43-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋا ئۆز تەشكىلاتىنى يېتەكلەۋاتىدۇ
«‹ھەربىي قوشۇن ياكى كۈچ-قۇدرەت بىلەن ئەمەس، مېنىڭ روھۇم بىلەن بۇ ئىشلار بولىدۇ›،— دەيدۇ ئاسماندىكى قوشۇنلارنىڭ سەردارى يەھۋا».—زەكەرىيا 4:6.
31-ناخشا بىز — يەھۋا گۇۋاھچىلىرى
بۇ ماقالىدە a
1. چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن مەسىھ ئەگەشكۈچىسى داۋاملىق نېمە قىلىشى كېرەك؟
سىز چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتىڭىزمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىڭىزنى ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتى b بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى كۆرسەتتىڭىز. ئەلۋەتتە، يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىڭىز داۋاملىق مۇستەھكەملىنىشى كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە، يەھۋا ئۆز تەشكىلاتىنى يېتەكلەۋاتقانلىقىغا بولغان ئىشەنچىڭىزنى داۋاملىق كۈچەيتىشىڭىز كېرەك.
2، 3. بۈگۈن يەھۋا ئۆز تەشكىلاتىنى قانداق يېتەكلەۋاتىدۇ؟ مىساللارنى كەلتۈرۈڭ.
2 يەھۋا يېتەكلەۋاتقان تەشكىلاتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى، ئىرادىسى ۋە ئۆلچەملىرىنى ئاشكارا قىلىدۇ. ھازىر يەھۋا ئۆز تەشكىلاتى ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرگەن ئۈچ پەزىلىتىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
3 بىرىنچىدىن، خۇدا ھەممىسىگە تەڭ قارايدۇ (ئەلچى. 10:34). يەھۋا بىزنى ياخشى كۆرگەچكە، ئەيسا ئوغلىنى بىز ئۈچۈن تۆلەم قۇربانلىقىغا بەرگەن (1-تىموت. 2:6؛ يۇھاننا 3:16). يەھۋا ئۆز خەلقى ئارقىلىق ھەممە ئادەملەرگە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈۋاتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ خۇش خەۋەرگە قۇلاق سالىدىغان كۆپلىگەن ئىنسانلارنىڭ تۆلەم قۇربانلىقىنىڭ پايدىسىنى كۆرۈشىگە، يەنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئىككىنچىدىن، يەھۋا تەرتىپنىڭ ۋە تىنچلىقنىڭ خۇداسىدۇر (1-كورىنت. 14:33، 40). شۇڭا، ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ تەرتىپلىك تەشكىللەنگەن ۋە ئىناق-ئىتتىپاقلىقتا ياشايدىغان خەلق ئىكەنلىكىدىن ھەيران بولمايمىز. ئۈچىنچىدىن، يەھۋا ئۇلۇغ ئۇستاز (يەشايا 30:20، 21). دېمەك، ئۇنىڭ تەشكىلاتى ۋەز خىزمەتتە ۋە جامائەتتە ئادەملەرگە خۇدانىڭ سۆزىنى ئۆگىتىشكە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن. خۇدانىڭ بۇ ئۈچ پەزىلىتى بىرىنچى ئەسىردىكى جامائەتتە ۋە بىزنىڭ زامانىمىزدا قانداق روشەن بولغان؟ بۈگۈنكى كۈندە، سىز خۇدانىڭ تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلغاندا، مۇقەددەس روھ سىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
خۇدا ھەممىسىگە تەڭ قارايدۇ
4. ئەلچىلەر 1:8-ئايەتتە ئېيتىلغاندەك، ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىغا نېمە قىلىشنى بۇيرۇغان ۋە ئۇلار قانداق ياردەمگە ئېرىشكەن؟
4 بىرىنچى ئەسىردە. ئەيسانىڭ ئېيتقان خۇش خەۋىرى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئۈمىد بېغىشلىغان (لۇقا 4:43). ئۇ شاگىرتلىرىغا ئۆزى باشلىغان ئىشنى دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇشنى بۇيرۇغانىدى (ئەلچىلەر 1:8-نى ئوقۇڭ). ئەلۋەتتە، ئۇلار بۇ ئىشنى ئۆز كۈچى بىلەن قىلالمايتتى. ئۇلارغا ئەيسا ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھ، يەنى «ياردەمچى» كېرەك بولغان.—يۇھاننا 14:26؛ زەكەرىيا 4:6.
