37-تەتقىق ماقالىسى
54-ناخشا ئېتىقادتا چىڭ تۇرايلى
ساداقەتمەنلىك بىلەن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىشكە ياردەم بېرەلەيدىغان خەت
«دەسلەپتىكى ئىشەنچىمىزنى ئاخىرغىچە مەھكەم» تۇتايلى.—ئىبرانىي. 3:14.
مەركىزى ئىدىيە
زامان ئاخىرىغىچە ساداقەتمەنلىك بىلەن بەرداشلىق بېرىشكە ياردەم بېرىدىغان ئىبرانىيلار يېزىلغان خەتتىكى ئەمەلىي نەسىھەتلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز.
1، 2. 1) ئەلچى پاۋلۇس ئىبرانىيلار خەت يازغاندا، يەھۇدىيەدە نېمە ئىش يۈز بەرگەن؟ 2) نېمە ئۈچۈن بۇنى ئۆز ۋاقىتىدا يېزىلغان خەت دېيىشكە بولىدۇ؟
يېرۇسالىم ۋە يەھۇدىيەدە ياشىغان مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئەيسانىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. جامائەت تەشكىللىنىپ كۆپ ئۆتمەي، ئۇلار قاتتىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان (ئەلچى. 8:1). ئاندىن تەخمىنەن 20 يىلدىن كېيىن، ئېغىر ئاچارچىلىق ۋە نامراتلىق تۈپەيلى ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن (ئەلچى. 11:27–30). لېكىن، مىلادى 61-يىللىرى يەھۇدىيەدىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى بىراز تىنچ-خاتىرجەملىككە ئېرىشكەن. دەل شۇ مەزگىلدە، ئەلچى پاۋلۇس ئۇلارغا بىر خەتنى ئەۋەتكەن. يەھۋا بۇ خەتتىكى نەسىھەت سۆزلىرى ئارقىلىق قېرىنداشلارنىڭ پات-ئارىدا يۈز بېرىدىغان قىيىنچىلىقلارغا تەييارلىنىشى ئۈچۈن دەل ۋاقتىدا كۆرسەتمە بەرگەنىدى. بۇنى ئۇلار كېيىنرەك چۈشىنىپ يەتكەن.
2 ئىبرانىيلار يېزىلغان خەت نېمە ئۈچۈن ئۆز ۋاقتىدا يېزىلغان؟ چۈنكى، شۇ تىنچ-خاتىرجەملىك ئۇزۇن داۋام قىلمايتتى. ئەيسا ئالدىن ئېيتقاندەك، يېرۇسالىم پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنىدىغان ۋاقىت يېقىنلاپ قالغانىدى. پاۋلۇس ئۆز خېتىدە مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە شۇ بالايىئاپەت مەزگىلىدە ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاپ قېلىشقا ياردەم بېرىدىغان نەسىھەتلەرنى يازغان (لۇقا 21:20). ئەلۋەتتە، مەيلى پاۋلۇس ياكى يەھۇدىيەدە ياشىغان مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى بولسۇن، بۇ بالايىئاپەتنىڭ قاچان يۈز بېرىدىغانلىقى بىلمەيتتى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار ئۆزىنى تەييارلاش ئۈچۈن قالغان ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئىمان-ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەش ۋە سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگىنەلەيتتى.—ئىبرانىي. 10:25؛ 12:1، 2.
3. نېمە ئۈچۈن ئىبرانىيلار يېزىلغان خەت بۈگۈنكى كۈندىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئۈچۈن ھەم بەك پايدىلىق ؟
3 ئەيسانىڭ دەسلەپكى ئەگەشكۈچىلىرى باشتىن كەچۈرگەن بالايىئاپەتتە قارىغاندا، پات-يېقىندا بىز دۇچ كېلىدىغان بالايىئاپەت ئىنتايىن چوڭ (مەتتا 24:21؛ ۋەھىي. 16:14، 16). ئۇنداقتا كېلىڭلار، يەھۋا خۇدا شۇ ئىبرانىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە بەرگەن بەزى نەسىھەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ كۆرەيلى. ئۇلار بىز ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بولىدۇ.
