28-تەتقىق ماقالىسى
43-ناخشا ھوشيار، تۇر، چىڭ تۇر ۋە قەيسەر بول!
ھەقىقەت بىلەن يالغانچىلىقنى پەرقلەندۈرەلەمسىز؟
«بېلىڭلارغا ھەقىقەت بەلبېغىنى باغلاپ، … مەھكەم تۇرۇڭلار».—ئەفەس. 6:14.
مەركىزى ئىدىيە
يەھۋا خۇدادىن ئۆگەنگەن ھەقىقەت بىلەن شەيتان ۋە بىزگە قارشى چىققۇچىلار تارقىتىۋاتقان يالغانچىلىقنى قانداق پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىنىمىز.
1. سىزنىڭ ھەقىقەتكە بولغان ھېس-تۇيغۇلىرىڭىز قانداق؟
يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتنى ياخشى كۆرىدۇ. ئىمان-ئېتىقادىمىز شۇ ھەقىقەتكە ئاساسلانغان (رىملىقلار 10:17). شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يەھۋا قۇرغان مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى جامائىتى «ھەقىقەتنىڭ تۈۋرۈكى ۋە ئۇل-ئاساسىدۇر» (1-تىموت. 3:15). ئۇنىڭدىن باشقا، بىز ئارىمىزدىكى «يېتەكچىلىكنى ئۆز زىممىسىگە ئالغانلارغا» خۇشاللىق بىلەن بويسۇنىمىز، چۈنكى ئۇلار مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلىنىپ، بىزگە ھەقىقەتنى چۈشەندۈرىدۇ ۋە خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ماس كېلىدىغان يول-يورۇقلارنى بېرىدۇ.—ئىبرانىي. 13:17.
2. ياقۇپ 5:19-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، ھەقىقەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، يەنىلا قانداق خەتەرگە دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن؟
2 ئەمما، بىز ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىپ، خۇدا تەشكىلاتىنىڭ ئىشەنچىلىك يول-يورۇقلارنى بېرىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشەنسەكمۇ، بەلكىم يەنىلا ھەقىقەت يولىدىن چەتنەپ كېتىشىمىز مۇمكىن (ياقۇپ 5:19-نى ئوقۇڭ). شەيتان دەل بىزنىڭ مۇقەددەس كىتابقا ياكى خۇدانىڭ تەشكىلاتى بېرىۋاتقان يول-يورۇققا بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.—ئەفەس. 4:14.
3. نېمە ئۈچۈن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك؟ (ئەفەسلىكلەر 6:13، 14)
3 ئەفەسلىكلەر 6:13، 14-نى ئوقۇڭ. پات يېقىندا شەيتان كۈچلۈك تەشۋىقاتتىن پايدىلىنىپ، بارچە مىللەتلەرنى يەھۋا خۇداغا قارشى چىقىشقا ئازدۇرىدۇ (ۋەھىي. 16:13، 14). بىز يەنە شەيتان داۋاملىق خۇدا خەلقىنى ئازدۇرۇش تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز (ۋەھىي. 12:9). شۇنىڭ ئۈچۈن، چوقۇم ھەقىقەت بىلەن يالغانچىلىقنى پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىنىشىمىز ۋە داۋاملىق ھەقىقەتكە بويسۇنۇشىمىز لازىم (رىملىقلار 6:17؛ 1-پېتر. 1:22). بۇنداق قىلىش بەك مۇھىم، چۈنكى دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتتىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈشىمىز بۇنىڭغا باغلىق!
4. بۇ ماقالىدە، بىز نېمىلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
4 بۇ ماقالىدە، بىز مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتنى يالغاندىن پەرقلەندۈرۈشىمىزگە ۋە خۇدا تەشكىلاتى بېرىۋاتقان يول-يورۇقنى قوبۇل قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان ئىككى پەزىلەتنى ئۆگىنىمىز. كېيىن، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئۈچ مەسلىھەتنى كۆرۈپ چىقىمىز.
