يېتەكچى كېڭەشنىڭ ئىككى يېڭى ئەزاسى
2023-يىلى، 18-يانۋار چارشەنبە كۈنى، jw.org تور بېكىتىدە، ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىندى. بۇ ئۇقتۇرۇشتا گېيج فىلىگېل ۋە جېفىرى ۋىندېر بۇرادەرلەر، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ يېتەكچى كېڭىشىدە خىزمەت قىلىشقا تەيىنلەنگەنلىكى يېزىلغان. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يەھۋاغا سادىق خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.
فىلىگېل بۇرادىرىمىز پېنسىلۋانىيە شتاتىنىڭ غەربىي تەرىپىدە چوڭ بولغان. ئاتا-ئانىسى ئۇنى كىچىكىدىن ھەقىقەتتە تەربىيىلەنگەن. ئۆسمۈرلۈك چېغىدا ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋەز ئېيتقۇچىلار ئاز بولغان بىر كىچىك شەھەرگە كۆچۈپ باردى. بۇنىڭدىن كۆپ ئۆتمەي، ئۇ 1988-يىلى، 20-نويابىر كۈنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن.
ئاتا-ئانىسى دائىم بۇرادەر فىلىگېلنى تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتكە دەۋەت قىلغان. ئۇلارنىڭ ئۆيىدە پات-پات رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللار ۋە بەيتەلدە خىزمەت قىلىدىغانلار مېھمان بولغان. شۇڭا، بۇرادەر گېيج ئۆز كۆزى بىلەن ئاشۇ قېرىنداشلارنىڭ خۇشال-خۇرام خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. ئۇ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، بىر يىل ئىچىدە، يەنى 1989-يىلى، 1-سېنتەبىردە پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى باشلىغان. ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ 1991-يىلى ئۆكتەبىردە برۇكلىندىكى بەيتەلدە خىزمەت قىلىشنى باشلىغان. ئۇ 12 يېشىدا ئالدىغا قويغان شۇ مەقسىتىگە يەتكەن.
بەيتەلدە بۇرادەر فىلىگېل ئاۋۋال سەككىز يىل باسمىخانىدا تۈپلەش ئىشىنى قىلغان، كېيىن خىزمەت بۆلۈمىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن. شۇ چاغدا، ئۇ بىرنەچچە يىل رۇس تىلى جامائىتىدە خىزمەت قىلغان. 2006-يىلى، ئۇ ناديا ئىسىملىك قېرىنداشقا ئۆيلىنىپ، ئۇلار بىرلىكتە بەيتەلدە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇلار ئاۋۋال پورتۇگال تىلى جامائىتىدە ۋە كېيىن ئون يىلدىن كۆپرەك ئىسپان تىلدىكى جامائەتتە خىزمەت قىلغان. ئۇزۇن يىل خىزمەت بۆلۈمىدە ئىشلىگەندىن كېيىن، فىلىگېل بۇرادەر تەلىم بېرىش كومىتېتىغا، كېيىنرەك خىزمەت كومىتېتىغا تەيىنلەنگەن. 2022-يىلى مارتتا بولسا، ئۇ يېتەكچى
كېڭەشنىڭ خىزمەت كومىتېتىنىڭ ياردەمچىسى بولۇشقا تەكلىپ قىلىنغان.جېفىرى ۋىندېر بۇرادەر كالىفورنىيە شتاتىدىكى ماررىئېتا شەھىرىدە چوڭ بولغان. ئۇ كىچىكىدىن ھەقىقەتتە چوڭ بولغان ۋە 1986-يىلى، 29-مارت كۈنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن. بىر ئايدىن كېيىن، ئۇ ياردەمچى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشنى باشلىغان. ئۇ بۇنداق ۋەز قىلىشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەن، شۇڭا داۋاملىق ياردەمچى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى قارار قىلغان. بىرنەچچە ئايدىن كېيىن 1986-يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولغان.
بۇرادەر جېفىرى ئۆسمۈرلۈك چېغىدا بەيتەلدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئىككى ئاكىسىنى يوقلاپ بارغان. شۇ چاغدا، ئۇنىڭدا بەيتەلدە خىزمەت قىلىش ئارزۇ-ئىستىكى پەيدا بولغانىدى. شۇنداق قىلىپ، 1990-يىلى، ماي ئېيىدا، ئۇ بەيتەلدە خىزمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان.
بۇرادەر جېفىرى بەيتەلدە ھەرخىل بۆلۈملەردە، مەسىلەن تازىلىق، دېھقانچىلىق، ەيتەل تازلىق بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان. 1997-يىلى، ئۇ ئانجېلا ئىسىملىك قېرىنداش بىلەن توي قىلىپ، ئىككىسى بىرلىكتە تېخىچە بەيتەلدە خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. 2014-يىلى، ئۇلار ۋورۋىكتىكى مەركىزى باش ئىدارىنىڭ بىنا قۇرۇلۇشى ئىشىغا ياردەم بېرىشكە تەيىنلەنگەن. 2016-يىلى، پاتتېرسېندىكى كۈزىتىش مۇنارى تەلىم-تەربىيە مەركىزىگە يۆتكەلگەن، شۇ يەردە بۇرادەر جېفىرى ئۈن-سىن نەشىرى خىزمىتى بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان. تۆت يىلدىن كېيىن بولسا، ۋورۋىكقا قايتىپ، خادىملار كومىتېتىدا خىزمەت قىلىشقا تەيىنلىنىدۇ. 2022-يىلى، مارت ئېيىدا، ئۇ يېتەكچى كېڭەشنىڭ خادىملار كومىتېتىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن.
يەھۋا بەرگەن بۇ ھەدىيەلەر سۈپىتىدە ئىنسانلار پادىشاھلىق ۋەز خىزمىتىنى ئالغا سۈرۈش ئۈچۈن تەر تۆكۈپ ئىشلەۋاتىدۇ، خۇدا ئۇلارغا مول بەرىكەتلىسۇن دەپ داۋاملىق دۇئا قىلىمىز.—ئەفەس. 4:8.