38-تەتقىق ماقالىسى
147-ناخشا ئالاھىدە مۈلۈك
ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قۇلاق سالامسىز؟
«ئېتىزدىكى ئىككى كىشىنىڭ بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ».—مەتتا 24:40.
مەركىزى ئىدىيە
بۇ ماقالىدە ئەيسا ئېيتقان ئۈچ تەمسىلنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئۇلارنىڭ زامان ئاخىرىدا بولىدىغان ھۆكۈم پەيتى بىلەن قانداق باغلىنىش بارلىقىنى كۆرىمىز.
1. ئەيسا مەسىھ پات-ئارىدا نېمە ئىش قىلىدۇ؟
پات-ئارىدا چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ! ئەيسا مەسىھ يەر يۈزىدىكى ھەربىر ئىنسان ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. شۇ ۋاقىت يېقىنلاپ قالغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئەيسا ئۆزىنىڭ ھازىر بولۇشى ۋە «زامان ئاخىرىنىڭ كېلىشىنى بىلدۈرىدىغان» ئالامەت ياكى بەلگە توغرۇلۇق شاگىرتلىرىغا ئېيتقان (مەتتا 24:3). بۇ بەلگە توغرۇلۇق مەتتا 24، 25-بابلاردا، ماركۇس 13-بابتا ۋە لۇقا 21-بابتا يېزىلغان.
2. بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز ۋە ئۇلارنى ئۆگىنىشنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟
2 ئەيسا ئۈچ تەمسىلنى سۆزلەش ئارقىلىق بىزنى تەييار تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرغان. ئۇلار قويلار بىلەن ئۆچكىلەر، ئون قىز ۋە تالانتلار تەمسىل قىلىنىپ ئېيتىلغان نەسىھەتلەر. بۇلاردىن بىز كېلەچەكتە ئەيسا ئادەملەرنى قايسى ئىش-ھەرىكەتلىرىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز. بۇ ماقالىدە مۇشۇ ئۈچ تەمسىلنى مۇھاكىمە قىلغاندا، بىز قانداق ساۋاقلارنى ئالالايدىغانلىقىمىزنى ۋە ئۇلارنى ھاياتىمىزدا قانداق قوللىنالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز. ئاۋۋال قويلار ۋە ئۆچكىلەر ھەققىدىكى تەمسىلنى كۆرۈپ چىقايلى.
قويلار بىلەن ئۆچكىلەر
3. ئەيسا مەسىھ قويلار بىلەن ئۆچكىلەرنى قاچان ھۆكۈم قىلىشقا باشلايدۇ؟
3 قويلار بىلەن ئۆچكىلەر ھەققىدىكى تەمسىلدە، ئەيسا ئادەملەرنىڭ خۇش خەۋەرگە قۇلاق سالغان- سالمىغانلىقىغا ۋە ئۇنىڭ مەسىھ قىلىنغان قېرىنداشلىرىنى قوللىغان-قوللىمىغانلىقىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن (مەتتا 25:31–46). ئارماگېدون ئۇرۇشى باشلىنىشتىن ئاۋۋال، يەنى دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت مەزگىلىدە ئەيسا كىم قوي، كىم ئۆچكە ئىكەنلىكىنى ئېنىق ھۆكۈم قىلىدۇ (مەتتا 24:21). خۇددى پادىچى قويلارنى ئۆچكىلەردىن ئايرىغاندەك، ئەيسامۇ ساداقەتمەنلىك بىلەن ئۆزىنىڭ مەسىھ قىلىنغان ئەگەشكۈچىلىرىنى قوللىغانلارنى قوللىمىغانلاردىن ئايرىپ چىقىدۇ.