5، 6. مۇقەددەس روھ ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا قانداق ياردەم بەرگەن؟
5 مىلادى 33-يىلى، ئەللىكىنچى كۈن بايرىمىدا ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى مۇقەددەس روھقا ئېرىشكەن. ئۇلار مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ۋەز ئىشىنى دەرھال باشلىغان ھەم قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مىڭلىغان ئادەملەر خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغان (ئەلچى. 2:41؛ 4:4). شاگىرتلار ئادەملەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە دۇچ كەلگەندە، ئۇلار قورقۇپ كەتكەچ، ۋەز ئىشىنى توختاتمىغان. ئەكسىنچە، ئۇلار خۇدادىن ياردەم سورىغان. ئۇلار مۇنداق دۇئا قىلغان: «سۆزلىرىڭنى يۈرەكلىك يەتكۈزۈش ئۈچۈن خىزمەتچىلىرىڭگە جاسارەت بەرگىن». كېيىن، ئۇلار مۇقەددەس روھقا تولۇپ، «خۇدانىڭ سۆزىنى جاسارەت بىلەن» جاكارلاشنى داۋاملاشتۇرغان.—ئەلچى. 4:18—20، 29، 31.
6 ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى باشقا قىيىنچىلىقلارغا ھەم ئۇچرىغان. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ قولىدا مۇقەددەس يازمىلارنىڭ نۇسخىسى ئاز ئىدى. ئۇلاردا بىزگە ئوخشاش تەتقىق قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان ماتېرىياللار بولمىغان. يەنە ئۇلار ھەرخىل تىللاردا سۆزلەيدىغان ئادەملەرگە ۋەز قىلىشى كېرەك ئىدى. ئاشۇ بارلىق قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن، بۇ قىزغىن شاگىرتلار قولدىن كەلمەيدىغاندەك كۆرۈنگەن ئىشلارنى قىلغان. ئۇلار بىرنەچچە ئون يىلنىڭ ئىچىدە «ئاسمان ئاستىدىكى بارچە ئىنسانلار ئارىسىدا» خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنىدى.—كولوسى. 1:6، 23.
7. 100 يىل بۇرۇن خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى ئۇلاردىن نېمە تەلەپ قىلىنغانلىقىنى قانداق بىلگەن ۋە ئۇلار نېمە قىلغان؟
7 ھازىرقى زاماندا. يەھۋا ئۆز خەلقىنى يېتەكلەشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاشقا كۈچ بېرىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇ مۇقەددەس روھى بىلەن ئىلھاملاندۇرۇلۇپ يېزىلغان خۇدا سۆزى مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق ئۆز خەلقىنى يېتەكلەۋاتىدۇ. مۇقەددەس كىتابتىن بىز ئەيسانىڭ ۋەز خىزمىتى ۋە ئۇ باشلىغان شۇ خىزمەتنى شاگىرتلىرىنىڭ داۋاملاشتۇرۇشى توغرۇلۇق قىلغان بۇيرۇقىنى تاپالايمىز (مەتتا 28:19، 20). 1881-يىل، ئىيۇل ئېيىدىكى ژۇرنالدا مۇنداق يېزىلغان: «يەھۋا بىزنى ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا نام-ئاتاققا ئىگە بولۇش ياكى باي بولۇش ئۈچۈن چاقىرمىغان ياكى مەسىھ قىلمىغان، بەلكى قولىمىزدا بار نەرسىلەرنى بېرىش ۋە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن چاقىرغان». 1919-يىل «بۇ ئىش كىمگە تاپشۇرۇلغان» ناملىق ۋاراقچىدا: «ئىشلار چاچتىن تولا بولسىمۇ، بىراق بۇ خۇدايىمىزنىڭ ئىشى بولغاچقا، ئۇ بىزگە ئۇنى قىلىشقا كۈچ بېرىدۇ»،— دەپ يېزىلغان. ھەقىقەتەن، دەسلەپكى مەسىھىيلەرگە ئوخشاش بۇ قېرىنداشلار جاسارەتكە تولۇپ، ئۆز جېنىنى ئايىماي، ھەرخىل ئادەملەرگە ۋەز قىلىشقا مۇقەددەس روھنىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. بىزمۇ داۋاملىق مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمىگە ئىشەنچ قىلىمىز.
