مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

4-‏تە‌تقىق ماقالىسى

51-‏ناخشا يېپىش چىڭ يە‌ھۋاغا!‏

يە‌ھۋا سىزنى سۆيىدۇ

يە‌ھۋا سىزنى سۆيىدۇ

‏«يە‌ھۋا ھە‌قىقە‌تە‌ن مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك ۋە رە‌ھىمدىل خۇ‌دادۇ‌ر».‏ —‏ياقۇ‌پ 5:‏11‏.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئۇ‌نىڭغا يېقىنلىشىشىمىزغا،‏ ئۆزىمىزنى بىخە‌تە‌ر ھېس قىلىشىمىزغا،‏ غە‌مخورلۇ‌ققا ئېرىشىپ،‏ قايتا كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌تكە تولىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

1.‏ سىز يە‌ھۋا خۇ‌دانى كۆز ئالدىڭىزغا قانداق كە‌لتۈرىسىز؟‏

 سىز يە‌ھۋا زادى قانداقتۇ دە‌پ،‏ ئۇ‌نى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىشقا تىرىشىپ باققانمۇ؟‏ دۇ‌ئا قىلغاندا،‏ ئە‌قلىڭىزدە ئۇ‌نىڭ قانداق ئوبرازى پە‌يدا بولىدۇ؟‏ گە‌رچە يە‌ھۋا كۆزگە كۆرۈنمە‌يدىغان خۇ‌دا بولسىمۇ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۇ‌نى ھە‌رخىل ئۇ‌سۇ‌للاردا تە‌سۋىرلە‌يدۇ.‏ يە‌ھۋانى «قۇ‌ياش ۋە قالقان» ياكى «دە‌م تارتىپ يۇ‌تۇ‌ۋېتىدىغان ئوت» دە‌پ ئاتىغان (‏زە‌بۇ‌ر 84:‏11؛‏ ئىبرانىي.‏ 12:‏29‏)‏.‏ ھە‌زە‌كىيال ۋە‌ھىيدە،‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌ختى كۆك ياقۇ‌ت تاش،‏ ئوتتا قىزارغان مېتال ۋە ھە‌سە‌ن-‏ھۈسە‌نلە‌ر چاچقان نۇ‌رلار بىلە‌ن قاپلانغانلىقى تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن (‏ھە‌زە‌ك.‏ 1:‏26–‏28‏)‏.‏ يە‌ھۋا توغرىسىدىكى مۇ‌نداق تە‌سۋىرلە‌ر بىزنى ئە‌يمە‌ندۈرىدۇ،‏ ھە‌تتا قورقۇ‌نچقا سېلىشى مۇ‌مكىن.‏

2.‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌رگە يە‌ھۋا بىلە‌ن دوست بولۇ‌ش نېمە ئۈچۈن قىيىن؟‏

2 خۇ‌دا كۆزگە كۆرۈنمىگە‌چكە،‏ ئۇ بىزنى سۆيىدىغانلىقىغا ئىشىنىش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بە‌زىلە‌ر ھاياتىدا كۆپ قىيىنچىلىقلارغا يولۇ‌ققاچ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لارنى سۆيىدىغانلىقىغا ئىشىنە‌لمە‌يدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لارنىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىدىغان دادىسى بولمىغان.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لارنى ۋە ئۇ‌لارنىڭ بىزگە قانداق تە‌سىر قىلغانلىقىنى ياخشى چۈشىنىدۇ.‏ يە‌ھۋا بىزگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ ئۆزىنىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرىنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا يازدۇ‌رغان.‏

3.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ مۇ‌ھە‌ببىتى توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

3 ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانى بىر سۆز بىلە‌ن تە‌سۋىرلىسە‌ك،‏ ئە‌ڭ مۇ‌ۋاپىق سۆز مۇ‌ھە‌ببە‌ت (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏8‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا «خۇ‌دا ئۆزى مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر» دە‌پ يېزىلغان.‏ يە‌ھۋا ھە‌ممە ئىشلارنى مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئاساسىدا قىلىدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ مۇ‌ھە‌ببىتى شۇ‌نچە كۈچلۈككى،‏ ئۇ ھە‌تتا ئۆزىنى سۆيمىگە‌ن ئىنسانلارنى سۆيىدۇ (‏مە‌تتا 5:‏44،‏ 45‏)‏.‏ بۇ ماقالىدە،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئۇ‌نىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى توغرىسىدا مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ يە‌ھۋانى كۆپرە‌ك تونۇ‌غانسېرى،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزنى قاتتىق سۆيىدۇ