4. يەشايا 11:3، 4-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، نېمە ئۈچۈن ئەيسا مەسىھنىڭ ئادەملەرنى ئادىل ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالايمىز؟ ( رەسىمگە ھەم قاراڭ)
4 مۇقەددەس كىتابتا ئالدىن ئېيتىلغاندەك، يەھۋا خۇدا تەيىنلىگەن سوتچى ئەيسا كەلگۈسىدە ئادىل ھۆكۈم چىقىرىدۇ (يەشايا 11:3، 4-نى ئوقۇڭ). ھازىر ئەيسا ھەربىر ئادەمنىڭ گەپ-سۆزلىرى، يۈرۈش-تۇرۇشى، نىيەت-مەقسىتى ۋە مەسىھ قىلىنغان قېرىنداشلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىدۇ (مەتتا 12:36، 37؛ 25:40). ئەيسا كىمنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىنى قوللاۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ a. ئەيسا مەسىھنىڭ قېرىنداشلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنىڭ ئەڭ مۇھىم يوللىرىدىن بىرى — ۋەز خىزمىتىدە ئۇلارغا ياردەم بېرىش. شۇنداق قوللاپ-قوللىغانلار «ھەققانىيلار» دەپ ھۆكۈم قىلىنىپ، يەر يۈزىدە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدىگە ئېرىشىدۇ (مەتتا 25:46؛ ۋەھىي. 7:16، 17). ساداقەتمەنلىكىنى ساقلىغانلار ئۈچۈن بۇ ئاجايىپ بىر سوۋغات! ئۇلار دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت مەزگىلىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ساداقەتمەنلىكىنى ساقلىسا، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ھاياتلىق كىتابىدا قالىدۇ.—ۋەھىي. 20:15.
5. قويلار ۋە ئۆچكىلەر توغرىسىدىكى تەمسىلدىن ساۋاق ئالالايمىز ۋە بۇ تەمسىلدىكى ئاگاھلاندۇرۇشقا كىملەر قۇلاق سېلىشى كېرەك؟
5 سادىق بولۇڭ. ئەيسانىڭ قويلار بىلەن ئۆچكىلەر توغرۇلۇق ئېيتقان تەمسىلى بىرىنچىدىن يەردە ياشاش ئۈمىدى بار كىشىلەرگە قارىتىلغان. ئۇلار ئەيسانىڭ مەسىھ قىلىنغان قېرىنداشلىرىنى قوللاش ئۈچۈن ۋەز خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئەيسا ئۆزى يېتەكچلىك قىلىشقا تەيىنلىگەن سادىق ۋە ئەقىل پاراسەتلىك قۇلنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ساداقەتمەنلىك بىلەن بويسۇنىدۇ (مەتتا 24:45). ئەيسانىڭ بۇ مىسالىدىن ئاسماندا ياشاش ئۈمىدى بار ئېتىقادچىلارمۇ ساۋاق ئېلىشى كېرەك. چۈنكى، ئەيسا ئۇلارنىڭمۇ يۈرۈش-تۇرۇشىغا دىققەت قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇلارمۇ ساداقەتمەنلىكىنى ساقلىشى كېرەك. ئەيسا مەتتا 25-بابتا باشقا ئىككى تەمسىلنى كەلتۈرۈپ، ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بەرگەن. ھازىر ئەقىللىق ۋە ئەقىلسىز قىزلار توغرىسىدىكى تەمسىلنى كۆرۈپ چىقايلى.
ئەقىللىق ۋە ئەقىلسىز قىزلار
6. بەش قىز ئۆزىنىڭ ئەقىللىق قىزلار ئىكەنلىكىنى قانداق ئىسپاتلىغان؟ (مەتتا 25:6–10)
6 ئەيسا تەمسىلىدە يېقىنلاپ كېلىۋاتقان تويى بولغان يىگىتنى قارشى ئېلىشقا چىققان ئون قىز توغرۇلۇق ئېيتقان (مەتتا 25:1–4). ئۇلارنىڭ ھەممىسى يىگىت بىلەن توي زىياپىتىگە بېرىشنى خالىغان. ئەيسا ئۇ قىزلارنىڭ بەشىنى «ئەقىللىق»، قالغان بەشىنى «ئەقىلسىز» دەپ تەسۋىرلىگەن. ئەقىللىق قىزلار سەگەك ۋە تولۇق تەييار بولۇپ تۇرغان. ئۇلار سەۋرچانلىق بىلەن يىگىت ھەتتا يېرىم كېچىدە كەلسە، ئۇنى كۈتۈشكە تەييار بولغان. قاراڭغۇلۇقنى يورۇتۇش ئۈچۈن چىراغلىرىنى ئېلىۋالغان. ئۇلار يىگىت كېچىپ، كېچىدە كېلىپ قالسا دەپ ئۆزلىرى بىلەن ئارتۇقچە ماي ئېلىۋالغانىدى. دېمەك، ئۇلار چىراغلىرى ئۆچۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان (مەتتا 25:6–10-نى ئوقۇڭ). يىگىت كەلگەندە، ئەقىللىق قىزلار ئۇنىڭ بىلەن بىللە توي زىياپىتىگە كىرگەن. خۇددى شۇنىڭدەك، مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ھەم ئەيسا مەسىھ كەلگۈچە سەگەك ۋە سادىق تۇرسا، مەسىھ ھازىر بولۇپ، ھۆكۈم قىلغاندا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، خۇدا پادىشاھلىقىدا مەسىھ بىلەن بىرلىكتە پادىشاھلار بولىدۇ b (ۋەھىي. 7:1–3). ئۇنداقتا، ئەقىلسىز بەش قىزچۇ؟ ئۇلارغا نېمە بولىدۇ؟
7. ئەقىلسىز قىزلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغان ۋە نېمە ئۈچۈن؟
7 بەش ئەقىللىق قىزغا ئوخشىمايدىغان يېرى، بەش ئەقىلسىز قىز تويى بولغان يىگىتنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە تەييار بولمىغان. ئۇلارنىڭ چىراغلىرى ئۆچەي دەپ قالغان، بىراق ئۇلار ئارتۇقچە ماي ئېلىۋالمىغان ئىدى. ئۇلار يىگىتنىڭ كېلىشىگە ئاز قالغانلىقىنى بىلگەندە، ماي سېتىۋېلىشقا كېتىپ قالغان. بىراق، ئۇلار تېخى قايتىپ كەلمەستە، يىگىت كېلىپ قاپتۇ. «ياخشى تەييارلىق قىلغان قىزلار ئۇنىڭ [يىگىت] بىلەن بىرلىكتە توي زىياپىتىگە كىرىپتۇ ۋە ئىشىك تاقىلىپتۇ» (مەتتا 25:10). كېيىنرەك، ئاشۇ ئەقىلسىز قىزلار قايتىپ كېلىپ، توي زىياپىتىگە كىرمەكچى بولغاندا، يىگىت ئۇلارغا: «سىلەرنى تونۇمايمەن»،— دېگەن (مەتتا 25:11، 12). بۇ قىزلار تولۇق تەييارلىقى بولمىغاچقا، نەتىجىدە يىگىت يېتىپ كەلگۈچە كۈتۈپ تۇرالمىغان. بۇ مىسالدىن مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار قانداق ساۋاق ئالىدۇ؟
8، 9. مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئون قىز توغرىسىدىكى تەمسىلدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىدۇ؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
8 تەييار بولۇپ، سەگەك تۇرۇڭ. ئون قىز توغرىسىدىكى تەمسىل ئارقىلىق، ئەيسا زاماننىڭ ئاخىرى كەلگۈچە مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنىدىغان ئېتىقادچىلارنىڭ بىر توپى ياخشى تەييارلىق بىلەن كۈتىدىغانلىقىنى، يەنە بىر توپى ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىنى ئالدىن بېشارەت بەرمەكچى بولغان ئەمەس. ئەكسىچە، ئۇ مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ياخشى تەييارلىق قىلىپ، ئاخىرغىچە ساداقەتمەنلىك بىلەن بەرداشلىق بەرمىسە، مۇكاپاتقا ئېرىشمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن (يۇھاننا 14:3، 4). بۇ بەك مۇھىم ئاگاھلاندۇرۇش! ئۈمىدىمىز مەيلى ئاسماندا ياكى يەردە ياشاش بولسۇن، ئون قىز توغرىسىدىكى تەمسىل ئارقىلىق بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سېلىشىمىز لازىم. ھەرقايسىمىز سەگەك تۇرۇپ، ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىشكە تەييار بولۇشىمىز كېرەك (مەتتا 24:13).