ھەقىقەت بىلەن يالغانچىلىقنى پەرقلەندۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغان پەزىلەتلەر
5. يەھۋادىن ئەيمىنىش ھەقىقەت بىلەن يالغانچىلىق ئارىسىدىكى پەرقنى كۆرۈشكە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
5 يەھۋادىن ئەيمىنىش. خۇدادىن ئەيمىنىدىغان كىشى ئۇنى چىن قەلبىدىن سۆيىدۇكى، ئۇنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىدىغان بىر ئىشنى قىلىپ قويۇشتىن قورقىدۇ. بىز خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ياخشى بىلەن يامان، ھەقىقەت بىلەن يالغانچىلىق ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كۆرۈشنى ئۆگىنىشكە تىرىشىمىز (پەند. نە 2:3–6؛ ئىبرانىي. 5:14). ئىنساندىن قورقۇش ھېس-تۇيغۇسى يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزدىن كۈچلۈك بولۇشىغا ھەرگىز يول قويماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى، ئىنسانلارنى خۇش قىلىشقا تىرىشساق، ھەمىشە يەھۋانى رەنجىتىدىغان ئىشلارنى قىلىپ قويىمىز.
6. ئون پايلاقچى ئىنساندىن قورققانلىقى تۈپەيلى، ھەقىقەتنى قانداق بۇرمىلىدى؟
6 خۇداغا قارىغاندا، ئىنساندىن بەكرەك قورقساق، ئاستا-ئاستا ھەقىقەتتىن چەتنەپ كېتىشىمىز مۇمكىن. قەدىمقى زاماندىكى بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى. ئىسرائىل خەلقىنىڭ 12 يېتەكچىسى خۇدا ۋەدە قىلغان زېمىنغا پايلاقچىلىق قىلىشقا ئەۋەتىلگەنىدى. ئون ئىككى پايلاقچىدىن ئونى قانانلىقلاردىن ئىنتايىن قورققان. ئۇلارنىڭ قورقۇنچى يەھۋا خۇداغا بولغان سۆيگۈسىدىن كۈچلۈكرەك بولغان. ئۇلار ئىسرائىللارغا: «بىز ئۇ يەردىكى خەلققە قارشى چىقمايمىز، چۈنكى ئۇلار بىزدىن كۆپ كۈچلۈك»،— دېگەن (سانلار 13:27–31). ئىنسانلارنىڭ نۇقتىئىنەزىرى بويىچە، قانانلىقلار ھەقىقەتەن ئىسرائىللاردىن كۈچلۈكرەك ئىدى. بىراق، ئىسرائىللار دۈشمەنلىرىنى يېڭەلمەيدۇ دېگەن كىشىلەر يەھۋانىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ نەقەدەر چەكسىز ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدى. ئاشۇ 10 پايلاقچى ئۆز دىققىتىنى يەھۋانىڭ ئىسرائىللاردىن نېمە قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى ۋە ئىلگىرى يەھۋا ئىسرائىللار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى چوقۇم ئەستە ساقلىشى كېرەك ئىدى. يەنە ئۇلار يەھۋا خۇدانىڭ ئۇلار ئۈچۈن يېقىندا قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشى كېرەك ئىدى. شۇ چاغدىلا، ياراتقۇچى يەھۋانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە سېلىشتۇرغاندا، قانانلىقلارنىڭ كۈچى نەقەدەر ئاجىزلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيتتى. ئەمما، ئاشۇ ئىشەنچى ئاجىز پايلاقچىلاردىن ئوخشىمايدىغان كالېب ۋە يەشۇئا يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىشنى خالىغان. ئۇلار خەلققە: «ئەگەر يەھۋا بىزدىن خۇرسەن بولسا، بىزنى چوقۇم شۇ زېمىنغا بارىدۇ ۋە ئاشۇ سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىننى بىزگە بېرىدۇ»،— دېگەن.—سانلار 14:6–9.
