30-تەتقىق ماقالىسى
52-ناخشا قەلبىڭنى چىڭ قوغدا!
ئىسرائىل پادىشاھلىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
«شۇ چاغدا، سىلەر ھەققانىي ئادەم بىلەن رەزىل ئادەم ۋە خۇداغا ئىبادەت قىلغان ئادەم بىلەن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلمىغان ئارىسىدىكى پەرقنى قايتا كۆرۈپ يېتىسىلەر».—مالاك. 3:18.
مەركىزى ئىدىيە
ئىسرائىل پادىشاھلىرى ھەققىدە ئۆگىنىش يەھۋانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.
1، 2. مۇقەددەس كىتاب بەزى ئىسرائىل پادىشاھلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى بايان قىلىدۇ؟
مۇقەددەس كىتابتا ئىسرائىل خەلقىگە پادىشاھلىق قىلغان 40تىن كۆپرەك ئادەمنىڭ ئىسىمى تىلغا ئېلىنغان a. شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلىرىنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقى تەپسىلىيرەك بايان قىلىنغان. مەسىلەن، بەزى ياخشى پادىشاھلار ھەم بەزى يامان ئىشلارنى قىلغان. شۇلاردىن بىرى پادىشاھ داۋۇتنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. داۋۇت ھەققىدە يەھۋا مۇنداق دەيدۇ: «[خىزمەتكارىم داۋۇت] پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگىشىپ، مېنىڭ نەزەرىمدە توغرا بولغان ئىشلارنىلا قىلاتتى»،— دېگەن (1-پادىشاھ. 14:8). بىراق، داۋۇت ئاللىقاچان توي قىلغان ئايال بىلەن زىنا قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئېرىنى جەڭدە قەستلەپ ئۆلتۈرگۈزگەن.—2-سام. 11:4، 14، 15.
2 ئۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن ساداقەتسىز پادىشاھلار بەزىدە توغرا ئىشلارنى قىلغان. رېھابامنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. يەھۋانىڭ نەزەرىدە رېھابام «يامان ئىشلارنى قىلاتتى» (2-تارىخ. 12:14). بىراق، رېھابام خۇدانىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، ئون قەبىلە خەلقىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقىدىن ئايرىلىپ كېتىشىگە يول قويغان. ئۇ يەنە خۇدانىڭ خەلقىنى دۈشمەنلەردىن قوغداش ئۈچۈن ئۆز پادىشاھلىقىغا تەۋە نۇرغۇن شەھەرلەرنى مۇستەھكەملىگەن.—1-پادىشاھ. 12:21–24؛ 2-تارىخ. 11:5–12.
3. قانداق مۇھىم سوئال ئوتتۇرغا چىقىدۇ ۋە بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
3 ئەگەر نۇرغۇن ئىسرائىل پادىشاھلىرى ياخشى ۋە يامان ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، ئۇنداقتا يەھۋا نېمىگە ئاساسەن كىمنىڭ سادىق ياكى ساداقەتسىز پادىشاھلىقىنى قارار قىلغان؟ بۇ مۇھىم سوئالنىڭ جاۋابى، يەھۋانىڭ بىزدىن نېمىنى تەلەپ قىلدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. يەھۋا كىمنىڭ سادىق ياكى ساداقەتسىز پادىشاھلىقىنى قارار قىلغاندا، ئۈچ ئامىلنى نەزەردە تۇتقان: (1) پۈتۈن قەلبى بىلەن يەھۋانى سۆيەمدۇ؛ (2) گۇناھ ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ھەقىقىي توۋا قىلامدۇ؛ (3) داۋاملىق پاك ئىبادەتنى قوللامدۇ. ھازىر بۇلارنى بىر-بىرلەپ كۆرۈپ چىقىمىز.
ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن يەھۋانى سۆيگەن
4. سادىق پادىشاھلار بىلەن ساداقەتسىز پادىشاھلار ئارىسىدا قانداق پەرق بولغان؟
4 يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىدىغان پادىشاھلار ئۇنىڭغا پۈتۈن قەلبى b بىلەن خىزمەت قىلغان. ياخشى پادىشاھ يەھوشافات «يەھۋانى پۈتۈن قەلبى بىلەن ئىزدىگەن» (2-تارىخ. 22:9). مۇقەددەس كىتاب پادىشاھ يوشىيا ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «يوشىيادىن ئىلگىرى، ئۇنىڭغا ئوخشاش پۈتۈن قەلبى، پۈتۈن جېنى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن يەھۋاغا يۈزلەنگەن … پادىشاھ بولۇپ باقمىغان» (2-پادىشاھ. 23:25). ئۇنىڭدىن باشقا، قېرىغاندا يامان ئىشلارنى قىلغان سۇلايمان پادىشاھ ھەققىدە مۇقەددەس كىتاب: «ئۇنىڭ قەلبى ئاتىسى داۋۇتنىڭ قەلبىدەك ئۆز خۇداسى يەھۋاغا پۈتۈنلەي سادىق بولمىدى»،— دەيدۇ (1-پادىشاھ. 11:4). يەنە بىر ساداقەتسىز پادىشاھ ئابىيام توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «خۇداسى يەھۋاغا پۈتۈنلەي سادىق بولمىدى».—1-پادىشاھ. 15:3.
5. يەھۋاغا پۈتۈن قەلبى بىلەن خىزمەت قىلىش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
5 ئۇنداقتا، يەھۋاغا پۈتۈن قەلبى بىلەن ئىبادەت قىلىش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ پۈتۈن قەلبى بىلەن ئىبادەت قىلىش — مەجبۇرىيەت ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ياراتقۇچى يەھۋانى چىن قەلبىدىن سۆيگەنلىكى ۋە ھۆرمەتلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆمۈر بويى ئۇنىڭغا سادىق خىزمەت قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.
6. يەھۋاغا پۈتۈن قەلبىمىز بىلەن ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ (پەندى-نەسىھەت 4:23؛ مەتتا 5:29، 30)
6 بىز سادىق پادىشاھلارنى ئۈلگە قىلىپ، داۋاملىق يەھۋاغا پۈتۈن قەلبىمىز بىلەن ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ بۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە يامان تەسىر قىلىدىغان ھەرقانداق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشىمىز لازىم. مەسىلەن، ساغلام بولمىغان ئويۇن-تاماشىلار، يامان دوستلار ۋە مال-دۇنياغا بولغان ناتوغرا كۆز قاراش قەلبىمىزگە تەسىر قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر مەلۇم بىر نەرسە ياكى ئىش يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى سوۋۇتقانلىقىنى بايقىساق، دەرھال پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن يامان تەسىرنى يوق قىلىشقا ھەرىكەت قىلىشمىز كېرەك.—پەندى-نەسىھەت 4:23؛ مەتتا 5:29، 30-نى ئوقۇڭ.
7. نېمە ئۈچۈن يامان تەسىر قىلىدىغان نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك؟
7 قەلبىمىزنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىگە يول قويماسلىقىمىز كېرەك. ئەگەر پەخەس بولمىساق، ئۆز-ئۆزىمىزنى ئالداپ مۇنداق ئويلىشىمىز مۇمكىن: «خۇداغا ئىبادەت قىلىش بىلەن ئالدىراش ئۆتسەم، ھېچقانداق نەرسە ماڭا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ». مەسىلەن، شىۋىرغانلىق قاتتىق سوغۇق كۈندە ئۆزىڭىزنى سىرتتا دەپ تەسەۋۋۇر قىلىڭ. ئۆيىڭىزگە كېلىپلا ئۆينى ئىسسىتىشقا ھەرىكەت قىلىسىز. ئەگەر ئىشىكنى ياپماي ئوچۇق قويسىڭىزچۇ، نېمە بولىدۇ؟ ناھايىتى تىزلا سوغۇق ھاۋا پۈتۈن ئۆيگە كىرىپ كېتىدۇ. بۇ مىسالدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز سوۋۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن پەقەت روھىي ئوزۇقلۇق بىلەن ئوزۇقلىنىش يېتەرلىك ئەمەس. بىز بۇ دۇنيانىڭ سوغۇق ھاۋاسىنىڭ قەلبىمىزگە يامان تەسىر قىلماسلىقى ئۈچۈن ئىشىكنى چوقۇم يېىپىۋېتىشىمىز كېرەك. شۇ چاغدا، بۇ دۇنيانىڭ روھى قەلبىمىزگە كىرەلمەيدۇ ۋە پۈتۈن قەلبىمىز بىلەن يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا توسالغۇ بولمايدۇ.—ئەفەس. 2:2.