«پىشىپ-يېتىلىشكە قاراپ ماڭايلى»
4. ئىبرانىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
4 يەھۇدىي خەلقى ئارىسىدىن چىققان مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى كۆپ ئۆزگىرىشلەرنى قىلىشى كېرەك ئىدى ۋە بۇ ئاسانغا چۈشمىگەن. چۈنكى، ئۇلار ئىلگىرى يەھۋا خۇدانىڭ تاللانغان خەلقى بولغان. يەھۋاغا ۋاكالىتەن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن پادىشاھلار يېرۇسالېمدا تۇرۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان. يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانا بولسا پاك ئىبادەتنىڭ مەركىزى بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بارلىق سادىق يەھۇدىيلار تەۋرات قانۇنغا ۋە دىنىي ئۇستازلار بەلگىلىگەن قائىدە-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان. ئاشۇ قائىدە-تۈزۈملەر تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يەپ-ئىچىش، خەتنە قىلىش ۋە يات خەلقلەر بىلەن باردى-كەلدى ئالاقىدە بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. بىراق، ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، يەھۋا يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىدا سۇنغان قۇربانلىقلىرىنى قوبۇل قىلمايدىغان بولغان. تەۋرات قانۇنى بويىچە ياشاشقا ئۆگىنىپ قالغان يەھۇدىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئۈچۈن، بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلىش ئاسان بولمىغان (ئىبرانىي. 10:1، 4، 10). ھەتتا ئىمان-ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەن ئېتىقادچىلارنىڭمۇ، مەسىلەن پېترۇسنىڭ بەزى ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىپ ياشىشى ئاسان بولمىغان (ئەلچى. 10:9–14؛ گالاتىيا. 2:11–14). يەھۇدىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى يېڭى دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك، دىن ئۇستازلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان.
5. مەسىھنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھەقىقەت يولىدا مېڭىشىغا نېمە ياردەم بەرگەن؟
5 يەھۇدىيەدىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن قارشىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. بىر تەرەپتىن، يەھۇدىي دىنىي ئۇستازلىرى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە يەھۇدىي دىنىدىن يۈز ئۆرۈگەن كىشىلەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلغان. يەنە بىر تەرەپتىن، جامائەتتىكى بەزى ئېتىقادچىلار بەلكىم زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن قورققاچقا، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى داۋاملىق تەۋرات قانۇنىغا رىئايە قىلىشى كېرەك دەپ ئۆز سۆزىدە چىڭ تۇرۇۋالغان (گالاتىيا. 6:12). ئۇنداقتا، سادىق ئېتىقادچىلارنىڭ ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشىغا نېمە ياردەم بەرگەن؟
6. ئەلچى پاۋلۇس ئېتىقادداشلىرىنى نېمە ئىش قىلىشقا دەۋەت قىلغان؟ (ئىبرانىيلار 5:14–6:1)
6 پاۋلۇس ئىبرانىيلارغا يازغان خېتىدە، ئېتىقادچىلارنى خۇدانىڭ سۆزىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلغان (ئىبرانىيلار 5:14–6:1-نى ئوقۇڭ). پاۋلۇس ئىبرانىيچە مۇقەددەس يازمىلاردىن ئايەتلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش ئۇسۇلى يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەت قىلىش ئۇسۇلىغا قارىغاندا كۆپ ئۈستىن تۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن a. ئەلچى پاۋلۇس مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى مۇقەددەس يازمىلاردىن تېخىمۇ كۆپرەك بىلىم ئاشۇرۇپ، ھەقىقەتنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشكە دەۋەت قىلغان. شۇنداق بولغاندا، ئۇلار ساختا تەلىملەرنى پەرق ئېتىپ، ئۇلارنى رەت قىلالايتتى.
7. بۈگۈنكى كۈندە بىز قانداق سىناقلارغا دۇچ كېلىمىز؟
7 بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئوخشاش، بىزمۇ ھازىر يەھۋا خۇدانىڭ ھەققانىي ئۆلچەم-تەلەپلىرىگە زىت كېلىدىغان كۆز قاراشلار ۋە ئوي-پىكىرلەرگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. قارشى چىققۇچىلار دائىم مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان ئەخلاق ئۆلچەملىرىمىز ۋە جامائەتتىن چىقىرىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرۇشىمىزغا ھۇجۇم قىلىپ، بىزنى كۆز قارىشى تار ۋە رەھىم-شەپقەتسىز دەپ ئەيىبلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىنسانلارنىڭ دۇنيا قارشى ۋە چۈشەنچىسى بارغانسېرى ياراتقۇچى يەھۋانىڭ مۇكەممەل كۆز قارىشىدىن كۆپ يىراقلىشىپ كەتتى (پەند. نە 17:15). شۇ سەۋەبتىن، چوقۇم ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇپ، ھەرخىل ساختا تەلىملەرنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئۇلارنى رەت قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغىنىمىزدا، قارشى چىققۇچىلارنىڭ ئىشەنچىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، بىزنى يەھۋادىن يىراقلاشتۇرۇپ كېتىشىگە يول بەرمەيمىز.—ئىبرانىي. 13:9.
8. پىشىپ يېتىلىشكە قاراپ مېڭىشىمىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
8 ئەلچى پاۋلۇس يەھۇدىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى روھىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلىشكە قاراپ مېڭىشقا دەۋەت قىلغان. بىزمۇ شۇ نەسىھەتكە قۇلاق سېلىشىمىز لازىم. بۇ يەھۋا خۇدانى ۋە ئۇنىڭ كۆز قارىشىنى ياخشىراق چۈشىنىش ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بىز چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك. ھەقىقەتنى تونۇغىلى قانچە ئۇزۇن يىللار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىمىز دائىم مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇپ، تەتقىق قىلىشىمىز لازىم (زەبۇر 1:2). مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئىمان-ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ. ئەلچى پاۋلۇس ئىبرانىيلار يازغان خېتىدە بۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ تەكىتلىگەن.—ئىبرانىي. 11:1، 6.
«جېنىمىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىمان-ئېتىقادقا ئىگە بولغانلاردىنمىز»
9. بىرىنچى ئەسىردىكى ئىبرانىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن كۈچلۈك ئىمان-ئېتىقادى بولۇشى كېرەكتى؟
9 يەھۇدىيەدىكى ئىبرانىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىمان-ئېتىقادى بولغاندىلا، ئۇلار دۇچ كېلىدىغان بالايىئاپەتتىن ئامان-ئېسەن ئۆتەلەيتتى (ئىبرانىي. 10:37–39). ئەيسا شاگىرتلىرىنى ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، رىم قوشۇنلىرى يېرۇسالىمنى قورشاۋغا ئالغانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ تاغلارغا قېچىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. مەيلى يېرۇسالېم شەھىرى ئىچىدە ياكى يەھۇدىيەنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلاردا ياشايدىغان مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى بولسۇن، ھەممىسى ئەيسانىڭ نەسىھەت سۆزىگە بويسۇنۇشى كېرەك ئىدى (لۇقا 21:20–24). شۇ زامانلاردا، قوشۇنلارنىڭ ھۇجۇم قىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەندە، ئادەتتە يېزا-قىشلاقلاردا ياشايدىغان ئادەملەر يېرۇسالېمغا ئوخشاش مۇستەھكەم سېپىل تاملىرى بار شەھەرلەرگە قېچىپ كىرىپ پاناھلىق ئىزدەيتتى. شۇڭلاشقا، تاغقا قېچىش قارىماققا ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر نەسىھەت بولۇپ، شۇنداق قىلىش ئۈچۈن كۈچلۈك ئىمان-ئېتىقاد كېرەك ئىدى.
