27-تەتقىق ماقالىسى
137-ناخشا جاسارەت بەرگىن
سادوققا ئوخشاش باتۇر بولۇڭ
«سادوق دېگەن باتۇر ياش يىگىت».—1-تارىخ. 12:28.
مەركىزى ئىدىيە
سادوقنىڭ باتۇرلۇقىدىن قانداق ئۈلگە ئالالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.
1، 2. سادوق كىم؟ (1-تارىخنامە 12:22، 26–28)
مۇنداق بىر مەنزىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ: 340 000 دىن كۆپرەك كىشى داۋۇتنى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ پادىشاھى قىلىش ئۈچۈن جەم بولۇشتى. ئۈچ كۈن، ھىبروننىڭ ئەتراپىدىكى تاغلار ئارىسىدىن ئادەملەرنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋازلىرى، خۇشال كۈلكىلىرى ۋە يەھۋانى مەدھىيىلەپ ئېيتقان ناخشىلىرىنىڭ ئەكس سادالىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى (1-تارىخ. 12:39). شۇ خالايىقنىڭ ئارىسىدا سادوق ئىسىملىك ياش يىگىت بار ئىدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا دىققەت قىلمىغانىدى. ئەمما، يەھۋا ئۇنى كۆرگەن ۋە بىزنىڭ ئۇنى تونۇشىمىزنى خالىغان (1-تارىخنامە 12:22، 26–28-نى ئوقۇڭ). ئۇنداقتا، سادوق زادى كىم؟
2 سادوق روھانىي بولغان ۋە ئابىياتار ئىسىملىك باش روھانىي بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، خۇدا سادوقنىڭ ئۆز ئىرادىسىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر ئالاھىدە قابىلىيەت ۋە دانالىقنى بەرگەن (2-سام. 15:27). ياردەمگە مۇھتاج بولغان كىشىلەر سادوقتىن دانا نەسىھەتلەرنى سورىغان. ئۇ باتۇر ئادەم بولغانىدى. بۇ ماقالىدە، بىز سادوق باتۇرلۇقىنى قانداق كۆرسەتكەنلىكىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
3. (1) نېمە ئۈچۈن يەھۋاغا ئىبادەت قىلغۇچىلار باتۇر بولۇشى كېرەك؟ (2) بۇ ماقالىدە بىز نېمىلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
3 بۇ ئاخىر زاماننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە، شەيتان ئىبلىس بارغانسېرى خۇدا خەلقىگە تېخىمۇ شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىدۇ (1-پېتر. 5:8). شۇڭلاشقا، تاكى شەيتان ۋە بۇ رەزىل دۇنيانى يەھۋا يوق قىلغانغا قەدەر، باتۇر بولۇشىمىز كېرەك (زەبۇر 31:24). تۆۋەندە، سادوقنىڭ باتۇرلۇقىنى ئۈلگە قىلىشنىڭ ئۈچ ئۇسۇلىنى كۆرۈپ چىقايلى.
خۇدا پادىشاھلىقىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش
4. نېمە ئۈچۈن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى خۇدا پادىشاھلىقىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن جاسارەتكە مۇھتاج؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
4 بىز خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى چىن يۈرەكتىن خۇدا پادىشاھلىقىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيمىز. بىراق، كۆپىنچە ۋەزىيەتتە، بۇنداق قىلىش ئۈچۈن جاسارەتكە مۇھتاج بولىمىز (مەتتا 6:33). مەسىلەن، بۇ رەزىل دۇنيادا يەھۋانىڭ تەلەپ-ئۆلچەملىرىگە ماس ھايات كەچۈرۈش ۋە پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى ۋەز قىلىش ئۈچۈن باتۇر بولۇشىمىز كېرەك (1-سالونىكا. 2:2). سىياسىي ئىشلار سەۋەبلىك، بۇ دۇنيا بارغانسېرى بۆلۈنۈپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا، بىز سىياسىي ئىشلارغا ۋە بەس-مۇنازىرىلەرگە قاتناشماسلىق ئۈچۈن بارغانسېرى جاسارەتكە مۇھتاج بولىمىز (يۇھاننا 18:36). نۇرغۇن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار ۋە زوراۋانلىقلار تۈپەيلى ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چېكىۋاتىدۇ، سىياسەتكە ئارىلاشماي بىتەرەپ تۇرغاچ ياكى ئەسكەرلىككە قاتنىشىشنى رەت قىلغاچ، تۈرمىگە تاشلىنىۋاتىدۇ.