9 ئەيسا مەسىھ ئون قىز توغرىسىدىكى تەمسىلدە، ياخشى تەييارلىق قىلىپ، سەگەك تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، تالانتلار توغرىسىدىكى تەمسىلنى ئېيتىپ، ئىشچان بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.
تالانت توغرىسىدىكى تەمسىل
10. ئىككى قۇل ئۆزلىرىنىڭ سادىق قۇل ئىكەنلىكىنى قانداق ئىسپاتلىغان؟ (مەتتا 25:19–23)
10 بۇ تەمسىلدە، ئەيسا خوجايىنىغا سادىق بولغان ئىككى قۇل بىلەن سادىق بولمىغان يەنە بىر قۇل توغرۇلۇق سۆز قىلغان (مەتتا 25:14–18). ئىككى قۇل جان پىدا قىلىپ ئىشلەپ، خوجايىنىغا كۆپرەك پۇل تېپىپ بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. خوجايىن باشقا دۆلەتكە سەپەرگە چىقىشتىن ئاۋۋال، ئۇلارغا تالانتلارنى، يەنى كۆپ پۇلنى تاپشۇرۇپ كەتكەن. ئىككى سادىق قۇل ئىشچان بولۇپ، پۇلنى ئاقىلانىلىك بىلەن ئىشلەتكەن. نەتىجىسى قانداق بولغان؟ خوجايىن قايتىپ كەلگەندە، ئۇلار ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان پۇلنى ئىشلىتىپ، بىر ھەسسە ئارتۇق پۇل تاپقان. خوجايىن ئۇلارنى بۇنىڭ ئۈچۈن ماختىغان ۋە ئۇلار خوجايىنى بىلەن خۇشاللىققا ئورتاق بولغان (مەتتا 25:19–23-نى ئوقۇڭ). بىراق، ئۈچىنچى قۇل خوجايىن ئۇنىڭغا بەرگەن پۇلنى قانداق ئىشلەتكەن؟
11. «ھورۇن» قۇلغا نەتىجىدە نېمە بولغان ۋە نېمە ئۈچۈن؟
11 بىر تالانت ئالغان ئۈچىنچى قۇل «ھورۇن» بولۇپ چىققان. خوجايىن ئۇنىڭ تاپشۇرۇلغان تالانتنى ئاقىلانىلىك بىلەن ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلغانىدى. بىراق، ئۇ پۇلنى يەرگە كۆمۈپ قويغان. خوجايىن قايتىپ كەلگەندە، بۇ قۇل ئۆزى ئالغان بىر تالانتنى قايتۇرۇپ بەرگەن. بۇ قۇل توغرا كۆز قاراشتا بولغان. ئۇ خوجايىنى بەرگەن پۇلنى كۆپەيتمىگەنلىكى ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراشنىڭ ئورنىغا، ئۇ ئۆز خوجايىنىنى «قاتتىق قول ئادەم» دەپ ناھەق ئەيىبلىگەن. نەتىجىدە، خوجايىنى بۇ قۇلغا ئاچچىقلىنىپ، ئۇنىڭدىكى تالانتنى تارتىپ ئېلىپ، باشقا قۇلىغا بەرگەن، ھەتتا بۇ يامان قۇلنى قوغلاپ چىقارغان.—مەتتا 25:24، 26–30.