ئۇلار گۇناھلىرىغا توۋا قىلغان
8، 9. داۋۇت ۋە ھىزقىيا پادىشاھ تۈزىتىشكە قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ ( ھەم قاراڭ)
8 يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك، پادىشاھ داۋۇت ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن. لېكىن، ناتان پەيغەمبەر ئۇنىڭ گۇناھىنى يۈزىگە سالغاندا، داۋۇت دەرھال كەمتەرلىك بىلەن گۇناھىغا توۋا قىلغان (2-سام. 12:13). زەبۇر 51-بابتىن، داۋۇتنىڭ چىن كۆڭلىدىن گۇناھىغا ھەقىقىي توۋا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز. داۋۇت ناتاننى ئالداش ياكى جازادىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن توۋا قىلغان قىياپەتكە كىرىۋالمىغان. ئۇ ھەقىقىي توۋا قىلغانىدى.—زەبۇر 51:3، 4، 17.
9 ھىزقىيا پادىشاھمۇ يەھۋا خۇداغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزگەن. مۇقەددەس كىتابتا: «ئۇنىڭ قەلبى تەكەببۇرلىشىپ كەتكەنىدى. شۇ سەۋەب، خۇدا ئۇنىڭغا، يەھۇدىيەگە ۋە يېرۇسالېمغا غەزەپ ياغدۇردى»،— دېيىلگەن (2-تارىخ. 32:25). نېمە ئۈچۈن ھىزقىيا تەكەببۇرلىشىپ كەتكەن؟ بەلكىم، ئۇ بايلىق كۆپ بولغانلىقى، ئاسسۇرىيەلىكلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقى ياكى خۇدا مۆجىزە ئارقىلىق كېسىلىنى ساقايتقانلىقى سەۋەبلىك تەكەببۇرلىشىپ كەتكەندۇ. بەلكىم، تەكەببۇرلۇقى تۈپەيلى، ھىزقىيا ئۆز بايلىقىلىرىنى بابىلونلۇقلارغا كۆرسەتكەندۇ. نەتىجىدە، يەشايا پەيغەمبەر ھىزقىياغا يەھۋانىڭ ئۇنىڭغا ئاچچىقلانغانلىقىنى ئېيتقان (2-پادىشاھ. 20:12–18). ئەمما، ھىزقىيا داۋۇت پادىشاھقا ئوخشاش كەمتەرلىك بىلەن توۋا قىلغان (2-تارىخ. 32:26). يەھۋا ئاخىرىدا ھىزقىياغا قانداق كۆز قاراشتا بولغان؟ يەھۋا ئۇنى سادىق پادىشاھ دەپ قارىغان ۋە ئۇنى «داۋاملىق … توغرا بولغان ئىشلارنى قىلدى»،— دېگەن.—2-پادىشاھ. 18:3.
10. پادىشاھ ئاماسىيا تۈزىتىشكە قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟
10 يەھۇدا پادىشاھى ئاماسىيا داۋۇت ۋە ھىزقىيادىن پەرقلىق بولغان. گەرچە ئۇ بەزى توغرا ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، «لېكىن پۈتۈن قەلبى بىلەن قىلمايتتى» (2-تارىخ. 25:2). ئۇ قانداق خاتالىق ئۆتكۈزگەن؟ يەھۋا ئۇنىڭ ئىدوملۇقلار ئۈستىدىن غەلىبە قازىنىشىغا ياردەم بەرگەندىن كېيىن، ئاماسىيا ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇشقا باشلىغان c. يەھۋانىڭ پەيغەمبىرى ئۇنى تۈزىتىپ سۆز قىلغاندا، ئاماسىيا ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماستىن، جاھىللىق بىلەن ئۇنى قوغلاپ چىقارغان.—2-تارىخ. 25:14–16.
11.2 -كورىنتلىقلار 7:9، 11-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، يەھۋانىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ (رەسىملەرگە ھەم قاراڭ)
11 بۇ مىساللاردىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟ بىز گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلىپ، ئۇلارنى تەكرارلىماسلىق ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. جامائەتتىكى ئاقساقاللار مەلۇم بىر ئىش توغرۇلۇق بىزگە مەسلىھەت بەرسە، ھەتتا ئۇ بىز ئۈچۈن ئانچە مۇھىم ھېسابلانمايدىغان ئىش بولسىمۇ، قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز كېرەك؟ يەھۋا بىزنى سۆيمەيدىغاندەك ياكى ئاقساقاللار بىزگە قارشى چىقىۋاتقاندەك ھېس قىلماسلىقىمىز كېرەك. ھەتتا ئىسرائىللارنىڭ سادىق پادىشاھلىرىمۇ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشقا ۋە تۈزىتىشكە مۇھتاج ئىدى (ئىبرانىي. 12:6). بىزنى تۈزەتكەندە، (1) كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىشىمىز، (2) زۆرۈر ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشىمىز، (3) پۈتۈن قەلبىمىز بىلەن داۋاملىق يەھۋاغا خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر گۇناھلىرىمىزغا ھەقىقىي توۋا قىلساق، چوقۇم يەھۋانىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشەلەيمىز.—2-كورىنتلىقلار 7:9، 11-نى ئوقۇڭ.
ئۇلار پاك ئىبادەتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن
12. سادىق پادىشاھلار بىلەن ساداقەتسىز پادىشاھلار ئارىسىدىكى ئەڭ زور پەرق نېمە بولغان؟
12 يەھۋانىڭ نەزىرىدىكى سادىق پادىشاھلار پاك ئىبادەتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن. ئۇلار ئۆز قول ئاستىدىكى پۇقرالارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلغان. ئەلۋەتتە كۆرگىنىمىزدەك، ئۇلارنىڭمۇ كەمچىلىكلىرى بولغان ئىدى. لېكىن، ئۇلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پەقەت يەھۋاغا ئىبادەت قىلغان ۋە ئۆز پادىشاھلىقىغا تەۋە زېمىنىدىكى بۇتلارنى تازىلاپ يوقىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان d.
13. نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ نەزىرىدە ئاخاب ساداقەتسىز پادىشاھ بولغان؟
13 يەھۋا ساداقەتسىز دەپ قارار قىلغان پادىشاھلارچۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى خاتا ئەمەس ئىدى. ھەتتا رەزىل پادىشاھ ئاخاب نابۇتنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىپ، مەلۇم دەرىجىدە كەمتەرلىكنى كۆرسەتكەن (1-پادىشاھ. 21:27–29). ئۇ يەنە شەھەرلەرنى قۇرغان ۋە ئىسرائىل خەلقى ئۈچۈن دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان (1-پادىشاھ. 20:21، 29؛ 22:39). لېكىن، ئۇ ئۆز ئايالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنۇشنى تەشۋىق قىلغان ۋە بۇ ئىشى ئۈچۈن ھېچقاچان توۋا قىلمىغان.—1-پادىشاھ. 21:25، 26.
14. (1) نېمە ئۈچۈن يەھۋا رېھابامنى ساداقەتسىز پادىشاھ دەپ قارىغان؟ (2) ساداقەتسىز پادىشاھلارنىڭ كۆپىنچىسى قانداق ناتوغرا ئىشلارنى قىلغان؟
14 يەنە بىر ساداقەتسىز پادىشاھ رېھابامنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك، رېھابام ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە نۇرغۇن توغرا ئىشلارنى قىلغان. بىراق، ئۇنىڭ پادىشاھلىق ھوقۇقى مۇستەھكەم بولغاندىن كېيىن، ئۇ يەھۋانىڭ قانۇنىنى رەت قىلىپ، ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنۇشنى باشلىغان (2-تارىخ. 12:1). كېيىن، ئۇ بەزىدە يەھۋاغا ئىبادەت قىلغان ۋە بەزىدە ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنغان (1-پادىشاھ. 14:21–24). پەقەت رېھابام بىلەن ئاخاب ئەمەس، باشقا پادىشاھلارمۇ پاك ئىبادەتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىمىگەن. ئەمەلىيەتتە، ساداقەتسىز پادىشاھلارنىڭ كۆپىنچىسى ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنغان ۋە باشقىلارنى شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلغان. شۇنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يەھۋا مەلۇم بىر پادىشاھنى ياخشى ياكى يامان دەپ ھۆكۈم قىلغاندا، مۇھىم بىر ئامىلنى كۆزدە تۇتقان، يەنى پادىشاھنىڭ پاك ئىبادەتنى قوللىغان ياكى قوللىمغانلىقىغا قارىغان.
15. يەھۋانىڭ نەزىرىدە پادىشاھلارنىڭ پاك ئىبادەتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك مۇھىم بولغان؟
15 نېمىشقا يەھۋانىڭ نەزىرىدە پادىشاھلارنىڭ پاك ئىبادەت قىلىشى شۇنچە مۇھىم بولغان؟ بىر سەۋەبى — پادىشاھلارنىڭ خۇدا خەلقىنى توغرا ئۇسۇلدا ئىبادەت قىلىشقا يېتەكلەش مەسئۇلىيىتى بولغان. يەنە بىر سەۋەبى — كىشىلەر ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنسا، چوقۇم ئېغىر گۇناھلارنى قىلاتتى ۋە باشقىلار ئادالەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى (ھوشىيا 4:1، 2). ئۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىل پادىشاھلىرى ۋە پۇقرالىرى يەھۋاغا بېغىشلانغان ئىدى. شۇڭا، مۇقەددەس كىتابتا ئۇلارنىڭ ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنۇشى زىنا قىلىش بىلەن سېلىشتۇرۇلغان (يەرەم. 3:8، 9). زىنا قىلغان كىشى ئۆز ھەمراھىغا قارشى گۇناھ قىلىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، يەھۋاغا ئۆز ھاياتىنى بېغىشلىغان كىشى ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنسا، ئۆز ياراتقۇچىسىغا قارشى گۇناھ قىلىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدۇ e.—تەكرار. قا 4:23، 24.
16. يەھۋانىڭ نەزىردە قانداق ئادەم ھەققانىي ۋە قانداق ئادەم رەزىل؟
16 بىز بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ بىز چوقۇم ساختا چوقۇنۇشلاردىن يىراق تۇرۇشقا قەتئىي بەل باغلىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، چوقۇم پاك ئىبادەتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، قىزغىن يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلىشىمىز لازىم. يەھۋانىڭ نەزىرىدە قانداق ئادەم ياخشى ۋە قانداق ئادەم يامان ئىكەنلىكىنى، مالاكى پەيغەمبەر ئېنىق چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «سىلەر ھەققانىي ئادەم بىلەن رەزىل ئادەم ۋە خۇداغا ئىبادەت قىلغان ئادەم بىلەن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلمىغان ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى قايتا كۆرۈپ يېتىسىلەر» (مالاك. 3:18). بىز ھەممىمىز يەھۋانىڭ نەزەرىدە ھەققانىي ئادەم بولۇشنى خالايمىز. شۇڭا، ھەرقانداق نەرسىنىڭ يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز. مەيلى ئۆزىمىزنىڭ كەمچىلىكلىرى ياكى ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى سەۋەبلىك ئۈمىدسىزلەنسەكمۇ، بىز چوقۇم داۋاملىق ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىمىز. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى توختىتىشنىڭ ئۆزى ئېغىر گۇناھتۇر.
17. ھەمراھ تاللاشتا نېمە ئۈچۈن ئېھتىياتچان بولۇشىمىز كېرەك؟
17 ئەگەر توي قىلىشنى ئويلاۋاتقان بولسىڭىزچۇ؟ مالاكى كىتابىدىكى سۆزلەر كېلەچەكتىكى ھەمراھىڭىزنى توغرا تاللىشىڭىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ. مۇنداق ئويلاپ كۆرۈڭ: ئۇ كىشىنىڭ ياخشى پەزىلىتى بار. لېكىن، ئۇ ھەق خۇداغا ئىبادەت قىلمىسا، يەھۋانىڭ نەزىرىدە ئۇ ھەققانىي ھېسابلىنامدۇ؟ (2-كورىنت. 6:14) ئەگەر ئۇ كىشى بىلەن توي قىلسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ يەھۋاغا سادىق بولۇشىڭىزغا ياردەم بېرەلەمدۇ؟ ئويلاپ بېقىڭ: پادىشاھ سۇلايماننىڭ ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنغان خوتۇنلىرى ئارىسىدا بەزى ياخشى پەزىلەتلىرى بولغان ئاياللار بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئۇلار يەھۋاغا ئىبادەت قىلمىغان. نەتىجىدە، ئۇلار ئاستا-ئاستا سۇلايماننىڭ قەلبىنى ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنۇشقا مايىل قىلغان.—1-پادىشاھ. 11:1، 4.
18. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا نېمىلەرنى ئۆگىتىشى لازىم؟
18 ئاتا-ئانىلار، ئىسرائىل پادىشاھلىرى ھەققىدىكى ئۈزۈندىلەرنى ئىشلتىپ، بالىلىرىڭلارنىڭ چىن قەلبىدىن يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ئارزۇ-ئىستىكىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىڭلار. بالىلارنىڭ شۇنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىڭلار: يەھۋانىڭ نەزىرىدە ياخشى دەپ قارالغان پادىشاھ قىزغىنلىق بىلەن ھەق خۇداغا ئىبادەت قىلغان ۋە خەلقنىمۇ شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلغان. سىلەر گەپ-سۆزلىرىڭلار ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىڭلار ئارقىلىق، بالىلىرىڭلارغا مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش، جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ۋەز قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى كۆرۈپ يېتىشنى ئۆگىتىڭلار (مەتتا 6:33). ئەگەر ئاتا-ئانىلار بۇنداق قىلمىسا، بەلكىم بالىلار يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بولۇشنى پەقەت ئائىلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادىتى دەپ ئويلىشى مۇمكىن. نەتىجىدە، ئۇلار يەھۋا خۇداغا ئىبادەت قىلىشنى ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇنغا قويماسلىقى، ھەتتا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشنى توختىتىشى مۇمكىن.
19. يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختاتقان كىشى ئۈچۈن قانداق ئۈمىد بار؟ (« سىزمۇ يەھۋاغا قايتىپ كېلەلەيسىز!» ناملىق رامكىغىمۇ قاراڭ)
19 ئەگەر بىر كىشى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختاتقان بولسا، بۇ ئۇنىڭ ئەمدى قايتا يەھۋا بىلەن دوست بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟ ياق. چۈنكى، ئۇ توۋا قىلىپ ئۆزگەرسە، قايتا يەھۋاغا ئىبادەت قىلالايدۇ. يەھۋاغا قايتىپ كېلىش ئۈچۈن ئۇ غۇرۇرىنى بىر چەتكە تاشلاپ قويۇپ، جامائەت ئاقساقاللىرىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك (ياقۇپ 5:14). بەلكىم، بۇنداق قىلىش ئاسانغا توختىمايدۇ، بىراق يەھۋانىڭ قايتا قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرقانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشكە ئەرزىيدۇ!
20. ئەگەر سادىق پادىشاھلارنى ئۈلگە قىلساق، يەھۋانىڭ نەزىرىدە قانداق ئادەم ھېسابلىنىمىز؟
20 ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ مىساللىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟ ساداقەتمەن پادىشاھلارنى ئۈلگە قىلىپ، پۈتۈن قەلبىمىز بىلەن داۋاملىق يەھۋاغا ئىبادەت قىلالايمىز. ئەگەر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قالساق، ئۇنىڭدىن ئۆزىمىزگە ساۋاق ئېلىپ، چىن قەلبىمىزدىن توۋا قىلىپ، زۆرۈر ئۆزگەرتىشلەرنى قىلايلى. پاك ئىبادەتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھەرگىز ئەستىن چىقارمايلى. ئەگەر سىز ساداقەتمەنلىك بىلەن يەككە-يېگانە، ھەق خۇدا يەھۋاغا پۈتۈن قەلبىڭىز بىلەن ئىبادەت قىلسىڭىز، ئۇ چوقۇم سىزنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلايدۇ!
22-ناخشا يەھۋا — مېنىڭ پادىچىمدۇر
a بۇ ماقالىدە «ئىسرائىل پادىشاھلىرى» دېگەن سۆز-ئىبارە، مەيلى ئۇلار ئىككى قەبىلىلىك يەھۇدا پادىشاھلىقى، ئون قەبىلىلىك ئىسرائىل پادىشاھلىقى ياكى ھەممە 12 قەبىلە ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولسۇن، يەھۋانىڭ خەلقى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان بارلىق پادىشاھلارغا قارىتىلغان.
b سۆز-ئىبارە مەنىسى: مۇقەددەس كىتابتا دائىم «قەلب، كۆڭۈل، يۈرەك» دېگەن سۆزلەر كىشىنىڭ ئىچكى دۇنياسى تەسۋىرلەنگەندە قوللىنىلغان، ئۇلار بىر كىشىنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرى، ئوي-خىياللىرى، كۆز قاراشلىرى، مىجەز-خۇلقى، قابىلىيەتلىرى، نىيەتلىرى ۋە مەقسەت-نىشانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
c قەدىمقى زاماندا يات خەلق پادىشاھلىرى ئارىسىدا شۇنداق ئۆرپ-ئادەت كەڭ تارقالغان، يەنى ئۇلار ئۆزلىرى بويسۇندۇرغان خەلقلەرنىڭ ساختا ئىلاھلىرىغا سەجدە قىلىپ چوقۇنۇشقان.
d ئاسا پادىشاھ ئېغىر گۇناھ سادىر قىلغان (2-تارىخ. 16:7، 10). بىراق، مۇقەددەس كىتاب ئۇنى يەھۋانىڭ نەزەرىدە توغرا ئىشلارنى قىلغان ئادەم دەيدۇ. گەرچە ئۇ دەسلەپتە تۈزىتىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، كېيىن ئۇ توۋا قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ياخشى پەزىلەتلىرى كەمچىلىكلىرىدىن كۆپرەك بولغان. ئەڭ مۇھىمى، ئاسا پەقەت يەھۋاغا ئىبادەت قىلغان ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن پادىشاھلىقىغا تەۋە زېمىندىن بۇتپەرەسلىكنى تازىلاشقا تىرىشقان.—1-پادىشاھ. 15:11–13؛ 2-تارىخ. 14:2–5.
e شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى، مۇسانىڭ تەۋرات قانۇنىدىكى ئاۋۋالقى ئىككى ئەمر بويىچە، ئىسرائىل خەلقى پەقەت يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشى كېرەكتى، ئۇلارنىڭ باشقا ھەرقانداق ئىلاھ، شەخس ياكى نەرسىگە ئىبادەت قىلىشى مەنئىي قىلىنغانىدى.—چىق. 20:1–6.
f سۈرەت. ياش ئاقساقال يېشى چوڭراق بۇرادەرگە، ئۇنىڭ ھاراققا خۇمار بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئاشۇ بۇرادەر نەسىھەتنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىپ، زۆرۈر بولغان ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىدۇ ۋە داۋاملىق يەھۋاغا ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىدۇ.