مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

تە‌تقىق قىلىش ئۇ‌سۇ‌للىرى

تە‌تقىق قىلىش ئۇ‌سۇ‌للىرى

بالىلار ئۈچۈن تە‌لىم بېرىش قوراللىرى

ئاتا-‏ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا يە‌ھۋا خۇ‌دا توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌لىم بېرىشى شە‌رت (‏ئە‌فە‌س.‏ 6:‏4‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى ئاتا-‏ئانىلارغا ياردە‌م بېرىدىغان نۇ‌رغۇ‌نلىغان ماقالىلە‌ر،‏ فىلىملە‌ر ۋە ناخشىلارنى نە‌شىر قىلغان.‏ ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن بۇ نە‌شىرلە‌رنى قانداق قوللىنالايدۇ؟‏

  • تور بېكە‌تكە كىرىڭ.‏ JW.ORG تور بېكىتىدىن ياشلار ئۈچۈن كېرە‌كلىك مە‌لۇ‌ماتلارنى،‏ جۈملىدىن فىلىملە‌ر ۋە ماقالىلە‌رنى تاپالايسىز a‏.‏ ئۇ‌لارنى تېپىش ئۈچۈن «بالىلار» ياكى «ئۆسمۈرلە‌ر» دېگە‌ن يە‌رگە بېسىڭ.‏

  • بالىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ماۋزۇ‌نى تاللاڭ.‏ «‏بالىلار‏» دېگە‌ن سە‌ھىپىنىڭ ئىچىدە بالىڭىز ئۈچۈن كېرە‌كلىك مە‌لۇ‌ماتنى تاپالايسىز.‏ «ئائىلىۋى ئىبادە‌تتە ئىشلە‌شكە بېرىلگە‌ن تاپشۇ‌رۇ‌قلار» (‏باشقا تىلدا)‏ دېگە‌ن يە‌ردىن ئىزدە‌پ كۆرسىڭىز بولىدۇ.‏

  • بالىڭىز بىلە‌ن ۋاقىت ئۆتكۈزۈڭ.‏ بۇ فىلىملە‌رنى ۋە تاپشۇ‌رۇ‌قلارنى پە‌قە‌تلا ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ياكى بالىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈنلا قىلماڭ.‏ ئۇ‌نىڭ ئورنىغا بالىڭىز بىلە‌ن مۇ‌ھاكىمە قىلىپ ئۇ‌نىڭغا يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن دوستلۇ‌قنى راۋاجلاندۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بېرىڭ.‏

a ھازىر «‏®JW Library» پروگراممىسىدا ياشلار ئۈچۈن نە‌شىر قىلىنغان ھە‌ممە فىلىملە‌ر بار (‏باشقا تىلدا)‏،‏ بىراق يېزىش ۋە سىزىش ئۈچۈن تاپشۇ‌رۇ‌قلار بېرىلگە‌ن بە‌تلە‌ر تېخى يوق.‏