29-تەتقىق ماقالىسى
52-ناخشا قەلبىڭنى چىڭ قوغدا!
سەگەك تۇرۇپ ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىڭ
«ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەگەك تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار».—مەتتا 26:41.
مەركىزى ئىدىيە
گۇناھ سادىر قىلىشتىن ۋە شۇنىڭغا يېتەكلەيدىغان قەدەملەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگىنىمىز.
1، 2. (1) ھەزرىتى ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىنى نېمە ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان؟ (2) نېمە ئۈچۈن شاگىرتلىرى ئەيسا مەسىھنى تاشلاپ كەتكەن؟ (رەسىملەرگە ھەم قاراڭ)
«روھ خالايدۇ، بىراق تەن ئاجىزدۇر» a (مەتتا 26:41). ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ، بىز نامۇكەممەل كىشىلەرگە ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. بىراق، ئۇنىڭ سۆزلىرى يەنە بىزنى ئۆزىمىزگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ كەتمەسلىككە ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئەيسا شۇ سۆزلەرنى قىلشتىن بىرقانچە سائەت بۇرۇن، شاگىرتلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئەيسا مەسىھكە قەتئىي سادىق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىشقان (مەتتا 26:35). ئۇلارنىڭ نىيىتى ياخشى ئىدى. بىراق، ئۇلار بېسىم ئاستىدا ئۆزلىرىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى چۈشىنىپ يەتمىگەن. شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇنداق دېگەن: «ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەگەك تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار».—مەتتا 26:41.
2 بەك ئەپسۇسكى، شاگىرتلار سەگەك تۇرالمىغان. ئەيسا مەسىھ قولغا ئېلىنغاندا، ئۇلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭغانمۇ ياكى قورقۇپ قېچىپ كەتكەنمۇ؟ ئۇلار ھوشيار تۇرمىغاچ، ئۆزلىرى ھەرگىز قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىشنى قىلغان، يەنى ئەيسانى تاشلاپ كەتكەن.—مەتتا 26:56.
3. (1) يەھۋاغا سادىق قېلىشنى ئويلىساق، نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزگە ھەددىدىن زىيادە ئىشەنمەسلىكىمىز كېرەك؟ (2) بۇ ماقالىدە، بىز نېمىلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
3 ئەلۋەتتە، بىز يەھۋانى رەنجىتىدىغان ئىشنى قىلماسلىققا قەتئىي بەل باغلىدۇق. بىراق، بىز ھەممىمىز نامۇكەممەل ۋە ئاسانلا ئېزىقتۇرۇشقا ئەگىشىپ كېتىشىمىز مۇمكىن (رىملىقلار 5:12؛ 7:21–23). شۇڭلاشقا، ئۆزىمىزگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك. ئويلىمىغان چاغدا،تۇيۇقسىز ئازدۇرۇلۇشقا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن. شۇنداق پەيتتە، يەھۋا ۋە ئەيسا مەسىھكە سادىق قېلىش ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئېزىقتۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەگەك تۇرۇش توغرۇلۇق قىلغان نەسىھەت سۆزىگە قۇلاق سېلىشىمىز كېرەك. بۇ ماقالە شۇنداق يول تۇتۇشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ. ئاۋۋال، بىز ھاياتىمىزدا قايسى جەھەتلەردە چوقۇم ئېھتىياتچان بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگىنىمىز. كېيىن، ئېزىقتۇرۇلۇشلارغا قارشى ھوشيارلىقىمىزنى قانداق ئاشۇرالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز؛ ئاخىرىدا، داۋاملىق سەگەك تۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.
قايسى جەھەتلەردە سەگەك تۇرۇش كېرەك؟
4، 5. نېمە ئۈچۈن قارىماققا ئېغىر گۇناھ دەپ قارالمىغان گۇناھلارغا قارشى ھوشيارلىقنى ساقلىشىمىز كېرەك؟
4 ئېغىر گۇناھ دەپ قارالمىغان بەزى گۇناھلار بىزنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىزگە تەسىر قىلىشى، ھەتتا بىزنى تېخىمۇ ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلىشى مۇمكىن.
