35-تەتقىق ماقالىسى
43-ناخشا ھوشيار، مەھكەم ۋە قەيسەر بول!
جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەنلەرگە ياردەم بېرىش
«توۋا قىلىشى ھاجەتسىز بولغان توقسان توققۇز ئادىل كىشى ئۈچۈن بولىدىغان شاد-خۇراملىققا قارىغاندا، توۋا قىلغان بىر گۇناھكار ئۈچۈن ئاسماندا بولىدىغان شاد-خۇراملىق چوڭراق بولىدۇ».—لۇقا 15:7.
مەركىزى ئىدىيە
نېمە ئۈچۈن بەزىلەر جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلىشى كېرەك؟ ئاقساقاللار ئۇلارنىڭ توۋا قىلىشقا ۋە يەھۋا بىلەن قايتىدىن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
1، 2. (1) يەھۋا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، توۋا قىلمىغان كىشىگە قانداق كۆز قاراشتا؟ (2) يەھۋا گۇناھكار كىشىنىڭ نېمە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؟
يەھۋا خۇدا يامانلىق ئۆچ كۆرىدۇ، ئۇ گۇناھقا كۆز يۇممايدۇ (زەبۇر 5:4–6). ئۇ ئۆزىنىڭ ھەققانىي تەلەپ-ئۆلچەملىرىنى مۇقەددەس كىتابقا يازدۇرغان ۋە بىزنىڭ ئۇلارغا ئەمەل قىلىشىمىزنى خالايدۇ. ئەلۋەتتە، يەھۋا بىز نامۇكەممەل ئىنسانلاردىن مۇكەممەللىكنى تەلەپ قىلمايدۇ (زەبۇر 130:3، 4). بىراق، بەزىلەر يەھۋانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى باھانە-سەۋەب قىلىپ، خۇدادىن قورقماي نومۇسسىز ئىشلارنى قىلسا، يەھۋا ئۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايدۇ (يەھۇدا 4). مۇقەددەس كىتاب شۇنداق خۇدادىن قورقمايدىغان ئادەملەرنىڭ ئارماگېدون ئۇرۇشىدا ھالاك قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.—2-پېتر. 3:7؛ ۋەھىي. 16:16.
2 بىراق، يەھۋا ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىمايدۇ. ئالدىنقى بىر قاتار ماقالىلەردە مۇھاكىمە قىلغىنىمىزدەك، مۇقەددەس كىتابتا ئېنىق كۆرسىتىلگەنكى، خۇدا «ھەممە ئىنسانلارنىڭ توۋا قىلىشىنى خالايدۇ» (2-پېتر. 3:9). جامائەتتىكى ئاقساقاللار يەھۋانى ئۈلگە قىلىپ، سەۋرچانلىق بىلەن گۇناھكارنى يامان يولىدىن قايتىپ، يەھۋا بىلەن قايتا يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. لېكىن، بەزىلەر گۇناھىغا پۇشايمان قىلمايدۇ (يەشايا 6:9). گەرچە ئاقساقاللار قايتا-قايتا ئۇلارنى توۋا قىلىشقا باشلاش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار يامان يولدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇنداق ۋەزىيەتتە ئاقساقاللار نېمە قىلىشى كېرەك؟
«رەزىل ئادەمنى ئاراڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار»
3. (1) مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغاندا، بىرى گۇناھىغا توۋا قىلمىسا، ئاقساقاللار نېمە قىلىشى كېرەك؟ (2) ئۆز گۇناھىغا توۋا قىلمىغان كىشى جامائەتتىن چىقىرىلسا، نېمە ئۈچۈن بۇنى ئۇ كىشى ئۆزى تاللىدى دېيىشكە بولىدۇ؟
3 كىشى ئۆز گۇناھىغا توۋا قىلمىسا، ئاقساقاللار 1-كورىنتلىقلار 5:13-ئايەتتىكى: «رەزىل ئادەمنى ئاراڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار» دېگەن كۆرسەتمىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە، گۇناھكار «كىم نېمە تېرىسا، شۇنى يىغىدۇ» دېگەن پرىنسىپنى، يەنى ئاقىۋەتتە نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ (گالاتىيا. 6:7). نېمە ئۈچۈن شۇنداق دېيەلەيمىز؟ چۈنكى، ئۇ ئاقساقاللارنىڭ قايتا-قايتا ئۇنى توۋا قىلىشقا باشلاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى رەت قىلغان (2-پادىشاھ. 17:12–15). ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئۇ يەھۋانىڭ تەلەپ ئۆلچەملىرىگە بويسۇنۇپ ياشاشنى خالىمايدۇ.—تەكرار. قا 30:19، 20.
4. گۇناھىغا توۋا قىلمىغان كىشى جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەندە، نېمە ئۈچۈن بۇ جامائەتتە ئېلان قىلىنىدۇ؟
4 بىرى گۇناھىغا توۋا قىلماي جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەندە، جامائەتنى خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن، ئەمدى ئۇ يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەس دەپ ئېلان قىلىنىدۇ. بۇنداق ئېلان قىلىشتىكى مەقسەت شۇ كىشىنى نومۇستا قالدۇرۇش ئەمەس. ئەكسىچە، جامائەتتىكى بارچە ئېتىقادچىلارنى مۇقەددەس كىتابتىكى بۇيرۇققا ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلىشتۇر. ئۇ قانداق بۇيرۇق؟ ئۇ شۇنداق كىشى بىلەن «ئالاقە قىلماڭلار، ھەتتا … ھەمداستىخانمۇ بولماڭلار» دېگەن بۇيرۇق! (1-كورىنت. 5:9–11). يەھۋانىڭ بۇنداق كۆرسەتمە بەرگەنلىكىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرى بار. ئەلچى پاۋلۇس: «كىچىككىنە خېمىرتۇرۇچ پۈتۈن خېمىرنى ئېچىتىدىغانلىقىنى» يازغان (1-كورىنت. 5:6). ئەگەر ئۆز گۇناھىغا توۋا قىلمىغان كىشى جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلمىسە، باشقىلارمۇ يەھۋانىڭ قانۇن-پەرمانلىرىغا بويسۇنۇشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلىشى مۇمكىن.—پەند. نە 13:20؛ 1-كورىنت. 15:33.
5. بىز جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەن كىشىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
5 ئۇنداقتا جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەن كىشىگە قانداق كۆز قاراشتا بولۇشىمىز كېرەك؟ گەرچە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلمىساقمۇ، لېكىن ئۈمىد ئۈزمەي، ئۇنى ئادىشىپ قالغان قوي دەپ قارىشىمىز كېرەك. ئادىشىپ قالغان قوي پادىغا قايتىپ كېلىشى مۇمكىن. شۇنى ئەستىن چىقارمايلىكى، ئۇ ئاداشقان قوي ئۆزىنى يەھۋاغا بېغىشلىغان. ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، ئۇ ھازىر يەھۋاغا بەرگەن ۋەدىسىدە چىڭ تۇرمىغاچقا، ئاقىۋەتتە شۇنداق خەتەرلىك ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالدى (ھەزەك. 18:31). لېكىن، يەھۋا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىۋاتقانىكەن، شۇنداق ئادەمنىڭ خۇداغا قايتىپ كېلىشىگە ئۈمىد بار. ئۇنداقتا، ئاقساقاللار جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەن كىشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
ئاقساقاللار جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەنلەرگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
6. ئاقساقاللار جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەنلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن قانداق قەدەملەرنى تاشلايدۇ؟
6 ئەگەر بىر كىشى جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلسە، ئاقساقاللار ئۇنىڭ يەھۋاغا قايتىشىغا ياردەم بېرىشنى توختىتامدۇ؟ ياق! گۇناھىغا توۋا قىلمىغان كىشى جامائەتتىن چىقىرىلىدىغانلىقىنى شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە ئېيتقاندا، ھەيئەت ئەزالىرى بولغان ئاقساقاللار ئۇنىڭغا جامائەتكە قايتىپ كېلىش ئۈچۈن قانداق قەدەملەرنى تاشلىشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپۈنچە ۋەزىيەتلەردە ئاقساقاللار يەنە گۇناھكارنىڭ كۆز قارىشى ئۆزگەرگەن-ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە ئايدىن كېيىن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەگەر ئۇ يەنە كۆرۈشۈشنى خالىسا، ئاقساقاللار ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، مۇلايىملىق ۋە قىزغىنلىق بىلەن، توۋا قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. ھەتتا بۇ كۆرۈشۈشتە ئۇ يەنىلا كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتمىسە، ئاقساقاللار كېلەچەكتە ئۇنىڭ بىلەن تەكرار كۆرۈشۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ ۋە داۋاملىق توۋا قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.
7. ئاقساقاللار جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەنلەرگە مۇئامىلە قىلىشتا، يەھۋانىڭ رەھىم-شەپقىتىنى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟ (يەرەمىيا 3:12)
7 ئاقساقاللار جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەنلەرگە مۇئامىلە قىلغاندا، يەھۋانى ئۈلگە قىلىپ، مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. مەسىلەن، يەھۋا قەدىمقى زاماندا، گۇناھكار ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئاۋۋال توۋا قىلىشىنى كۈتمەي، ئەكسىچە ئۆزى تەشەببۇسكار بىلەن ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلىرىنى ئەۋەتكەنىدى. بۇ بىر قاتار ماقالىلەرنىڭ ئىككىنچىسىدە ئۆگىنىپ ئۆتكىنىمىزدەك، يەھۋا خۇدا ھوشىيا پەيغەمبەرنى بېرىپ، يەنىلا گۇناھ ئۆتكۈزۈۋاتقان ئايالى گومەرگە نەسىھەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋېلىشقا بۇيرۇغان. شۇ ئارقىلىق، يەھۋا ئۆزىنىڭ ناھايىتى مېھىر-شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى ئۆز خەلقىگە كۆرسەتكەن (ھوشىيا 3:1؛ مالاك. 3:7). ئاقساقاللار يەھۋانى ئۈلگە قىلىپ، ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشىنىڭ توۋا قىلىپ جامائەتكە قايتىپ كېلىشىنى چىن كۆڭلىدىن خالايدۇ ۋە بۇ جەرياننى قىيىنلاشتۇرمايدۇ.—يەرەمىيا 3:12-نى ئوقۇڭ.
8. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاداشقان ئوغۇل توغرۇلۇق تەمسىلى، يەھۋا خۇدانىڭ مېھرىبانلىقى ۋە رەھىم-شەپقىتىنى ياخشىراق چۈشىنىشىمىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (لۇقا 15:7)
8 بىر قاتار ماقالىلەرنىڭ ئىككىنچىسىدە، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاداشقان قوي توغرۇلۇق ئېيتقان تەمسىلنى مۇھاكىمە قىلغان ئىدۇق. ئېسىڭىزدە بولسا، ئاتا ئۆيىگە قايتىپ كېلىۋاتقان ئوغلىنى كۆرۈپلا، «ئالدىغا يۈگرەپ چىقىپ، ئۇنى باغرىغا بېسىپ سۆيۈپ» كەتكەنىدى (لۇقا 15:20). دىققەت قىلسىڭىز، ئاتا ئوغلىنىڭ ئۆزىدىن كەچۈرۈم سورىشىنى كۈتۈپ تۇرمىغان. ئەكسىچە، ئاتا ئوغلىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەچكە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بارغان. يەھۋا ئادىشىپ قالغان قويغا دەل شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ. ئاقساقاللارمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن يەھۋانى ئۈلگە قىلىپ، ئادىشىپ قالغان قويلارنىڭ «ئۆيىگە قايتىشىنى» چىن كۆڭلىدىن خالايدۇ (لۇقا 15:22–24، 32). گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشى قايتىپ كەلگەندە، يەھۋا، ھەزرىتى ئەيسا، پەرىشتىلەر ھەم پۈتۈن جامائەت بەكمۇ خۇشال بولىدۇ.—لۇقا 15:7-نى ئوقۇڭ.
9. يەھۋا گۇناھكارلارنى نېمە قىلىشقا ئۈندەيدۇ؟
9 ھازىرغىچە مۇھاكىمە قىلغانلىرىمىزدىن شۇنى ئۆگەندۇقكى، يەھۋا قەستەن گۇناھىغا توۋا قىلمايدىغانلارنىڭ جامائەتتە قېلىشىغا يول قويمايدۇ. لېكىن يەھۋا ئۇلاردىن شۇنداقلا ۋەز كەچمەيدۇ. ئۇ گۇناھكارلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھوشىيا 14:4-ئايەتتە، يەھۋا گۇناھكارلارغا قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدىغانلىقىنى مۇنداق سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىگەن:«مەن ئۇلارنىڭ ساداقەتسىزلىكىنى ساقايتىمەن، ئۇلارنى چىن كۆڭلۈمدىن سۆيىمەن، چۈنكى ئۇلارغا بولغان غەزىپىم بېسىلدى». ئاقساقاللار بۇ كىشىگە چوڭقۇر تەسىر قىلىدىغان سۆزلەرنى ئېسىدە مەھكەم تۇتسا، گۇناھكارنىڭ پۇشايمان قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ھەربىر ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ يېتىشكە تىرىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋانى تاشلاپ كەتكەن كىشىلەر بۇ سۆزلەرنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتىلغانلىقىنى ۋە ياراتقۇچىنىڭ ئۇلارنى سۆيىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتسە، چوڭقۇر تەسىرلىنىپ تېزراق يەھۋانىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىشىنى خالىشى مۇمكىن.
10، 11. ئاقساقاللار ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەنلەرگە قانداق ياردەم بېرىشكە تىرىشىدۇ؟
10 ئاقساقاللار ئىلگىرى، ھەتتا ئۇزۇن يىللار بۇرۇن جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەنلەرگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ بەلكىم، ئۇلار ئاللىقاچان ئىلگىرىكىگە ئوخشاش گۇناھ قىلىپ يۈرمەيدىغاندۇ. بەزى ۋەزىيەتلەردە، ئۇلار ھەتتا نېمە ئۈچۈن جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى ئېسىگە ئالالماسلىقى مۇمكىن. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئاقساقاللار ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىپ، يوقلاپ تۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئاقساقاللار ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەندە بىرلىكتە دۇئا قىلىپ، مېھرىبانلىق بىلەن ئۇلارنى جامائەتكە قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بىر ئادەم ئۇزاق ۋاقىت جامائەتتىن ئايرىلغان بولسا، ئېنىقلا ئۇ روھىي جەھەتتىن ئاجىزلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. شۇڭا، ئۇ جامائەتكە قايتىشنى خالىسا، گەرچە ئۇ تېخى جامائەتكە قايتا قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، ئاقساقاللار جامائەتتىن بىر قېرىنداشنى شۇ ئادەم بىلەن مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇمكىن. مەيلى قانداق ۋەزىيەت بولسۇن، كىمنىڭ ئۇ كىشى بىلەن مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشى پەقەت ئاقساقاللار ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
11 ئاقساقاللار يەھۋانى ئۈلگە قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشىلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مۇمكىنقەدەر كۆپرەك ئادەملەرنى يەھۋاغا قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم قولىنى سونۇشقا تىرىشىدۇ ۋە قايتىپ كېلىشنى خالايدىغانلارغا ئىشىك ھەرقاچان ئوچۇق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر گۇناھكار توۋا قىلىپ، ئاللىقاچان يامان ئىشلاردىن قول ئۈزگەن بولسا، جامائەت كېچىكتۈرمەي ئۇنى قايتا قوبۇل قىلىشى مۇمكىن.—2-كورىنت. 2:6–8.
12. (1) قايسى ۋەزىيەتلەردە، ئاقساقاللار ئالاھىدە ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك؟ (2) نېمە ئۈچۈن بەزى گۇناھلارنى ئۆتكۈزگەن كىشىلەر ھەرگىزمۇ يەھۋانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ دەپ ئويلىماسلىقى كېرەك؟ (ئىزاھاتقا ھەم قاراڭ).
12 بەزى ۋەزىيەتلەردە، ئاقساقاللار بىرىنى قايتا جامائەتتە قوبۇل قىلىشتىن ئاۋۋال ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىنىشى كېرەك. مەسىلەن، بالىلارنى جىنسىي خورلىغان، ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈگەن ياكى بولمىسا، ئۆز جورىسىدىن ئاجرىشىپ كېتىش ئۈچۈن پىلان تۈزگەن بىرى بولسا، ئاقساقاللار چوقۇم ئۇنىڭ ھەقىقەتەن چىن كۆڭلىدىن توۋا قىلغانلىقىغا يەتكۈزۈشى لازىم (مالاك. 2:14؛ 2-تىموت. 3:6). ئاقساقاللار يەھۋانىڭ پادىسى بولغان جامائەتنى ھىمايە قىلىشى كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلار شۇنىمۇ چۈشىنىشى كېرەككى، بىر كىشى مەيلى قانداق گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولسۇن، چىن كۆڭلىدىن توۋا قىلىپ، يامانلىقتىن قول ئۈزگەن بولسا، يەھۋا ئۇنداق كىشىنى قوبۇل قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، گەرچە ئاقساقاللار ھىيلىگەرلىك بىلەن باشقىلارغا زىيان كەلتۈرگەن كىشىلەرگە قارىتا ئېھتىياتچان بولسىمۇ، ئەمما ھەددىن زىيادە ئاشۇرۋەتمەسلىكى، يەنى بەزى گۇناھلارنى ئۆتكۈزگەن كىشىلەر ھەرگىزمۇ يەھۋانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ دەپ ئويلىماسلىقى كېرەك a.—1-پېتر. 2:10.
جامائەت نېمىنى قىلالايدۇ؟
13. ئاقساقاللار تەنبىھ بەرگەن كىشىگە قانداق مۇئامىلە قىلىمىز ۋە جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەن كىشىگە قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟
13 ئالدىنقى ماقالىلەردە مۇھاكىمە قىلىنغاندەك، بەزىدە بىر كىشىگە تەنبىھ بېرىلگەنلىكى جامائەتتە ئېلان قىلىنىدۇ. بۇنداق ۋەزىيەتتە، ئۇنىڭ بىلەن باردى-كەلدى قىلىشنى داۋاملاشتۇرالايمىز. چۈنكى، ئۇ كىشىنىڭ ئاللىقاچان توۋا قىلىپ، يامانلىقتىن قول ئۈزگەنلىكىنى بىلىمىز (1-تىموت. 5:20). ئۇ يەنىلا جامائەتنىڭ بىر ئەزاسى ۋە ئېتىقادداشلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىشتىن كېلىدىغان ئىلھام-مەدەتلەرگە مۇھتاج (ئىبرانىي. 10:24، 25). ئەمما، بىر كىشى جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەن بولسا، بۇنداق ۋەزىيەتتە باشقىچە يول تۇتىمىز. يەنى. ئۇنداق كىشى بىلەن «ئالاقە قىلماڭلار، ھەتتا … ھەمداستىخانمۇ بولماڭلار» دېگەن بۇيرۇققا ئەمەل قىلىمىز.—1-كورىنت. 5:11.
14. ھەربىر ئېتىقادچى مۇقەددەس كىتاب ئاساسىدا تەربىيىلىگەن ۋىجدانىغا قاراپ، جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەن كىشىگە مۇئامىلە قىلىشتا قانداق قارار چىقىرالايدۇ؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
14 1-كورىنتلىقلار 5:11-ئايەتتىكى كۆرسەتمە، جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەن كىشىنى جامائەتنىڭ ئىبادەت يىغىلىشلىرىغا تەكلىپ قىلمايمىز ياكى ئەگەر ئۇ يىغىلىشقا كەلسە، ئۇنىڭغا سالام بەرمەيمىز دېگەنلەرنى بىلدۈرەمدۇ؟ ياق. ئەلۋەتتە، بىز چوقۇم ئۇنىڭ بىلەن باردى-كەلدى ئالاقىدە بولمايمىز. بىراق، ئۇ بىزنىڭ ئۇرۇق-تۇققىنىمىز ياكى بۇرۇنقى دوست-يارەنلىرىمىز بولۇشى مۇمكىن. جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەن كىشىنى ئىبادەت يىغىلىشىغا تەكلىپ قىلىش-قىلماسلىقنى، ھەربىر ئېتىقادچى مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرى ئاساسىدا تەربىيىلىگەن ۋىجدانىغا قاراپ قارار قىلىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇ جامائەت يىغىلىشىغا كەلسە، ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇرۇن بىز شۇنداق ئادەم بىلەن سالاملاشمايتتۇق. بىراق، ھازىر بۇنداق ۋەزىيەتلەردە ھەربىر ئېتىقادچى مۇقەددەس كىتاب ئاساسىدا تەربىيىلەنگەن ۋىجدانىغا قاراپ، ئۆزى قارار چىقىرىدۇ. بەزىلەر شۇنداق كىشى بىلەن سالاملىشىپ، ئىبادەت يىغىلىشىغا كەلگىنىنى قارشى ئېلىشنى قارار قىلىشى مۇمكىن. بىراق، ئۇزاق پاراڭلاشمايمىز ۋە باردى-كەلدى قىلمايمىز.
15. 2-يۇھاننا 9–11-ئايەتتە، قانداق گۇناھنى ئۆتكۈزگەن كىشى تىلغا ئېلىنغان؟ « ئەلچى يۇھاننا ۋە پاۋلۇس ئوخشاش بىرخىل گۇناھ ھەققىدە سۆز قىلغانمۇ؟» ناملىق رامكىغا قاراڭ.
15 بەزىلەر ‹مۇقەددەس كىتابتا مەسىھ ئەگەشكۈچىسى شۇنداق بىر ئادەمگە سالام بەرسە، ئۇنىڭ يامان ئىشلىرىغا شېرىك بولىدۇ دېيىلگەن ئەمەسمۇ؟› دەپ سورىشى مۇمكىن (2-يۇھاننا 9–11-نى ئوقۇڭ). بۇ ئايەتنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئايەتلەر بۇ كۆرسەتمە ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈگەنلەرگە ۋە يامان ئىشلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغانلارغا قارىتا ئېيتىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (ۋەھىي. 2:20). شۇڭا، ئەگەر كىشى ساختا تەلىملەرنى ياكى باشقا يامان ئىشلارنى تەشۋىق قىلسا، ئاقساقاللار ئۇنى يوقلاپ كەلمەيدۇ. ئەلۋەتتە، شۇنداق كىشىمۇ توۋا قىلىشى مۇمكىن. لېكىن، ئۇ شۇنداق قىلغانغا قەدەر، بىز ئۇنىڭغا سالام بەرمەيمىز ۋە ئۇنى جامائەت يىغىلىشلىرىغا تەكلىپ قىلمايمىز.
يەھۋانىڭ مېھرىبانلىقى بىلەن رەھىم-شەپقىتىنى ئۈلگە قىلىڭ
16، 17. (1) يەھۋا گۇناھكارلارنىڭ نېمە قىلىشىنى خالايدۇ؟ (ھەزەكىيال 18:32). (2) گۇناھكارنى توۋا قىلىشىغا ياردەم بېرىشكە تىرىشقاندا، ئاقساقاللار يەھۋا بىلەن خىزمەتداش بولغانلىقىنى قانداق كۆرسىتەلەيدۇ؟
16 بۇ بىر قاتار ماقالىدىن نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟ يەھۋا ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىمايدۇ (ھەزەكىيال 18:32-نى ئوقۇڭ). ئۇ گۇناھكارلارنىڭ ئۆزى بىلەن يارىشىۋېلىشىنى خالايدۇ (2-كورىنت. 5:20). شۇنىڭ ئۈچۈن، قەدىمدىن تا ھازىرغىچە، يەھۋا ئۆزىدىن يىراقلاشقان خەلقىنى ۋە خىزمەتچىلىرىنى توۋا قىلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىشكە تەكرار-تەكرار ئۈندىگەن. جامائەتتىكى ئاقساقاللارمۇ گۇناھكارلارنى توۋا قىلىشقا باشلاشتا يەھۋا بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىدۇ. خۇدا بىلەن خىزمەتداش بولۇش ھەقىقەتەن زور شان-شەرەپ!—رىملىقلار 2:4؛ 1-كورىنت. 3:9.
17 گۇناھكارلار توۋا قىلغاندا، ئاسماندا بولىدىغان شاد-خۇراملىقنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ! ئادىشىپ قالغان قويلىرىدىن بىرى جامائەتكە قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەندە، ئاتىمىز يەھۋا شەخسەن ئۆزى شۇنداق شاد-خۇراملىققا چۆمىدۇ. يەھۋانىڭ مېھرىبانلىقى، رەھىمدىللىقى ۋە شەپقىتى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلانغىنىمىزدا، ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىدۇ.—لۇقا 1:78.
28-ناخشا يېڭى ناخشا
a مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغاندا، بەزى گۇناھكار ھەرگىز كەچۈرۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ كەچۈرۈمگە ئېرىشەلمەسلىكى، مەلۇم بىر تۈرلۈك گۇناھنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى قەستەن خۇداغا قارشى چىقىپ، توۋا قىلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر. بىراق، كىمنىڭ مەڭگۈگە كەچۈرۈمگە ئېرىشىدىغان-ئېرىشمەيدىغانلىقىنى قارار قىلىشقا پەقەت يەھۋا ۋە ئەيسا ھوقۇقلۇق.—مارك. 3:29؛ ئىبرا. 10:26، 27.