ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى
يەشايا 60:1-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «ئايال» كىم ۋە ئۇ قانداق «ئورنىدىن تۇرۇپ، نۇرىنى چاچقان؟»
يەشايا 60:1-ئايەتتە مۇنداق يېزىلغان: «ئورنىڭدىن تۇر ئەي ئايال، نۇرۇڭنى چاچقىن! چۈنكى سېنىڭ نۇرۇڭ يېتىپ كەلدى، يەھۋانىڭ شان-شەرىپى ئۈستۈڭنى يورۇتىدۇ». بۇ بابنىڭ كېيىنكى ئايەتلىرىدىكى تەسۋىرلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، «ئايال» بولسا سىئون، يەنى يەھۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پايتەخت شەھىرى يېرۇسالېم نى كۆرسىتىدۇ (يەشايا 60:14؛ 62:1، 2). يېرۇسالېم شەھىرى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. يەشايا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىدىن مۇنداق ئىككى سوئال تۇغۇلىدۇ. بىرىنچى، يېرۇسالېم قاچان ۋە قانداق «ئورنىدىن تۇرۇپ،» روھىي «نۇرىنى چاچقان؟» ئىككىنچى، يەشايا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرى بىزنىڭ كۈنلىرىمىزدە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئەمەلگە ئېشىۋاتامدۇ؟
قاچان ۋە قانداق «ئورنىدىن تۇرۇپ، نۇرىنى چاچقان؟» يەھۇدىيلار بابىلوندا 70 يىل ئەسىرلىكتە بولغاندا، يېرۇسالېم ۋە ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسى خانە-ۋەيرانە تاشلىۋېتىلگەن. مىدىيانلىقلار بىلەن پارسلارنىڭ قوشۇنلىرى بابىلوننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن بابىلون ئىمپېرىيىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشىغان ئىسرائىللار ئۆز يۇرتىغا قايتىش ۋە پاك ئىبادەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى (ئەزرا 1:1–4). مىلادىدىن ئىلگىرى 537-يىلىدىن باشلاپ، ئىسرائىلنىڭ 12 قەبىلىسىدىن بەزى سادىق كىشىلەر شۇنداق قىلغان (يەشايا 60:4). ئۇلار يەھۋاغا قۇربانلىقلارنى سۇنۇش، بايراملارنى ئۆتكۈزۈش ۋە ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتا سېلىش قۇرۇلۇشىنى باشلىغان (ئەزرا 3:1–4، 7–11؛ 6:16–22). شۇ چاغدا، يەھۋانىڭ شان-شەرىپى يېرۇسالېم غا، يەنى خۇدانىڭ خەلقى ئۈستىگە نۇرىنى چاچقان. بۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىل خەلقى روھىي قاراڭغۇلۇقتا بولغان باشقا مىللەتلەر ئۈچۈن روھىي يورۇقنىڭ مەنبىسى بولغان.
ئەمما، پاك ئىبادەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ بېشارەت سۆزلىرى قەدىمقى زاماندا پۈتۈنلەي ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى. ئىسرائىللارنىڭ كۆپىنچىسى خۇداغا ئىبادەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرمىغان ئىدى (نەھەم. 13:27؛ مالاك. 1:6–8؛ 2:13، 14؛ مەتتا 15:7–9). كېيىنرەك، ئۇلار ھەتتا ئەيسا مەسىھنى رەت قىلغان (مەتتا 27:1، 2). مىلادى 70-يىلى، يېرۇسالېم ۋە ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسى ئىككىنچى قېتىم ۋەيران قىلىنغان.
ئەمەلىيەتتە، يەھۋا شۇنداق ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن-ئالا ئېيتقان (دانىيال 9:24–27). ئېنىقكى، يەھۋا يەشايا كىتابى 60-بابتىكى پاك ئىبادەتنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدىكى بېشارەتلىك سۆزلەرنىڭ يەر يۈزىدىكى يېرۇسالېمدا پۈتۈنلەي ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى مەقسەت قىلمىغان.
يەشايا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرى بىزنىڭ كۈنلىرىمىزدە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئەمەلگە ئېشىۋاتامدۇ؟ ھەئە. لېكىن، شۇ سۆزلەر باشقا بىر سىمۋوللۇق «ئايال»دا، يەنى «يۇقىرىدىكى يېرۇسالېم»دا ئەمەلگە ئېشىۋاتىدۇ. ئەلچى پاۋلۇس ئۇ توغرۇلۇق مۇنداق يازغان: «ئۇ بىزنىڭ ئانىمىزدۇر» (گالاتىيا. 4:26). «يۇقىرىدىكى يېرۇسالېم» سادىق پەرىشتىلەردىن تەشكىل تاپقان خۇدانىڭ تەشكىلاتىنىڭ ئاسماندىكى قىسىمىدۇر. ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ئەيسا مەسىھ ۋە مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغان 144 000 كىشىدۇر. ئۇلارنىڭ پاۋلۇسقا ئوخشاش ئاسماندا ياشاش ئۈمىدى بار. مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار — بۇ «مۇقەددەس خەلق»، يەنى «خۇدانىڭ ئىسرائىلى» بولغان.—1-پېتر. 2:9؛ گالاتىيا. 6:16.
