40-تەتقىق ماقالىسى
ئەلچى پېترۇسقا ئوخشاش داۋاملىق ساداقەتمەن بولۇڭ
«ھەزرىتىم، مەندىن يىراق تۇرۇڭ، چۈنكى مەن گۇناھكار ئادەم»—لۇقا 5:8.
23-ناخشا يەھۋا بىزنىڭ كۈچىمىز
بۇ ماقالىدە: a
1. پېترۇس ئەيسانىڭ مۆجىزە ئارقىلىق ياردەم بېرىشى بىلەن كۆپ بېلىق تۇتقاندا، ئۆزىنى قانداق ھېس قىلغان؟
پېترۇس كېچىچە ھېچقانداق بېلىق تۇتالمىغان ئىدى. ھەيران قالارلىق يېرى، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا شۇنداق دېگەن: «چوڭقۇر جايغا بېرىپ، سۇغا تورلىرىڭلارنى تاشلاپ، بېلىق تۇتۇڭلار» (لۇقا 5:4). پېترۇس بېلىق تۇتالىشىدىن گۇمانلانغان، ئەمما ئۇ ئەيسانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلغان. سۇغا تاشلانغان تور بېلىققا تولۇپ، ئېغىرلىقىدىن يىرتىلىشقا باشلىغان. پېترۇس ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشلەۋاتقانلار بۇ مۆجىزىگە شاھىت بولۇپ، ئىنتايىن ھەيران بولۇشقان. پېترۇس: «ھەزرىتىم، مەندىن يىراق تۇرۇڭ، چۈنكى مەن گۇناھكار ئادەم»،— دېگەن (لۇقا 5:6–9). قارىماققا، پېترۇس ئۆزىنى ئەيسا بىلەن بىللە بولۇشقا لايىق ئەمەستەك ھېس قىلغان.
2. نېمە ئۈچۈن پېترۇسنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقىش بىز ئۈچۈن پايدىلىق؟
2 پېترۇس راستىنى ئېيتقان، ئۇ گۇناھكار ئادەم بولغان. مۇقەددەس يازمىلاردا كۆرسىتىلگەندەك، ئۇ قىلغان بەزى گەپ-سۆزلەر ياكى ئىش-ھەرىكەتلەردىن پۇشايمان قىلغان. سىزمۇ پېترۇسقا ئوخشاش ھېس قىلغانمۇ؟ بەزى ناچار مىجەز-خۇلقىڭىز ياكى ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان گۇناھكار خاھىشىڭىز بىلەن كۈرەش قىلىۋاتامسىز؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، پېترۇسنىڭ ئۈلگىسىنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش سىزگە ئىلھام بېرىدۇ. مۇنۇلارنى ئويلاپ كۆرۈڭ: پېترۇسنىڭ كەمچىلىكلىرىنى مۇقەددەس يازمىلاردىكى ئۈزۈندىلەردىن ئاسانلا چىقىرىپ ئېلىشقا بولاتتى، بىراق ئۇلار بىزگە ئىلھام بېرىدىغان ساۋاق سۈپىتىدە مۇقەددەس يازمىلارغا كىرگۈزۈلگەن (2-تىموت. 3:16، 17). بىزگە ئوخشاش ئاجىزلىقلىرى بار ۋە ئوخشاش ھېس-تۇيغۇلىرى بولغان كىشى ھەققىدە ئۆگىنىش يەھۋانىڭ بىزدىن مۇكەممەل بولۇشنى كۈتمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. يەھۋا بىزدىن كەمچىلىكلىرىمىزگە قارىماستىن داۋاملىق ساداقەتمەنلىكنى ساقلاش ئۈچۈن تىرىشىشىمىزنى كۈتىدۇ.
