1920. يۈز يىل بۇرۇن
1920-يىلدىن باشلاپ، يەھۋانىڭ خەلقى ئۆزلىرىنى ئالدىدا كۈتۈۋاتقان ئىشنى قىزغىنلىق بىلەن قىلىشقا كىرىشكەن. 1920-يىلى ئۇلار مۇنداق يىللىق ئايەتنى تاللىغان: «كۈچۈم ۋە ناخشام بولسا پەرۋەردىگاردۇر».—زەبۇر 118:14، ياقۇپ پادىشاھ تەرجىمىسى.
يەھۋا خۇدا شۇ قىزغىن ۋەز ئېيتقۇچىلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن. شۇ يىلى كىتاب تارقاتقۇچىلارنىڭ، يەنى پىدائىي ۋەز ئېتقۇچىلارنىڭ سانى 225تىن 350كىچە كۆپەيگەنىدى. 8000دىن كۆپرەك ۋەز ئېيتقۇچى تۇنجى قېتىم مەركىزى باش ئىدارىگە قىلغان ۋەز خىزمىتىدىن سانلىق مەلۇمات تاپشۇرغان. يەھۋا ئۇلارنى ھەيران قالارلىق ھالدا بەرىكەتلىگەن.
ئاجايىپ قىزغىنلىق
1920-يىل، 21-مارت كۈنى مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئارىسىدا يېتەكچىلىكنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان جوسېف ف. رۇتېرفورد «ھازىر ياشاۋاتقان مىليونلىغان ئىنسانلار ھېچ قاچان ئۆلمەيدۇ»، ناملىق نۇتۇقنى ئېيتقان. مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرى بۇ يىغىلىشقا قىزىققۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلغان. ئۇلار نيۇ-يورك شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ تىياتىرخانىلارنىڭ بىرىنى ئىجارىگە ئېلىپ، تەخمىنەن 320000 تەكلىپنامىنى تارقاتقان.
مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرى ئويلىغاندىنمۇ كۆپ ئادەم كەلگەن. شۇ تىياتىرخانا زالىدا پەقەت 5000 كىشىلىكتىن كۆپرەك ئورۇن بولغاچقا، كەلگەنلەردىن يەنە 7000 كىشى زالغا كىرەلمىگەن. «كۈزىتىش مۇنارى» جەمئىيىتى بۇنى «خەلقئارا مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۆتكۈزگەن ئەڭ ئۇتۇقلۇق يىغىلىشلىرىنىڭ بىرى»، دەپ ئاتىغان.
مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرى «ھازىر ياشاۋاتقان مىليونلىغان ئىنسانلار ھەرگىزمۇ ئۆلمەيدۇ»، دەپ جاكارلاش ئارقىلىق ھەممىگە تونۇلغان. شۇ ۋاقىتتا، ئۇلار پادىشاھلىق ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشى كېرەكلىكىنى چۈشەنمىگەن. بىراق، ئۇلار ئاجايىپ قىزغىنلىقىنى كۆرسەتكەن. 1902-يىلى يىغىلىشلارغا بېرىشنى باشلىغان ئىدا ئولىمستېد ئەسلەپ، مۇنداق دېگەن: «پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئالدىدا نۇرغۇن بەرىكەتلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى بىلىپ، بىز ۋەز خىزمەتتە ئۇچراتقان كىشىلەرگە بۇ خۇش خەۋەرنى ئېتىش پۇرسىتىنى قولىمىزدىن چىقارمايتتۇق».
ماتېرىياللىرىمىزنىڭ نەشىر قىلىنىشى
قېرىنداشلارنى روھىي ئوزۇقلار بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بەيتەلدىكى قېرىنداشلار ئۆزلىرى ماتېرىياللارنى بېسىپ چىقىرىشنى باشلىغان. ئۇلار باسمىخانىغا كېرەكلىك سايمان-جابدۇقلارنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارنى بەيتەلدىن بىرنەچچە كوچا يىراقلىقتىكى نيۇ-يورك شەھىرى، برۇكلىن رايونى، مېرتىل كوچىسى 35-نومۇرلۇق ئىجارە ئۆيىدە ئورۇنلاشتۇرغان.