8، 9. يەھۋانىڭ تەشكىلاتى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن قانداق ئۇسۇللارنى قوللانغان؟
8 خۇش خەۋەرنى ئادەملەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن يەھۋانىڭ تەشكىلاتى ھەرخىل ئەڭ ياخشى قوراللارنى ئىشلىتىپ كەلگەن. بۇ قوراللار — باسما نەشىر ماتېرىياللار، «يارىتىلىش فوتو-دراممىسى»، پاتىفونلار، ماشىنا ئۈستىگە قويۇلغان يوغان ئاۋاز كۈچەيتكۈچلەر، رادىئو ئاڭلىتىشى، كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت تورى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خۇدانىڭ تەشكىلاتى ئىلگىرى تەرجىمە قىلمىغان نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ! نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ھەرقانداق تىللاردا سۆزلەيدىغان ئادەملەر ئانا تىلىدا خۇش خەۋەرنى تىڭشىيالايدۇ. خۇدا ھەممىسىگە تەڭ قارايدۇ. ئۇ خۇش خەۋەرنىڭ «ھەر بىر مىللەت، قەبىلە، تىل ۋە خەلققە» يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئالدىن-ئالا ئېيتقان (ۋەھىي. 14:6، 7). خۇدا بارلىق ئىنسانلارنىڭ پادىشاھلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاڭلىشىنى خالايدۇ.
9 بىخەتەرلىكى ئالاھىدە قوغدىلىدىغان بىنالاردا ياشاۋاتقان ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىش قىيىن بولسىچۇ؟ بۇ ئادەملەرگە ۋەز قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ، يەھۋا ئۆز تەشكىلاتىنى ھەر خىل ئاممىۋى ئورۇنلاردا گۇۋاھلىق بېرىش ئۇسۇللىرىنى ئىشلىتىشكە يېتەكلىگەن. مەسىلەن، 2001-يىلى، يېتەكچى كېڭەش فرانسىيىدىكى قېرىنداشلارغا ماتېرىيال ھارۋىلىرىنى ۋە باشقا گۇۋاھلىق بېرىش ئۇسۇللىرىنى ئىشلىتىشكە رۇخسەت بەرگەن. بۇ ئاجايىپ ياخشى نەتىجە بەرگەن! 2011-يىلى، ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى سودا-سېتىق مەيدانىدا، يېڭى گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى باشلانغان. شۇ يىلى، 102129 كىتاب ۋە 68911 ژۇرنال تارقىتىلغان. شۇنداقلا، 4701 ئادەم مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈشنى سورىغان! ئېنىقكى، يەھۋا بۇ ئىشنى مۇقەددەس روھى ئارقىلىق قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن. شۇڭا، يېتەكچى كېڭەش پۈتۈن دۇنيادىكى قېرىنداشلارغا ماتېرىيال ھارۋىلىرىنى ۋە باشقا گۇۋاھلىق بېرىش ئۇسۇللىرىنى ئىشلىتىشكە رۇخسەت بەرگەن.
10. ۋەز قىلىش ماھارىتىڭىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلىشىڭىز كېرەك؟
10 سىز نېمە قىلالايسىز. يەھۋا خۇدا جامائەت يىغىلىشلىرىدا سىزگە قانداق ۋەز قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. ۋەز خىزمەت گۇرۇپپىڭىز بىلەن دائىم ھەمكارلىشىپ، ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىڭ. شۇ گۇرۇپپىدىكى قېرىنداشلار ۋەز قىلىش ماھارىتىڭىزنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى ئۈلگىلىرى سىزگە ياخشى تەسىر قىلالايدۇ. قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن ۋەز قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ. ماقالىنىڭ تېما ئايىتىدە ئېيتىلغاندەك، بىز خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئۆزۈمىزنىڭ كۈچىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ مۇقەددەس روھى ئارقىلىق ئورۇندىيالايمىز (زەكەرىيا 4:6). بىز خۇدانىڭ ئىشىنى قىلغاچقا، ئۇ بىزگە كېرەكلىك كۈچنى بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.
يەھۋا تەرتىپنىڭ ۋە تىنچلىقنىڭ خۇداسىدۇر
11. خۇدا خەلقىنىڭ ئارىسىدا تەرتىپنى ساقلاش ئۈچۈن يېرۇسالىمدىكى يېتەكچى كېڭەشنىڭ ئەزالىرى بىر-بىرى بىلەن قانداق ھەمكارلاشقان؟
11 بىرىنچى ئەسىردە. خۇدا خەلقىنىڭ ئارىسىدا تەرتىپنى ساقلاش ئۈچۈن يېرۇسالىمدىكى يېتەكچى كېڭەشنىڭ ئەزالىرى بىر-بىرى بىلەن ھەمكارلاشقان (ئەلچى. 2:42). مەسىلەن، مىلادى 49-يىلى خەتنە قىلىش مەسىلىسى ئوتتۇرغا چىققاندا، يېتەكچى كېڭەش بۇ مەسىلىنى قاراپ چىققان. ئەگەر جامائەتتە بۇ مەسىلە ھەققىدىكى ئوي-پىكىر ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن بولسا، ۋەز قىلىش ئىشىغا كاشىلا بولاتتى. گەرچە ئەلچىلەر ۋە ئاقساقاللار يەھۇدىيلار بولسىمۇ، ئۇلار يەھۇدىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ ياكى تەلىملىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ئىدى. ئەكسىنچە، ئۇلار توغرا قارار چىقىرىش ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابتىن مەسلىھەت ھەم يول-يورۇق ئىزدەپ، خۇدادىن مۇقەددەس روھنى سورىغان (ئەلچى. 15:1، 2، 5—20، 28). نەتىجىسى قانداق بولغان؟ يەھۋا ئۇلارنىڭ قارارىنى بەرىكەتلىگەچ، ئۇلار جامائەتتە تىنچلىقنى ۋە ئىناقلىقنى ساقلاپ قالغان ۋە خۇش خەۋەرنى تارقىتىشنى داۋاملاشتۇرغان.—ئەلچى. 15:30، 31؛ 16:4، 5.
12. بۈگۈنكى يەھۋا خۇدانىڭ تەشكىلاتىدا تەرتىپ ۋە ئىناقلىق بار ئىكەنلىكىنى نېمىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ؟
12 ھازىرقى زاماندا. يەھۋانىڭ تەشكىلاتى جامائەتلەر ئارىسىدا تىنچلىق ۋە ئىناقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن بار كۈچىنى چىقارماقتا. 1895-يىل، 15-نويابىر «سىئون كۈزىتىش مۇنارى ۋە مەسىھنىڭ ھازىر بولۇش بېشارىتى» ژۇرنىلىدا، 1-كورىنتلىقلار 14:40-ئايەتكە ئاساسلانغان «ئەدەپ ۋە تەرتىپ بىلەن» دېگەن ماقالىدە مۇنداق يېزىلغان: «ئەلچىلەرنىڭ دەسلەپكى جامائەتكە تەرتىپ ھەققىدە ئېيتىدىغان كۆپ سۆزلىرى بولغان . . . بىزگە نەسىھەت بېرىش ئۈچۈن ئىلگىرى يېزىلغانلارغا قۇلاق سېلىشىمىز بەك مۇھىم» (رىملىقلار 15:4). دەسلەپكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى جامائەتلىرى تەرتىپ ۋە ئىناقلىققا ئىنتىلگەندەك، بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەھۋانىڭ تەشكىلاتى شۇنداق قىلماقتا. مەسىلەن، ئەگەر باشقا دۆلەتكە ياكى باشقا جامائەت يىغىلىشقا بارغان بولسىڭىز، «كۈزىتىش مۇنارى» تەتقىق ئۆگىنىشنىڭ قانداق ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ۋە قايسى ماقالە مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىسىز. شۇ چاغدا، دەرھال سىز ئۆزىڭىزنى ئۆز جامائىتىڭىزدە بولغاندەك ھېس قىلىسىز. پەقەت خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق شۇنداق بىرلىك ئىناقلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ!؟—سەف. 3:9
13. ياقۇپ 3:17-ئايەتكە ئاساسەن، ئۆزۈمىزدىن نېمە سورىشىمىز كېرەك؟
13 سىز نېمە قىلالايسىز. يەھۋا ئۆز خەلقىنىڭ «تىنچلىقنىڭ ئىناقلاشتۇرىدىغان رىشتىلىرىدە روھنىڭ بىرلىكىنى» ساقلىشىنى خالايدۇ (ئەفەس. 4:1—3). شۇڭا، ئۆزىڭىزدىن سوراڭ: «جامائىتىمدە بىرلىك ۋە تىنچ-ئىناقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن بار كۈچىمنى چىقىرىۋاتىمەنمۇ؟ يېتەكچىلىك قىلىدىغانلارغا بويسۇنىمەنمۇ؟ جامائەتتە ماڭا ۋەزىپە تاپشۇرۇلسا، باشقىلار ماڭا ئىشەنچ قىلامدۇ؟ مەن ۋاقىتقا قەتئىي رىئايە قىلىمەنمۇ؟ باشقىلارغا ياردەم بېرىمەنمۇ ۋە قىزغىنلىق بىلەن خىزمەت قىلىمەنمۇ؟» (ياقۇپ 3:17-نى ئوقۇڭ). ئەگەر سىز بەزى ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىشىڭىز كېرەكلىكىنى بايقىسىڭىز، مۇقەددەس روھنى سوراپ دۇئا قىلىڭ. مۇقەددەس روھنىڭ مېجەز-خۇلق ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىزگە تەسىر قىلىپ شەكىلگە كەلتۈرۈشىگە يول قويغانسېرى، قېرىنداشلار سىزنى شۇنچە بەك ياخشى كۆرىدىغان ۋە قەدىرلەيدىغان بولىدۇ.
يەھۋا بىزنى ئۆگىتىپ، كېرەكلىك نەرسىلەرنى بېرىدۇ
14. كولوسىلىقلار 1:9، 10-ئايەتلەرگە ئاساسەن، بىرىنچى ئەسىردە يەھۋا خۇدا ئۆز خەلقىگە قانداق تەلىم بەرگەن؟
14 بىرىنچى ئەسىردە. يەھۋا ئۆز خەلقىگە تەلىم-تەربىيە بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ (زەبۇر 32:8). خۇدا بىزنىڭ ئۇنى بىلىشىمىزنى، ياخشى كۆرۈشىمىزنى ۋە ئۇنىڭ سۆيۈملۈك بالىلىرى سۈپىتىدە مەڭگۈ ياشىشىمىزنى خالايدۇ. ئەگەر ئۇ بىزنى تەربىيىلىمىگەن بولسا، بۇنىڭ ھەممىسى مۇمكىن بولمايتتى (يۇھاننا 17:3). يەھۋا ئۆز خەلقىگە تەلىم بېرىش ئۈچۈن بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى جامائىتىنى قوللانغان (كولوسىلىقلار 1:9، 10-نى ئوقۇڭ). ئەيسا ۋەدە قىلغان «ياردەمچى»، يەنى مۇقەددەس روھ تەلىم بېرىشتە ئەڭ مۇھىم رول ئوينىغان (يۇھاننا 14:16). خۇش خەۋەر كىتابلىرىدا كېيىنرەك يېزىلىپ قالدۇرۇلغاندەك، مۇقەددەس روھ شاگىرتلارنىڭ خۇدانىڭ سۆزىنى چۈشىنىشىگە ۋە ئەيسانىڭ ئېيتقانلىرىنى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئەسكە ئېلىشىغا ياردەم بەرگەن. بۇ بىلىملەر دەسلەپكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى، خۇداغا ۋە ئەيساغا ھەم بىر-بىرىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى مۇستەھكەملىگەن.
15. يەھۋانىڭ يەشايا 2:2، 3-ئايەتلەردىكى ۋەدىسى قانداق ئورۇنلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتامسىز؟
15 ھازىرقى زاماندا. «ئاخىرقى كۈنلەردە» ھەر مىللەتتىن چىققان ئادەملەر بىر توپ بولۇپ يەھۋانىڭ يول-يورۇقىنى ئېلىش ئۈچۈن سىمۋوللۇق تاغقا چىقىدىغانلىقى بېشارەت قىلىنغان (يەشايا 2:2، 3-نى ئوقۇڭ). بىز بۇ پەيغەمبەرلىك سۆزىنىڭ ئورۇنلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ھەقىقىي ئىبادەت باشقا ھەرقانداق ساختا ئىبادەتلەردىن يوقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. يەھۋا ئۆز خەلقىگە روھىي زىياپەت تەييارلاۋاتىدۇ! (يەشايا 25:6). «سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل» ئارقىلىق خۇدا ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، پەقەت مول روھىي ئوزۇقلۇقلارنى ئەمەس، ھەر تۈرلۈك ئاجايىپ مەلۇماتلارنى بەرمەكتە. مەسىلەن، بىز ھەر خىل ماقالىلەر، نۇتۇقلار، بالىلار فىلىملىرى ھەم باشقا فىلىملەرنى كۆرەلەيمىز (مەتتا 24:45). بىزمۇ ئايۇپنىڭ دوستى ئېلىخۇغا ئوخشاش ھېس تۇيغۇدا بولماقتا. ئۇ مۇنداق ئېيتقان: «قارا! خۇدا ئۆز كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئۇلۇغلانغان؛ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۇستاز بارمۇ؟»—ئايۇپ 36:22.
16. سىز روھىي جەھەتتىن ئۆسۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
16 سىز نېمە قىلالايسىز. خۇدانىڭ روھى مۇقەددەس كىتابتىن ئوقۇغان ۋە ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. زەبۇر يازغۇچىسىغا ئوخشاش دۇئا قىلىڭ: «ئۆز يولۇڭنى ماڭا ئۆگەتكەيسەن، ئەي يەھۋا. سېنىڭ ھەقىقەت يولۇڭدا يۈرىمەن. ئىسىمىڭدىن ئەيمىنىشىم ئۈچۈن، قەلبىمنى پۈتۈن قىلغايسەن» (زەبۇر 86:11). شۇڭا، يەھۋا ئۆزىنىڭ سۆزى ۋە تەشكىلاتى ئارقىلىق بەرگەن روھىي ئوزۇقنى داۋاملىق قوبۇل قىلىڭ. ئەلۋەتتە، مەقسىتىڭىز پەقەت بىلىم ئېلىشلا ئەمەس، بەلكى ئۆگەنگەن ھەقىقەتنى قەلبىڭىزگە مۆھۈر باسقاندەك ئورنىتىپ، ئۇنى ئەمەلىي تۇرمۇشىڭىزدا ئىشلىتىش. يەھۋانىڭ روھى سىزنىڭ شۇنداق قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. سىز يەنە ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭىزغا ئىلھام-مەدەتلەرنى بېرىشنى خالايسىز (ئىبرانىي. 10:24، 25). نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇلار سىزنىڭ روھىي ئائىلىڭىز. جامائەت يىغىلىشلىرىدا سەمىمىي جاۋاب بېرىش ۋە تاپشۇرۇقلارنى پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ئورۇنلاش ئۈچۈن يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمىنى سوراڭ. شۇنداق قىلىپ، سىز يەھۋا ۋە ئۇنىڭ ئوغلىغا، ئۇلارنىڭ قىممەتباھا قويلىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىسىز.—يۇھاننا 21:15—17.
17. يەھۋانىڭ تەشكىلاتىنى ساداقەتمەنلىك بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىڭىزنى كۆرستىش نېمىلەرنى قىلالايسىز؟
17 پات-ئارىدا، يەر يۈزىدە پەقەت خۇدا مۇقەددەس روھى ئارقىلىق يېتەكلەيدىغان تەشكىلاتى بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، يەھۋانىڭ تەشكىلاتى بىلەن قىزغىن ھەمكارلىشىڭ. ئۇچراتقان بارلىق ئادەملەرگە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق يەھۋانىڭ ھەممىگە باراۋەر كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈڭ. جامائەتتە بىرلىكنى ساقلاشقا كۈچ چىقىرىش ئارقىلىق خۇدانىڭ تەرتىپ ۋە تىنچ-ئىناقلىققا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىدىن ئۈلگە ئېلىڭ. ئۇ تەمىنلىگەن روھىي زىياپەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۇلۇغ ئۇستازنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭ. شۇندىلا، شەيتاننىڭ دۇنياسى ئاخىرلاشقاندا، سىز ھېچنېمىدىن قورقمايسىز. ئەكسىنچە، جاسارەت بىلەن يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدا ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا تۇرالايسىز.
152-ناخشا كۈچىمىز، ئۈمىدىمىز ۋە يار-يۆلىكىمىز
a يەھۋانىڭ ئۆز تەشكىلاتىنى يېتەكلەۋاتقانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟ يەھۋا بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھىيلەرنى ۋە بۈگۈنكى كۈندە ئۆز خەلقىنى قانداق يېتەكلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b سۆز-ئىبارە مەنىسى: يەھۋانىڭ تەشكىلاتى ئىككى قىسىمدىن، يەنى ئاسماندىكى ۋە يەردىكى قىسىمىدىن تەركىپ تاپقان. بۇ ماقالىدە، «تەشكىلات» سۆزى يەردىكى قىسىمىنى كۆرستىدىغانلىقىنى بىلىۋالىمىز.
c سۈرەتتە: باشقا دۆلەتلەردە خىزمەت قىلىدىغان قېرىنداشلار ھەققىدە فىلىملەرنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، ياش پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى قېرىندىشىمىز ئۇلارنى ئۈلگە قىلىدۇ. نەتىجىدە، ئۇ شۇنداق تېررىتورىيىدە ۋەز قىلىش ئۈچۈن مەقسەت قويىدۇ.