7. يەھۋادىن ئەيمىنىش ھېس-تۇيغۇسىنى قانداق كۈچەيتەلەيمىز؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
7 يەھۋادىن ئەيمىنىش ھېس-تۇيغۇسىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ھەر قېتىم قارار چىقارغىنىمىزدا، ئۇنىڭ كۆڭلىنى نېمە خۇرسەن قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىشىمىز كېرەك (زەبۇر 16:8). مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇغاندا، ئۆز-ئۆزىڭىزدىن مۇنداق دەپ سوراڭ: «ئەگەر مەن مۇشۇ ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغان بولسام، قانداق قارار چىقارغان بولاتتىم؟» مەسىلەن، ئون ىسراىل پايلاقچىسى يەتكۈزۈۋاتقان سەلبىي خەۋەرنى تىڭشاۋاتقانلىقىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. بۇ سەلبىي خەۋەرگە ئىشىنىپ، قورقۇنچ ئىچىدە قالاتتىڭىزمۇ؟ ياكى بولمىسا، يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىز ۋە ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىش ئىستىكىڭىز ئىنسان قورقۇنچىدىن كۈچلۈكرەك بولاتتىمۇ؟ شۇ چاغدا، پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى يەشۇئا بىلەن كالېب ئېيتقان سۆزلەرنىڭ راستلىقىغا ئىشەنمىگەن. نەتىجىدە، ئۇلار خۇدا ۋەدە قىلغان زېمىنغا كىرىش پۇرسىتىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى.—سانلار 14:10، 22، 23.
8. بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قايسى پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
8 كەمتەرلىك. يەھۋا كەمتەر ئادەملەرگە ھەقىقەتنى ئاشكارا قىلىدۇ (مەتتا 11:25). بىز ھەقىقەتنى ئۆگىنىش ئۈچۈن كەمتەرلىك بىلەن ياردەمنى قوبۇل قىلىمىز (ئەلچى. 8:30، 31). قانداقلا بولمىسۇن، تەكەببۇرلىشىپ كېتىشتىن پەخەس بولۇشىمىز كېرەك. ئەگەر تەكەببۇرلىشىپ كەتسەك، ئۆز كۆز قاراشلىرىمىزنى خۇددى مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرى ۋە يەھۋانىڭ تەشكىلاتى بېرىۋاتقان يول-يورۇقلارغا ئوخشاشلا توغرا دەپ قاراشقا باشلىشىمىز مۇمكىن.
9. كەمتەرلىكىمىزنى قانداق ساقلاپ قالالايمىز؟
9 كەمتەرلىكنى ساقلاش ئۈچۈن، شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى، يەھۋانىڭ ئۇلۇغلىقى ئالدىدا بىز ھېچنېمىگە ئەرزىمەس (زەبۇر 8:3، 4). بىز تېخىمۇ كەمتەر بولۇش ۋە تەلىملەرنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ياردەم سوراپ يەھۋاغا دۇئا قىلساق بولىدۇ. ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆز كۆز قاراشلىرىمىزنى مۇھىم دەپ قارىمايمىز. مۇقەددەس كىتاب ۋە تەشكىلاتى ئارقىلىق بەرگەن يول-يورۇقلارنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىمىز. مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇغاندا دىققىتىمىزنى يەھۋانىڭ كەمتەرلىكنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىغا ۋە ھاكاۋۇرلۇق، تەكەببۇرلۇق ۋە مەغرۇرلۇقنى قانچىلىك ئۆچ كۆرىدىغانلىقىغا قارىتىڭ. ئەگەر قانداقتۇ بىر شان-شەرەپلىك ۋەزىپىگە ئېرىشسىڭىز، كەمتەرلىكنى ساقلاش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشىڭ.
ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
10. يەھۋا كىملەر ئارقىلىق ئۆز خەلقىگە كۆرسەتمىلەرنى ۋە يول-يورۇقلارنى بېرىۋاتىدۇ؟
10 يەھۋانىڭ تەشكىلاتى بەرگەن يول-يورۇققا داۋاملىق ئىشەنچ قىلىڭ. قەدىمقى زاماندا، يەھۋا ئاۋۋال مۇسا پەيغەمبەرنى، كېيىن يەشۇئانى ئىشلىتىپ، ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا كۆرسەتمىلەرنى بەرگەن (يەشۇئا 1:16، 17). ئىسرائىللار يەھۋا تاللىغان بۇ ئىككى ۋەكىلگە ئىشەنگەندە، ئۇلار كۆپ بەرىكەتلەرگە ئېرىشكەن. ئەسىرلەر ئۆتۈپ، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى جامائەت قۇرۇلغاندا، ئاۋۋال 12 ئەلچى يول-يورۇق بەرگەن (ئەلچى. 8:14، 15). كېيىن، ئۇلارنىڭ توپىغا يېرۇسالىمدىكى باشقا ئاقساقاللارمۇ قوشۇلغان. جامائەتلەر بۇ سادىق بۇرادەرلەرنىڭ يول-يورۇقىغا بويسۇنغاچقا، ئىمان-ئېتىقادى مۇستەھكەملىنىپ، ئېتىقادچىلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيگەن (ئەلچى. 16:4، 5). بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىز يەھۋا خۇدانىڭ تەشكىلاتىنىڭ يول-يورۇقىغا بويسۇنۇش ئارقىلىق بەرىكەتلەرگە ئېرىشىمىز. ئەگەر بىز يېتەكچىلىكنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلارنى رەت قىلساق، يەھۋا قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدۇ؟ بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن خۇدا ۋەدە قىلغان زېمىنغا قاراپ ماڭغان ئىسرائىللارغا نېمە بولغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى.
11. خۇدا ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تاللىغان مۇساغا قارشى چىققۇچىلارغا نېمە بولغان؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
11 ئىسرائىللار ۋەدە قىلغان زېمىنغا سەپەر قىلىپ ماڭغاندا، بەزى ئابرويلۇق كىشىلەر مۇساغا ۋە خۇدا ئۇنىڭغا بەرگەن ھوقۇققا قارشى چىققان. ئۇلار: «پۈتۈن جامائەت مۇقەددەس [پەقەت مۇسا ئەمەس] ۋە يەھۋا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىدۇر»،— دېگەن (سانلار 16:1–3). گەرچە خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا پۈتكۈل جامائەت مۇقەددەس بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ خەلقى ئارىسىدا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن پەقەت مۇسانى تاللىغان (سانلار 16:28). ئىسيانكارلار مۇسانى تەنقىد قىلغاندا، ئەسلىدە يەھۋانى تەنقىد قىلغان. ئۇلار ئۆز دىققىتىنى يەھۋانىڭ ئۇلاردىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىغا ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرىگە، يەنى ھوقۇق ۋە مەرتىۋىلىك بولۇشقا قاراتقان. خۇدا بۇ ئىسياننى كۆتۈرگۈچىلەر بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەن مىڭلارچە كىشىلەرنى كۆزدىن يوقاتقان (سانلار 16:30–35، 41، 49). بۈگۈنكى كۈندىمۇ شۇنىڭغا ئىشىنەلەيمىزكى، يەھۋا ئۆز تەشكىلاتىنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ھۆرمەتلىمەيدىغان كىشىلەردىن خۇرسەن بولمايدۇ.