12. بۈگۈنكى كۈندە ئىككى سادىق قۇل كىملەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟
12 ئىككى سادىق قۇل مەسىھ قىلىنغان سادىق ئېتىقادچىلارنى بىلدۈرىدۇ. خوجايىنى ئەيسا ئۇلارنى ئۆز ئۆزى بىلەن خۇشاللىقىغا ئورتاق بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ. مەسىھ قىلىنغان ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئاسماندىكى مۇكاپاتىغا، يەنى دەسلەپكى تىرىلىشكە ئېرىشىدۇ (مەتتا 25:21، 23؛ ۋەھىي. 20:5). ھورۇن قۇلنىڭ مىسالى بىر ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. مەسىھ قىلىنغا ئېتىقادچىلار بۇ مىسالدىن ئۆزىگە ساۋاق ئالالايدۇ. قانداق ساۋاق؟
13، 14. مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار تالانتلار توغرىسىدىكى تەمسىلدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىدۇ؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
13 ئىشچان ۋە تىرىشچان ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرسىتىڭ. ئون قىز توغرىسىدىكى تەمسىل كەبى، تالانتلار توغرىسىدىكى تەمسىلدە ھەم ئەيسا مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارنىڭ ھورۇنلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بېشارەت قىلماقچى ئەمەس ئىدى. ئەكسىنچە، ئۇلار قىزغىنلىقىنى يوقاتسا، ئاقىۋىتى قانداق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكچى بولغان. ئۇلار ھورۇن بولۇپ كەتسە، ئۆزلىرىنىڭ چاقىرىلغان ۋە تاللانغانلىقىنى تەستىقلىيالماي قالىدۇ ۋە ئاسماندىكى پادىشاھلىققا كىرەلمەيدۇ.—2-پېتر. 1:10.
14 ئەيسا مەسىھنىڭ ئون قىز ۋە تالانتلار ھەققىدىكى مىساللىرىدىن كۆرگىنىمىزدەك، مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغان بارلىق ئېتىقادچىلار چوقۇم ھەردائىم تەييار ۋە سەگەك تۇرۇشى ۋە تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلىشى كېرەك. ئۇنداقتا، ئەيسا ئۇلارغا يەنە باشقا ئاگاھلاندۇرۇشنى بەرگەنمۇ؟ ھەئە، بەرگەن! مەتتا 24:40، 41-ئايەتلەردە قانداق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز.
كىملەر «ئېلىپ كېتىلىدۇ»؟
15، 16. مەتتا 24:40، 41-ئايەتلەر، مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارنىڭ داۋاملىق ھوشيار تۇرۇشى كېرەكلىكىنى قانداق تەكىتلەيدۇ؟
15 يۇقىرىدىكى ئۈچ تەمسىلنى كەلتۈرۈشتىن ئاۋۋال، ئەيسا ئاخىرىقى ھۆكۈم ھەققىدە بەزى سۆزلەرنى قىلغان. بۇ سۆزلەر شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار يەھۋانىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن-ئېرىشمىگەنلىكى ئاخىرىقى ھۆكۈم چىقىرىلغاندا تەستىقلىنىدۇ. ئەيسا ئېتىزدا ئىشلەۋاتقان ئىككى ئەر كىشى ۋە قول تۈگمىنى بىلەن ئۇن تارتىۋاتقان ئىككى ئايال كىشى ھەققىدە سۆزلىگەن. ھەربىر ۋەزىيەتتە، ئىككى ئادەم ئوخشاش ئىشنى قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. بىراق، ئەيسا: «بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ»،— دېگەن (مەتتا 24:40، 41-نى ئوقۇڭ). شۇڭا، ئۇ شاگىرتلىرىنى: «شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوشيار تۇرۇڭلار، چۈنكى ھەزرىتىڭلارنىڭ قايسى كۈنى قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيسىلەر»،— دەپ ئاگاھلاندۇرغان (مەتتا 24:42). ئەيسا ئون قىز ھەققىدىكى تەمسىلنى ئېيتقاندىن كېيىن، مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان سۆزلەرنى قىلغان ئىدى (مەتتا 25:13). ئۇنىڭ بۇ ئىككى قېتىم ئېيتىلغان سۆزلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن باغلىنىشى بارمۇ؟ قارىماققا باغلىنىشى بار. چۈنكى، ئەيسانىڭ سۆزلىرى پەقەت مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغان ۋە ئاخىرغىچە ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاپ قالغانلارنىڭ ئاسماندىكى پادىشاھلىققا ئېلىپ كېتىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.—يۇھاننا 14:3.
