سىز بىلەمسىز؟
نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابتا بەزى سۆز-جۈملىلەر قايتىلانغان؟
مۇقەددەس كىتابنى قەلەمگە ئالغانلار بەزىدە بىر سۆز-ئىبارىلەرنى ياكى جۈملىلەرنى قايتا-قايتا يازغان. ھازىر بۇنىڭ ئۈچ سەۋەبىنى كۆرۈپ چىقايلى.
قاچان يېزىلغان؟ قەدىمقى ئىسرائىلدا كۆپۈنچە كىشىلەردە تەۋرات قانۇنىنىڭ كۆچۈرۈلمە قوليازما نۇسخىسى بولمىغان. ئۇلار كۆپۈنچە ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىدا توپلانغاندا، ئۈنلۈك ئوقۇلغان تەۋرات قانۇنىنى ئاڭلىغان (تەكرار. قا 31:10–12). زور بىر خەلق توپلىشىپ، بىرنەچچە سائەت ئۆرە تۇرۇپ تىڭشىغاچقا، بەلكىم دىققىتى چېچىلىپ كېتىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرغان (نەھەم. 8:2، 3، 7). شۇنداق ئەھۋالدا، مۇھىم سۆز-ئىبارىلەرنى قايتىلاش خەلقنىڭ ئايەتلەرنى ئەستە ساقلاپ، شۇلارنى ئەمەلىي تۇرمۇشىدا قوللىنىشىنى ئاسانلاشتۇرغان. مەلۇم سۆزلەرنى قايتىلاش ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ قانۇنلىرىدىكى تەپسىلىي بەلگىلىمىلەر ياكى بۇيرۇقلارنى ئەستە ساقلىشىغا ياردەم بەرگەن.—لاۋى. 18:4–22؛ تەكرار. قا 5:1.
قانداق يېزىلغان؟ مۇقەددەس يازمىلارنى تەخمىنەن ئوندىن بىر قىسىمى ناخشا-قوشاقلار شەكلىدە يېزىلغان. مەسىلەن، ئۇلار زەبۇر، شېئىرلارنىڭ شېئىرى ۋە يەرەمىيانىڭ يىغىسى. بەزىدە ناخشىلاردا ئاساسىي ئوي-پىكىرلەرنى تەكىتلەيدىغان سۆزلەر قايتا-قايتا تەكرارلانغان. شۇڭلاشقا، خەلق ناخشىلارنىڭ سۆزلىرىنى يادقا ئېلىۋالالىغان. مەسىلەن، زەبۇر 115:9–11-ئايەتلەردە مۇنداق دەپ يېزىلغان: ««ئەي ئىسرائىل، يەھۋاغا تايىنىڭلار، ئۇ سىلەرنىڭ ياردەمچىڭلار ۋە قالقىنىڭلاردۇر. ئەي ھارۇننىڭ جەمەتى، يەھۋاغا تايىنىڭلار، ئۇ سىلەرنىڭ ياردەمچىڭلار ۋە قالقىنىڭلاردۇر. ئەي يەھۋادىن ئەيمىنىدىغانلار، سىلەر يەھۋاغا تايىنىڭلار، ئۇ سىلەرنىڭ ياردەمچىڭلار ۋە قالقىنىڭلاردۇر». بۇ سۆز-جۈملىلەرنى قايتىلاش ناخشا ئېيتقۇچىلارنىڭ مۇھىم ھەقىقەتلەرنى قەلبىگە ۋە ئەقلىگە سىڭدۈرۈشىگە ياردەم بەرگەن.
نېمە ئۈچۈن يېزىلغان؟ مۇقەددەس كىتابنى قەلەمگە ئالغانلار بەزىدە مۇھىم سۆز-ئىبارىلەرنى قايتا-قايتا تەكرارلىغان. مەسىلەن، يەھۋا ئىسرائىللارنى قاننى يېمەسلىككە بۇيرىغاندا، مۇسا پەيغەمبەرگە بۇ بۇيرۇقنىڭ سەۋەبىنى بىر قېتىم ئەمەس، بىرنەچچە قېتىم قايتا-قايتا تەكرارلىغان. شۇ ئارقىلىق، خۇدا ھاياتلىقنىڭ قاندا ئىكەنلىكىنى، باشقا سۆزلەر بىلەن ئېيتقاندا، قان ھاياتلىققا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكچى بولغانىدى (لاۋى. 17:11، 14). كېيىنرەك، يېرۇسالىمدىكى ئەلچىلەر ۋە ئاقساقاللار مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن نېمىلەردىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى يازغاندا، قاندىن يىراق تۇرۇشنى قايتا تەكىتلىگەن.—ئەلچى. 15:20، 29.
گەرچە مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆز-ئىبارىلەر ياكى جۈملىلەر قايتىلانسىمۇ، بۇ ھەرگىز يەھۋا بىزنىڭ ئوخشاش سۆز-جۈملىلەرنى قايتا-قايتا يادلاشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋېلىشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. مەسىلەن، ئەيسا مۇنداق دېگەن: «دۇئا قىلغاندا، قايتا-قايتا ئوخشاش سۆزلەرنى تەكرارلىماڭلار» (مەتتا 6:7). كېيىن، ئۇ نېمىلەر توغرۇلۇق دۇئا قىلساق، خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان (مەتتا 6:9–13). شۇڭا، بىز دۇئا قىلغاندا، قايتا-قايتا ئوخشاش سۆزلەرنى تەكرارلىمىساقمۇ، ئوخشاش بىر نەرسە ھەققىدە قايتا-قايتا دۇئا قىلساق بولىدۇ.—مەتتا 7:7–11.
خۇلاسە قىلساق، خۇدا مۇقەددەس كىتابتا بەزى سۆز-ئىبارىلەر ۋە جۈملىلەرنىڭ قايتا-قايتا تەكرارلىنىشىغا يول قويۇشىدا مۇھىم سەۋەب بولغان. ئۇلۇغ ئۇستازىمىز يەھۋا ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن بىزگە پايدىلىق بولغاننى ئۆگىتىدۇ. قايتا-قايتا تەكىتلەش بولسا ئۇ قوللانغان ئۇسۇللاردىن بىرى.—يەشايا 48:17، 18.