يېڭى جامائەتكە كۆنۈشكە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
ئىلگىرى يېڭى بىر جامائەتكە كۆچۈپ باققانمىدىڭىز؟ ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا، بەلكىم سىز جېن-شارلى بۇرادەرنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىگە قوشۇلىسىز: «يېڭى جامائەتكە كۆنۈش بىلەن بىرلىكتە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ يەھۋا خۇدا بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىشىغا ياردەم بېرىش ئاسانغا چۈشمەيدۇ». باشقا يەرگە كۆچكەندە، يېڭى ئىش، تۇرالغۇ-جاي ۋە بالىلىرىڭىز ئۈچۈن يېڭى مەكتەپ تېپىشىڭىزغا توغرا كېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، بەلكىم پەرقلىق ھاۋا رايىغا، مەدەنىيەتكە ۋە يېڭى تېررىتورىيىدە ۋەز قىلىشقا كۆنۈشكە توغرا كېلىدۇ.
نىكولاس بىلەن سېلىن باشقىچە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ئىدى. ئۇلار فرانسىيە بەيتەلنىڭ تەۋسىيىسىنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى جامائەتكە كۆچكەن. ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «دەسلەپتە بىز خۇشال بولۇپ بەك ھاياجانلاندۇق. لېكىن كۆپ ئۆتمەي، دوست-يارەنلىرىمىزنى سېغىنىشقا باشلىدۇق. يېڭى جامائىتىمىزدىكى قېرىنداشلار بىلەن تېخى يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتالمىغان ئىدۇق» a. سىزمۇ يېڭى بىر جامائەتكە كۆچكەن بولسىڭىز، شۇنىڭدەك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىڭىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ باشقىلار يېڭى كەلگەنلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟ يېڭى جامائەتكە ئۆز ھەسسىڭىزنى قوشۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟ ئۆزىڭىز ھەم قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشەلەيسىز؟
كۆنۈشكە ياردەم بېرىدىغان تۆت مەسلىھەت
1. يەھۋاغا ئىشەنچ باغلاش (زەبۇر 37:5). ياپونىيەدە ياشايدىغان كازۇمى ئىسىملىك قېرىنداش 20 يىل ئوخشاش بىر جامائەتكە بارغان. بىراق، ئېرى باشقا يەردىن ئىش تاپقاندا، يېڭى جامائەتكە كۆچكەن. ئۇ «ئۆز يولىنى يەھۋاغا تاپشۇر» دېگەن سۆزگە قانداق قۇلاق سالغان؟ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن يالغۇزلۇق، ھەتتا كىچىكىنە ۋەھىمە ھېس قىلغان چاغلاردا، كۆڭلۈمدىكى ھېس-تۇيغۇلىرىمنى پۈتۈنلەي دۇئادا يەھۋاغا ئېيتىپ بەردىم. ھەر قېتىم شۇنداق قىلغاندىن كېيىن، يەھۋا ماڭا كۈچ-قۇۋۋەت بېرەتتى».
يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىڭىزنى قانداق كۈچەيتەلەيسىز؟ خۇددى ئۆسۈملۈك ئۆسۈش ئۈچۈن سۇ ۋە تۇپراقتىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارغا مۇھتاج بولغانغا ئوخشاش، بىزنىڭ ئىشەنچىمىزنىڭ كۈچىيىشىمۇ كۆچمە مەنىدىكى سۇ ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارغا مۇھتاج. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان نىكولاس يەھۋا خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بەرگەن ئىبراھىم پەيغەمبەر، ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئەلچى پاۋلۇسنىڭ ئۈلگىلىرى ئۈستىدىن چوڭقۇر ئويلىنىپ، يەھۋانىڭ چوقۇم ئۆزىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. ئەگەر دائىم مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگەنسىڭىز، ھەرقانداق ئۆزگۈرۈشلەرگە ئاسانراق كۆنۈپ كېتەلەيسىز ۋە كۆچۈپ بارغان يېڭى جامائەتتىكى قېرىنداشلارغا ئىلھام-مەدەت بېرەلەيسىز.
ۋەز 7:10). جوئېل بۇرادەر بېنىن دېگەن دۆلەتتىن ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيىتىدە ناھايىتى چوڭ پەرق بارلىقىنى بايقىغان ۋە يېڭى مەدەنىيەتكە كۆنۈش قىيىنغا توختىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن تونۇشقان ھەربىر كىشىگە ھاياتىم توغرۇلۇق ئېيتىپ بېرىشىم كېرەكتەك ھېس قىلاتتىم». بۇ ئۆزى كۆنگەن مەدەنىيەتتىن بەك كۆپ پەرقلىق بولغاچ، بۇرادەر ئۆزىنى يېڭى جامائەتتىكى ئېتىقادداشلاردىن قاچۇرۇشقا باشلىغان ئىدى. بىراق، قېرىنداشلار بىلەن تونۇشقانسېرى، ئۇ ئۆز كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتكەن. جوئېل سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز قەيەردە ياشىمايلى، ئىنسانلار بىر-بىرىگە ئوخشاش. پەقەت ئۆزىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىدا، يەنى گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلەردە پەرقلىق. ئەڭ مۇھىمى، ئىنسانلارنى ئۆز كىملىكى بىلەن قوبۇل قىلىش!» شۇڭا، يېڭى جامائەت بىلەن بۇرۇنقى جامائەتنى سېلىشتۇرۇشتىن ساقلىنىڭ. ئاننا-لىز ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ ئۈلگىسىنى ماختاشقا ئەرزىيدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشنى خالىغاچ، يەنى يېڭى نەرسىلەرگە ئادەتلىنىپ ياشاش ئۈچۈن ئۆيۈمدىن كۆچتۈم».
2. سېلىشتۇرۇشتىن ساقلىنىش (ئاقساقاللارمۇ يېڭى جامائەت بىلەن بۇرۇنقى جامائىتىنى سېلىشتۇرۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك. يېڭى جامائەتتىكى بۇرادەرلەرنىڭ ئىشلارنى باشقىچە ئۇسۇلدا قىلىشى بۇ چوقۇم ناتوغرا ئىش قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەسلىدە، بىر تەكلىپ-پىكىرنى ئوتتۇرغا قويۇشتىن ئىلگىرى يەرلىك ۋەزىيەتلەرنى چۈشۈنۈپ، ئاندىن سۆز قىلىش دانالىق بولىدۇ (ۋەز 3:1، 7). ئېتىقادداشلارنى ئۆزىڭىزگە ئوخشاش ئوي-پىكىردە بولۇشقا مەجبۇرلاشنىڭ ئورنىغا، گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتتە ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئۇلارغا ئىلھام-مەدەت بېرىش ئەۋزەلدۇر.—2-كورىنت. 1:24.
3. يېڭى جامائەتتىكى ئىش-پائالىيەتلەرگە قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىش (فىلىپى. 1:27). باشقا يەرگە كۆچۈش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت ۋە كۈچ چىقىرىش كېرەك. لېكىن، مۇمكىنقەدەر بالدۇرراق يېڭى جامائەتنىڭ ئىبادەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىشنى باشلاش بەك مۇھىم. يېڭى جامائىتىڭىزدىكى ئېتىقادداشلار سىزنى يېقىنراق تونۇپ، ياردەم بېرەلىشى ئۈچۈن، يىغىلىشلاردا دائىم سىزنى كۆرۈپ تۇرۇشى لازىم. جەنۇبىي ئافرىقىدا ئىككى قىزى بىلەن چوڭ بىر شەھەرگە كۆچۈپ كەتكەن لۇسىندا ئىسىملىك قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «يېڭى جامائەتتىكى ئېتىقادداشلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن دوستلىرىمنىڭ مەسلىھەتى بويىچە، دائىم قېرىنداشلار بىلەن ۋەز خىزمەتكە چىقتۇق ۋە يىغىلىشلاردا جاۋابلارنى بەردۇق. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاقساقاللارغا ۋەز خىزمەت يىغىلىشلىرىنى ئۆيۈمىزدە ئۆتكۈزۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتۇق».
يېڭى جامائەتتىكى ئېتىقادداشلار بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلسىڭىز، ئۆز ئىمان-ئېتىقادىڭىزنى كۈچەيتىپ قالماي، باشقىلارغا ئىلھام-مەدەت بېرەلەيسىز. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاننا-لىز ئاقساقاللارنىڭ مەسلىھىتىگە قۇلاق سېلىپ، جامائەتتىكى ھەربىر قېرىنداش بىلەن ۋەز قىلىشقا چىققان. نەتىجىسى قانداق بولغان؟ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ناھايىتى تېزلا يېڭى جامائەتكە كۆنۈشنىڭ سىرى بىرلىكتە ۋەز خىزمەتكە چىقىش ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتىم». ئۇنىڭدىن باشقا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يىغىلىش زالىنى تازىلاش ۋە ئاسراشتەك ئىشلارغا قاتنىشىش ئۆزىڭىزنى ئاللىقاچان يېڭى جامائەتنىڭ بىر ئەزاسى دەپ قارايدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. قىزغىنلىق بىلەن جامائەتنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانسېرى، شۇنچە بالدۇرراق يېڭى جامائەتكە كۆنۈپ، ئۆزىڭىزنى شۇ يېڭى ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسىدەك ھېس قىلىسىز.
4. يېڭى دوستلارنى تېپىش (2-كورىنت. 6:11–13). يېڭى دوستلارنى تۇتۇشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى كىشىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش. شۇڭا، قېرىنداشلار بىلەن ياخشىراق تونۇشۇش ئۈچۈن جامائەت يىغىلىشىدىن بۇرۇن ياكى كېيىن ۋاقىت چىقىرىپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىڭ. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئەستە ساقلاشقا تىرىشىڭ. ئەگەر قېرىنداشلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئەستە تۇتۇپ، ئۇلارغا دوستانە مۇئامىلە قىلسىڭىز، ئۇلارمۇ سىز بىلەن تونۇشۇشنى خالايدۇ ۋە ئۆزئارا ياخشى دوست بولالايسىلەر.
يېڭى جامائەتتىكى ئېتىقادداشلار سىزنى قوبۇل قىلارمۇ-قىلماسمۇ دەپ ئەنسىرەشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنىڭ سىزنى ياخشىراق تونۇشىغا پۇرسەت بېرىڭ. لۇسىندا ئىسىملىك قېرىنداشتىن ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقىلارنى ئۆيۈمىزگە مېھمانغا چاقىرغاچقا، ھازىر يېقىن دوستلىرىمىز بار».
«بىر-بىرىڭلارنى قوبۇل قىلىڭلار»
بەزىلەر تونۇمايدىغان ئادەملەرگە تولغان يىغىلىش زالىغا كىرىشتىن قورقۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، جامائەتكە يېڭى كەلگەنلەرنىڭ ئۆزىنى ئەركىن-ئازادە ھېس قىلىشىغا قانداق ياردەم بەرسەك بولىدۇ؟ ئەلچى پاۋلۇس مۇنداق مەسلىھەت بەرگەن: «مەسىھ سىلەرنى قوبۇل قىلغاندەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى قوبۇل قىلىڭلار» (رىملىقلار 15:7). ئاقساقاللار ھەزرىتى ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ، يېڭى كەلگەنلەرنى ئىللىق قارشى ئالسا، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئەركىن-ئازادە ھېس قىلىدۇ (« يېڭى جامائەتكە كۆچۈشكە نېمە ياردەم بېرىدۇ» دېگەن رامكىغا قاراڭ). ئەمما، جامائەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى، ھەتتا كىچىك بالىلارمۇ يېڭى كەلگەنلەرنىڭ ئەركىن-ئازادە ھېس قىلىشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ.
يېڭى كۆچۈپ كەلگەنلەرنى ئىللىق قارشى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى مېھمانغا چاقىرىشتىن باشقا، يەنە ئۇلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنساق بولىدۇ. مەسىلەن، بىر قېرىنداش ۋاقىت چىقىرىپ يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەن قېرىنداشقا ھەمراھ بولۇپ شەھەرنى ئايلىنىپ، ئاممىۋى ئاپتوبۇس بىلەن يەر ئاستى پويىزغا قانداق ئولتۇرۇشنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. شۇ قېرىنداشنىڭ غەمخورلۇقى يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەن قېرىنداشنىڭ كۆڭلىنى سۆيۈندۈرگەن ۋە ئۇنىڭ تېخىمۇ تېزرەك يېڭى جامائەتكە كۆنۈشىگە ياردەم بەرگەن.
ئۆسۈپ يېتىلىش پۇرسىتى
چېكەتكە چوڭ بولۇشقا ئەگىشىپ، بىرقانچە قېتىم تېرە تاشلايدۇ. ئاندىن كېيىن قانات قېقىپ ئۇچالايدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش يېڭى جامائەتكە كۆچكەندىن كېيىن، غەم-ئەندىشىلىرىمىزنى يېڭىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك، شۇندىلا قانىتىمىزنى كەڭرى قېقىپ، يەھۋا خۇداغا خىزمەت
قىلالايمىز. نىكولاس بىلەن سېلىن مۇنداق دەيدۇ: «باشقا جامائەتكە كۆچۈش — بۇ ئۆگىنىشنىڭ ئاجايىپ ياخشى پۇرسىتى. يېڭى دوستلار بىلەن تونۇشۇش ۋە يېڭى مۇھىتقا كۆنۈش ئۈچۈن بەزى يېڭى پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك». يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان جېن-شارلى يېڭى جامائەتكە كۆچۈشنىڭ ئۆز ئائىلىسىگە قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى ئېيتقان: «يېڭى جامائەتتە بالىلىرىمىز روھىي جەھەتتىن تېخىمۇ ئۆسۈپ، يەھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلاشتى. بىرنەچچە ئايدىن كېيىن، قىزىمىز ھەپتە ئارلىقىدىكى يىغىلىشتا بېرىلگەن تاپشۇرۇقنى ئورۇندىدى. ئوغلىمىز بولسا، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتمىگەن ۋەز ئېيتقۇچى بولدى».ئەگەر ۋەز ئېيتقۇچىلارغا ئېھتىياجلىق جايلارغا كۆچۈپ بېرىشقا شارائىتىڭىز يار بەرمىسە، نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟ سىز ھازىرقى جامائىتىڭىزنى خۇددى يېڭى جامائەت ئورنىدا كۆرۈپ، بۇ ماقالىدە بېرىلگەن مەسلىھەتلەرنى ئەمەلىي قوللىنىپ كۆرۈڭ. يەھۋاغا تايىنىپ، پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن جامائەتنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىگە قىزغىن قاتنىشىڭ. مەسىلەن، پەرقلىق قېرىنداشلار بىلەن ۋەزگە چىقىپ، يېڭى دوستلارنى تۇتۇڭ ياكى ئاللىقاچان تونۇيدىغان ئېتىقادچىلار بىلەن تېخىمۇ يېقىنراق دوست بولۇشقا ھەرىكەت قىلىڭ. يېڭى كەلگەن ياكى ياردەمگە مۇھتاج ئېتىقادداشلارغا ئەمەلىي ياردەم بېرىش ئۈچۈن تەشەببۇسكار بولۇڭ. شەك-شۈبھىسىزكى، مەسىھنىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى سۆيگۈ-مۇھەببىتى بىلەن تونۇلىدۇ. شۇڭا، باشقىلارغا ئەمەلىي ياردەم بېرىش ئارقىلىق يەھۋا بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىڭىزنى تېخىمۇ كۈچەيتەلەيسىز (يۇھاننا 13:35). شۇنى ئۇنتۇماڭكى: «خۇدا بۇنداق قۇربانلىقلاردىن خۇرسەن بولىدۇ».—ئىبرانىي. 13:16.
قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، نۇرغۇن ئېتىقادداشلار يېڭى جامائەت ۋە مۇھىتقا كۆنۈپ، خۇشال-خۇرام خىزمەت قىلماقتا. سىزمۇ شۇنداق قىلالايسىز. ئاننا-لىز مۇنداق دەيدۇ: «يېڭى جامائەتكە كۆچۈش تېخىمۇ كۆپ دوستلار بىلەن تونۇشۇشقا ياردەم بەردى». يېڭى جامائەتكە كۆچۈپ، يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىسى كۈچەيگەن كازۇمى: «سىز ئىلگىرى ھېچقاچان ھېس قىلىپ باقمىغان تۈرلۈك يوللار بىلەن يەھۋانىڭ سىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز»،— دەيدۇ. جوئېل بولسا مۇنداق دەيدۇ: «يېڭى جامائەتتە دوستلارنى تاپقاندىن كېيىن، ئۆزۈمنى يات كىشىدەك ئەمەس، بۇ يېڭى ئائىلىنىڭ ئەزاسىدەك ھېس قىلدىم. ئەگەر يەنە بۇ جامائەتتىن ئايرىلىشقا توغرا كەلسە، بۇ ماڭا قىيىن بولىدۇ».
a «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلى، 1994-يىلى، 15-ماي سانى، «خۇداغا خىزمەت قىلىۋاتقاندا، ئانا يۇرتىنى سېغىنىش ھېس-تۇيغۇسىنى قانداق يېڭىش» (باشقا تىلدا) ناملىق ماقالىدىن پايدىلىق مەسلىھەتلەرنى تېپىشقا بولىدۇ.