10. كۈچلۈك ئىمان-ئېتىقاد مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى نېمە ئىش قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ؟ (ئىبرانىيلار 13:17)
10 يەھۇدىيەدىكى ئىبرانىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى يەنە ئەيسا ئۆزى جامائەتكە يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن تەيىنلىگەن بۇرادەرلەرگە ئىشىنىشى كېرەك ئىدى. ئەيسا ئېيتقان بېشارەت ئەمەلگە ئېشىۋاتقاندا، شۇ يېتەكچىلىكنى ئۆز ئۈستىگە بۇرادەرلەر قېرىنداشلارنىڭ تاغقا قاچان ۋە قانداق قېچىشى توغرۇلۇق ئېنىق كۆرسەتمىلەرنى بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. (ئىبرانىيلار 13:17-نى ئوقۇڭ). ئىبرانىيلار 13:17-دە، «ئىتائەت قىلىڭلار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان گرېكچە سۆز، بىر ئادەمنىڭ يول-يورۇق بەرگەن كىشىگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن چىن كۆڭلىدىن قايىل بولۇپ بويسۇنۇشىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنداق كۆز قاراشنى يېتىلدۈرگەن كىشى، ھوقۇققا بويسۇنۇشقا مەجبۇرلانغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يېتەكچىلىك قىلىدىغان كىشىگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن ئىتائەت قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئىبرانىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى بالايىئاپەت كېلىشتىن ئاۋۋال، يېتەكچىلىكنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئاقساقاللارغا ئىشىنىشنى ئۆگىنىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر ئۇلار تىنچ-خاتىرجەم ياشاۋاتقان مەزگىلدە ئىتائەتچانلىق بىلەن ئاقساقاللارنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەگىشىشىنى ئۆگەنسە، تېخىمۇ قىيىن كۈنلەر كەلگەندە ئۇلارغا بويسۇنۇش ئاسانراق بولاتتى.
11. نېمە ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىمان-ئېتىقادى بولۇشى زۆرۈر؟
11 پاۋلۇسنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئىبرانىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ ئىمان-ئېتىقادىمىزمۇ كۈچلۈك بولۇشى كېرەك. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، مۇقەددەس كىتاب بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى كېلىپ قالغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەر بەرسىمۇ، كۆپىنچە كىشىلەر بۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، ھەتتا بۇنىڭغا ئىشەنگەن بىزلەرنىڭ ئۈستىمىزدىن كۈلىدۇ (2-پېتر. 3:3، 4). ئۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس كىتابتا دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتكە مۇناسىۋەتلىك بەزى تەپسىلاتلار تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، بىزگە نامەلۇم نۇرغۇن نەرسىلەر بار. شۇڭلاشقا، بىزنىڭ مۇستەھكەم ئىمان-ئېتىقادىمىز بولۇشى زۆرۈر. شۇندىلا، بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى دەل يەھۋا بەلگىلىگەن ۋاقىت-سائەتتە كېلىدىغانلىقىغا ۋە شۇ چاغدا ئۇ بىزنى ياردەمسىز تاشلاپ قويمايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىشىمىز.—ھاباق. 2:3.
12. دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتتىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈشىمىزگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
12 بىز چوقۇم ئىمانىمىزنى كۈچەيتىپ، يەھۋانىڭ «سادىق ھەم ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل»نى ئىشلىتىپ، بۈگۈنكى كۈندە بىزنى يېتەكلەۋاتقانلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرەك (مەتتا 24:45). رىملىقلار يېرۇسالىمنى قورشاۋغا ئالغاندا، ئىبرانىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە بەلكىم قېچىپ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدە كۆرسەتمىلەر بېرىلگەن. خۇددى شۇنىڭدەك، دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت باشلانغاندىن كېيىن، بەلكىم بىزگىمۇ شۇ بالايىئاپەتتىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈشىمىزگە يول كۆرسىتىدىغان ئېنىق كۆرسەتمىلەر بېرىلىشى مۇمكىن. ھازىر يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدا يېتەكچىلىكنى ئۆز زىممىسىگە ئالغانلارغا ئىشىنىپ، ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنۇشنى ئۆگىنىشىمىز لازىم. ئەگەر ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئىشەنمىسەك ۋە بويسۇنمىساق، دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت مەزگىلىدە، ئۇلار بېرىدىغان كۆرسەتمىلەرگە بويسۇنۇش قىيىن بولىدۇ.
13. نېمە ئۈچۈن ئىبرانىيلار 13:5-ئايەتتىكى ئاگاھلاندۇرۇشقا بويسۇنۇش بەك مۇھىم؟
13 تاغقا قېچىش توغرۇلۇق بەلگە بېرىلىشتىن ئاۋۋال، يەھۇدىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى پۇلپەرەسلىككە بېرىلمەي، ئاددى-ساددا ھايات كەچۈرۈشى كېرەك ئىدى (ئىبرانىيلار 13:5-نى ئوقۇڭ). ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاچارچىلىق بىلەن نامراتلىقنى باشتىن ئۆتكۈزگەن (ئىبرانىي. 10:32–34). ھەتتا ئۇلار ئىلگىرى خۇش خەۋەر ئۈچۈن جاپا مۇشەققەت ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە تەييار بولغان. بىراق، كېيىنرەك بەزىلەر بەلكىم ئۆزىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى خەۋپ-خەتەردىن قوغدىنىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۆپرەك پۇل تېپىشقا قاراتقان. لېكىن، يېرۇسالىم ۋەيران قىلىنغاندا، ئۇلارنىڭ پۇلى ياكى مال-دۇنياسى ئۇلارنى قوغداپ قالالمايتتى (ياقۇپ 5:3). ئەمەلىيەتتە، مال-دۇنيا، بايلىقنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەملەر ئۈچۈن ھەممىنى تاشلاپ قېچىپ كېتىش ئىنتايىن قىيىن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆي-زېمىنى ۋە مال-دۇنياسىنى تاشلاپ كېتىشكە كۆزى قىيمايدۇ.
14. مال-دۇنيا بىلەن مۇناسىۋەتلىك قارارلارنى چىقارغاندا، كۈچلۈك ئىمان-ئېتىقاد بىزگە قانداق تەسىر قىلالايدۇ؟
14 ئەگەر بۇ رەزىل دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى يېقىنلاپ قالغانلىقىغا چوقۇم ئىشەنسەك، بايلىق توپلاشقا ئازدۇرۇلمايمىز. دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت مەزگىلىدە، پۇلنىڭ ھېچقانداق قىممىتى بولمايدۇ. ئىنسانلار «كۈمۈشلىرىنى كوچىلارغا تاشلىۋېتىدۇ». چۈنكى، شۇنى تونۇپ يېتىشىدۇ، يەنى «يەھۋانىڭ غەزەپ كۈنىدە ئالتۇن-كۈمۈشلىرى ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ» (ھەزەك. 7:19). كۆپ پۇل تېپىشنىڭ ئورنىغا، ئۆزىمىز ۋە ئائىلىمىزدىن خەۋەر ئېلىشقا ۋە يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان قارارلارنى چىقىرىشىمىز لازىم. ئورۇنسىز قەرز ئېلىش ياكى مال-مۈلكىمىزنى ساقلاش ئۈچۈن ئارتۇقچە كۆپلەپ پۇل خەجلەش ئاقىلانە قارار بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مال-دۇنياغا بەك چىڭ باغلىنىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشىمىز لازىم (مەتتا 6:19، 24). مۇشۇ زاماننىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالغان ئىكەن، چوقۇم ئېنىق بىر قارارنى چىقىرىشىمىز كېرەك: ياراتقۇچىمىز يەھۋاغا ئىشەنچ قىلىمىزمۇ ياكى مال-دۇنيالىرىمىزغىمۇ؟
«سەۋر-تاقەتلىك بولۇشۇڭلار كېرەك»
15. نېمە ئۈچۈن ئىبرانىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشى بەك مۇھىم بولغان؟
15 يەھۇدىيەدىكى ۋەزىيەت ناچارلاشقانسېرى، ئىبرانىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى چوقۇم سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بېرىشكە توغرا كەلگەن، شۇندىلا ئۇلار يەھۋاغا داۋاملىق ئىبادەت قىلالايتتى (ئىبرانىي. 10:36). گەرچە ئىلگىرى ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شىددەتلىك زىيانكەشلىكلەرگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، كۆپىنچىسى بىرئاز تىنچ-خاتىرجەملىككە ئېرىشكەن ئىدى. شۇڭلاشقا، پاۋلۇس گەرچە ئۇلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادى بەزى سىناقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلار تېخى قاتتىق زىيانكەشلىكلەرگە دۇچ كەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش ئۆلگىچە ساداقەتمەنلىكنى ساقلاشقا تەييار بولۇشقا دەۋەت قىلغان (ئىبرانىي. 12:4). ئەمما، ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئېتىقادچىلارغا قارشى تۇرىدىغان يەھۇدىيلار بارغانسېرى غەزەپلىنىپ، شىددەت بىلەن زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىغان. مەسىلەن، پاۋلۇس مۇشۇ خەتنى يېزىشتىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى يېرۇسالىمغا بېرىپ، خۇش خەۋەرنى تارقىتىپ يۈرگەندە، بىر توپ كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. شۇ چاغدا، 40تىن كۆپرەك يەھۇدىيلار «پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمىگۈچە، ھېچ نەرسە يېمەيمىز، ئىچمەيمىز، دەپ قەسەم» قىلغانىدى (ئەلچى. 22:22؛ 23:12–14). خەلقنىڭ شۇنداق قارشىلىقى ۋە ئۆچمەنلىكىگە قارىماي بىر جايغا يىغىلىپ ئىبادەت قىلىش ۋە خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىش ئۈچۈن، ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى كۈچلۈك ئىمان-ئېتىقادىنى ساقلىشى كېرەك ئىدى.
16. ئىبرانىيلار يېزىلغان خەت سىناقلارغا قارىتا توغرا كۆز قاراشتا بولۇشىمىزغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ (ئىبرانىيلار 12:7)
16 ئىبرانىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەك ئىدى؟ ئەلچى پاۋلۇس، ئۇلارنىڭ سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە قارىتا توغرا كۆز قاراشتا بولۇشى كېرەكلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن. شۇڭلاشقا، ئۇ يەھۋانىڭ شۇنداق قىيىنچىلىقلارغا يول قويۇشى، ئۇلارنى تاۋلاپ تەربىيىلەش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن (ئىبرانىيلار 12:7-نى ئوقۇڭ). شۇنداق تەربىيىلەشنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇلار خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرەلەيتتى. شۇنداق سىناقلارنىڭ پايدىسىغا دىققەت قارىتىش ئارقىلىق، ئىبرانىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشى ئاسانراق بولاتتى.—ئىبرانىي. 12:11.
17. زىيانكەشلىككە بەرداشلىق بېرىش ھەققىدە پاۋلۇس نېمىلەرنى ئۆگەنگەن؟
17 ئەلچى پاۋلۇس ئىبرانىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى قەتئىي ئىرادىلىك بولۇپ، قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە ئۈندىگەن. ئۇ ھەقىقەتەن شۇنداق نەسىھەتنى بېرەلەيدىغان بىرى ئىدى. سەۋەبى، پاۋلۇس ئۆزى ئىلگىرى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە زىيانكەشلىك قىلغان. شۇڭلاشقا، ئۇ ئۇلارنىڭ قانداق زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بەك ياخشى بىلەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئۆزى ئەيسانىڭ شاگىرتى بولغاندىن كېيىن، ھەر تۈرلۈك قارشىلىقلارغا دۇچ كەلگەن، شۇڭا زىيانكەشلىكلەرگە قانداق بەرداشلىق بېرىش كېرەكلىكىنىمۇ بىلەتتى (2-كورىنت. 11:23–25). دېمەك، پاۋلۇس ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىشكە نېمە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلگەن. ئۇ ئىبرانىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى سىناقلارغا بەرداشلىق بەرگەندە، ئۆزىگە ئەمەس، بەلكى يەھۋاغا تايىنىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. پاۋلۇس جاسارەت بىلەن شۇنداق دېيەلىگەن ئىدى: «يەھۋا مېنىڭ ياردەمچىمدۇر، مەن قورقمايمەن».—ئىبرانىي. 13:6.
