ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى
ئەيسا ئەلچىلىرى بىلەن خاتىرىلەش كەچلىك داستىخىنىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئۇ ئىلگىرى ۋەز ئېيتىشقا ئەۋەتكەن 70 شاگىرت قەيەردە ئىدى؟ ئۇلار ئەيسانى تاشلاپ كەتكەنمۇ؟
ئەيسا ئۆز ئەلچىلىرى بىلەن خاتىرىلەش كەچلىك داستىخىنىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، 70 شاگىرتى ئۇنىڭ يېنىدا بولمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئەيسانى تاشلاپ كەتكەنلىكى ياكى ئەيسانىڭ ئۇلاردىن خۇرسەن بولمىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. شۇ پەيتتە، ئۇ پەقەت ئەلچىلىرى بىلەن بىللە بولۇشنى خالىغان.
ئەيسا 12 ئەلچىسىنى ۋە 70 شاگىرتىنى ياخشى كۆرگەن. ئۇ ئالدى بىلەن شاگىرتلىرى ئارىسىدىن 12 كىشىنى تاللاپ، ئۇلارنى ئەلچىلەر دەپ ئاتىغان (لۇقا 6:12–16). ئەيسا جەلىلىيەدە بولغاندا، «ئون ئىككى ئەلچىنى چاقىرىپ، … ئۇلارنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى تارقىتىش ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا» ئەۋەتكەن (لۇقا 9:1–6). كېيىنرەك، ئەيسا يەھۇدىيەدە بولغاندا، «70 كىشىنى تاللاپ، … ھەربىر شەھەر ۋە ھەربىر جايغا ئىككى-ئىككىدىن» ئەۋەتكەن (لۇقا 9:51؛ 10:1). بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ پەرقلىق شەھەرلەردە ۋە جايلاردا ئۇ ھەققىدە خۇش خەۋەر ئېيتقان شاگىرتلىرى بولغان.
ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى بولغان يەھۇدىيلار ئاۋۋالقىدەكلا ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ھەر يىلى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزگەن (چق 12:6–11، 17–20). ئۆلۈمى يېقىنلاشقاندا، ئەيسا ئەلچىلىرى بىلەن يېرۇسالىمغا بارغان. لېكىن، ئۇ يەھۇدىيەدىكى، جەلىلىيەدىكى ۋە پېرېيادىكى بارلىق شاگىرتلىرىنى بىرلىكتە ھېيت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرمىغان. ئېنىقكى، ئەيسا بۇ ئالاھىدە پەيتنى پەقەت ئەلچىلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈشنى خالىغان. ئۇ ئەلچىلىرىگە مۇنداق دېگەن: «ئازاب چېكىشتىن ئىلگىرى، بۇ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى سىلەر بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ يېيىشكە ئىنتىزار بولۇپ كەلدىم».—لۇقا 22:15.
ئەيسانىڭ شۇنداق قىلىشىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى بولغان. پات-يېقىندا، ئەيسا «دۇنيانىڭ گۇناھىنى كۆتۈرىدىغان خۇدانىڭ قوزىسى» سۈپىتىدە ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك ئىدى (يۇھاننا 1:29). ئۇ يېرۇسالىمدا جېنىنى پىدا قىلىشى كېرەك ئىدى، چۈنكى ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى، يېرۇسالېمدا خۇداغا قۇربانلىقلارنى تەقدىم قىلاتتى. ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قوزىسى ئىسرائىللارغا يەھۋانىڭ ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىنى ئەسلەتكەن. بىراق، ئەيسانىڭ قۇربانلىقىنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، ئۇ ئىنسانىيەتنى گۇناھ ۋە ئۆلۈمنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلاتتى (1-كورىنت. 5:7، 8). ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، 12 ئەلچى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى جامائىتىنىڭ ئۇل تاشلىرى بولاتتى (ئەفەس. 2:20–22). قىزىقارلىق بىر يېرى، مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالىمنىڭ «ئون ئىككى ئۇل تېشى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قوزىنىڭ ئون ئىككى ئەلچىسىنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغانىدى» (ۋەھىي. 21:10–14). شەك-شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ ئىرادىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىدا، ئەيسانىڭ 12 ئەلچىسى ئالاھىدە مۇھىم رول ئوينايتتى. شۇڭا، ئەيسا مەسىھنىڭ 12 ئەلچىسى بىلەن بىرلىكتە ئاخىرقى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشى ۋە ئاندىن كېيىن مەسىھنى خاتىرىلەش كەچلىك داستىخىنىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەيران قالارلىق ئەمەس.
شۇ مۇھىم بىر پەيتتە، 70 شاگىرت ۋە باشقا شاگىرتلار ئەيسا بىلەن بىر داستىخاندا بولمىغان. بىراق، ئۇلار سادىق بولۇپ قالسا، ئۇلارمۇ ئەيسا ئورۇنلاشتۇرغان خاتىرىلەش كەچلىك داستىخىنىنىڭ پايدىسىنى كۆرەلەيتتى. ئاشۇ بارلىق شاگىرتلار ۋاقىت ئۆتۈپ مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنىپ پادىشاھلىق ئەھدىسىنى تۈزگۈچىلەر قاتارىغا كىرەلەيتتى. ئەيسا ئاشۇ كېچىسى ئەلچىلەرگە شۇ ئەھدە توغرۇلۇق سۆز قىلغان ئىدى.—لۇقا 22:29، 30.