مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

34-‏تە‌تقىق ماقالىسى

50-‏ناخشا خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئۈلگىسى

ئاقساقاللار گۇ‌ناھكارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدۇ؟‏

ئاقساقاللار گۇ‌ناھكارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدۇ؟‏

‏«خۇ‌دانىڭ مېھرىبانلىقى سېنى توۋا قىلىشقا باشلاش ئىكە‌نلىكىنى بىلمە‌مسە‌ن؟‏»—‏رىملىقلار 2:‏4‏.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

جامائە‌تتە ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌ن كىشىلە‌رگە ئاقساقاللار قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى ئۆگىنىمىز.‏

1.‏ ئېغىر گۇ‌ناھ سادىر قىلغان كىشى ئۈچۈن قانداق پۇ‌رسە‌ت بار؟‏

 ئالدىنقى ماقالىدە،‏ كورىنت شە‌ھىرىدىكى جامائە‌تتە بىرى ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌ندە،‏ پاۋلۇ‌سنىڭ ئاشۇ مە‌سىلىنى قانداق ھە‌ل قىلغانلىقىنى كۆرۈپ چىققان ئىدۇ‌ق.‏ گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌ن كىشى توۋا قىلمىغان ۋە ئۇ‌نى جامائە‌تتىن چىقىرىشقا توغرا كە‌لگە‌ن ئىدى.‏ بىراق،‏ بۇ ماقالىدىكى ئاساسىي ئايە‌تتىن شۇ‌نى كۆرۈۋالالايمىزكى،‏ خۇ‌دا ئېغىر گۇ‌ناھ سادىر قىلغان كىشىلە‌رنى توۋا قىلىشقا باشلايدۇ (‏رىملىقلار 2:‏4‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋا ئاقساقاللارنى ئىشلىتىپ،‏ شۇ‌نداق كىشىلە‌رنىڭ توۋا قىلىشىغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

2،‏ 3.‏ ئە‌گە‌ر ئېتىقادچى قېرىندىشىمىزنىڭ ئېغىر گۇ‌ناھ قىلغانلىقىنى بىلسە‌ك،‏ نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

2 ئە‌گە‌ر ئاقساقاللار بىرىنىڭ ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌نلىكىدىن خە‌ۋە‌ردار بولمىسا،‏ ئۇ كىشىگە ياردە‌م بېرە‌لمە‌يدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بىز بىرىنىڭ ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌نلىكىنى،‏ يە‌نى جامائە‌تتىن چىقىرىلىشىغا سە‌ۋە‌ب بولىدىغان ئىشنى قىلغانلىقىنى بىلسە‌ك،‏ نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ بىز ئۇ‌نداق كىشىنى بېرىپ،‏ ئاقساقاللاردىن ياردە‌م سوراشقا دە‌ۋە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏—‏يە‌شايا 1:‏18؛‏ ئە‌لچى.‏ 20:‏28؛‏ 1-‏پېتر.‏ 5:‏2‏.‏

3 گۇ‌ناھ قىلغان قېرىنداش ئاقساقاللار بىلە‌ن سۆزلىشىشنى رە‌ت قىلسىچۇ؟‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بىز ئۆزىمىز ئاقساقاللارغا بېرىپ،‏ نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئېيتىشىمىز لازىم.‏ شۇ‌نداق قىلىش ئارقىلىق،‏ بىز ئە‌مە‌لىيە‌تتە گۇ‌ناھكار كىشىگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىمىز.‏ شۇ‌ندىلا،‏ ئۇ كىشى زۆرۈر ياردە‌مگە ئېرىشە‌لە‌يدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ توۋا قىلماي،‏ گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈپ يۈرۈۋە‌رسە،‏ ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌قى بۇ‌زۇ‌لىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ جامائە‌تنىڭ نام-‏ئابرويىغا داغ تە‌گكۈزۈشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئاقساقاللارنى ئالدىغا بېرىپ،‏ بولغان ئىشنى ئېيتىش ئاسان ئە‌مە‌س،‏ ئە‌مما بىز يە‌ھۋا خۇ‌دانى ۋە ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان كىشىنى چىن قە‌لبىمىزدىن سۆيگە‌چ،‏ جاسارە‌ت بىلە‌ن شۇ‌نداق قىلىمىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 27:‏14‏.‏

ئاقساقاللار ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌ن كىشىگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

4.‏ ئاقساقاللار ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌ن كىشى بىلە‌ن كۆرۈشكە‌ندە،‏ پۈتۈن كۈچى بىلە‌ن نېمە قىلىدۇ؟‏

4 جامائە‌تتە مە‌لۇ‌م بىر قېرىنداش ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈپ قويسا،‏ ئاقساقاللار كېڭىشى ئۈچ كىشىنى تاللاپ،‏ بىر ھە‌يئە‌ت تە‌شكىللە‌يدۇ a‏.‏ شۇ ئاقساقاللار كىچىك-‏پېئىل ۋە كە‌متە‌ر بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ گە‌رچە ئۇ‌لار گۇ‌ناھكارنىڭ توۋا قىلىشىغا ياردە‌م بېرىشكە تىرىشسىمۇ،‏ ئۇ‌لار شۇ‌نى ئە‌ستىن چىقارمايدۇ،‏ يە‌نى گۇ‌ناھكارنى ئۆزىنى ئۆزگە‌رتىشكە مە‌جبۇ‌رلىماسلىقى كېرە‌ك (‏تە‌كرار.‏ قا 30:‏19‏)‏.‏ ئاقساقاللار يە‌نە ھە‌ربىر گۇ‌ناھكار خۇ‌ددى پادىشاھ داۋۇ‌تقا ئوخشاش ئۆز گۇ‌ناھىغا توۋا قىلمايدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ (‏2-‏سام.‏ 12:‏13‏)‏.‏ ئۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرى يە‌ھۋانىڭ نە‌سىھە‌ت سۆزىگە قۇ‌لاق سالماسلىقى مۇ‌مكىن (‏يارىت.‏ 4:‏6–‏8‏)‏.‏ مە‌يلى قانداق بولسۇ‌ن،‏ ئاقساقاللارنىڭ مە‌قسىتى پۈتۈن كۈچى بىلە‌ن گۇ‌ناھكار كىشىنى توۋا قىلىشقا باشلاش.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئاقساقاللار گۇ‌ناھكار كىشى بىلە‌ن كۆرۈشكە‌ندە،‏ قايسى پرىنسىپلارنى ئە‌ستىن چىقارماسلىقى كېرە‌ك؟‏

5.‏ ئاقساقاللار گۇ‌ناھكار بىلە‌ن كۆرۈشكە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشى كېرە‌ك؟‏ (‏2-‏تىموتىي 2:‏24–‏26‏)‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

5 ئاقساقاللار گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌ن كىشىنى ئادىشىپ قالغان قىممە‌تلىك قويدە‌ك كۆرىدۇ (‏لۇ‌قا 15:‏4،‏ 6‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئاقساقاللار گۇ‌ناھكار كىشى بىلە‌ن كۆرۈشكە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭغا قوپال مۇ‌ئامىلە قىلمايدۇ،‏ ئە‌كسىچە مېھرىبانلىق بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىدۇ.‏ ئاقساقاللار ئۇ كىشى بىلە‌ن كۆرۈشۈپ،‏ سۆھبە‌تلىشىشنى پە‌قە‌ت سوئاللارنى سوراش ۋە دە‌لىل-‏ئىسپاتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن دە‌پ قارىمايدۇ.‏ دە‌ل ئە‌كسىچە،‏ ئۇ‌لار 2-‏تىموتىي 2:‏24–‏26-‏ئايە‌تلە‌ردە ‏(‏ئوقۇ‌ڭ)‏ تىلغا ئېلىنغان،‏ كە‌متە‌ر،‏ مۇ‌لايىم ۋە مېھرىبان دېگە‌ن پە‌زىلە‌تلە‌رنى نامايان قىلىپ،‏ گۇ‌ناھكار كىشىنىڭ قە‌لبىگە تە‌سىر قىلىشقا تىرىشىدۇ.‏

خۇ‌ددى قە‌دىمقى زاماندىكى پادىچىلارغا ئوخشاش،‏ بۈگۈنكى كۈندە ئاقساقاللار ئادىشىپ قالغان قوينى تېپىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ (‏5-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


6.‏ ئاقساقاللار گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌ن كىشى بىلە‌ن كۆرۈشۈشتىن ئاۋۋال ئۆز كۆڭلىدە قانداق تە‌ييار قىلالايدۇ؟‏ (‏رىملىقلار 2:‏4‏)‏

6 ئاقساقاللار ئاۋۋال ئۆز كۆڭلىدە تە‌ييارلىق قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ «خۇ‌دانىڭ مېھرىبانلىقى سېنى توۋا قىلىشقا باشلاش‏» دېگە‌ن سۆزلىرىنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌پ،‏ گۇ‌ناھ سادىر كىشىگە مۇ‌ئامىلە قىلىشتا يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىدۇ ‏(‏رىملىقلار 2:‏4-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئاقساقاللار يە‌نە شۇ‌نى ئە‌ستىن چىقارماسلىقى كېرە‌ككى،‏ ئۇ‌لار ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ كۆرسە‌تمىسىگە ئە‌گىشىدىغان پادىچىلاردۇ‌ر (‏يە‌شايا 11:‏3،‏ 4؛‏ مە‌تتا 18:‏18–‏20‏)‏.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ گۇ‌ناھكار كىشى بىلە‌ن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى،‏ ھە‌يئە‌ت ئە‌زالىرى بولغان ئاقساقاللار ئۆزلىرىنىڭ مە‌قسىتى گۇ‌ناھكار كىشىنى توۋا قىلىشقا باشلاش ئىكە‌نلىكىنى ئە‌ستە چىقارماسلىق ئۈچۈن،‏ چىن كۆڭلىدىن يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ ياردە‌م سورايدۇ.‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە ئۇ‌نىڭغا ئاساسە‌ن نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللارنى ئوقۇ‌پ تە‌تقىق قىلىدۇ ۋە ئاشۇ كىشىنى ۋە ئۇ‌نىڭ ۋە‌زىيىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ياردە‌م سوراپ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىدۇ.‏ بۇ ھە‌يئە‌ت ئاشۇ كىشىنىڭ بۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تكە چۈشۈپ قېلىشىغا قانداق ئامىللار سە‌ۋە‌ب بولغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن،‏ ئۇ ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى بىلىشى كېرە‌كلىكى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىدۇ.‏—‏پە‌ند.‏ نە 20:‏5‏.‏

7،‏ 8.‏ ئاقساقاللار ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌ن كىشى بىلە‌ن كۆرۈشكە‌ندە،‏ يە‌ھۋانىڭ سە‌ۋر-‏تاقىتىدىن قانداق ئۈلگە ئالالايدۇ؟‏

7 ئاقساقاللار يە‌ھۋادىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولىدۇ.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋا خۇ‌دا قە‌دىمقى زاماندا گۇ‌ناھكار كىشىلە‌رگە قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى ئېسىدە تۇ‌تىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋا قابىلنىڭ ئە‌قىلنى ئىشلىتىشىگە سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن ياردە‌م بە‌رگە‌ن،‏ ئۇ گۇ‌ناھ ئۆتكۈزسە،‏ ئاقىۋىتى قانداق بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئاگاھلاندۇ‌رغان ۋە ئىتائە‌تچان بولسا،‏ قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏يارىت.‏ 4:‏6،‏ 7‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا پادىشاھ داۋۇ‌تقا نە‌سىھە‌ت بېرىش ئۈچۈن ناتان پە‌يغە‌مبە‌رنى ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ ناتان بىر تە‌مسىلنى سۆزلە‌پ،‏ داۋۇ‌تنىڭ قە‌لبىنى تە‌سىرلە‌ندۈرگە‌ن (‏2-‏سام.‏ 12:‏1–‏7‏)‏.‏ يە‌ھۋا داۋاملىق ئۆز پە‌يغە‌مبە‌رلىرىنى ئە‌ۋە‌تىپ،‏ قايتا-‏قايتا ئىسيانكار ئىسرائىل خە‌لقىگە نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن (‏يە‌رە‌م.‏ 7:‏24،‏ 25‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئاشۇ گۇ‌ناھقا پاتقان خە‌لقى توۋا قىلغاندىن كېيىن،‏ ئاندىن ياردە‌م قولىنى سۇ‌نۇ‌ش ئۈچۈن كۈتۈپ تۇ‌رمىغان ئىدى.‏ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا،‏ ئۇ‌لار گۇ‌ناھ قىلىپ يۈرگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن ئۇ‌لارنى گۇ‌ناھلىرىغا توۋا قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏

8 ئاقساقاللار ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌ن كىشىلە‌رگە ياردە‌م بە‌رگە‌ندە،‏ يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىدۇ.‏ 2-‏تىموتىي 4:‏2-‏ئايە‌ت بويىچە،‏ ئاقساقاللار زور سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن قېرىنداشلارغا چۈشە‌ندۈرۈپ نە‌سىھە‌ت بېرىشى لازىم.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئاقساقال ھە‌ردائىم ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىپ،‏ سە‌ۋرچان بولۇ‌شقا تىرىشىدۇ.‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ گۇ‌ناھكار كىشىنىڭ توغرا ئىش قىلىش ئارزۇ-‏ئىستىكى كۈچە‌يتىشكە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئاقساقال تېرىككە‌ك بولسا ياكى ئاچچىقلىنىشقا باشلىسا،‏ گۇ‌ناھكار نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سالماسلىقى ياكى توۋا قىلىشنى رە‌ت قىلىشى مۇ‌مكىن.‏

9،‏ 10.‏ ئاقساقاللار كىشىنىڭ گۇ‌ناھ قىلىشىغا سە‌ۋە‌ب بولغان ئامىللار توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشىغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

9 ئاقساقاللار ئاشۇ كىشىنىڭ گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈشىگە سە‌ۋە‌ب بولغان ئامىللارنى چۈشىنىشكە تىرىشىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ كىشى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشىنى ياكى ۋە‌ز قىلىشقا سە‌ل قاراپ،‏ نە‌تىجىدە بارا-‏بارا ئاجىزلىشىپ كە‌تكە‌نمۇ؟‏ ئۇ بارغانسېرى يە‌ھۋاغا ناھايىتى ئاز دۇ‌ئا قىلىدىغان بولۇ‌پ قالغانمۇ ياكى دۇ‌ئا قىلىشنى توختاتقانمۇ؟‏ خاتا-‏ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلە‌رگە قارشى كۈرە‌ش قىلىشقا تىرىشمايدىغان بولۇ‌پ قالغانمۇ؟‏ كىم بىلە‌ن باردى-‏كە‌لدى قىلغان؟‏ قانداق ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللىغان؟‏ ئۇ‌نىڭ دوستلىرى ياكى تاللىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلار ئۇ‌نىڭ ئوي-‏پىكىرى ۋە ئارزۇ-‏ئىستە‌كلىرىگە قانداق تە‌سىر قىلغان؟‏ ئۇ ئۆز قارارلىرىنىڭ ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىنىڭ ئاسماندىكى ئاتىسى يە‌ھۋاغا قانداق تە‌سىر قىلغانلىقىنى چۈشىنە‌مدۇ؟‏

10 ئاقساقاللار پە‌م-‏پاراسە‌ت بىلە‌ن سوئاللارنى سوراپ،‏ گۇ‌ناھكارنىڭ شۇ‌نداق ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈشىگە سە‌ۋە‌ب بولغان ئامىللار ھە‌ققىدە ئويلىنىشىغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ سوئاللارنى سورىغاندا،‏ مېھرىبان ۋە سە‌ۋرچان بولىدۇ ۋە كېرە‌كسىز تە‌پسىلاتلارنى سوراشتىن ساقلىنىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 20:‏5‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ خۇ‌ددى ناتان پە‌يغە‌مبە‌ر تە‌مسىل كە‌لتۈرۈپ پادىشاھ داۋۇ‌تقا ياردە‌م بە‌رگە‌ندە‌ك،‏ ئاقساقاللار مىسال ئارقىلىق،‏ گۇ‌ناھكار كىشىنىڭ ئۆزى ئۆتكۈزگە‌ن ئېغىر خاتالىقىنى چۈشىنىپ يېتىشىگە ياردە‌م بېرىشى مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ گۇ‌ناھكار بىرىنچى قېتىم ئاقساقاللار بىلە‌ن كۆرۈشكە‌ندە،‏ ئۆز قىلمىشى ئۈچۈن پۇ‌شايمان قىلىشنى باشلىشى،‏ ھە‌تتا چىن قە‌لبىدىن توۋا قىلىشى مۇ‌مكىن.‏

11.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ گۇ‌ناھكارلارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلغان؟‏

11 ئاقساقاللار ئە‌يسا مە‌سىھنى ئۈلگە قىلىشقا تىرىشىدۇ.‏ ئە‌يسا تىرىلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىن،‏ تارسۇ‌سلۇ‌ق سائۇ‌لغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن مۇ‌نداق سوئال سورىغان:‏ «ئە‌ي سائۇ‌ل،‏ سائۇ‌ل!‏ ماڭا نېمىشقا زىيانكە‌شلىك قىلىسە‌ن؟‏» (‏ئە‌لچى.‏ 9:‏3–‏6‏)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ،‏ «ئىزە‌بە‌ل» دېگە‌ن خوتۇ‌ن ھە‌ققىدە سۆز قىلىپ،‏ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن ئۇ‌نىڭ توۋا قىلىشى ئۈچۈن ۋاقىت بە‌ردىم».‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 2:‏20،‏ 21‏.‏

12،‏ 13.‏ ئاقساقاللار گۇ‌ناھكارنىڭ توۋا قىلىشىغا ۋاقىت بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

12 ئاقساقاللار ئە‌يسا مە‌سىھنى ئۈلگە قىلىدۇ ۋە گۇ‌ناھكارنى توۋا قىلمايدۇ دە‌پ ئالدىراپ خۇ‌لاسە چىقارمايدۇ.‏ بە‌زىلە‌ر ھە‌يئە‌ت ئە‌زالىرى بولغان ئاقساقاللار بىلە‌ن بىرىنچى قېتىم كۆرۈشكە‌ندە،‏ توۋا قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ يە‌نە بە‌زىلىرىنىڭ توۋا قىلىشىغا كۆپرە‌ك ۋاقىت كېتىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئاقساقاللار گۇ‌ناھكار بىلە‌ن بىرنە‌چچە قېتىم كۆرۈشۈشنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئېھتىمال،‏ بىرىنچى قېتىملىق كۆرۈشۈشتىن كېيىن،‏ ئاداشقان كىشى بولۇ‌نغان سۆھبە‌ت ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشى ۋە كە‌متە‌رلىكنى كۆرسىتىپ،‏ يە‌ھۋادىن گۇ‌ناھى ئۈچۈن كە‌چۈرۈم سورىشى مۇ‌مكىن (‏زە‌بۇ‌ر 32:‏5؛‏ 38:‏18‏)‏.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشكە‌ندە گۇ‌ناھكار كىشى بىرىنچى قېتىملىق كۆرۈشۈشكە قارىغاندا،‏ باشقىچە كۆز قاراشتا بولۇ‌شى ياكى ئىنكاس قايتۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

13 گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌ن كىشىنى توۋا قىلىشقا باشلاش ئۈچۈن،‏ ئاقساقاللار ھېسداشلىق ۋە مېھرىبانلىق كۆرسىتىدۇ.‏ ئۇ‌لار گۇ‌ناھكارغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقى ئۈچۈن بە‌رىكە‌ت سوراپ ۋە گۇ‌ناھكارنىڭ ئە‌قلىنى تېپىپ،‏ گۇ‌ناھىغا توۋا قىلىشنى ئۈمىد قىلىپ،‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىدۇ.‏—‏2-‏تىموت.‏ 2:‏25،‏ 26‏.‏

ئاقساقاللار گۇ‌ناھكارنىڭ توۋا قىلىشىغا ۋاقىت بېرىش ئۈچۈن بىرنە‌چچە قېتىم ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن كۆرۈشۈشى مۇ‌مكىن (‏12-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


14.‏ گۇ‌ناھكار توۋا قىلىپ ئۆزگە‌رسە،‏ كىم شان-‏شە‌رە‌پكە لايىق ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

14 ئە‌گە‌ر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌ن كىشى پۇ‌شايمان قىلىپ،‏ چىن قە‌لبىدىن توۋا قىلسا،‏ ھە‌ممىمىز ئىنتايىن خۇ‌شال بولىمىز!‏ (‏لۇ‌قا 15:‏7،‏ 10‏)‏ ئاقساقاللار گۇ‌ناھكار كىشىنىڭ توۋا قىلىپ ئۆزگىرىشىگە كۆپ ياردە‌م بە‌رگە‌چ،‏ ئۇ‌لار شان-‏شە‌رە‌پكە لايىق بولامدۇ؟‏ ياق.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ گۇ‌ناھ قىلغان كىشىلە‌ر ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى يازغانلىقىنى ئېسىمىزگە ئالايلى.‏ ئۇ:‏ «بە‌لكىم،‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارنى توۋا قىلىشقا باشلار»،‏—‏ دېگە‌ن (‏2-‏تىموت.‏ 2:‏25‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ گۇ‌ناھكارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئۆزگە‌رتىشىگە ئىنسان ئە‌مە‌س،‏ ئە‌سلىدە يە‌ھۋا يادە‌م بېرىدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋا شان-‏شە‌رە‌پكە لايىقتۇ‌ر.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س يە‌نە گۇ‌ناھكار توۋا قىلغاندىن كېيىن،‏ ياخشى نە‌تىجە بېرىدىغانلىقى ھە‌ققىدە يازغان.‏ توۋا قىلغان كىشى ھە‌قىقە‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق توغرا بىلىم ئېلىپ،‏ ئە‌قلىنى تېپىپ،‏ شە‌يتاننىڭ تۇ‌زىقىدىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌پ قالالايدۇ.‏—‏2-‏تىم.‏ 2:‏26‏.‏

15.‏ ئاقساقاللار توۋا قىلغان كىشىلە‌رگە ياردە‌م بېرىشنى قانداق داۋاملاشتۇ‌رالايدۇ؟‏

15 گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌ن كىشى توۋا قىلغاندىن كېيىن،‏ ھە‌يئە‌ت ئە‌زالىرى بولغان ئاقساقاللار ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن داۋاملىق كۆرۈشۈپ،‏ ئىمان-‏ئېتىقادى كۈچە‌يتىشىگە ۋە شە‌يتاننىڭ ئېزىقتۇ‌رۇ‌شلىرىغا قارشى كۈرە‌ش قىلىشقا ياردە‌م بېرىدۇ (‏ئىبرا.‏ 12:‏12،‏ 13‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئاقساقاللار شۇ كىشى قانداق گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌نلىكىنى باشقىلاردىن مە‌خپىي تۇ‌تىدۇ.‏ لېكىن،‏ جامائە‌تنى بە‌زى ئىشلاردىن خە‌ۋە‌ردار قىلىش زۆرۈر بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ قايسى ئىشلاردىن؟‏

‏«ھە‌ممىسىنىڭ ئالدىدا … تە‌نبىھ بە‌رگىن»‏

16.‏ 1-‏تىموتىي 5:‏20-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ «ھە‌ممىسىنىڭ ئالدىدا» دېگە‌ن سۆز كىمگە قارىتىلغان؟‏

16 1-‏تىموتىي 5:‏20-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بۇ سۆزلە‌رنى ئۆزىگە ئوخشاش ئاقساقال بولغان تىموتىيغا يازغان.‏ ئۇ‌نىڭغا ھە‌ممىسىنىڭ ئالدىدا گۇ‌ناھ قىلىۋاتقانلارغا تە‌نبىھ بېرىشنى ئېيتقانىدى.‏ ئۇ زادى نېمە دېمە‌كچى ئىدى؟‏ پاۋلۇ‌س «ھە‌ممىسىنىڭ ئالدىدا» دە‌پ پۈتۈن جامائە‌ت كۆزدە تۇ‌تقانمۇ؟‏ ئۇ‌نداق بولۇ‌شى ناتايىن.‏ كۆپىنچە ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە «ھە‌ممىسنىڭ ئالدىدا» دېگە‌ن سۆز،‏ ئىشلاردىن خە‌ۋە‌ردار بولغان ئاز ساندىكى كىشىلە‌رنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لار بولغان ئىشنى ئۆز كۆزى بىلە‌ن كۆرگە‌ن ياكى گۇ‌ناھكارنىڭ ئېغىزدىن ئاڭلىغان.‏ ئاقساقاللار پە‌قە‌ت ئاشۇ ئاز ساندىكى كىشىلە‌رگە ئىشلارنى بىر تە‌رە‌پ قىلغانلىقىنى ۋە گۇ‌ناھكارنىڭ تۈزىتىلگە‌نلىكىنى ئېيتىدۇ.‏

17.‏ جامائە‌تتە كۆپىنچە قېرىنداشلار ئاللىقاچان بىرىنىڭ ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌نلىكىنى بىلگە‌ن بولسا ياكى كېلە‌چە‌كتە بىلىشى مۇ‌مكىن بولسا،‏ ئاقساقاللار نېمىنى ئېلان قىلىدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

17 بە‌زى ۋە‌زىيە‌تتە گۇ‌ناھكارنىڭ قىلغان ئىشىنى جامائە‌تتىكى كۆپىنچە قېرىنداشلار ئاللىقاچان بىلگە‌ن بولۇ‌شى ياكى كېلە‌چە‌كتە بىلىۋېلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ ئۇ چاغدا «ھە‌ممىسىنىڭ ئالدىدا» دېگە‌ن سۆز،‏ پۈتكۈل جامائە‌تنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىر ئاقساقال پۈتكۈل جامائە‌تنىڭ ئالدىدا گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌ن كىشىگە تە‌نبىھ بېرىپ،‏ تۈزىتىلگە‌نلىكىنى ئېلان قىلىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ خۇ‌ددى پاۋلۇ‌س ئېيتقاندە‌ك،‏ قېرىنداشلارنى ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزمە‌سلىككە ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «باشقىلار ھە‌م ئىبرە‌ت ئالسۇ‌ن».‏

18.‏ ئە‌گە‌ر قورامىغا يە‌تمىگە‌ن بىرى ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌ن بولسا،‏ ئاقساقاللار نېمە قىلىشى كېرە‌ك؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

18 سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن،‏ ئە‌مما قۇ‌رامىغا يە‌تمىگە‌ن،‏ يە‌نى 18 ياشقا تولمىغانلار ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈپ قويسىچۇ؟‏ ئاقساقاللار كېڭىشى ئىككى ئاقساقالنى قورامىغا يە‌تمىگە‌ن ئۆسمۈر ۋە ئۇ‌نىڭ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولغان ئاتا-‏ئانىسى b بىلە‌ن كۆرۈشۈشكە ئورۇ‌نلاشتۇ‌رىدۇ.‏ ئاقساقاللار ئاتا-‏ئانىلاردىن ئۆز بالىسىنى توۋا قىلىشقا باشلاش ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى سورايدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بالا نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ ئاتا-‏ئانىسىنىڭ ياردىمىدە ئاللىقاچان توۋا قىلىپ ئۆزگە‌رگە‌ن بولسا،‏ ئىككى ئاقساقال بە‌لكىم بىر ھە‌يئە‌ت تە‌شكىللە‌شنىڭ ھاجىتى يوق دە‌پ،‏ بالىغا ياردە‌م بېرىشنى داۋاملىق ئاتا-‏ئانىسىغا تاپشۇ‌رۇ‌شنى قارار قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئاقساقاللار شۇ‌نى ئوبدان بىلىدۇ‌كى،‏ يە‌ھۋا ئاتا-‏ئانىلارغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن بالىلارنى تۈزىتىش ۋە‌زىپىسىنى تاپشۇ‌رغان (‏تە‌كرار.‏ قا 6:‏6،‏ 7؛‏ پە‌ند.‏ نە 6:‏20؛‏ 22:‏6؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 6:‏2–‏4‏)‏.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئۆسمۈرنىڭ زۆرۈر ياردە‌مگە ئېرىشە‌لىگە‌ن ياكى ئېرىشە‌لمىگە‌نلىكىنى جە‌زملە‌شتۈرۈش ئۈچۈن،‏ ئاقساقاللار ئارىلاپ-‏ئارىلاپ ئۇ‌نىڭ ئاتا-‏ئانىسى بىلە‌ن كۆرۈشۈپ سۆھبە‌تلىشىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ قورامىغا يە‌تمىگە‌ن ياش توۋا قىلماي،‏ داۋاملىق يامان يولدا مېڭىۋە‌رسىچۇ؟‏ ئۇ‌نداق ئە‌ھۋالدا،‏ ئۈچ ئاقساقالدىن تە‌شكىللە‌نگە‌ن بىر ھە‌يئە‌ت ئۇ بالا ۋە ئۇ‌نىڭ ئاتا-‏ئانىسى بىلە‌ن كۆرۈشىدۇ.‏

قورامىغا يە‌تمىگە‌ن بىرى ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌ن بولسا،‏ ئىككى ئاقساقال ئۇ ۋە ئۇ‌نىڭ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولغان ئاتا-‏ئانىسى بىلە‌ن كۆرۈشىدۇ (‏18-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


‏«يە‌ھۋا ھە‌قىقە‌تە‌ن مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك ۋە رە‌ھىمدىل خۇ‌دادۇ‌ر»‏

19.‏ ئاقساقاللار گۇ‌ناھكار بىلە‌ن كۆرۈشكە‌ن چاغلاردا،‏ يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ؟‏

19 جامائە‌تنىڭ پاكلىقىنى ساقلاشنى يە‌ھۋا ئاقساقاللارغا تاپشۇ‌رغان،‏ شۇ‌ڭا ھە‌يئە‌ت بولۇ‌پ تە‌شكىللە‌نگە‌ن ئاقساقاللار تاپشۇ‌رۇ‌لغان مە‌سئۇ‌لىيە‌تكە ئىنتايىن ئە‌ھمىيە‌ت بېرىدۇ (‏1-‏كورىنت.‏ 5:‏7‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئاقساقاللار گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌ن كىشىنى توۋا قىلىشقا باشلاش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.‏ ئاقساقاللار گۇ‌ناھكار كىشىدىن ئۈمىد ئۈزمە‌ي،‏ ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن ئىجابىي كۆز قاراشنى ساقلايدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار «ھە‌قىقە‌تە‌ن مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك ۋە رە‌ھىمدىل» خۇ‌دا يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىشنى خالايدۇ (‏ياقۇ‌پ 5:‏11‏)‏.‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا دە‌ل شۇ‌نداق خۇ‌دانى ئۈلگە قىلغان.‏ مۇ‌نداق سۆزلە‌رنى يازغان:‏ «ئە‌ي بالىلىرىم،‏ سىلە‌رنى گۇ‌ناھ قىلمىسۇ‌ن دە‌پ،‏ بۇ سۆزلە‌رنى يېزىۋاتىمە‌ن.‏ ئە‌گە‌ر بىرى گۇ‌ناھ قىلغان بولسا،‏ ئاتىمىزنىڭ يېنىدا بىر ياردە‌مچى،‏ ئادىل ئە‌يسا مە‌سىھ بار».‏—‏1-‏يۇ‌ھاننا 2:‏1‏.‏

20.‏ بىز كېيىنكى ماقالىدە نېمىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

20 بە‌ك ئە‌پسۇ‌سكى،‏ بە‌زىدە گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى ئۆز گۇ‌ناھىغا توۋا قىلىشنى رە‌ت قىلىدۇ.‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ ئۇ كىشى جامائە‌تتىن چىقىرىلىشى كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە،‏ ئاقساقاللار نېمىلە‌رنى قىلىدۇ؟‏ بۇ‌نى كېيىنكى ماقالىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

42-‏ناخشا ‏«ئاجىزلارغا ياردە‌م قىل»‏

a بۇ‌رۇ‌ن بۇ تە‌شكىللە‌نگە‌ن ئاقساقاللار توپى ئە‌دلىيە كومىتېتى دە‌پ ئاتالغان.‏ لېكىن،‏ ھۆكۈم قىلىش ئۇ‌لارنىڭ ۋە‌زىپىلىرىنىڭ پە‌قە‌ت بىر قىسىمى بولغاچقا،‏ ھازىر بۇ سۆز-‏ئىبارىنى ئىشلە‌تمە‌يمىز.‏ ئۇ‌نىڭ ئورنىغا،‏ بىز ئاقساقاللاردىن تە‌شكىللە‌نگە‌ن بىر ھە‌يئە‌ت دېگە‌ن سۆز-‏ئىبارىنى قوللىنىمىز.‏

b ئاتا-‏ئانىلار بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بۇ ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شلار،‏ بالىنىڭ قانۇ‌نلۇ‌ق ۋە‌سىيسى (‏قۇ‌رامىغا يە‌تمىگە‌ن بالىلارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان كىشى)‏ ياكى باشقا بالىنى بېقىش مە‌سئۇ‌لىيىتى بار كىشىلە‌رگىمۇ ماس كېلىدۇ.‏