مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

3-‏تە‌تقىق ماقالىسى

18-‏ناخشا خۇ‌دانىڭ چىن مۇ‌ھە‌ببىتى

باشقا ئېغىر كۈن كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا سىزگە ياردە‌م بېرىدۇ

باشقا ئېغىر كۈن كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا سىزگە ياردە‌م بېرىدۇ

‏«‏‏[‏يە‌ھۋا‏] سىلە‌رنى تىنچ-‏ئامان كۈنلە‌رگە ئېرىشتۈرىدۇ».‏ —‏يە‌شايا 33:‏6‏.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

بېشىمىزغا كۈن چۈشكە‌ندە يە‌ھۋانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

1،‏ 2.‏ يە‌ھۋانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرى قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشى مۇ‌مكىن؟‏

 كۈتمىگە‌ن ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌ر بىر كېچىدە ھاياتىمىزنى پۈتۈنلە‌ي ئۆزگە‌رتىشى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ لۇ‌ئىس a ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر ئىنتايىن ئاز ئۇ‌چرايدىغان بىر خىل راك كېسىلى بىلە‌ن ئاغرىغانىدى.‏ دوختۇ‌ر ئۇ‌نىڭغا بىرنە‌چچە ئايدىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ مونىكا ۋە يولدىشى قىزغىن روھىي ئىش-‏پائالىيە‌تلە‌رگە قاتناشقان.‏ بىراق،‏ بىر كۈنى مونىكا ئاقساقال بولغان ھە‌مراھىنىڭ ئۇ‌زۇ‌ن يىللاردىن بۇ‌يان يوشۇ‌رۇ‌ن گۇ‌ناھ قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالغان.‏ تۇ‌رمۇ‌شقا چىقمىغان ئولىۋىيا ئىسىملىك قېرىنداش قاتتىق بوران-‏چاپقۇ‌ن يېقىنلاپ كە‌لگە‌چ،‏ ئۆيىنى تاشلاپ،‏ بىخە‌تە‌ر جايغا قېچىشقا مە‌جبۇ‌ر بولغان.‏ ئۇ قايتىپ كە‌لگە‌ندە،‏ ئۆيى پۈتۈنلە‌ي ۋە‌يران بولغانىدى.‏ بۇ ئېتىقادداشلارنىڭ ھاياتى بىر دە‌قىقىدە ئاستىن-‏ئۈستۈن بولۇ‌پ كە‌تكە‌ن.‏ سىزنىڭ بېشىڭىزغا شۇ‌نىڭدە‌ك ئىشلار كە‌لگە‌نمۇ؟‏ سىزمۇ ھاياتىڭىزنى ئاستىن-‏ئۈستۈن قىلىۋېتىدىغان ئىش-‏ۋە‌قە‌گە يولۇ‌ققانمۇ؟‏

2 يە‌ھۋانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرىمۇ ھە‌ممە ئادە‌ملە‌رگە ئوخشاش،‏ ھاياتتا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىدۇ.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىز خۇ‌دانىڭ خە‌لقى سۈپىتىدە،‏ دۈشمە‌نلە‌رنىڭ قارشىلىقى ۋە زىيانكە‌شلىكىگە ئۇ‌چرايمىز.‏ گە‌رچە ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋا بىزنى شۇ قىيىنچىلىقلاردىن ھىمايە قىلمىسىمۇ،‏ بىزگە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان (‏يە‌شايا 41:‏10‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ ياردىمى بىلە‌ن،‏ مە‌يلى قانداق قىيىن سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لمە‌يلى،‏ خۇ‌شاللىقىمىزنى يىتتۈرۈپ قويماي،‏ توغرا قارارلارنى چىقىرالايمىز ۋە يە‌ھۋاغا سادىق بولۇ‌پ قالالايمىز.‏ بۇ ماقالىدە،‏ بېشىمىزغا ئېغىر كۈنلە‌ر كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا بىزگە قايسى تۆت يول بىلە‌ن ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى كۆرىمىز.‏ يە‌نە يە‌ھۋانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلىشىمىز لازىملىقىنى كۆرىمىز.‏

يە‌ھۋا سىزگە خاتىرجە‌ملىك بېرىدۇ

3.‏ بېشىمىزغا كۈن چۈشكە‌ندە،‏ بىز ئۈچۈن نېمە قىلىش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

3 قىيىنچىلىق.‏ بېشىمىزغا كۈن چۈشكە‌ندە،‏ توغرا ئوي-‏پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە قارار چىقىرىش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ چۈنكى،‏ شۇ‌نداق ۋاقىتلاردا كۆزۈمىزدىن ياش قۇ‌رىماي،‏ ئىچىمىز دە‌رد-‏ئە‌لە‌مگە تولىدۇ.‏ كۆپ غە‌م-‏ئە‌ندىشىلە‌رنى قىلىپ،‏ ئېغىر يۈكنى يۈدۈپ يۈرگە‌ندە‌ك ھېس قىلىمىز.‏ ماقالىنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى قېرىنداش قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغانلىقىنى ئېيتىپ بە‌رگە‌ن.‏ ئولىۋىيا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بوران-‏چاپقۇ‌ن ئۆيۈمنى ۋە‌يران قىلغاندا،‏ ئۆزۈمنى يىتتۈرۈپ قويدۇ‌م،‏ يە‌لكە‌مگە تاغنى ئارتىپ قويغاندە‌ك ھېس قىلدىم».‏ مونىكا ھە‌مراھىنىڭ ۋاپاسىزلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «شۇ‌نچىلىك ئۈمىدسىزلە‌ندىمكى،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمنى سۆز بىلە‌ن ئىپادىلە‌ش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س.‏ بۇ يۈرىكىمنى پىچاق تىققاندە‌ك زېدە قىلدى.‏ ئە‌مدى قانداق ھايات كە‌چۈرىمە‌ن دە‌پ ئويلىدىم.‏ بۇ‌نداق كۈننىڭ بېشىمغا كە‌لگىنىگە ئىشىنە‌لمىدىم».‏ شۇ‌نداق قاتتىق ئازاب چە‌ككىنىمىزدە،‏ يە‌ھۋا بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

4.‏ فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏6،‏ 7-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ يە‌ھۋا بىزگە نېمىنى ۋە‌دە قىلىدۇ؟‏

4 يە‌ھۋا بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ ئۇ كۆڭلىمىزنى تىنچ-‏خاتىرجە‌م قىلىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئۇ‌نى «خۇ‌دانىڭ تىنچلىقى» دە‌پ ئاتىغان ‏(‏فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏6،‏ 7-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن دوست مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولغاچقا،‏ بىز شۇ‌نداق تىنچلىقنى ھېس قىلىمىز.‏ خۇ‌دانىڭ تىنچلىقى بولسا «ھە‌رقانداق ئوي-‏پىكىردىن ئۈستۈن»،‏ يە‌نى بىز تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلالىغاندىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكتۇ‌ر.‏ يە‌ھۋاغا چىن قە‌لبىڭىزدىن دۇ‌ئا قىلغاندىن كېيىن،‏ ئۆزىڭىزنى ئىنتايىن تىنچ-‏خاتىرجە‌م ھېس قىلغان چاغلىرىڭىز بولغانمۇ؟‏ ئاشۇ ھېس-‏تۇ‌يغۇ دە‌ل «خۇ‌دانىڭ تىنچلىقى».‏

5.‏ تە‌ڭرىنىڭ تېچلىقى يۈرىكىمىز ۋە ئە‌قلىمىزنى قانداق ساقلايدۇ؟‏

5 بۇ ئايە‌تلە‌ردە،‏ خۇ‌دانىڭ تىنچلىقى «سىلە‌رنىڭ قە‌لبىڭلارنى ۋە ئۆي-‏پىكىرىڭلارنى … قوغدايدۇ» دە‌پ يېزىلغان.‏ «قوغدايدۇ» دېگە‌ن بۇ سۆز،‏ گرېك تىلىدىكى ئە‌سلى تېكىستتا شە‌ھە‌رنى دۈشمە‌نلە‌رنىڭ ھۇ‌جۇ‌ملىرىدىن قوغداش ئۈچۈن قاراۋۇ‌للۇ‌ق قىلىدىغان ئە‌سكە‌رلە‌رنى تە‌سۋىرلە‌شتە ئىشلىتىلگە‌ن.‏ خە‌لق شە‌ھە‌ر دە‌رۋازىلىرىدا قاراۋۇ‌للارنىڭ تۇ‌رىدىغانلىقىنى بىلگە‌چكە،‏ ھېچنېمىدىن غە‌م قىلماي،‏ تىنچ-‏خاتىرجە‌م ئۇ‌خلىغان ئىدى.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ خۇ‌دانىڭ تىنچلىقى قە‌لبىمىزنى ۋە ئوي-‏پىكىرىمىزنى قوغدىغاندا،‏ بىز تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ھېس قىلىپ،‏ ئۆزىمىزنى بىخە‌تە‌ر سېزىمىز (‏زە‌بۇ‌ر 4:‏8‏)‏.‏ گە‌رچە قىيىنچىلىقلىرىمىز دە‌رھال ھە‌ل بولمىسىمۇ،‏ بىز ھانناغا ئوخشاش ئۆزىمىزنى تىنچ-‏خاتىرجە‌م ھېس قىلالايمىز (‏1-‏سام.‏ 1:‏16–‏18‏)‏.‏ كۆڭلىمىز خاتىرجە‌م بولسا،‏ ئويلىنىپ ياخشى قارارلارنى چىقىرىش ئاسانراق بولىدۇ.‏

‏«خۇ‌دانىڭ تىنچلىقى» قە‌لبىمىزنى ۋە ئوي-‏پىكىرلىرىمىزنى قوغداۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغۇ‌چە قايتا-‏قايتا دۇ‌ئا قىلىڭ (‏4–‏6-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏


6.‏ خۇ‌دانىڭ تىنچلىقىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

6 بىز نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ ئۆزىڭىزنى ئاۋارىچىلىققا ئۇ‌چرىغاندە‌ك ھېس قىلغاندا،‏ قاراۋۇ‌لنى چاقىرىڭ،‏ يە‌نى خۇ‌دادىن ئۆزىڭىزنى قوغداشنى ئۆتۈنۈڭ.‏ قايتا-‏قايتا تاكى خۇ‌دانىڭ تىنچلىقىنى ھېس قىلغۇ‌چە دۇ‌ئا قىلىڭ (‏لۇ‌قا 11:‏9؛‏ 1-‏سالونىكا.‏ 5:‏17‏)‏.‏ ماقالىنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىنغان لۇ‌ئىس پە‌قە‌ت بىرنە‌چچە ئاي ھايات كە‌چۈرە‌لە‌يدىغانلىقىنى بىلگە‌ندە،‏ ئۇ ئايالى ئاننا بىلە‌ن ۋە‌زىيە‌تتە نېمە قىلغان؟‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بۇ‌نداق قىيىن ۋە‌زىيە‌تتە،‏ داۋالىنىش ۋە باشقا مە‌سىلىلە‌ردە قارارلارنى چىقىرىش ئىنتايىن قىيىن ئىكە‌ن.‏ بىراق،‏ پە‌قە‌ت دۇ‌ئانىڭ ياردىمى بىلە‌ن كۆڭلىمىز ئارام تاپتى».‏ لۇ‌ئىس ۋە ئايالى ئاننا،‏ قايتا-‏قايتا قاتتىق دۇ‌ئا قىلىپ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دادىن تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك ۋە توغرا قارارلارنى چىقىرىش ئۈچۈن دانالىق سورىغان.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ ياردىمىگە ئېرىشكە‌ن.‏ ئە‌گە‌ر سىزمۇ قىيىن كۈنگە قالسىڭىز،‏ قايتا-‏قايتا دۇ‌ئا قىلىڭ.‏ شۇ چاغدىلا يە‌ھۋانىڭ تىنچلىقى قە‌لبىڭىزنى ۋە ئوي-‏پىكىرىڭىزنى قوغدايدۇ.‏ —‏رىملىقلار 12:‏12‏.‏

يە‌ھۋا تە‌ڭپۇ‌ڭلۇ‌قنى ساقلىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ

7.‏ بىز ئېغىر سىناققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ نېمىلە‌رنى ھېس قىلىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏

7 قىيىنچىلىق.‏ بېشىمىزغا كۈن چۈشكە‌ندە،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىز،‏ ئوي-‏پىكىرىمىز ۋە قايتۇ‌رىدىغان ئىنكاسىمىز ئادە‌تتىكى چاغلاردىن كۆپ پە‌رقلىق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ خۇ‌ددى بوران-‏چاپقۇ‌ندا قالغان كېمە ئارقا-‏ئارقىدىن كېلىۋاتقان كۈچلۈك دېڭىز دولقۇ‌نىدا ھە‌ر تە‌رە‌پكە چايقالغاندە‌ك،‏ بىزنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزمۇ شۇ‌نداق بولىدۇ.‏ لۇ‌ئىس ۋاپات بولغاندىن كېيىن،‏ ئايالى ئاننانىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىدا ھە‌م شۇ‌نداق داۋالغۇ‌شلار بولغانىدى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بە‌زىدە كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم بولغاندا،‏ ئۆزۈم ئىنتايىن بىچارە سېزە‌تتىم،‏ بە‌زىدە ئۇ‌نىڭ ئۆلۈپ كە‌تكىنىگە قاتتىق ئاچچىقىم كېلە‌تتى».‏ ئاننا ئۆزىنى بە‌ك يالغۇ‌ز ھېس قىلغان ۋە بۇ‌رۇ‌ن يولدىشى قارارلارنى قىلىدىغان ئىشلار ئە‌مدى ئۆزىگە قالغاچ،‏ كۆڭلى پاراكە‌ندە بولغان.‏ شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزدا ئېگىز-‏پە‌س داۋالغۇ‌شلار بولغاندا،‏ يە‌ھۋا بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

8.‏ يە‌شايا 33:‏6-‏ئايە‌تتە يېزىلغاندە‌ك،‏ يە‌ھۋا بىزگە قانداق كاپالە‌ت بېرىدۇ؟‏

8 يە‌ھۋا بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ يە‌ھۋا بىزنى تە‌ڭپۇ‌ڭلۇ‌قنى ساقلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرىدۇ ‏(‏يە‌شايا 33:‏6-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ كېمە دېڭىزدا بوران-‏چاپقۇ‌نغا ئۇ‌چرىغاندا،‏ ھە‌ر تە‌رە‌پكە قاتتىق چايقىلىشقا باشلايدۇ.‏ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تكە دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ كېمە ئۆرۈلۈپ كە‌تمە‌سلىكى ئۈچۈن ئادە‌تتە كېمىنىڭ ئىككى تە‌رىپىنىڭ سۇ‌غا چۆكۈپ تۇ‌رغان قىسىمىغا ئالاھىدە پالاقلار ئورنىتىلغان بولىدۇ.‏ مۇ‌شۇ پالاقلارنىڭ ياردىمى بىلە‌ن كېمە بە‌ك قاتتىق چايقالمايدۇ ۋە يولۇ‌چىلار تېخىمۇ بىخە‌تە‌ر ۋە تىنچ-‏ئامان سە‌پە‌ر قىلالايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ كېمىنىڭ چايقىلىشىنى ئازايتىدىغان پالاقلار،‏ پە‌قە‌ت كېمە ئالدىغا ئىلگىرىلە‌پ ماڭغاندىلا،‏ ئە‌ڭ ياخشى ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ دە‌ل شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ باشقا ئېغىر كۈنلە‌ر كە‌لگە‌ن چاغلاردا،‏ يە‌ھۋاغا سادىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رساق،‏ ئۇ بىزنىڭ تە‌ڭپۇ‌ڭلۇ‌قنى ساقلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

ئىزدىنىش قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ،‏ ھېس-‏تۇ‌يغىڭىزنى تە‌ڭپۇ‌ڭلاشتۇ‌رالايسىز (‏8،‏ 9-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏


9.‏ تە‌تقىق قىلىش قوراللىرىمىز تە‌ڭپۇ‌ڭلۇ‌قنى ساقلىشىمىزغا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

