تەتقىق قىلىش پىلانى
چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ھوشيار تۇرۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ
دانىيال 9:1–19 ئوقۇپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىش سىزگە قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئۆگىنىڭ.
ئالدى-كەينىدىكى ئايەتلەرنى مۇلاھىزە قىلىڭ. بىر ئاز ۋاقىت ئىلگىرى قانداق ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ۋە شۇلار دانىيالغا قانداق تەسىر قىلغان؟ (دانىيال 5:29–6:5) دانىيالنىڭ ئورنىدا سىز بولغان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنى قانداق ھېس قىلاتتىڭىز؟
چوڭقۇرراق قېزىڭ. دانىيال مۇقەددەس كىتابتىكى قايسى يازمىلار ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن؟ (دانىيال 9:2) نېمە ئۈچۈن دانىيال ئۆزىنىڭ ۋە ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن توۋا قىلىپ دۇئا قىلغان؟ (لاۋى. 26:39–42؛ 1-پادىشاھ. 8:46–50) دانىيالنىڭ دۇئاسى ئۇنىڭ خۇدا سۆزىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغۇچى بولغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟—دانىيال 9:11–13.
ئۆگەنگەنلىرىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىڭ. ئۆز-ئۆزىڭىزدىن سوراڭ:
-
«دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار دىققىتىمنى چېچىۋەتمەسلىك ئۈچۈن نېمە قىلالايمەن؟» (مىكاھ 7:7)
-
«دانىيالغا ئوخشاش خۇدانىڭ سۆزىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلسام، قانداق بەرىكەتكە ئېرىشەلەيمەن؟» (كم04 8/1 12-ب. 17-ئابز.)
-
«تەتقىق قىلىش پىلانى ھوشيار تۇرۇشۇمغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟» (مەتتا 24:42، 44؛ كم12 8/15 5-ب. 7، 8-ئابز.)