سىز بىلەمسىز؟
فىلىپ ئېفىئوپىيىلىك ئەمەلدارنى ئۇچراتقاندا، ئۇ قانداق ھارۋىدا ئولتۇرغانىدى؟
مۇقەددەس كىتابنىڭ يېڭى دۇنيا تەرجىمىسىدە، «ھارۋا» دەپ تەرجىمە قىلىنغان گرېكچە سۆز ھەرخىل پەرقلىق ھارۋىلارغا قارىتا قوللىنىلىدۇ (ئەلچى. 8:28، 29، 38). بىراق، ئېفىئوپىيىلىك ئەمەلدار قارىماققا جەڭدە ياكى مۇسابىقىدە قوللىنىدىغان ھارۋىلاردىن يوغانراق ھارۋىدا سەپەر قىلغان. بۇنداق خۇلاسە قىلىشنىڭ بىرنەچچە سەۋەبىنى كۆرۈپ باقايلى.
ئۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولغان ۋە يىراق جايغا سەپەر قىلغان. «بۇ كىشى كانداس ئىسىملىك ئېفىئوپىيە ئايال پادىشاھىنىڭ قول ئاستىدىكى ھوقۇقلۇق كىشى بولۇپ، ئايال پادىشاھنىڭ بارلىق خەزىنىسىنى باشقۇراتتى» (ئەلچى. 8:27). قەدىمقى ئېفىئوپىيە دۆلىتى بۈگۈنكى كۈندىكى سۇدان ۋە مىسىرنىڭ جەنۇبىدىكى كۆپ قىسىم يەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ ئۇزۇن سەپەر بولغاچ، ئېفىئوپىيىلىك ئەمەلدار بەلكىم باشتىن-ئاخىرى بىر ھارۋىدا سەپەر قىلمىغان، ھەتتا ئۇ سەپەردە ئۆزى بىلەن ئاز بولمىغان يۈك-تاقنى ھەم ئېلىۋالغان. بىرىنچى ئەسىردە ئادەملەر سەپەر قىلغاندا، قاتناش قوراللىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ئۈستى يېپىق، تۆت چاقلىق ھارۋىنى ئىشلەتكەن. ئەلچىلەر كىتابىنى چۈشەندۈرىدىغان بىر كىتابتا شۇنداق دېيىلگەن: «بۇنداق ئات ھارۋىسىغا كۆپرەك يۈك بېسىشقا بولغاندىن سىرت، ئۇنىڭدا سەپەر قىلىش راھەت ۋە ئۇزاق جايلارغا بېرىشقا بولاتتى».
فىلىپ ئېفىئوپىيىلىك ئەمەلدارنى ئۇچراتقاندا، ئۇ يازمىلارنى ئوقۇۋاتقان ئىدى. مۇقەددەس كىتابتا: «فىلىپ ھارۋىنىڭ يېنىدا يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقاندا، ھارۋىدا ئولتۇرغان كىشىنىڭ يەشايا پەيغەمبەرنىڭ كىتابىنى ئۈنلۈك ئوقۇۋاتقانلىقىنى» ئاڭلىغانىدى (ئەلچى. 8:30). ئۇزۇن سەپەردە ئىشلىتىدىغان ئات ھارۋىلىرى ئادەتتە بەك تېز ماڭمايتتى. ھاۋا ئاستا ماڭغاچ، بۇ ئەمەلدار يازمىلارنى ئوقۇيالىغان ۋە فىلىپ ھەم پىيادە ھارۋىنى قوغلاپ يېتىشەلىگەن.
ئېفىئوپىيىلىك «ئەمەلدار فىلىپنى ھارۋىغا چىقىپ، يېنىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى» (ئەلچى. 8:31). ئەگەر مۇسابىقە ھارۋىسى بولغان بولسا، ھارۋىدىكى كىشىلەر ئۆرە تۇرغان بولاتتى. ئەمما، سەپەردە ئىشلىتىدىغان ھارۋا بولسا، ئەمەلدار ۋە فىلىپ، ھەر ئىككىلىسى ئۈچۈن ئولتۇرۇشقا ئورۇن بولاتتى.
ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى كىتابىنىڭ 8-بابىدا يېزىلغانلارغا ۋە تارىخىي دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسلىنىپ، ئەمدى نەشىرى قىلىنىدىغان ماتېرىياللىرىمىزدا، ئېفىئوپىيىلىك ئەمەلدار ئولتۇرغان ھارۋىنىڭ كۆرۈنۈشى بولسا كىچىك جەڭ ھارۋىسى ياكى مۇسابىقە ھارۋىسى ئەمەس، بەلكى چوڭراق ئات ھارۋىسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ.