1-تەتقىق ماقالىسى
23-ناخشا يەھۋا — بىزنىڭ كۈچىمىز
يەھۋاغا تايىنىپ، قورقۇنچنى يېڭىڭ!
2024-يىللىق ئايەت: «مېنى قورقۇنچ باسقاندا، ئىشەنچ باغلايمەن ساڭا».—زەبۇر 56:3.
مەركىزى ئىدىيە
يەھۋا خۇداغا تايىنىپ، قورقۇنچىمىزنى قانداق يېڭەلەيدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.
1. نېمە ئۈچۈن بەزىدە قورقۇشىمىز مۇمكىن؟
بەزىدە ھەممىمىز بىر نەرسىدىن قورقىمىز. مەسىلەن، بىز ئۆلۈكلەردىن، جىنلاردىن قورقىمىز ياكى كېلەچەكتە ئىنسانلارنىڭ بېشىغا نېمە ئىشلارنىڭ كېلىشىدىن ئەنسىرەپ ۋەھىمىگە چۈشىمىز. ئەلۋەتتە، مۇقەددەس كىتابتىن ئۆگەنگەن ھەقىقەت بىزنى شۇنداق قورقۇنچلاردىن ئازاد قىلدى. لېكىن، بىز تېخىغىچە ئۇرۇش، جىنايەت ۋە كېسەللىككە ئوخشاش «قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈشلەر» يۈز بېرىۋاتقان بىر زاماندا ياشاۋاتىمىز (لۇقا 21:11). بىز يەنە، بەلكىم پاك ئىبادەتكە قارشى تۇرىدىغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزدىن قورقۇشىمىز مۇمكىن. بەزى قېرىنداشلار ھازىرقى ياكى كېلەچەكتىكى سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي قېلىشىدىن قورقىدۇ.
2. داۋۇت گاد يېرىدە بولغاندا، قانداق ۋەزىيەتتە بولغان؟
2 داۋۇتنىڭمۇ قورقۇنچ ئىچىدە قالغان ۋاقىتلىرى بولغان. مەسىلەن، سائۇل ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ، كەينىدىن قوغلىغاندا، داۋۇت فىلىستىيەلىكلەرنىڭ گات دېگەن شەھىرىگە قېچىپ بارغان. كۆپ ئۆتمەي، گاتنىڭ پادىشاھى ئاكىش داۋۇتنىڭ باتۇر جەڭچى بولغانلىقىنى، ھەتتا ئۇ توغرۇلۇق «داۋۇت ئون مىڭلارچە دۈشمەننى ئۆلتۈردى» دېگەن ناخشا-قوشاقلار بارلىقىنى بىلگەن. شۇ چاغدا، داۋۇت «ئىنتايىن قورقۇپ» كەتكەنىدى، چۈنكى ئۇ پادىشاھ ئاكىشنىڭ ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن (1-سام. 21:10–12). ئۇنداقتا. داۋۇت قورقۇنچىنى قانداق يەڭگەن؟
3. زەبۇر 56:1–3، 11-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، داۋۇت قورقۇنچىنى قانداق يەڭگەن؟
3 زەبۇر 56-بابتا، داۋۇت گات شەھىرىدە بولغاندا، قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغانلىقىنى يازغان. بۇ بابتا، ئۇ پەقەت قورقۇنچىنىڭ سەۋەبىنىلا ئەمەس، ئۇنى قانداق يەڭگەنلىكىنىمۇ ئېيتىپ بەرگەن. داۋۇت قورققان چاغدا، يەھۋا خۇداغا تايانغان (زەبۇر 56:1–3، 11-نى ئوقۇڭ). شۇنداق قىلىشى ئۈچۈن نۇرغۇن سەۋەبلەر بار ئىدى. يەھۋانىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن، داۋۇت غەلىتە، ئەمما ئۈنۈملۈك بىر ئامالنى ئويلاپ تاپقان. داۋۇت غەلىتە قىلىقلارنى قىلىپ، ئۆزىنى پادىشاھنىڭ ئالدىدا ساراڭدەك كۆرسەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ ئاكىش داۋۇتنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى قوغلىۋېتىشنى بۇيرىغان. شۇنداق قىلىپ داۋۇت ئامان قالالىغانىدى.—1-سام. 21:13–22:1.
4. يەھۋاغا كۆپرەك تايىنىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
4 بىزمۇ يەھۋا خۇداغا تايانساق، قورقۇنچنى يېڭەلەيمىز. بىراق، بىز بولۇپمۇ قورقۇنچ ئىچىدە قالغاندا، يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىمىزنى قانداق كۈچەيتەلەيمىز؟ بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى. سىز ئېغىر بىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىڭىزنى بىلگەندە، بېشىدا قورقۇپ كېتىشىڭىز مۇمكىن. كېيىن، سىزنى ياخشى بىر دوختۇر داۋالاپ ساقايتالايدىغانلىقىنى بىلىسىز. ئۇنىڭ بۇنداق كېسەلنى داۋالاشتا تەجرىبىسى مول بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى داۋالاپ ساقايتقانىدى. دوختۇر سىزنى دىققەت بىلەن تىڭشايدۇ ۋە سىزنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى ياخشى چۈشىنىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ سىزگە نۇرغۇن كىشىلەرنى ساقايتقان ئۈنۈملۈك بىر داۋالاش ئۇسۇلى توغرۇلۇق ئېيتىپ بېرىدۇ. دەل شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ ياراتقۇچى يەھۋانىڭ بۇرۇن نېمە قىلغانلىقى، ھازىر نېمە قىلىۋاتقانلىقى ۋە كېلەچەكتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئويلانساق، ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. زەبۇر 56-بابتىن، داۋۇتمۇ شۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ھازىر ئۇ يازغان بەزى سۆزلەرنى مۇھاكىمە قىلغاندا، سىزمۇ يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىڭىزنى كۈچەيتىپ، ئۆزىڭىزنىڭ قورقۇنچىنى يېڭىش ئۈچۈن نېمە قىلسىڭىز بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلاپ بېقىڭ.
يەھۋا بۇرۇن نېمە قىلغان؟
5. داۋۇت قورققان ۋاقىتلاردا نېمە توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلانغان؟ (زەبۇر 56:12، 13)
5 داۋۇت خەتەرلىك ۋەزىيەتتە بولغاندا، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن يەھۋانىڭ بۇرۇن نېمىلەرنى قىلغانلىقى توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلانغان (زەبۇر 56:12، 13-نى ئوقۇڭ). داۋۇت ئۆمۈر بويى خۇدا توغرۇلۇق ئويلىنىشقا ئادەتلەنگەن. مەسىلەن، ئۇ يەھۋا ياراتقان مەۋجۇداتلارغا قاراپ ئويلانغاندا، يەھۋانىڭ چەكسىز كۈچ-قۇدرىتىنى ۋە ئۇ ئىنسانلارنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن (زەبۇر 65:6–9). ئۇنىڭدىن باشقا، داۋۇت يەھۋانىڭ باشقىلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغانلىقى توغرۇلۇق ھەم ئويلانغان (زەبۇر 31:19؛ 37:25، 26). بولۇپمۇ ئۆزى ئۈچۈن قىلغانلىرىنى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانغان. خۇدا داۋۇتنى كىچىك چېغىدىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، ئۇنى ھىمايە قىلغان (زەبۇر 22:9، 10). ناھايىتى ئېنىقكى، ئاشۇ ئىشلار ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش چوقۇم داۋۇتنىڭ يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتكەن!
6. قورققان ۋاقىتلاردا يەھۋاغا تايىنىشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
6 سىزنى قورقۇنچ چىرمىۋالغاندا، ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرۈڭ: «يەھۋا بۇرۇن قانداق ئىشلارنى قىلغان؟». ئۇ ياراتقان مەۋجۇداتلار توغرۇلۇق ئويلىنىپ بېقىڭ. مەسىلەن، قۇشلار ياكى گۈللەر يەھۋانىڭ ئوبرازىدا يارىتىلمىغان بولسىمۇ ياكى ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلالمىسىمۇ، خۇدا ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىدۇ. دېمەك، ئۇ بىز ئۈچۈن تېخىمۇ غەمخورلۇق قىلىدۇ (مەتتا 6:25–32) سىز يەنە، يەھۋانىڭ ئۆز خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغانلىقى توغرۇلۇق ئويلىنىڭ. مۇقەددەس كىتابتىكى بىر كىشى ياكى يەھۋانىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى بىر خىزمەتچىسى توغرۇلۇق ئوقۇسىڭىزمۇ بولىدۇ a. ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋانىڭ شەخسەن سىز ئۈچۈن قانداق ياخشىلىقلارنى قىلغانلىقىنى ئەسلەپ كۆرۈڭ. ئۇ سىزنى ھەقىقەتكە قانداق جەلپ قىلغان؟ (يۇھاننا 6:44) دۇئالىرىڭىزغا قانداق جاۋاب بەرگەن؟ (1-يۇھاننا 5:14) ئۇ يالغۇز ئوغلىنى سىز ئۈچۈن قۇربان قىلغاچ، ھەر كۈنى بۇنىڭ قانداق پايدىسىنى كۆرۈۋاتىسىز؟—ئەفەس. 1:7؛ ئىبرانىي. 4:14–16.
7. دانىيالنىڭ ئۈلگىسى ۋانېسسانىڭ قورقۇنچىنى يېڭىشىگە قانداق ياردەم بەردى؟
7 ھايتىدا ياشايدىغان ۋانېسسا b ئىسىملىك قېرىندىشىمىز قورقۇنچلۇق بىر ۋەزىيەتنى باشتىن ئۆتكۈزگەن. بىر مەھەللىدە ياشايدىغان ئەر كىشى ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت بولۇش توغرۇلۇق ھەر كۈنى قايتا-قايتا تېلېفون قىلىپ، ئۇچۇر ئەۋەتكەن. ۋانېسسا ئۇنىڭ تەكلىپىنى قەتئىي رەت قىلغان. ئۇ ئەر كىشى تېخىمۇ ئاچچىقلىنىپ، ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىشقا باشلىغان. ۋانېسسا: «مەن بەك قورقۇپ كەتتىم»،— دەيدۇ. ئۇ قورقۇنچنى قانداق يەڭگەن؟ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئەمەلىيەت ئىش-ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، بىر ئاقساقالدىن ياردەم سورىغان. ئاقساقال ئۇنى ساقچىلاردىن ياردەم سوراشقا ئۈندىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەھۋا خۇدانىڭ ئۆتمۈشتە ئۆز خىزمەتچىلىرىنى قانداق قوغدىغانلىقى توغرۇلۇق ئويلانغان. ۋانېسسا مۇنداق دەيدۇ: «ئېسىمگە كەلگەن بىرىنچى ئادەم دانىيال پەيغەمبەر. ئۇنىڭ ھېچقانداق گۇناھ ئۆتكۈزمىگەن بولسىمۇ، ئۇنى ئاچ قورساق شىرلارنىڭ ئارىسىغا تاشلاشقان. بىراق، يەھۋا ئۇنى قوغداپ قالغان. مەنمۇ يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، بۇ قىيىنچىلىقنى ئۇنىڭغا تاپشۇردۇم. شۇنىڭدىن كېيىن، قايتا قورقمايدىغان بولدۇم».—دانىيال 6:12–22.
يەھۋا خۇدا ھازىر نېمە قىلىۋاتىدۇ؟
8. داۋۇت نېمىگە ئىشەنچ باغلىغان؟ (زەبۇر 56:8)
8 گات شەھىرىدە داۋۇتنىڭ ھاياتى خەتەرلىك ۋەزىيەتتە بولسىمۇ، ئۇ قورققىنىدىن ھودۇقۇپ كەتمىگەن. ئۇ يەھۋانىڭ دەل شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق ئويلانغان. داۋۇت يەھۋانىڭ ئۇنىڭغا يول-يورۇق بېرىپ، ئۇنى قوغدىغانلىقى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشەنگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلىگەنىدى (زەبۇر 56:8-نى ئوقۇڭ). يەنە داۋۇتقا ئۇنىڭ يوناتان ۋە ئالىي روھانىي ئاخىمەلەك دېگەن دوستلىرى يار-يۆلەپ بولغان. بۇ سادىق دوستلىرى ئۇنى دائىم قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن ۋە ئەمەلىي ياردەم بەرگەن (1-سام. 20:41، 42؛ 21:6، 8، 9). گەرچە پادىشاھ سائۇل ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولسىمۇ، داۋۇت قېچىپ ھاياتى ئامان قالغان. شۇڭا، داۋۇت ئۆز بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈنلەرنى ۋە بۇ ۋەزىيەتتە قانداق ھېس-تۇيغۇلاردا بولۇۋاتقانلىقىنى ياراتقۇچىسى يەھۋا ناھايىتى ئېنىق بىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن.
9. يەھۋا نېمىنى بايقايدۇ؟
9 ئېغىر بىر قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىپ، قورقۇنچ ئىچىدە قالغاندا، يەھۋا سىزنىڭ ۋەزىيىتىڭىزنى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭ. مەسىلەن، يەھۋا پەقەتلا مىسىرلىقلارنىڭ ئۆز خەلقىگە ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ئەمەس، بەلكى ئىسرائىللارنىڭ «ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى» كۆرگەن (چىق. 3:7). داۋۇت زەبۇردا، ئۆزىنىڭ ‹جاپا-مۇشەققەتلىرى› ۋە ‹دەرد-ئەلەملىرىنى›، يەھۋانىڭ كۆرگەنلىكىنى يازغان (زەبۇر 31:7). خۇدانىڭ خەلقى ئۆزلىرىنىڭ چىقارغان ئەخمىقانە قارارلىرى تۈپەيلى، ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چەككەندە، «ئۇ ھەم تەڭ ئازاب» چەككەن (يەشايا 63:9). دېمەك، سىز قورققان چاغدا، شۇنى ئۇنتۇماڭكى، يەھۋا ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى چۈشىنىپلا قالماي، قورقۇنچىڭىزنى يېڭىشىڭىزغا ياردەم بېرىشنى ھەم بەك خالايدۇ.
10. نېمە ئۈچۈن يەھۋا سىزگە غەمخورلۇق قىلىپ، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشىڭىزگە چوقۇم ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىسىز؟
10 بەلكىم، قورقۇنچلۇق سىناققا دۇچ كەلگەندە، «يەھۋا خۇدا ماڭا يار-يۆلەك بولۇۋاتقانلىقىنى نەدىن بىلىمەن؟»،— دەپ ئويلايدىغانسىز. كخۇداغا دۇئا قىلىپ، سىزگە يار-يۆلەك بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىڭىزگە ياردەم بېرىشنى تىلەڭ (2-پادىشاھ. 6:15–17). كېيىن، بۇ سوئاللار توغرۇلۇق ئويلىنىپ بېقىڭ: يىغىلىشتا ئېيتىلغان نۇتۇق ياكى بىر قېرىنداشنىڭ بەرگەن جاۋاب مېنى ئىلھاملاندۇردىمۇ؟ قانداقتۇ بىر كىتاب، ژۇرنال، فىلىم ياكى ناخشا ماڭا كۈچ-مەدەت بەردىمۇ؟ بىر قېرىنداش سىزگە تەسەللى بېرىدىغان بىر ئايەتنى كۆرسەتتىمۇ ياكى بىر ئوي-پىكىرنى ئېيتىپ بەردىمۇ؟ بەزىدە بىز كۆيۈمچان قېرىنداشلىرىمىز ۋە مول روھىي ئوزۇقنى ئادەتتىكى بىر نەرسىدەك قاراپ، ئۇنى قەدىرلىمەسلىكىمىز مۇمكىن. لېكىن، ئۇلار يەھۋانىڭ قىممەتباھا سوۋغاتلىرىدۇر (يەشايا 65:13؛ ماركۇس 10:29، 30). بۇ سوۋغاتلار بولسا يەھۋانىڭ بىزگە ئىنتايىن كۆڭۈل بولىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئىشەنچ قىلساق بولىدىغانلىقىنىڭ ئېنىق دەلىل-ئىسپاتىدۇر.—يەشايا 49:14–16.
11. ئائىداغا قورقۇنچىنى يېڭىشىگە نېمە ياردەم بەردى؟
11 سېنېگالدا ياشايدىغان ئائىدا ئىسىملىك قېرىندىشىمىز قىيىنچىلىق ۋاقتىدا يەھۋانىڭ ئۇنىڭغا يار-يۆلەك بولغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن. ئائىلىدە بالىلارنىڭ ئەڭ چوڭى بولغاچ، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭدىن كۆپرەك پۇل تېپىپ، ئائىلىسىگە ياردەم بېرىشنى كۈتكەن. كلېكىن، ئائىدا پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئاددى-ساددا ھايات كەچۈرگەچ، ئىقتىسادى جەھەتتىن قىينىلىپ قالغان. شۇ چاغدا، ئۆيدىكىلەر ئۇنىڭدىن نارازى بولۇپ، ئۇنى ئەيىبلەپ ئاچچىقلانغان. ئائىدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاتا-ئانامنىڭ ئائىلىنى بېقىشىغا ياردەم قىلالمىسام، ھەممىسىنىڭ مېنى چەتكە قېقىشىدىن قورقتۇم، ھەتتا ۋەزىيەت يامانلاشقانسېرى يەھۋادىن ئاغرىندىم». كېيىنرەك بىر كۈنى، ئائىدا ئىبادەت يىغىلىشىدا بىر نۇتۇق ئاڭلىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ناتىق يەھۋانىڭ قەلبىمىزنى ئازابلايدىغان بارچە غەم-قايغۇلىرىمىزنى بىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئاستا-ئاستا ئاقساقاللارنىڭ ۋە باشقا قېرىنداشلارنىڭ بەرگەن مەسلىھەتلىرى ئارقىلىق يەھۋانىڭ مېنى سۆيىدىغانلىقىغا كۆز يەتكۈزدۈم. كېيىن، كۆز قارىشىمنى ئۆزگەرتىپ، قايتىدىن يەھۋاغا تايىنىدىغان بولدۇم. بۇنىڭدىن كېيىن، قايتىدىن يەھۋاغا ئىشەنچ بىلەن دۇئا قىلىدىغان بولدۇم ۋە ئۇنىڭ دۇئالىرىمغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى كۆردۈم. شۇنىڭدىن كېيىن، كۆڭلۈم ئارام تاپقاندەك ھېس قىلدىم». ۋاقىت ئۆتۈپ، ئائىدا پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشىغا ياردەم بېرىدىغان ۋە ئاتا-ئانىسىغا ھەم ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە پۇرسەت يارىتىدىغان بىر ئىشنى تاپقان. ئائىدا: «مەن يەھۋا خۇداغا پۈتۈنلەي قەلبىم بىلەن ئىشەنچ باغلاشنى ئۆگەندىم، ھازىر مەن دۇئا قىلغاندىن كېيىن، ئىچىمدىكى قورقۇنچ يوق بولۇپ كېتىدۇ».
يەھۋا كېلەچەكتە نېمە قىلىدۇ؟
12. زەبۇر 56:9-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، داۋۇت نېمىگە قەتئىي ئىشەنگەن؟
12 زەبۇر 56:9-نى ئوقۇڭ. بۇ ئايەتتىن، داۋۇتنىڭ قورقۇنچنى يېڭىشىغا ياردەم بەرگەن يەنە بىر ئۇسۇلنى كۆرىمىز. ھاياتى خەۋپ-خەتەر ئاستىدا بولغاندا، ئۇ يەھۋانىڭ كېلەچەكتە ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئويلىغان. داۋۇت شۇنىڭغا ئىشەنگەنكى، يەھۋا ئۇنى دەل ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە قۇتقۇزىدۇ. چۈنكى، خۇدا ئىسرائىلنىڭ كېيىنكى پادىشاھىنىڭ داۋۇت بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋەدە قىلغان (1-سام. 16:1، 13) داۋۇتقا نىسبەتەن، يەھۋا نېمىلەرنى ۋەدە قىلغان بولسا، ئۇلار ئاللىقاچان ئەمەلگە ئېشىپ بولغان ئىدى.
13. يەھۋانىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالايمىز؟
13 يەھۋا خۇدا كېلەچەكتە سىز ئۈچۈن نېمە قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان؟ گەرچە ھازىر بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلسەكمۇ، كېلەچەكتە ئۇ چوقۇم بۇ دۇنيادا دۇچ كېلىۋاتقان بارچە قىيىنچىلىقلارنى c كەلگۈسى يېڭى دۇنيادا پۈتۈنلەي يوق قىلىدۇ (يەشايا 25:7–9). ياراتقۇچىمىز يەھۋانىڭ ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرۈش، بىزنى كېسەلدىن ساقايتىش، بىزگە قارشى چىققانلارنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىشقا تامامەن كۈچ-قۇدرىتى يېتىدۇ. —1-يۇھاننا 4:4.
14. نېمىلەر توغرۇلۇق مۇلاھىزە قىلساق بولىدۇ؟
14 قورققان چاغدا، يەھۋانىڭ كېلەچەكتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئويلىنىڭ. شەيتان يوق قىلىنغاندا، رەزىل كىشىلەر ھالاك بولغاندا ۋە يەر-يۈزىدە پەقەت ھەققانىي ئادەملەر ياشاپ، بىز ئاستا-ئاستا مۇكەممەل بولۇشقا باشلىغاندا، قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىسىز؟ 2014-يىلدىكى، ئۈچ كۈنلۈك چوڭ يىغىلىشتا، كەلگۈسى جەننەتتىكى تۇرمۇشنى قانداق تەسەۋۋۇر قىلىش توغرۇلۇق ئۈلگە كۆرسىتىلگەنىدى. بىر دادا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە، 2-تىموتىي 3:1–5-ئايەتلەر توغرۇلۇق مۇھاكىمە قىلغاندا، ئەگەر بۇ ئايەتتە تەسۋىرلەنگەن يېڭى دۇنيانىڭ مەنزىرىسى باشقىچە سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن بولسا قانداق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقان. بەلكىم ئايەتلەردە شۇنداق ئىپادىلەر بولاتتى: «يېڭى دۇنيا كەلدى، ئەمدى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىسەن. ئادەملەر بىر-بىرىگە كۆيۈنىدۇ، ھەقىقەتنى سۆيىدۇ، كىچىك-پېئىل، كەمتەر، خۇدانى مەدھىيەلەيدۇ، ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنىدۇ، مىننەتدار، ۋاپادار، ئائىلىسىنى ياخشى كۆرىدۇ، خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولىدۇ، باشقىلارنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىدۇ، ئۆزىنى تۇتۇۋالىدۇ، مۇلايىم، ياخشىلىقنى سۆيىدۇ، ئىشەنچىلىك، باشقىلارغا يول قويىدۇ، كەمتەر، ھۇزۇر-ھالاۋەتنى ئەمەس، بەلكى خۇدانى سۆيىدۇ، ئىخلاسمەنلىكنىڭ كۈچىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، مۇنداق كىشىلەر بىلەن قويۇق باردى-كەلدى قىلىڭ». سىز دائىم ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن ياكى قېرىنداشلار بىلەن كەلگۈسى جەننەتتە ھاياتىمىز قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىپ تۇرامسىز؟
15. تانيانىڭ قورقۇنچىنى يېڭىشىغا نېمە ياردەم بەرگەن؟
15 شىمالىي ماكېدونىيىدە ياشايدىغان تانيا ئىسىملىك قېرىندىشىمىز كېلەچەكتىكى بەرىكەتلەر توغرۇلۇق ئويلىنىش ئارقىلىق ئىچىدىكى قورقۇنچنى يەڭدى. ئۇ مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلىغاندا، ئاتا-ئانىسى قاتتىق قارشى تۇرغانىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن قورققان بەزى ئىشلار راستىنلا يۈز بەردى، ھەر قېتىم جامائەت يىغىلىشىدىن قايتىپ كەلسەم، ئاپام مېنى ئۇرۇپ سوقاتتى. ئاتا-ئانام يەھۋا گۇۋاھچىسى بولسام، ئۆلتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالاتتى». ئاخىرىدا، ئاتا-ئانىسى تانيانى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن. تانيا بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن دائىم، ئەگەر سادىق بولۇپ قالسام، جەننەتتە مەڭگۈ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىم توغرۇلۇق ئويلاندىم. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ دۇنيادا ۋاز كەچكەن نەرسىلەر ئۈچۈن، يەھۋا مېنى يېڭى دۇنيادا قانداق مۇكاپاتلايدىغانلىقى ۋە ھازىرقى بارچە قىيىنچىلىقلار ئەسكە ئېلىنمايدىغانلىقى توغرۇلۇق ئويلاندىم». تانيا ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاپ قالدى ۋە يەھۋا خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن تۇرىدىغان جاي تاپتى. ھازىر تانيا خۇداغا سادىق بىر بۇرادەر بىلەن توي قىلىپ، بىرلىكتە خۇشال-خۇرام تولۇق ۋاقىت يەھۋاغا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
ھازىردىن باشلاپ يەھۋاغا تايىنىڭ
16. لۇقا 21:26–28-ئايەتلەردە بېشارەت قىلىنغان ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرگەندە، جاسارەت بىلەن مەھكەم تۇرۇشىمىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
16 دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت مەزگىلىدە، دۇنيادىكى ئادەملەر «قورقۇپ ۋەھىمە ئىچىدە ئەس-ھوشىنى يوقىتىشىدۇ». بىراق، شۇ چاغدا خۇدانىڭ خەلقى تەۋرەنمەي، جاسارەت بىلەن مەھكەم تۇرىدۇ (لۇقا 21:26–28-نى ئوقۇڭ). بىز نېمە ئۈچۈن قورقمايمىز؟ چۈنكى، شۇ ۋاقىتقىچە، بىز ئاللىقاچان خۇداغا ئىشەنچ قىلىشنى ئۆگىنىپ بولىمىز. يۇقىرىدا تىلغا ئالغان قېرىندىشىمىز تانيا ئىلگىرى قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەچكە، ئۇ كېيىنرەك دۇچ كەلگەن باشقا قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلىگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن مەيلى قانداق قىيىنچىلىقلار بولسۇن، يەھۋا خۇدا ئۇلارغا بەرداشلىق بېرىشىمىزگە ياردەم بېرىپ، ئاخىرىدا بىزنى مول بەرىكەتلەيدىغانلىقىنى چۈشەندىم. بەزىدە ئىشلارنى مەلۇم كىشىلەر ئۆز ئالقىنىغا ئېلىۋالغاندەك كۆرىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بولسا، يەھۋا ئۇلارغا رۇخسەت بەرمىسە، ئۇلارنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، قىيىنچىلىق قانچە مۈشكۈل كۆرۈنسىمۇ، ئۇ ھامان بىر كۈنى چوقۇم ئاخىرلىشىدۇ».
17. 2024-يىللىق ئايەت بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ.)
17 بۈگۈنكى كۈندە كىشىنى قورقۇنچقا سالىدىغان ئىشلار ھەقىقەتەنمۇ بەك كۆپ. بىراق، بىزمۇ داۋۇتقا ئوخشاش، قورقۇنچنىڭ بىزنى چىرمىۋېلىشىغا يول قويماي ياشىيالايمىز. 2024-يىلى ئۈچۈن يىللىق ئايەت، داۋۇتنىڭ يەھۋاغا قىلغان دۇئاسىدىن ئېلىنغان: «مېنى قورقۇنچ باسقاندا، ئىشەنچ باغلايمەن ساڭا» (زەبۇر 56:3). بۇ سۆزلەرنى بىر مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىسى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: «داۋۇت دائىم ئۆزىنى قورقۇنچقا سالىدىغان ئىشلار ياكى ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ھەققىدە ئويلانمىغان. ئەكسىنچە، ئۇ چىن قەلبىدىن قۇتقازغۇچىسى خۇداغا ئىشەنچ باغلىغان». بۇ ئايەت توغرۇلۇق كېيىنكى ئايلاردا، بولۇپمۇ قورقۇنچلۇق بىر سىناققا دۇچ كەلگەندە، تەكرار-تەكرار ئويلىنىپ كۆرۈڭ. ۋاقىت چىقىرىپ، يەھۋانىڭ بۇرۇن نېمىلەرنى قىلغانلىقى، ھازىر نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقى ۋە كېلەچەكتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلىنىڭ. شۇ چاغدىلا، داۋۇتقا ئوخشاش، سىزمۇ «خۇداغا تايىنىپ، قورقمايمەن ئەسلا» دەپ يۈرەكلىك ئېيتالايسىز.—زەبۇر 56:4.
بۇلار ھەققىدە ئويلىنىش قورقۇنچنى يېڭىشىڭىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
-
يەھۋا نېمىلەرنى قىلغان؟
-
يەھۋا ھازىر نېمىلەرنى قىلىۋاتىدۇ؟
-
يەھۋا كېلەچەكتە نېمىلەرنى قىلىدۇ؟
38-ناخشا يۈكۈڭنى يەھۋاغا تاشلا
a ئىمان-ئېتىقادنى كۈچەيتىدىغان مەلۇماتلارنى تېپىش ئۈچۈن، jw.org تور بېكىتىدە «ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدىن ئۈلگە ئېلىڭلار» ياكى «ۋەقەلەر» دېگەن سۆزلەرنى «ئىزدەش» دېگەن يەرگە يېزىڭ. «JW Library» پروگراممىسىدا «بىر قاتار ماقالىلەر» دېگەن يەردىن «ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدىن ئۈلگە ئېلىڭلار» ياكى «يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ تەرجىمىھاللىرى» دېگەن ماقالىلەردىن تاپالايسىز.
b بۇ ماقالىدىكى بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
c «يەھۋاغا يېقىنلىشىڭ» 7-باب، 13–22-ئابزاسلارغا قاراڭ.
d سۈرەتلەردە: داۋۇت يەھۋانىڭ ئۆزىگە ئېيىق بىلەن ئېلىشىپ، ئۇنى يېڭىشقا كۈچ بەرگەنلىكى، ئاخىمەلەك ئارقىلىق ئەمەلىي ياردەم بەرگەنلىكى ۋە ئۇنى پادىشاھ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىۋاتىدۇ.
e سۈرەتلەردە: ئېتىقادى ئۈچۈن تۈرمىدە ئولتۇرغان بۇرادەر يەھۋانىڭ ئۆزىگە تاماكا تاشلاشقا قانداق ياردەم بەرگەنلىكى، يېقىن دوست-يارانلىرى يازغان خەتلەر ئارقىلىق قانداق ئىلھام بەرگەنلىكى ۋە كېلەچەكتە جەننەتتە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىۋاتىدۇ.