روھىي گۆھەرلەرنى تېپىپ، ئۇلارنى ھاياتىڭىزدا قوللىنىڭ
تەتقىق قىلىش ئۇسۇللىرى
روھىي گۆھەرلەرنى تېپىپ، ئۇلارنى ھاياتىڭىزدا قوللىنىڭ
مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇغاندا، بىز ئىزدىنىش ئارقىلىق روھىي گۆھەرلەرنى تېپىپ چىقالايمىز. بۇنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا قانداق قىلالايمىز؟
مۇقەددەس كىتابتىن ئوقۇغان ئۈزۈندىلەرنىڭ تەپسىلاتلىرىنى چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىڭ. مەسىلەن، بۇ سۆزلەرنى كىم يازغان، كىمگە ئېيتقان، قاچان ئېيتقان، شۇ چاغدا قانداق ئەھۋالدا بولغان، ئالدىدا قانداق ئىش يۈز بەرگەن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن نېمە ئىش بولغان؟
ئايەتلەردىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىڭىز توغرۇلۇق ئويلىنىڭ. مۇنداق سوئاللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۆرۈڭ: بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان شەخسلەر قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغان؟ ئۇلار قانداق پەزىلەتلەرنى كۆرسەتكەن؟ نېمە ئۈچۈن شۇنداق پەزىلەتلەرنى ئۈلگە قىلىشىم كېرەك ياكى ئۇلارنى يېتىلدۈرۈشتىن ساقلىنىشىم لازىم؟
ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى ھاياتىڭىزدا قوللىنىڭ. مەسىلەن، ۋەز خىزمىتىدە ياكى باشقا ئادەملەر بىلەن ئالاقە قىلغاندا، ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى ئەمەلىي قوللىنىپ كۆرۈڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، مۇقەددەس كىتابتا تىلغا ئېلىنغاندەك، دانا كىشى بولىسىز: «كىمكى دانا بولسا، بۇ ئىشلارغا كۆڭۈل قويسۇن».—زەبۇر 107:43.
• تەۋسىيە: ھەپتە ئوتتۇرىسىدىكى ئىبادەت يىغىلىشنىڭ «خۇدا سۆزىدىكى خەزىنلەر» دېگەن قىسىمىدا ئۆگەنگەن نەرسىلەرنى ھاياتىمىزدا قانداق قوللىنىشقا بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئويلىنىپ كۆرۈڭ. بۇ قىسىمدا ئۆز-ئۆزىمىزدىن سوراپ كۆرىدىغان سوئاللار، چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلساق بولىدىغان ئوي-پىكىرلەر ۋە ئوي-پىكىر يۈرگۈزۈشكە ياردەم بېرىدىغان سۈرەتلەر بار.