5 ھەممىمىز گۇناھ قىلىش ئېزىقتۇرۇلۇشىغا دۇچ كېلىمىز. بىراق، ھەربىرىمىزنىڭ ئاجىزلىق تەرەپلىرى پەرقلىق. بەزىلەرنىڭ يامانلىق قىلىش ئىستىكى ناھايىتى كۈچلۈك. مەسىلەن، بىر كىشى جىنسىي ئەخلاقسىز قىلىش ئارزۇ-ئىستىكىگە قارشى كۈرەش قىلىشى مۇمكىن. باشقا بىرى ئانانىزىم، يەنى قولدا لەززەتلىنىش ياكى بولمىسا شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرۈشتەك ناپاك قىلمىشلارغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم، يەنە بىرى ئادەملەردىن قورقۇش، تەكەببۇرلۇق، ئاچچىقلىنىش ياكى باشقا ئىللەتكە قارشى كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. ياقۇپ مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۆز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرسە، ئۇ ئازدۇرۇلۇپ، سىناققا دۇچ كېلىدۇ».—ياقۇپ 1:14.
6. بىز چوقۇم نېمىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۆز-ئۆزىمىزگە راستچىل بولۇشىمىز كېرەك؟
6 ھاياتىڭىزدا قايسى جەھەتتە ئاسانلا ئېزىقتۇرۇلۇشقا دۇچ كېلىدىغانلىقىڭىزنى بىلەمسىز؟ ئاجىزلىقلىرىمىزنى ئىقرار قىلمىساق ياكى ئۆزىمىزنى ناھايىتى كۈچلۈك، گۇناھ قىلمايمەن دەپ ئويلىساق، بۇ ئۆز-ئۆزىمىزنى ئالدىغانلىق ۋە بەك خەتەرلىك (1-يۇھاننا 1:8). ئەلچى پاۋلۇس ھەتتا روھىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلگەن كىشى سەگەك تۇرمىسا، ئازدۇرۇلۇشقا قارشى تۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن (گالاتىيا. 6:1). بىز چوقۇم ئۆز-ئۆزىمىزگە راستچىل بولۇشىمىز ۋە ئاجىزلىق تەرەپلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك.—2-كورىنت. 13:5.
7. بىز نېمىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
7 ئۆزىمىزنىڭ قايسى جەھەتتىن ئېزىقتۇرۇلۇشقا ئاسانلا مايىل بولىدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ يەتكەندىن كېيىن، چوقۇم نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ ئېزىقتۇرۇلۇشقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىڭ. مەسىلەن، قەدىمقى زاماندا، شەھەرلەرنىڭ سېپىل تاملىرىنىڭ ئەڭ ئاجىز نۇقتىسى شەھەر دەرۋازىلىرى بولغانىدى. شۇڭا، شەھەر دەرۋازىلىرىغا كۆپ قاراۋۇللار قويۇلۇپ ئالاھىدە قوغدىلاتتى. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ ئاجىزلىق تەرەپلىرىمىزگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئېزىقتۇرۇلۇشقا يول قويماسلىقىمىز كېرەك.—1-كورىنت. 9:27.
ئېزىقتۇرۇلۇش ۋە گۇناھتىن ساقلىنىش
8، 9. پەندى-نەسىھەت 7-بابتا تىلغا ئېلىنغان ياش يىگىت قانداق قىلسا، ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈشتىن ساقلانغان بولاتتى؟ (پەندى-نەسىھەت 7:8، 9، 13، 14، 21)
8 ئېزىقتۇرۇلۇش ۋە گۇناھ قىلىشتىن قانداق ساقلىنالايمىز؟ پەندى-نەسىھەت 7-بابتا تىلغا ئېلىنغان ياش يىگىتنىڭ مىسالىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇ بۇزۇق بىر ئايال بىلەن جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلغان. 22-ئايەت بىزگە بۇ يىگىت «تۇيۇقسىز» ئۇ ئايالغا ئەگەشتى دەيدۇ. ئەمما ئالدىنقى ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەندەك، ئۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى بارا-بارا گۇناھقا ئېلىپ بارىدىغان بىرنەچچە قەدەملەرنى باسقان.
9 ئۇ يىگىت ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈشتىن ئاۋۋال نېمە قىلغان؟ ئاۋۋال، ئۇ «شۇ ئايال تۇرىدىغان كوچىنىڭ دوقمۇشىدىن ئۆتۈپ»، ئۇنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭغان (پەندى-نەسىھەت 7:8، 9-نى ئوقۇڭ). كېيىن، يىگىت شۇ ئايالنى كۆرگەندە، دەرھال كۆزىنى ئېلىپ قاچمىغان ۋە ئايالنىڭ سۆيۈشلىرىنى قوبۇل قىلغان. ئايال ئۆزىنىڭ بۇزۇق ئايال ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تىنچلىق قۇربانلىقى تەغدىم قىلغانلىقىنى ئېيتقاندا، يىگىت ئايالنىڭ سۆزلىرىنى دىققەت بىلەن تىڭشاپ تۇرغان (پەندى-نەسىھەت 7:13، 14، 21-نى ئوقۇڭ). ئەگەر ياش يىگىت ئېغىر گۇناھقا باشلايدىغان خەۋپ-خەتەرلەردىن يىراق تۇرغان بولسا، ئۇ ئېزىقتۇرۇلۇش ۋە گۇناھ سادىر قىلىشتىن ساقلانغان بولاتتى.
10. بۈگۈنكى كۈندە بىر مەسىھ ئەگەشكۈچىسى قانداق قىلىپ ياش يىگىتكە ئوخشاش ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن؟
10 سۇلايمان ئېيتىپ بەرگەن ھېكايە، شۇنداق ئىش يەھۋاغا ئىبادەت قىلىدىغان ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ بېشىغا كېلىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، بەلكىم «تۇيۇقسىز» شۇنداق گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك ھېس قىلىپ : «بۇنداق ئىش قىلىپ قويۇشنى ھېچقاچان ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم!»— دېيىشى مۇمكىن. لېكىن، ئۇ شۇ ئىشنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانسا، ئۆزى ئىلگىرى باسقان بەزى خاتا قەدەملەر ئاخىرىدا ئۇنى شۇنداق ئېغىر گۇناھقا باشلاپ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلىشى مۇمكىن. بەلكىم، ئۇ يەھۋا خۇدانى سۆيمەيدىغان كىشىلەر بىلەن دوست بولۇشقان. ياكى بولمىسا، ئادەتتە يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بارمايدىغان جايلارغا بارغان ياكى زىيانلىق ئويۇن-تاماشىلارنى ۋە تور بەتتىكى نەرسىلەرنى كۆرۈشنى تاللىغان. ئۇ دۇئا قىلىش، مۇقەددەس كىتاب ئوقۇش، جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش ياكى ۋەز قىلىشنى توختاتقان بولۇشى مۇمكىن. خۇددى پەندى-نەسىھەت كىتابىدا تىلغا ئېلىنغان ياش يىگىتكە ئوخشاش، بەلكىم ئۇ «تۇيۇقسىز» گۇناھ قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن.
11. گۇناھ قىلىشتىن ساقلىنىشنى ئويلىساق، چوقۇم نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
11 بىز بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ بىز پەقەت گۇناھتىن ئەمەس، بەلكى گۇناھقا باشلايدىغان قەدەملەردىن قېچىشىمىز زۆرۈر. سۇلايمان ياش يىگىت بىلەن بۇزۇق ئايال توغرىسىدىكى مىسالنى ئېيتقاندىن كېيىن، مۇھىم بىر نۇقتىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق نەسىھەت بەرگەن: «ئادىشىپ، ئۇنىڭ كوچىلىرىغا كىرىپ قالماڭلار» (پەند. نە 7:25). سۇلايمان يەنە: «ئۇ ئايالدىن يىراق تۇرغىن، ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىغا يېقىن بارمىغىن»،— دېگەن (پەند. نە 5:3، 8). بىز داۋاملىق گۇناھقا باشلايدىغان ۋەزىيەتلەردىن يىراق تۇرساق، ئۆزىمىزنى گۇناھتىن ساقلايمىز b. يەنى، مەلۇم جايلارغا بېرىش ياكى ئىشلارنى قىلىش خۇدانىڭ قانۇنىغا زىت بولمىسىمۇ، بىز چوقۇم ھوشيارلىقىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز لازىم. ئەگەر ئۆزىمىزنىڭ ئېزىقتۇرۇلۇشقا دۇچ كېلىشىنى بىلسەك، شۇنداق جايلارغا بېرىش ياكى ئىشلارنى قىلىشتىن ئۆزىمىزنى يىراق تۇتۇشىمىز كېرەك.—مەتتا 5:29، 30.
12. ئايۇپ پەيغەمبەر نېمە قىلىشقا بەل باغلىغان ۋە بۇ ئۇنىڭ ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىشىغا قانداق ياردەم بەرگەن؟ (ئايۇپ 31:1)
12 گۇناھقا باشلايدىغان ۋەزىيەتلەردىن قېچىش ئۈچۈن، بىز سەگەك تۇرۇشقا قەتئىي بەل باغلىشىمىز كېرەك. ئايۇپ پەيغەمبەر مۇنداق قىلغانىدى. ئۇ: «مەن ئۆز كۆزلىرىم بىلەن ئەھدە تۈزۈشكەنمەن»،— دەپ، باشقا ئايالغا شەھۋانىي ئارزۇ-ھەۋەسلەر بىلەن قارىماسلىقنى قارار قىلغان (ئايۇپ 31:1-نى ئوقۇڭ). ئايۇپ ئۆزىنىڭ چىقارغان قارارىدا چىڭ تۇرغاچ، ئۆزىنى زىنا قىلىشتىن يىراق تۇتالىغان. بىزمۇ ئېزىقتۇرۇلۇشقا باشلايدىغان ھەرقانداق نەرسىدىن يىراق تۇرۇشقا قەتئىي بەل باغلىساق بولىدۇ.
13. نېمە ئۈچۈن چوقۇم ئوي-خىياللىرىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك؟ (رەسىملەرگە ھەم قاراڭ)
13 يەنە ئۆز ئوي-پىكىرنى قوغدىشىمىز كېرەك (چىق. 20:17). بەزىلەر شەھۋانىي ئارزۇ-ھەۋەسلەر توغرۇلۇق خىياللارنى قىلىش خاتا ئەمەس، چۈنكى شۇ ئىشنى ئەمەلىيەتتە قىلمىساق بولىدۇ دەپ ئويلىشىدۇ. لېكىن بۇنداق ئوي-پىكىردە بولۇش ئىنتايىن خاتا. بىر كىشى ھەمىشە خاتا ئىش قىلىش ھەققىدە ئويلاشنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇنىڭ ناتوغرا ئارزۇ-ئىستىكى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۆز-ئۆزىگە ئېزىقتۇرۇلۇش تۇزىقىنى قۇرىدۇ، بارغانسېرى توغرا ئىش قىلىشى قىيىنغا توختايدۇ. ئەلۋەتتە، بەزى چاغلاردا كاللىمىزدا يامان ئوي-خىياللار پەيدا بولىدۇ. شۇنداق پەيتتە، ئەڭ مۇھىمى چوقۇم شۇ يامان ئوي-خىياللارنى دەرھال كاللىمىزدىن چىقىرىپ تاشلاپ، ياخشى نەرسىلەر توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلىنىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغىنىمىزدا، شۇ يامان ئوي-خىياللارنىڭ قارشى تۇرۇش قىيىن كۈچلۈك ئارزۇ-ھەۋەسكە ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئېغىر گۇناھ سادىر قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنالايمىز.—فىلىپى. 4:8؛ كولوسى. 3:2؛ ياقۇپ 1:13–15.
14. ئېزىقتۇرۇلۇشتىن يىراق تۇرۇپ، ئۆزىمىزنى قوغداش ئۈچۈن يەنە نېمە قىلالايمىز؟
14 ئېزىقتۇرۇلۇشتىن يىراق تۇرۇپ، ئۆزىمىزنى قوغداش ئۈچۈن يەنە نېمە قىلالايمىز؟ يەھۋانىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنۇش ھەمىشە بىز ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل بولۇشى كېرەك. بەزىدە ئوي-پىكىرلىرىمىزنى، ئارزۇ-ئىستەكلىرىمىزنى يەھۋا خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ماسلاشتۇرۇش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. بىراق، شۇنداق قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشساق، كۆڭلىمىز تىنچ-خاتىرجەملىككە ئېرىشىدۇ.
15. توغرا ئارزۇ-ئىستەكلەرنى يېتىلدۈرۈش ئازدۇرۇلۇشلارغا قارشى تۇرۇشىمىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
15 بىز توغرا ئارزۇ-ئىستەكلىرىمىزنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. ئەگەر بىز «يامانلىقنى ئۆچ كۆرۈپ، ياخشىلىقنى سۆيۈشنى» ئۆگەنسەك، بىز توغرا ئىش قىلىشقا قەتئىي بەل باغلاپ، گۇناھقا باشلايدىغان ۋەزىيەتلەردىن قاچىمىز (ئاموس 5:15). ئۇنىڭدىن باشقا، تۇيۇقسىز ئېزىقتۇرۇلۇشقا دۇچ كەلسەك ياكى كۈتۈلمىگەن ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغان ھالەتتىمۇ، توغرا ئارزۇ-ئىستەكلەر بىزنى كۈچلەندۈرۈپ، داۋاملىق بەرداشلىق بېرەلەيمىز.
16. روھىي ئىشلار سەگەك تۇرۇشىمىزغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ (رەسىملەرگە ھەم قاراڭ)
16 ئۇنداقتا، توغرا ئارزۇ-ئىستەكلەرنى قانداق يېتىلدۈرەلەيمىز؟ بىز يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى كۈچەيتىدىغان روھىي ئىشلار بىلەن بەنت بولساق، توغرا ئارزۇ-ئىستەكلىرىمىزنى يېتىلدۈرەلەيمىز. جامائەت يىغىلىشلىرى ۋە خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىش خىزمىتىگە قاتناشساق، يەھۋا خۇدانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىش ئىستىكىمىز كۈچىيىدۇ ۋە ئاسانلا ئېزىقتۇرۇلۇشقا ئەگىشىپ خاتا ئىشنى قىلمايمىز (مەتتا 28:19، 20؛ ئىبرانىي. 10:24، 25). مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش، ئۇنى تەتقىق قىلىش ۋە چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق يامانلىقنى ئۆچ كۆرۈپ، ياخشىلىقنى تېخىمۇ سۆيۈش ئىرادىمىزنى كۈچەيتىمىز (يەشۇئا 1:8؛ زەبۇر 1:2، 3؛ 119:97، 101). ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا: «ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەگەك تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار»،— دېگەن سۆزلىرىنى ئەستە تۇتۇڭ (مەتتا 26:41). ئەگەر بىز ئاسماندىكى ئاتىمىزغا دۇئا قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقارساق، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىش ئارزۇ-ئىستىكىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بىزگە ياردەم بېرىشى ئۈچۈن پۇرسەت بېرىمىز.—ياقۇپ 4:8.
سەگەك تۇرۇڭ
17. ئەلچى پېترۇس قايسى ئاجىزلىقى بىلەن داۋاملىق كۈرەش قىلغان؟
17 بەلكىم، بەزى ئاجىزلىقلىرىمىزنى تامامەن يېڭەلەيمىز. بىراق، باشقا ئاجىزلىقلىرىمىزغا قارشى ئۇزاق ۋاقىت كۈرەش قىلىشىمىز مۇمكىن. ئەلچى پېترۇسنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇ ئىنساندىن قورققاچ، ھەزرىتى ئەيسادىن ئۈچ قېتىم تانغان (مەتتا 26:69–75). كېيىنرەك، پېترۇس ئالىي كېڭەشنىڭ ئالدىدا يۈرەكلىك ھالدا گۇۋاھلىق بەرگەن، بۇ ۋاقىتتا ئۇ قارىماققا ئىنساندىن قورقۇنۇچىنى يەڭگەن (ئەلچى. 5:27–29). كېيىن، يىللار ئۆتۈپ ئۇ خەتنە قىلىنغانلاردىن قورققاچ، يەھۇدىي ئەمەس خەلقلەردىن بولغان مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر داستىخاندا تاماقلىنىشنى توختاتقان (گالاتىيا. 2:11، 12). ئەلچى پېترۇسنىڭ ئىنساندىن قورقۇش ھېس-تۇيغۇسى قايتا پەيدا بولغان. بەلكىم ئۇ مۇشۇ ھېس-تۇيغۇنى ئاخىرغىچە يېڭەلمىگەن.
18. ئاجىزلىقىمىزنى يەڭدۇق دەپ قارىغان بىلەن، يەنە نېمە بولۇشى مۇمكىن؟
18 ئەلچى پېترۇسقا ئوخشاش، بەلكىم ئاللىقاچان يەڭدىم دەپ ئويلىغان ئاجىزلىقىمىز كېيىنچە قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن. بىر بۇرادەر مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئون يىلچە شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرمىدىم. شۇڭا ئۆز ئاجىزلىقىمنى ئاللىقاچان يەڭدىم دەپ ئىشەندىم. بىراق، ئاجىزلىقىم خۇددى ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىنى كۈتۈپ، يوشۇرۇنۇپ ياتقان يىرتقۇچ ياۋايى ھايۋانغا ئوخشاش ئىدى، ئاخىرى ئۇ مېنى چىشلەپ يارىلاندۇردى». بىراق، ماختاشقا ئەرزىيدىغان يېرى، بۇ بۇرادىرىمىز ھەرگىزمۇ بەل قويۋەتمەي، ئاجىزلىقى بىلەن داۋاملىق كۈرەش قىلغان. ئۇ بۇ رەزىل دۇنيادا ئۆمۈر بويى ئاشۇ ئاجىزلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ھەر كۈنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن. ئۆز ئايالى بىلەن جامائەتتىكى ئاقساقاللارنىڭ ياردىمى بىلەن، ئۇ شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرۈشتىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقارغان.
19. چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئاجىزلىقىمىزغا قارشى قانداق كۈرەش قىلالايمىز؟
19 بىز چوڭقۇر يىلتىز تارتقان مەلۇم بىر ئاجىزلىقىمىزغا قارشى تۇرۇپ، ئۇنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ ئەيسا مەسىھنىڭ سەگەك تۇرۇش توغرۇلۇق قىلغان نەسىھەت سۆزىگە قۇلاق سېلىشىمىز كېرەك. ھەتتا سىز ئۆزىڭىزنى كۈچلۈك ھېس قىلغان چاغدىمۇ، داۋاملىق ئېزىقتۇرۇلۇشقا باشلايدىغان ھەرقانداق ۋەزىيەتلەردىن يىراق تۇرۇڭ (1-كورىنت. 10:12). ئاجىزلىقىڭىز بىلەن كۈرەش قىلغاندا، ھازىرغىچە ئېزىقتۇرۇلۇشقا قارشى تۇرۇشىڭىزغا ياردەم بەرگەن ئامال-چارىلەرنى داۋاملىق قوللىنىڭ. پەندى-نەسىھەت 28:14-ئايەتتە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ھەردائىم سەگەك تۇرغان ئىنسان بەختلىكتۇر».—2-پېتر. 3:14.
سەگەك تۇرۇش بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ
20، 21. (1) سەگەك تۇرۇپ، ئېزىقتۇرۇلۇشلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن تىرىشساق، قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشىمىز؟ (2) ئەگەر قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك، يەھۋا بىز ئۈچۈن نېمە قىلىدۇ؟ (2-كورىنتلىقلار 4:7)
20 سەگەك تۇرۇپ، ئېزىقتۇرۇلۇشلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشكە ئەرزىيدۇ. مەيلى گۇناھ قانچىلىك ھۇزۇر-ھالاۋەتكە ئېرىشتۈرسۇن، يەنىلا ۋاقىتلىق. لېكىن، يەھۋا خۇدانىڭ تەلەپ-ئۆلچەملىرىگە ماس ياشىساق، بىز ئەبەدىي بەخت-سائادەتكە ئېرىشىمىز (ئىبرانىي. 11:25؛ زەبۇر 19:8). سەۋەبى، بىز ئەسلىدە خۇدانىڭ ئۆلچەملىرىگە ماس ياشاش ئۈچۈن يارىتىلغان (يارىت. 1:27). ئەگەر يەھۋانى خۇرسەن قىلىپ ياشىساق، ھازىرنىڭ ئۆزىدە پاك ۋىجدان بىلەن خۇشال-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرىمىز ۋە كېلەچەكتە بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيمىز.—1-تىموت. 6:12؛ 2-تىموت. 1:3؛ يەھۇدا 20، 21.
21 شەك-شۈبھىسىزكى، «تېنىمىز ئاجىزدۇر». بىراق، بۇ ياردەمسىز قالدۇق دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ. يەھۋا بىز مۇھتاج بولغان كۈچنى بېرىشكە ھەرقاچان تەييار (2-كورىنتلىقلار 4:7-نى ئوقۇڭ). ئەمما شۇنى ئەستىن چىقارماڭكى، گەرچە خۇدا ئادەتتىكى كۈچتىن ئېشىپ چۈشىدىغان كۈچنى بەرسىمۇ، بىراق بىز ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، ھەر كۈنى ئېزىقتۇرۇلۇشقا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم. ئەگەر قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك، يەھۋانىڭ دۇئالىرىمىزغا جاۋاب قايتۇرۇپ، مۇھتاج بولغىنىمىزدا ئادەتتىكى كۈچتىن ئېشىپ چۈشىدىغان كۈچنى بىزگە بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالايمىز (1-كورىنت. 10:13). ئەلۋەتتە، يەھۋا خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن، بىز چوقۇم ئېزىقتۇرۇلۇشلارغا قارشى سەگەك تۇرالايمىز.
51-ناخشا يېپىش چىڭ يەھۋاغا
a سۆز-ئىبارىلەرنى چۈشەندۈرۈش: ھەزرىتى ئەيسا مەتتا 26:41-ئايەتتە «روھ» دېگەن سۆزنى تىلغا ئالغاندا، ياخشىلىق قىلىش ئارزۇ-ئىستىكىنى كۆزدە تۇتقان. «تەن» دېگەن سۆزنى تىلغا ئالغاندا، بىزنىڭ نامۇكەممەل ۋە گۇناھكار ئىكەنلىكىمىزنى كۆزدە تۇتقان. شۇڭا، ياخشىلىق قىلىش نىيەتلىرىمىز بار بولسىمۇ، ئەمما بىز ئېھتىياتچان بولمىساق، يامان ھېس-تۇيغۇلىرىمىزغا ئەگىشىپ، خاتا ئىشنى قىلىشىمىز مۇمكىن.
b «مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!» دېگەن كىتابنىڭ 57-دەرس 1–3-ئابزاسلارنى ۋە «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلى، 2020-يىل نويابىر سانى، 27–29-بەتلەردە بېسىلغان «ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ، كېلەچەككە ئىنتىلىمەن» دېگەن ماقالىنىڭ 12-17-ئابزاسلارنى ئوقۇڭ؛ شۇ مەزمۇنلار ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
c سۈرەتتە:. بىر بۇرادەر ئەتىگەندە كۈندىلىك ئايەتنى ئوقۇۋاتىدۇ، چۈشلۈك ۋاقتىدا مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇۋاتىدۇ ۋە كەچتە ھەپتە ئارىلىقىدىكى جامائەت ئىبادەت يىغىلىشىغا قاتنىشىۋاتىدۇ.