خىزمەت قىلالمايۋاتقاندەك ھېس قىلامسىز؟ مېنىڭ ھېچقانداق كېرىكىم يوق، دەپ ئەنسىرەمسىز؟ ياكى ھازىر قىلىۋاتقان خىزمىتىم يېتەرلىك، دەپ ئويلامسىز؟ يەھۋا بىزگە ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن كېرەك بولغان ئارزۇ-ئىستەك ھەم كۈچ-قۇدرەت بېرەلەيدۇ. بۇ ماقالىدە بىرنەچچە ئۇسۇلنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b ئەلچى پاۋلۇس خېتىنى بىرىنچى ئەسىردە ياشىغان ئېتىقادداشلارغا يازغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ سۆزلىرى يەھۋا خۇدانىڭ ھەممە خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن پايدىلىق.