1920-يىلى لېئو پېلې ۋە ۋولتېر كەسلېر بەيتەلدە خىزمەتنى باشلىغان. ئۇلار مۇنداق دېگەن: «بىز كەلگەندە، باسماخانىغا مەسئۇل قېرىنداش بىزگە قاراپ: «چۈشلۈك تاماققىچە سىلەرنىڭ بىر يېرىم سائەت ۋاقتىڭلار بار»،— دېگەن. ئۇ بىزگە كىتابلارغا تولغان يېشىكلەرنى يەر ئاستى بۆلۈمدىن چىقىرىشنى ئېيتقان».
لېئو بۇرادەر ئەتىسى يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئەسلەپ، مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ ئىشىمىز ئۆينىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى
تاملىرىنى يۇيۇش بولغان ئىدى. مەن بۇنى بۇرۇن ھېچقاچان قىلمىغان ئەڭ پاسكىنا ئىشلارنىڭ بىرى ئىدى. لېكىن، بۇ يەھۋا ئۈچۈن قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئىش ئىدى».قىزغىن پىداكار خىزمەتچىلەر بىرنەچچە ھەپتىنىڭ ئىچىدە، «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلىنى بېسىپ چىقىرىشنى باشلىغانىدى. ئىككىنچى قەۋەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان باسما ماشىنىسى ئارقىلىق، «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلى 1920-يىل، 1-فېۋرال سانى سەكسەن مىڭ نۇسخا چىقىرىلغان. شۇ ۋاقىتتا يەر ئاستى بۆلمىدە قېرىنداشلار پرېسلاش ماشىنىسىنى ئويلاپ چىقىرىپ، ئۇنى «جەڭ پاراخوتى»، دەپ ئاتىغان. 1920-يىل، 14-ئاپرېلدىن باشلاپ، «ئالتۇن دەۋىر» ناملىق ژۇرنالمۇ بېسىپ چىقىرىلىشقا باشلىغان. شەك-شۈبھىسىزكى، يەھۋا ئاشۇ تىرىشچان خىزمەتچىلىرىنى بەرىكەتلىگەن.
«بۇ يەھۋا ئۈچۈن ئەرزىيدىغان ئىش بولغان»
«بىزگە تىنچلىقتا ياشاش پۇرسىتىنى بەرگىن»
يەھۋانىڭ ساداقەتمەن خىزمەتچىلىرى يېڭىلانغان پائالىيىتىدىن ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىقىدىن ھۇزۇرلانغان. ئەمما، 1917-يىلىدىن باشلاپ 1919-يىلغىچە ئېغىر ۋاقىت بولغاندا، بەزى مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرى تەشكىلاتنى تاشلاپ كەتكەن. ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك ئىدى؟
«كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلى 1920-يىل، 1-ئاپرېل سانىدا، «بىزگە تىنچلىقتا ياشاش پۇرسىتىنى بەرگىن» دېگەن ماقالە بار ئىدى. بۇ ماقالىدە، مېھرىبانلىق بىلەن مۇنداق چاقىرىق قىلىنغانىدى: «بىز ھەربىرىنىڭ يەھۋانىڭ روھىغا ئىگە بولىدىغانلىقىغا . . . ئۆتمۈشتىكى نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ قېلىشنى، . . . ئىناق-ئىتتىپاقلىقتا بىرگە ياشاشنى ۋە بىر تەندەك ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز».
مۇشۇ ئىللىق سۆزلەرگە كۆپ قېرىنداشلار ئىنكاس قايتۇرغان. بىر ئەر-ئايال مۇنداق دېگەن: «بىر يىلدىن كۆپرەك، باشقىلار ۋەز قىلغان ۋاقتىدا، بىز پائالىيەتسىز بولغىنىمىزنىڭ خاتا بولغانلىقىغا كۆز يەتكۈزدۇق. بىز ئەمدى ھېچقاچان يولدىن ئاداشماسلىقنى ئۈمىد قىلىمىز». بۇ قىزغىنلىقى قايتا قوزغالغان خۇدا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالدىدا نۇرغۇن ئىشلار بار ئىدى.
«تاماملانغان سىر» كىتابنىڭ تارقىتىلىشى
1920-يىل، 21-ئىيۇندا، مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرى «يازمىلارنى تەتقىق قىلىش» يەتتىنچى تومىنىڭ «تاماملانغان سىر» دەپ ئاتالغان يۇمشاق مۇقاۋىلىق كىتابىنى تارقىتىش ئۈچۈن قىزغىن پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. 1918-يىلى، بۇ كىتاب مەنئىي قىلىنغاندا، كۆپ ساندىكى كىتابلار ئامباردا ساقلىنىپ قالغانىدى.
پەقەت پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار ئەمەس، بەلكى بارلىق ۋەز ئېيتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى بۇ كىتابنى تارقىتىش ئىشىغا قاتنىشىشقا چاقىرىلغان. «ھەربىر خۇداغا ئۆزىنى بېغىشلانغان [چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن] كىشى بۇنى خۇشاللىق بىلەن قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەمدى بۇ ھەر بىرىنىڭ شۇئارى بولسۇن: «بۇ مەن قىلىدىغان مۇھىم بىر ئىش»». ئېدمۇند خۇپېر بۇ پائالىيەت نۇرغۇنلار بۇرۇن ھېچ قاچان قىلىپ باقمىغان، تۇنجى قېتىم ئۆيمۇ-ئۆي ۋەز قىلىش ئىشى بولغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز ئۆيمۇ-ئۆي ۋەز خىزمىتىنىڭ شۇنچىلىك كەڭ كۆلەمدە بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان».
ياۋروپادا پائالىيەتنىڭ يېڭىدىن تەشكىللىنىشى
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، باشقا دۆلەتلەردىكى مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىش قىيىن بولغاچقا، جوسېف رۇتېرفورد بۇرادەر شۇ قېرىنداشلارنى ئىلھاملاندۇرۇشنى ھەمدە ۋەز قىلىش پائالىيىتىنى يېڭىدىن تەشكىللەشنى خالىغان. شۇ سەۋەبتىن، 1920-يىل، 12-ئاۋغۇستتا، ئۇ ۋە باشقا تۆت بۇرادەر ئەنگلىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان.
رۇتېرفورد بۇرادەر برىتانىيەنى زىيارەت قىلغاندا، مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرى ئۈچ چوڭ يىغىلىشنى ۋە ئون ئىككى ئاممىۋىي يىغىلىشنى ئۆتكۈزگەن. بۇ يىغىلىشلارغا قاتناشقانلارنىڭ ئۇمۇمىي سانى تەخمىنەن 50000 ئادەم ئىدى. بۇ زىيارەتنى خۇلاسىلەپ، «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلىدا مۇنداق دېيىلگەن: «دوستلار ئىلھام ئېلىپ، ئۇلارنىڭ روھى كۆتۈرۈلدى. بىر-بىرى بىلەن تېخىمۇ يېقىن بولۇپ، سۆيگۈ مۇھەببەت ئىچىدە بىرلىكتە خىزمەت قىلغاچ، نۇرغۇن قايغۇلۇق كۆڭۈللەر شاد-خۇراملىققا چۆمدى». رۇتېرفورد بۇرادەر پارىژ شەھىرىدە «ھازىر ياشاۋاتقان مىليونلىغان ئىنسانلار ھېچ قاچان ئۆلمەيدۇ» ناملىق نۇتۇقنى ئېيتقان. نۇتۇق باشلانغاندا، زال ئادەملەرگە لىق تولغان ئىدى. ئۈچ مىڭ ئادەم قوشۇمچە مەلۇماتنى سورىغان.
كېيىنكى ھەپتىلىرىدە، بەزى بۇرادەرلەر ئافىنا، قاھىرە ۋە يېرۇسالىم شەھەرلىرىگە بارغان. بۇ شەھەرلەردە قىزىقىش كۆرسەتكەنلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن رۇتېرفورد بۇرادەر يېرۇسالىمنىڭ يېنىدىكى راماللاھ شەھىرىدە كىتاب-ماتېرىياللار ئامبارى قورۇشنى ئۇيۇشتۇرغان. كېيىن، ئۇ ياۋروپاغا قايتىپ، ئوتتۇرا ياۋروپا بەيتەل ئىدارىسىنى قۇرۇپ، كىتاب-ماتېرىياللارنى بېسىپ چىقىرىشنى تەشكىللىگەن.
ئادالەتسىزلىك ئۈستىگە پارلىغان نۇر
1920-يىل كۈزدە، «ئالتۇن دەۋىر» ژورنىلىنىڭ 27-سانى، يەنى ئالاھىدە بىر سان نەشىر قىلغان. بۇ ساندا، 1918-يىلى جەريانىدا مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزىۋاتقان زىيانكەشلىكنى ئاشكارە قىلغان. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «جەڭ پاراخوتى» باسما ماشىنىسى ئەتىدىن كەچ
كىرگىچە توختىماي ئىشلەپ، بۇ ژۇرنال تۆت مىليوندىن كۆپرەك نۇسخا بېسىپ چىقىرىلغان ئىدى.مۇشۇ ژۇرنالنىڭ ئوقۇرمەنلىرى ئېمما مارتىن باشتىن كەچۈرگەن ھەيران قالارلىق بىر مىسالنى بىلىۋالغان. قېرىندىشىمىز ئېمما كالىفورنىيە شتاتىدىكى، سان-بېرناردىنا شەھىرىدە خىزمەت قىلغان. 1918-يىل، 17-مارتتا ئۇ ۋە ئۈچ بۇرادەر ئېدۋارد خام، يۇلىئوس سوننېنبۇرگ ۋە ئا. ستىۋېنس مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يىغىلىشىغا قاتناشقان ئىدى.
بىر كىشى شۇ يىغىلىشقا مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس، قارا نىيەت بىلەن كەلگەن. ئۇ: «مەن دەلىل-ئىسپاتلارنى، يەنى «تاماملانغان سىر» دېگەن كىتابنى ئىزدەش ئۈچۈن، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە شۇ يەرگە باردىم»،— دەپ ئېيتقان. نەتىجىدە، ئۇ ئىزدەۋاتقان كىتابنىڭ نۇسخىسىنى تاپقان. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ئېمما قېرىنداش ۋە ھېلىقى ئۈچ بۇرادەر قولغا ئېلىنغان. ئۇلار مەنئىي قىلىنغان كىتابنى تارقىتىپ، جاسۇسلۇق قىلغان، دەپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.
ئېمما ۋە ھېلىقى ئۈچ بۇرادەر بۇ ئىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1920-يىل، 17-مايدا ئۇلارنىڭ ھەممە ئەرزلىرى رەت قىلىنىپ، ئۇلار جازا مۇددىتىنى ئۆتۈشكە باشلىغان ئىدى. بىراق، ئۇزۇن ئۆتمەي ۋەزىيەت ياخشىلىنىشقا باشلانغان.
1920-يىل، 20-ئىيۇندا سان-فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىلىشتا رۇتېرفورد بۇرادەر ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگەن. چوڭ يىغىلىشتا بولغان قېرىنداشلار ئېتىقادداشلىرى دۇچ كەلگەن زىيانكەشلىككە ھاڭ-تاڭ بولۇپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا تېلېگرامما ئەۋەتىشنى ماقۇل كۆرگەن ئىدى. ئۇلار مۇنداق يازغان: «بىز ئېمما مارتىن خانىم جاسۇسلۇق قىلغان، دەپ چىقىرىلغان ھۆكۈمنى ئادالەتسىزلىك … دەپ ئويلايمىز. فېدېراتسىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۆز قولىدىكى ھوقۇقىنى ئېمما مارتىن خانىمغا قارشى ئىشلىتىپ، . . . ئاندىن ئۇنى تۈرمىگە سولاش ئۈچۈن دېلو تۇرغۇزۇش ھەرىكەتلىرىنى ۋەھشىيلىك دەپ ئېتىراز بىلدۈرىمىز».
كېيىنكى كۈنى پرىزىدېنت ۋۇدروۋ ۋىلسون دەرھال ئېمما مارتىن قېرىنداش ۋە ئېدۋارد خام، يۇلىئوس سوننېنبۇرگ ۋە ئا. ستىۋېنس بۇرادەرلەرنىڭ ھۆكۈمىنى بىكار قىلغان. ئۇلارنىڭ ئادالەتسىزلىك بىلەن ئۆتكۈزگەن تۈرمە ھاياتى ئاياقلاشقان.
1920-يىلنىڭ ئاخىرىدا، مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرىنىڭ خۇشال بولۇشى ئۈچۈن كۆپلىگەن سەۋەبلەر بولغان ئىدى. باش ئىدارىدىكى پائالىيەت داۋاملىق كېڭەيتىلىپ، ھەقىقىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە خەۋەرنى كەڭ كۆلەمدە جاكارلىغان (مەتتا 24:14). كېيىنكى يىلى، يەنى 1921-يىلى پادىشاھلىق ھەققىدىكى خەۋەر تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە تارقىتىلىدىغان يىل بولغان.