12. يەھۋانىڭ تەشكىلاتىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى قانداق ساقلاپ قالالايمىز؟
12 يەھۋانىڭ تەشكىلاتىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز. تەشكىلاتتا يېتەكچىلىكنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بۇرادەرلەر يەھۋانى خۇرسەن قىلىشنى خالايدۇ. شۇڭا، ئۇلار مۇقەددەس كىتابتىكى مەلۇم بىر ھەقىقەتكە بولغان چۈشەنچىنى تۈزىتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى كۆرۈپ يەتسە ياكى يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، خۇشاللىق بىلەن شۇنداق ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىدۇ (پەند. نە 4:18). ۇلار شۇناق قىلىدۇ، چۈنكى يەھۋانى خۇرسەن قىلىشنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇقەددەس كىتابقا ئاساسەن قارار چىقىرىشقا تىرىشىدۇ. سەۋەبى، خۇدانىڭ خەلقى يازمىلاردا يېزىلغان سۆزلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.
13. «ساغلام سۆزلەردىكى ئۆرنەك» دېگەن نېمە ۋە بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
13 «ساغلام سۆزلەردىكى ئۆرنەكنى چىڭ» تۇتۇڭ (2-تىموت. 1:13). «ساغلام سۆزلەردىكى ئۆرنەك» — بۇ مۇقەددەس كىتابتىكى تەلىملەردۇر (يۇھاننا 17:17). بۇنداق تەلىملەر بىز ئىشىنىدىغان ھەممە نەرسىنىڭ ئۇل-ئاساسىدۇر. يەھۋانىڭ تەشكىلاتى بىزگە بۇ ساغلام سۆزلەردىكى ئۆرنەكنى چىڭ تۇتۇشنى ئۆگەتتى. بىز بۇنداق قىلساق، يەھۋا چوقۇم بىزنى بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ.
14. بەزى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى نېمە سەۋەبتىن ساغلام سۆزلەردىكى ئۆرنەكنى چىڭ تۇتمىغان؟
14 «ساغلام سۆزلەردىكى ئۆرنەكنى» چىڭ تۇتمىساق، نېمە بولۇشى مۇمكىن؟ مەسىلەن، بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدا يەھۋانىڭ كۈنى ئاللىقاچان كەلدى دېگەن يالغان گەپ تارقالغان. بەلكىم، ئۇلار قانداقتۇ بىر خەتنى «ئەلچى پاۋلۇستىن كەلگەن ۋە ئاشۇ خەتتە شۇنداق يېزىلغان» دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. سالونىكا شەھىرىدىكى بەزى ئېتىقادچىلار دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈشكە ۋاقىت چىقارماي، ئاشۇ مىش-مىش گەپلەرگە ئىشىنىپ، ئۇلارنى تارقىتىشقا باشلىغانىدى. ئەگەر بۇ مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئەلچى پاۋلۇسنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە بولغاندا ئۆگەنگەن تەلىملەرنى ئەستە تۇتقان بولسا، ئۇلار ئالدانمىغان بولاتتى (2-سالونىكا. 2:1–5). ئەلچى پاۋلۇس ئۇلارغا نەسىھەت بېرىپ، ھەممىلا گەپ-سۆزلەرگە ئىشىنىپ كەتمەسلىككە ئاگاھلاندۇرغان. ئەلچى پاۋلۇس سالونىكالىقلارغا يازغان ئىككىنچى خېتىدە، ئۆز سۆزىنى مۇنداق دەپ ئاياقلاشتۇرغان: «مەنكى پاۋلۇس سىلەرگە سالىمىمنى ئۆز قولۇم بىلەن يازدىم. بۇ ھەربىر خېتىمنىڭ خاس بەلگىسىدۇر ۋە مەن مۇشۇنداق يازىمەن».—2-سالونىكا. 3:17.
