41-تەتقىق ماقالىسى
ئۆگەنگۈچىنىڭ روھىي جەھەتتىن ئۆسۈشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيسىز؟ بىرىنچى قىسىمى
«سىلەر بىز خىزمەتكارلار تەرىپىدىن يېزىلغان مەسىھنىڭ خېتى ئىكەنلىكىڭلار ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ».—2-كورىنت. 3:3.
40-ناخشا ئاۋۋال خۇدا پادىشاھلىقىنى ئىزدە!
بۇ ماقالىدە a
1. 2-كورىنتلىقلار 3:1—3-ئايەتلەر باشقىلارنى ئۆگىتىش ۋە ئۇلارنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەنلىكىنى كۆرۈش، بۇ يەھۋانىڭ بىباھا سوۋغىتى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
جامائىتىڭىزدە بىرسى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتسە، ئۆزىڭىزنى قانداق ھېس قىلىسىز؟ ئەلۋەتتە، بۇ كۆڭلۈڭىزنى بەكمۇ خۇشال قىلىدۇ (مەتتا 28:19). ئەگەر سىز شۇ ئادەم بىلەن ئۆگىنىش قىلىپ، ئۇنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكىنىنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرگەن بولسىڭىز، قانچىلىك خۇشال بولغانسىز، ھە! (1-سالونىكا. 2:19، 20) يېڭىدىن چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن شاگىرتلار پەقەت ئۆگەتكۈچىلەرگە ئەمەس، جامائەتنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن يېزىلغان ياخشى تونۇشتۇرۇش خېتى.—2-كورىنتلىقلار 3:1—3-نى ئوقۇڭ b.
2. (1) قانداق مۇھىم سوئالنى كۆرۈپ چىقىشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟ (2) مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىش دېگەن نېمە؟ (ئىزاھاتقا قاراڭ)
2 ئالدىنقى تۆت يىلدا، دۇنيا يۈزى بويىچە ھەر ئايدا تەخمىنەن 10000000 مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشى c ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى. شۇ يىللاردا، ئوتتۇرىچە ھېسابتا ھەر يىلى 280000دىن كۆپرەك ئادەم يەھۋا گۇۋاھچىسى ۋە ئەيسانىڭ يېڭى شاگىرتلىرى سۈپىتىدە چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن. مىليونلىغان مۇقەددەس كىتاب ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟ يەھۋا ئادەملەرگە ئۇنىڭ گۇۋاھچىلىرى بولۇشىغا سەۋرچانلىق بىلەن پۇرسەت بېرىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، بىز ئۇلارنىڭ مۇمكىنقەدەر چاپسانراق چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگىنىنىڭ ھەممىسىنى قىلىمىز. ۋاقىت ئاتقان ئوقتەك تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ!—1-كورىنت. 7:29؛ 1-پېتر. 4:7.
3. بۇ ماقالىدە، مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىش ھەققىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
3 شاگىرتلارنى تەييارلاش ئىشى شۇنچە مۇھىمكى، ھەتتا يېتەكچى كېڭەش بەيتەللەردىن بۇنىڭ ئۈچۈن قېرىنداشلارنىڭ نېمە قىلالايدىغانلىقىنى سورىغان. مۇشۇ ۋە كېيىنكى ماقالىلەردە، بىز تەجرىبىلىك پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار، ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچىلار [مىسسىئونېرلار] ۋە رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللاردىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز d (پەند. نە 11:14؛ 15:22). ئۇلار مۇقەددەس كىتابتىن تەلىم بەرگۈچىلەر ۋە ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئۆگىنىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ ماقالىدە، بىز ھەربىر ئۆگەنگۈچىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشكە قەدەم بېسىشى ئۈچۈن قانداق بەش نەرسىنى قىلىش كېرەكلىكىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
ھەر ھەپتىدە تەتقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈش
4. ئىشىك ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۆگىنىش ھەققىدە نېمىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك؟
4 نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ئادەملەر بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشنى، ئۇلارنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزىۋاتىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ مۇقەددەس كىتابقا بولغان قىزىقىشىنى ئويغىتىشنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولسىمۇ، ئادەتتە بۇنداق ئۆگىنىشلەر قىسقا ئۆتىدۇ، ھەتتا ھەر ھەپتىدە ئۆتكۈزۈلمەسلىكى مۇمكىن. بەزى قېرىنداشلار ئادەملەرنىڭ قىزىقىشىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تېلېفون نۇمۇرىنى سورايدۇ، كېيىن ئۇلارغا قايتا يولۇقۇشنىڭ ئارىلىقىدا، مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى ئوي-پىكىرلەرنى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئەۋەتىدۇ. بۇنداق ئاندا-ساندا مۇھاكىمىلەر بىرقانچە ئاي داۋام قىلسىمۇ، بىراق ئۇلار نەتىجىسىز بولۇشى مۇمكىن. قىزىققۇچى مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشكە كۆپرەك ۋاقىت ۋە كۈچ چىقارمىسا، ئۇ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆزىنى خۇداغا بېغىشلاپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتەلەمدۇ؟ بۇ مۇمكىن ئەمەس.
5. لۇقا 14:27—33-ئايەتلەردە، ئەيسا شاگىرت تەييارلاش ئىشىدا نېمە بىزگە ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن؟
5 بىر قېتىم، ئەيسا تەمسىل ئارقىلىق ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرگەن. ئەيسا مۇنار سالماقچى بولغان ئادەم ۋە ئۇرۇشقا چىقماقچى بولغان بىر پادىشاھ ھەققىدە مىساللارنى كەلتۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەپ ئېيتقان، مۇنار سالغۇچى ئىشىنى ئاخىرىغا چىقىرىش ئۈچۈن «ئاۋۋال ئولتۇرۇپ، قانچىلىك خىراجەت كېتىشىنى ھېسابلاپ» چىقىشى كېرەك ۋە پادىشاھ ئۇنىڭغا قارشى چىققانلار بىلەن جەڭ قىلشتىن بۇرۇن، «ئاۋۋال ئولتۇرۇپ»، ئۇلارنى يېڭىۋېلىش ياكى يېڭىلىپ قېلىش ھەققىدە «مەسلىھەت» قىلىشى لازىم (لۇقا 14:27—33-نى ئوقۇڭ). بۇنىڭغا ئوخشاش، ئەيسا شۇنى ئېنىق بىلگەنكى، بىر كىشى ئۇنىڭ شاگىرتى بولۇشنى خالىسا، ئۇ مەسىھ ئەگەشكۈچى بولۇش نېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ھەققىدە پۇختا ئويلىنىشى كېرەك. شۇ سەۋەب، بىز ئۆگەنگۈچىلەرنى ھەر ھەپتىدە بىللە تەتقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈشكە دەۋەت قىلىشىمىز كېرەك. بۇنى قانداق قىلالايمىز؟
6. بىز ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن نېمە قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرۈشىمىز كېرەك؟
6 ئىشىك ئالدىدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئۆگىنىشنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىشتىن باشلاڭ. بەلكىم، سىز ھەر قېتىم كەلگەندە، مۇقەددەس كىتابتىن يەنە بىر-ئىككى ئايەتنى قوشۇپ مۇھاكىمە قىلىڭ. ئۆي ئېگىسى بىلەن ئۇزاقراق سۆزلىشىش ئادەتكە ئايلانغاندا، ئۇنىڭدىن بىر يەردە ئولتۇرۇپ، مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈشنى سوراڭ. ئۇ شۇنىڭغا ماقۇل بولسا، مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىش ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇ كىشىنىڭ روھىي جەھەتتىن چاپسانراق ئۆسۈشى ئۈچۈن، ھەتتا ئۇنىڭدىن ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئۆگىنىش ئۆتكۈزۈشنى سوراپ كۆرۈڭ. ئەمما، ھەر ھەپتىدە بىر ياكى ئىككى قېتىم ئۆگىنىش ئۆتكۈزۈش يېتەرلىك ئەمەس، يەنە كۆپرەك نەرسىنى قىلىش كېرەك.
ئادەم بىلەن ئۆگىنىش ئۆتكۈزۈشتىن ئاۋۋال تەييارلىق قىلىڭ
7. ئۆگەتكۈچى ھەربىر ئۆگىنىشكە قانداق ياخشى تەييارلىق قىلالايدۇ؟
7 سىز ئۆگەتكۈچى سۈپىتىدە، ھەر بىر ئۆگىنىشكە ياخشى تەييارلىنىشىڭىز لازىم. شۇنداق باشلىسىڭىز بولىدۇ: مۇھاكىمە قىلىدىغان ماۋزۇنى ئوقۇپ، كەلتۈرۈلگەن ئايەتلەرنى قاراپ چىقىڭ. مۇھىم ئويلارنى ئەستە تۇتۇڭ. دەرسنىڭ ماۋزۇسى، كىچىك ماۋزۇلار، كەلتۈرۈلگەن سوئاللار، «ئوقۇڭ» دېگەن ئايەتلەر، سۈرەتلەر ۋە بۇ دەرسنى چۈشەندۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغان فىلىملەر ھەققىدە ئويلاڭ. ئاندىن ئۆگەنگۈچىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا مەلۇماتنىڭ ئاددىي ۋە ئېنىق بولۇشى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىڭ. شۇ چاغدا، ئۆگەنگۈچى بۇ مەلۇماتنى ئاسان چۈشىنەلەيدۇ ۋە ئۇ بۇنى ئەمەلىيەتتە قوللىنالايدۇ.—نەھەم. 8:8؛ پەند. نە 15:28.
8. ئەلچى پاۋلۇسنىڭ كولوسىلىقلار 1:9، 10-ئايەتلەردىكى سۆزلىرى، مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىۋاتقانلار ئۈچۈن دۇئا قىلىش ھەققىدە بىزگە نېمە ئۆگىتىدۇ؟
8 تەييارلىق قىلىش، ئۆگەنگۈچى ۋە ئۇنىڭ ئېھتىياجلىرى ھەققىدە دۇئا قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. مۇقەددەس كىتابتىن ئۆگەتكەن بىلىملەر ئادەمنىڭ يۈرىكىگە تەسىر قىلىشى ئۈچۈن، يەھۋا خۇدادىن ياردەم سوراڭ (كولوسىلىقلار 1:9، 10-نى ئوقۇڭ). ئۆگەنگۈچىگە نېمىنى چۈشىنىش ياكى نېمىنى قوبۇل قىلىش قىيىن بولىدىغانلىقىنى ئالدىن-ئالا ئويلىنىپ كۆرۈڭ. مەقسىتىمىز — ئۆگەنگۈچىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىش، بۇنى ئەستىن چىقارماڭ.
9. تەلىم بەرگۈچى ئۆگەنگۈچىنىڭ مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىگە تەييارلىق قىلىشىغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
9 ئۆگەنگۈچى مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشى داۋاملىق ئۆتكەندە، يەھۋا خۇداغا ۋە ئەيساغا مىننەتدار بولۇپ، ئۇلار ھەققىدە كۆپرەك بىلىشنى خالايدىغانلىقىغا ئۈمىد قىلىمىز (مەتتا 5:3، 6). ئۆگەنگۈچى ئۆگىنىشتىن پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئۆگىنىۋاتقانلىرىغا پۈتۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك. ئۆگەنگۈچى دىققىتىنى پۈتۈنلەي مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھەر بىر تەتقىق ئۆگىنىشىگە تەييارلىق قىلىشىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىڭ. تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، ئۇ دەرسنى ئالدىن-ئالا ئوقۇپ، ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە قانداق قوللىنىش ھەققىدە ئويلىنىشى كېرەك. سىز ئۇنىڭ تەييارلىق قىلىشىغا قانداق ياردەم بېرەلەيسىز؟ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تەتقىق ئۆگىنىشىگە قانداق تەييارلىق قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىڭ e. ئۆگەنگۈچىگە سوئاللارنىڭ ئۇدۇل جاۋابىنى قانداق تېپىشقا بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈڭ. شۇنداقلا بىر نەچچە سۆزلەرنىڭ ئاستىغا سىزىپ قويسا، بۇ ئۇنىڭ دەرھال ئۇلارنى ئەسكە ئېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئاندىن ئۇنى ئۆز سۆزى بىلەن جاۋاب بېرىشكە دەۋەت قىلىڭ. شۇنداق جاۋاب بەرگەندە، ئۇ مەلۇماتنى قانچىلىك ياخشى چۈشەنگەنلىكىنى بىلىسىز. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆگەنگۈچىنى يەنە بىر ئىشلارنى قىلىشقا دەۋەت قىلىش كېرەك.
ئۆگەنگۈچىنى ھەر كۈنى يەھۋا بىلەن سۆزلىشىشكە ئۆگىتىڭ
10. نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنى ھەر كۈنى ئوقۇش مۇھىم ۋە بۇنىڭدىن تولۇق پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟
10 ئۆگەنگۈچى مۇقەددەس كىتابنى ھەر ھەپتە تەتقىق قىلىشتىن باشقا، ھەر كۈنى يەنە باشقا ئىشلارنى قىلىپ پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيدۇ. ئۇ يەھۋا خۇدا بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇشى كېرەك. قانداق؟ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشى ۋە دېگەنلىرىگە قۇلاق سېلىشى كېرەك. ئۇ مۇقەددەس كىتابنى ھەر كۈنى ئوقۇش ئارقىلىق خۇدانىڭ دېگەنلىرىگە قۇلاق سالالايدۇ (يەشۇئا 1:8؛ زەبۇر 1:1—3). jw.org f تور بېكىتىمىزدىن بېسىپ چىقىرىشقا بولىدىغان «مۇقەددەس كىتاب ئوقۇش جەدۋىلى»نى قانداق ئىشلىتىشنى كۆرسىتىپ بېرىڭ. ئۇ مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇپ تولۇق پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشەلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا يەھۋا توغرۇلۇق ئوقۇغانلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا ۋە ئۆگەنگەنلىرىنى ئۆز ھاياتىدا قانداق ئەمەلىي قوللىنىشىغا ياردەم بېرىڭ.—ئەلچى. 17:11؛ ياقۇپ 1:25.
11. ئۆگەنگۈچى توغرا دۇئا قىلىشنى قانداق ئۆگىنەلەيدۇ ۋە يەھۋاغا پات-پات دۇئا قىلىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
11 ئۆگەنگۈچىنى يەھۋا ئاتىمىزغا ھەر كۈنى دۇئا قىلىشقا دەۋەت قىلىڭ. ئۇنى ھەربىر ئۆگىنىشنىڭ بېشىدا ۋە ئاخىرىدا چىن يۈرەكتىن بىرلىكتە دۇئا قىلىشقا تەكلىپ قىلىڭ ۋە دۇئادا ئۇ توغرۇلۇق سۆز قىلىڭ. ئۇ سىزنىڭ دۇئالىرىڭىزنى ئاڭلىغاندا، چىن يۈرەكتىن ئەيسا ئارقىلىق يەھۋا خۇداغا قانداق دۇئا قىلىشنى ئۆگىنىدۇ (مەتتا 6:9؛ يۇھاننا 15:16). مۇقەددەس كىتابنى ھەر كۈنى ئوقۇش (يەھۋاغا قۇلاق سېلىش) ۋە دۇئا قىلىش (يەھۋا بىلەن سۆزلىشىش) ئۆگەنگۈچىنىڭ يەھۋاغا يېقىن بولۇشىغا قانچىلىك كۆپ ياردەم بېرىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ (ياقۇپ 4:8). ئەگەر ئۇ بۇ پايدىلىق ئادەتلەرنى يېتىلدۈرسە، بۇ ئۇنىڭ ئۆزىنى خۇداغا بېغىشلىشىغا ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. يەنە ئۇنىڭغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
ئۇنىڭ يەھۋا بىلەن دوستلۇق ئورنىتىشىغا ياردەم بېرىڭ
12. ئۆگەنگۈچىنىڭ يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
12 ئۆگەنگۈچىنىڭ مۇقەددەس كىتابتىن ئالغان بىلىملىرى پەقەت ئۇنىڭ كاللىسىغىلا ئەمەس، ئۇنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىشى كېرەك. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، قەلبىمىز — ئارزۇ-ئىستەك، ھېسسىيات ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنىڭ مەنبەسى بولغانلىقتىن، ئۇ بىزنى ھەرىكەتلەرگە دەۋەت قىلىدۇ. ئەيسا ئادەملەرنىڭ ئاڭ سېزىمىگە تەسىر قىلىش ئۈچۈن مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئىسپاتلارنى كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ سۆزلىرى ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە تەسىر قىلغانلىقتىن، ئۇلار ئۇنىڭغا ئەگەشكەن (لۇقا 24:15، 27، 32). ئۆگەنگۈچى يەھۋا ھەقىقىي شەخس ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلىپ، ئۇ يەھۋانى ئاسماندىكى ئاتىسى، خۇداسى ۋە دوستى دەپ قارىيالايدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتالايدۇ (زەبۇر 25:4، 5). مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشى جەريانىدا ئادەمنىڭ دىققىتىنى خۇدانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىگە قارىتىڭ (چىق. 34:5، 6؛ 1-پېتر. 5:6، 7). سىلەر مۇھاكىمە قىلىۋاتقان ماۋزۇ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆگەنگۈچىنىڭ دىققىتىنى يەھۋا قانداق شەخس ئىكەنلىكىگە قارىتىشقا ھەرىكەت قىلىڭ. ئۇنىڭ يەھۋانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى، مېھرىبانلىقى ۋە ھېسداشلىقى دېگەندەك ئېسىل پەزىلەتلىرىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىڭ. ئەيسا مەسىھ يەھۋا خۇدانى سۆيۈشنى «بىرىنچى ۋە ئەڭ مۇھىم ئەمردۇر» دېگەن (مەتتا 22:37، 38). يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ ئۆگەنگۈچىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا ياردەم بېرىشكە تىرىشىڭ.
13. يەھۋانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى بىلىۋېلىشكە قانداق ياردەم بېرىش ھەققىدە مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرۈڭ؟
13 ئۆگەنگۈچى بىلەن پاراڭلاشقاندا، يەھۋاغا بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىڭىزنى ئىپادىلەڭ. بۇ ئۆگەنگۈچىنىڭ يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش كېرەكلىكىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ (زەبۇر 73:28). مەسىلەن، ئوقۇۋاتقان ماتېرىيال ياكى ئايەتتە، ئۇنىڭ يۈرىكىگە تەسىر قىلىدىغان يەھۋانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى، يەنى سۆيگۈ-مۇھەببىتى، دانالىقى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى تەسۋىرلەيدىغان سۆز-ئىبارىلەر بار بولسا، ئۆگەنگۈچىگە ئېيتىپ بېرىڭ ۋە شۇلارنىڭ ئاسماندىكى ئاتىمىزنى سۆيۈشكە سىزنى دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈڭ. خۇدانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى بىلىش — بۇ ئاسماندىكى ئاتىمىزنى سۆيىشىمىزنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى ئارىسىدىكى پەقەت بىرى ئىكەنلىكىنى ئۆگەنگۈچىگە چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ. ئۆگەنگۈچى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش قەدەم-باسقۇچىغا يېتىش ئۈچۈن باشقا ئىشنى قىلىشى كېرەك.
ئۇنى جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىشقا دەۋەت قىلىڭ
14. ئىبرانىيلار 10:24، 25-ئايەتلەردە، ئۆگەنگۈچىنىڭ روھىي جەھەتتىن تېزرەك ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىدىغان جامائەت يىغىلىشلىرى توغرۇلۇق نېمە ئېيتىلغان؟
14 ھەرقايسىمىز ئۆگەنگۈچىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىنى خالايمىز. ئۇلارغا ياردەم قىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى — جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىشقا دەۋەت قىلىش. تەجرىبىلىك ئۆگەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر ئۆگەنگۈچى يىغىلىشقا قاتناشسا، ئۇلار روھىي جەھەتتىن تېزرەك ئۆسىدۇ (زەبۇر 111:1). بەزى ئۆگەتكۈچىلەر ئۆگەنگۈچىلەرگە، مۇقەددەس كىتابنى ياخشىراق چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئىبرانىيلار 10: 24، 25-ئايەتلەرنى ئۆگەنگۈچى بىلەن ئوقۇپ، يىغىلىشلارغا قاتناشسا، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن قانداق پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈڭ. ئۇنىڭغا «ئىبادەت زاللىرىغا نېمە ئۈچۈن يىغىلىمىز؟» g دېگەن فىلىمنى كۆرسىتىڭ. ئۆگەنگۈچىنىڭ ھەر ھەپتە يىغىلىشلارنى تاشلىماي، دائىم قاتنىشىشقا قەتئىي بەل باغلىشىغا ياردەم بېرىڭ.
15. ئۆگەنگۈچىنى يىغىلىشلارغا دائىم قاتنىشىشقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟
15 ئەگەر ئۆگەنگۈچى يىغىلىشلارغا تېخى بارمىغان ياكى دائىم قاتناشمايدىغان بولسا، نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟ يېقىندا يىغىلىشتا بولغان ئوي-پىكىرلەرنى قىزغىن سۆزلەپ بېرىڭ. ئۇ سىزنىڭ قىزغىنلىقىڭىزنى كۆرگەندە، جامائەت يىغىلىشلىرىغا بېرىشنى خالايدىغان بولىدۇ. ئۇنىڭغا ھازىر يىغىلىشلاردىكى «كۈزىتىش مۇنارى»، «ۋەز خىزمىتىمىز ۋە ھاياتىمىز» قىسىملىرى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىڭ. كېيىنكى يىغىلىشتا نېمە مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىڭ ۋە ئۇنىڭدىن يىغىلىشنىڭ قايسى قىسىمى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ قىزىقارلىق بولغانلىقىنى سوراڭ. ئۇ ئۆزىنىڭ بىرىنچى يىغىلىشىدا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى باشقا دىنلاردا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىدىن نەقەدەر ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ (1-كورىنت. 14:24، 25). ئۇ بۇ يىغىلىشلاردا ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ۋە ئۇنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشىگە ياردەم بېرىدىغان ئېتىقادداشلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ.
16. چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش قەدەم-باسقۇچىغا يەتكۈزىدىغان مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشنى قانداق ئۆتكۈزسەك بولىدۇ ۋە كېلەركى ماقالىدە نېمە ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىمىز؟
16 چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش قەدەم-باسقۇچىغا يەتكۈزىدىغان مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشنى قانداق ئۆتكۈزسەك بولىدۇ؟ ئۆگەنگۈچىنى ھەر ھەپتىدە ئۆگىنىشكە ۋە ھەر بىر دەرسكە تەييارلىق قىلىشقا دەۋەت قىلسىڭىز، ئۇ ئۆگىنىشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلەيدۇ. شۇنداقلا، بىز ئۇنى يەھۋا بىلەن ھەر كۈنى سۆزلىشىشكە ۋە ئۇنىڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا دەۋەت قىلىشنى خالايمىز. ئۇنى جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىشقا ئۈندەيمىز (12-بەتتىكى « ئۆگەنگۈچى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەك؟» ناملىق رامكىغا قاراڭ). ئەمما كېلەركى ماقالىدە، ئۆگەتكۈچىلەر ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرەلەيدىغان يەنە بەش مەسلىھەتنى مۇلاھىزە قىلىپ چىقىمىز.
153-ناخشا مەڭگۈ خۇشاللىق
a ئادەمگە بىر نەرسىنى ئۆگىتىش — ئۇنىڭ ئويلىنىشىغا، ھېس قىلىشىغا ياكى بىر ھەرىكەت قىلىشىغا ياكى بولمىسا، باشقا بىر يېڭى ئىشنى قىلىشىغا ياردەم بېرىشنى بىلدۈرىدۇ. 2020-يىللىق ئايەت، مەتتا 28:19، ئادەملەر بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ ۋە ئۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن شاگىرتى بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مۇھىم خىزمەتنى قانداق ياخشىلاشقا بولىدىغانلىقىنى مۇشۇ ۋە كېلەركى ماقالىدە كۆرۈپ چىقىمىز.
b «مەسىھنىڭ خېتى ئىكەنلىكىڭلار ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ «خەت» خىزمەتچىلەر، مۇشۇ «خەتنى» بىزنىڭ خىزمىتىمىز ئارقىلىق مەسىھنىڭ ئۆزى يېزىپ سىلەرگە ئەۋەتىلگەن»
c سۆز-ئىبارە مەنىسى: ئەگەر بىر ئادەم بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئاساسىدا دائىم سۆھبەتلىشىپ تۇرسىڭىز، بۇنى مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىش دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ. ئەگەر سىز ئۆگىنىش قانداق ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئىككى قېتىم ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزسىڭىز ۋە بۇ ئۆگىنىش داۋاملىق ئۆتىدۇ، دەپ ئىشەنسىڭىز، ئۇ توغرۇلۇق ھېسابات بەرسىڭىز بولىدۇ.
d بۇ ماقالىلەرگە «پادىشاھلىق ۋەز خىزمىتىمىز» دېگەن ۋاراقچىنىڭ 2004-يىل ئىيۇل باشلاپ، 2005-يىل مارتقىچە، «ئۈنۈملۈك تەتقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈش» ناملىق بىر قاتار ماقالىلەر كىرىدۇ.
e «تەتقىق قىلغۇچىلارنى تەييارلىق قىلىشقا ئۆگىتەيلى» (باشقا تىلدا) ناملىق تۆت مىنۇتلۇق فىلىمنى كۆرۈڭ. كۇتۇپخانا > فىلىملەر > ماھارىتىمىزنى ئاشۇرۇش دېگەن يەرگە قاراڭ.
f كۇتۇپخانا > كىتابلار ۋە كىتابچىلار دېگەن يەرگە كىرىڭ.
g كۇتۇپخانا > فىلىملەر > خىزمەت ئۈچۈن قوراللار دېگەن يەرگە قاراڭ.