9 نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىزدا ئېگىز-‏پە‌س داۋالغۇ‌شلار بولغاندا،‏ داۋاملىق روھىي ئىش-‏پائالىيە‌تلە‌ر بىلە‌ن مە‌شغۇ‌ل بولۇ‌ش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىڭ.‏ بە‌لكىم،‏ ئىلگىرىكىدە‌ك كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلالماي قېلىۋاتقان بولۇ‌شىڭىز مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ شۇ‌نى ئېسىڭىزدە تۇ‌تۇ‌ڭكى:‏ يە‌ھۋا سىزنىڭ قولۇ‌ڭىزدىن كە‌لمە‌يدىغان ئىشنى قىلىشىڭىزنى كۈتمە‌يدۇ (‏لۇ‌قا 21:‏1–‏4-‏نى سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ شە‌خسىي تە‌تقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈپ،‏ چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشقا ۋاقىت چىقىرىڭ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆز تە‌شكىلاتى ئارقىلىق تە‌ڭپۇ‌ڭلۇ‌قنى ساقلىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدىغان ھە‌ر تۈرلۈك ماقالىلە‌ر ۋە فىلىملە‌رنى تە‌مىنلە‌پ بە‌رگە‌ن.‏ «JW Library» پروگراممىسىدىن،‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى ماتېرىياللار كۆرسە‌تكۈچى» ۋە «يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يول كۆرسە‌تكۈچىسى»دىن ئۆزىڭىزگە كېرە‌ك مە‌لۇ‌ماتنى تاپالايسىز.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان قېرىندىشىمىز مونىكا،‏ ئازابلىق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى بوران-‏چاپقۇ‌نغا ئوخشاش كۈچىيىشكە باشلىغاندا،‏ دە‌رھال مۇ‌شۇ ئىزدىنىش قوراللىرىدىن پايدىلانغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ دە‌سلە‌پ «ئاچچىقلىنىش»،‏ كېيىن «ئاسىيلىق» ياكى «ۋاپادارلىق» دېگە‌نلە‌رنى يېزىپ،‏ شۇ توغرۇ‌لۇ‌ق ئىزدە‌نگە‌ن.‏ كېيىن،‏ شۇ تاپقان مە‌لۇ‌ماتلارنى جېنى ئارام تاپقۇ‌چە داۋاملىق ئوقۇ‌غان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئوقۇ‌شقا باشلىغاندا،‏ كۆڭلۈم قاتتىق بىئارام بولۇ‌پ،‏ غە‌م-‏تە‌شۋىش قىلاتتىم.‏ بىراق،‏ كۆڭۈل قويۇ‌پ ئوقۇ‌غاندىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا مېنى باغرىغا باسقانلىقىنى ھېس قىلدىم.‏ يە‌ھۋا مېنىڭ بارچە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمنى چۈشۈنۈپلا قالماي،‏ ماڭا ياردە‌م قولىنى سۇ‌نۇ‌پ كە‌لگە‌نلىكىنى ھە‌م كۆرۈپ يە‌تتىم».‏ يە‌ھۋا مۇ‌شۇ ئۇ‌سۇ‌لدا،‏ ئۆزىڭىزنى تىنچ-‏خاتىرجە‌م ھېس قىلغۇ‌چە،‏ تە‌ڭپۇ‌ڭلۇ‌قنى ساقلىشىڭىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ —‏زە‌بۇ‌ر 119:‏143،‏ 144‏.‏

يە‌ھۋا سىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ

10.‏ قە‌لبىمىز ئېغىر زە‌ربىگە ئۇ‌چرىغاندىن كېيىن،‏ ئۆزىمىزنى قانداق ھېس قىلىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏

10 قىيىنچىلىق.‏ قە‌لبىمىز قاتتىق زە‌ربىگە ئۇ‌چرىغاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌زۇ‌نغىچە بىر مە‌زگىل جىسمانىي ۋە ھېسسىي جە‌ھە‌تتىن ئۆزىمىزنى ئاجىز ھېس قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ ئۆزىمىزنى خۇ‌ددى ئىلگىرى تېز يۈگۈرگە‌ن،‏ ھازىر يارىلانغاچ،‏ ئاقساپ مېڭىۋاتقان تە‌نھە‌رىكە‌تچىدە‌ك ھېس قىلىمىز.‏ ئۆز ۋاقتىدا بىزمۇ ئاسانلا قىلىپ يۈرگە‌ن ئىشلار ھازىر ئېغىر يۈكتە‌ك بىلىنىشى ياكى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن قىزىقىپ قىلغان ئىشلارنى ھازىر قىلىشقا قىلچىمۇ ئارزۇ-‏ئىستىكىمىز قالمىغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئىلياس پە‌يغە‌مبە‌رگە ئوخشاش،‏ بە‌لكىم بىز ئورنىمىزدىن تۇ‌رماي،‏ پە‌قە‌ت ئۇ‌خلاپ يېتىشنى خالايمىز (‏1-‏پادىشاھ.‏ 19:‏5–‏7‏)‏.‏ شۇ‌نداق ئۆزىمىزنى ئاجىز ھېس قىلغاندا،‏ يە‌ھۋا بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

11.‏ يە‌ھۋا بىزگە يە‌نە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 94:‏18‏)‏.‏

11 يە‌ھۋا بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ ئۇ بىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلىدۇ ‏(‏زە‌بۇ‌ر 94:‏18-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يارىلانغان تە‌نھە‌رىكە‌تچى بىرىنىڭ ياردىمىگە مۇ‌ھتاج بولغاندە‌ك،‏ بىزمۇ داۋاملىق يە‌ھۋا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن،‏ ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج بولىمىز.‏ شۇ‌نداق پە‌يتلە‌ردە،‏ يە‌ھۋا بىزگە مۇ‌نداق كاپالە‌ت بېرىدۇ:‏ «مە‌ن يە‌ھۋا سېنىڭ خۇ‌دايىڭ،‏ ئوڭ قولۇ‌ڭدىن تۇ‌تۇ‌پ،‏ ساڭا ئېيتىمە‌نكى:‏ ‹قورقمىغىن،‏ مە‌ن ساڭا ياردە‌م بېرىمە‌ن›» (‏يە‌شايا 41:‏13‏)‏.‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ شۇ‌نداق ياردە‌مگە ئېرىشكە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ بېشىغا قىيىن كۈنلە‌ر كە‌لگە‌ندە،‏ دۈشمە‌نلە‌ر ھۇ‌جۇ‌م قىلغاندا،‏ ئۇ يە‌ھۋاغا:‏ «ئوڭ قولۇ‌ڭ بىلە‌ن مېنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يسە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن (‏زە‌بۇ‌ر 18:‏35‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋا بىزنى ھازىر قانداق قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ؟‏

ئائىلىڭىزدىكىلە‌ر،‏ دوستلىرىڭىز ۋە ئاقساقاللارنىڭ ياردىمىنى قوبۇ‌ل قىلىڭ (‏11–‏13-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏


12.‏ بىز ئۆزىمىزنى ئاجىز ھېس قىلغاندا يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزگە كىم ئارقىلىق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

12 يە‌ھۋا باشقىلارنى بىزگە ياردە‌م بېرىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىش ئارقىلىق بىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ.‏ بىر كۈنى داۋۇ‌ت قىيىن ئە‌ھۋالغا چۈشۈپ،‏ ئۆزىنى ئاجىز ھېس قىلغان.‏ شۇ چاغدا،‏ دوستى يوناتان داۋۇ‌تنى يوقلاپ بېرىپ،‏ ئۇ‌نى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌ن ۋە ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىدىغان سۆزلە‌رنى قىلغان (‏1-‏سام.‏ 23:‏16،‏ 17‏)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋا ئىلياس پە‌يغە‌مبە‌رنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش ۋە ئە‌مە‌لىي ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن ئېلىشانى ئە‌ۋە‌تكە‌ن (‏1-‏پادىشاھ.‏ 19:‏16،‏ 21؛‏ 2-‏پادىشاھ.‏ 2:‏2‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋا ئائىلىمىز،‏ دوستلىرىمىز ۋە ئاقساقاللار ئارقىلىق بىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ.‏ بىراق،‏ قاتتىق ئازابلانغان چاغلىرىمىزدا،‏ ھېچكىم بىلە‌ن كۆرۈشنى خالىماي،‏ يالغۇ‌ز قېلىشنى خالىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولۇ‌ش تە‌بىئىي ئە‌ھۋال.‏ بىراق،‏ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە،‏ يە‌ھۋانىڭ قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟‏

13.‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بىز نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

13 نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ قىيىن بولسىمۇ،‏ باشقىلاردىن ئۆزىڭىزنى ئېلىپ قېچىش خاھىشىغا قارشى تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن تىرىشىڭ.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت يالغۇ‌ز قالساق ۋە ئۆزىمىزنى باشقىلاردىن ئېلىپ قاچساق،‏ پە‌قە‌ت ئۆزىمىزنى ۋە قىيىنچىلىقلىرىمىزنى ئويلاپ،‏ نە‌تىجىدە توغرا قارار چىقىرالماي قالىمىز (‏پە‌ند.‏ نە 18:‏1‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بولۇ‌پمۇ بېشىمىزغا ئېغىر كۈن چۈشكە‌ندە،‏ ئۆزىمىزنى بىر ئاز تىنچلاندۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن يالغۇ‌ز قالىدىغان ۋاقىت كېرە‌ك.‏ بىراق،‏ ئۇ‌زۇ‌نغىچە ئۆزىمىزنى باشقىلاردىن قاچۇ‌رۇ‌پ يۈرسە‌ك،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە بېرىۋاتقان ياردىمىنى رە‌ت قىلىپ يۈرگە‌ندە‌ك بولۇ‌پ قالىمىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ مە‌يلى قانداق قىيىنچىلىق بېشىڭىزغا كە‌لگە‌ن بولسۇ‌ن،‏ ئائىلىڭىز،‏ دوستلىرىڭىز ۋە ئاقساقاللارنىڭ ياردىمىنى قوبۇ‌ل قىلىڭ.‏ شۇ‌نى ئۇ‌نتۇ‌ماڭكى،‏ يە‌ھۋا دە‌ل شۇ‌لارنى ئىشلىتىپ،‏ سىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ۋاتىدۇ.‏ —‏پە‌ند.‏ نە 17:‏17؛‏ يە‌شايا 32:‏1،‏ 2‏.‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا كۆڭلىڭىزنى ياسايدۇ

14.‏ بىز قانداق قورقۇ‌نچلۇ‌ق ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏

14 قىيىنچىلىق.‏ بە‌زىدە بىزنى قورقۇ‌نچ چىرمىۋالغاندە‌ك ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ قە‌دىمقى زاماندا خۇ‌دانىڭ بە‌زى سادىق خىزمە‌تچىلىرىمۇ دۈشمە‌نلە‌رنىڭ ھۇ‌جۇ‌مى ياكى باشقىلارنىڭ بېسىمى سە‌ۋە‌بلىك،‏ قاتتىق غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلغانلىقى ۋە قورققانلىقىنى ئېيتقان (‏زە‌بۇ‌ر 18:‏4؛‏ 55:‏1،‏ 5‏)‏.‏ بىزمۇ مە‌كتە‌پتە،‏ ئىشتا،‏ ئۆيۈمىزدە ياكى ھۆكۈمە‌تنىڭ قارشىلىقلىرى دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ياكى بولمىسا،‏ داۋالاش خە‌تە‌رلىك بولىدىغان ۋە‌زىيە‌تكە دۇ‌چ كېلىپ،‏ ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ بۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە،‏ بە‌لكىم ئۆزىمىزنى ياردە‌مسىز قالغان بىچارە بالىدە‌ك ھېس قىلىمىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋا بۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

15.‏ زە‌بۇ‌ر 94:‏19-‏ئايە‌ت بىزنى نېمىگە ئىشە‌ندۈرىدۇ؟‏

15 يە‌ھۋا بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ يە‌ھۋا بىزگە تە‌سە‌للى بېرىپ،‏ كۆڭلىمىزنى ياسايدۇ ‏(‏زە‌بۇ‌ر 94:‏19-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ زە‌بۇ‌رنىڭ بۇ بابىنى ئوقۇ‌غاندا،‏ كۆز ئالدىمىزغا گۈلدۈرماما ئاۋازىدىن قورقۇ‌پ،‏ ئۇ‌خلىيالمىغان كىچىك قىزچاق كۆز ئالدىمىزغا كېلىشى مۇ‌مكىن.‏ دادىسى قىزىنىڭ قېشىغا كېرىپ،‏ ئۇ‌نى قۇ‌چاقلاپ،‏ ئۇ‌خلاپ قالغىچە قېشىدا ئولتۇ‌رىدۇ.‏ گۈلدۈرماما تېخى توختىمىغان بولسىمۇ،‏ قىز دادىسىنىڭ قۇ‌چىغىدا ئۆزىنى بىخە‌تە‌ر ۋە خاتىرجە‌م ھېس قىلىدۇ.‏ بىزمۇ قورقۇ‌نچلۇ‌ق سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ئاسماندىكى ئاتىمىزنىڭ بىزنى باغرىغا بېسىپ،‏ كۆڭلىمىزنى تە‌سە‌للى تاپقۇ‌زۇ‌پ،‏ قورقۇ‌نچلۇ‌ق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىز يوقالغىچە يېنىمىزدا تۇ‌رۇ‌شىغا مۇ‌ھتاج بولىمىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌سە‌للىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بىز نېمە قىلالايمىز؟‏

ئاسماندىكى ئاتىڭىز سىزگە تە‌سە‌للى بە‌رسۇ‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب (‏15،‏ 16-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏


16.‏ يە‌ھۋادىن تە‌سە‌للىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

16 نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ دائىم دۇ‌ئا قىلىپ،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىنى ئوقۇ‌ش ئارقىلىق يە‌ھۋا بىلە‌ن بىللە ۋاقىت ئۆتكۈزۈڭ (‏زە‌بۇ‌ر 77:‏1،‏ 12–‏14‏)‏.‏ بۇ‌نى ئادە‌تكە ئايلاندۇ‌رسىڭىز،‏ ئۆزىڭىزنى ئېغىر بېسىم ئاستىدا قالغاندە‌ك ھېس قىلغاندا،‏ دە‌رھال دۇ‌ئا قىلىپ،‏ يە‌ھۋادىن ياردە‌م سورايسىز.‏ سىزنى قورقۇ‌تقان ياكى غە‌م-‏ئە‌ندىشىگە سالغان بارچە نە‌رسىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق يە‌ھۋاغا ئوچۇ‌ق ئېيتىڭ؛‏ كېيىن،‏ ئۇ‌نىڭ سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌پ،‏ سىزگە نېمە دە‌يدىغانلىقىنى ئاڭلاڭ؛‏ شۇ ئارقىلىق ئۇ‌نىڭ تە‌سە‌للىسىگە ئېرىشىسىز (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏28‏)‏.‏ قورقۇ‌نچ ھېس قىلغان چاغلاردا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مە‌لۇ‌م ئۈزۈندىلە‌ر سىزگە تە‌سە‌للى بېرىپ،‏ كۆڭلىڭىزنى كۆتۈرە‌لە‌يدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئايۇ‌پ،‏ زە‌بۇ‌ر،‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت كىتابلىرىدىكى ئايە‌تلە‌ر ۋە مە‌تتا كىتابى 6-‏بابتىكى ئە‌يسانىڭ سۆزلىرىنى ئوقۇ‌ڭ.‏ سىز يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ سۆزىنى تە‌تقىق قىلىپ ئوقۇ‌ڭ،‏ شۇ‌ندا ئۇ‌نىڭ تە‌سە‌للىسىگە ئېرىشىسىز.‏

17.‏ بىز نېمىگە قە‌تئىي ئىشە‌نسە‌ك بولىدۇ؟‏

17 شۇ‌نىڭغا ئىشىنىمىزكى،‏ بېشىمىزغا ئېغىر كۈنلە‌ر كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا چوقۇ‌م يېنىمىزدا بولىدۇ.‏ ئۇ بىزنى ئە‌سلا يالغۇ‌ز تاشلاپ قويمايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 23:‏4؛‏ 94:‏14‏)‏.‏ ئۇ بىزنى قوغدايدىغانلىقى،‏ تە‌ڭپۇ‌ڭلۇ‌قنى ساقلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدىغانلىقى،‏ قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغانلىقى ۋە تە‌سە‌للى بېرىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ۋە‌دە قىلىدۇ.‏ يە‌شايا 26:‏3-‏ئايە‌تتە‏،‏ يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌نداق سۆزلە‌ر يېزىلغان:‏ «ساڭا تولۇ‌ق تايانغانلارنى سە‌ن ھىمايە قىلىسە‌ن؛‏ ئۇ‌لارغا پۈتمە‌س-‏تۈگىمە‌س تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك بېرىسە‌ن،‏ چۈنكى ئۇ‌لار ساڭا ئىشە‌نچ باغلىغان».‏ شۇ‌نداق ئىكە‌ن،‏ يە‌ھۋاغا تايىنىڭ ۋە ئۇ‌نىڭ ياردىمىنى قوبۇ‌ل قىلىڭ.‏ بۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئېغىر سىناقلار بېشىمىزغا كە‌لگە‌ن كۈنلە‌ردە،‏ قايتا كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌تكە ئېرىشىسىز.‏

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • بولۇ‌پمۇ قانداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ ياردىمىگە مۇ‌ھتاج بولىمىز؟‏

  • بېشىمىزغا ئېغىر كۈنلە‌رگە كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا قايسى تۆت يول بىلە‌ن بىزگە ياردە‌م قىلىدۇ؟‏

  • يە‌ھۋانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟‏

2-‏ناخشا تە‌شە‌ككۈر يە‌ھۋا!‏

a بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