16 ھوشيار تۇرۇڭلار. مۇقەددەس روھ ئارقىلىق مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار روھىي جەھەتتىن سەگەك ۋە ھوشيار تۇرمىسا، تاللانغانلار بىلەن جەم بولۇشقا ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلمەيدۇ (مەتتا 24:31). ئۇنىڭدىن باشقا، مەيلى ئۈمىدى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خۇدانىڭ خەلقى بولغان ھەممىمىز ئەيسانىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قۇلاق سېلىپ، داۋاملىق ھوشيار تۇرۇپ، ساداقەتمەنلىكىمىزنى ساقلىشىمىز كېرەك.
17. يەھۋا بىزنىڭ كۈنىمىزدە بەزىلەرنى مەسىھ قىلىنغانلار قاتارىغا تاللىسا، نېمە ئۈچۈن بىز ئۇنىڭغا ھەيران قالمايمىز ياكى گۇمان قىلمايمىز؟
17 بىز يەھۋانىڭ توغرا ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش ئۈچۈن، ئۇنى ياخشىراق تونۇشىمىز كېرەك. ئەگەر يەھۋا بىزنىڭ كۈنىمىزدە مۇقەددەس روھى ئارقىلىق سادىق خىزمەتچىلىرىنى مەسىھ قىلىپ تاللىسا، بىز بۇنىڭغا ھەيران قالمايمىز ۋە گۇمان قىلمايمىز c. ئېسىڭىزدە بولسا، ئەيسا ئۈزۈمزارلىققا ئىشچىلارنى ياللاش ھەققىدە تەمسىل كەلتۈرگەندە، خوجايىن ئون بىرىنچى سائەت، يەنى چۈشتىن كېيىن سائەت بەش ئەتراپىدا چىقىپ، بەزى ئىشچىلارنى ئىشقا ياللىغان (مەتتا 20:1–16). ئاخىرىدا، ئۈزۈمزارلىققا تاڭ سەھەردە كەلگەنلەر بولسۇن، ياكى كۈن كەچ بولۇپ قالغاندا كەلگەنلەر بولسۇن، ھەممىسى ئوخشاش ئىش ھەققى ئالغان. شۇنىڭغا ئوخشاش، مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار قاچان تاللانغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يەھۋا ئۇلارنى سادىق دەپ ھۆكۈم قىلسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسماندىكى مۇكاپاتىنى ئالىدۇ.
ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قۇلاق سېلىڭ
18، 19. ئەيسانىڭ تەمسىلىدىن نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
18 نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟ قويلار بىلەن ئۆچكىلەر توغرۇلۇق تەمسىلدە، يەر يۈزىدە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدى بار كىشىلەر ھازىر ۋە كېلەچەكتە دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت مەزگىلىدە يەھۋاغا سادىقلىقىنى ۋە ۋاپادارلىقىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەكلىكىنى ئۆگەندۇق. كەلگۈسىدە، ئەيسا ساداقەتمەن كىشىلەرنى «مەڭگۈلۈك ھاياتقا» ئېرىشىشكە لايىق دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ.—مەتتا 25:46.
19 ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيسا باشقا ئىككى تەمسىلنى كەلتۈرۈپ، مۇقەددەس روھ ئارقىلىق مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى سۈپىتىدە يېزىلغان ئىككى مىسالنى كۆرۈپ چىقتۇق. ئون قىز توغرىسىدىكى تەمسىلدە، بەش ئەقىللىق قىز ۋە بەش ئەقىلسىز قىز بولۇپ چىققان. بەش ئەقىللىق قىز ئالدىنئالا تەييارلىق قىلىپ، ھوشيار تۇرغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، توي بولىدىغان يىگىتنى ئۇزۇن كۈتۈشكە توغرا كەلسىمۇ، ئۇنى سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتۈشكە تەييار بولغان. ئەقىلسىز قىزلار بولسا، ياخشى تەييار قىلمىغان. نەتىجىدە، يىگىت ئۇلارنى توي زىياپىتىگە كىرگۈزمىگەن. ئەيسا بۇ رەزىل دۇنيانى يوق قىلغىچە، مەيلى قانچە ئۇزۇن كۈتۈشكە توغرا كەلسە-كەلسۇن، ئاخىرغىچە كۈتۈشكە تەييار بولۇشىمىز كېرەك. ئەيسانىڭ تالانتلار توغرۇلۇق تەمسىلدە، تىرىشچان ۋە ئىشچان ئىككى سادىق قۇل خوجايىنى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلغان ۋە خوجايىنى رازى بولۇپ ئۇلارنى ماختىغان. ئەمما، ھورۇن قۇلدىن خۇرسەن بولمىغان خوجايىن ئۇ قۇلنى قوللاپ چىقارغان. بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ بىزمۇ بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرغىچە، يەھۋا تاپشۇرغان ئىشنى جان كۆيدۈرۈپ قىلىشىمىز كېرەك. ئاخىرىدا، مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار داۋاملىق ھوشيارلىقىنى ساقلىشى كېرەكلىكىنى، شۇندىلا ئەيسا ئۇلارنى ئاسمانغا ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئۆگەندۇق. ئۇلار ئەيسا بىلەن جەم بولىدىغان شۇ ۋاقىتنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە. ئارماگېدون ئۇرۇشىدىن كېيىن، قوزىنىڭ تويى بولىدۇ. شۇ چاغدا، ئۇلار مەسىھنىڭ يەنى توي بولغان يىگىتنىڭ كېلىنچىكى بولىدۇ.—2-سالونىكا. 2:1؛ ۋەھىي. 19:7، 9.
20. يەھۋانىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قۇلاق سالغانلارنى، ئۇ قانداق مۇكاپاتلايدۇ؟
20 پات-يېقىندا، ئەيسا يەر يۈزىدىكى ھەربىر ئىنساننى ھۆكۈم قىلىدۇ. لېكىن، بىزنىڭ قورقۇشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، بىز ئاخىرغىچە ساداقەتمەنلىكنى ساقلىساق، ئاسماندىكى كۆيۈمچان ئاتىمىز بىزگە «ئادەتتىكى كۈچتىن ئېشىپ چۈشىدىغان كۈچ»نى بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، «ئىنسان ئوغلى ئالدىدا» تۇرالايمىز (2-كورىنت. 4:7؛ لۇقا 21:36). بىزنىڭ ئۈمىدىمىز مەيلى ئاسماندا ياشاش ياكى يەردە ياشاش بولسۇن، ئەيسانىڭ تەمسىللىرىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قۇلاق سالساق، خۇدايىمىز يەھۋانىڭ كۆڭلى خۇرسەن بولىدۇ. يەھۋا بىزگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، ئىسىملىرىمىزنى «ھاياتلىق كىتابىغا» يېزىلىدۇ.—دانىيال 12:1؛ ۋەھىي. 3:5.
146-ناخشا ماڭا قىلدىڭلار
a «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلى، 2024-يىل، ماي ئېيى سانىدىكى «يەھۋانىڭ كېلەچەكتىكى ھۆكۈملىرى ھەققىدە بىز نېمىلەرنى بىلىمىز؟» دېگەن ماقالىگە قاراڭ.
b كۆپرەك بىلىم ئېلىش ئۈچۈن، «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلى، 2015-يىل، 15-مارت سانىدىكى (باشقا تىلدا) «ھوشيار تۇرامسىز؟» دېگەن ماقالىگە قاراڭ.
d سۈرەتلەردە. مەسىھ قىلىنغان قېرىنداش ۋەز خىزمىتىدە ئۇچراتقان بىر ئايال بىلەن مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ.