مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

37-‏تە‌تقىق ماقالىسى

شىمشوندە‌ك يە‌ھۋا خۇ‌داغا تايىنىڭ

شىمشوندە‌ك يە‌ھۋا خۇ‌داغا تايىنىڭ

‏«ئە‌ي،‏ ئۇ‌لۇ‌غ ئىگە‌م يە‌ھۋا،‏ مېنى ئېسىڭگە ئالغىن،‏ئۆتۈنە‌ي مېنى كۈچلە‌ندۈرگىن».‏—‏ھاكىم.‏ 16:‏28‏.‏

51-‏ناخشا يېپىش چىڭ يە‌ھۋاغا!‏

بۇ ماقالىدە:‏ a

1،‏ 2.‏ شىمشون توغرىسىدىكى ھېكايىنى ئۆگىنىش نېمە ئۈچۈن پايدىلىق؟‏

 شىمشون دېگە‌ن ئىسىمنى ئاڭلىغاندا،‏ خىيالىڭىزغا كىم كېلىدۇ؟‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌نىڭ نە‌قە‌دە‌ر كۈچلۈك كىشى ئىكە‌نلىكى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلايسىز.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتىمۇ شۇ‌نداق كۈچلۈك بىر كىشى بولغان.‏ لېكىن،‏ ئۇ بىر ناتوغرا قارار چىقىرىپ،‏ ئېچىنارلىق ئاقىۋە‌تكە قالغان.‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ ساداقە‌تمە‌نلىكىگە دىققە‌ت قارىتىپ،‏ بىزنىڭ پايدىمىز ئۈچۈن بۇ ۋە‌قە‌لە‌رنى ئۆز سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا يازدۇ‌رغان.‏

2 يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ تاللىغان خە‌لقى ئىسرائىللارغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن شىمشوننى قوللىنىپ،‏ ئاجايىپ ئىشلارنى قىلغان.‏ شىمشون ئۆلۈپ نە‌چچە يۈز يىللار ئۆتكە‌ندە،‏ يە‌ھۋا ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنى شىمشوننىڭ ئىسىمىنى ئىمان-‏ئېتىقادى كۈچلۈك كىشىلە‌ر قاتارىغا قوشۇ‌پ يېزىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان (‏ئىبرانىي.‏ 11:‏32–‏34‏)‏.‏ شىمشوننىڭ ئۈلگىسى بىزگە ئىلھام بېرىدۇ.‏ ئۇ ھە‌تتا قىيىن ۋە‌زىيە‌تلە‌ردىمۇ يە‌ھۋاغا تايانغان.‏ ھازىر ئۇ‌نىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى ۋە قانداق ئىلھام ئالالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى.‏

شىمشون يە‌ھۋاغا تايانغان

3.‏ يە‌ھۋا شىمشونغا قانداق ۋە‌زىپە تاپشۇ‌رغان؟‏

3 شىمشون تۇ‌غۇ‌لغاندا فىلىستىيە‌لىكلە‌ر ئىسرائىل خە‌لقىنى بېسىۋېلىپ باشقۇ‌رغان ۋە ئۇ‌لارغا زۇ‌لۇ‌م قىلغان (‏ھاكىم.‏ 13:‏1‏)‏.‏ فىلىستىيە‌لىكلە‌رنىڭ رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تسىز باشقۇ‌رۇ‌شى ئاستىدا،‏ ئىسرائىل خە‌لقى كۆپ قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن.‏ يە‌ھۋا شىمشوننى،‏ «ئىسرائىلنى فىلىستىيە‌لىكلە‌رنىڭ قولىدىن قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش ئۈچۈن باشچىلىق» قىلىشقا تاللىغان (‏ھاكىم.‏ 13:‏5‏)‏.‏ بۇ ئىنتايىن قىيىن بىر ۋە‌زىپە بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن شىمشون يە‌ھۋا خۇ‌داغا تايىنىشى كېرە‌ك ئىدى.‏

شىمشون يە‌ھۋاغا تايانغان ۋە ماسلىشىشقا تە‌ييار بولغان.‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن قولىدا بار نە‌رسىنى ئىشلە‌تكە‌ن (‏4،‏ 5-‏ئابزاسلىرىغا قاراڭ)‏

4.‏ يە‌ھۋا شىمشوننىڭ فىلىستىيە‌لىكلە‌ردىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌شىغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ (‏ھاكىملار 15:‏14–‏16‏)‏

4 ھازىر شىمشوننىڭ يە‌ھۋاغا قانداق تايانغانلىقى ۋە يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نىڭغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ بىر قېتىم فىلىستىيە‌لىكلە‌رنىڭ ئە‌سكە‌رلىرى شىمشوننى تۇ‌تماقچى بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۇ‌دا زېمىنىدىكى لېخا دېگە‌ن جايغا كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ يە‌ردىكى ئىسرائىللار قورقۇ‌پ،‏ شىمشوننى دۈشمە‌نلە‌رگە تاپشۇ‌رۇ‌شنى قارار قىلغان.‏ شىمشوننى ئۆز ئادە‌ملىرى ئىككى قات ئارغامچا بىلە‌ن باغلاپ،‏ فىلىستىيە‌لىكلە‌رنىڭ قولىغا تاپشۇ‌رغان (‏ھاكىم.‏ 15:‏9–‏13‏)‏.‏ بىراق،‏ «يە‌ھۋانىڭ روھى شىمشوننى كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌تكە» تولدۇ‌رغان ۋە ئۇ قوللىرىدىكى ئارغامچىدىن بوشانغان.‏ كېيىن،‏ «ئۇ ئېشە‌كنىڭ يېڭى بىر ئېڭە‌ك سۆڭىكىنى» قولىغا ئېلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن فىلىستىيە‌لىكلە‌رنىڭ 1000 ئە‌سكىرىنى قىرىۋە‌تكە‌ن‏.‏—‏ھاكىملار 15:‏14–‏16-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

5.‏ شىمشون ئېشە‌كنىڭ ئېڭە‌ك سۆڭىكىنى ئىشلىتىپ،‏ يە‌ھۋاغا تايانغانلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

5 شىمشون نېمە ئۈچۈن ئېشە‌ك سۆڭىكىنى ئىشلە‌تكە‌ن؟‏ بۇ ئادە‌تتىكى بىر قورال-‏ياراق ئە‌مە‌سقۇ؟‏!‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ شىمشون شۇ‌نى ئېنىق بىلگە‌نكى،‏ ئۇ‌نىڭ قانداق قورال-‏ياراق ئىشلە‌تكە‌نلىكى ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋاغا تايانغانلىقى ئۇ‌نى غە‌لىبىگە ئېرىشتۈرگە‌ن.‏ بۇ سادىق كىشى يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن قولىدا بار بولغان نە‌رسىدىن پايدىلانغان ئىدى.‏ ئېنىقكى،‏ شىمشون يە‌ھۋا خۇ‌داغا تايانغاچ،‏ شۇ‌نچە كۆپ كىشىلە‌رنى جە‌ڭدە يە‌ڭگە‌ن!‏

6.‏ تە‌شكىلاتتىكى ۋە‌زىپىلە‌رنى ئورۇ‌نلىغاندا،‏ شىمشوندىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟‏

6 يە‌ھۋا بىزگە ھە‌تتا ئىنتايىن قىيىن بولۇ‌پ كۆرۈنگە‌ن ۋە‌زىپىلە‌رنى ئورۇ‌نلىشىمىز ئۈچۈن كۈچ بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ئۇ بۇ‌نى بىزنى ھە‌يران قالدۇ‌رىدىغان ئۇ‌سۇ‌لدا قىلالايدۇ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا شىمشونغا كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌ت بە‌رگە‌ن،‏ سىزمۇ يە‌ھۋاغا تايانسىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلىشىڭىز ئۈچۈن،‏ ئۇ سىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏—‏پە‌ند.‏ نە 16:‏3‏.‏

7.‏ قايسى مىسال يە‌ھۋادىن يول-‏يورۇ‌ق ئىزدە‌شنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى كۆرسىتىدۇ؟‏

7 تە‌شكىلاتىمىزنىڭ قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرىغا قاتناشقان نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلار ئۆزلىرىنىڭ يە‌ھۋاغا تايانغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ بۇ‌رۇ‌ن قېرىنداشلار كۆپىنچە يېڭى يىغىلىش زاللىرى ۋە باشقا بېنالارنى يېڭىدىن پىلانلاپ سالاتتى.‏ لېكىن،‏ ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىنىڭ سانى كۆپە‌يگە‌چ،‏ بە‌زى ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىشقا توغرا كە‌لدى.‏ مە‌سئۇ‌لىيە‌تلىك بۇ‌رادە‌رلە‌ر يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ رە‌ھبە‌رلىكىنى ئىزدە‌پ،‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بېنالارنى سېتىۋېلىش ۋە ئۇ‌لارنى رېمونت قىلىشتە‌ك يېڭى ئۇ‌سۇ‌للارنى قوللىنىشقا تىرىشتى.‏ يېقىنقى يىللاردا،‏ تە‌شكىلاتىمىزنىڭ دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى ھە‌رتۈرلۈك قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرىغا قاتناشقان روبېرت مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئە‌ڭ بېشىدا بە‌زىلىرىمىز ئۈچۈن بۇ ئۆزگە‌رتىشنى قوبۇ‌ل قىلىش قىيىن بولغان.‏ بۇ بىز يېقىنقى يىللاردا قىلىۋاتقان ۋە كۆنۈپ كە‌تكە‌ن ئىشلىرىمىزدىن كۆپ پە‌رق قىلاتتى.‏ لېكىن،‏ بۇ‌رادە‌رلە‌ر ماسلىشىشقا تە‌ييار بولغان ۋە يە‌ھۋانىڭ بۇ ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى بە‌رىكە‌تلە‌ۋاتقانلىقى ئېنىق ئىدى».‏ بۇ يە‌ھۋا ئۆز ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ خە‌لقىنى يېتە‌كلە‌ۋاتقانلىقىنىڭ بىر مىسالى خالاس.‏ بە‌زىدە ھە‌ممىمىز ئۆزىمىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرسە‌ك ياخشى بولىدۇ:‏ «مە‌ن يە‌ھۋادىن يول-‏يورۇ‌ق ئىزدە‌ۋاتىمە‌نمۇ ۋە ئە‌ڭ ياخشى ئۇ‌سۇ‌لدا ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن ئۆزگە‌رتىشلە‌رگە ماسلىشىشقا تە‌ييارمۇ؟‏»‏

شىمشون يە‌ھۋا تە‌مىنلىگە‌ن‌نە‌رسىلە‌ردىن پايدىلانغان

8.‏ بىر كۈنى شىمشون بە‌ك ئۇ‌سساپ كە‌تكە‌ندە،‏ نېمە قىلغان؟‏

8 بە‌لكىم،‏ سىز شىمشوننىڭ باشقىمۇ ھە‌يران قالارلىق ئىشلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئوقۇ‌غانسىز.‏ ئۇ ھېچقانداق قورال-‏ياراقسىز شىر بىلە‌ن چېلىشقان ۋە ئاشكېلون شە‌ھىرىدە 30 فىلىستىيە‌لىك ئە‌ركە‌كلە‌رنى ئۆلتۈرگە‌ن (‏ھاكىم.‏ 14:‏5،‏ 6،‏ 19‏)‏.‏ شىمشون بۇ ئىشلارنى يە‌ھۋانىڭ ياردىمىسىز قىلالمايدىغانلىقىنى بىلگە‌نىدى.‏ بۇ‌نى كېيىن يۈز بە‌رگە‌ن ۋە‌قە‌دىن بىلىمىز.‏ 1000 فىلىستىيە‌لىكنى ئۆلتۈرگە‌ندىن كېيىن،‏ شىمشون بە‌ك ئۇ‌سساپ كە‌تكە‌ن.‏ شۇ چاغدا ئۇ نېمە قىلغان؟‏ ئۆزىگە تايىنىپ،‏ سۇ ئىزدە‌شنىڭ ئورنىغا،‏ يە‌ھۋادىن ياردە‌م سورىغان.‏—‏ھاكىم.‏ 15:‏18‏.‏

9.‏ يە‌ھۋا شىمشوننىڭ يالۋۇ‌رىشىغا قانداق جاۋاب بە‌رگە‌ن؟‏ (‏ھاكىملار 15:‏19‏)‏

9 يە‌ھۋا مۆجىزە كۆرستىپ،‏ سۇ ئېقىپ چىقىۋاتقان بىر بۇ‌لاقنى پە‌يدا قىلىپ،‏ شىمشوننىڭ يالۋۇ‌رىشىغا جاۋاب بە‌رگە‌ن.‏ بۇ يېڭى بۇ‌لاقنىڭ سۈيىنى ئىچكە‌ندىن كېيىن،‏ شىمشون قايتا كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌تكە تولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا جان كىرىپ قالغان ‏(‏ھاكىملار 15:‏19-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ قارىماققا،‏ كېيىنرە‌ك سامۇ‌ئىل پە‌يغە‌مبە‌ر ھاكىملار كىتابىنى يازغاندا،‏ بۇ يېڭى بۇ‌لاق تېخى بار ئىدى.‏ ئىسرائىللار بۇ بۇ‌لاق سۈيىنى كۆرگە‌ن چاغدا،‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌لار يە‌ھۋاغا تايانسا،‏ ئۇ موھتاجلىقتا قالغان سادىق خىزمە‌تچىلىرىگە يار-‏يۆلە‌ك بولىدىغانلىقىنى ئېسىگە ئالغان.‏

شىمشون يە‌ھۋا تە‌مىنلە‌پ بە‌رگە‌ن سۇ‌نى ئىچكە‌ندىن كېيىن،‏ كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌تكە تولغان.‏يە‌ھۋا روھىي جە‌ھە‌تتىن كۈچلۈك بولۇ‌شىمىز ئۈچۈن تە‌مىنلە‌ۋاتقان ھە‌ممە نە‌رسىلە‌ردىن تولۇ‌ق پايدىلىنىمىز (‏10-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

10.‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمىگە تايىنىش نېمىلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

10 مە‌يلى قانداق تالانت ۋە قابىلىيە‌تكە ئىگە بولايلى ياكى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشتا قانداق ئۇ‌تۇ‌ققا ئېرىشە‌يلى،‏ بىزمۇ يە‌ھۋانىڭ ياردىمىگە موھتاج.‏ پە‌قە‌ت يە‌ھۋاغا تايانساقلا،‏ ھە‌قىقىي ئۇ‌تۇ‌ققا ئېرىشىشنىڭ مۇ‌مكىنلىكىنى كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن ئېتىراپ قىلىشىمىز لازىم.‏ شىمشون يە‌ھۋا بە‌رگە‌ن سۇ‌نى ئىچكە‌ندىن كېيىن قايتا كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌تكە تولغان.‏ خۇ‌ددى شىمشوندە‌ك،‏ بىزمۇ يە‌ھۋاغا سادىق قېلىش ئۈچۈن ئۇ‌نىڭ ياردىمىنى قوبۇ‌ل قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏—‏مە‌تتا 11:‏28‏.‏

11.‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمىنىڭ پايدىسىنى تولۇ‌ق كۆرۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

11 روسىيە‌دە ئېغىر زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىغان ئالېكسېي ئىسىملىك بۇ‌رادە‌رنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ شۇ‌نداق قىيىن ۋە‌زىيە‌تتە،‏ ئۇ‌نىڭ كۈچلۈك بولۇ‌شىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ ئايالى بىلە‌ن ئىككىسى دائىم روھىي ئىشلار بىلە‌ن مە‌شغۇ‌ل بولغان.‏ ئالېكسېي مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن دائىم شە‌خسىي تە‌تقىق ئۆتكۈزۈشكە ۋە ھە‌ر كۈنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شقا تىرىشىمە‌ن.‏ ھە‌ر كۈنى ئە‌تىگە‌ندە ئايالىم بىلە‌ن كۈندىلىك ئايە‌تنى مۇ‌ھاكىمە قىلىپ،‏ بىللە دۇ‌ئا قىلىمىز».‏ ئۇ‌نىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏ ئۆزىمىزگە تايىنىشنىڭ ئورنىغا،‏ يە‌ھۋاغا تايىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن دائىم ئېتىقادىمىزنى كۈچلە‌ندۈرىدىغان ئىشلار بىلە‌ن مە‌شغۇ‌ل بولۇ‌شىمىز لازىم.‏ ھە‌ر كۈنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش،‏ دۇ‌ئا قىلىش،‏ جامائە‌ت ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىغا ۋە ۋە‌ز خىزمە‌تكە قاتنىشىش ئارقىلىق ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچلە‌ندۈرە‌لە‌يمىز.‏ شۇ چاغدىلا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقىمىزنى مول بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ.‏ ئۇ شىمشوننى كۈچلە‌ندۈرگە‌ندە‌ك،‏ بىزنىمۇ چوقۇ‌م كۈچلە‌ندۈرە‌لە‌يدۇ.‏

شىمشون يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاشنى توختاتمىغان

12.‏ شىمشون قانداق ناتوغرا قارار چىقارغان ۋە بۇ‌نىڭ ئىلگىرىكى ۋە‌زىيە‌ت بىلە‌ن قانداق پە‌رقى بولغان؟‏

12 شىمشون بىزگە ئوخشاش نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان بولغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ بە‌زىدە ناتوغرا قارارلارنى چىقارغان.‏ بىر قېتىم ئۇ چىقارغان قارار ئېچىنىشلىق ئاقىۋە‌ت ئېلىپ كە‌لگە‌ن.‏ شىمشون بىر مە‌زگىل ھاكىم بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغاندىن كېيىن،‏ «سورېق جىلغىسىدا ياشايدىغان دىلە‌يلا ئىسىملىك بىر ئايالغا ئاشىق بولۇ‌پ» قالغان (‏ھاكىم.‏ 16:‏4‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن ئاۋۋال،‏ ئۇ فىلىستىيە‌لىك بىر ئايالغا ئۆيلە‌نمە‌كچى بولغان،‏ ئە‌مما بۇ يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسى ئىدى.‏ شۇ ئارقىلىق شىمشون فىلىستىيىلىكلە‌رگە قارشى چىقىش ئۈچۈن پۇ‌رسە‌ت ئىزدىگە‌ن.‏ كېيىنرە‌ك،‏ شىمشون فىلىستىيە‌لىكلە‌رنىڭ گازا شە‌ھىرىدە بىر پاھىشە ئايالنىڭ ئۆيىدە تۇ‌رغان.‏ شۇ چاغدا،‏ خۇ‌دا ئۇ‌نىڭغا كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌ت بېرىپ،‏ شىمشون شە‌ھە‌ر دە‌رۋازىسىنى قۇ‌مۇ‌رۇ‌پ تاشلاپ،‏ شە‌ھە‌رنى ھىمايىسىز قالدۇ‌رغان (‏ھاكىم.‏ 14:‏1–‏4؛‏ 16:‏1–‏3‏)‏.‏ لېكىن،‏ دىلە‌يلا بىر ئىسرائىل ئايال بولغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن،‏ شۇ‌ڭا شىمشوننىڭ بۇ ئايال بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌ت ئورنىتىشى فىلىستىيىلىكلە‌رگە قارشى ئۇ‌رۇ‌ش قىلىش پۇ‌رسىتىنى ئىزدە‌ش بىلە‌ن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ئىدى.‏

13.‏ دىلە‌يلا شىمشوننى ئۆز ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟‏

13 دىلە‌يلا فىلىستىيە‌لىكلە‌ردىن كۆپ پۇ‌ل ئېلىپ،‏ شىمشونغا ساتقۇ‌نلۇ‌ق قىلغان.‏ شىمشون دىلە‌يلانى شۇ‌نچىلىك ياخشى كۆرۈپمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ قارا نىيىتىنى بايقىمىغانمۇ؟‏ مە‌يلى قانداق بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ دىلە‌يلا قايتا-‏قايتا شىمشونغا ئارام بە‌رمە‌ي،‏ ئۇ‌نىڭ كۈچ-‏قۇ‌ۋۋىتىنىڭ سىرىنى بىلمە‌كچى بولغان.‏ ئاخىرىدا شىمشون زېرىكىپ كېتىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ھە‌ممىسىنى ئېيتىپ بە‌رگە‌ن.‏ ئېچىنارلىقى،‏ شىمشون ناتوغرا قارار چىقىرىپ،‏ ئۆز كۈچ-‏قۇ‌ۋۋىتىدىن ھە‌مدە خۇ‌دانىڭ رازىللىقىدىن ۋاقتىنچە ئايرىلىپ قالغان ئىدى.‏—‏ھاكىم.‏ 16:‏21–‏25‏.‏

14.‏ شىمشون دىلە‌يلاغا ئىشىنىپ،‏ قانداق ئېچىنىشلىق ئاقىۋە‌تكە قالغان؟‏

14 شىمشون يە‌ھۋاغا ئە‌مە‌س،‏ دىلە‌يلاغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ شۇ سە‌ۋە‌ب،‏ بۇ خاتا قارارىنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتىنى كۆرگە‌نىدى.‏ فىلىستىيە‌لىكلە‌ر ئۇ‌نى تۇ‌تۇ‌ۋېلىپ،‏ كۆزلىرىنى ئويۇ‌ۋە‌تكە‌ن.‏ ئۇ گازا شە‌ھىرىدىكى زىندانغا تاشلانغان ۋە ئۇ يە‌ردىكى كىشىلە‌ر ئۇ‌نى تۈگمە‌ن تېشىنى ئايلاندۇ‌رۇ‌شقا مە‌جبۇ‌رلىغان.‏ كېيىن،‏ فىلىستىيە‌لىكلە‌ر چوڭ بىر تە‌برىكلە‌ش مۇ‌راسىمى ئۈچۈن جە‌م بولغاندا شىمشوننى ھاقارە‌تلىگە‌ن.‏ ئۇ‌لار شىمشوننى تۇ‌تۇ‌ۋالغىنى ئۈچۈن ساختا خۇ‌داسى داگونغا قۇ‌ربانلىقلارنى كە‌لتۈرگە‌ن.‏ ئۇ‌لار شىمشوننى زاڭلىق قىلىپ كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن زىنداندىن چىقارغان.‏—‏ھاكىم.‏ 16:‏21–‏25‏.‏

فىلىستىيە‌لىكلە‌ر ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا شىمشونغا كۈچ بە‌رگە‌ن (‏15-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

15.‏ شىمشون قايتىدىن يە‌ھۋاغا تايانغانلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ (‏ھاكىملار 16:‏28–‏30‏؛‏ مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

15 شىمشون چوڭ بىر خاتالىق ئۆتكۈزگە‌ن،‏ بىراق ئۇ داۋاملىق يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغان.‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسى بويىچە،‏ فىلىستىيە‌لىكلە‌رنى يوق قىلىش ئۈچۈن پۇ‌رسە‌ت ئىزدىگە‌ن ‏(‏ھاكىملار 16:‏28–‏30-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شىمشون يە‌ھۋادىن:‏ «فىلىستىيە‌لىكلە‌ردىن ئىنتىقام ئېلىۋالاي»،‏—‏ دە‌پ ئۆتكە‌ن.‏ ھە‌ق خۇ‌دا ئۇ‌نىڭ ئۆتۈنۈشىگە جاۋاب بېرىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا قايتىدىن ئالاھىدە كۈچ بە‌رگە‌ن.‏ نە‌تىجىدە،‏ شىمشون ئىلگىرىكىدىنمۇ كۆپرە‌ك فىلىستىيە‌لىكلە‌رنى ئوڭۇ‌شلۇ‌ق ئولتۈرگە‌نىدى.‏

16.‏ شىمشوننىڭ خاتالىقىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏

16 شىمشون ئۆز خاتالىقى سە‌ۋە‌بلىك،‏ ئېچىنىشلىق ئاقىۋە‌تنى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شنى توختاتمىغان.‏ ھە‌تتا بىزمۇ خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويساق،‏ بىزگە نە‌سىھە‌ت بېرىپ تۈزە‌تسە ياكى ۋە‌زىپىمىزدىن ئايرىلساق،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى توختاتماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ ئۇ‌نتۇ‌ماڭكى،‏ يە‌ھۋا ھە‌رقاچان بىزنى كە‌چۈرۈشكە تە‌ييار (‏زە‌بۇ‌ر 103:‏8–‏10‏)‏.‏ شىمشوننىڭ ئۈلگىسىدىن ئۆگە‌نگىنىمىزدە‌ك،‏ خۇ‌دا خاتالىقلىرىمىزغا قارىماي،‏ ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلىشىمىز ئۈچۈن بىزگە كۈچ بېرە‌لە‌يدۇ.‏

شىمشون ئۆز خاتالىقى ئۈچۈن قاتتىق ئازابلانغان بولسىمۇ،‏ خۇ‌دا خىزمە‌ت قىلىشنى توختاتمىغان.‏ بىزمۇ شۇ‌نداق قىلىشىمىز كېرە‌ك (‏17،‏ 18-‏ئابزاسلىرىغا قاراڭ)‏

17،‏ 18.‏ مايكىلنىڭ ئۈلگىسى سىزگە قانداق ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بە‌ردى؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

17 مايكىل ئىسىملىك ياش بۇ‌رادە‌رنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ روھىي ئىشلار بىلە‌ن ئىنتايىن ئالدىراش ئۆتۈپ،‏ ياردە‌مچى خىزمە‌تچى ۋە پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغان.‏ ئە‌پسۇ‌سكى،‏ ئۇ بىر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ،‏ جامائە‌تتىكى ۋە‌زىپىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان.‏ مايكل مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مۇ‌شۇ ۋاقىتقىچە،‏ مە‌ن يە‌ھۋاغا قىزغىن خىزمە‌ت قىلىۋاتاتتىم.‏ ئە‌مدى بىر دە‌قىقىدە ئالدىمدا بىر تام پە‌يدا بولۇ‌پ،‏ ھېچنە‌رسە قىلالمايدىغاندە‌ك ھېس قىلدىم.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ يە‌ھۋا مېنى ھېچقاچان تاشلاپ كە‌تمە‌يدىغانلىقىنى بىلە‌تتىم.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىم ئە‌مدى ھېچقاچان بۇ‌رۇ‌نقىدە‌ك بولالمايدۇ ۋە جامائە‌تتە ئىلگىرىكىدە‌ك قىزغىن خىزمە‌ت قىلالمايمە‌ن دە‌پ ئە‌نسىرىدىم».‏

18 كىشنى خۇ‌شال قىلارلىق يېرى،‏ مايكىل بە‌ل قۇ‌يۋە‌تمىگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن پۈتۈن دىققىتىمنى يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمنى ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈشكە قاراتتىم.‏ ئۇ‌نىڭغا ئىچ باغرىمنى تۆكۈپ،‏ دۇ‌ئا قىلدىم،‏ شە‌خسىي تە‌تقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزدۈم ۋە ئۆگە‌نگە‌نلىرىم ئۈستىدىن چوڭقۇ‌ر ئويلاندىم».‏ ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ مايكىل جامائە‌تتىكى ۋە‌زىپىلىرىگە قايتا ئېرىشكە‌ن.‏ ھازىر ئۇ ئاقساقال ۋە پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏ ئۇ يە‌نە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «قېرىنداشلار ماڭا كۆپ ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ بولۇ‌پمۇ،‏ ئاقساقاللار يە‌ھۋانىڭ مېنى تېخىغىچە ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرگە‌ن.‏ ھازىر قايتىدىن جامائە‌تتە پاك ۋىجدان بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىۋاتىمە‌ن.‏ بۇ كە‌چۈرمىشتىن يە‌ھۋانىڭ چىن يۈرە‌كتىن توۋا قىلغانلارنى كە‌چۈرىدىغانلىقىنى ئۆگە‌ندىم».‏ بىزمۇ خاتالىق ئۆتكۈزۈشىمىز مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ خاتالىقىمىزنى تۈزىتىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشساق ۋە داۋاملىق يە‌ھۋاغا تايانساق،‏ ئۇ بىزنى چوقۇ‌م ئۆز ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن قوللىنىپ،‏ بىزنى بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 86:‏5؛‏ پە‌ند.‏ نە 28:‏13‏.‏

19.‏ شىمشوننىڭ مىسالى ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى قانداق كۈچلە‌ندۈردى؟‏

19 بۇ ماقالىدە،‏ بىز شىمشوننىڭ ھاياتىدىكى بە‌زى ھە‌يران قالارلىق ۋە‌قە‌لە‌رنى كۆرۈپ چىقتۇ‌ق.‏ ئۇ نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغان ۋە دىلە‌يلا بىلە‌ن خاتالىق ئۆتكۈزگە‌ن،‏ ئە‌مما شۇ‌نىڭغا قارىماي،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى توختاتمىغان.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دامۇ شىمشوندىن ئۈمىد ئۈزمىگە‌ن.‏ خۇ‌دا شىمشوننى كۈچلە‌ندۈرۈپ،‏ ئۇ‌نى يە‌نە بىر قېتىم ئۆز ئىرادىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شتا قوللانغان.‏ يە‌ھۋانىڭ نە‌زىرىدە شىمشوننىڭ ئېتىقادى كۈچلۈك ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ خۇ‌دا ئۇ‌نىڭ ئىسىمىنى،‏ ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خە‌ت 11-‏بابتىكى سادىق خىزمە‌تچىلە‌ر قاتارىدا يازدۇ‌رغان.‏ بولۇ‌پمۇ،‏ بىز ئاجىز بولغاندا،‏ بىزنى كۈچلە‌ندۈرۈشنى خالايدىغان كۆيۈمچان ئاتىمىزغا خىزمە‌ت قىلىش كىشىگە زور ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىدۇ!‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ بىزمۇ شىمشونغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋاغا:‏ «مېنى ئېسىڭگە ئالغىن،‏ ئۆتۈنە‌ي،‏ مېنى كۈچلە‌ندۈرگىن»،‏—‏ دە‌پ يالۋۇ‌رايلى.‏—‏ھاكىم.‏ 16:‏28‏.‏

152-‏ناخشا كۈچىمىز،‏ ئۈمىدىمىز ۋە يار-‏يۆلىگىمىز

a شىمشون توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغان.‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر،‏ ھە‌تتا مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئانچە ياخشى بىلىپ كە‌تمە‌يدىغان كىشىلە‌رمۇ ئۇ ھە‌ققىدە ئاڭلىغان.‏ ئۇ‌نىڭ ھېكايىسى درامىلار،‏ ناخشىلار ۋە فىلىملە‌ردە تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌نىڭ ھاياتى ھە‌ققىدىكى ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌ر ئە‌پسانە-‏رىۋايە‌ت ياكى چۆچە‌ك ئە‌مە‌س.‏ بىز كۈچلۈك ئىمان-‏ئېتىقادلىق كىشىدىن كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