1919 — يۈز يىل ئىلگىرى
تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملاشقان بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى 1919-يىلى ئاخىرلاشقانىدى. 1918-يىلنىڭ ئاخىرىدا دۆلەتلەر ئۇرۇشۇشنى توختىتىپ، 1919-يىلنىڭ 18-يانۋار كۈنى پارىژ تىنچلىق يىغىنى باشلانغان. بۇ يىغىندا قارار قىلىنغان ئىشلارنىڭ بىرى — ۋېرسال كېلىشىمى بولۇپ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن گېرمانىيە ئارىسىدىكى ئۇرۇشنى رەسمىي تۈردە ئاخىرلاشتۇرۇش ئىمزالانغان. 1919-يىل 28-ئىيۇن كۈنى ۋېرسال كېلىشىمىگە قول قويۇلغان.
بۇ كېلىشىم دۆلەتلەر ئىتتىپاقى ناملىق يېڭى تەشكىلاتنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئاساس سالغان. شۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى — خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى ئالغا سۈرۈش ۋە دۇنيا يۈزىدە تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ئورنىتىش. نۇرغۇنلىغان خرىستىئان چېركاۋلىرى دۆلەتلەر ئىتتىپاقىنى قوللىغان. ئامېرىكا خرىستىئان چېركاۋلىرىنىڭ دۆلەتلىك كېڭىشى بۇ تەشكىلاتنى «خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ يەردىكى سىياسىي ۋەكىلى»، دەپ ئاتاپ ئۇنى ماختىغان. بۇ كېڭەش پارىژدىكى تىنچلىق يىغىنىغا ۋەكىللەرنى ئەۋەتىپ، دۆلەتلەر بىرلەشمىسىنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. شۇ ۋەكىللەردىن بىرى بۇ يىغىننىڭ «دۇنيا تارىخىدىكى يېڭى دەۋرنى باشلىغانلىقىنى» ئېيتقان.
دەرھەقىقەت، شۇ يىلى تارىخنىڭ يېڭى دەۋرى باشلانغان ئىدى. لېكىن، گەپ مەزكۇر يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان تىنچلىق توغرۇلۇق ئەمەس. 1919-يىلى يەھۋا خۇدا ئۆز خەلقىگە بۇرۇن ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان كەڭ كۆلەملىك ۋەز قىلىش ئۈچۈن كۈچ-قۇدرەت بەرگەندە، ۋەز پائالىيىتىنىڭ يېڭى دەۋرى باشلانغان ئىدى. ئەمما، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرى چوڭ بىر ئۆزگىرىشكە دۇچ كېلىشى كېرەك بولغان.
بەك قىيىن قارار
«كۈزىتىش مۇنارى، مۇقەددەس كىتاب ۋە ۋاراقچىلار جەمئىيىتى» رەھبەرلەرنى سايلاشنى 1919-يىل 4-يانۋار، شەنبە كۈنىگە پىلانلانغان ئىدى. شۇ چاغدا، يەھۋا خۇدانىڭ خەلقىنى يېتەكلىگەن يوسۇف رۇتېرفورد ۋە يەنە يەتتە بۇرادەر جورجىيە شتاتىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىدە (ئا.ق.ش) ئادالەتسىز قاماققا ئېلىنغان. شۇڭا، مۇنداق سوئال پەيدا بولغان: قاماقتا ئولتۇرغان مەسئۇلىيەتلىك بۇرادەرلەرنى قايتا سايلاش كېرەكمۇ ياكى ئۇلارنىڭ ئورنىغا باشقا بىرلىرىنى سايلاش كېرەكمۇ؟
تۈرمىدە ئولتۇرغان رۇتېرفورد بۇرادەر تەشكىلاتنىڭ كېلەچىكى توغرۇلۇق ئەندىشە قىلغان. ئۇ بەزى قېرىنداشلارنىڭ يېڭى رەھبەرنى سايلاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ قېرىنداشلارغا، ئىۋاندېر كاۋۇردنىڭ رەھبەر بولۇشىنى خالايمەن، دەپ خەت يازغان. رۇتېرفورد بۇرادەر كاۋۇرد بۇرادەرنى ئېغىر بېسىق، پەم-پاراسەتلىك ۋە ھاكىمدارغا ساداقەتمەن ئادەم، دەپ تەسۋىرلىگەن. لېكىن،
قېرىنداشلارنىڭ تەڭدىن تولىسى باشقىچە قارار چىقىرىشنى خالىغان. ئۇلار سايلامنى ئالتە ئايدىن كېيىن ئۆتكۈزمەكچى بولغان. قاماقتىكى بۇرادەرلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغان ئادۋۇكاتلار ئۇلار بىلەن كېلىشكەن. لېكىن، بۇ مەسىلىنى مۇلاھىزە قىلىۋاتقاندا، بەزى بۇرادەرلەر نارازى بولغان ئىدى.كېيىنرەك، رىچارد باربېر بۇرادەر «شۇ چاغدىكى قاتتىق دېڭىز دولقۇنىدەك ۋەزىيەتنى تىنچلاندۇرغان» بىر ۋەقەنى ئەسلىگەن. سايلامدىكى بۇرادەرلەرنىڭ بىرى سۆزلەپ: «مەن قانۇنشۇناس ئەمەس، بىراق سادىق بولۇپ قېلىش ئۈچۈن نېمە تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىمەن. خۇدا بىزدىن ساداقەتمەنلىكنى تەلەپ قىلىدۇ. خۇداغا ساداقەتمەن ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى — رۇتېرفورد بۇرادەرنى قايتىدىن سايلاش»،— دېگەن.—زەبۇر 18:25.
تۈرمىدە ئولتۇرغان ماكمىللان بۇرادەرنىڭ ئېيتىشىچە، سايلام كۈنىنىڭ ئەتىسى رۇتېرفورد بۇرادەر كامېرىنىڭ تېمىغا ئۇرۇپ بەلگە بېرىپ، ئۇنىڭغا سايلامنىڭ نەتىجىسى توغرۇلۇق خەتنى بەرگەن. بۇ خەتتە ھەممە رەھبەرلەرنىڭ قايتىدىن سايلانغانلىقى ۋە يوسۇف رۇتېرفورد بىلەن ۋىليام ۋان ئامبۇرگ بۇرادەرلەر بۇرۇنقى ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، دەپ يېزىلغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ، يوسۇپ رۇتېرفورد رەھبەر بولۇپ خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى.
ئەركىنلىك
سەككىز بۇرادەر قاماقتا ئولتۇرغاندا، سادىق مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرى ئۇلارنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن، ئادەملەرگە بېرىپ، ئىلتىماسنامىگە قول قويۇپ بېرىشىنى سورىغان. ئاخىرى ئىلتىماسنامىگە 000 700 ئادەم قول قويغان. 1919-يىل، 26-مارت، چارشەنبە كۈنى ئىلتىماسنامىنى بېرىشتىن ئاۋۋال، رۇتېرفورد ۋە باشقا جاۋابكار بۇرادەرلەر قاماقتىن بوشىتىلغان.
يوسۇف رۇتېرفورد ئۇنى قارشى ئالغانلار ئۈچۈن ئېيتقان نۇتۇقىدا مۇنداق دېگەن: «مەن ئىشىنىمەنكى، بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن بۇ سىناقلار بىزنى ئالدىمىزدىكى تېخىمۇ ئېغىر سىناقلارغا تەييارلىغان. … سىلەر بۇرادەرلەرنى تۈرمىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، يەھۋاغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلدىڭلار. شۇ سەۋەبتىن، سىلەر مول بەرىكەتلەرگە ئېرىشتىڭلار».
بۇرادەرلەرنى سوتلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ۋەزىيەتلەر، مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەھۋا خۇدا ئۆزى باشقۇرغانلىقىنى كۆرسەتكەن. 1919-يىل 14-ماي كۈنى نارازىلىق ئەرز سوتى مۇنداق قارار چىقارغان: «ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ ئادالەتلىك سوتلىنىشقا ھوقۇقى بولسىمۇ، ئۇلارغا ئادالەتسىز ھۆكۈم چىقىرىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن سوتنىڭ قارارى يوققا چىقىرىلدى». بۇرادەرلەرنى ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەن، دەپ ئەيىبلىگەن. شۇڭا، ئەگەر ئۇلار پەقەت ئەپۇ قىلىنسا ياكى جازا مۇددىتى قىسقارتىلسا، بۇرادەرلەرنىڭ سوتلانغانلىقى بەرىبىر ئارخىپ ھۆججەتلىرىدە قالاتتى. لېكىن، بۇرادەرلەر پۈتۈنلەي ئاقلانغان ئىدى. نەتىجىدە سوتچى رۇتېرفورد a ئۆزىنىڭ ئادۋۇكاتلىق قىلىش ھوقۇقى بار بولغانلىقتىن، ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن ھەم قوشما شتاتلارنىڭ ئالىي سوتىدا يەھۋانىڭ خەلقىنى كۆپ قېتىم قوغدىغان.
ۋەز قىلىشقا بەل باغلىغان
ماكمىللان بۇرادەر مۇنداق ئەسلىگەن: «ھاكىمدارىمىز بىزنى ئاسمانغا ئېلىپ كېتىشىنى كۈتۈپ، قول قوشلاپ ئولتۇرمايمىز. ھاكىمدارىمىزنىڭ ئىرادىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن كۆپ تەر تۆكۈشىمىز كېرەك ئىدى».
لېكىن باش ئىدارىدىكى قېرىنداشلار يىللار بويى قىلىپ كەلگەن ئىشىنى داۋاملاشتۇرالمىغان. نېمە سەۋەبتىن؟ چۈنكى مەسئۇلىيەتلىك بۇرادەرلەر قاماقتا بولغاندا، ماتېرىياللارنى بېسىپ چىقىرىش ماشىنىسىنىڭ بەزى قىسىملىرى سۇنۇپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، قېرىنداشلارنى روھى چۈشۈپ، بەزىلىرى ھەتتا ۋەز ئىشى ئاياقلاشتى، دەپ ئويلىغان.
خۇدا پادىشاھلىقى توغرۇلۇق خەۋەرگە قىزىققان ئادەملەر بولغانمۇ؟ بۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن رۇتېرفورد بۇرادەر نۇتۇق ئېيتىشنى قارار قىلغان. بۇ نۇتۇققا خالىغانلارنىڭ ھەممىسى تەكلىپ قىلىنغان. ماكمىللان بۇرادەر ئېيتقاندەك، «ئەگەر ھېچكىم كەلمىسە، ۋەز ئىشى توختىتىلغانلىقىنى بىز چۈشىنەتتۇق».
1919-يىل، 4-ماي، يەكشەنبە كۈنى ئېغىر كېسىلىگە قارىماستىن، رۇتېرفورد بۇرادەر لوس-ئانجېلېستا (كالىفورنىيە) «ئازاب چېكىۋاتقان ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۈمىد» ناملىق نۇتۇقنى ئېيتقان. نۇتۇقنى تىڭشاشقا 3500دەك ئادەم كەلگەن، لېكىن يەنە نەچچە يۈزلىگەن ئادەملەرگە ئورۇن يەتمىگەنىدى. ئەتىسى نۇتۇقنى تىڭشاشقا 1500 ئادەم كەلگەن. شۇ چاغدا قېرىنداشلار ئادەملەرنىڭ ھەقىقەتكە قىزىقىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن!
بۇرادەرلەرنىڭ شۇنىڭدىن كېيىن قىلغان ئىش-ھەرىكەتلىرى تا بۈگۈنگىچە يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ۋەز پائالىيىتىگە تەسىر قىلماقتا.
كېلەچەكتىكى ئۆسۈشكە تەييارلىق قىلىش
«كۈزىتىش مۇنارى» 1919-يىل 1-ئاۋغۇست سانىدا سېنتەبىر ئېيىنىڭ بېشىدا سىدار-پوينتتا (ئوخايو شتاتى) چوڭ بىر يىغىلىش بولىدىغانلىقى يېزىلغان. مىسسۇرى شتاتىدا ياشىغان كلارېنس بىتى ئىسىملىك ياش بۇرادەر
ئەسلىگەندەك، «ھەربىرىمىز بۇ ئۇچرىشىشقا بارمىساق بولمايدۇ، دەپ ئويلىدۇق». بۇ كونگرېسسقا 6000دىن ئوشۇق قېرىنداشلار قاتناشقان. شۇنچە كۆپ ئادەملەر كېلىدۇ، دەپ ھېچكىم ئويلىمىغان. خۇشاللىقنىڭ ئۈستىگە خۇشاللىق قوشۇلۇپ، 200 ئادەم يېقىن يەردىكى يرى كۆلىدە چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن.1919-يىل 5-سېنتەبىردە، چوڭ يىغىلىشنىڭ بەشىنچى كۈنى، «خىزمەتداشلارغا چاقىرىق» دېگەن نۇتۇقىدا رۇتېرفورد بۇرادەر «ئالتۇن دەۋر» b ناملىق يېڭى ژۇرنالنىڭ چىقىشىنى ئېلان قىلغان. بۇ يېڭى ماتېرىيال مۇقەددەس كىتابنىڭ ياردىمى بىلەن مۇھىم ۋەقەلەر ۋە ئۇلارنىڭ سەۋەبىنى روشەن كۆرسىتىپ بېرەتتى.
مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ھەممىسى يېڭى ماتېرىيال بىلەن جاسارەتلىك ۋەز قىلىشقا دەۋەت قىلىنغان ئىدى. ۋەز قىلىش ئۇسۇلى چۈشەندۈرۈلگەن خەتتە: «چۆمۈلدۈرۈلگەن ھەربىر قېرىنداش خۇش خەۋەرنى جاكارلاش چوڭ شان-شەرەپ ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقى ھەم دۇنياغا گۇۋاھلىق بېرىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەي، بۇ ئىشقا ئۆز ھەسسىسىنى قوشۇشى كېرەك»،— دەپ يېزىلغان. نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلار ۋەز قىلىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان. دېكابىر ئېيىغىچە قىزغىن ۋەز ئېيتقۇچىلار يېڭى ژۇرنالغا 000 50 مۇشتىرى توپلىغان.
1919-يىلنىڭ ئاخىرىدا يەھۋانىڭ خەلقى ئىشلىرىنى يېڭىچە ئۇيۇشتۇرۇپ، غەيرەت-جاسارەت بىلەن خىزمەت قىلىشقا تەييار بولغان. شۇنداقلا ئاخىر زامانغا مۇناسىۋەتلىك بىرنەچچە مۇھىم پەيغەمبەرلىك سۆزلەر ئەمەلگە ئاشقان. مالاكى 3:1—4-ئايەتلەردە ئالدىن-ئالا ئېيتىلغاندەك، خۇدا خەلقى سىنالغان ۋە تازىلانغان. خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى «بۈيۈك بابىلنىڭ» قۇللىقىدىن ئازاد قىلىنغان ۋە شۇ يىلى ئەيسا «سادىق ھەم ئەقىل-پاراسەتلىك قۇلنى» c تەيىنلىگەن (ۋەھىي. 18:2، 4؛ مەتتا 24:45). ئەمدى مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرى يەھۋا ئۇلارغا تاپشۇرغان ئىشنى ئورۇنلاشقا تەييار بولغان.
a رۇتېرفورد بۇرادەر ئادۋوكات ۋە سوتچى بولغانلىقتىن، ئۇ «سوتچى رۇتېرفورد» دېگەن نامغا ئىگە بولغان.
b «ئالتۇن دەۋر» ژۇرنىلى 1937-يىلى «تەسەللىي»، دەپ ئاتالغان ۋە 1946-يىلى «ئويغىنىش!» دېگەن نامغا ئۆزگەرتىلگەن.
c «كۈزىتىش مۇنارىنىڭ» (باشقا تىلدا) 2013-يىل، 15-ئىيۇل سانىنىڭ 10—12؛ 21—24-بەتلىرىگە ۋە 2016-يىل، مارت سانىنىڭ 29—31-بەتلىرىگە قاراڭ.