«يۇقىرىدىكى يېرۇسالېم» قانداق ئورنىدىن تۇرغان ۋە نۇرىنى چاچقان؟ ئۇ يەر يۈزىدىكى پەرزەنتلىرى، يەنى ھېلىھەم يەر يۈزىدە بولغان مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئارقىلىق شۇنداق قىلغان. ئەمدى ئۇلار بېشىدىن كەچۈرگەن ئىشلار بىلەن يەشايا 60-بابتا بېشارەت قىلىنغان سۆزلەرنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى.
ئالدىن بېشارەت قىلىنغاندەك، مىلادى 2-ئەسىردە ياۋا ئوت-چۆپ كەبى ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرگەنلەر پەيدا بولۇپ، روھىي قاراڭغۇلۇق باسقان بىر زامان كەلدى. شۇڭا، مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئورنىدىن تۇرۇشى كېرەكتى (مەتتا 13:37–43). نەتىجىدە، ئۇلار ساختا دىن دۇنيا ئىمپېرىيىسى بولغان بۈيۈك بابىلغا ئەسىرلىككە چۈشۈپ قالغانىدى. تاكى 1914-يىلى ئاخىر زامان باشلانغىچە ئەسىر بولۇپ تۇرغان (مەتتا 13:39، 40). كۆپ ئۆتمەي، 1919-يىلى ئۇلار ئەسىرلىكتىن ئەركىن بولۇپ، دەرھال ۋەز خىزمىتىگە ئاتلىنىپ، روھىي نۇرنى چېچىشقا باشلىغان a. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بارچە مىللەتتىن ئىنسانلار شۇ نۇرغا قاراپ ماڭغان، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خۇدانىڭ ئىسرائىلىنىڭ قالدۇق ئەزالىرى، يەنى يەشايا 60:3-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «پادىشاھلار» ھەم بار.—ۋەھىي. 5:9، 10.
كېلەچەكتە مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار يەھۋا خۇدادىن كەلگەن نۇرنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە چاقنىتىدۇ. ئۇلار بۇنى قانداق قىلىدۇ؟ ئۇلار يەر يۈزىدە ئۆلگەندە، تىرىلدۈرۈلۈپ ئاسمانغا ئېلىپ چىقىرىلىپ، «يېڭى يېرۇسالېم»نىڭ بىر قىسىمى بولىدۇ. «يېڭى يېرۇسالېم» بولسا مەسىھنىڭ كېلىنچىكى بولۇپ، ئاسماندا مەسىھ بىلەن بىرلىكتە پادىشاھ ۋە روھانىي بولۇپ خىزمەت قىلىدىغان 144 000 ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ.—ۋەھىي. 14:1؛ 21:1، 2، 24؛ 22:3–5.
يەشايا 60:1-ئايەتتىكى بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا «يېڭى يېرۇسالېم» مۇھىم رول ئوينايدۇ (يەشايا 60:1، 3، 5، 11، 19، 20-نى ۋەھىيلەر 21:2، 9–11، 22–26 سېلىشتۇرۇڭ). يېڭى دۇنيادا يېڭى يېرۇسالېم مەسىھ بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدۇ. يەنى، خۇددى قەدىمقى زاماندىكى يېرۇسالېم شەھىرى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغاندەك، «يېڭى يېرۇسالېم» يېڭى دۇنيادا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئۇنداقتا، «يېڭى يېرۇسالېم خۇدانىڭ يېنىدىن» چۈشۈشى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ بۇ يېڭى يېرۇسالېم پۈتۈن كۈچى بىلەن يەر يۈزىدىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. خۇدادىن ئەيمىنىدىغان بارلىق مىللەتلەردىن چىققان ئىنسانلار «بۇ شەھەرنىڭ نۇرىدا يۈرىدۇ». ئۇلار ھەتتا گۇناھ بىلەن ئۆلۈمنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلىنىدۇ (ۋەھىي. 21:3، 4، 24). نەتىجىدە، يەشايا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەر بېشارەت قىلغان ئىشلار تامامەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. شۇ چاغدا، «ھەممە نەرسە تۈزىتىلىپ، ئەسلىگە قايتىدىغان» زامان پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىدۇ (ئەلچى. 3:21). بۇ ھەممىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىھ پادىشاھ بولغان چاغدا باشلانغان ۋە ئۇنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىدۇ.
a ھەزەكىيال 37:1-14 ۋە ۋەھىيلەر 11:7–12-ئايەتلەردىمۇ، 1919-يىلىدا پاك ئىبادەتنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى تىلغا ئېلىنغان. ھەزەكىيال پەيغەمبەر مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغان بارلىق ئېتىقادچىلار ئۇزۇن بىر مەزگىل ئەسىرلىككە چۈشۈپ ئەركىنلىككە چىققاندىن كېيىن، پاك ئىبادەت ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بېشارەت قىلغان. ۋەھىي كىتابىدا بولسا، مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغان يېتەكچىلىكنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان كىچىك بىر توپ بۇرادەرلەر ئادالەتسىزلىك بىلەن تۈرمىگە تاشلىنىپ، قىسقا بىر مەزگىل مەجبۇرىي ۋەز خىزمىتى توختىغاندىن كېيىن، روھىي جەھەتتىن قايتا تۇغۇلۇشى ياكى جانلىنىشى بېشارەت قىلىنغان. 1919-يىلى، ئۇلار «سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل» بولۇپ تەيىنلەنگەن.—مەتتا 24:45.