5. نېمە ئۈچۈن سادوق داۋۇتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن جاسارەتكە مۇھتاج ئىدى؟
5 سادوق داۋۇتنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۇ يەنە جەڭگە تەييارلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قورال-ياراقلىرىنى ئېلىپ ھىبرونغا بارغان (1-تارىخ. 12:38). ئۇ داۋۇتقا ئەگىشىشكە ۋە ئىسرائىل خەلقىنى دۈشمەنلىرىدىن ھىمايە قىلىشقا تەييار ئىدى. گەرچە سادوق تەجرىبىسى مول جەڭچى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىنتايىن جاسارەتلىك كىشى بولغان.
6. داۋۇت پادىشاھ سادوققا باتۇر بولۇشتا قانداق ئۈلگە قالدۇرغان؟ (زەبۇر 138:3)
6 روھانىي سادوق كىملەردىن باتۇر بولۇشنى ئۆگەنگەن؟ ئۇ نۇرغۇن كۈچلۈك ۋە باتۇر كىشىلەرنى تونۇغان. شەك-شۈبھىسىزكى، ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈلگىلىرىدىن ئۆگەنگەن. مەسىلەن، داۋۇت باتۇرلۇق بىلەن جەڭلەردە ئىسرائىللارغا باشلامچى بولغانىدى. شۇڭا، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى چىن قەلبىدىن داۋۇتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنى خالىغان (1-تارىخ. 11:1، 2). داۋۇت دۈشمەنلەرگە قارشى جەڭدە ھەردائىم يەھۋانىڭ ياردىمىگە تايانغان (زەبۇر 28:7؛ زەبۇر 138:3-نى ئوقۇڭ). سادوق داۋۇت تەرەپتە تۇرۇپ ئۇنى قوللىغان يەھوياداھ، ئۇنىڭ ئوغلى بىنايا ۋە باشقا 22 يېتەكچىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن باتۇر بولۇشنى ئۆگەنگەن (1-تارىخ. 11:22–25؛ 12:26–28). بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى داۋۇتنىڭ پادىشاھلىقىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكە قەتئىي بەل باغلىغان.
7. (1) بۈگۈنكى كۈندىكى باتۇر بولۇشنىڭ مىساللىرىنى قەيەردىن تاپالايمىز؟ (2) فىلىمدىكى نسىلۇ ئىسىملىك بۇرادەرنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟
7 ئەگەر يەھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى باتۇرلۇق بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن كىشىلەرنىڭ مىساللىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانساق، كۈچ-قۇۋۋەت ۋە جاسارەتكە ئېرىشىمىز. پادىشاھىمىز ئەيسا شەيتان دۇنياسىنىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا قاتنىشىش بېسىمىنى قەتئىي رەت قىلغان (مەتتا 4:8–11؛ يۇھاننا 6:14، 15). چۈنكى، ئۇ ھەردائىم يەھۋاغا تايانغان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىمان-ئېتىقادى ئۈچۈن، سىياسىي ئىشلارغا ۋە ئەسكەرلىككە قاتنىشىشنى رەت قىلغان نۇرغۇن ياشلىرىمىز بار. ئۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ مىساللىرىنى jw.org تور بېكىتىدە ئوقالايسىز a.
ئېتىقادداشلىرىڭىزغا ياردەم بېرىڭ
8. ئاقساقاللار ئېتىقادداشلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇش ئۈچۈن قايسى ۋەزىيەتلەردە باتۇر بولۇشى لازىم؟
8 يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىر-بىرىگە ياردەم بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما، بەزىدە بۇنى قىلىش ئۈچۈن جاسارەت كېرەك (2-كورىنت. 8:4). مەسىلەن، ئۇرۇش بولغاندا، يەرلىك ئاقساقاللار ئېتىقادداشلارنىڭ ئىلھام-مەدەت، قوللاپ-قۇۋۋەتلەش، بەلكىم روھىي ئوزۇقلۇق ياكى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىگە مۇھتاج بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئاقساقاللار ئېتىقادچى قېرىنداشلارنى سۆيگەچ، ئۇلارنى مۇھتاج بولغان نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدۇ (يۇھاننا 15:12، 13). ئۇلار شۇنداق قىلغاندا، سادوقنىڭ باتۇرلۇقىدىن ئۈلگە ئالىدۇ.
9. 2-سامۇئىل 15:27–29-ئايەتلەردە يېزىلغاندەك، داۋۇت سادوققا قانداق كۆرسەتمە بەرگەن؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
9 داۋۇتنىڭ ئوغلى ئابشالوم ئۆز دادىسىنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋالماقچى بولغاندا، ئۇنىڭ ھاياتى خەۋپ-خەتەر ئاستىدا قالغان (2-سام. 15:12، 13). داۋۇت دەرھال يېرۇسالىمدىن قېچىشى كېرەك ئىدى. داۋۇت ئۆز خىزمەتكارلىرىنى چاقىرىپ: «قوپۇپ قاچايلى، بولمىسا ھېچبىرىمىز ئابشالومدىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز!»— دېگەن (2-سام. 15:14). ۇلار يولغا چىققاندا، داۋۇت ئابشالومنىڭ پىلانلىرىدىن ئۆزىنى خەۋەردار قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن بىرىنىڭ يېرۇسالىمدا قېلىشى كېرەكلىكىنى چۈشەنگەن. شۇڭا، داۋۇت سادوق ۋە باشقا بىرقانچە روھانىيلارنى شەھەرگە قايتىپ ئۆزىگە خەۋەر يەتكۈزۈپ تۇرۇشقا ئەۋەتكەن (2-سامۇئىل 15:27–29-نى ئوقۇڭ). ئۇلار ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك ئىدى، چۈنكى داۋۇت بۇيرۇغان ئىشى بەك خەتەرلىك بولۇپ، ئۇلار ھەتتا ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالاتتى. تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ: ئابشالوم شۇنچە رەزىل، شەخسىيەتچى، ھەتتا ئۆز دادىسىغا ئاسىيلىق قىلغان كىشى تۇرسا، ئەگەر سادوق ۋە باشقا روھانىيلارنىڭ داۋۇتنى قوغداش ئۈچۈن پايلاقچىلىق قىلغانلىقىنى بىلسە، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار ئىدى؟!
10. سادوق ۋە باشقىلار داۋۇت پادىشاھنى قانداق ھىمايە قىلغان؟
10 داۋۇت بىر پىلاننى ئويلاپ تاپقان ۋە شۇ پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن سادوق ۋە باشقا سادىق دوستى خۇشايدىن ياردەم سورىغان (2-سام. 15:32–37). خۇشاي شۇ پىلان بويىچە ئىش قىلىپ، ئابشالومنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ۋە ئۇنىڭغا داۋۇتنى قانداق ھۇجۇم قىلىش توغرۇلۇق خاتا مەسلىھەت بەرگەن. ئۇنىڭ مەقسىتى داۋۇتنىڭ قېچىپ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت يارىتىپ بېرىش ئىدى. ئابشالوم مەسلىھەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، خۇشاي بولغان ھەممە ئىشنى سادوق ۋە ئابىياتارغا ئېيتىپ بەرگەن (2-سام. 17:8–16). ئاندىن، ئۇ ئىككى ئادەم ارقىلىق بۇ خەۋەرنى داۋۇتقا يەتكۈزگەن (2-سام. 17:17). يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن سادوق ۋە باشقا روھانىيلار داۋۇتنىڭ ھاياتىنى قوغداپ قېلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان.—2-سام. 17:21، 22.
11. ئېتىقادداشلىرىمىزغا ياردەم بەرگەندە، سادوقنىڭ باتۇرلۇقىدىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟
11 ئەگەر بىزنى خەتەرلىك ۋەزىيەتلەرگە چۈشۈپ قالغان ئېتىقادداشلارغا ياردەم بېرىشكە چاقىرسا، سادوققا ئوخشاش باتۇرلۇقنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ (1) يول-يورۇققا ئەمەل قىلىڭ. شۇنداق خەتەرلىك ۋەزىيەتلەردە ئارىمىزدىكى ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى ساقلاش بەك مۇھىم. يەرلىك بەيتەل بېرىۋاتقان كۆرسەتمىلەرگە قۇلاق سېلىڭ (ئىبرانىي. 13:17). ئاقساقاللار تەبىئىي ئاپەتلەرگە قانداق تەييارلىق قىلىش ۋە بۇنداق ۋەزىيەتلەردە نېمە قىلىش توغرۇلۇق بېرىلگەن كۆرسەتمىلەرنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك (1-كورىنت. 14:33، 40). (2) باتۇر، ئەمما ئېھتىياتچان بولۇڭ. (پەند. نە 22:3) بىر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ئويلىنىڭ. ئۆز ھاياتىڭىزنى خەتەرگە بىھۇدە تەۋەككۈل قىلماڭ. (3) يەھۋاغا تايىنىڭ. شۇنى ئۇنتۇماڭكى، يەھۋا سىزنىڭ ۋە ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇ چوقۇم سىزنىڭ بىخەتەر ئۇسۇل بىلەن ئېتىقادداشلىرىڭىزغا يار-يۆلەك بولۇشىڭىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ.
12، 13. ۋىكتور ۋە ۋىتالىي ئىككىسىنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
12 ۋىكتور بىلەن ۋىتالىي ئىسىملىك ئىككى ئاقساقالنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇلار ئۇكرائىنادا ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىغا يېمەكلىك ۋە سۇ يەتكۈزۈپ بەرگەن. ۋىكتور مۇنداق دەيدۇ: «بىز ھەممىلا جايلاردا يېمەكلەرنى ئىزدىدۇق. ھەردائىم ئەتراپىمىزدا ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق. بىر بۇرادەر ئامبارغا ساقلاپ قويغان يېمەك-ئىچمەكلىكلەرنى ئىئانە قىلدى. شۇ يىمەك-ئىچمەكلەر نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىر مەزگىل جان ساقلىشىغا ياردەم بەردى. بىز ماشىنىمىزغا ئىئانە قىلىنغان نەرسىلەرنى بېسىۋاتقاندا، بىزدىن 20 مېتىر يىراقلىقتا بىر بومبا پارتىلىدى. شۇ كۈنى، مەن كۈن بويى يەھۋادىن جاسارەت سوراپ يالۋۇردۇم. چۈنكى ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن جاسارەتكە مۇھتاج ئىدىم».
13 ۋىتالىي مۇنداق دەيدۇ: «بىز جاسارەتكە بەك مۇھتاج ئىدۇق. بىرىنچى قېتىملىق توشۇش سەپىرى 12 سائەت داۋام قىلدى. يول بويى يەھۋاغا دۇئا قىلدىم». ۋىتالىي باتۇر بولسىمۇ، ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولغان. ئۇ يەنە: «مەن توختىماي يەھۋادىن دانالىق ۋە كەمتەرلىك سورۇدۇم. پەقەت ھۆكۈمەت رۇخسەت قىلغان يوللاردا ماڭدىم. سەپەردە ئېتىقادچى قېرىنداشلارنىڭ مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ بىرگە ئىشلىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىمان-ئېتىقادىم كۈچەيگەن ئىدى. ئۇلار يوللارنى تازىلاپ، كىيىم-كېچەك ۋە يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا ياردەم بۇيۇملىرىنى توپلاپ، ماشىنىغا باساتتى. يەنە بىزگە يىمەك-ئىچمەك ۋە دەم ئالىدىغان جاي ھازىرلاپ بېرەتتى»،— دەيدۇ.
يەھۋاغا بولغان ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ قېلىش
14. ئەگەر يېقىن كىشىمىز يەھۋانى تاشلاپ كەتسە، بۇ بىزگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
14 بىز دۇچ كېلىدىغان قاتتىق سىناقلاردىن بىرى — يېقىن كىشىمىز ياكى دوستىمىزنىڭ يەھۋا خۇدانى تاشلاپ كېتىشى (زەبۇر 78:40؛ پەند. نە 24:10). ئۇ ئادەم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز قانچە يېقىن بولسا، بۇ سىناققا بەرداشلىق بېرىش شۇنچە قىيىن بولىدۇ. ئەگەر شۇنداق ئېغىر سىناققا دۇچ كەلگەن بولسىڭىز، سادوقنىڭ ساداقەتمەنلىك ئۈلگىسى سىزگە كۈچ-مەدەت بېرەلەيدۇ.
15. يەھۋاغا ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سادوق نېمىشقا جاسارەتلىك بولۇشى زۆرۈر ئىدى؟ (1-پادىشاھلار 1:5–8)
15 يېقىن دوستى ئابىياتار يەھۋاغا ساداقەتسىزلىك قىلىشنى تاللىغاندا، سادوق يەنىلا يەھۋاغا ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ قالغان. بۇ ئىش داۋۇت ئۆلۈشكە ئاز قالغان چاغدا يۈز بەرگەن. گەرچە يەھۋا ئاللىقاچان سۇلايماننى پادىشاھلىق ۋارىسى قىلىپ تاللىغان بولسىمۇ، داۋۇت قېرىپ كېسەلچان بولۇپ قالغاندا، ئۇنىڭ يەنە بىر ئوغلى ئادونىياھ پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان (1-تارىخ. 22:9، 10). ئابىياتار ئادونىياھنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن (1-پادىشاھلار 1:5–8-نى ئوقۇڭ). ئابىياتار شۇنداق قىلىپ پەقەت داۋۇتقا ئەمەس، يەھۋا خۇداغىمۇ سادىق بولۇپ قالمىغان. سادوقنىڭ كۆڭلى قانچىلىك يېرىم بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟ ئۇ 40 يىلدىن كۆپرەك ئابىياتار بىلەن بىرلىكتە روھانىيلىق خىزمىتىنى قىلغانىدى (2-سام. 8:17). ئۇلار بىرلىكتە «خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى» توشۇغان (2-سام. 15:29). دەسلەپتە، ئۇلار ئىككىلىسى داۋۇتنىڭ پادىشاھلىقىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن ۋە يەھۋا ئۈچۈن باشقا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغان.—2-سام. 19:11–14.
16. سادوقنىڭ ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ قېلىشىغا نېمە ياردەم بەرگەن بولۇشى مۇمكىن؟
16 ئابىياتار ساداقەتسىزلىك قىلغان بولسىمۇ، سادوق يەھۋاغا سادىق قالغان. داۋۇت پادىشاھ ھەرگىزمۇ سادوقنىڭ ساداقىتىدىن گۇمانلانمىغان. ئادونىياھنىڭ پىلانى ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، داۋۇت پادىشاھ روھانىي سادوق، ناتان پەيغەمبەر ۋە بىنايانى چاقىرىپ سۇلايماننى پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزۇشقا ئەۋەتكەن (1-پادىشاھ. 1:32–34). يەھۋاغا سادىق ئىبادەت قىلغۇچىلار، مەسىلەن ناتان ۋە پادىشاھ داۋۇتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغان باشقىلار بىلەن بىرگە بولۇش سادوققا كۈچ ۋە ئىلھام-مەدەت بەرگەن بولۇشى مۇمكىن (1-پادىشاھ. 1:38، 39). سۇلايمان پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، «ئابىياتارنىڭ ئورنىغا سادوقنى روھانىي قىلىپ» تەيىنلىگەن.—1-پادىشاھ. 2:35.
17. ئەگەر يېقىن كىشىڭىز يەھۋانى تاشلاپ كېتىشنى قارار قىلسا، سادوقنى قانداق ئۈلگە قىلالايسىز؟
17 سادوقنى قانداق ئۈلگە قىلالايسىز؟ ئەگەر يېقىن كىشىڭىز يەھۋانى تاشلاپ كېتىشنى قارار قىلغان بولسا، سىز يەھۋاغا ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ قېلىڭ (يەشۇئا 24:15). يەھۋا توغرا ئىش قىلىشىڭىز ئۈچۈن كۈچ-مەدەت بېرىدۇ. ئۇنىڭغا دۇئا قىلىڭ ۋە ئۇنىڭ سادىق دوستلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇڭ. يەھۋا سىزنىڭ ساداقەتمەنلىكىڭىزنى قەدىرلەيدۇ ۋە سىزنى چوقۇم بەرىكەتلەيدۇ.—2-سام. 22:26.
18. ماركو ۋە سىدسېنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگەندىڭىز؟
18 ماركو ۋە سىدسې ئىسىملىك ئەر-ئايالنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇلارنىڭ ئىككى قىزى چوڭ بولغاندا، يەھۋا خۇدانى تاشلاپ كېتىشنى قارار قىلغان. ماركو مۇنداق دەيدۇ: «پەرزەنتلىرىڭىز دۇنياغا كەلگەن كۈنىدىن باشلاپ ئۇلارنى پۈتۈن مېھىرىڭىزنى بېرىپ سۆيىسىز. ئۇلارنى زىيان-زەخمەتتىن ھىمايە قىلىش ئۈچۈن قولۇڭىزدىن كېلىشىچە ھەممە ئىشنى قىلىشقا تىرىشىسىز. ئۇلار يەھۋانى تاشلاپ كېتىشنى قارار قىلغاندا، يۈرەك پىچاق سانجىغاندەك ئاغرىيدىكەن. لېكىن، يەھۋا بەرداشلىق بېرىشىمىز ئۈچۈن ھەردائىم ياردەم بېرىپ كەلمەكتە. ئۇ بىزنى بىر-بىرىمىزگە يار-يۆلەك بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. مەن ئاجىز بولغاندا، ئايالىم كۈچلۈك بولۇپ، ماڭا يار-يۆلەك بولىدۇ. ئايالىم ئاجىز بولغاندا، مەن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭغا يار-يۆلەك بولىمەن». سىدسې مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر يەھۋا بەرگەن كۈچ-مەدەتكە تايانمىغان بولساق، چوقۇم بۇ سىناققا بەرداشلىق بېرەلمىگەن بولاتتۇق. قىزلىرىم ھەقىقەتنى تاشلاپ كەتكەندە، بۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئەيىبلىك دەپ ئويلىدىم. شۇڭا، دۇئادا يەھۋاغا ئىچ-باغرىمنى تۆكۈپ بەردىم. بىرقانچە كۈنلەردىن كېيىن، ئۇزۇن يىللار كۆرۈشمىگەن بىر قېرىنداش مېنى ئىزدەپ كېلىپ، قولىنى مۈرەمگە قويۇپ، كۆزلىرىمگە قاراپ: ‹سىدسې، ئېسىڭىزدە بولسۇن، بۇنىڭغا سىز ئەيىبلىك ئەمەس›،— دېدى. يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن، مەن خۇشال-خۇرام ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرالىدىم».
19. نېمە قىلىشقا بەل باغلىدىڭىز؟
19 يەھۋا ئۆزىنىڭ بارچە خىزمەتچىلىرىنىڭ سادوققا ئوخشاش جاسارەتلىك بولۇشىنى خالايدۇ (2-تىموت. 1:7). لېكىن، ئۇ ئۆز كۈچىمىزگە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا تايىنىشىمىزنى خالايدۇ. شۇڭا، قاچان جاسارەتكە مۇھتاج بولسىڭىز، يەھۋادىن ياردەم سوراپ، ئۇنىڭغا تايىنىڭ. ياراتقۇچىڭىز يەھۋا سىزنىڭ سادوققا ئوخشاش باتۇر بولۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىڭىز كامىل بولسۇن.—1-پېتر. 5:10.
43-ناخشا ھوشىيار، تۇر، چىڭ تۇر ۋە قەيسەر بول!