42-تەتقىق ماقالىسى
ئۆگەنگۈچىنىڭ روھىي جەھەتتىن ئۆسۈشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيسىز؟—ئىككىنچى قىسىمى
«ئۆزۈڭگە ھەمدە بەرگەن تەلىمىڭگە دىققەت قىلغىن».—1-تىموت. 4:16.
143-ناخشا زۇلمەت دۇنيادىكى نۇر
بۇ ماقالىدە a
1. شاگىرت تەييارلاش ئىشى — ھاياتنى قۇتقۇزىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى نەدىن بىلىمىز؟
شاگىرت تەييارلاش ئىشى — ھاياتنى قۇتقۇزىدىغان ئىش. بۇنى نەدىن بىلىمىز؟ ئەيسا مەتتا 28:19، 20-ئايەتلەردە: «بېرىڭلار، . . . شاگىرتلارنى تەييارلاڭلار. . . . سۇغا چۆمۈلدۈرۈڭلار»،— دەپ بۇيرۇق بەرگەن. چۆمۈلدۈرۈلۈشنىڭ مۇھىملىقىنى نەدىن بىلىمىز؟ ئەگەر بىز قۇتقۇزۇلۇپ مەڭگۈ ياشاشنى خالىساق، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىمىز شەرت. چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە لاياقەتلىك بولغانلار چوقۇم ئەيسانىڭ بەرگەن تۆلەم قۇربانلىقىغا ۋە ئۇنىڭ تىرىلگەنلىكىگە ئىشىنىشى كېرەك. شۇ سەۋەبتىن، ئەلچى پېترۇس ئېتىقادداشلارغا مۇنداق دېگەن: «ھازىرمۇ سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈش . . . سىلەرنى ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلىشى ئارقىلىق قۇتقۇزىدۇ» (1-پېتر. 3:21). ئۆگەنگۈچى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتسە، مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدىگە ئىگە بولالايدۇ.
2. 2-تىموتىي 4:1، 2-ئايەتلەرگە ئاساسەن، بىز قانداق ئۆگەتكۈچى بولۇشىمىز كېرەك؟
2 شاگىرتلارنى تەييارلاش ئۈچۈن تەلىم بېرىش ماھارىتىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك (2-تىموتىي 4:1، 2-نى ئوقۇڭ). نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئەيسا بىزگە: « بېرىڭلار. . . . شاگىرتلارنى تەييارلاڭلار. . . . ئۇلارغا ئۆگىتىڭلار»،— دەپ بۇيرۇق بەرگەن. ئەلچى پاۋلۇس مۇنداق دېگەن: «ئۆزۈڭگە ھەمدە بەرگەن تەلىمىڭگە دىققەت قىلغىن. بۇنداق قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇر. چۈنكى، شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭنى ۋە ساڭا قۇلاق سالغانلارمۇ قۇتقۇزىسەن» (1-تىموت. 4:16). ئەگەر بىز شاگىرت تەييارلاشنى خالىساق، قولىمىزدىن كەلگىنىچە ئادەملەرنى ئۆگىتىشىمىز كېرەك.
3. بۇ ماقالىدە، مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈش ھەققىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
3 بىز پۈتۈن دۇنيادا، مىليونلىغان مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى ئىزچىل ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. ئۆتكەن ماقالىدە كۆرگىنىمىزدەك، ئادەملەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىمىزنى بىلىشنى خالايمىز. ھەر بىر تەلىم بەرگۈچى ئۆگەنگۈچىگە چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە ياردەم بېرىشى كېرەك. شۇ سەۋەبتىن، بۇ ماقالىدە شۇ مەقسەتكە يېتىشكە ياردەم بېرىدىغان چوقۇم قىلىش زۆرۈر بولغان بەش قوشۇمچە نەرسىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
مۇقەددەس كىتابنىڭ ئۆگىتىشىگە يول قويۇڭ
4. تەلىم بەرگۈچى مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشى ئۆتكۈزگەندە. نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى تۇتۇشى كېرەك؟ (ئىزاھاتقا ھەم قاراڭ)
4 بىز مۇقەددەس كىتابتىن تەلىم بېرىشنى ياخشى كۆرىمىز. شۇ سەۋەبتىن، كۆپ سۆزلەشنى خالىشىمىز مۇمكىن. «كۈزىتىش مۇنارى» مۇھاكىمە ئۆگىنىشى ، مۇقەددەس كىتابنى جامائەتتە ئۆگىنىش ياكى ئادەملەر بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىش بولسۇن، تەلىم بەرگۈچى ئانچە كۆپ سۆزلىمەسلىكى كېرەك. ھەربىر تەلىم بەرگۈچى ئۆگەنگۈچىنى ئۆگەتكەندە، مۇقەددەس كىتابنىڭ ئۆزى تەلىم بېرىشىنى خالايدۇ. شۇڭا، ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، كۆپ سۆزلىمەسلىكى ۋە مۇقەددەس كىتاب ئايىتى ياكى ماۋزۇ ھەققىدە بىلگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشماسلىقى لازىم b (يۇھاننا 16:12). چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئەمدىلا ئۆتكەن چاغدىكى بىلىمىڭىز بىلەن ھازىرقى بىلىمىڭىزنى سېلىشتۇرۇڭ. ئېھتىمال، شۇ ۋاقىتتا پەقەت ئاساسىي تەلىملەرنى چۈشەنگەن ئىدىڭىز (ئىبرانىي. 6:1). ھازىرقى بىلىمىڭىزگە ئېرىشىش ئۈچۈن كۆپ يىللار ئۆتكەن، شۇڭا يېڭى ئۆگەنگۈچىگە بىلگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى تۆكۈپ تاشلاشنىڭ ھاجىتى يوق.
5. (1) 1-سالونىكالىقلار 2:13-ئايەتكە ئاساسەن، ئۆگەنگۈچىنىڭ مۇھاكىمە قىلغان ماۋزۇنى چۈشىنىشى ئۈچۈن نېمە قىلىشنى خالايمىز؟ (2) ئۆگەنگۈچىنى ئالغان بىلىملىرى ھەققىدە باشقىلارغا سۆزلەشكە قانداق دەۋەت قىلالايمىز؟
5 بىز ئۆگەنگۈچى بىلىۋالغان بىلىملەرنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن يېزىلغان مۇقەددەس كىتابتىن كەلگەنلىكىنى چۈشىنىشىنى خالايمىز (1-سالونىكالىقلار 2:13-نى ئوقۇڭ). بۇنى قانداق قىلالايمىز؟ ئۆگەنگۈچىنى ئالغان بىلىمى ھەققىدە باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىشكە دەۋەت قىلىڭ. ئۆگەنگۈچىگە مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتلەرنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى ئۆزى چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە دەۋەت قىلىڭ. ئۇنىڭ مۇقەددەس كىتابنى ئەمەلىي تۇرمۇشىدا قوللىنىشىغا ياردەم بېرىڭ. ئۇنىڭ بىلەن مۇھاكىمە ئېلىپ بارغاندا، مۇقەددەس كىتابتىن ئوقۇغان ئايەتلەر ھەققىدە نېمە ئويلايدىغانلىقىنى ۋە ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارا قىلىدىغان سوئاللارنى قويۇڭ (لۇقا 10:25—28). ئۇنىڭغا مۇنداق سوئاللارنى قويسىڭىز بولىدۇ: «بۇ ئايەت سىزگە خۇدانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىدىن بىرىنى كۆرۈشكە قانداق ياردەم بەردى؟»، «مۇقەددەس كىتابتىن ئۆگەنگەن بۇ ھەقىقەتنىڭ سىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟» ۋە «ھازىر ئۆگەنگەنلىرىڭىز ھەققىدە نېمە ئويلايسىز؟» (پەند. نە 20:5). ئۇنىڭ بىلىمىنىڭ كۆپ بولۇشى مۇھىم ئەمەس، ئالغان بىلىمىنى ياخشى كۆرۈشى ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىشى بەكرەك مۇھىم.
6. تەجرىبىلىك ۋەز ئېيتقۇچىنى ئۆگىنىشكە چاقىرىش نېمە ئۈچۈن ياخشى؟
6 مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشى ئۆتكۈزگەندە، تەجرىبىلىك ۋەز ئېيتقۇچىلارنى بىرەر قېتىم بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىشقا چاقىردىڭىزمۇ؟ شۇنداق قىلسىڭىز، ئۇلاردىن ئۆگىنىشنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىڭىز ۋە مۇقەددەس كىتابنى قانداق قوللانغانلىقىڭىز ھەققىدە كۆزگەتكەنلىرىنى ئېيتىپ بېرىشنى سوراڭ. ئەگەر تەلىم بېرىش ماھارىتىڭىزنى ياخشىلاشنى خالىسىڭىز، كەمتەر بولۇشىڭىز كېرەك (ئەلچىلەر 18:24—26-نى سېلىشتۇرۇڭ). كېيىن، تەجرىبىلىك ۋەز ئېيتقۇچىدىن ئۆگەنگۈچى مۇھاكىمە قىلغان ھەقىقەتنى چۈشەندىمۇ دەپ سوراڭ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر ياكى بىرنەچچە ھەپتە بىر ياققا كېتىپ قالسىڭىز، ئۇنى ئۆزىڭىزنىڭ ئورنىدا شۇ ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشقا سورىيالايسىز. شۇنداق قىلسىڭىز، ئۆگىنىش مۇنتىزىم ھالەتتە ئۆتكۈزۈلىدۇ ۋە ئۆگەنگۈچىگە بۇنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىسىز. بۇ «مېنىڭ» ئوقۇغۇچۇم ۋە مەندىن باشقا ھېچكىم ھەرگىزمۇ ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزەلمەيدۇ، دەپ ئويلىماڭ. ئۆگەنگۈچى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى، ھەقىقەت توغرۇلۇق كۆپرەك بىلىم ئېلىپ، روھىي جەھەتتىن ئۆسۈشنى داۋاملاشتۇرۇش.
قىزغىن ۋە ئىشەنچ بىلەن ئۆگىتىڭ
7. ئۆگەنگۈچى ئېلىۋاتقان بىلىمنى ياخشى كۆرۈشى ئۈچۈن نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
7 ئۆگەنگۈچى قىزغىنلىقىڭىزنى ۋە مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرىگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى كۆرۈشى كېرەك (1-سالونىكا. 1:5). شۇ چاغدا، ئۇ ئېلىۋاتقان بىلىمىگە تېخىمۇ قىزىقىدىغان بولىدۇ. ئورۇنلۇق بولسا، مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرى سىزگە قانداق ياردەم بەرگەنلىكى توغرۇلۇق ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن ئۇ، مۇقەددەس كىتابتا ئۇنىڭغا ئەمەلىي ياردەم بېرىدىغان يول-يورۇق ۋە پايدىلىق كۆرسەتمىلەر بارلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيدۇ.
8. سىز ئۆگەنگۈچىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن يەنە نېمە قىلالايسىز؟
8 مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزگەندە، ئۆگەنگۈچىگە ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن ۋە ئۇلارنى قانداق يېڭىپ چىققان قېرىنداشلارنىڭ مىساللىرى توغرۇلۇق ئېيتىپ بېرىڭ. سىز ئۆگەنگۈچىگە ياخشى تەسىر قىلىدىغان جامائىتىڭىزدىكى بىر قېرىنداشنى ئۆگىنىشكە چاقىرالايسىز. ياكى بولمىسا، jw.org تور بېكىتىدىكى «مۇقەددەس كىتاب ھاياتنى ئۆزگەرتىدۇ c» دېگەن توپلامدىن ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىدىغان مىساللارنى تاپالايسىز. شۇنداق ماقالىلەر ۋە فىلىملەر ئۆگەنگۈچىگە مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىغا ماس ھايات كەچۈرۈشنىڭ قانچىلىك دانالىق بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
9. سىز ئۆگەنگۈچىنى ئالغان بىلىملىرى ھەققىدە ئۆز ئائىلىسى ۋە دوستلىرىغا ئېيتىپ بېرىشكە قانداق دەۋەت قىلالايسىز؟
9 ئەگەر ئۆگەنگۈچى توي قىلغان بولسا، ئۇنىڭ جۈپتى مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتامدۇ؟ ئۆگەنمىگەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇنى ئۆگىنىشكە قاتنىشىشقا چاقىرىڭ. سىز ئۆگەنگۈچىنى ئالغان بىلىملىرى ھەققىدە ئۆز ئائىلىسى ۋە دوستلىرىغا ئېيتىپ بېرىشكە دەۋەت قىلىڭ (يۇھاننا 1:40—45). قانداق قىلالايسىز؟ ئۇنىڭدىن مۇنداق سورىسىڭىز بولىدۇ: «بۇ ھەقىقەتنى ئائىلىڭىزگە قانداق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيسىز؟» ياكى «دوستىڭىزغا دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابتىكى قايسى ئايەتنى قوللىنالايسىز؟» شۇنداق قىلىپ، ئۆگەنگۈچىنى مۇئەللىم بولۇشقا ئۆگىتىسىز. ئاندىن كېيىن، ئۇ تەييار بولغاندا، جامائەتتىكىلەر بىلەن بىرگە ۋەز قىلالايدۇ. ئۆگەنگۈچىدىن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى خالايدىغان بىرەر كىشىنى بىلەمسىز، دەپ سورىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ئۇ بىلسە، دەرھال شۇ ئادەم بىلەن ئالاقە قىلىپ، مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلىڭ ۋە ئۇنىڭغا «مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇپ-ئۆگىنىش قانداق ئۆتكۈزىلىدۇ؟ d» دېگەن فىلىمنى كۆرسىتىڭ.
ئۆگەنگۈچىنى جامائەتتە دوستلارنى تېپىشقا دەۋەت قىلىڭ
10. 1-سالونىكالىقلار 2:7، 8-ئايەتلەرگە ئاساسەن، ئۆگەتكۈچى ئەلچى پاۋلۇستىن قانداق ئۈلگە ئالالايدۇ؟
10 ئۆگەتكۈچى ئۆگەنگۈچىلەرگە سەمىمىي قىزىقىش كۆرسىتىشى كېرەك. سىز ئۇلارغا ئېتىقادداشلارغا قارىغاندەك قاراڭ (1-سالونىكالىقلار 2:7، 8-نى ئوقۇڭ). ئۇلارغا خۇداغا خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەس دوستلىرىدىن ئايرىلىش ۋە كېرەكلىك ئۆزگىرىشلەرنى قىلىش قىيىن. بىز ئۇلارغا جامائەتتە ھەقىقىي دوستلارنى تېپىشقا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. ئۆگەنگۈچى بىلەن ۋاقىتنى پەقەت تەتقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزگەندىلا ئەمەس، باشقا بىر ۋەزىيەتلەردىمۇ بىرگە ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوست بولۇڭ. ئارىلاپ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلسىڭىز، ئۇچۇر ئەۋەتسىڭىز ۋە قىسقا ۋاقىتقا كىرىپ چىقسىڭىز، چىن يۈرەكتىن ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرسىتىسىز.
11. ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ جامائەتتە قانداق دوستلارنى تېپىشىنى خالايمىز ۋە نېمە ئۈچۈن؟
11 «كۆپنىڭ قولى كۆككە يېتەر» دېگەندەك، «شاگىرت تەييارلاش ئۈچۈن جامائەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى كۈچ چىقىرىشى كېرەك». شۇ سەۋەبتىن، تەجرىبىلىك تەلىم بەرگۈچىلەر ئۆگەنگۈچىلەرنى ئۇلارغا ياخشى تەسىر قىلالايدىغان جامائەتتىكى باشقا ئېتىقادداشلار بىلەن تونۇشتۇرىدۇ. كېيىن، ئۇلار خۇدا خىزمەتچىلىرى بىلەن ئارىلىشىپ خۇشاللىق تاپالايدۇ ۋە ئۇلاردىن روھىي ۋە ھېس-تۇيغۇ جەھەتتىن ياردەمگە ئېرىشەلەيدۇ. بىز ھەر بىر ئۆگەنگۈچىنىڭ ئۆزىنى روھىي ئائىلىمىزنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە ھېس قىلىشىنى خالايمىز. بىز ئۇنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببەتكە تولغان ئائىلىمىزگە يېقىن بولۇشىنى خالايمىز. شۇ ۋاقىتتا، ئۇنىڭ يەھۋانى ياخشى كۆرۈشكە دەۋەت قىلمايدىغان ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىشنى توختىتىشى ئاسانراق بولىدۇ (پەند. نە 13:20). ئەگەر بۇرۇنقى دوستلىرى ئۇنى تاشلاپ كەتسە، ئۇ يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدا ھەقىقىي دوستلارنى تاپالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.—ماركۇس 10:29، 30؛ 1-پېتر. 4:4.
ئۆزىنى خۇداغا بېغىشلاش ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈش ھەققىدە سۆزلىشىپ تۇرۇڭ
12. نېمە ئۈچۈن ئۆگەنگۈچى بىلەن خۇداغا ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش ھەققىدە سۆزلىشىپ تۇرۇشىمىز كېرەك؟
12 سىز ئۇنىڭ بىلەن خۇداغا ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكى ھەققىدە پات-پات سۆزلىشىپ تۇرۇشىڭىز كېرەك. ئۆگىنىش ئۆتكۈزۈشنىڭ مەقسىتى — ئادەمنىڭ يەھۋاغا خىزمەت قىلىپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىش. ئۆگەنگۈچى ئۆگىنىشنى باشلاپ بىرنەچچە ئايدىن كېيىن، بولۇپمۇ جامائەتكە كېلىشنى باشلىغاندىن بېرى، بىزنىڭ ئۇنىڭغا يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ بىرى بولۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىمىزنى چۈشىنىشى كېرەك.
13. سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشى ئۈچۈن ئۆگەنگۈچى قانداق قەدەملەرنى بېسىشى كېرەك؟
13 سەمىمىي ئۆگەنگۈچى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش مەقسىتىگە قەدەممۇ-قەدەم يېتەلەيدۇ. ئاۋۋال، ئۇ يەھۋانى تونۇپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، كېيىن ئۇنىڭغا ئىشەنچ باغلايدۇ (يۇھاننا 3:16؛ 17:3). ئۇ يەھۋانىڭ ۋە جامائەتتىكىلەرنىڭ دوستى بولىدۇ (ئىبرانىي. 10:24، 25؛ ياقۇپ 4:8). ئاخىرىدا، ئۇ يامان ئادەتلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆز گۇناھلىرىغا توۋا قىلىدۇ (ئەلچى. 3:19). شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئىمان-ئېتىقادى باشقىلارغا ھەقىقەت توغرۇلۇق ئېيتىشقا دەۋەت قىلىدۇ (2-كورىنت. 4:13). نەتىجىدە، ئۇ ئۆزىنى يەھۋا خۇداغا بېغىشلايدۇ ۋە سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتىدۇ (1-پېتر. 3:21؛ 4:2). بۇ راستىنلا خۇشاللىققا چۆمىدىغان بىر كۈن! ئۆگەنگۈچى شۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن باسقان ھەر بىر قەدىمىنى سەمىمىيلىك بىلەن، چىن يۈرەكتىن ماختاڭ ۋە ئالدىغا قەدەم بېسىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلىڭ.
ئاندا-ساندا ئۇنىڭ ئالغا باسقان ياكى باسمىغانلىقىنى باھالاپ تۇرۇڭ
14. ئۆگەنگۈچىنىڭ ئالغا باسقان ياكى باسمىغانلىقىنى قانداق باھالاشقا بولىدۇ؟
14 ئۆگەنگۈچىنىڭ ئۆزىنى خۇداغا بېغىشلاش ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئالغا بېسىشىغا ياردەم بەرگەندە، سەۋرچان بولۇشىمىز كېرەك. بىز ئۇنىڭ خۇداغا خىزمەت قىلىش خاھىشى بار-يوقلىقىنى بىلىۋېلىشىمىز مۇھىم. ئۆگەنگۈچى ئەيسانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆردىڭىزمۇ؟ ياكى بولمىسا، ئۇ مۇقەددەس كىتابتىن پەقەت ئۇنى قىزىقتۇرىدىغان نەرسىلەرنىلا بىلىشنى خالامدۇ؟
15. ئۆگەنگۈچىنىڭ چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە تەييار بولغانلىقىنى ئۆگەتكۈچى قانداق ئېنىقلايدۇ؟
15 ئۆگەنگۈچىنىڭ باسقان قەدەملىرى ھەققىدە دائىم مۇلاھىزە قىلىڭ. مەسىلەن، ئۇ يەھۋاغا دۇئا قىلامدۇ؟ ئۇنىڭغا ئىچ-باغرىنى تۆكەمدۇ؟ (زەبۇر 116:1، 2) مۇقەددەس كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرەمدۇ؟ (زەبۇر 119:97) يىغىلىشلارغا دائىم قاتنىشامدۇ؟ (زەبۇر 22:22) ھاياتىدا قانداقتۇ بىر ئۆزگەرتىشلەرنى قىلدىمۇ؟ (زەبۇر 119:112) ئائىلىسىگە ۋە دوستلىرىغا ئۆگەنگەنلىرى ھەققىدە ئېيتىشنى باشلىدىمۇ؟ (زەبۇر 9:1) ئەڭ مۇھىمى، ئۇ يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇشنى خالامدۇ؟ (زەبۇر 40:8) ئەگەر ئۇ شۇ قەدەملەرنىڭ بىرىنىمۇ باسمىغان بولسا، ئۇنىڭ بىلەن سىلىق-سىپايە، ئوچۇق-يورۇق سۆزلىشىپ، ئۇ نېمە سەۋەبتىن ئالغا باسمايۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاڭ e.
16. ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى داۋاملاشتۇرماسلىقنى قانداق ئېنىقلاشقا بولىدۇ؟
16 بىرسى بىلەن ئۆگىنىش ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇشۇم كېرەكمۇ، دەپ ئاندا-ساندا ئۆزىڭىزدىن سوراڭ. مەسىلەن: «ئۆگەنگۈچى مۇھاكىمە ئۆگىنىشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلامدۇ؟ ئۇ جامائەت يىغىلىشلىرىغا بېرىشنى خالامدۇ؟ يامان ئادەتلىرىنى تاشلىدىمۇ؟ ساختا دىندىن چىقتىمۇ؟» ئەگەر بۇ سوئاللارغا «ياق» دېسىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇش، بۇ ھۆل بولۇشنى خالىمىغان كىشىگە، سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىتىشكە ئۇرۇنغانغا ئوخشاش ئىش بولىدۇ. ئەگەر كىشى ئۆگەنگەنلىرىنى ھەقىقىي قەدىرلىمىسە ۋە ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشنى خالىمىسا، ئۇنىڭ بىلەن ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق!
17. 1-تىموتىي 4:16-ئايەتكە ئاساسەن، ھەربىر ئۆگەتكۈچى نېمە قىلىشى كېرەك؟
17 شاگىرت تەييارلاشنى مۇھىم ئىش دەپ قارايمىز. بىز ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن قەدەملەرنى تاشلىشىغا ياردەم بېرىشنى خالايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ئۇلارنى مۇقەددەس كىتابنىڭ ئۆگىتىشىگە يول قويۇپ، قىزغىنلىق ۋە ئىشەنچ بىلەن ئۆگىتىمىز. ئۆگەنگۈچىنى جامائەتتە دوستلارنى تېپىشقا دەۋەت قىلىمىز. ئاندا-ساندا ئۇلارنىڭ ئالغا باسقان ياكى باسمىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ، ئۆزىنى خۇداغا بېغىشلاش ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش مەقسىتىنى ئۇلارنىڭ ئېسىگە سالىمىز (13-بەتتىكى « ئۆگەتكۈچى ئۆگەنگۈچىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە لاياقەتلىك بولۇشى ئۈچۈن قانداق ياردەم قىلىشى كېرەك» دېگەن رامكىغا قاراڭ). بىز بۇ قۇتقۇزۇش ئىشىغا قاتنىشىۋاتقانلىقىمىزدىن خۇشال! چۆمۈلدۈرۈلۈشكە ئاپىرىدىغان نەتىجىلىك ئۆگىنىشلەرنى ئۆتكۈزۈشكە بەل باغلايلى.
139-ناخشا ئۇلارنى چىڭ تۇرۇشقا ئۆگەتكىن
a ئادەملەر بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈش — يەھۋانىڭ ئاجايىپ سوۋغىتى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ يەھۋا خالىغاندەك ئويلاش، ھېس-قىلىش ۋە ئىش-ھەرىكەت قىلىشقا باشلىشىغا ياردەم بېرەلەيمىز. بۇ ماقالىدە، تەلىم بېرىش ماھارىتىمىزنى قانداق ئاشۇرالايدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
b 2016-يىل، سېنتەبىر ئېيى، «ۋەز خىزمىتىمىز ۋە ھاياتىمىز» قوللانمىسىدىكى «مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىدە، بۇ خاتالىقلاردىن نېرى بولۇڭ» دېگەن ماقالىگە قاراڭ.
c بىز ھەققىدە > كەچۈرمىشلەر دېگەن يەرگە قاراڭ
d كۇتۇپخانا > فىلىملەر > يىغىلىشلىرىمىز ۋە خىزمىتىمىز > خىزمەت ئۈچۈن قوراللار دېگەن يەرگە قاراڭ.
e «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلى 2020-يىل، مارت سانىدىكى «يەھۋاغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭىز سىزنى چۆمۈلدۈرۈلۈشكە دەۋەت قىلسۇن» ۋە «سىز چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تەييارمۇ؟» دېگەن ماقالىلەرگە قاراڭ.
f سۈرەتتە: مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈپ بىرازدىن كېيىن، ياشانغان تەجرىبىلىك قېرىنداش ئۆگىنىشكە چاقىرغان ياش قېرىنداشقا كۆپ سۆزلىمەسلىكى ھەققىدە مەسلىھەت بېرىۋاتىدۇ.
g سۈرەتتە: ئۆگىنىش جەريانىدا ئۆگەنگۈچى قانداق ياخشى ئايال بولۇش كېرەكلىكىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ. كېيىن، ئۇ بىلگەنلىرىنى ھەمراھىغا ئېيتىۋاتىدۇ.
h سۈرەتتە: ئۆگىنىۋاتقان ئايال ئىبادەت زالىدا بىر قېرىنداش بىلەن تونۇشۇۋالغان. كېيىن، بۇ ئايال يولدىشى بىلەن شۇ قېرىنداشنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا كېلىپ، خۇشال-خۇرام ۋاقىت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ.