تەرجىمىھال
يەھۋاغا خىزمەت قىلىپ، مەنىلىك ئۆتكەن ھايات
1951-يىلى كانادانىڭ كۋېبېك ئۆلكىسىدىكى رۇئېن دېگەن كىچىك شەھەرگە كۆچۈپ كەلدىم. ماڭا بەرگەن ئادرېسقا كېلىپ، ئىشىكنى قاقتىم. ئىشىكنى گىلىئاد مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن مارسېل فىلتو a دېگەن مىسسىئونېر ئاچتى. ئۇ 23 ياشلىق بويى ئېگىز يېگىت ئىدى، مەن بولسام 16 ياش ئىدىم. بويۇم ئۇنىڭدىن خېلىلا پاكار ئىدى. مەن ئۇنىڭغا پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكىم توغرىسىدىكى خەتنى كۆرسەتتىم. ئۇ شۇ خەتنى ئوقۇپ، ماڭا قاراپ: «ئاپاڭ سېنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىڭنى بىلەمدۇ؟»،— دەپ سورىدى.
مېنىڭ ئائىلەم
مەن 1934-يىلى توغۇلغان. ئاتا-ئانام شۋېتسارىيەدىن كانادانىڭ ئونتارىئو ئۆلكىسىدىكى تىممىنس دېگەن كانچىلار شەھىرىگە كۆچۈپ كەلگەن. 1939-يىللىرى ئاپام «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلىنى ئوقۇشنى ۋە يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىشقا باشلىغان. ئۇ مېنى ۋە باشقا ئالتە قېرىندىشىمنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ باراتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئاپام يەھۋا گۇۋاھچىسى بولدى.
گەرچە دادام ئاپامنىڭ گۇۋاھچى بولغانلىقىنى ياقتۇرمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئاپام ھەقىقەتنى چىن يۈرىكىدىن ياخشى كۆرگەن ۋە يەھۋاغا سادىق قېلىشقا بەل باغلىغان ئىدى. ھەتتا 1940-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ پائالىيىتى كانادادا مەنئىي قىلىنغاندىمۇ، ئاپام يەھۋاغا سادىق بولۇپ قالدى. دادام پات-پات ئاپامنى تىللاپ، قوپال مۇئامىلە قىلسىمۇ، ئاپام دائىم دادامغا مۇلايىملىق بىلەن ھۆرمەت كۆرسىتەتتى. ئاپامنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسى ماڭا ۋە قېرىنداشلىرىمغا ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشقا ياردەم بەردى. كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئىش يۈز بەردى، دادام ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىپ، بىزگە مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى.
تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتنى باشلىشىم
1950-يىلى يازدا مەن نيۇ-يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىلىشقا قاتناشتىم. شۇ ۋاقىتتا جاي-جايلاردىن كەلگەن ئېتىقادچى قېرىنداشلار بىلەن ئارىلىشىپ، گىلىئاد مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن قېرىنداشلارنىڭ كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، يەھۋاغا تېخىمۇ كۆپرەك خىزمەت قىلغۇم كەلدى! شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتنى باشلاشقا بەل باغلىدىم. چوڭ يىغىلىشتىن ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇردۇم. كانادادىكى بەيتەل ئىلتىماسىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئاۋۋال چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشۈم كېرەكلىكىنى ئېيتتى. شۇنداق قىلىپ، مەن 1950-يىلنىڭ 1-ئۆكتەبىر كۈنى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتۈم. بىر ئايدىن كېيىن پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ، كاپۇسكاسىڭ شەھىرىگە ئەۋەتىلدىم. ئۇ شەھەر ئائىلەمدىكىلەر تۇرۇۋاتقان يەردىن ئىنتايىن يىراق جايدا ئىدى.
1951-يىلى ئەتىيازدا، بەيتەل فرانسۇزچە سۆزلىيەلەيدىغان گۇۋاھچىلارنى كۋېبېك ئۆلكىسىگە كۆچۈپ بېرىشقا دەۋەت قىلدى. چۈنكى، فرانسۇزچە سۆزلەيدىغانلار ياشايدىغان رايوندا ۋەز ئېيتقۇچىلار ئىنتايىن ئاز ئىدى. مەن كىچىكىمدىن فرانسۇز ۋە ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىگەچكە، بەيتەلنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدىم ۋە مېنى رۇئين شەھىرىگە ئەۋەتتى. مەن ئۇ يەردە ھېچكىمنى تونۇمايتتىم. بېشىدا ئېيتقىنىمدەك، قولۇمدا پەقەت شۇ بىر ئۆينىڭ ئادرېسى بار ئىدى. لېكىن، ئاخىرىدا ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كەتتى، مارسېل ئىككىمىز ياخشى دوستلاردىن بولۇپ كەتتۇق. مەن كۋېبېك ئۆلكىسىدە تۆت يىل ۋەز قىلدىم، كېيىنرەك مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ تەيىنلەندىم.
گىلىئاد مەكتىپى ۋە تەلمۈرۈپ كۈتكەن ئۈمىد
كۋېبېكتا بولغىنىمدا، گىلىئاد مەكتىپىدە ئوقۇشقا چاقىرىلدىم. شۇ چاغدا، خۇشاللىقىمدىن بېشىم كۆككە يەتكەندەك بولدۇم! 1956-يىلى 12-فېۋرالدا، نيۇ-يوركنىڭ جەنۇبىي لانسىڭ شەھىرىدە گىلىئاد مەكتىپىنىڭ 26-قارارلىق سىنىپىنى پۈتتۈردۈم. مېنى غەربىي ئافرىقىدىكى ھازىر گانا b دەپ ئاتىلىدىغان دۆلەتكە ئەۋەتتى. لېكىن ئۇ يەرگە بېرىشتىن ئاۋۋال، كاناداغا قايتىپ، سەپەر قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك ھۆججەتلەرنى تەييارلىشىم كېرەك ئىدى. شۇ چاغدا، «بىرقانچە ھەپتىدە تەييار بولىدۇ» دەپ ئويلىغان ئېدىم.
قولۇمغا ھۆججەتلەرنى ئالغۇچە يەتتە ئاي كۈتۈپ، تورونتودا كرىپپىس فامىلىلىك ئەر-ئايالنىڭ ئۆيىدە تۇردۇم. ئۇلارنىڭ شېيلا ئىسىملىك قىزى بىلەن تونۇشتۇم. ئىككىمىز بىر-بىرىمىزنى ياقتۇرۇپ قالدۇق. ئۇنىڭغا توي قىلىش تەكلىپىنى قوياي دەپ يۈرگەندە، ۋىزام تەييار بولدى. شېيلا ئىككىمىز دۇئا قىلىپ ئويلانغاندىن كېيىن، مېنىڭ يەنىلا گاناغا بېرىشىمنى قارار قىلدۇق. بىراق، خەت يېزىشىپ تۇرۇشنى، ۋاقتى كەلگەندە توي قىلىشنى ھەم قارار قىلدۇق. ئەلۋەتتە، بۇنداق قارار چىقىرىش ئاسان بولمىدى. لېكىن، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن چىقارغان قارارىمىزنى توغرا بولغانلىقىنى چۈشەندۇق.
مەن ئاۋۋال پويىز، ئاندىن يۈك كېمىسى، كېيىن ئايروپىلان بىلەن بىر ئاي سەپەر قىلىپ، گانانىڭ ئاكرا شەھىرىگە يېتىپ باردىم. ئۇ يەردە مەن دائىرىگە مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلدىم. مەن پۈتۈن گانانى، كوتى دى ئىۋۇئېر (بۇرۇنقى پىل چىشى قىرغىقى) ۋە توگونى (بۇرۇنقى توگولېد) ئارىلاپ سەپەر قىلدىم. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، بەيتەل بەرگەن دالادا يۈرىدىغان ماشىنا بىلەن يالغۇز يول يۈرەتتىم. مەن قېرىنداشلارنى يوقلاپ زىيارەت قىلىش خىزمىتىنى بەك ياخشى كۆرەتتىم.
شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى مەن بىر رايونلۇق چوڭ يىغىلىشىدا خىزمەت قىلاتتىم. چوڭ يىغىلىش زاللىرى بولمىغاچقا، قېرىنداشلار بامبۇك ياغاچلىرى بىلەن پالما يوپۇرماقلىرىدىن قوياش نۇرىدىن ۋاقىتلىق دالدىلىنىدىغان كەپىلەرنى ياسايتتى. چوڭ يىغىلىشلاردا تاماق تەييارلايدىغان جايلاردا توڭلاتقۇ بولمىغاچقا، بۇرادەرلەر بەزى تىرىك مال-چارۋىلارنى شۇ يەردە باغلاپ قويۇپ، تاماق تەييارلايدىغان چاغدا ئۇلارنى سويۇپ، يىغىلىشقا قاتناشقانلارغا تاماق تەييارلايتتى.
شۇ چوڭ يىغىلىشلاردا ھەرخىل قىزىقارلىق ئىش-ۋەقەلەر بولغان. بىر كۈنى، يات ئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان خېربېرت جېننىڭىس c ئىسىملىك بۇرادەر نۇتۇق ئېيتىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز ئاشخانىدىن بىر كالا قېچىپ چىقىپ سەھنە بىلەن نۇتۇق ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئارىسىغا يۈگرەپ كەلدى. خېرب بۇرادەر نۇتۇقىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدى. كالا قەيەرگە بېرىشىنى بىلمەي، ئۇ ياققا، بۇ ياققا يۈگرەپ يۈردى. لېكىن، كۈچلۈك تۆت بۇرادەر كېلىپ ئۇنى تۇتۇپ ئېلىپ كەتتى. تىڭشىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى چاۋاك چېلىشتى.
ھەپتە ئارىلىقىدا، چوڭ يىغىلىش مەيدانلىرىغا يېقىن ئەتراپتىكى يېزا-قىشلاقلارغا بېرىپ، «يېڭى دۇنيا جەمئىيىتىنى ئىش-پائالىيىتى» دېگەن فىلىمنى ئادەملەرگە كۆرسىتەتتىم. مەن ئالدى بىلەن ئىككى تۈۋرۈك ياكى دەرەخنىڭ ئارىسىغا بىر پارچە ئاق رەختنى تارتىپ باغلاپ، فىلىمنى شۇ رەخت ئېكراندا كۆرسىتەتتىم. يېزا-قىشلاقلاردىكى ئادەملەر بۇ فىلىمنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەن ئىدى. نۇرغۇن كىشلەر ھاياتىدا بىرىنچى قېتىم فىلىمنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان. فىلىمدا سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەنلەرنىڭ كۆرۈنىشى چىققاندا، ئۇلار ئىنتايىن خۇشال بولۇپ چاۋاك چىلىشىپ كېتەتتى. بۇ فىلىم ئادەملەرگە بىزنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق خەلقئارالىق تەشكىلات ئىكەنلىكىمىزنى كۆرۈپ يېتىشىگە ياردەم بەرگەن.
ئافرىقىدا تەخمىنەن ئىككى يىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، 1958-يىلى نيۇ-يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق چوڭ ئىبادەت يىغىلىشىغا باردىم. شۇ يەرگە كۋېبېكتىن شېيلامۇ كەلگەن ئىدى. ئۇنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولۇپ كەتتىم. شۇ ۋاقىتتا شېيلا مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتاتتى. ئىككىمىز دائىم خەت يېزىشىپ تۇرغان ئىدۇق. ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن قايتا كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭغا توي تەكلىپىنى قويدۇم. ئۇ تەكلىپىمنى قوبۇل قىلدى. كېيىن، مەن نورر d بۇرادەرگە خەت يېزىپ، شېيلانى گىلىئاد مەكتىپىگە چاقىرىشنى ۋە گاناغا ئەۋەتىشنى سورىدىم. نورر بۇرادەر قوشۇلدى. كېيىن، شېيلا گاناغا مېنىڭ قېشىمغا كەلدى. بىز 1959-يىلى 3-ئۆكتەبىر كۈنى ئاكرا شەھىرىدە توي قىلدۇق. شۇ چاغدا، بىز ھاياتىمىزدا يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغاچقا، ئۇنىڭ بىزنى بەرىكەتلىگەنلىكىنى ھېس قىلدۇق.
كامېروندىكى خىزمىتىمىز
1961-يىلى، بىز كامېرونغا ئەۋەتىلدۇق. ئۇ يەردە يېڭى بەيتەل
ئىش بېجىرىش ئورنى قۇرۇش خىزمىتىگە ياردەم بەرگەچكە، ئىنتايىن ئالدىراش بولدۇم. مەن بىرىنچى قېتىم بەيتەل ئىشلىرىغا مەسئۇل خىزمەتچى بولۇپ تەيىنلەنگەچ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىشىمگە توغرا كەلدى. لېكىن، 1965-يىلى بىز شېيلانىڭ ھامىلدار بولغانلىقىنى بىلدۇق. راستىنى ئېيتقاندا، ئاتا-ئانا بولۇشنى بىر مەزگىل ھېچ كاللىمىزدىن ئۆتكۈزەلمەي يۈردۇق. بىراق. بۇ بالىلىق بولۇپ، يېڭى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىشتىن خۇشاللىق ھېس قىلىپ، كاناداغا قايتىشنى پىلان قىلىپ يۈرگەندە، يۈرىكىمىزگە ئازار بېرىدىغان بىر ئىش يۈز بەردى.شېيلانىڭ بويىدىن ئاجراپ كەتتى. دوختۇر بالىنىڭ ئوغۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. 50 يىل ئۆتۈپ كەتسىمۇ، بىز ئۇنى ھېچ ئۇنتۇيالمايمىز. گەرچە بىز ئىنتايىن ئازابلانغان بولساقمۇ، بىز كاناداغا قايتماي، داۋاملىق كامېروندىكى ياخشى كۆرىدىغان خىزمىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدۇق.
كامېروندىكى قېرىنداشلار بىتەرەپلىكنى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن دائىم قارشىلىقلارغا دۇچ كېلەتتى. دۆلەت رەھبىرى سايلام مەزگىلىدە ۋەزىيەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتەتتى. 1970-يىلى 13-ماي كۈنى، دەل بىز ئەندىشە قىلىپ يۈرگەن ئىش يۈز بەردى: يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئىش-پائالىيىتى مەنئىي قىلىندى. ھۆكۈمەت بىز بەش ئاي بۇرۇن كۆچكەن كىرگەن چىرايلىق، يېڭى بەيتەل بىناسىنى تارتىۋالدى. شېيلا ئىككىمىز ۋە باشقا بارلىق [ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچىلارنى بىر ھەپتە ئىچىدە چېگرىدىن قوغلاپ چىقاردى. كامېروندىكى قېرىنداشلىرىمىزدىن ئايرىلىشقا كۆزۈم قىيماي، ئىنتايىن ئازابلاندىم، چۈنكى بىز ئۇلارنى بەك ياخشى كۆرەتتىم ۋە ئۇلارنىڭ كېلەچىكىدىن ئەنسىرەيتتۇق.
كېيىنكى ئالتە ئاي بىز فرانسىيەدىكى بەيتەلدە تۇردۇق. شۇ يەردە تۇرۇپ، مەن قولۇمدىن كەلگىنىچە كامېروندىكى ئېتىقادداشلارغا ياردەم بەردىم. 1970-يىلى دېكابىردا بىز نىگېرىيىدىكى بەيتەلگە خىزمەتكە تەيىنلەندۇق. بۇ بەيتەل ئەمدى كامېروندىكى ئىش-پائالىيىتىمىزگە يېتەكچىلىك قىلاتتى. نىگېرىيىدىكى ئېتىقادداشلار بىزنى قۇچاق ئېچىپ قىزغىن قارشى ئالدى. بىز ئۇ يەردە بىرنەچچە يىل خۇشال-خۇرام خىزمەت قىلدۇق.
ھاياتىمىزدىكى ئەڭ قىيىن قارار
1973-يىلى بىزگە ئىنتايىن قىيىن قارارنى چىقىرىشقا توغرا كەلدى. شېيلانىڭ سالامەتلىكى ناچارلىشىپ كەتكەن ئىدى. نيۇ-يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىلىشقا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە، ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ، ماڭا: «مېنىڭ ئەمدى بەرداشلىق بەردەك كۈچۈم يوق، ھارغىنلىق تېنىمنى چىرمىۋالدى، ئاغرىقچان بولۇپ قالدىم»،— دېدى. شېيلا مەن بىلەن بىرگە غەربىي ئافرىقىدا 14 يىل خىزمەت قىلدى. ئۇنىڭ ساداقەتمەنلىك بىلەن قىلغان خىزمىتىدىن بەك سۆيۈندۈم. لېكىن، شېيلانىڭ تەن-سالامەتلىكى ئۈچۈن بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ، ئىككىمىز بۇ توغرىسىدا كۆپ قېتىم پاراڭلاشتۇق، كۆپ دۇئا قىلدۇق. ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتىش خىزمىتىمىزنى توختىتىش ھاياتىمىزدا چىقارغان ئەڭ قىيىن ۋە ئەڭ ئازابلىق قارار بولدى.
كاناداغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەن تورونتونىڭ شىمالدىكى بىر كىچىك شەھەردە ماشىنا سودىسى قىلىدىغان كونا دوستۇمنىڭ قېشىدىن خىزمەت تاپتىم. شۇنىڭ بىلەن، شېيلا ئىككىمىز بىر ئۆينى ئىجارىگە ئالدۇق، ئىككىنچى قول ئۆي جاھازلىرىنى سېتىۋالدۇق. بىرىگە قەرز بولۇپ قالماي، يېڭى ھاياتىمىزنى باشلىۋالدۇق. كۈنلەرنىڭ بىر كۈنىدە تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتنى قايتا باشلاشنى ئۈمىد قىلاتتۇق، شۇڭا بارىچە ئاددىي ھايات كەچۈرۈشكە تىرىشتۇق. كۆزىمىزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۈمىدىمىز رىئاللىقا ئايلانغاندا، بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران قالدۇق!
مەن شەنبە كۈنلىرى ئونتارىئو ئۆلكىسىدىكى نورۋېل دېگەن يەردە يېڭى چوڭ يىغىلىش زالىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشىغا قاتنىشىپ يۈردۈم. كېيىنرەك، مەن شۇ زالغا مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ
تەيىنلەندىم. شېيلانىڭ تەن-سالامەتلىكى ياخشى بولۇپ قالدى، شۇڭا، بۇ يېڭى ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا كۈچىمىز يېتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن، 1974-يىلى ئىيۇندا ئاشۇ يېڭى سېلىنغان چوڭ يىغىلىش زالىغا كۆچۈپ بېرىپ، قايتىدىن تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتۇق. بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇق!كېيىنچە، شېيلانىڭ سالامەتلىكى ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىپ كەتتى. ئىككى يىلدىن كېيىن، بىز جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىش خىزمىتىگە تەيىنلىنىپ، كانادانىڭ مانىتوبا ئۆلكىسىگە ئەۋەتىلدۇق. ئۇ جايدىكى قىش پەسلىنىڭ سوغۇق ھاۋاسى جاندىن ئۆتەتتى، لېكىن قېرىنداشلارنىڭ ئوتتەك قىزغىن مۇھەببىتى بىزگە سوغۇقنى ھېس قىلدۇرمىدى. بىز شۇنى چۈشىنىپ يەتتۇقكى، ئەڭ مۇھىمى — بىزنىڭ قەيەردە يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلىشىمىز ئەمەس، بەلكى قەيەردە خىزمەت قىلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر خىزمىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش.
مۇھىم بىر ساۋاققا ئىگە بولدۇم
بىرنەچچە يىل جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىش خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولدۇق. بىزنى 1978-يىلى كانادادىكى بەيتەلگە خىزمەت قىلىشقا چاقىردى. كۆپ ئۆتمەي، كۆڭۈلسىز بىر ئىش يۈز بەردى، لېكىن ئۇنىڭدىن مۇھىم بىر ساۋاققا ئىگە بولدۇم. ماڭا مونترېئالدا ئۆتكۈزۈلگەن فرانسۇز تىلىدىكى مەخسۇس يىغىلىشتا بىر يېرىم سائەتلىق نۇتۇق ئېيتىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى. بەك ئەپسۇس، نۇتۇقۇم تىڭشىغۇچىلارنى جەلپ قىلالمىغان ئىدى. نۇتۇق ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، ۋەز خىزمەت بۆلۈمىدىن بىر بۇرادەر ماڭا نەسىھەت بەردى. راستىنى دېسەم، مەن سۆزگە ماھىر ناتىق ئەمەسمەن. بىراق، بۇنى شۇ چاغدا كۆرۈپ يەتمىگەن ئىدىم. بىراق، ھازىر ياخشى بىلىمەن. شۇ چاغدا، مەن بېرىلگەن نەسىھەتنى قوبۇل قىلماي، ئىككىمىز سۆز تالىشىپ قالدۇق. ئۇ مېنى ۋە نۇتۇقۇمنى ياقتۇرمىدى، ھەتتا بىرەر ئېغىز ماختاپ سۆز قىلمىدى دەپ ئۇنىڭغا قاتتىق رەنجىدىم. بىراق، شۇ چاغدا مەن خاتا قىلغانىدىم. ئۇنىڭ بەرگەن نەسىھەت بېرىش ئۇسۇلى ۋە ماڭا بولغان كۆز قارىشىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ نەسىھىتىنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى قارار قىلىشىم توغرا ئەمەس ئىدى.
بىرنەچچە كۈندىن كېيىن بەيتەل كېڭىشىدىكى بىر بۇرادەر مەن بىلەن ئاشۇ ئىش توغرىسىدا سۆزلەشتى. مەن شۇ نەسىھەتكە ياخشى ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىمنى بوينۇمغا ئېلىپ، كەچۈرۈم سورىدىم. كېيىن، مەن ماڭا نەسىھەت بەرگەن بۇرادەر بىلەن سۆزلەشتىم. ئۇ مېنى مېھرىبانلىق بىلەن كەچۈردى. مەن بۇنى ھېچقاچان ئۇنتالمايمەن، چۈنكى بۇ ۋەقە ماڭا كەمتەرلىكنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆگەتتى (پەند. نە 16:18). مەن بۇ توغرىسىدا يەھۋاغا نۇرغۇن قېتىم دۇئا قىلدىم ۋە بىرى نەسىھەت بەرسە، ئۇنىڭغا ھەرگىز سەل قارىماسلىققا بەل باغلىدىم.
كانادادىكى بەيتەلدە خىزمەت قىلىۋاتقىنىمغا 40 يىلدىن ئاشتى. 1985-يىلدىن بۇيان، بەيتەل كېڭىشىدە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. 2021-يىلى، فېۋرالدا سۆيۈملۈك ئايالىم شېيلادىن ئايرىلىپ قالدىم. بۇ ئازابتىن باشقا، ھازىر تەن-سالامەتلىكىممۇ ناچارلىشىپ كەتتى. لېكىن، يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلىپ ئالدىراش ۋە خۇشال ئۆتكەچ، كۈنلىرىمنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى سەزمەيلا قالىمەن (ۋەز 5:20). گەرچە ھاياتىمدا بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولساممۇ، خۇشال بولۇشۇمغا سەۋەبلەر بولىدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى ھەم باشتىن كەچۈردۈم. مەن يەھۋانى ھاياتىمدا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، 70 يىلدىن بۇيان تولۇق ۋاقىت ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىپ، كۆڭلۈم قانائەت تاپتى. بىراق، تەشكىلاتىمىزدىكى ياش قىز-يىگىتلەرنىڭمۇ يەھۋا خۇدانى ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن. چۈنكى، ئۇلار شۇنداق قىلسا، مول بەرىكەتلەرگە ئېرىشىپ، ھېچقاچان پۇشايمان قىلمايدۇ. مەن بۇنى ھاياتىمدا ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەنمەن.
a «كۈزىتىش مۇنارى»، 2000-يىل 1-فېۋرال سانىدىن (باشقا تىل) مارسېل فىلتو بۇرادەرنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقالايسىز.
b 1957-يىلغىچە، ئافرىقىدىكى بۇ رايون برىتانىيەنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولغان بولۇپ، ئالتۇن دېڭىز ساھىلى دەپ ئاتالغان.
c «كۈزىتىش مۇنارى»، 2000-يىل 1-دېكابىر سانىدىن (باشقا تىل) خېربېرت جېننىڭىس مارسېل فىلتو بۇرادەرنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقالايسىز.
d شۇ چاغلاردا، نېيتان نورر تەشكىلاتىمىزنىڭ ئىشلىرىغا يېتەكچلىك قىلغان.