تەتقىق قىلىش ئۇسۇللىرى
تەتقىق قىلىش ئۇسۇللىرى
بىز جامائەت ئىبادەت يىغىلىشلىرى ۋە چوڭ يىغىلىشلاردا جەم بولغاندا، ئۇنىڭدىن باشقا، شەخسىي تەتقىق ئۆگىنىشىدە ۋە ئائىلىۋى ئىبادەت ئۆتكۈزگەندە، يەھۋا خۇداغا ئىبادەت قىلىمىز. شەخسىي ئۆگىنىش ۋە ئائىلىۋى ئىبادەتنى قانداق ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ؟
-
جامائەت يىغىلىشلىرىغا تەييارلىق قىلىڭ. ناخشىلارنى يادلىۋېلىشقا ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرگە جاۋاب تەييارلاشقا ياردەم بەرسىڭىز بولىدۇ.
-
مۇقەددەس كىتابتىن بىر ۋەقەنى ئوقۇپ، ئۇنى تەسۋىرلەپ رەسىم سىزىڭ ياكى ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى يېزىپ قويۇڭ.
-
مۇقەددەس كىتابتىكى مەلۇم بىر دۇئانى ئوقۇپ، دۇئالىرىڭىزنىڭ سۈپىتىنى قانداق ياخشىلاشقا بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئويلىنىڭ.
-
تور بېكىتىمىزدىكى فىلىمنى كۆرۈپ، ئۇنى باشقىلار بىلەن مۇھاكىمە قىلىڭ ياكى ئۆزىڭىز ياقتۇرغان مەزمۇنلارنى يېزىپ قويۇڭ.
-
ۋەز خىزمىتىگە تەييارلىق قىلىڭ، مۇمكىن بولسا، ئۇچراتقان كىشىگە دېمەكچى بولغان سۆزلەرنى بىرى بىلەن مەشىق قىلىڭ.
-
خۇدانىڭ ياراتمىلىرى كۈزىتىپ، ئۇلار ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىڭ ياكى بىرسى بىلەن مۇھاكىمە قىلىڭ. a
a «كۈزىتىش مۇنارى» 2023-يىل، مارت سانى. «يەھۋانىڭ ياراتقانلىرىغا قاراپ ئۇنى تېخىمۇ ياخشىراق تونۇيالايسىز» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.