4.‏ يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏شە‌پقىتى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىغاندا،‏ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىسىز؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

4 «يە‌ھۋا ھە‌قىقە‌تە‌ن مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك» (‏ياقۇ‌پ 5:‏11‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئۇ ئۆزىنى مېھرىبان ئانا بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان (‏يە‌شايا 66:‏12،‏ 13‏)‏.‏ مېھرىبان ئانىنىڭ پە‌رزە‌نتىگە مېھرىنى بېرىپ،‏ ئۆز قۇ‌چىقىغا ئېلىپ،‏ مۇ‌لايىم ئاۋاز بىلە‌ن سۆزلە‌ۋاتقانلىقىنى كۆز ئالدىڭىزغا كە‌لتۈرۈڭ.‏ ئە‌گە‌ر بالا يىغلىسا ياكى قانداقتۇ بىر يېرى ئاغرىسا،‏ ئانا چوقۇ‌م ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بېرىشكە ھە‌رقاچان تە‌ييار.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ بىز ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چە‌كسە‌ك ياكى غە‌م-‏ئە‌ندىشىلە‌رنى قىلساق،‏ يە‌ھۋا بىزگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسىتىشكە ھە‌ردائىم تە‌ييار.‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى مۇ‌نداق يازغان:‏ «غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرىم كۆپە‌يگە‌ندە زىيادە،‏ سە‌ن تە‌سە‌للى بېرىپ جېنىمنى ئارام تاپقۇ‌زدۇ‌ڭ».‏ —‏زە‌بۇ‌ر 94:‏19‏.‏

‏«ئانا ئۆز ئوغلىنى بە‌زلىگە‌ندە‌ك،‏ مە‌ن سېنى بە‌زلە‌يمە‌ن» (‏4-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


5.‏ يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى نېمە ئۈچۈن قە‌دىرلە‌يسىز؟‏

5 يە‌ھۋا ساداقە‌تمە‌ن خۇ‌دا (‏زە‌بۇ‌ر 103:‏8‏)‏.‏ بىز خاتا ئىش قىلىپ قويساقمۇ،‏ ئۇ بىزدىن ۋاز كە‌چمە‌يدۇ.‏ ئىسرائىللار يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى قايتا-‏قايتا رە‌نجىتكە‌ن،‏ لېكىن ئۇ‌لار توۋا قىلغاندا،‏ ئۇ ئۇ‌لارنى سادىق سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسىتىشتىن توختاپ قالمايدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرۈپ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سە‌ن نە‌زىرىمدە قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك بولغاچ،‏ سېنى شان-‏شە‌رە‌پكە ئېرىشتۈردۈم،‏ سېنى سۆيدۈم» (‏يە‌شايا 43:‏4،‏ 5‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ بىزگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئۆزگە‌رمە‌يدۇ.‏ بىز بۇ‌نىڭغا مە‌ڭگۈ ئىشە‌نسە‌ك بولىدۇ.‏ ھە‌تتا بىز ئېغىر خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ قويغان بولساقمۇ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزنى تاشلىۋە‌تمە‌يدۇ.‏ بىز توۋا قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا قايتىپ كە‌لسە‌ك،‏ ئۇ بىزنى بۇ‌رۇ‌نقىدە‌كلا سۆيىدۇ.‏ چۈنكى ئۇ ۋە‌دە قىلغاندە‌ك،‏ بىزنى «زىيادە كە‌چۈرۈم قىلار» (‏يە‌شايا 55:‏7‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «يە‌ھۋا ئۆزى جاننى ئارام تاپقۇ‌زىدىغان كۈنلە‌رگە ئېرىشتۈرسۇ‌ن»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ —‏ئە‌لچى.‏ 3:‏19‏.‏

6.‏ زە‌كە‌رىيا 2:‏8-‏ئايە‌تتىن يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق نېمىنى بىلىمىز؟‏

6 زە‌كە‌رىيا 2:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ يە‌ھۋا بىزنى سۆيگە‌چكە،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزنى چۈشىنىدۇ ۋە بىزنى قوغداشقا ھە‌مىشە تە‌ييار.‏ بىز ئازابلانساق،‏ ئۇ‌مۇ ئازابلىنىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز ئۇ‌نىڭغا مۇ‌نداق دە‌پ دۇ‌ئا قىلساق بولىدۇ:‏ «مېنى كۆزۈڭنىڭ قارىچۇ‌قىدە‌ك قوغدىغىن».‏ شۇ‌نىڭغا ئىشىنىڭكى،‏ يە‌ھۋا دۇ‌ئايىڭىزغا جاۋاب بېرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 17:‏8‏)‏.‏ كۆز —‏ تېنىمىزنىڭ ئە‌ڭ سە‌زگۈر ۋە نازۇ‌ك ئە‌زاسىدۇ‌ر.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزنى كۆز قارىچۇ‌قى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغىنى،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە بىزگە شۇ‌نداق دېگىنىدۇ‌ر:‏ «ئە‌ي خە‌لقىم،‏ كىمكى ساڭا زىيان يە‌تكۈزسە،‏ ماڭا يە‌تكۈزگە‌ن بولىدۇ،‏ چۈنكى مە‌ن ئۈچۈن سە‌ن بە‌كمۇ قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك».‏

7.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىگە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىشىمىز لازىم؟‏

7 يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ بىزنى سۆيىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىزنى خالايدۇ.‏ لېكىن،‏ ئۆتمۈشىمىز سە‌ۋە‌بلىك،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزنى سۆيىدىغانلىقىدىن گۇ‌مان قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ ئۇ بۇ‌نى چۈشىنىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىگە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى قانداق كۈچە‌يتە‌لە‌يمىز؟‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆز سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ھە‌زرىتى ئە‌يساغا،‏ مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارغا ۋە بىز ھە‌ممىمىزگە قانداق كۆرسىتىپ كە‌لگە‌نلىكىنى تە‌تقىق قىلىش ئارقىلىق كۈچە‌يتە‌لە‌يمىز.‏

يە‌ھۋا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى قانداق ئىپادىلە‌يدۇ؟‏

8.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌يسا ئۆز ئاتىسىنىڭ ئۇ‌نى سۆيىدىغانلىقىغا قە‌تئىي ئىشە‌نگە‌ن؟‏

8 يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھ مىلياردلارچە يىللار بىللە بولغاچ،‏ ئارىسىدا كۈچلۈك سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت رىشتىسى بارلىققا كە‌لگە‌نىدى.‏ ئۇ‌لارنىڭ بۇ رىشتىسى ئىنتايىن كۈچلۈك باغلانغاندۇ‌ر.‏ مە‌تتا 17:‏5-‏ئايە‌تتە‏،‏ يە‌ھۋا ئە‌يسانى سۆيىدىغانلىقىنى ئېنىق تىلغان ئالغان.‏ ئۇ پە‌قە‌ت شۇ‌نداق دېسە بولاتتى:‏ ‹بۇ كىشىدىن ئىنتايىن خۇ‌رسە‌نمە‌ن›.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ ئە‌يسانى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇ‌م» دېگە‌ن.‏ يە‌ھۋا ھە‌زرىتى ئە‌يسادىن ۋە ئۇ‌نىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىدىن پە‌خىرلە‌نگە‌ن (‏ئە‌فە‌س.‏ 1:‏7‏)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ بولسا،‏ ئاتىسىنىڭ ئۇ‌نىڭغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىدىن قىلچە گۇ‌مانلانمىغان.‏ ئە‌يسا ئۇ‌نىڭ سۆيگۈسىنى سۆڭە‌كلىرىدىن ئۆتۈپ يىلىكلىرىغىچە ھېس قىلغانىدى.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئاتىسىنىڭ ئۇ‌نى سۆيىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى قايتا-‏قايتا تىلغا ئالغان.‏ —‏يۇ‌ھاننا 3:‏35؛‏ 10:‏17؛‏ 17:‏24‏.‏

9.‏ يە‌ھۋانىڭ مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى قانداق تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن؟‏ (‏رىملىقلار 5:‏5‏)‏

9 يە‌ھۋا يە‌نە مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنغانلارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسىتىدۇ ‏(‏رىملىقلار 5:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ ئايە‌تتىكى «تۆكۈلدى» دېگە‌ن سۆزگە دىققە‌ت قىلايلى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ بىر ئىزاھات لۇ‌غىتىدە،‏ بۇ سۆز «دە‌ريانىڭ ئېقىن سۈيىدە‌ك ئۈستىمىزگە كېلىدۇ» دە‌پ چۈشە‌ندۈرۈلىدۇ.‏ بۇ ئىپادىدىن،‏ يە‌ھۋانىڭ مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارغا بولغان كۈچلۈك سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرۈۋالالايمىز.‏ بۇ ئېتىقادچىلار ھە‌م ئۆزلىرىنىڭ خۇ‌دا تە‌رىپىدىن سۆيۈلگە‌نلىكىنى بىلىدۇ (‏يە‌ھۇ‌دا 1‏)‏.‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا ئۇ‌لارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى ئىپادىلە‌پ،‏ مۇ‌نداق يازغان:‏ «ئاسماندىكى ئاتىمىزنىڭ بىزنى نە‌قە‌دە‌ر سۆيىدىغانلىقىغا قاراڭلار،‏ مانا بىز خۇ‌دانىڭ پە‌رزە‌نتلىرى دە‌پ ئاتالدۇ‌ق» (‏1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏1‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ يە‌ھۋا پە‌قە‌ت مە‌سىھ قىلىنغان ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىلا سۆيە‌مدۇ؟‏ ياق،‏ يە‌ھۋا ھە‌ر بىرىمىزنى سۆيىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.‏

10.‏ يە‌ھۋانىڭ بىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ ئە‌ڭ چوڭ ئىسپاتى قانداق؟‏

10 يە‌ھۋا بىزگە بولغان چە‌كسىز سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئاجايىپ بىر يول،‏ يە‌نى تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى بىلە‌ن ئىپادىلىگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 3:‏16؛‏ رىملىقلار 5:‏8‏)‏.‏ خۇ‌دا سۆيۈملۈك ئوغلىنى بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى بېرىشكە ئە‌ۋە‌تكە‌ن،‏ شۇ ئارقىلىق گۇ‌ناھلىرىمىز كە‌چۈرۈلۈپ،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن دوست بولۇ‌ش پۇ‌رسىتىگە ئىگە بولدۇ‌ق (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏10‏)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھ بىز ئۈچۈن شۇ‌نچە چوڭ قۇ‌ربانلىق بە‌رگە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئويلانغانسېرى،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ر بىرىمىزنى قانچىلىك چوڭقۇ‌ر سۆيىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ياخشىراق چۈشىنە‌لە‌يمىز (‏گالاتىيا.‏ 2:‏20‏)‏.‏ يە‌ھۋا پە‌قە‌ت ئادىل قانۇ‌نى تە‌لە‌پ قىلغانلىقى ئۈچۈنلا تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى بە‌رمىگە‌ن.‏ ئۇ بىزنى نە‌قە‌دە‌ر سۆيىدىغانلىقىنى ئىپادىلە‌ش ئۈچۈن،‏ سوۋغات سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ ئە‌ڭ سۆيۈملۈك ئوغلى،‏ ئە‌يسانى قۇ‌ربانلىققا بە‌رگە‌ن.‏ يە‌ھۋا بىزگە ياردە‌م قىلىش ئۈچۈن ئوغلىنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىپ ئۆلۈشىگە يول قويغان.‏

11.‏ يە‌رە‌مىيا 31:‏3-‏ئايە‌تتىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏

11 كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ يە‌ھۋا ئۆز قە‌لبىدىكى ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى يوشۇ‌رماي،‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئوچۇ‌ق-‏ئاشكارا ئىپادىلىگە‌ن ‏(‏يە‌رە‌مىيا 31:‏3-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا بىزنى چىن قە‌لبىدىن سۆيگە‌چكە،‏ بىزنى ئۆزىگە جە‌لپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ (‏تە‌كرار.‏ قا 7:‏7،‏ 8-‏نى سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ)‏.‏ ھېچنە‌رسە ۋە ھېچكىم بىزنى ئۇ‌نىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىدىن ئايرىۋېتە‌لمە‌يدۇ (‏رىملىقلار 8:‏38،‏ 39‏)‏.‏ بۇ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت سىزگە نېمىلە‌رنى ھېس قىلدۇ‌رىدۇ؟‏ زە‌بۇ‌ر 23-‏بابنى ئوقۇ‌پ،‏ يە‌ھۋانىڭ پادىشاھ داۋۇ‌تقا كۆرسە‌تكە‌ن سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئۇ‌نىڭغا قانداق تە‌سىر قىلغانلىقى ۋە ھە‌ر بىرىمىزگە قانداق تە‌سىر قىلالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈسى سىزگە نېمىلە‌رنى ھېس قىلدۇ‌رىدۇ؟‏

12.‏ زە‌بۇ‌ر 23 بابتىن قانداق خۇ‌لاسە چىقىرىشقا بولىدۇ؟‏

12 زە‌بۇ‌ر 23:‏1–‏6-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ داۋۇ‌ت زە‌بۇ‌ر 23-‏بابتا‏،‏ يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈسى ۋە مېھىر-‏شە‌پقىتىگە قە‌تئىي ئىشە‌نچ باغلىغانلىقىنى ئىپادىلىگە‌ن.‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ بۇ زە‌بۇ‌رنى يازغاندا،‏ ئۆزى بىلە‌ن پادىچىسى يە‌ھۋا ئارىسىدىكى كۈچلۈك رىشتىنى تە‌سۋىرلىگە‌ن.‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ ئۆز خۇ‌داسىغا تولۇ‌ق تايانغاچقا،‏ ئۇ‌نىڭ يول-‏يورۇ‌غىغا بويسۇ‌نغان.‏ مۇ‌شۇ يول-‏يورۇ‌ققا ئە‌گىشىپ،‏ ئۆزىنى بىخە‌تە‌ر ھېس قىلغان.‏ داۋۇ‌ت ئۆمۈر بويى يە‌ھۋانىڭ ئۆزىنى سۆيىدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ ئۇ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچە كۈچلۈك ئىشە‌نچ باغلىيالىغان؟‏

13.‏ داۋۇ‌ت يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نى سۆيىدىغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن قە‌تئىي ئىشە‌نگە‌ن؟‏

13 ‏«ھېچ نە‌رسىگە مۇ‌ھتاجىم يوقتۇ‌ر‏».‏ يە‌ھۋا دائىم داۋۇ‌تنىڭ تۈرلۈك ئېھتىياجلىرىنى تە‌مىنلە‌پ بە‌رگە‌چ،‏ ئۇ ئۆزىنىڭ غە‌مخورلۇ‌ققا ئېرىشكە‌نلىكىنى ھېس قىلغان.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ داۋۇ‌ت يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن دوست بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشكە‌نلىكىدىن بە‌ك خۇ‌شال بولغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ كېلە‌چە‌كتە بېشىغا قانداق كۈن كېلىشىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نىڭغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىپ،‏ بارلىق ئېھتىياجلىق نە‌رسىلە‌رنى تە‌مىنلە‌پ بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىگە كۈچلۈك ئىشە‌نچ باغلىغاچ،‏ ئۇ بارچە غە‌م-‏تە‌شۋىشلە‌رنى يېڭىپ،‏ كۆڭلى تىنچ-‏خاتىرجە‌م بولغان،‏ بە‌خت-‏سائادە‌ت ۋە قانائە‌ت تاپقانلىقىنى ھېس قىلالىغان.‏ —‏زە‌بۇ‌ر 16:‏11‏.‏

14.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزگە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك غە‌مخورلۇ‌قىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏

14 بولۇ‌پمۇ بېشىمىزغا ئېغىر كۈن چۈشكە‌ندە،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزگە ئالاھىدە كۆيۈنۈپ كۆڭۈل بۆلىدۇ.‏ بە‌يتە‌لدە 20 يىل خىزمە‌ت قىلغان كىلېر a ئىسىملىك قېرىندىشىمىزنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ‌نىڭ ئائىلىسى ئارقا-‏ئارقىدىن ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ ئۆزىنى ياردە‌مسىز قالغاندە‌ك ھېس قىلغان.‏ ئۇ‌نىڭ دادىسى مېڭە قان تومۇ‌رى يېرىلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان،‏ سىڭىللىرىدىن بىرى جامائە‌تتىن چىقىرىلغان.‏ ئائىلىسىنىڭ كىچىك تىجارىتى ياخشى بولماي،‏ ئۆيىدىن ھە‌م ئايرىلىپ قالغان.‏ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا قانداق كۆيۈنگە‌ن؟‏ كلېر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ھە‌ر كۈنى بىزنى ئېھتىياجلىق نە‌رسىلە‌ر بىلە‌ن تە‌مىنلىدى.‏ ئۇ بىزگە مە‌ن خىيالمۇ قىلىپ باقمىغان نە‌رسىلە‌رنى بە‌ردى.‏ بېشىمىزغا ئېغىر كۈنلە‌ر كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتىپ،‏ بىزگە قانداق غە‌مخورلۇ‌ق قىلغانلىقىنى دائىم ئە‌سلە‌يمە‌ن.‏ شۇ ئە‌سلىمىلە‌ر ماڭا كۈچ-‏مە‌دە‌ت بېرىپ،‏ قىيىنچىلىقلاردا بە‌ل قويۇ‌ۋە‌تمە‌ي،‏ خۇ‌شاللىق بىلە‌ن يە‌ھۋاغا داۋاملىق خىزمە‌ت قىلىشىمغا ياردە‌م بېرىدۇ».‏

15.‏ داۋۇ‌ت كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌تكە قانداق ئېرىشكە‌ن؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

15 ‏«ئۇ جېنىمنى راھە‌تلە‌ندۈرە‌ر».‏ ھە‌رخىل قىيىنچىلىقلار ۋە سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌چ،‏ داۋۇ‌تنىڭ بە‌زىدە كۆڭلى يېرىم بولۇ‌پ،‏ روھى چۈشكە‌ن (‏زە‌بۇ‌ر 18:‏4–‏6‏)‏.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ۋە غە‌مخورلۇ‌قى بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ جېنى راھە‌ت تاپقان.‏ يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ ھېرىپ چارچىغان دوستىنى «ياپيېشىل يايلاقلاردا» ياتقۇ‌زۇ‌پ،‏ «ئارام ئالدۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن تىنچ سۇ‌لارنىڭ بويىغا» باشلىغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ داۋۇ‌ت قايتا كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌تكە تولۇ‌پ،‏ خۇ‌شاللىق بىلە‌ن يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رغان.‏ —‏زە‌بۇ‌ر 18:‏28–‏32‏.‏

گە‌رچە داۋۇ‌تنىڭ كۆڭلى يېرىم بولسىمۇ،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ۋە غە‌مخورلۇ‌قىنى ھېس قىلىپ،‏ جېنى ئارام تاپقان (‏15-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


16.‏ يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى سىزنى قانداق مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ؟‏

16 بۈگۈنكى كۈندە ئوخشاشلا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ۋە سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ «يە‌ھۋانىڭ سادىق مۇ‌ھە‌ببىتى سە‌ۋە‌بلىك،‏ بىز يوق بولۇ‌پ كە‌تمىدۇ‌ق» (‏يە‌رە‌م.‏ يىغ 3:‏22؛‏ كولوسى.‏ 1:‏11‏)‏.‏ رېيچېلنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ تاجسىمان ۋىرۇ‌سى يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق كېسىلى مە‌زگىلىدە،‏ يولدىشى ئۇ‌نى تاشلاپ كە‌تكە‌ن ۋە يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى توختاتقان.‏ بۇ رېيچېلغا قاتتىق زە‌ربە بولغان.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا رېيچېلغا قانداق غە‌مخورلۇ‌ق قىلغان؟‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋا ماڭا ئۆز سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ھېس قىلدۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نۇ‌رغۇ‌ن ئىشلارنى قىلدى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ دوستلىرىم ئارقىلىق مېنى قوللا-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىدى،‏ ئۇ‌لار ماڭا ھە‌مراھ بولدى،‏ تاماق پىشىرىپ ئېلىپ كە‌لدى،‏ يېقىملىق سۆزلە‌رنى ۋە ئايە‌تلە‌رنى قىسقا ئۇ‌چۇ‌ر ئارقىلىق ئە‌ۋە‌تىپ ماڭا ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بە‌ردى،‏ ماڭا كۈلۈمسىرە‌پ،‏ يە‌ھۋانىڭ داۋاملىق ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېسىمگە سېلىپ تۇ‌ردى.‏ خۇ‌دانىڭ ماڭا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە تولغان چوڭ بىر ئائىلىنى بە‌رگىنىگە داۋاملىق كۆپ رە‌ھمە‌ت ئېيتىمە‌ن».‏

17.‏ نېمە ئۈچۈن داۋۇ‌ت «خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌ردىن» قورقمىغان؟‏

17 ‏«خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌ردىن قورقماسمە‌ن ئە‌سلا،‏ چۈنكى سە‌ن يېنىمداسە‌ن».‏ داۋۇ‌ت ھاياتى ھە‌مىشە خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌ر ئىچىدە قالغان،‏ ئۇ‌نى كۈچلۈك دۈشمە‌نلىرى ئۇ‌نىڭغا ئۆلۈم تە‌ھدىتى سالغان.‏ لېكىن.‏ يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئۇ‌نى بىخە‌تە‌ر ۋە قوغدالغاندە‌ك ھېس قىلدۇ‌رغان.‏ داۋۇ‌ت ھە‌رخىل ۋە‌زىيە‌تتە،‏ ياراتقۇ‌چىسى يە‌ھۋانى ئۆزىنىڭ يېنىدا ھېس قىلالىغاچ،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلى تىنچ-‏خاتىرجە‌م بولغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ داۋۇ‌ت يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌پ،‏ مۇ‌نداق ناخشا ئېيتقان:‏«ئۇ بارچە قورقۇ‌نچتىن مېنى قۇ‌تۇ‌لدۇ‌ردى» (‏زە‌بۇ‌ر 34:‏4‏)‏.‏ داۋۇ‌تنىڭ ھە‌قىقە‌تە‌ن قورققان چاغلىرى بولغان.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئۇ‌نىڭ بارلىق قورقۇ‌نچلارنى يېڭىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏

18.‏ يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنىڭ ئىسپاتلىرى قورقۇ‌نچنى يېڭىشىڭىزغا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

18 قورقۇ‌نچلۇ‌ق ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە چۈشۈپ قالغاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىگە بولغان ئىشە‌نچىمىز بىزنى قانداق كۈچلە‌ندۈرىدۇ؟‏ ،‏ ئوغلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغاندىن كېيىن،‏ سۇ‌زى ئىسىملىك پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بىلە‌ن يولدىشى قاتتىق قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت چە‌ككە‌ن.‏ سۇ‌زى ئۇ‌لارنىڭ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغانلىقى ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئوغلۇ‌مدىن ئايرىلغاندا،‏ خۇ‌ددى ئاسمان دۈم كۆتۈرۈلۈپ چۈشكە‌ندە‌ك بولدى.‏ ئۆزۈمنى ئىنتايىن مىسكىن ۋە بىچارە ھېس قىلدىم.‏ بىراق يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏شە‌پقىتى بىزنى بىخە‌تە‌ر ۋە تىنچ-‏خاتىرجە‌م ھېس قىلدۇ‌ردى».‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان رېيچېل مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىر كۈنى كە‌چتە قە‌لبىم شۇ‌نچە قاتتىق ئازاب چە‌كتىم.‏ يۈرىكىم قان يىغلاپ،‏ كۆز ياشلىرىم توختىمىدى.‏ مېنى غە‌م-‏تە‌شۋىش ۋە قورقۇ‌نچ چىرمىۋالدى.‏ يە‌ھۋاغا قاتتىق ۋارقىراپ دۇ‌ئا قىلدىم.‏ تۇ‌يۇ‌قسىزلا كۆڭلۈم ئالاھىدە بىر تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىككە تولدى.‏ شۇ چاغدا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌ددى بىر ئانا بوۋىقىنى بە‌زلىگە‌ندە‌ك،‏ ماڭا تە‌سە‌للى بە‌رگە‌نلىكىنى ھېس قىلدىم.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئۇ‌خلاپ قاپتىمە‌ن،‏ مە‌ن چاغنى ئە‌سلا ئۇ‌نتۇ‌پ قالمايمە‌ن».‏ ئېتىقادى سە‌ۋە‌بىلىك،‏ ئە‌سكە‌ر بولۇ‌شنى رە‌ت قىلغان تاسوس ئىسىملىك ئاقساقال تۆت يىل تۈرمىگە تاشلانغان.‏ ئۇ يە‌ھۋا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ۋە غە‌مخورلۇ‌قىنى قانداق ھېس قىلغان؟‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋا ئېھتىياجلىرىمنى مە‌ن مۇ‌ھتاج بولغاندىنمۇ كۆپرە‌ك تە‌مىنلە‌پ بە‌ردى.‏ بۇ مېنىڭ يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىمنى كۈچە‌يتكە‌چ،‏ ئۇ‌نىڭغا پۈتۈنلە‌ي ئىشىنىمە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ماڭا مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ئارقىلىق شۇ‌نداق ناچار شارائىتتا خۇ‌شاللىقنى ساقلاپ قېلىشىمغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ يە‌ھۋاغا يېقىن بولغانسېرى،‏ ئۇ‌نىڭ ماڭا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى شۇ‌نچە كۆپ ھېس قىلىدىغانلىقىمنى چۈشە‌ندىم.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ تۈرمىدە بولغاندا،‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشنى باشلىدىم».‏

مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك خۇ‌دايىڭىزغا يېقىنلىشىڭ

19.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋانىڭ بىزنى سۆيىدىغانلىقىنى بىلىش دۇ‌ئالىرىمىزغا قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏ (‏2)‏ يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن قايسى ئايە‌ت سىزگە ئالاھىدە تە‌سىر قىلدى؟‏ (‏«‏ يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى‏» تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن ئايە‌تلە‌ر)‏

19 بىز كۆرۈپ چىققان مىساللار،‏ «سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت»نىڭ خۇ‌داسى،‏ يە‌ھۋا بىز بىلە‌ن بىللە ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلايدۇ (‏2-‏كورىنت.‏ 13:‏11‏)‏.‏ ئۇ ھە‌ر قايسىمىزغا شە‌خسە‌ن كۆڭۈل بۆلىدۇ.‏ ھازىر شۇ‌نىڭغا ئىشىنىمىزكى،‏ «يە‌ھۋانىڭ سادىق مۇ‌ھە‌ببىتى بىزنى قورشاۋغا ئالار» (‏زە‌بۇ‌ر 32:‏10‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ھە‌ققىدە قانچىلىك كۆپ چوڭقۇ‌ر ئويلانغانسېرى،‏ ئۇ بىزگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ‌نىڭغا تېخىمۇ يېقىنلاشقانلىقىمىزنى كۆرۈپ يېتە‌لە‌يمىز.‏ بىز ئۇ‌نىڭغا ئىچ باغرىمىزنى تۆكۈپ،‏ ئۇ‌نىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىگە مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىمىزنى ئوچۇ‌ق ئېيتالايمىز.‏ چۈنكى،‏ ئۇ بىزنى چوقۇ‌م چۈشىنىدىغانلىقى ۋە ياردە‌م بېرىشكە ھە‌رقاچان تە‌ييار ئىكە‌نلىكىگە ئىشىنىمىز.‏ —‏زە‌بۇ‌ر 145:‏18،‏ 19‏.‏

20.‏ يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئۇ‌نىڭغا يېقىنلىشىشقا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

20 يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى خۇ‌ددى سوغوق كۈندە كۆيۈپ تۇ‌رغان ئوتقا ئوخشاش،‏ ئۆزىگە يېقىنلىشىشقا جە‌لپ قىلىدۇ.‏ گە‌رچە ئۇ‌نىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى بە‌ك كۈچلۈك بولسىمۇ،‏ خۇ‌ددى ئانىنىڭ مېھىر-‏شە‌پقىتىگە ئوخشاش نازۇ‌ك.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھاياتىڭىزنىڭ ھە‌ر بىر ساھە‌سىدە يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ھېس قىلىش ھە‌قىقە‌تە‌ن زور بە‌خت!‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌نىڭ مۇ‌ھە‌ببىتىگە جاۋابە‌ن،‏ چىن قە‌لبىمىزدىن «مە‌ن يە‌ھۋانى سۆيىمە‌ن» دە‌پ توۋلايلى.‏ —‏زە‌بۇ‌ر 116:‏1‏.‏

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى قانداق تە‌سۋىرلە‌پ بېرىسىز؟‏

  • يە‌ھۋا سىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا سىزنى نېمە ئىشە‌ندۈرىدۇ؟‏

  • يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىغاندا،‏ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىسىز؟‏

18-‏ناخشا خۇ‌دانىڭ چىن مۇ‌ھە‌ببىتى

a بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