39-تەتقىق ماقالىسى
مۇلايىم كىشى كۈچلۈك كىشى
«رەببىمىزنىڭ قۇلى جىدەل-ماجىرا قىلماي، بەلكى ھەممىسىگەمۇلايىم بولۇپ، تەلىم بېرىشكە ماھىر، زۇلۇمغا قارشى ئۆزىنىتۇتۇۋالايدىغان بولۇشى كېرەك».—2-تىموت. 2:24.
21-ناخشا رەھىمدىل بولغانلار بەختلىك
بۇ ماقالىدە: a
1. ئىش ئورنىدا ياكى مەكتەپتە باشقىلار نېمە ھەققىدە سورىشى مۇمكىن؟
خىزمەتدىشىڭىز ياكى ساۋاقدىشىڭىز سىزدىن ئىمان-ئېتىقادىڭىز ھەققىدە سورىغاندا، ئۆزىڭىزنى قانداق ھېس قىلىسىز؟ جىددىيلىشىپ كېتەمسىز؟ كۆپىنچىمىز شۇنداق بولىمىز. بىراق، شۇنداق سوئال باشقىلارنىڭ ئوي-پىكىرى ياكى دىنىي ئېتىقادى ھەققىدە چوڭقۇرراق چۈشىنىش ۋە ئۇلارغا خۇش خەۋەر ھەققىدە ۋەز قىلىشىمىزغا پۇرسەت يارىتىشى مۇمكىن. بەزى ۋاقىتلاردا، بىرلىرى تالاش-تارتىش قىلىش ئۈچۈن بىزگە قارشى سوئال قويۇشى مۇمكىن. شۇنداق ۋەزىيەتتە بۇنىڭدىن ھەيران بولماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى، بەزىلەر ئىمان-ئېتىقادىمىز ھەققىدە خاتا گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز ئاخىر زاماندا ياشاۋاتىمىز (ئەلچى. 28:22) بۇ دەۋىردە ئەتراپىمىزدا «مۇرەسسە قىلىشنى خالىمايدىغان» ۋە «ۋەھشىي» ئادەملەر كۆپ.—2-تىموت. 3:1، 3.
2. مۇلايىم بولۇش نېمە ئۈچۈن بەك مۇھىم؟
2 بەلكىم شۇنداق ئويلىشىڭىز مۇمكىن: ‹بىرى ئىمان-ئېتىقادىم ھەققىدە مەن بىلەن تالاش-تارتىش قىلىشقا باشلىغاندا، قانداق تەمكىن، سىلىق-سىپايىلىك بىلەن جاۋاب بېرەلەيمەن؟› سىزگە مۇلايىملىق ياردەم بېرەلەيدۇ. مۇلايىم كىشى ئاسانلا خاپا بولمايدۇ ۋە كىشىنى تېرىكتۈرىدىغان ياكى جاۋاب بېرەلمەيدىغان ئەھۋالدا ئۆزىنى تەمكىن تۇتالايدۇ (پەند. نە 16:32). بەلكىم، بۇ ئاڭلىماققا ئاسان كۆرۈنگىنى بىلەن، قىلىش تەس ئىش دەپ ھېس قىلىدىغانسىز. ئۇنداقتا، مۇلايىملىقنى قانداق يېتىلدۈرەلەيسىز؟ باشقىلار ئىمان-ئېتىقادىڭىزغا قارشى چىقىپ تالاش-تارتىش قىلغاندا، مۇلايىملىق بىلەن جاۋاب بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟ ئەگەر پەرزەنتلىرىڭىز بولسا، ئۇلارغا ئۆز ئىمان-ئېتىقادىنى مۇلايىملىق بىلەن قوغداشنى ئۆگىنىشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيسىز؟ بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.
مۇلايىملىقنى قانداق يېتىلدۈرۈشكە بولىدۇ؟
3. نېمە ئۈچۈن مۇلايىم كىشىنى ئاجىز ئەمەس، بەلكى كۈچلۈك كىشى دېيىشكە بولىدۇ؟ (2-تىموتىي 2:24، 25)
3 مۇلايىم كىشى ئەسلىدە ئاجىز ئەمەس، بەلكى كۈچلۈك كىشىدۇر. بىر كىشى قىيىن ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەندە، سوغۇق قان بولۇپ، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى ئۈچۈن كۈچ كېرەك. مۇلايىملىق — مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسىدىن بىرى (گالاتىيا. ). مۇلايىملىق دەپ تەرجىمە قىلىنغان گرېك سۆزى بەزىدە كۆندۈرۈلگەن ياۋا ئاتنى تەسۋىرلەشتە ئىشلىتىلگەن. ياۋايىلىقتىن ئۆزگىرىپ ياۋاش بولغان بىر ئاتنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ بېقىڭ. ئۇ يەنىلا كۈچلۈك. ئۇنداقتا، بىز ئىنسانلار مۇلايىم بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۈچلۈك بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ بۇنى ئۆزىمىزگە تايىنىپ قىلالمايمىز. بۇنى قىلىشنىڭ بىر مۇھىم يولى — خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى سوراپ دۇئا قىلىش ۋە بۇ گۈزەل پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشىمىز ئۈچۈن ياردەم سوراش. مۇلايىملىقنى يېتىلدۈرگەن نۇرغۇن گۇۋاھچىلارنىڭ مىساللىرى بار. نۇرغۇنلىغان گۇۋاھچىلار قارشى چىققۇچىلارغا دۇچ كەلگەندە، مۇلايىملىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ، ئەتراپىدا كۆزىتىپ تۇرغانلارغا ياخشى تەسىرات قالدۇرغان ( 5:22، 232-تىموتىي 2:24، 25-نى ئوقۇڭ). مۇلايىم بولۇپ، كۈچلۈك ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى قانداق كۆرسىتەلەيسىز؟
4. ئىسھاقنىڭ مىسالىدىن مۇلايىملىق ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
4 مۇقەددەس يازمىلاردا مۇلايىملىقنىڭ دائىم قىممەتلىك بىر پەزىلەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن ئۈزۈندىلەر بار. مەسىلەن، ئىسھاقنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ بىر مەزگىل فىلىستىيە زېمىنىدىكى گىرار دېگەن جايدا ياشىغان ئىدى. ئەتراپتىكى ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىدىغان قوشنىلىرى ئۇنى ئۆز ئاتىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى قازغان قۇدۇقنى ئىشلىتىشتىن توسقان. ئىسھاق ئۆزىگە تەۋە قۇدۇقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن سوقۇشۇشنىڭ ئورنىغا، باشقا يىراق بىر يەرگە كۆچۈپ قۇدۇقلارنى قازغان (يارىت. 26:12–18). بۇ قېتىممۇ فىلىستىيەلىكلەر شۇ قۇدۇقلارنىڭ سۈيىنى ئۆزىنىڭكى دەپ جېدەل قىلغان (يارىت. 26:19–25). شۇنداق ۋەزىيەتتىمۇ ئىسھاق ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، ئىشلارنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلغان. ھەتتا باشقىلار ئۇنىڭغا شۇنداق ناھەق مۇئامىلە قىلغاندا، ئۇنىڭ مۇلايىملىقنى ساقلىشىغا نېمە ياردەم بەرگەن؟ ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇ ئاتا-ئانىسى ئىبراھىم ۋە سارەنىڭ ئېغىر بېسىق ۋە مۇلايىملىق روھىدىن ۋە ئىشلارنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىدىن كۆپلىگەن نەرسىلەرنى ئۆگەنگەن.—1-پېتر. 3:4–6؛ يارىت. 21:22–34.
5. قايسى مىسال ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا مۇلايىملىقنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئۆگىتەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؟
5 ئاتا-ئانىلار، سىلەرمۇ بالىلىرىڭلارغا مۇلايىم بولۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئۆگىتەلەيسىلەر. 17 ياشتىكى ماكىسنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ مەكتەپتە، ۋەز خىزمىتىدە دائىم ئاچچىقلانغان كىشىلەرگە يولۇققان. ئاتا-ئانىسى سەۋرچانلىق بىلەن ئۇنىڭ مۇلايىملىقنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بەرگەن. ئۇلار شۇنداق دەيدۇ: «ئوغلىمىز شۇنى چۈشىنىپ يەتتىكى، ئاچچىقلىنىش ياكى زوراۋانلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇش ئاسان، بىراق ھەقىقىي كۈچلۈك ئادەم ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغان تەمكىن ئادەمدۇر». ناھايىتى خۇشاللىنارلىق يېرى، ماكىس مۇلايىم كىشى بولۇشنى ئۆگەنگەن.
6. تېخىمۇ مۇلايىم بولۇشىمىزغا دۇئا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
6 ھاقارەتكە ئۇچرىغان ۋەزىيەتتە، مەسىلەن، باشقىلار خۇدايىمىزنىڭ ئىسىمىغا تۆھمەت قىلىنغاندا ياكى مۇقەددەس يازمىلارنى مەسخىرە قىلىنغاندا نېمە قىلالايمىز؟ بىز چوقۇم مۇلايىملىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، يەھۋادىن ئۇنىڭ مۇقەددەس روھىنى ۋە ئەقىل-پاراسىتىنى سورىشىمىز كېرەك. كېيىنرەك، ئەگەر ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا تېگىشلىك جاۋابنى بەرمىگەنلىكىمىزنى ھېس قىلساق، نېمە قىلساق بولىدۇ؟ بىز يەنە دۇئا قىلساق ۋە تېخىمۇ ياخشىراق ئۇسۇلدا باشقىلارغا جاۋاب بېرىش ھەققىدە ئويلانساق بولىدۇ. ئۇنداق قىلغىنىمىزدا، يەھۋا بىزگە ئۆز مۇقەددەس روھىنى بېرىدۇ ۋە ئاچچىقىمىزنى باسالايدىغان ۋە مۇلايىملىق كۆرسىتىدىغان بولىمىز.
7. بەزى قىيىن ۋەزىيەتلەرگە دۇچ كەلگەندە، يادقا ئېلىۋالغان بەزى ئايەتلەر بىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ (پەندى-نەسىھەت 15:1، 18)
7 بەزى قىيىن ۋەزىيەتلەرگە دۇچ كەلگەندە، تىلىمىزنى تىزگىنلىشىمىزگە ياردەم بېرىدىغان بەزى ئايەتلەر بار. خۇدانىڭ روھى ئاشۇ ئايەتتىكى سۆزلەرنى ئېسىمىزگە سالىدۇ (يۇھاننا 14:26). مەسىلەن، پەندى-نەسىھەت كىتابىدىكى بەزى پرىنسىپلار مۇلايىم بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ (پەندى-نەسىھەت 15:1، 18-نى ئوقۇڭ). ئۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس كىتابتا ۋەزىيەت جىددىيلەشكەن ۋاقىتتا ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىشنىڭ بىز ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.—پەند. نە 10:19؛ 17:27؛ 21:23؛ 25:15.
پەم-پاراسەت مۇلايىم بولۇشىمىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
8. بىر كىشى ئىمان-ئېتىقادىمىز توغرۇلۇق سوئال سورىغاندا، نېمە ئۈچۈن ئۇ كىشىنىڭ سوئال سوراش سەۋەبىنى ئويلاپ كۆرۈشىمىز لازىم؟
8 ئەقىل-پاراسەت بىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ (پەند. نە 19:11). ئىمان-ئېتىقادىغا قارشى بىر ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەندە، پەم-پاراسەتلىك كىشى ئۆزىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ. بەزى سوئاللار ياكى تالاش-تارتىشلار خۇددى چوڭراق قىسىمى سۇ ئاستىدا تۇرغان مۇز تاغقا ئوخشايدۇ. ئادەملەر بەزى سوئاللارنى سورايدۇ، ئەمما ئۇنىڭدا يوشۇرۇن مەقسەت بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن شۇنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەككى، كىشىنىڭ بۇ سوئالنى قانداق مەقسەتتە قويغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن.—پەند. نە 16:23.
9. ئەفرائىملىقلار گىدېئونغا ئاچچىقلانغاندا، گىدېئون ئۆزىنىڭ پەم-پاراسەتلىك ۋە مۇلايىم كىشى ئىكەنلىكىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
9 گىدېئوننىڭ ئەفرائىملىقلارغا قانداق جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى. ئەفرائىملىقلار ئۆزلىرىنى جەڭگە چىقىشقا بالدۇرراق چاقىرمىغانلىقى ئۈچۈن گىدېئونغا ئاچچىقلانغان ئىدى. ئۇلارنىڭ شۇنداق ئاچچىقلىنىپ، تالاش-تارتىش قىلىشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى نېمە بولغان؟ بەلكىم، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى كەمسىتىلگەندەك ھېس قىلغان. مەيلى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، گىدېئون پەم-پاراسەتلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشىنىشكە ۋە ئۇلارغا مۇلايىملىق بىلەن جاۋاب بېرىشكە ھەرىكەت قىلغان. نەتىجىسى قانداق بولغان؟ ئۇلار قولىدىكى قوراللارنى تاشلاپ «ئاچچىقى بېسىلىپ» قالغان.—ھاكىم. 8:1–3.
10. ئىمان-ئېتىقادىمىز ھەققىدە سوئال سورىغانلارغا جاۋاب بېرىشنى ئۆگىنىشىمىزگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ (1-پېترۇس 3:15)
10 بەلكىم، خىزمەتداشلىرىمىز ياكى ساۋاقداشلىرىمىز نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنىڭ ئەخلاق پرىنسىپلىرىغا بويسۇنۇپ ياشايدىغانلىقىمىز توغرۇلۇق سوئاللارنى سورىشى مۇمكىن. بىز مۇقەددەس كىتابنىڭ ئۆلچەملىرى بىلەن ياشاشنىڭ ئەڭ ياخشى ھايات كەچۈرۈش ئۇسۇلى ئىكەنلىكىگە نېمە ئۈچۈن ئىشەنگەنلىكىمىزنى چۈشەندۈرىمىز (1-پېترۇس 3:15-نى ئوقۇڭ). شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز قارشى تەرەپنىڭ ئوي-پىكىرىگىمۇ ھۆرمەت كۆرسىتىمىز. ئۇنىڭ شۇنداق سوئال سورىشى بىزگە قارشى تۇرۇش ياكى تالاش-تارتىش قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ نېمىگە كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى بىلىشنىڭ ئۇسۇلى دەپ ئويلاڭ. قانداقلا سەۋەب بىلەن سوئال سورىشىدىن قەتئىينەزەر، بىز مۇلايىملىق ۋە مېھرىبانلىق بىلەن جاۋاب بېرىشىمىز كېرەك. جاۋابىمىز ئۇنى ئۆز كۆز قارىشى ھەققىدە قايتا كۆپرەك ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىشى مۇمكىن. قارىماققا، ئۇ قوپال ياكى مەسخىرە قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، بىز ھەر ۋاقىت مېھرىبانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشىمىز لازىم.—رىملىقلار 12:17.
11، 12. (1) بىرى بىزدىن قىيىن سوئالنى سورىغاندا، جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن نېمە قىلساق بولىدۇ؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ) (2) شۇنداق قىلىش قانداق سۆھبەتكە يول ئاچىدۇ؟
11 شۇنداق بىر ئەھۋالنى مىسال قىلىپ كۆرەيلى. ئەگەر ئىش ئورنىڭىزدا بىر خىزمەتدىشىڭىز نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلىمەيدىغانلىقىمىزنى سورىسا، ئۇ بەلكىم بىزنىڭ ھاياتتىن ھۇزۇرلىنىشقا ۋاقىت چىقىرىدىغان-چىقارمايدىغانلىقىمىز ھەققىدە ئويلىغان ياكى بىزنى ئىشچىلار ئارىسىدىكى ياخشى دوستلۇق كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ شۇنداق ۋەزىيەتتە، بىز خىزمەتدىشىمىزنىڭ باشقا خىزمەتداشلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ماختىساق بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا خۇشال-خۇرام كەيپىياتتا خىزمەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى پەسەيتەلەيمىز. بۇ بەلكىم مۇقەددەس يازمىلار تۇغۇلغان كۈن توغرۇلۇق نېمە دەيدىغانلىقى ھەققىدە ئەركىن-ئازادە سۆھبەتلىشىشكە يول ئېچىشى مۇمكىن.
12 بىز تالاش-تارتىش پەيدا قىلىدىغان باشقا قىيىن سوئاللارغىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇلدا جاۋاب بەرسەك بولىدۇ. مەلۇم بىر ساۋاقداش يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ مۇھەببەتلىشىشىگە بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك دېيىشى مۇمكىن. بۇ ئۇنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ھەققىدىكى خاتا كۆز قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرەمدۇ؟ ياكى ئۇنىڭ ئوخشاش جىنىستىكى بىرسى بىلەن مۇھەببەتلىشىدىغان دوستى ياكى ئۇرۇق-تۇغقىنى بار بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ ئۇ بىزنى شۇنداق تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئادەملەرنى ئۆچ كۆرىدۇ دەپ ئويلامدۇ؟ بىز ئۇنىڭغا ئۆزىمىزنىڭ بارلىق ئادەملەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىمىزنى ۋە ھەر بىر ئادەمنىڭ تاللاش ئەركىنلىكىگە ۋە ھوقۇقىغا ھۆرمەت كۆرسىتىدىغانلىقىمىزنى ئېيتساق بولىدۇ b (1-پېتر. 2:17). شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىز مۇقەددەس كىتابنىڭ ئەخلاق ئۆلچەملىرى بىلەن ياشاشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىسەك بولىدۇ.
13. باشقىلار ئىمان-ئېتىقادىڭىزنى مەسخىرە قالغاندا، نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟
13 ئەگەر باشقىلار كۆز قارىشىمىزغا قارشى تۇرسا، بىز ئۇنىڭ نېمىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلىمەن دەپ دەرھال خۇلاسە قىلماسلىقىمىز كېرەك (تىتۇس 3:2). مەسىلەن، ئەگەر بىر ساۋاقدىشىڭىز خۇداغا ئىشىنىش كۈلكىلىك بىر ئىش دېسىچۇ؟ ئۇ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزىرىيىسىگە قەتئىي ئىشىنىدۇ ۋە بۇ توغرىسىدا كۆپ نەرسىلەرنى بىلىدۇ دەپ خۇلاسە چىقىرامسىز؟ ئەمەلىيەتتە، ئۇ بۇ ماۋزۇ ھەققىدە كۆپ ئويلانمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئىلىم-پەن توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە قىلىشنى باشلاشنىڭ ئورنىغا، ساۋاقدىشىڭىزنىڭ بۇ توغرۇلۇق ئويلىنىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا jw.org تور بېكىتىدىكى يارىتىلىش ھەققىدىكى ماتېرىياللارنىڭ ئۇلانمىسىنى ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ. كېيىنرەك ئۇ تور بېكەتتىكى فىلىملەر ياكى ماقالىلەر توغرۇلۇق سىز بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالىشى مۇمكىن. ھۆرمەت بىلەن جاۋاب بېرىش، ئۇنى مۇقەددەس كىتابتا نېمە دېيىلگەنلىكى ھەققىدە كۆپرەك بىلىشكە قىزىقتۇرۇشى مۇمكىن.
14. نىئال تور بېكىتىمىزدىن پايدىلىنىپ ساۋاقدىشىنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى توغرىسىدىكى خاتا كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشىگە قانداق ياردەم بەرگەن؟
14 نىئال ئىسىملىك بىر ئۆسمۈر تور بېكىتىمىزنى ئىشلىتىپ، باشقىلارنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى توغرىسىدىكى خاتا كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىر ساۋاقدىشىم دائىم ماڭا: ‹سەن ئىلىم-پەنگە ئەمەس، بەلكى ئويدۇرۇلۇپ چىقىرىلغان كىتابقا ئىشىنىسەن›،— دېگەن». ئۇنىڭ ساۋاقدىشى نىئالنىڭ ئۆز ئىمان-ئېتىقادى ھەققىدە چۈشەندۈرۈشىگە يول قويمىغان. نىئال ئۇنىڭغا jw.org تور بېكىتىدىكى مۇقەددەس كىتاب ۋە ئىلىم-پەن دېگەن سەھىپىنى كۆرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلغان. نىئال كېيىنرەك ئاشۇ ساۋاقدىشىنىڭ تور بېكىتىدىكى ماتېرىياللارنى ئوقۇغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھاياتنىڭ مەنبەسى ھەققىدە يەنە مۇنازىرە قىلىشنى خالىغانلىقىنى ھېس قىلغان. سىزمۇ شۇنداق قىلىپ باقسىڭىز، بەلكىم ئوخشاش نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن.
ئائىلىڭىز بىلەن بىرلىكتەتەييارلىق قىلىڭ
15. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ قارشىلىقىغا مۇلايىملىق بىلەن جاۋاب بېرىشنى ئۆگىنىشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
15 ئاتا-ئانىلار بەزى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، قارشىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە پەرزەنتلىرىنىڭ مۇلايىملىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، ئۆز ئىمان-ئېتىقادىنى قوغداشنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرەلەيدۇ (ياقۇپ 3:13). بەزى ئاتا-ئانىلار ئائىلىۋى ئىبادەتتە بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە مەشق قىلىدۇ. ئۇلار مەكتەپتە ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن ماۋزۇلار ھەققىدە بىرلىكتە ئويلىنىدۇ، قانداق جاۋاب بېرىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئۈلگە سۈپىتىدە مەشق قىلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، بالىلارغا مۇلايىملىق بىلەن، يېقىملىق سۆزلەرنى قىلىشنى ئۆگىتىدۇ.—« ئائىلىڭىز ئۈچۈن پايدىلىق مەسلىھەتلەر» دېگەن رامكىغا قاراڭ.
16، 17. ئۈلگە سۈپىتىدە مەشىق قىلىش ياشلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
16 مەشىق قىلىش ياشلارغا ئىشەنگەنلىرىنىڭ توغرىلىقىغا ئۆزلىرى كۆز يەتكۈزەلىشىگە ۋە ئىمان-ئېتىقادىنى باشقىلارغا چۈشەندۈرەلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. jw.org تور بېكىتىدە «ياشلارنىڭ سوئاللىرى» دېگەن سەھىپىدە بىر قاتار ماقالىلەر بار. بۇلار ياشلارنى ئۆزىنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى كۈچەيتىش ۋە ئۆز سۆزى بىلەن چۈشەندۈرۈشكە تەييارلاش ئۈچۈن يېزىلغان ماقالىلەر. ئۇلارنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق ئائىلىدە ھەممە كىشى ئۆز ئىمان-ئېتىقادىنى مۇلايىملىق بىلەن قوغداشنى ئۆگىنەلەيدۇ.
17 مەتېيۇ ئىسىملىك بىر ياش بۇرادەر ئۈلگە سۈپىتىدە مەشىق قىلىشنىڭ ئۆزىگە كۆپ ياردەم بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. مەتېيۇ ۋە ئاتا-ئانىسى دائىم ئائىلىۋى ئىبادەتتە، سىنىپتا مۇھاكىمە قىلىنىشى مۇمكىن بولغان بەزى ماۋزۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار ھەققىدە مۇھاكىمە قىلغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز دۇچ كېلىدىغان ۋەزىيەتلەر ھەققىدە ئويلىنىمىز، كېيىن ئىزدەنگەنلىرىمىزگە ئاساسەن شۇ ۋەزىيەتلەردە نېمە ئىش قىلىشنى بىرلىكتە مەشق قىلىمىز. مەن ئۆز ئىمان-ئېتىقادىمنىڭ نېمىگە ئاساسلانغانلىقىنى ئېنىق بىلىمەن. بۇ مېنىڭ ئۆز-ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىمنى كۈچەيتىدۇ ۋە باشقىلارغا جاۋاب بەرگەندە مۇلايىم بولۇش مەن ئۈچۈن ئاسانراق بولىدۇ».
18. كولوسىلىقلار 4:6-ئايەت نېمىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ؟
18 ئەلۋەتتە، بىز ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرگەن ھالەتتىمۇ، ھەممىلا كىشىنى ئۇنىڭغا قايىل قىلالمايمىز. مۇلايىم ۋە پەم-پاراسەتلىك بولساق، بۇنىڭ نەتىجىسى باشقىچە بولۇشى مۇمكىن (كولوسىلىقلار 4:6-نى ئوقۇڭ). ئىمان-ئېتىقادىمىزنى چۈشەندۈرۈشنى توپ ئويناش بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. بىز توپنى ئاستا ئاتساق ياكى كۈچەپ قاتتىق ئاتساق ھەم بولىدۇ. توپنى ئاستا ئاتساق، باشقا توپچى ئۇنى تۇتۇۋالالايدۇ ۋە ئويۇن داۋاملىشىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، ئەگەر بىز پەم-پاراسەت ۋە مۇلايىملىق بىلەن جاۋاب قايتۇرساق، كىشىلەر بىزنى تىڭشاشقا تەييار بولىدۇ ۋە داۋاملىق سۆھبەتلىشىشنى خالىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، ئەگەر بىرى تالاش-تارتىش قىلماقچى ياكى ئىمان-ئېتىقادىمىزنى مەسخىرە قىلماقچى بولسا، ئۇنداقتا سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق (پەند. نە 26:4). لېكىن، ئۇنداق ۋەزىيەتلەر ئاز بولىدۇ؛ بەلكىم، كۆپىنچە كىشىلەر تىڭشاشقا تەييار بولۇشى مۇمكىن.
19. ئېتىقادىمىزنى قوغدىغاندا، نېمە بىزنى مۇلايىم بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك؟
19 ئېنىقكى، مۇلايىملىقنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن مەقسەت قويۇشنىڭ پايدىسى كۆپ. تالاش-تارتىش پەيدا قىلىدىغان قىيىن سوئاللارغا ياكى ناھەق تەنقىدلەشكە جاۋاب قايتۇرغاندا، مۇلايىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن يەھۋاغا دۇئا قىلىپ كۈچ سوراڭ. ئېسىڭىزدە تۇتۇڭكى، مۇلايىملىق ئوي-پىكىردىكى پەرق سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان تالاش-تارتىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. مۇلايىملىق ۋە ھۆرمەت بىلەن بەرگەن جاۋابىڭىز، بەلكىم بەزى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ بىزگە ۋە مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەرگە بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىدۇ. «مۇلايىملىق ۋە چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن»، ئىمان-ئېتىقادىڭىزنى «قوغداشقا دائىم تەييار» تۇرۇڭ. شۇنداق، مۇلايىم كىشى — كۈچلۈك كىشى! (1-پېتر. 3:15) ئۇنداقتا، مۇلايىم كىشى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىڭ.
11-ناخشا يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش
a بۇ ماقالىدە، باشقىلار تالاش-تارتىش قىلىشئۈچۈن بىزگە سوئال قويسا، ئىمان-ئېتىقادىمىزنى مۇلايىملىق بىلەن قانداق قوغدىيالايدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
b ئەمەلىي مەسلىھەتلەرنى تېپىش ئۈچۈن «ئويغىنىش!» 2016-يىل 2،-سان 4-نەشىرىنىڭ «مۇقەددەس كىتابتا ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ مۇھەببەتلىشىشى توغرۇلۇق نېمە يېزىلغان؟» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.
c jw.org تور بېكىتىدىكى «ياشلارنىڭ سوئاللىرى» ۋە «كۆپ سورالغان سوئاللار» دېگەن بىر قاتار ماقالىلەردىن پايدىلىق مەسلىھەتلەرنى تاپالايسىز.