3. نېمە ئۈچۈن ساداقەتمەنلىكىمىزنى ساقلىشىمىز كېرەك؟
3 نېمە ئۈچۈن ساداقەتمەنلىكىمىزنى ساقلىشىمىز كېرەك؟ بىر مىسال كەلتۈرەيلى. مۇزىكانت بىر چالغۇ ئەسۋابىنى چېلىشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللار مەشىق قىلىشى مۇمكىن. شۇ جەرياندا كۆپ قېتىم خاتا چېلىپ قويۇشى مۇمكىن. ئەمما، مەشىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇ بارا-بارا ئۆگىنىپ، ئاخىرىدا ماھارەتلىك بىر مۇزىكانتقا ئايلىنىدۇ. شۇنداق بولغان تەغدىردىمۇ، ئۇ بەزىدە يەنە خاتالىق سادىر قىلىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ يەنىلا ۋاز كەچمەيدۇ. ئۇ داۋاملىق ئۆز سەنئەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز مەلۇم ئاجىزلىقىمىز ئۈستىدىن غەلبە قىلغاندىن كېيىنمۇ، يەنە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشىمىز مۇمكىن. بىراق، بىز يەنىلا ئۆز مەقسىتىمىزگە يېتىشىمىز ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىمىز. ھەممىمىز كېيىنرەك پۇشايمان قىلىدىغان گەپ-سۆزلەرنى ياكى ئىش ھەرىكەتلەرنى قىلىمىز، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ۋاز كەچمەي داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك، يەھۋا ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ (1-پېتر. 5:10). پېترۇسنىڭ ساداقەتمەنلىك ئۈلگىسىنى كۆرۈپ باقايلى. ئەيسا مەسىھ پېترۇسنىڭ كەمچىلىكىگە قارىماي، ئۇنىڭغا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكى بىزنى داۋاملىق يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ.
پېترۇسنىڭ تىرىشچانلىقى ۋەئېرىشكەن بەرىكەتلىرى
4. لۇقا 5:5–10- ئايەتلەردە، پېترۇس ئۆزى توغرۇلۇق نېمە دېگەن ۋە ئەيسا ئۇنى نېمىگە ئىشەندۈرگەن؟
4 مۇقەددەس يازمىلاردا، پېترۇسنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى «گۇناھكار ئادەم» دەپ ئېيتقانلىقى ياكى قايسى گۇناھلىرىنى كۆزدە تۇتقانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان (لۇقا 5:5–10-نى ئوقۇڭ). بەلكىم، ئۇ بەزى ئېغىر خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەن. ھەزرىتى ئەيسا پېترۇسنىڭ قورققانلىقىنى بىلگەن. ئۇنىڭ قورقۇشىنىڭ سەۋەبى — ئۇ ئۆزىنى مەسىھ بىلەن بىللە بولۇشقا لايىق ئەمەس دەپ قارىغان. لېكىن، ئەيسا پېترۇسنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىنى بىلگەن. شۇڭا، ئۇ پېترۇسقا: «قورقما»،— دېگەن. ئەيسانىڭ پېترۇسقا بولغان ئىشەنچىسى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغان. كېيىن، پېترۇس ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى بېلىقچىلىق كەسپىنى تاشلاپ، ئەيساغا ئەگىشىپ تولۇق ۋاقىت خىزمەت قىلغان. يەھۋا ئۇلارنىڭ بۇ قارارىنى ھەر تۈرلۈك يوللار بىلەن بەرىكەتلىگەن.—ماركۇس 1:16–18.
5. پېترۇس قورقۇنچنى يېڭىپ، ئەيسانىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغىنى ئۈچۈن قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشكەن؟
5 مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىسى بولغان پېترۇس نۇرغۇنلىغان ئاجايىپ ۋەقەلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇ ئەيسانىڭ كېسەللەرنى ساقايتقانلىقى، جىنلارنى قوغلىغانلىقى، ھەتتا ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرگەنلىكىنى كۆرگەن b (مەتتا 8:14–17؛ ماركۇس 5:37، 41، 42). ئۇ يەنە ئەيسانىڭ كېلەچەكتىكى پادىشاھلىق سەلتەنىتى توغرۇلۇق غايىبانە كۆرۈنۈشنى كۆرگەن (ماركۇس 9:1–8؛ 2-پېتر. 1:16–18). ئۇ ئاشۇ كۆرگەنلىرىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇمىغان. دەرۋەقە، پېترۇس ئەيساغا ئەگەشمىگەن بولسا، ئاشۇ ئىش-ۋەقەلەرنى كۆرمىگەن بولاتتى. ئۇ سەلبىي ھېس-تۇيغۇلارغا باش ئەگمەي، ئاشۇ ئاجايىپ بەرىكەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويمىغانلىقى ئۈچۈن چوقۇم ئىنتايىن خۇشال بولغان!
6. پېترۇس ئاجىزلىقلىرىنى دەرھال يېڭەلىگەنمۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
6 پېترۇس شۇنداق ئىش-ۋەقەلەرنى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان بولۇشىغا قارىماي، ئۇ يەنىلا ئۆز كەمچىلىكى بىلەن كۈرەش قىلىش ئۈچۈن تىرىشقان. بىرنەچچە مىسالنى كۆرۈپ باقايلى. ئەيسا مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئازابلىنىپ ئۆلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەندە، پېترۇس بۇنىڭغا قارشى چىققان (ماركۇس 8:31–33). شۇنداقلا پېترۇس باشقا ئەلچىلەر بىلەن كىمنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىكەنلىكى توغرىسىدا قايتا-قايتا تالاش-تارتىشلارنى قىلىشقان (ماركۇس 9:33، 34). ئەيسانىڭ ئۆلۈمىدىن ئاۋۋالقى كۈنى كېچىدە پېترۇس ئالدىراقسانلىق بىلەن بىر كىشىنىڭ قۇلىقىنى چېپىۋەتكەن (يۇھاننا 18:10). يەنە شۇ ئاخشىمى پېترۇس قورقۇپ كەتكەچكە، ئۈچ قېتىم ئۆزىنىڭ دوستى ئەيسادىن تېنىپ، ئۇنى تونۇمايدىغانلىقىنى ئېيتقان (ماركۇس 14:66–72). شۇنىڭدىن كېيىن، پېترۇس قاتتىق يىغلىغان ئىدى.—مەتتا 26:75.
7. ئەيسا تىرىلگەندىن كېيىن، پېترۇسقا قانداق پۇرسەت بەرگەن؟
7 ئەيسا قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ئەلچىسىدىن ۋاز كەچمىگەن ئىدى. ئۇ تىرىلگەندىن كېيىن، پېترۇسقا سۆيگۈ مۇھەببىتىنى كۆرسىتىشكە پۇرسەت بەرگەن. ئەيسا پېترۇسنى ئۆز قويلىرىنىڭ پادىچىسى سۈپىتىدە كەمتەرلىك بىلەن خىزمەت قىلىشقا بۇيرىغان (يۇھاننا 21:15–17). پېترۇس ئەيسانىڭ ئېيتقانلىرىنى ئورۇنلاشقا تەييار بولغان. پېترۇس ئەللىكىنچى كۈن بايرىمىدا يېرۇسالىمدا مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدا بولغان.
8. پېترۇس ئانتاكيادا قانداق چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن؟
8 پېترۇس مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغاندىن كېيىنمۇ، ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقلىرى بىلەن داۋاملىق كۈرەش قىلغان. مىلادى 36-يىلى، خۇدا پېترۇسنى كورنىلىي ئىسىملىك يەھۇدىي ئەمەس كىشىگە ئەۋەتكەن. شۇ يەردە، خۇدا ئۆز مۇقەددەس روھى بىلەن كورنىلىينى مەسىھ قىلغان. بۇ ۋەقە خۇدانىڭ ھەممىنى تەن كۆرىدىغانلىقىنى ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى جامائىتىنىڭ ئەزاسى بولالايدىغانلىقىنى ئېنىق ئىسپاتلىغان (ئەلچى. 10:34، 44، 45). شۇنىڭدىن كېيىن، پېترۇس يەھۇدىي ئەمەس كىشىلەر بىلەن بىر داستىخاندا ئەركىن-ئازادە تاماق يېگەن. ئۇ ئىلگىرى ھېچقاچان شۇنداق قىلمىغان ئىدى (گالاتىيا. 2:12). بىراق، بەزى يەھۇدىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەر بىر داستىخاندا تاماق يېيىشكە بولمايدۇ دەپ قارىغان. مۇشۇ كۆز قاراشتا چىڭ تۇرغان بەزى ئېتىقادچىلار ئانتاكياغا كەلگەندە، پېترۇس ئۇلارنى رەنجىتىشتىن ئەنسىرەپ، يەھۇدىي ئەمەس قېرىنداشلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرمايدىغان بولغان. ئەلچى پاۋلۇس بۇ ساختىپەزلىكنى كۆرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا پېترۇسنى ئەيىبلىگەن (گالاتىيا. 2:13، 14). مۇشۇ خاتالىقىغا قارىماستىن، پېترۇس داۋاملىق سادىق بولۇپ قالغان. ئۇنىڭغا نېمە ياردەم بەرگەن؟
پېترۇسقا سادىق قېلىشىغانېمە ياردەم بەرگەن؟
9. يۇھاننا 6:68، 69-ئايەتلەر پېترۇسنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى قانداق تەكىتلىگەن؟
9 پېترۇس سادىق كىشى بولغان. ئۇ ئەيساغا ئەگىشىپ مېڭىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھېچقانداق نەرسىگە يول بەرمىگەن. مەسىلەن، بىر قېتىم ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىغا ئۇلار چۈشەنمەيدىغان گەپلەرنى قىلغاندا، پېترۇس ئۆز ساداقەتمەنلىكىنى كۆرسەتكەن (يۇھاننا 6:68، 69-نى ئوقۇڭ). نۇرغۇن كىشىلەر ئەيسانىڭ ئېيتقانلىرىنى چۈشەندۈرۈشىنى تەلەپ قىلىش ياكى كۈتۈشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەن. ئەمما، پېترۇس ئۇنداق قىلمىغان. ئۇ «مەڭگۈلۈك ھايات سۆزلىرى» پەقەت ئەيسادا بارلىقىنى چۈشەنگەن.
10. ئەيسا پېترۇسقا ئىشىنىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
10 ھەزرىتى ئەيسا پېترۇستىن ھەرگىز ۋاز كەچمىگەن. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى كېچىسى پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەر ئۇنى تاشلاپ كېتىدىغانلىقىنى بىلگەن. بىراق، ئۇ پېترۇسنىڭ پۇشايمان قىلىدىغانلىقى ۋە ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن (لۇقا 22:31، 32). ھەرزىتى ئەيسا شۇنى ياخشى چۈشىنەتتى: «روھ خالايدۇ، بىراق تەن ئاجىزدۇر» (ماركۇس 14:38). شۇڭلاشقا، پېترۇس ئۇنى تونۇيدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغاندىن كېيىنمۇ، ئەيسا ئۆز ئەلچىسىدىن ۋاز كەچمىگەن ئىدى. ئەيسا تىرىلگەندىن كېيىن بىر كۈنى پېترۇس يالغۇز بولغاندا، ئۇنىڭغا كۆرۈنگەن (ماركۇس 16:7؛ لۇقا 24:34؛ 1-كورىنت. 15:5). بۇ ۋەقە قىلغان خاتالىقى ئۈچۈن كۆڭلى يېرىم بولغان ئەلچىنى قانچىلىك ئىلھاملاندۇرغاندۇ-ھە!
11. ئەيسا پېترۇسنى، يەھۋانىڭ ئۇنىڭغا يار-يۆلەك بولىدىغانلىقىغا قانداق ئىشەندۈرگەن؟
11 ھەزرىتى ئەيسا پېترۇسنى يەھۋانىڭ ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرگەن. ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مۆجىزە كۆرسىتىپ، پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەرگە كۆپ بېلىق تۇتۇشقا ياردەم بەرگەن (يۇھاننا 21:4–6). شەك-شۈبھىسىزكى، بۇ مۆجىزە پېترۇسنى، ئۇ موھتاج بولغان بارلىق ماددىي نەرسىلەرنى، يەھۋانىڭ ئاسانلا تەمىنلەپ بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەندۈرگەن. بەلكىم، پېترۇس ئەيسانىڭ ئىلگىرى ئېيتقان سۆزلىرىنى ئېسىگە ئالغان: «خۇدا پادىشاھلىقىنى ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇنغا» قويغانلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى، يەھۋا تەمىنلەپ بېرىدۇ (مەتتا 6:33). بۇلارنىڭ ھەممىسى پېترۇسنى ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇنغا بېلىقچىلىق كەسپىنى ئەمەس، بەلكى ۋەز ئېيتىش خىزمىتىنى قويۇشقا دەۋەت قىلغان. مىلادى 33-يىلى، ئۇ ئەللىكىنچى كۈن بايرىمىدا جاسارەت بىلەن كۆپچىلىك ئالدىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بەرگەن (ئەلچى. 2:14، 37–41). ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ سامارىيەلىكلەر ۋە يەھۇدىي ئەمەس كىشىلەرنىڭمۇ مەسىھنى قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بەرگەن (ئەلچى. 8:14–17؛ 10:44–48). ناھايىتى ئېنىقكى، يەھۋا پېترۇسنى ئىشلىتىپ، ھەر تۈرلۈك ئىنسانلارنى ئۆز جامائىتىگە ئېلىپ كەلگەن.
بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
12. ئاجىزلىقلىرىمىز بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت كۈرەش قىلغاندا، پېترۇسنىڭ مىسالىنى ئېسىمىزدە تۇتۇش بىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
12 يەھۋا بىزنىڭ سادىق بولۇپ قېلىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ. بولۇپمۇ، بىز مەلۇم بىر ئاجىزلىقىمىز بىلەن ئۇزۇنغىچە كۈرەش قىلغىنىمىزدا، سادىقلىقنى ساقلاش ھەمىشە ئاسان بولمايدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا، ئەھۋالىمىز پېترۇسنىڭكىدىنمۇ قىيىنراق بولۇپ كۆرۈنۈشى مۇمكىن. ئەمما، شۇنداق ۋەزىيەتتە يەھۋا بىزگە كۈچ بېرەلەيدۇ (زەبۇر 94:17–19). مەسىلەن، بىر بۇرادەر ھەقىقەتنى ئۆگىنىشتىن ئىلگىرى، بىرقانچە يىل ئوخشاش جىنىسلىقلار بىلەن مۇھەببەتلىشىپ ھايات كەچۈرگەن. كېيىن، ئۇ ئۆز ھاياتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، مۇقەددەس كىتابنىڭ ئۆلچەملىرى بىلەن ياشىغان. ئەمما، ئۇ بەزىدە يەنىلا خاتا ئارزۇ-ھەۋەسلىرى بىلەن كۈرەش قىلغان. ئۇنىڭ سادىق قېلىشىغا نېمە ياردەم بەرگەن؟ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «يەھۋا بىزگە كۈچ-قۇۋۋەت بېرىدۇ. مۇقەددەس روھ ياردىمىدە، … ھەقىقەت يولىدا داۋاملىق سادىق قېلىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى چۈشەندىم … . يەھۋاغا خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقىنىمىىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن. ئۇ نامۇكەممەل بولۇشۇمغا قارىماستىن، داۋاملىق مېنى كۈچلەندۈرىدۇ».
13. ئەلچىلەر 4:13، 29، 31-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، پېترۇسنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
13 كۆرگىنىمىزدەك، پېترۇس بىر قانچە قېتىم ئىنسانلاردىن قورقۇش تۇزاقلىرىغا چۈشكەن. ئەمما، ئۇ يۈرەكلىك بولۇش ئۈچۈن دۇئا قىلغان ۋە جاسارەت بىلەن خىزمىتىنى داۋام قىلغان (ئەلچىلەر 4:13، 29، 31-نى ئوقۇڭ). بىزمۇ قورقۇنچلىرىمىزنى يېڭەلەيمىز. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش ۋاقتىدا گېرمانىيىدە ياشىغان خورىست بۇرادەر قانداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ مەكتەپتە ئوقۇغاندا، بىر قانچە قېتىم بېسىم ئاستىدا قورقۇپ، «خايىل گىتلېر!» دېگەن. ئاتا-ئانىسى خورىستنى ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە دۇئا قىلىپ، يەھۋادىن ئۇنىڭغا جاسارەت بېرىشنى ئۆتۈنگەن. ئاتا-ئانىسىنىڭ ياردىمى ۋە يەھۋاغا تايىنىش ئارقىلىق خورىست ئاخىرىدا سادىق قېلىش ئۈچۈن كۈچ-قۇۋۋەتكە ئېرىشكەن. كېيىن ئۇ شۇنداق دېگەن: «يەھۋا ھېچقاچان مېنى تاشلىمىدى» c.
14. كۆيۈمچان ئاقساقاللار روھى چۈشكەنلەرگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
14 ياراتقۇچىمىز يەھۋا ۋە ئەيسا مەسىھ بىزدىن ۋاز كەچمەيدۇ. پېترۇس ئەيسانى ئىنكار قىلغاندىن كېيىن، ئۇ مۇھىم بىر تاللاشقا دۇچ كەلگەن. ئۇ خىزمەت قىلىشنى توختىتامدۇ ياكى ئەلچى سۈپىتىدە سادىق قالامدۇ؟ پېترۇس ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئەيسا ئاتىسى يەھۋاغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلغان ئىدى. ئەيسا بۇ دۇئاسى ھەققىدە پېترۇسقا ئېيتىپ، ئۇ باشقا بۇرادەرلىرىنى مۇستەھكەملەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن (لۇقا 22:31، 32). پېترۇس ئەيسانىڭ سۆزلىرىنى ئەسلەپ، چوقۇم قەتئىي ئىرادىگە كەلگەن! ھاياتىمىزدا مۇھىم بىر قارارنى چىقىرىشقا توغرا كەلگەندە، ئاتىمىز يەھۋا كۆيۈمچان ئاقساقاللارنى ئىشلىتىپ، سادىق قېلىشىمىزغا ياردەم بېرىشى مۇمكىن (ئەفەس. 4:8، 11). ئۇزۇن يىللار ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلغان پائۇل ئىسىملىك بۇرادەر باشقىلارغا شۇنداق تەسەللى بېرىشكە تىرىشىدۇ. ئۇ كۆڭلى يېرىم قېرىنداشلارنى، يەھۋانىڭ ئۇلارنى تۇنجى قېتىم ھەقىقەتكە قانداق جەلپ قىلغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ. كېيىن، ئۇ ئۇلارنى يەھۋانىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈپ، ئۇلارغا يەھۋا ھەرگىزمۇ ئۇلاردىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ. پائۇل شۇنداق خۇلاسىگە كەلگەن: «مەن ئۈمىدسىزلەنگەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يەھۋانىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىپ، سادىقلىقىنى ساقلاپ قالغىنىنى كۆردۈم».
15. پېترۇس ۋە بۇرادەر خورىستنىڭ مىسالى، مەتتا 6:33-ئايەتنىڭ راستلىقىنى قانداق ئىسپاتلايدۇ؟
15 خۇددى ياراتقۇچى يەھۋا پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەرنىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرىنى تەمىنلەپ بەرگىنىگە ئوخشاش، ئەگەر ھاياتىمىزدا ۋەز خىزمىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويساق، ئۇ ماددىي ئېھتىياجلىرىمىزنى تەمىنلەپ بېرىدۇ (مەتتا 6:33). ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئىلگىرى تىلغا ئېلىنغان خورىست پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇش ھەققىدە ئويلانغان. ئۇ ئىنتايىن كەمبەغەل بولغاچ، ئۆزىنى ماددىي تەرەپتىن تەمىنلەشنى قىيىن بولىدۇ دەپ قارىغان ۋە تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتنى داۋاملاشتۇرالمايمەن، دەپ گۇمانلانغان. ئاخىرىدا، ئۇ نېمە قىلغان؟ خورىست يەھۋانى سىناپ باقماقچى بولغان. رايونغا مەسئۇل ئاقساقال جامائەتنى زىيارەت قىلىپ كەلگەندە، ئۇ بىر ھەپتە ۋەز خىزمىتىگە چىققان. ھەپتە ئاخىرىدا، رايونغا مەسئۇل ئاقساقال خورىستقا نامەلۇم بىر كىشىدىن كەلگەن كونۋېرتنى سۇنغان. ئۇ بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھەيران بولغان. چۈنكى، كونۋېرتنىڭ ئىچىدە بىرنەچچە ئاي پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشقا يەتكۈدەك پۇل بار ئىدى. خورست بۇ سوۋغاتنى يەھۋانىڭ ئۇنى داۋاملىق تەمىنلەپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرگەن. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە، ھاياتىدا خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان.—مالاك. 3:10.
16. پېترۇسنىڭ مىسالى ۋە ئۇنىڭ يازغانلىرى نېمە ئۈچۈن دىققىتىمىزگە سازاۋەر؟
16 پېترۇس ئەيساغا ئۆزىدىن يىراق تۇرۇشنى ئېيتقاندا، ئەيسا ئۇنى تاشلاپ كەتمىگەن ئىدى. پېترۇس بۇنىڭدىن نەقەدەر خۇشال بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ كۆرۈڭ! مەسىھ داۋاملىق پېترۇسنى سادىق ئەلچى بولۇپ، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە ياخشى ئۈلگە بولۇشنى ئۆگەتكەن. ئەيسانىڭ پېترۇسقا ئۆگەتكەنلىرىدىن ئۆزىمىزگە پايدىلىق نۇرغۇن ساۋاقلارنى ئالالايمىز. پېترۇس بۇ ساۋاقلارنىڭ بەزىلىرىنى ۋە باشقا كۆپلىگەن ساۋاقلارنى بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ جامائىتىگە ئەۋەتكەن خېتىدە تىلغا ئالغان. بۇ خەتلەر مۇقەددەس يازمىلارنىڭ بىر قىسىمى. كېيىنكى ماقالىدە، مۇشۇ ئىككى پارچە خەتتىكى بىرقانچە ئەسكەرتىشلەرنى ۋە ئۇلارنى بۈگۈنكى كۈندە ھاياتىمىزدا قانداق ئەمەلىي قوللىنالايدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
43-ناخشا ھوشيار تۇر، چىڭ تۇر ۋە قەيسەر بول!
a بۇ ماقالىنىڭ مەقسىتى — ئاجىزلىقلىرى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان قېرىنداشلارغا ئىلھام بېرىپ، ئۇلارنى داۋاملىق يەھۋاغا سادىق خىزمەت قىلىشقا دەۋەت قىلىش.
b بۇ ماقالىدە، نەقىل كەلتۈرۈلگەن نۇرغۇن ئايەتلەر مۇقەددەس كىتابنىڭ ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋىرىدىن ئېلىنغان. قارىماققا، ئۇ ئاشۇ ئىش-ۋەقەلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن پېترۇستىن ئاڭلاپ يازغان.
c خورىست خېنشېلنىڭ تەرجىمىھالىنى «ئويغىنىش!» (باشقا تىلدا)، 1998-يىل، 22-فېۋرال سانىدىكى «ئائىلەمنىڭ خۇداغا بولغان سادىقلىقى ماڭا ئىلھام بېرەتتى» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.
d سۈرەتتە:.سەھنىلەشتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشتە: خورىست خېنشېلنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ بىلەن دۇئا قىلىۋاتىدۇ ۋە ئۇنى جۈرئەتلىك بولۇشقا ئۈندەۋاتىدۇ.