18. كېلەچەكتە بىزنى نېمە ئىش كۈتۈپ تۇرىدۇ ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر نېمە تەييار بولۇشىمىز كېرەك؟
18 بۈگۈنكى كۈندە، بەزى ئېتىقادچى قېرىنداشلار زىيانكەشلىكلەرگە بەرداشلىق بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. بىز ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلساق، باشقا يوللار بىلەن ئۇلارغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم بەرسەك بولىدۇ (ئىبرانىي. 10:33). مۇقەددەس كىتاب ناھايىتى ئېنىق ئېيتقانكى، «مەسىھ ئەيساغا ئەگىشىپ، خۇداغا سادىق ھايات كەچۈرۈشنى ئىرادە قىلغانلارنى ھەممىسىى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ». بۇنى ھەم ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك (2-تىموت. 3:12). خۇلاسە قىلساق، بىز ھەممىمىز كەلگۈسىدە دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارغا تەييار بولۇشىمىز كېرەك. مەيلى قانداق سىناقلارغا دۇچ كېلەيلى، يەھۋاغا پۈتۈن قەلبىمىز بىلەن ئىشەنچ قىلساق، ئۇ سىناقلاردا چوقۇم بىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئۆز ۋاقتى كەلگەندە، يەھۋا چوقۇم بارلىق سادىق خىزمەتچىلىرىنى قىيىنچىلىقلاردىن ئازاد قىلىدۇ.—2-سالونىكا. 1:7، 8.
19. دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتكە قانداق تەييارلىق قىلالايمىز؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
19 پاۋلۇسنىڭ ئىبرانىيلار يازغان خېتى بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئالدىدا ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرغان بالايىئاپەتكە تەييارلىنىشىغا ياردەم بەرگەنلىكى شەك-شۈبھىسىزدۇر. ئەلچى پاۋلۇس ئېتىقاد قېرىنداشلىرىنى خۇدا سۆزىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىپ، ھەقىقەتكە بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا دەۋەت قىلغان. ئەگەر شۇنداق قىلغىنىدا، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىمان-ئېتىقادىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان خاتا تەلىملەرنى تونۇپ يېتىپ، ئۇلارنى رەت قىلالايتتى. ئەيسانىڭ ۋە جامائەتتە يېتەكچلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان بۇرادەرلەرنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە دەرھال قۇلاق سېلىشى ئۈچۈن، پاۋلۇس ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىنى داۋاملىق ئىمان-ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەشكە ئۈندىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، پاۋلۇس ئۇلارنىڭ بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارنى قىيىنچىلىقلارغا قارىتا توغرا كۆز قاراشتا بولۇشقا، يەنى سىناقنى سۆيگۈ-مۇھەببەتكە تولغان ياراتقۇچىدىن تەلىم-تەربىيە ئېلىشنىڭ بىر پۇرسىتى دەپ قاراشقا دەۋەت قىلغان. بىزمۇ مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامى بىلەن يېزىلغان مۇشۇ نەسىھەتكە قۇلاق سالايلى. شۇنداق قىلساق، بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرى كەلگۈچە ئىمان-ئېتىقادتا مەھكەم تۇرۇپ، ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرەلەيمىز.—ئىبرانىي. 3:14.
43-ناخشا ھوشيار، مەھكەم ۋە قەيسەر بول!
a بىرىنچى بابتا، پاۋلۇس مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئىبادەت قىلىش ئۇسۇلى يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەت قىلىش ئۇسۇلىدىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كەم دېگەندە ئىبرانىيچە يازمىلاردىن يەتتە قېتىم ئايەتلەرنى نەقىل كەلتۈرگەن (ئىبرانىي. 1:5–13).