ئاياللارغا يەھۋاغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلامسىز؟
بىز كۆپلىگەن سادىق ئايال قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش شان-شەرىپىگە ئىگە. بىز بۇ ھەربىر سادىق، ئىشچان ئاچا-سىڭىللىرىمىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمىز ۋە ئۇلاردىن مىننەتدارمىز! a شۇڭا، بۇرادەرلەر، ئايال قېرىنداشلارنى خاپا قىلماي، كەمسىتمەي، بەلكى ھۆرمەت بىلەن ئۇلاغا مۇئامىلە قىلايلى. بىراق، نامۇكەممەل بولغاچ، بەزىدە بۇنداق قىلىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، چوڭ بولغان مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بەزى بۇرادەرلەرنىڭ شۇنداق قىلىشى تېخىمۇ ئاسان بولماسلىقى مۇمكىن.
بەزى بۇرادەرلەر ئەرلەر ئاياللارنى كەمسىتىدىغان مەدەنىيەتتە چوڭ بولغان. مەسىلەن، بولىۋىيىدە ياشايدىغان، رايونغا مەسئۇل ئاقساقال مۇنداق دېگەن: «بەزى ئەرلەر ئۆزىنىڭ ئەركەك بولۇپ تۇغۇلغىنىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىدىغان مەدەنىيەتتە چوڭ بولغاچقا، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاياللاردىن يۇقىرى ساناپ، ئاياللارنى كەم سۇندۇرۇپ، ھۆرمەتلىمەيدۇ». تەيۋەندە خىزمەت قىلىدىغان شېڭ شىئەن ئىسىملىك ئاقساقال مۇنداق دەيدۇ: «مەن ياشايدىغان جايدا بىر ئەنئەنىۋى كۆز قاراش بار. ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقى كېرەك؛ ياكى ئەر كىشىلەر بىر ئىش ھەققىدە مەسلىھەت قىلىشقاندا، بىر كىشى ئۆز ئايالىنىڭ ئوي-پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويسا، باشقا ئەرلەر ئۇنى زاڭلىق قىلىدۇ». بەزى ئەرلەر بەلكىم باشقا تەرەپلەردە ئاياللارنى كەمسىتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئۇلار ئاياللارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىدىغان ياپتا گەپ-سۆزلەرنى ياكى چاقچاقلارنى قىلىشىدۇ.
كىشىنى خۇشال قىلارلىقى، بىر كىشى قانداق مەدەنىيەتتە چوڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئۆز كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، ئەر كىشى، ئايال كىشىدىن ئۈستۈن دېگەن ئوي-پىكىردىن قۇتۇلالايدۇ (ئەفەس. 4:22–24). بۇنداق قىلالىشىمىز ئۈچۈن يەھۋانى ئۈلگە قىلىشىمىز كېرەك. بۇ ماقالىدە، بىز ياراتقۇچى يەھۋانىڭ ئاياللارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى، بۇرادەرلەر ئاياللارغا يەھۋاغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشنى قانداق ئۆگىنەلەيدىغانلىقىنى ۋە ئاياللارنى ھۆرمەتلەشتە ئاقساقاللار باشقىلارغا قانداق ئۈلگە بولالايدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
يەھۋا ئاياللارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟
يەھۋا ئاياللارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرۇلۇق بىزگە ئەڭ مۇكەممەل ئۈلگە قالدۇرغان. ئۇ ھەممە پەرزەنتلىرىنى سۆيىدىغان كۆيۈمچان بىر ئاتىغا ئوخشاش. (يۇھاننا 3:16). ئۇنىڭ ئۈچۈن، ساداقەتمەن ئاياللار بولسا، ئۇنىڭ ئەزىزلەيدىغان قىزلىرىدۇر. ئۇنداقتا، يەھۋا ئاياللارنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى بىرقانچە يوللار بىلەن قانداق كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
يارىت. 1:27). ئۇ ئەرلەرنى ئاياللارغا قارىغاندا، ئەقىللىقراق ۋە قابىلىيەتلىكرەك قىلىپ ياراتمىغان؛ ئۇ ئەرلەرنى ئاياللاردىن ئارتۇق كۆرمەيدۇ (2-تارىخ. 19:7). مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەرنى چۈشىنىش ۋە ئۆزىنىڭ ئاجايىپ پەزىلەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش قابىلىيىتىنى، يەھۋا ئەر ۋە ئايال ھەر ئىككىلىسىگە تەڭ بەرگەن. مەيلى ئەرلەر ياكى ئاياللار بولسۇن، پەقەت يەھۋاغا ئىشەنگەن بولسىلا، ئۇ ئۇلارنى ئوخشاش قەدىرلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋا ئەرلەر ۋە ئاياللارغا يەر يۈزى جەننەتتە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدىنى، ياكى بولمىسا ئاسماندا پادىشاھلار ۋە روھانىيلار بولۇش ئۈمىدىنى بېرىدۇ (2-پېتر. 1:1). ئېنىقكى، ياراتقۇچى يەھۋا ئاياللارنى قىلچىمۇ كەمسىتمەيدۇ.
يەھۋا ئاياللارغا تەڭ، ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ. خۇدا ئەرلەرنى ۋە ئاياللارنى ئۆزىگە ئوخشىتىپ ياراتقان (يەھۋا ئاياللارغا قۇلاق سالىدۇ. ئۇ ئاياللارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا ۋە غەم-ئەندىشىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. مەسىلەن، ئۇ راھىلە بىلەن ھەننانىڭ دۇئالىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنىڭ تىلىگەنلىرىنى بەرگەن (يارىت. 30:22؛ 1-سام. 1:10، 11، 19، 20). ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋا مۇقەددەس كىتابنى قەلەمگە ئالغانلارغا، ئەرلەرنىڭ ئۆز ئاياللىرىنىڭ مەسلىھىتىگە قۇلاق سالغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەقەلەرنى يازدۇرغان. مەسىلەن، يەھۋانىڭ بۇيرۇقى بويىچە، ئىبراھىم ئايالى سارانىڭ سۆزىگە كىرگەن (يارىت. 21:12–14). داۋۇت پادىشاھمۇ ئابىگائىلنىڭ سۆزىگە كىرگەن، ھەتتا يەھۋا ئابىگائىلنى ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىشقا ئەۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان (1-سام. 25:32–35). ئاتىسىنىڭ پەزىلەتلىرىنى مۇكەممەل ئەكس ئەتتۈرگەن ئەيسا مەسىھ ھەم ئانىسى مەريەمنىڭ سۆزىگە بويسۇنغان (يۇھاننا 2:3–10). بۇ مىساللاردىن كۆرگىنىمىزدەك، يەھۋا ئاياللارنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدۇ، ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالىدۇ.
يەھۋا ئاياللارغا ئىشەنچ قىلىدۇ. مەسىلەن، يەھۋا ھاۋا-ئانىغا ئىشىنىپ، پۈتكۈل يەر يۈزىنى پەرۋىش قىلىشقا ياردەم بېرىشنى تاپشۇرغان (يارىت. 1:28). بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، يەھۋا ھاۋا-ئانىنى ئادەم-ئاتىدىن تۆۋەن كۆرمىگەن، ئەكسىنچە ياردەمچى ھەمراھ بولۇشقا ياراتقان. يەھۋا بۇنىڭدىن باشقا، دېبورا ۋە خۇلداھ كەبى ئايال پەيغەمبەرلەرگە ئۆز خەلقىگە، ھەتتا ھاكىم ۋە پادىشاھقا مەسلىھەت بېرىشنى تاپشۇرغان (ھاكىم. 4:4–9؛ 2-پادىشاھ. 22:14–20). بۈگۈنكى كۈندە، يەھۋا ئېتىقادچى ئاياللارغا ئىشىنىپ، كۆپلىگەن ئىشلارنى تاپشۇرىدۇ. بۇ سادىق ئايال ئېتىقادچىلار ۋەز ئېيتقۇچى، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى ۋە يات ئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى (مىسسىئونېر) سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلار ئىبادەت يىغىلىشى زاللىرىنى، بەيتەل بىنالىرىنىڭ لايىھىسىنى پىلانلاش، قۇرۇلۇش ۋە رېمونت قىلىش ئىشلىرىغا قاتنىشىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بەيتەلدە ياكى يىراق جايلاردىكى تەرجىمە ئىشخانىلىرىدا ئىشلەيدۇ. بۇ ئايال قېرىنداشلار بولسا، يەھۋا ئۆز ئىرادىسىنى ئورۇنداشتا ئىشلىتىدىغان زور بىر قوشۇندۇر (زەبۇر 68:11). شەك-شۈبھىسىزكى، ياراتقۇچى يەھۋا ھەرگىز ئاياللارنى ئاجىز ياكى قولدىن ئىش كەلمەيدۇ دەپ قارىمايدۇ.
بۇرادەرلەر ئاياللارغا يەھۋاغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشنى قانداق ئۆگىنەلەيسىلەر؟
بۇرادەرلەر، سىلەر ئاياللارغا يەھۋاغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلامسىلەر؟ بۇنى بىلىش ئۈچۈن ئۆز ئوي-پىكىرىڭلارنى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىڭلارنى سەمىمىيلىك بىلەن تەكشۈرۈپ كۆرۈڭلار. ئۇنى قانداق تەكشۈرەلەيسىلەر؟ رېنتىگېن ئۈسكىنىسى بىر كىشىنىڭ يۈرەك كېسىلى بار-يوقلىقىنى بىلىشكە ياردەم بەرگەندەك، ئىشەنچىلىك دوست ۋە مۇقەددەس كىتاب قەلبىڭلاردا ئاياللارغا قارىتا قانداقتۇ بىر ناتوغرا كۆز قاراش بار-يوقلىقىنى ئېنىقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. شۇنداق ياردەمگە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز
ئىشەنچىلىك دوستلىرىمىزدىن سوراپ كۆرسەك بولىدۇ. (پەند. نە 18:17) كۆيۈمچان ۋە دانا دەپ قارىغان دوستىڭىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرۈڭ: «سېنىڭچە، مەن ئايال قېرىنداشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىمەن؟ ئۇلارنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىمنى، ئۇلار ھېس قىلامدۇ؟ ئۇلارغا مۇئامىلە قىلىشتا ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك تەرەپلەر بارمۇ؟». ئەگەر دوستىڭىز ئۆزگەرتىش زۆرۈر دەپ قارىغان تەرەپلىرىڭىزنى كۆرسىتىپ بەرسە، ئۇنىڭغا خاپا بولماڭ ۋە ئۆزىڭىزنى ئاقلاشقا تىرىشماڭ. ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزگەرتىشكە تەييار بولۇڭ.
خۇدا سۆزىنى تەتقىق قىلىش. ئاياللارغا بولغان مۇئامىلىمىزنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى — مۇقەددەس كىتاب ئاساسىدا كۆز قاراش ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزنى تەكشۈرۈش (ئىبرانىي. 4:12). مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغىنىمىزدا، ئاياللارغا ياخشى ياكى يامان مۇئامىلىدە بولغان ئەرلەر توغرۇلۇق ئۆگىنىمىز. ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئۆزىمىزنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرساق بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس كىتابتىكى نۇرغۇن ئايەتلەرنى بىر-بىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش، ئايەتلەرنىڭ ئالدى-كەينىدىكى مەزمۇنلارغا دىققەت قىلماي، پەقەت بىرلا ئايەتكە ئاساسلىنىپ، ئاياللارغا ناتوغرا كۆز قاراشتا بولۇشتىن ساقلىنىشقا ياردەم بېرىدۇ. مەسىلەن، 1-پېترۇس 3:7-ئايەتتە، ئەرلەر «ئاياللىرىنى خۇددى نەپس قاچىدەك» ئەزىزلىشى كېرەكلىكى ئېيتىلغان b. بۇ ئايال كىشى، ئەر كىشىدىن تۆۋەن، ئەقلى كەم ياكى قابىلىيەتسىز دېگەننى بىلدۈرەمدۇ؟ ياق، ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس! پېترۇسنىڭ سۆزلىرىنى، گالاتىيالىقلار 3:26–29-ئايەتلەردىكى پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقايلى. بۇ يەردە، يەھۋا خۇدانىڭ ئەرلەرنى ۋە ئاياللارنى ئاسماندا ئەيسا بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا تاللىغانلىقى ئېيتىلغان. ئەگەر بىز مۇقەددەس كىتابنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئۆگەنسەك ۋە يېقىن دوستلىرىمىزدىن ئۆزىمىزنىڭ ئاياللارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىمىز ھەققىدە ئۆز ھېس قىلغانلىرىنى سوراپ كۆرسەك، شۇندىلا ئايال قېرىنداشلىرىمىزغا لايىقىدا ھۆرمەت كۆرسىتىشنى ئۆگىنەلەيمىز.
ئاقساقاللار ئايال قېرىنداشلارغا بولغان ھۆرمىتىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟
جامائەتتىكى بۇرادەرلەر ئايال قېرىنداشلارنى ھۆرمەتلەشنى كۆيۈمچان ئاقساقاللاردىن ئۆگىنەلەيدۇ. مۇشۇ جەھەتتىن، ئاقساقاللار قانداق ئۈلگە بولالايدۇ؟ تۆۋەندە ئۇلار قىلىشى زۆرۈر بولغان ئىشلارنى كۆرۈپ باقايلى.
ئۇلار قېرىنداشلارنى ماختايدۇ. ئەلچى پاۋلۇس ئاقساقاللار ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان. ئۇ رىمدىكى جامائەتكە يازغان خېتىدە بىرنەچچە ئايال قېرىنداشنى ماختىغان (رىملىقلار 16:12). ئۇنىڭ بۇ خېتى پۈتۈن جامائەتنىڭ ئالدىدا ئوقۇلغان چاغدا، ئاشۇ قېرىنداشلارنىڭ كۆڭلى قانچىلىك سۆيۈنگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ. بۈگۈنكى كۈندە كۆيۈمچان ئاقساقاللار ھەم شۇنداق قىلىدۇ. ئۇلار قېرىنداشلارنىڭ ئېسىل-پەزىلەتلىرىنى كۆرىدۇ ۋە يەھۋاغا سادىق خىزمەت قىلغانلىرى ئۈچۈن ماختايدۇ. بۇنىڭدىن قېرىنداشلار باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنى چوڭقۇر ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ ۋە قەدىرلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئاقساقالنىڭ ماختاش سۆزلىرى قېرىنداش دەل ئاڭلاشقا مۇھتاج بولغان سۆزلەر بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئۇنى داۋاملىق يەھۋاغا ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. —پەند. نە 15:23.
ئاقساقال بىر قېرىنداشنى ماختىغاندا، سەمىمىي ۋە ئېنىق بىر ئىشىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ماختىسا ياخشىراق بولىدۇ. جېسسىكا ئىسىملىك بىر قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «بۇرادەرلەر مېنى ‹ياخشى قىلدىڭىز، يارايسىز!› دەپ ماختىسا، مەن خۇشال بولۇپ قالىمەن. لېكىن، ئېنىق بىر نەرسىنى تىلغا ئېلىپ ماختىغان چاغدا، مەسىلەن بالىلىرىمغا جامائەت يىغىلىشلىرىدا تىنچ ئولتۇرۇشنى ئۆگەتكەنلىكىمنى ياكى مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىۋاتقان بىرىنى ماشىنىدا يىغىلىشقا ئېلىپ كېلىشكە ۋاقىت چىقارغانلىقىمنى تىلغا ئالسا، بۇ ماڭا تېخىمۇ كۆپ ئىلھام-مەدەت بېرىدۇ». ئاقساقاللار ئايال قېرىنداشلارنى ئېنىق بىر ئىشى ئۈچۈن ماختىغاندا، ئۇلار ئۆزلىرىنى قەدىر-قىممىتىنى ھېس قىلىدۇ.
ئاقساقاللار ئايال قېرىنداشلارنى تىڭشايدۇ. كەمتەر ئاقساقاللار پەقەت ئۆزلىرىلا ياخشى ئوي-پىكىرلەرنى ئويلاپ چىقالايدۇ دەپ ئويلىمايدۇ، بەلكى ئۇلار ئاياللار قېرىنداشلاردىن مەسلىھەتلەرنى سوراپ، ئۇلارنى سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىشقا تەييار بولىدۇ. ئۇلار بۇنداق قىلغاندا، قېرىنداشلارغا ئىلھام-مەدەت بېرىپ قالماي، ئۆزلىرىمۇ بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ. بەيتەلدە خىزمەت قىلىدىغان گېراردو ئىسىملىك بىر ئاقساقال مۇنداق دېگەن: «مەن ئايال قېرىنداشلاردىن كۆز قارىشى ياكى ئوي-پىكىرىنى سورىغاندا، بەيتەلدىكى خىزمىتىمنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بايقىدىم. كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا، ئايال قېرىنداشلار بۇرادەرلەرگە قارىغاندا مەلۇم بىر خىزمەتنى ئۇزۇنراق قىلىدۇ ۋە مول تەجرىبىسى بار». جامائەتتە بولسا كۆپلىگەن ئايال قېرىنداشلار پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغاچقا، ئۇلار يەرلىك كىشىلەر توغرۇلۇق كۆپ بىلىدۇ. شۇڭلاشقا، برايېن ئىسىملىك ئاقساقال مۇنداق دەيدۇ: «قەدىرلىك ھەدە-سىڭىللىرىمىز تەشكىلاتنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىپ، ئۆزىنى پىدا قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ تەجرىبىسىدىن تولۇق پايدىلىنايلى!».
دانا ئاقساقال ئايال قېرىنداشلارنىڭ بەرگەن تەكلىپ-پىكىرلىرىنى دەرھاللا رەت قىلمايدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ ئېدۋارد ئىسىملىك ئاقساقال مۇنداق دەيدۇ: «بىر بۇرادەر، بىر ئايال قېرىنداشنىڭ كۆز قارشى ۋە تەجرىبىسىدىن پايدىلانغاندا، بىر مەسىلىگە تېخىمۇ كۆپ تەرەپتىن قارىيالايدۇ ۋە باشقىلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى تېخىمۇ ياخشىراق چۈشىنەلەيدۇ» (پەند. نە 1:5). ھەتتا ئاقساقال ئايال قېرىنداش ئوتتۇرغا قويغان تەكلىپ-پىكىرگە ئاساسەن بىر ئىش قىلالمىسىمۇ، ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرىنى، تەجرىبىسىنى ياكى چۈشەنچىلىرىنى ئورتاقلاشقىنى ئۈچۈن ماختاپ، رەھمەت ئېيتسا بولىدۇ.
ئاقساقاللار ئايال قېرىنداشلارغا ئۆگىتىدۇ. دانا ئاقساقاللار ھەردائىم قېرىنداشلارغا ئۆگىتىش ئۈچۈن پۇرسەتلەرنى ئىزدەيدۇ. مەسىلەن، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن بۇرادەرلەر يوق بولۇپ قالغان ئەھۋالدا، ئايال قېرىنداشلارغا ۋەز خىزمەت يىغىلىشىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى ئۆگەتسە بولىدۇ. ئاقساقاللار يەنە ئۇلارنى ھەر تۈرلۈك ئۈسكىنە، ئەسۋابلارنى ياكى ماتورلۇق ماشىنىلارنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگەتسە بولىدۇ، شۇنداق بولغاندا، ئاياللارمۇ تەشكىلاتىمىزنىڭ قۇرۇلۇش، ئاسراش، رېمونت قىلىشقا ئوخشاش ئىشلىرىغا قاتنىشالايدۇ. بەيتەلدىكى مەسئۇل ئاقساقاللارمۇ ھەدە-سىڭىللارنى تۈرلۈك ئىشلارنى قىلىشقا ئۆگىتىپ كەلمەكتە، مەسىلەن رېمونت قىلىش، مال سېتىۋېلىش، بۇغالتىرلىق، كومپيۇتېردا قىلدىغان ئىشلار قاتارلىق كۆپلىگەن ئىشلارنى ئۆگىتىدۇ. ئاقساقاللار ئايال قېرىنداشلارنى ئۆگەتكەندە، ئۇلارنى قابىلىيەتلىك ۋە ئىشەنچىلىك دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئاقساقاللار ئېتىقادچى ھەدە-سىڭىللارغا ئۆگەتكەندىن كېيىن، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆگەنلىرىنى ئىشلىتىپ باشقىلارغا ياردەم بېرەلەيدۇ. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئۆگەنگەن ماھارەتلىرىنى كېيىنچە ئاپەت يۈز بەرگەن جايلاردىكى قېرىنداشلارنىڭ ئۆيلىرىنى رېمونت قىلىشتا ئىشلەتكەن. يەنە بەزىلىرى بولسا ئاممىۋى سورۇنلاردا ۋەز قىلىشنى ئۆگىنىپ، كېيىن بۇنى باشقا قېرىنداشلارغا ئۆگەتكەن. ئايال قېرىنداشلار ئۆزلىرىنى تەربىيىلەپ ئۆگەتكەن ئاقساقاللار توغرۇلۇق نېمە دەيدۇ؟ جېننىفېر مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىبادەت يىغىلىشى زالىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتناشقاندا، بىر مەسئۇلىيەتچان بۇرادەر ۋاقىت چىقىرىپ، ماڭا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەتتى. ئۇ مەن قىلغان ھەربىر ئىشنى دىققەت بىلەن كۆزىتىپ، مېنى ماختىدى. ئۇنىڭ بىلەن ئىشلەشنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ قالدىم. چۈنكى، ئۆزۈمنى قەدىرلەنگەندەك ۋە ئىشەنچىلىك سانالغاندەك ھېس قىلدىم».
ھەدە-سىڭىللارغا بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك مۇئامىلە قىلىشنىڭ پايدىلىرى
خۇددى ياراتقۇچىمىز يەھۋاغا ئوخشاش، بىزمۇ سادىق ھەدە-سىڭىللىرىمىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمىز! ئۇلارنى ئائىلىمىزنىڭ ئەزالىرىدەك كۆرىمىز (1-تىموت. 5:1، 2). ئۇلار بىلەن خىزمەتداش بولۇش بىز ئۈچۈن چوڭ شان-شەرەپ! ئايال قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلالىشىنى خالايمىز. ۋانېسسا ئىسىملىك قېرىنداش مۇنداق دېگەن: «يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدا روھىمىزنى كۆتۈرۈپ، بىزگە ئىلھام-مەدەتلەرنى بېرىدىغان بۇرادەرلەر كۆپ. مەن شۇنداق ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى بولغىنىم ئۈچۈن يەھۋاغا چەكسىز مىننەتدارمەن». تەيۋەندە ياشايدىغان بىر قېرىندىشىمىز بولسا مۇنداق دېگەن: «ئاياللارنى قەدىرلەپ، ئۇلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ياراتقۇچى يەھۋاغا ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتىغا بەك مىننەتدارمەن. بۇ ئىشەنچىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ ۋە يەھۋانىڭ تەشكىلاتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش شان-شەرىپىنى تېخىمۇ قەدىرلەيمەن».
ياراتقۇچىمىز يەھۋا ئۆزىگە سادىق ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى ئەزىزلەپ، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇ چوقۇم ئىنتايىن پەخىرلىنىدۇ! (پەند. نە 27:11) شوتلاندىيىدە ياشايدىغان بىنيامىن ئىسىملىك ئاقساقال مۇنداق دەيدۇ: «بۇ دۇنيادا، نۇرغۇن ئەرلەر ئاياللارنى قىلچىمۇ ھۆرمەتلىمەيدۇ. شۇڭا، ئاياللار ئىبادەت يىغىلىش زالىمىزغا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادىن پەرقلىق ھېس-تۇيغۇدا بولۇشىنى خالايمىز». ئۇنداقتا، ھەممىمىز يەھۋا خۇدانى ئۈلگە قىلىپ، ئەزىز ھەدە-سىڭىللىرىمىزغا سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلايلى. ئۇلار بۇنىڭغا لايىق! —رىملىقلار 12:10.
a بۇ ماقالىدە «قېرىنداشلار» دېگەن سۆز بىر تۇغقان قان-قېرىنداشلارنى ئەمەس، ئىمانداشلارنى كۆرسىتىدۇ.
b «نەپس قاچىدەك» ئىپادىسىنىڭ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشىنى ئوقۇش ئۈچۈن، «كۈزىتىش مۇنارى» 2005-يىل، 1-مارت سانى، «توي قىلغان ئەر-ئاياللار ئۈچۈن دانا كۆرسەتمىلەر» (باشقا تىلدا) ناملىق ماقالىنى ۋە «كۈزىتىش مۇنارى» 2006-يىل، 15-ماي سانى، «نەپىس قاچىنىڭ قىممىتى» ناملىق ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.