15. راستتەك كۆرۈنگەن يالغانچىلىقتىن ئۆزىمىزنى قانداق ھىمايە قىلالايمىز؟ مىسال كەلتۈرۈڭ (رەسىملەرگە ھەم قاراڭ)
15 ئەلچى پاۋلۇس سالونىكالىقلارغا يازغان سۆزلەردىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟ ئەگەر مۇقەددەس كىتابتىن ئۆگەنگەنلىرىمىزگە ماس كەلمەيدىغان گەپ-سۆزلەرنى ياكى غەيۋەت-شىكايەتلەرنى ئاڭلىساق، ئەقىل-پاراسەتلىك بولۇشىمىز لازىم. سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە دۈشمەنلىرىمىز مەركىزى باش ئىدارىدىن كەلگەندەك كۆرىنىدىغان بىر پارچە ساختا خەتنى تارقاتقان. بۇ خەت بەزى بۇرادەرلەرنى بۆلۈنۈپ، ئۆز ئالدىغا باشقا مۇستەقىل بىر تەشكىلاتنى قۇرۇشقا دەۋەت قىلغان. قارىماققا، بۇ خەت راستتەك كۆرۈنگەن. بىراق، سادىق ئېتىقادچىلار ئۇنىڭغا ئالدانمىغان. ئۇلار بۇ خەتتىكى سۆزلەرنىڭ ئۆگەنگەنلىرىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن. بۈگۈنكى كۈندە ھەقىقەتكە قارشى دۈشمەنلەر بىزنى ئازدۇرۇپ، ئارىمىزغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش ئۈچۈن ئىنتېرنېت تورى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار قاتارلىق زامانىۋى يېڭى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىدۇ. قايمۇقۇپ ئىككىلىنىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، ئاڭلىغان ياكى ئوقۇغانلىرىمىزنىڭ ئىلگىرى ئۆگەنگەن ھەقىقەتكە ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىڭ. شۇنداق قىلىپ ئۆزىمىزنى ھىمايە قىلالايمىز.—2-سالونىكا. 2:2؛ 1-يۇھاننا 4:1.
16. رىملىقلار 16:17، 18-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، كىمدۇ بىرى ھەقىقەتتىن چەتنەپ كەتسە، بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
16 يەھۋاغا سادىق بولغان كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈڭ. خۇدا بىزنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق بىرلىكتە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشىمىزنى خالايدۇ. ھەقىقەتنى قانچە چىڭ مەھكەم تۇتساق، شۇنچە ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتىمىز. جامائەتنىڭ ئارىسىدا كىمدۇ بىرى بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلسا، خۇدا بىزنى بۇنداق كىشىدىن «نېرى تۇرۇڭلار» دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بىز ھەقىقەتتىن چەتنەپ كېتىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.—رىملىقلار 16:17، 18-نى ئوقۇڭ.
17. ھەقىقەتنى چۈشىنىپ، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرساق، قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشىمىز؟
17 ھەقىقەت بىلەن يالغانچىلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى چۈشىنىپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرساق، يەھۋاغا تېخىمۇ يېقىن تۇرىمىز ۋە ئىمان-ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتىمىز (ئەفەس. 4:15، 16). ئۇنىڭدىن باشقا، بىز شەيتاننىڭ ساختا تەلىماتلىرى ۋە تەشۋىقاتلىرىغا ئالدانمايمىز ھەمدە يەھۋانىڭ ھىمايىسى ئاستىدا بولۇپ، دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتتە ئامان قالىمىز. ھەقىقەتنى چىڭ تۇتۇڭلار ۋە «تىنچ-خاتىرجەملىك بېرىدىغان خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ».—فىلىپى. 4:8، 9.
32-ناخشا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرايلى!
a سۈرەتتە:. نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە بۇرادەرلەر قارىماققا مەركىزى باش ئىدارىدىن بىر خەت تاپشۇرۇلغان، ئەمما شۇ خەت دۈشمەنلەردىن كەلگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە دۈشمەنلىرىمىز يەھۋانىڭ تەشكىلاتى توغرىسىدا يالغان مەلۇماتنى تارقىتىش ئۈچۈن توردىن پايدىلىنىۋاتىدۇ.